مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4324|ئىنكاس: 34

قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرصۋېتىلگەن مائارىپچى —————-تەۋپىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82141
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 06:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەتلى قىلىنىپ بولۇپ كۆيدۈرصۋېتىلگەن مائارىپچى ——————-- مەمتىلى تەۋپىق

Memtili-Ependi1.jpg

1937-يىلى 5- ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندە ، مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ . بۇ چاغدا قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا ، ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ . بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ . ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك - سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ . بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ . ئوقۇغۇچىلار « ئەپەندىم ! » دەپ ۋاقىراپ ، ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ . يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ . ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ ، قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ ...
        مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن ، ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن . قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ ، كۆرەڭلىك بىلەن  قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ...
        مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ، ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14- كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان ... مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا : « مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم ، مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى » دەپ يېزىپ قويغان .
        1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە ، قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300 دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ ، تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن ، بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن . قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈئەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى .
        1937 - يىلى 12 - ئايدا ، شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر ، ئوسمان ، سابىت داموللام ، ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ ، دەپ جاكارلىغان . قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان . ئۇلار بىردەك « خائىن » دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان . 12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا « خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى » قۇرۇلغان . شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ، مۇشۇ باھانىدا ، شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان . يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن .
ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ، ( ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى) مەۋلانۇپ ، تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا ، ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن . ئۇ بىر قېتىم ، قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ ، دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ ، باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلارنى ئوڭ- سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ ، يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ ، باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ : « مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن ، بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن ، سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن » دەپ ، جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن ... شۇ زامانلاردىكى  قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ . بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى .
        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى ، تالانتلىق تەشكىلاتچىسى ، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى ، نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان - قەرزگە پاتقان ، خەلقنى زار - زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا ، 1937-يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ ، ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن .
        مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن 14- كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان :
نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى ،
كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ - ئوقۇبەتنى .
ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ ، قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت ،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى .

تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن ،
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن .
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ ؟
ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ .

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا ، تۇتقۇندا ،
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە .
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش ، تاشتىن بەتتەر قاتتى باش ،
ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ – ھەسرەتتە .

مەمتىلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن ، كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن :
بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى ، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا .

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت ،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت .

خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم - پەن ، تەرەققىيات ئىزدىدىم ،
نىيىتىم ساپ ، دىلىم ئاق ، ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت !

قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى ، يېنىدا گۇندىپاي ئالتە ،
ھەقىقەت نە ؟ ئادالەت نە ؟ بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە .

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد ،
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى ، بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات .

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر ،
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر .

ﷲيىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ - پەريادتا ،
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا .

ئەل خائىنى ، مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق ،
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا .

« ئەل خائىنى ، مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق » دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930— 1940- يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ ، ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ .

        1937 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ مۇدھىش خەۋەر قەشقەر شەھرىگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تارالغان . شۇ چاغدا ، مەمتىلى( تەۋپىق )  ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى رىشات قەشقەر شەھىرىدە ئىكەن . مەمتىلى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، نىزامىدىن ئەپەندى رىشاتنى ..، مەمتىلى ئەپەندىگە تاماق ۋە كىيىم - كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان . شۇڭا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېيىتكاھغا كېلىپ ، كېچىچە بولغان جەڭگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلمەكچى بولغان . لېكىن ئۇنىڭ بىلگىنى « ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ » دېگەن شۇم خەۋەر بولغان . رىشات ھىچنىمىگە قارىماي موللا ئاكىسى ( مەمتىلى ئەپەندىنى شۇنداق ئاتايدىكەن ) نىڭ خەۋرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋاغ تۈرمىسىگە كەلگەن . قارىسا بۇ يەر قىزىل قىيامەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان بولۇپ ، كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ھويلىدا ، تامنىڭ تۈۋىلىرىدە ، كامېرلارنىڭ بوسۇغىسىدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن . رىشات يۈگۈرگەن پېتى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان كامېرغا بارغان . شۇ چاغدا ، بىرسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتقان ، قارىسا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى ئىكەن ، يېنىدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتى ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ، ئاغىنىسى ئابباس چوڭمۇ بىللە ئىكەن . ئەسلى ئۇلار ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ قاق سەھەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن . ئۇلار قەشقەرگە كېلىپلا تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ، شۇنىڭ بىلەن ھېچ نېمىگە قارىماستىن بۇ يەرگە كەلگەن . ئۇلار بىرلىكتە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن . جەسەتلەر تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا ، ئۇلار بەك ئىزدەپ كەتكەن . كېيىن رىشات مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كۆيمەي قالغان كاراشناۋاي ئايىغىنى تونوۋالغان . ئۇ دادىسىغا : « مەن بۇ ئاياغنى تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەنىدىم » دېگەن . شۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئابباس چوڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھەم كىچىكلەپ ، ھەم يېنىكلەپ كەتكەن جەسىتىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كۆينەك ، چاپانلىرىغا ئوراپ ئاتقا ئارتىپ ، بەشكېرەمگە يېتىپ كېلىپ بىر يېقىن تۇنۇشىنىڭكىگە چۈشكەن . ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماڭماقچى بولۇشقان . رىشاتنى بولسا ئات بىلەن ئاۋۋال بېرىپ مەخپىي ھالدا يەرلىك تەييارلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان . ئۆزلىرى جەسەتنى تاغارغا سېلىپ ، ئاتقا ئارتىپ بەشكېرەمنىڭ ئىت يولى ئارقىلىق كېچىلەپ ئاتۇشقا قاراپ يول ئالغان . نىزامىدىن ئەپەندى ، ئابباس چوڭ ، ئابدۇغۇپۇر ئۈچەيلەن ئۈستىگە جەسەت ئارتىلغان ئاتنىڭ يېنىدا بۇقۇلداپ يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭغان .
        1934 - يىلدىن 1937 - يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا جەڭگىۋار ئىزچىلىرىنى باشلاپ ، نەي - بارانلارنى ياڭرىتىپ ، ناخشا - مارش سادالىرى بىلەن تاغۇ - تاشلارنىمۇ لەرزىگە سېلىپ ، قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ تار يولدا نەچچە ئون قېتىم ھەيۋەتلىك سەپەر قىلغان ، ھەم شۇ خاسىيەتلىك سەپەرلىرىدە مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى يورۇتۇپ ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان بۇ مائارىپ سەركەردىسى ، بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈپ چۈچۈلا بولغان ھالەتتە تاغارغا قاچىلىنىپ ، ئاتنىڭ ئۈستىدە قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىنى بېسىپ كېتىۋاتاتتى . . .  

جاھانغا پاتمىغان سەركە
قازانغا قانداق پاتقاندۇ !
قازانغا پاتسا پاتقاندۇ ،
تۇۋاقنى قانداق ياپقاندۇ ؟

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئەل ئايىقى بېسىققاندا بويامەتكە ئېلىپ كېلىنگەن . ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي پۈتتۈرگەن ، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا نىزامىدىننىڭ ئايالى زورىخانغىمۇ ئوقتۇرمىغان .

داۋامى بار؛

ئاخىرەتلىك پۈتكەندىن كېيىن ، سەككىز كىشى نىزامىدىن ، ئابدۇراخمان شائىر ، ئابباس بەگ ( 1936 - يىلىدىن كېيىن ئاتۇشقا بەگ بولغان ، يەنە بىر ئىسمى ئابباس چوڭ ) ، قۇۋان شەيخ ، ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ( تېجەنلىك مەرىپەتپەرۋەر باي قۇۋان ھاجىمنىڭ ئوغلى ) ، رىشات ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يەرلىكىنى تەييارلىغان ئىككى نىمكار - تاشمەمەت ، ئىگەمبەردىلەر ئالدىراپ مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى دەپنە قېلىشقان . ئېھتىيات يۈزىسىدىن ھەتتا قەبرە ئۈستىگە ئېگىزرەك توپا دۆۋىلەشكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان .
        مەرھۇمنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن . سەككىزەيلەن نىزامىدىننىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ، بۇ سىرنى ئەبەدىي ساقلاشقا ، تۇققۇزىنچى بىر كىشىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىققا قەسەمياد قىلىشقان .
        مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا يېزىپ قويغان شېئىر - قوشاقلىرى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟ سەمەر باينىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سەمەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوڭئېرىقتىكى « ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى » نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى ،.. « ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ » دېگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇراخمان سەمەر ئۇستازىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ، ئەمەت مەخسۇم قاتارلىق بىرنەچچە ساۋاقدىشىنى باشلاپ دەرھال قەشقەرگە يېتىپ بارغان . ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ، تۈرمىنىڭ ئىچى بىر قىزىل قىيامەتكە ئايلانغان بولۇپ ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقان ۋە تاپقانلارنىڭ يىغا - زارى پەلەكنى قاپلىغانىكەن . ئابدۇراخمان سەمەر باشلىق بىرنەچچەيلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن . ئۇلار ئىزدەپ بىر كامېرغا كىرىپ ، تامدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چالما بىلەن يازغان شېئىرلىرى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن . ئۇلار پۇچۇركىسىغا قاراپلا ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ، ھەممىنى كۆچۈرۈۋالغان . ئۇلار كۆچۈرۈۋالغان شېئىرلار قىرىق كۇپلىت ئەتراپصدا بولۇپ ، بۇ شېئىرلارنى كېيىن ئابدۇراخمان سەمەر يادلىۋالغان .
        1937 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ مىسلىسىز پاجىئەنىڭ مۇدھىش خەۋىرى بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن قەشقەر تەۋەسىگە پۇر كەتكەن . بۇ خەۋەر ئاتۇشتا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بالىچىلاپ بېقىۋالغان مۇنەۋۋەر شاگىرتى مىرئەھمەت سېيىت دەرھال دادىسىدىن روخسەت ئېلىپ ، تېجەنلىك سۇلايمان دىگەن بالا بىلەن ئىككى ئېشەككە مىنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان . ئۇلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئېشەكلىرىنى تۆشۈك دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى بىر سارايغا قويۇپ ، ئازراق تاماق يەپ ياۋاغ تۈرمىسىگە يېتىپ بارغان . ئۇلار تۈرمىگە يېتىپ بارغاندا ، بۇ يەر ئاساسەن جىمىققان بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغانىكەن . بۇ ئىككىسى بارلىق كامېرلارغا كىرىپ ئاخىرى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان تۈرمىنى تاپقان . ئۇلار تۆت تامغا ئالا قويماي يېزىلغان شېئىرلارنى خاتىرىلىرىگە بىر - بىرلەپ كۆچۈرۈۋالغان . ئۇلار بۇ كامېردىن چىقىپ ، يەنە باشقا كامېرلارنى ئايلانغان . قارىسا يەنە بىر كامېردىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرى يېزىقلىق تۇرغان . ئۇلار ئۇنىمۇ كۆچۈرۈۋالغان .

مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى ساقلايدىغان گۇندىپاينىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان . بۇ ئايال بۇ ئىككەيلەنگە : « مەمتىلى ئەپەندىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەكەلگەن ، ئاۋۋال يالغۇز كامېرغا سولىغان ، كېيىن ھىسامىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كامېرغا سولىدى . بۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى بەك تولا سوراق قىلدى ، بەك قىينىدى . ھېلىقى مەۋلانبېك ( مەۋلانوپنى دېمەكچى ) دېگەن قىرغىز بەك تولا سوراق قىلاتتى . ھېلىقى كۈنىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنى ئاشۇ ئۆز قولى بىلەن ئاتتى . بىز بىرنەچچە ئايال ئېتىشۋازلىقتا ئوق تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ ، بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغانىدۇق . شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ، تاڭ يۇرۇقىدا بولغان ئاشۇ قىزىل قىيامەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ، دوزاقنىڭ ئۆزى بولدى ، ﷲ بەندىسىگە ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن . شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزلىرىمغا قوقاق چىقىپ كەتتى . . . » دەپ سۆزلەپ بەرگەن . مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان ئېشەكلىرىگە مىنىپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن . مىرئەھمەت سىيىت شېئىر يېزىۋالغان دەپتەرنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، شېئىرلارنى يادقا ئېلىۋالغان . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققان ئاتۇش خەلقى قوشاق قېتىپ يىغلىغان :

ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس ،
تۆتىلىسىدە پاپىرۇس .
ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن ،
قادىر ھاجى جا ئورۇس .

        مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان مائارىپ ھەرىكىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، نىزامىدىن ئەپەندى ، ئابدۇراخمان شائىر ، ئەمەت مەخسۇم ، تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغلى لىۋاھىدىن قارى ، ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ، ئىزچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يار مۇھەممەت ، سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئوننەچچەيلەن يىغىن ئېچىپ « مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىن چىققۇچە ، ئاتۇش مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويمايلى » دەپ ، ئابدۇراخمان شائىرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن . بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە ، ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا ، خائىن - مۇناپىقلارنىڭ ، ئىشپىيۇن - چېقىمچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلغان .  ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۇپ كۆرەڭلەپ كەتكەن . مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن . ئەينى يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان ...
        ۋەزىيەت كەسكېنلەشكەنسىرى گۇناھسىز كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ ئىز - دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن . ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ، ئابباس چوڭ مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شائىر ، لىۋاھىدىن قارى ، ئەمەت مەخسۇم ، ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ، ئىزچىلاردىن يار مۇھەممەت قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ شۇ پېتى ئىز - دېرىكى بولمىغان .
مەمتىلى ئەپەندى كۆتۈرگەن مەرىپەت بايرىقىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار خەلقپەرۋەر شەخىسلەر بىر - بىرلەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان . دېمەك ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەت قىلغان ئۇسۇلى بىلەن يوشۇرۇن ئۆتۈرۈلگەن
- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭراقلىرى مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان . دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ، ئۇلارنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە ئوقۇتقان . ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمۇ باشقىدىن تۈزۈلگەن . مەمتىلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشا - مارشلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن . ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈنسېرى چېكىنگەن ۋە چاكىنىلاشقان .
      مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟
مەمتىلى ئەپەندى  ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن . شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ  مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن . مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك  مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان . ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن . قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم  بېقىپ چوڭ قىلغان . ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان . 1960 — 1970 -يىللىرى « خائىننىڭ پۇشتى » دەپ چەتكە قېقىلىپ ، ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان . شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن . ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ . مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ  باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ ، 1960 -يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ ، كۆپەيتىپ  يۇيغۇزۇپ ، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982 - يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ . قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى « بۇلاق » جورنىلىنىڭ 11 - سانىدا ئېلان قىلىپ ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى . شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ - ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.
      مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923 - يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . 1935 -يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ « ئىزچى ئەتىرىتى » گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان . 1939- يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ ، ئۈچ يىل ئوقىغان . ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان . 1949 -يىلدىن كىيىن ، ئاتۇشتا مەدەنى- مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن . 1959- يىلدىن1987 - يىلغىچە ، ئاتۇش ناھىيىلىك ( شەھەرلىك ) مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن . مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981- يىلى  تۇنجى قېتىم « بۇلاق » مەجمۇئەسىنىڭ 3- سانىدا « شائىر تەۋپىق » ناملىق ماقالىسىنى ۋە « تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر » نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن . 1985 - يىلى « ئاتۇش ئەدەبىياتى » دا « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30- يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان . ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا - مارشلىرىدىن  40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ ، ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان . مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987- يىلى « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى - مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان . 1991 - يىل 10 - ئاينىڭ 18 -كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى -- مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق ئەسلىمىسى 1996 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان . كېيىن 1997 - يىلى 8 - ئايدا « مىرئەھمەت سېيىت ، يالقۇن روزى ، ئابلىكىم زۇردۇن » لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان .

مەنبە : « مەمتىلى ئەپەندى » ناملىق كىتاب

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boyukturan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 07:09 PM  

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
nurluk28 + 300
gulbar5 + 59 ئېىچىم ئاچچىق بولۇپ ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 559   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:17:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رئاللاھ ەھمەتلىك مائارىپچىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە قىلغاي ، ساتقىن مۇناپىق غالچىلارنى دوزاخقا مەھكۇم قىلغاي . . . . . . . . . .
شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپچى، شائىرلىرىمز ، ئىنقىلابچى ، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلىرىمىز ھازىر بولغان نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ يەردىن كۆرۈڭ مۇنۇ يازمام خەلىقنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالغان ، بىزنىڭ نى نى ئارسىلارنلارنى ئۆلتۈرگەن مۇناپىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ،،،،،،،،،،،،،،  ھەي مۇناپىقلارنىڭ جاجىسىنى چوقۇم بەرمەي بولمايدۇ . بىرقىسىم لارنىڭ ئەۋلادىمۇ مۇناپىق چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟ !!

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6509
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14075
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاشۇ مۇناپىقلارنىڭ كاساپىتىدىن  ئۇيغۇر مائارىپىلا ئەمەس نۇرغۇن تىپىلغۇسى ئىسىل ئادەمىرىمىزدىن ئايرىلغان ..............ئاللا ئۆزى شۇمۇناپىقلارغا بىر دوزاقنى بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ  ئاللا ئۆزى جاجىسىنى بەرسۇن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sumaya0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 11:02 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81972
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىزگە بار ھەرقاچان ئۆلۈم يا كۆرۈم ،
    ئۆلۈمدىن قورققان ئۆزى بىر لۆم- لۆم .
    كۆتۈرگىن بېشىڭنى ، تىك تۇت قەددىڭنى ،
     جەڭ قىلىپ ئۆلسەممەن ئېچىلغاي گۈلۈم.   
       بۇ مىسرالارنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  قەتلى قىلىنىدىغان كۈنى كوچىدا سازايى قىلىنىۋاتقان چاغدا غەزەپ بىلەن ئوقۇغان ئىكەن.

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:45:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم مەمتىلى تەۋپىق ھەققىدە ئىلگىرى ئاڭلىغان بولساممۇ ، ھازىر ئۇقۇغۇنىمدەك ئېنىق ئاڭلىماپتىكەنمەن. جاھاننى ئەشۇنداق مۇناپىقلار سورايدىغان بۇلاپ كەتتى.............
ئاللاھ ئىگەم، بىگۇناھ ئۈلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئاسان قىلسۇن!
ھەقىقەتەن كۆڭلۈم يىرىم بۇلۇپ كەتتى...........

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9774
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5896 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:50:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ئىككى قاتار يوللىنىپ قاپتۇ ،    تەسسىق سالغان باشقۇرغۇچىلار مۇندا بى تەھرىرلەپ قويسا بولماسمىتتى .  

malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:05:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .شىڭ شىسەيدەك چىرىك ھۆكۈمدارلار بىلىم ئىگىلىرىدىن ،خەلقنىڭ بىلىملىك بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ،قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان .ئۇلارغا قول-چۇماق بولغان ،خەلقىمىزگە ئاسىيلىق قىلغان بەدبەخلەرنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمىز ،ئاللاھتىن بۇنداق نائەھلىلەرنى ئارىمىزدىن يىراق قىلىشىنى سورايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:10:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تالاي ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەرگەن مائارىپىمىز نى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشىنىشىمىز ، بىلىشىمىز كېرەكئىدى ...  بىزنىڭ تالاي پېداگوكىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن يىگىت - قىزلىرىمىز تەۋپىق روھىدىن ئوزۇقلانماي مۇنبەرگە قەدەم قويۇۋاتىدۇ . ھەيكەللىرى مەكتەپلىرىمىزدە تۇرۇشى كېرەكئىدى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش