مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2233|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلتىجاسى .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 04:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى .ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار .قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئاساسى مەقسەتنىلا ئوتتۇرغا قۇياي.
  جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگشىپ ،تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى ،تەرەققى قىلىۋىرىپ ئاخىرى باشقا مىللەتنىڭ تىلىغا ئھتىياجلىق بولۇپمۇ قالدۇق ،دۆلىتىمىز بىزنىڭ بۇ ئىھتىياجىمىزنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن ''قوشتىل ''مائارپىنى يولغا قۇيۇپ كەڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇردى .بۇ ئىھتىياجنىڭ قاندۇرلىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى بويۇن قىسىپ قالدى .ئاممىۋى سورۇنلاردىغۇ ئەسلا يوق ،ھەتتا ئائىلىدىكى ئالاقە ئىشلىرىدىمۇ سەۋيسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىز باللىرى بىلەن خەنزۇتىلىدا ئالاقە قىلىدىغان ،بالىلىرىنى كىچىكىدنلا ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتتى ،ھەتتا ئۈمۈميۇزلۇك ئەھۋال بۇلۇشقا قاراپ كىڭەيمەكتە ،تەرەققى قىلماقتا .ھىس قىلىشمچە تۇنجى بولۇپ نۇپۇس ۋارىقىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ   پۈتۈنلەي خەنزۇچە بۇلۇپ كىتىشىدىن باشلاپقۇ دەيمەن ،نۇرغۇن شەخس ۋە كارخانچىلار ،ئىلان ۋە باشقا تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ،تىجارەتچىلەر ......ئۆزلىرنىڭ تىجارەت ۋە تۈرلۈك ئشلىرىدا ئۇيغۇر تىلىغا ئىتبار بەرمەيدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى ،بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئىلان ،تەشۋىقات ،لۇزۇنكا ،ۋىۋىسكا ،كارخانا ،شىركەت ئسىملىرىدا ئۇيغۇرتىلى يېزىقى بولسىمۇ بۇلىدىغان بولمىسمۇ بۇلىدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى .بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا تولدۇرلىدىغان تۈرلۈك جەدىۋەل ۋە باشقىلار... خەنزۇتىلىدا تولدۇرۇلمىسا ئۆتمەيدىغان ھالەتكە يەتتى .ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىغا ئىرىشكىنىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بولغان شىنجاڭدا ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشى مانا شۇنداق بولدى .ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىدا ''ئاپتۇنۇمىيلىك ھۇقۇقىغا ئىگە جايلاردا شۇ جاينىڭ يېزىقى ئاساس قىلىنىپ باشقا يېزىقلار ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىغا ئىگە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنىڭ ئاسىتىغا يېزىلىدۇ ''دىگەن بەلگلىمە 2000-يىلىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا كۈچىنى يۇقاتتى.بۈگۈنكى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە دۆڭكۆۋرۇك بازىرىنى مەركەز قىلىپ سەنشىخاڭزا قاتارلىق جايلاردىن باشقا رايۇنلارغا قارايدىغان بولساق دۇكان ۋىۋسكىللرى ،تىجارەت ئىلانلىرى ،شىركەت ئسىملىرى .....قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ .
قىسقىسى ئۇيغۇر تىلى بۇيۇن قىسىپ قالدى ،ئۇنى باشقا بىرسى ئەمەس بىز ئۆزىمىز بۇيۇن قىستۇرۇپ قويدۇق ،ئاپتۇماتىك بانكىلاردا ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنسە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلىشنى خالىمىدى ،بىر قىسىم سودىگەر، كارخانچىللىرىمىز ئۇيغۇرچە ماركىدىكى تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلرى ،ئائىلە ئىلىكتر سايمانلرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپ بازارغا سالسا ،ئالدى بىلەن بىز ئۇنى سۇپىتى ناچار دەپ باھالاپ ئشلەتمىدۇق .قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلارمۇ بىر جۈملە گەپنىڭ ئارسىغا كامىدا 1-2خەنزۇچە سۆز ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىشىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بۇ ئەھۋاللار ياشلىرىمىز ئارسىدىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى چوڭلار ئارسىدىمۇ ئۇمۇملىشىپ قالدى .ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئشلىتىلىش دائىرسى بارغانسىرى كىچىكلەپ ،يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى .
بىر تىل بىر مىللەتنىڭ تارىخغا ،ئۆرىپ-ئادىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،تىلنىڭ يۇقىلىشى ئاخىردا بېرىپ مىللى خاسلىق ۋە ئۆرىپ-ئادەتنىڭ يۇقلىشغا تۈرتكە بۇلىدۇ ،بىزنىڭ پەرزەنتىللىرىمىز بولسا مىللەت تارىخنى داۋاملاشتۇردىغان ئۆرىپ -ئادەتلىرىمىزنى كىينكىلەرگە يەتكۈزىدىغان كۆۋرۇك .شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىدە ،ئۇرۇقتۇغقان ،دوسىت-يارەنلەر ئارسىدا ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسىمۇ ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلىتەيلى ئشلەتكەندىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلى ھالىتىدە ئىشلىتەيلى ،ئۇيغۇر تىلىنى ئەبجەش تىلغا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى ،بىلمسەك ئۆگىنەيلى ،تىلىمىزدا پەقەت 32ھەرىب بار ،4ئايدا تۇلۇق ئۆگىنىپ بولغىلى بۇلىدۇ .پەرزەنتىللىرىمىزگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپ قۇيايلى .
  ھەممىمىز ئۇيغۇرتىلىنى ئشلىتىشكە ئەھمىيەت بىرەيلى ،ئۇيغۇر تىلىنى بېيتىش ،تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ،سىزنىڭ ،مىنىڭ ،جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى ،شۇڭا ئۇيغۇر ۋە ئۆزىنى ئۇيغۇر چاغلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى توغرا ،تۇلۇق ئىشلىتىشكە ئادەتلىنەيلى .تىلىمىز باشقا تىللار ئارسىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن ...........1


نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9966
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3550 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ھە،،، مەن شۇڭا ئاللاھ خالىسا خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى كەسپىدە تولۇق كۇرس ئوقۇشنى پىلانلاۋاتىمەن... ماڭا مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغان بولساڭلار! چوڭلار مائارىپىدا ئوقۇي دېگەنتىم...

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى ئائىلە تەربىيسىدىن ئىبارەت،ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز ئەمىليىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ پەزرەتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپلا ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىشى كېرەك شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ھېسياتى پەيدا قىلىش كېرە!~~~~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھەر ياشتاچوڭ ئاياللارنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى ئەبجەش قىلىپ، ئىككى ئېغىز ئۇيغۇرچىغا بىرئېغىز خەنچىنى ئارلاشتۇرۇپلا سۆزلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى كۈرۈپ، بۇ ئۈرۈمچىلىكلەر قايسى تائىپتىن بولدى ئەمدى؟ دەپلا قالدىم. ياش قىزلارغۇ بۇخىل ئەبجەش تىلىنى قالتىس بىلسە كېرەك.« ب ئېر ت» دە كىتىۋېتىپ يۈزىنى چىرايلىق ئۇرىۋالغان بىرقىزنىڭ ئەبجەش گېىپىنى ئاڭلاپ قاراپلا قالدىم.
توۋا ئۈرۈمچىلىكلەر ،دەپ ياقىمىزنى چىشلەپ قايتىپ كەلدۇق. چ چ دىكى ئۈرۈمچىلىكلەر تورداشلارنىڭمۇ شۇنداق ئەبجەش تىلدىكى پاراڭلىرىنى سەتلەپمۇ قويغان يەرلىرىم بار. نېمەئۈچۈن شۇنداق قىسىلىەركىن، ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇرلار؟
90-يىللاردا بولسا كېرەك، يازلىق تەتىلدە بىزنىڭ يېزىغا ئۈرۈمچىدىن بىرسىنىڭ  تۇغقىنى كەلدى، ئىلگىرى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ گەپ قىلغىنىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان  ئىكەنمىز، بۇبالىنىڭ ئۇيغۇر-خەنزۇچە ئەبجەشلىشىپ كەتكەن ۋە تەلەپپۇزدىكى غەيرى گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەزى بالىلار«ھېجىقىز ئوخشايدۇ» دېگەن ئىدى.  كىيىن مانا ئۈرۈمچىگىمۇ باردۇق، بالىلار ئۇتەرەپتەئۇقۇدى. چۈشۈنۈش ھاسىلمۇ بولدى.
ئەمما «ب ئېر ت » دە بولسا ئۈرۈمچىلىك ياشلارنىڭ ھەدېگەندىلا ئۇرۇن بۇشۇتۇپ بىرىشى بىزگە كۆپ تەسىرقىلدى، بىرئاي جەريانىدا مۇنداق ئۇرۇن بۇشۇتۇپ بىرىش ناھايىتە كۆپ بولدى، ھەمدە بىزگە بىرخىل ھېسداشلىق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىپلا تۇراتتى، «دوختۇرخانىغا قايسى تەرەپ بىلەن ماڭىمىز» دەپ سۇرىغان سۇئالىمىزغا ئۇلار شۇنداق كۈيۈنۈپ جاۋاپ بىرىتتى، قۇلىدىن كەلسىلا ياردەم قىلىشقا تەييارئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، گەرچە ئەبجەش سۆزلەپ يۈرسىمۇ، ئەمما كۆڭلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ئىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا بولغان تۇنۇش ئۆزگەردى. ئەسلى بۇخىل ئەبجەش سۆزلەش ئۇلارغا ھېچقانداق غەيرىلىك ھېس قىلمىسا كېرەك، بىزگە شۇنداق بەك غەيرى ۋەئېچىنىشلىق بىلىنىپ كەتكەن بىلەن.
ئەمما بۇخىل ئەبجەش تىل مەيلى شەھەردىكى ئۇمۇمىلىق بولسۇن، ئۇنى چۇقۇم تۈزۈتۈش كېرەك ئىدى، ئەمما قارىماققا بۇخىل ھال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېڭىيۋاتقاندەك ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72686
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3328
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مۇشۇنداق  ئىسل   تېمىلارنى كۆرسەم  مېنىڭ مۇ   بىر -ئىككى  ئېغىز  گەپ  قىلغۇم كىلىدۇيۇ يەنە  توختاپ قالىمەن   ،  ھەممىسى ئانا-تىل يېزىقنى  ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكىم ،  قايسى ۋاقىتتا قارىسا   ( ى  بىلەن  ې  )    نى  ئالماشتۇرۇپ  قويىۋاتقان    ،  بۇ  ئىككى ھەرىپكە بولغان  سېزمىم يوقىغاندەكلام  ،  ئېنكاس  يازساممۇ  شۇنداق  ئېھتىيات  قىلىپ يازىمەن  ..  يەنە  تۇرۇپ -تۇرۇپ  يولدىن ئازىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا ....................

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:36:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-24 09:28 PM
ئالامەت ھە،،، مەن شۇڭا ئاللاھ خالىسا خىزمىتىمدىن ئىست ...

مەن ئاللى قاچان باشلىۋەتتىم ،بۇ يىل 9-ئايدا ئىستىپا بىرىمەن،10-ئايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئىنتىھانىغا تىزىملىتىپ قويدۇم ،لېكىن غۇلجىدا ئەدەبىياتنىڭ ماتىرىيالىنى تاپالمىدىم!

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9966
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3550 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 12:36 AM
مەن ئاللى قاچان باشلىۋەتتىم ،بۇ يىل 9-ئايدا ئىستىپا بى ...

ۋوي راستما؟ 10- ئايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىشى تېخى باشلانمىسا؟ مەنمۇ شۇنىڭ ( 10- ئايدا بېرىدىغان پەن تۈرىنىڭ) ماتېرىيالىنى ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلدىم! بىراق تىزىملىتىش 8 -ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدىكەن!

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:46:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 12:40 AM
ۋوي راستما؟ 10- ئايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بە ...

ۋاي غۇلجىدا تىزىملاتقىنى بولىدىكەن! سزمۇ تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مائارىپ ئىدارىسغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىز بولىدىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80208
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:50:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدىكىنى دەيسىز نەدىكەن ئۇ ئاپتۇنۇمىيە ھوقوقىدىگەن.... ھەي بولدىلا قىلساق گەپجىق

ئۈگۈنۈش- ئۈگۈنۈش -يەنەئۈگۈنۈش..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش