شىر بۆرە توپىنى قانداق باشقۇردى؟
(مەسەل)
شىر بىر يىلپىزغا ئون بۆرىنى باشقۇرۇشنى تاپىلاپتۇ ،ھەم ئۇلارغا ئۇزۇقلۇق تەڭسىم قىلىشنى تاپىلاپتۇ ،يىلپىز گۆشنى ئالغاندىن كىيىن 11پارچە قىلىپ ئۆزى بىر پارچىسىنى ئېلىپ ،قالغان 10 پارچىسىنى 10 بۆرىگە تەقسىم قىلىپ بىرىپتۇ ، بۆرىلەربۇنى ئاز كۈرۈپ بىرلىشىپ يىلپىز بىلەن قارشىلىشىپتۇ .گەرچە بىىر بۆرە يىلپىزغا تەڭ كىلەلمىسىمۇ ، بىرلىشىپ قارشىلاشسا يىلپىز بۆرە توپىغا تەڭ كىلەلمەي ، شىرنى ئىزدەپ ئىستىپا سوراپتۇ . شىر ئۇنىڭغا ، مىنىڭكىنى كۆر دەپتۇ :
[بىرىنچى كۈنى. ئۈنۈم ئىش ھەققى ]
شىر گۆشنى چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمىغان ھالدا 11 پارچە قىلىپ ئۈزى ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ بولغان بىر پارچىسىنى يەپ ، بۆرە توپىغا سىلەر بۇنى قانداق تەقسىم قىلىشنى ئۈزۈڭلار مۇلاھىزە قىلىڭلار دەپتۇ . چوڭراق پارچىسىغا ئىرىشىش ئۈچۈن بۆرىلەر بىر بىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ . ئاخىرىدا ئۈزىگە تەئەللۇق بولغان قىسمىنىمىغىمۇ ئېرىشەلمەپتۇ . يىلپىز شىرغا ناھايىتىقايىل بولغان ھالدا سوراپتۇ ، بۇ قانداق ئامال ؟ شىر كۈلۈپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ‹ئۈنۈم ئىش ھەققى ›نى ئاڭلاپ باققانمۇ دەپتۇ .
[ئىككىنچى كۈنى. ئەڭ ئاخىرقىسىنى شاللاش ئۇسسۇلى ]
شىر گۆشنى چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمىغان ھالدا 11 پارچە قىلىپ ئۈزى ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ بولغان 2پارچىسىنى يەپ ، بۆرە توپىغا سىلەر بۇنى قانداق تەقسىم قىلىشنى ئۈزۈڭلار مۇلاھىزە قىلىڭلار دەپتۇ .10 بۆرە 9 پارچە گۆش ، ئىلگىرى بىز قېرىنداش دىگەننى ئېغىزىدىن چۈشۈرمايدىغان بۆرىلەر بىر ئاجىز بۆرە يەرگە يېقىلغانغا قەدەر ئۆز- ئارا ئېلىشىپتۇ. يىلپىز شىرغا ناھايىتى قايىل بولغان ھالدا سوراپتۇ ، بۇ قانداق ئامال ؟ شىركۈلۈپ تۇرۇپ بۇ ئەڭ ئاخىرقىسىنى شاللاش ئۇسسۇلى دەپتۇ .
[ئۈچىنچى كۈنى. رىقابەت بىلەن ئىشقا چىقىش ]
شىر گۆشنى 2پارچە قىلىپ ئۈزى ئالدى بىلەن 1 پارچىسىنى يەپ ، بۆرە توپىغا سىلەر بۇنى قانداق تەقسىم قىلىشنى ئۈزۈڭلار مۇلاھىزە قىلىڭلار دەپتۇ. ئەڭ ئاخىرى ئەڭ كۈچلۈك بىر بۆرە قالغان بۆرىلەرنى يىڭىپتۇ ، ۋە گۆشنى ئۈزى يالغۇز يەپ تويغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ يىيىشىگە بىرىپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ باشقا بۆرىلەر بۇ بۆرىنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنىدىغان بوپتۇ . شىرنىڭ پەقەت بىرلا بۆرىنى باشقۇرسا بولىدىغىنىنى ۋە بىرلا بۆرىگە ئۇزۇقلۇق بەرسىلا بولىدىغىنىنى كۈرۈپ يىلپىز ئۇنىڭدىن بۇ قانداق ئۇسۇل؟ دەپ سوراپتۇ .رىقابەت بىلەن ئىشقا چىقىش دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟....
[ئاخىرقى كۈنى. ئىناق جەمئيەت ]
ئاخىرىدا شىر گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلەپ بۆرىنى ئوت- چۆپ يىيىشكە بۇيرۇپتۇ . ئىلگىركى رىقابەتتە بۆرە توپىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۈگىگەن بولغاچقا بۇ يولسىز مۇئامىلىگە ئامالسىزلىقتىن بويسۇنۇپتۇ . يىلپىز شىردىن ئۇنىڭدىن بۇ قانداق ئۇسۇل؟ دەپ سوراپتۇ . شىرقاقاقلاپ تۇرۇپ : ئىناق جەمئيەت دەپ ئاڭلىغانمىدىڭ دەپتۇ .
مەنبە : شىنلاڭ بىلوگىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 09:51 AM