مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: vmvdwar-uyhur

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلتىجاسى .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9966
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3550 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 01:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 12:46 AM
ۋاي غۇلجىدا تىزىملاتقىنى بولىدىكەن! سزمۇ تۇرۇشلۇق ئو ...

رەھمەت ھە...   ئەجەپ ئۈندەش بەلگىسى بىلەن گەپلىشىپ كېتىپتۇق....................... ھى ھى ھى

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 01:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 01:49 PM
رەھمەت ھە...   ئەجەپ ئۈندەش بەلگىسى بىلەن گەپلىشىپ كېتى ...

شۇ ئانا تىل توغىرسىدا تۇرسا ئۈندىمەي ،ھاياجانلانماي بولامدۇ!

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2997 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 02:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگلىدە گىتلىر مۇنداق دېگەن : بىر مىللەتنى يۇقىتىش ياكى ئۇنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش قىلىشنىڭ ئەڭ زەھەرخەندە شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى شۇ مىللەتنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنى كونتىرول قىلىپ سېنىڭ تىلىڭنى ئۆگتىش .
  شۇڭا گىرمانىيە فىرانسىيەنى بېسىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپلەردە فىرانسۇس تىلىنى ئۆتۈشنى چەكلەپ گىرمان تىلىدا دەرىس ئۆتمەكچى بولغان ، بۇ مەزمۇنلار دەل بىزنىڭ تۇلۇقسىز ئەدەبىيات دەرىسلكىدىكى '' ئەڭ ئاخىرقى دەرىس '' دېگەن تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان.
  بىز ئۇيغۇرلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا فىرانسيەلىكلەرنىڭ بىر مەزگىل شۇنداق ئېچنىشلىق كۈندا قالغانلقىنى دەرسلىك قىلپ ئۆگەنگەن، نەچچە يىلدىن كېيىن فىرانسىيەلىكلەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئېچنىشلىق كۈنىنى دەرىسلىك قىلپ ئۆگنىدىغان ئوخشايدۇ.

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:38:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 10:50 AM
ما ئادەمنىڭ زەردىسىنى قايناتقۇدەكلا گەپ قىلىدىكەنسى ...

ئنىكاسنىڭ قاتىلى دېسە سىزنى دېسە بۇلىدىكەن، ئەمما سىزگە ھازىر ئاناتىلنى قانداق قوغداش توغرىسىدا ئەمەس، ئىنكاس يېزىشتا سەل دىققەت قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرەي، قىزىق قان ئىكەنسىز، قىزىق قان ئادەمنىڭ قۇلىدىن ھېچنىمە كەلمەيدۇ.مۇشۇنداق ئىنكاستىن يەنە ئىككىنى يازسىڭىز ئاۋۇيۇقۇردا دېگەن « جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ مەيلى ئىدى» دېگەن گەپنىڭ ۋەزنىنى بىردەمدىلا بىلەلەيسىز جۇمۇ.
ئەمما سىزنىڭ ئوتتەك قەلبىڭىز نى چۈشەندىم، يەنىلا گەپ-سۆزدە دىققەت قىلىڭ. ئېغىز يۈگۈركى باشقا، پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا،دېگەن گەپنى مەن قىلغان ئەمەس، مىڭ يىللىق ھەقىقەتنىڭ پاكىتى ئۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 10:50 AM
ما ئادەمنىڭ زەردىسىنى قايناتقۇدەكلا گەپ قىلىدىكەنسى ...

مېنىڭ بىرەرئىش قىلىشىمىز كېرەك،دېگىنىمنى سىز قانداق چۈشەندىڭىزكىن .دېمەكچى بولغىنىم قۇلىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلساق دېمەكچىمەن، مەسىلەن: تىلىمىزدىكى ئەبجەشلەرنى تازىلاش، ئائىللەردە بالىلارغا « ئىتتىك  خۈيلەي جۇمۇ، ماما بەك ئەنسىرەپ كېتىدىكەن... باۋباۋ، قېنى مامانى بىرنى سۈيۈپ قويغىنە» دېگەندەك قىلىقسىزلىقلاردىن خالى بۇلۇش، ئائىللەردە پەرزەنىتلەرگە بولغان ئاناتىل تەربىيىسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىش، ئاتا-ئانابولغۇچى ساپ ئۇيغۇرتىلىدا بالىلارغا گەپ قىلىش، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بالىلارغا ئۇيغۇرتىلىدىكى تىلىۋىزورفىلىمىلىرىنى كۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ تۇرۇش، ھەردائىم ئۈزىنىڭ بىر ئۇيغۇرپەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئىسىگەسېلىپ تۇرۇش، ئۇيغۇرچە گېزىت-ژورنال،كىتاپلارنى ئۇقۇشقا ئۈگۈتۈش(ھازىرقى بالىلا ئۇيغۇرچەگېزىتلەرنى ھەرگىزقۇلىغا ئالمايدىكەن)، ئاددىسى بالىلار ئالدىدائۆيدىكى تاماقلارنى بولسىمۇ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسىمى بىلەن ئاتاش..... مانا مۇشۇلار سىز-بىزنىڭ قىلىشىمىزغا تىگىشلىك ئەمما تازا ياخشى قىلىپ كېتەلمەيۋاتقان ئىشلىرىمىزغۇ، شۇلارنى كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە قىلىشمىز كېرەك، مانا بۇ مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80902
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:24:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ بىر ئىشلا بولۇپ كىتىۋاتىدۇدە!!!ئويغۇر زاتىنىڭ باللىرىنىڭ تىلى ماما دەپ چىقىدىغان !!!بەزىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چىرايىغا تۇكۈرەگىسى كېلىدۇئۇلارنڭ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79507
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:27:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قوش تىللىق ‹‹ئوقۇشتىن ئىلگىركى تەييارلىق سىنىپ ›› قا مەجبۇرلايدىغان قانۇنى كۈچكە ئىگە بىرەر قانۇن ياكى ھۆججەت بارمۇ؟بەكلا مەجبۇرلاپ كىتىۋاتىدۇ بىزنىڭ قاراقاشتا،ياكى 15يىللىق مەجبۇرى مائارىپ دەيدىغان گەپ بارمۇ؟

كۆرئىتقا باش بولسا ئارسلان،ئىتلارمۇبۇلۇر ئارسلانسىمان
گەربولسا ئۇئىت ئارسلانغاباش.ئارسلانلارمۇھەم ئىتتەك ھامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 03:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ؟ناھايىتى ياخشى ئنىكاسلارنى يېزپسىلەر ،مەن بىر نەچچە تۈرلۈك ئەمەلى ھەركەتلەرنى دەپ بىرەي.
1.ئائىلىدە چۇقۇم ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش .ئائىلە باشلىقى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى ئورنىتىش .
2.ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزى-ئۆزىگە مەسئۇل بۇلۇش ,ئاممىۋى سورۇنلاردا ،تىلىفۇن سۆزلەشكەندە ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلەشنى ئادەت قىلىش .
3.ئۇيغۇرچە ئىقتىدار سەپلەنگەن ئۈسكىنە ،سېستىما ،تۈرلۈك ئاپتۇماتىك ماشنىلاردا مەشغۇلات قىلغاندا چۇقۇم ئۇيغۇرچە قىلىش .
4.ئىلان ،بىزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئىلان ئىشلىتىدىغان ،ۋىۋىسكا ياستىدىغان ئۇرۇن ۋە شەخسلەر چۇقۇم ئۇيغۇرتىلىنى ئەڭ ئۈستىگە ،تۇلۇق، توغرا يېزىلىشغا دىققەت قىلىش ھەم ئەھمىيەت بىرش .
5.خۇسۇسى مائارىپقا مەبلەغ سالغان مائارىپچىللىرىمىز ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئازراق مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇرچە ساۋاد چىقىرىش ،يېزىقچىلىق قاتارلىق تەربىيلەش سىنىپلىرىنى ئېچىش .
6.مەكتەپتە ئانا تىل دەرسى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلار يۈكسەك ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ،بەلگىلەنگەن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى چىقىرىپ بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىش .يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇنلار ئانا تىلنىڭ ئۆزلىشش نىسبىتىنى تەكشۈرمىدى دەپلا ئەپلەپ -سەپلەپ ئۆتكۈزۋەتمەسلىك .
8.ئادۇكاتلار ۋە تۈرلۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر (مىللىيلار)ئانا تىلنى قوغداش ،بېيتىش توغرىسىدىكى قانۇن -نىزاملارنى كۆپلەپ ئاشكارلاپ ،ھۈكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئانا تىلغا بولغان كۆزقارشىنى توغرا تۇرغۇزۇشىغا ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن بۇيىچە ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئىشلىتىش ئىڭىنڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە تىگىشلىك ھەسسسىنى قۇشۇش.
  ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي ،ھەممە قول سېلىپ ئشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ،قانداق قىلىمىز دەپ ئولتۇرساق ،ھىچكىم مانداق قىلىڭ دەپ بىزنى بىر يولغا باشلاپ قويمايدۇ.بۇ خۇددى رىسقىمنى خۇدايىم بىرىدۇ دەپ ھىچ ئىش قىلماي ئولتۇرسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەندەكلا بىر ئىش ،ھەممىمىز قۇلىمىزدىن كىلىشچە ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قىېلىش ۋە ئۇنى بېيتىش ئۈچۈن تىرشايلى!باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس ،قانچە كۆپ تىل بىلسەك شۇنچە ياخشى ،لىكىن باشقا تىلنى ئانا تىلنىڭ ئۈستىگە قۇيىۋالساق بۇخۇددى بىر چىرايلىق يۈزى بار خېنىمنىڭ مەڭزىگە ياراشمىغان بىر تال مەڭنى چەكتۈرۋالغاندەكلا بىر ئىش .
باشقىلارنىڭ يەنە ياخشى پىكىرلىرى بولسا ،ياخشى ئاماللىرى بولسا ،ئوتتۇرغا قويسا ،ھەممەيلەن تەڭ پايدىلىنىپ ،ئانا تىلىمىزنى قوغداش ،تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ئىشلەتسەك ،ئورتاق پايدىلانساق ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   vmvdwar-uyhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-26 03:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16174
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9742
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 2112 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 03:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئانا تىلىم- ئانام بەرگەن تىل

  ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى

  ئانا تىلى مۈرىۋەتلىك  تىل،
  زەپەر ھەمراھ ھۆرمەتلىك تىل.
  ساتقىنلارغا سايىسىز  قوياش،
  ھەقدار ئۈچۈن قىيامەتلىك تىل.

  بالاغەتنىڭ جىلۋىسى  سەندە
  پاساھەتنىڭ قىبلىسى  سەندە.
  ئەجداتلارنىڭ گۈل ئىزى سەندە،
  كۆيگەنلەرگە ھالاۋەتلىك  تىل.

  ئۇيغۇر تىلى ئانام بەرگەن تىل،
  ئەلمىساقتىن خىزىر بەرگەن تىل.
  مىنى كۆككە كۆتىرىدىغان تىل،
  قەددىم ئۈچۈن جاسارەتلىك تىل.

  ئانا تىلىم  پاساھەتلىك  تىل،
  ئەجداتلاردىن ئامانەتلىك تىل.
  قوياش بولغان زامان  كۆكىدە،
  ئەۋلاتلارغا  ئامانەتلىك  تىل.

  ئەبجەش قىلدى سىنى تالايلار،
  شۇڭا دۈشمەن دېدى گادايلار.
  روھىمىزدىن  باسسا قۇرايلار ،
  نىچۈن دەيمىز ھاقارەتلىك تىل.

  قەددىڭ سىنىڭ پۈكۈلمەس ھەرگىز،
  قەلىبلەرگە  ئاقتۇرۇپ   ئەگىز .
  ساڭا شەيدا مىليۇن ئوغۇل-قىز ،
  قەددىمىزگە جاسارەتلىك  تىل .

  ئۆتمۈش دېدى جاراھەتلىك تىل،
  تۇرساڭ تۈركۈم جامائەتلىك تىل.
  قىزىل گۈلدەك ماتامەتلىك تىل،
  ئازغۇنلارغا  پاراسەتلىك   تىل.

  مەغرىپتىمۇ  قاياشىمىز  بار،
  خەندانىمىز،كۆز ياشىمىز بار.
  زۇلمەتلەردە قوياشىمىز  بار ،
  ئالەملەردە ھارارەتلىك تىل.

  يىلتىزىڭ  ئۇ، تەكلىماكاندا،
  ياشناپ كەلدىڭ ھەر زامانلاردا.
  بىرلا  ئۇيغۇر  قالسا  جاھاندا ،
  ئۆچمەيدىغان ھارارەتلىك  تىل.

  يىلتىزىڭ  بار  ئانا  ۋەتەندە،
  ئۇلۇغلۇقنىڭ چەشمىسى سەندە.
  جاراڭلايسەن ماكان –ماكاندا،
  ئەمەستۇرسەن جاراھەتلىك تىل.

  سەن  تونۇتتۇڭ  ماڭا  ئەغيارنى ،
  ھەمراھ قىلدىڭ جەڭگاھتا تۇلپارنى.
  زىمىستاندا  تەڭلەپ   باھارنى ،
  يالقۇن كەبى  ھارارەتلىك  تىل.

  تاشلاپ كەتسە سەن تاشلىمايسەن،
  ھالاكەتنى    باغاشلىمايسەن  .
  ئۇلغۇيسەن   ياۋاشلىمايسەن ،
  توققۇزۇڭ تەل كامالەتلىك تىل.
  

  سىنىڭ ئۈچۈن جان بەرگەنلەر كۆپ،
  ۋۇجۇدۇڭغا  قان  بەرگەنلەر  كۆپ.
  كەلدۇق دىلغا مىڭ ئارمان پۈكۈپ،
  سىنى  سۆيۈپ  قىيامەتلىك  تىل .

  شەھرى قەشقەر ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى

ئەدەپلىك قۇشقاچ ،ئاتا-ئانىسىدىن ئۈچ شاخ تۆۋەن چاڭگا سالار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش