ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم ،تور دۇنياسىدا ئۆز-ئارا ئەقىل ۋە مەدەت تىلىشىپ كۈڭۈللۈك بىرگە ئۆتىۋاتقان تورداشلار...
مەن مۇنداق بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدىم ،ئويلا ،ئويلا قانداق قىلسام مۇۋاپىقراق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەي ،ئاخىرى-كۆپنىڭ ئەقىلى كۆپ بولىدۇ ،مۇشۇ ئارقىلىق بىر كۈۈڭلدىكىدەك جاۋابقا ئىرىشەي دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
سۆزۈمنى نەدىن باشلاي....بولدىلا ئاساسى مەقسەتنىڭ ئېنىقراق بۇلىشى ئۈچۈن قىسقىچە ئىزاھات بىرەي ...
ئۆزەمگە ئاز...دىن باشلاي....
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ،ئەقىلنى يېرىم يولدا تاشلاپ قۇيۇپ ،بۇ نىكاھ ئىشىغا قەدەم باستىم...
ئىش كۆرمىگەنلىكىم ھەم ساددىلىقىم ،كۈڭۈلچەكلىكىم تۈپەيلى ،تۇنجى نىكاھ تۇرمۇشۇمدا شۇنداق بىر يەرگە چۈشۈپلا قاپتىمەن...
تىگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمايلا شۇ توينى قىلىپ قالغىنىمغا مىڭلاپ پۇشايمان ،چۈنكى ئۇنىڭ دەردى ئۆزەم بىلەنلا كەتمىدى...
شۇنداق قىلىپ ،شۇنداق ئىككىلىنىپ ،كۈڭۈلچەكلىك بىلەنلا مىنى ياخشى كۆردىكەن بولدىلا ،...دەپ قىلغان تۇيۇمدا ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنمەنچىلىك ،ھەسەتخورلۇق،كۆنگەن بېشەملىكىنىڭ مىنى ۋە بالامغىچە شۇ كۈنلەرنى كۆرسىتىۋېتىدىغانلىقى ئۇخلاپ قالغاندا بىرەر قېتىم چۈشۈمگە كىرىپ بىشارەت بىرىلگەن بولسا ئىدى....ئەمما تەقدىر -قىسمەتكە ئامال يوقكەن....
بۇلۇپمۇ نىكاھ تۇرمۇشىدا بېشەم ،قىساسخور،قاراگەپ قىلىشتىن قىلچە ئۇيالمايدىغان ئادەم بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدىغان ئادەمگە قول قويىمەن ھەم ئىككىنچى توي قىلماي ئۈتۈپ كىتىشكە رازىكى ،كۆپ پاناھ تىلەيمەن...
شۇنداق قىلىپ ،نىلاھنىڭ مىھرى ئىسسىق دىگەنكىدەك،توي قىلىپ 2ئايدىن كىيىنلا ئايالىمنىڭ بويىدا قالدىم،دادا بۇلۇشنىڭ خوشاللىقىدا رايىغا باقتىم،(بىلسەم شۇ چاغدىن باشلاپ كەتكۈزۈپ قويۇشنى باشلاپتىكەنمەن،شىللىگە مىندۈرۈپ يۈرۈپتىكەنمەن)...
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم يەنە بىر تەكرارلىۋېتەي(نىكاھ تۇرمۇشىدا بېشەم ،قىساسخور،قاراگەپ قىلىشتىن قىلچە ئۇيالمايدىغان ئادەم بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدىغان ئادەمگە قول قويىمەن ھەم ئىككىنچى توي قىلماي ئۈتۈپ كىتىشكە رازىكى ،كۆپ پاناھ تىلەيمەن...)
شۇنداق قىلىپ ،بۇ ھېچكىمگە بوي بەرمەس ھەم ئاداۋەتخور ئايالىم كىچىككىنە بىر ئەرزىمەس پاراڭ ئۈچۈن ،ئاتا-ئانامنى بىر پۇلغا يارىماس قىلىپ تاشلاپ ،نىكاھنى ئاچا يولغا ئەكىلىپ قويدى،ھەم جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە تىركىشىپ ئۆزىگە ئەركىنلىك يولىنى تاللىۋالدى...
مەنمۇ ھەم شۇنداق...
شۇ چاغدا ئاتام سورىدى:‹‹بالام ئايالىڭ ئاچا يولغا ئەكىلىپ بولدى ،ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭ يىتەرمۇ؟››
مەن دىدىم :‹‹ئاتا ،ئاجىزلىقىمنى ھىس قىلدىم ،ئۇلار جېدەل ماجرا بولسا سېتۋېلىپ پايدىسىنى كۆرگۈدەك ھالەتكە يەتكەن بىر جەمەتكەن ،ئۆزگەرتەي دىسەم ،‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ›قۇربانى بۇلۇپ كىتىدىغاندەك تۇرىمەن ››.
-ئەمسە قانداق قىلاي دەيسەن؟
-ئاتا،شۇ بىچارە بالامنى قانداق قىلارمەن ،كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىلپلا تۇرسا،شۇنىڭ ئۈچۈنلا چىداۋاتىمەن...
ئاتام بولدى چۈشەندىم ،ئەگەر ئەردەك ،مىنىڭ بالامدەك ياشاي دىسەڭ ،شۇ ئايالىڭ باقالماي تۇرۇپ ،بىزنى بىر پۇلغا يارىماس قىلىۋەتكەن بىلەن ئاپاڭ توققۇز بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ،شۇ بىر بالاڭنىمۇ بېقىپ قاتارغا قوشۇۋېتەلەيمىز،ئۇنچىلا بوپ كەتمە،بىز ھايات!!!...
شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشكە كۈزۈم يەتمىگەچ ئەركىنلىكنى ۋە شۇنىڭغا قۇشۇپ پەقەت بالىنىلا تاللىدىم....
ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاجىرىشىش ئۈچۈن يىل سۆرەشتىم ،ساراڭ بولۇپ قالايلا دىدىم،...
كونىلارنىڭ ‹‹يامان خوتۇن بۇ دۇنيانىڭ دوۋزىخى››دىگەن سۆزلىرىنىڭ راسىت ئىكەنلىكىگەنەچچە يۈز قېتىملاپ قول قويدۇم...
بۇ جەريانىدا ئۇ مىنى بار -يوق ھەممە گەپلەر بىلەن جىمى خەققە ،مىنى ھەممە نەرسىدىن ئايرىپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى...بالىسىنى تاشلىۋەتتى(ئەمەلىيەتتە ئاپام بىلەن ئۇرشۇپ تارتىۋېلىپ ئېلىۋالغان)روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىمەن.........دەپ يۈرۈپتۇ...
لىكىن ئالتۇن ،پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەر ئۆزىدە ،توۋا ،مىڭ توۋا مۇشۇنداق قارا يۈزنىمۇ يەر يۈتۈپ كەتمەيدىكەن ،جاھاننىڭ قوينى نىمانداق كەڭرى دەپ قالدىم..........
شۇنداق قىلىپ سوتقا ئۆزەم ئەرىز قىلىپ باردىم ،خودا ھەققى ،مۇنۇ خوتۇن ئۆزى جېدەلللىشىپ كۈزۈمگە كىرۋېلىپ تەككەن ،سۈرۈشتۈرمەي ئېلىپ قالغان گۇناھىم بار ،ھەر قانچە بولسىمۇ ئەمدى تۈگىگەندۇ ،ماڭا خاتېرجەملىك كېرەك خوش بوپ قالاي بىر ئاجراشتۇرۋېتىڭلار،ماڭا بالامدىن باشقا ھىچ نەرسە لازىم ئەمەس،ھەتتا پۇل تەلەپ قويسا كېلىشتۈرۈپ قويۇڭلار،بالامنى سېتۋالاي،ئۆزەم باقاي ...........دەپ كەتتىم....
ئەمما ھەممىنى ئالىمەن ،بالىنىمۇ ئالىمەن....
دەپ تۇرۋالسا سوت خادىمى ئۇكام ئاجراشقۇلىرى بولسا خوتۇننىڭ جىمىي تەلىپىگە كۆنسىلە ،بولمىسا يەنە بىرەر يېرىم يىل سۆرىشىپ يۈرسىلە دىمەمدۇ،بولدى كۆندۈم،ئامال يوق قۇتۇلاي دىدىم....
شۇنداق قىلىپ ھەممىنى ئالدى،يوتقان-كۆرپەمدىن باشقا(راسىتلا بىر ماشىنا مۈلۈك يىغىپتىكەنمىز،ماڭا ئاشقىنى بىر ئۈچ چاقلىق كىرا ھارۋۇسىدا يوتقان-كۆرپە.......شۈكرى قۇتۇلغانغا دىدىم)
سوتتىن يەنە ئاپىسى باقىدۇ 200 كويدىن بىرىپ 15 كۈندە بىر كۆرىدۇ دىدى،مەن ھەپتىدە كۆرىمەن ،بولمىسا ئۆزەم باقىمەن،بالامنى دادىسىز،غېرىپ چوڭ قىلىپ قويغۇم يوق...دىدىم.
ئادۇۋكات ئەمسە 300 كويدىن بەر ،ھەپتىدە كۆر بولامدۇ كىلىشتۈرۈپ قوياي دىدى...
بولىدۇ دىدىم،ئەمما مۇرەسسە نامىگە پۇلىسى 300 كوي ،كۈرۈشى ئىككى قېتىم دەپ يىزىپتۇ...
مەن خۇدا ھەققى خوش بۇلۇپ كىتەي ،ئاۋۇ يۈزسىز خوتۇن پۇلغا بەك ئامراق ئۇنىڭ نەپسنى خوش قىلغاندىكىن ،مىنىڭمۇ ،بالامنىڭمۇ كۆڭلىنى بىر ئويلىشىپ قويسىلا دىسەم ،تەربىيە قىلاييەي.............دىدى،پوق ھەم يوق بىرگەپ بولدى....
شۇنىڭ بىلەن بۇ يۈزسىز خوتۇن ئايدا بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم يامان تەستە كۆرسىتىپ قويىدۇياكى يوق باھانىلەر بىلەن بىچارە بالامنى دادالىق مىھىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ،ھەم شۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پۇلنى توختماي تۈرلۈك ھىيلىلەر سەۋەبلەر بىلەن تەلەپ قىلىدۇ...
ئۇ پۇلغا تويماسمۇ يەنە كىلىپ ئوقۇتقۇچى ،ماۋۇ(پۇلغاتۇيۇپ كىكىرىپ كەتكەن)مەنمۇ ئوقۇتقۇچى،يا ئۆزەم ئوڭشىيالمىدىم بۇ ئىشنى ھازىر نەچچە ئاي بولدى ،يولسىز تەلەپلىرىگە كۆنمەپتىم ،مانا بالاممۇ يوق...
بالام ئۈچۈن ئىگىلەي ،خوش غوجام دەي دىسەم ئۆزەمنىڭ شۇ ئاجىزلىقىمدىن كۆرگەن كۈنۈم مانا شۇ...
قانۇنغا تايناي دىسەم قانۇندىنمۇ ئۈمىدىم يوققا چىقتى،چۈنكى مەن قانۇنغا بوي سۇنغاننىڭ دەردىنى تازا تارتىۋاتماقتىمەن،يولسىزغا يول قويغاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتماقتىمەن ھېلىقى بىر گەپ بارغۇ‹‹ئالدامچىغا ئالدانساڭ ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزۈڭگە دەپ››...
ئەھۋالدىن بىرەر قۇر خەۋەر تاپتىڭلار تورداشلار،قېنى سىلەر بولساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار...
دادىلىق غۇرۇرنى ساقلامتىڭلار ياكى بالىلىق مىھىرنىڭ ئالدىدا تىز پۈرۈپ يۈرەر بولغىيمىدىڭلار...
مەنبە:ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mosajan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-25 12:49 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-25 05:24 PM):
3-بەتتە بالامنىڭ ئاۋازغا ئېلىنغان ئاۋازى بار.