بۇ قىز مىنى ئالداپتۇ!!!
1-قىسىمى https://uyghur-archive.com/misranim/thread-68237-1-1.html
ھەي ، بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە ،يەنە بىر تۇرۇپ بىر خىل چۈشۈنۈكسىز خىياللار ئىچىدە بىر خىل بولۇپ قالىمەن . ئۇ قىزنىڭ ئوغۇللارنى ئالداش تىخنىكىسىغا قايىل بولۇپ بىر خىل كۈلۈپ كىتىمەن ، ئىشقىلىپ زادى بىر خىللا...
ئالدىنقى قىتىم ئۇيۇشما باشلىقىنىڭ چىشىنى مەن تۈكۈۋەتكەن دەپ يالغان گۇۋاھلىق بىرىپ گەرچە مەكتەپتىن چىكىندۇرۇلۇپ كەتكىلى ئاز قالساممۇ ، مەكتەپتە يۈزۈم خىلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، خىلى قىزلار ئاتايىتەن ماڭا تىلفۇنىنى خاتا ئۇرۇۋالغان بولدى ، قاش ئاتتى ،تاش ئاتتى .... ئىشقىلىپ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم ، مەن دىگەنغۇ كۆڭلۈم چۈشمىسە باشقا بالىلاردەك قىزلارنى ئاقماق قىلىپ يۈرمەيمەن دەپ . ۋاي بولدىلا يەنە دىسەم ئىشەنمەيسىز ، نەق گەپنىلا دەي ...
XX XX X XX
بۇ ئىش مۇنداق بولغانىدى .
ئالدىنقى قىتىملىق ئىشتىن تۇرمۇشۇمدا خىلى ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ كۈنلىرىم بىر خىل زىرىكىشە ئۆتەتتى ، تۇرمۇشۇمدا بىر نىمە كەمدەكلا ئۆتەتتى ، راس دىسەم تۇرمۇشۇمدا كام بولغىنى قىز يەنە كۆڭلۈمدىكىدەك قىز كەم ، گەرچە ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللقىدا ئوقۇۋاتساممۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قىزنى ياقتۇرۇپ قالمىدىم ، مەن ياخشى كۆرۈپ قالساملا كىمنىڭ قىزى بولىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم قوغلىشاتتىم ...
بىر كۈنى ياتاقدىشىمنىڭ دىگىنى بويىچە كىيۇ كىيۇ رىمنى ئىچىپ دوسىتلار تورى (朋友网) دىن بىزنىڭ مەكتەپتىن باش سۈرىرىتى چىرايلىق قىزلارنى تاللاپ قاچىلىلاشقا باشلىدىم . بىز كەمدىن كىيۇ كىيۇ رىم لىپىلداشقا باشلىدى قارىسام گۇلبانۇ ئىسىملىك بىر قىز قوشۇلۇپتۇ .بىر كەمدىن كىيىن خەت كەلدى :
-ياخشىمۇسىز ،كىمۇ؟
- ياخشى ، ئىسمىم ئەلقۇت سىزنىڭچۇ؟
-گۇلبانۇم .
-ھە ، قايسى ئىنىستوتتا ئوقۇيسىز ؟
-مەن بوغالتىرلىق ئىنىستوتىدا سىزچۇ ؟
_مەن سىتاستىكا ئىنىستوتىدا .
- ھىم ، ئۆيىڭىز قەيەردە؟
- بۆرتالا جىڭدىن .
-...
شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ كەچلىك تاماقنىمۇ يىيىشنى ئۇتتۇپ قاپتىمەن ، ياتاقدىشىمغا تىلفۇن قىلىپ تاماق ئالغاچ كىرىشىنى ئىيتىپ قويۇپ يەنە پاراڭلىشىۋەردىم ، گىپىمىز بىر يەردىن چىقىۋاتاتتى .
-سىز نەدە ھازىر ؟-دەپ سورىدىم .
-ھاممالارنىڭ ئۆيىدە .
-دەرىس يوقمىدى ؟
-ياق ، ئالدىنقى ھەپتە بىڭگور يەپ قويۇپ ئانگىنارىم قوزغىلىپ قالدى ، مۇئەللىمدىن روخسەت سورىدىم ، ئوپىراس قىلدى ،گىلىم كەچتە بەك ئاغىرىپ كىتىدۇ ئۇخلىيالماي بەك قىينىلىپ كىتىمەن ، ھەمرا بولۇپ مەن بىلەن پاراڭلىشىڭە .
-چاتاق يوق ، مەنمۇ كۈندە ئويۇن ئويناپ سائەت1لەردە ئۇخلايمەن .
-سىز بەك ياخشىكەنسىز ، رەھمەت !
....
-سىنىپىمىزدا بىرلا مەن ئۇيغۇر ،ياتاقتىمۇ شۇ ،ياتاقنىڭ ھاۋاسى بەك ياخشى ئەمەس ياتاقتا ياتسام گىلىم تىخىمۇ ئىچىشىپ كىتىدۇ ،شۇڭا كەچتە ھاممالارنىڭكىگە يىنىپ كىلىمەن . ئىشقىلىپ مەكتەپتە ئانچە كۆپ تونۇشلىرىم يوق يالغۇز يۇرۇيمەن ، تاماققىمۇ يالغۇز چىقىۋاتقان...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بۇ قىزغا تىخىمۇ ھىسداشلىقىم قوزغالدى ،چۈنكى مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئىدىم ھىچكىم مىنى ئارىغا ئالمايتى ، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى يالغۇزچىلىق تارتىپ باققان ئادەم بىلىدۇ دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم . كىيۇ كىيۇ بوشلىقىغا كىرسەم رەسىمى يوقكەن ، ماڭا رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەردى ، دىگەندەك چىرايلىق بولمىسىمۇ ماڭا بەكلا ئوماق كۆرۈندى .
-بەكلا ئوماقكەنسىز !
-ۋىيى ، ئادەمنى خىجىل قىماڭە !
-راس دەۋاتىمەن .
-خى خى رەھمەت !
كاللامدا جەڭ بولۇپ كەتتى ، ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ دەپ سورايمۇ ؟ بەك بالدۇرما يا ؟ توختا، كاللاڭنى ئىشلەت ئەلقۇت !
-بەلكىم كەينىڭىزگە ئوغۇللار كىرۋىلىپ ئاراملىق بەرمەيدىغاندۇ ؟ خى خى ...
- ياقەي ، ئۇنداق ئەمەس .
-مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن .
-قەيەردە ؟
-مەكتەپ باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئوغۇل دوستىڭىزمۇ ئىشقىلىپ بىرى بىلەن ئولتۇرغىنىڭىزنى كۆردۈمغۇ دەيمەن ، تازا ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن ...
-خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز ، مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم يوق ، ھەم ئۇ يەردىكى ئورۇندۇقلاردا بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرۇپ باقمىدىم .
- ھە ، كەچۈرۈڭ ،راسلا خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن .
ئىشقىلىپ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم ... شۇنداق قىلىپ كەچ سائەت 2گىچە پاراڭلىشىپتۇق . ئاخىرى بىر بىرىمىزگە قىيالماي ياخشى چۈش كۆرىشىمىزنى تىلەپ چۈشۈپ كەتتۇق . شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ ئۇيقۇ كىلەمدىغان ، نۇرغۇن پىلان ، نۇرغۇن ئامانلار مەندە بۇرۇن تولۇقسىزدا مۇشۇنداق كەچتە ئۇخلىيالمايدىغان ھىسيات بولۇپ باققانىدى ، ھەي قانچە يىللار بولۇپ كەتتى ھە ؟ 50ياشلىق كىشىلەرنىڭ 20 يىشىغا قايتىپ قالغىنىدەك بىر خىل ھىسيات مىنىڭ قەلبىمنى چىرمىۋالغانىدى ، گۇلبانۇ ئۇخلىغانمىدۇ ياكى مەندەك خىيال قىلىۋاتقانمىدۇ ؟ ئۇخلايچۇ بولدى ،ئۇياققا ئۆرۈلۈپ بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن ...
ئەتىسى قوپۇپ سائەتكە قارىسام 9يىرىم بولۇپ كىتىپتۇ ، قوپۇپلا كومپىيىتىرنى قوزغىتىپ ئۇدۇل يۇزنىمۇ يۇيماي كىكىيۇ نى ئاچتىم ، قارىسام ئۇ قىز يوقكەن ، مەن :<<ھەي ئوماق قىز خەيىرلىك سەھەر ، بۇگۈنكى ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن !>> دەپ خەت قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆچۈرەي دىيىشىمگە لىپىلداپ قالدى ، قارىسام گۇلبانۇكەن ئەسلى يۇشۇرن ھالەتتە ئىكەن،ئۇ:
-ھە ھۇرۇن ، ئەمدى قوپقان ئوخشىمامسىز ؟ ھازىر سائەت 10 بولاي دىدى ،سىزگە ئەمدى سەھەر بولۇپتىدە ؟- دەپ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلگەن ئىپادىنى ئەۋەتتى .
-ياق ياق ، بالدۇرلا قوپقان شۇ ئەمدى ئاچتىم ،- ما ئىشنى ھەجەپ ماد بولۇپ قالدىم دەپ ئويلىدىم .
-سىزچۇ نىمىش قىلىۋاتىسىز ؟
-مەن ئەتتىگەن قوپۇپ ناماز ئوقۇپ بولۇپ ھاممالارغا ناشتا تەييارلاپ ، ئۇلارنى يولغا سىلىۋىتىپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغان .
ئىچىمنى بىر خىل ئىللىق سىزىم قاپلىۋالدى . ھەجەپ ھە؟ئاللاھ بۇ قىزنى ماڭا ئۇچراشتۇردى ، ئەلقۇت بۇ قىزنى قاچۇرۇپ قويما ؟ قوغلاش نىمە كۆرسەڭ مەيلى ... دەپ ئۆز ئۆزۈمگە خىتاب قىلىۋەتتىم .
-كامىرانى ئىچىڭە سىزنى كۆرەي ،_دىدى ئۇ :
_ مىنىڭ ھازىر كىچىككىنە ئىشىم چىقىپ قالغانىدى سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە !
_ھىم ، ماقۇل .
مەن قوپۇپلا ئۇخلاش كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ يۇزلىرمنى يۇيۇپ چاچلىرىمنى تاراپ، ياتاققا قارىسام قالايمىقانچىلىق ،ئەنۋەر تىخىچە ئۇخلاۋاتىپتۇ ، مەن كامىرانى ئىچىپ بىقىپ كۆرىنىدىغان دائىرىنى رەتلەپ تازلىۋىتىپ ، كومپىيىترنىڭ ئالدىغا كىلىپ :
-مەن كەلدىم دەپ يازدىم .
-ھە ئەمدى ئىچىڭە !
ئاچسام ئۇ قىز ئاچمىدى .
_سىز قىنى ؟
-مىنىڭ كامىرا يوق ئۈستەللىك كومپىيىتىر ، سىز بەك كىلىشكەنسىز ھە ؟
-ياقەي .
-ياتىقىڭلار ، بەك رەتلىكەن ھە! ئوغۇل بالا تۇرۇپ ياتاقنى رەتلىك تۇتۇدىكەنسىلەر .
-ئەلۋەتتە ! خى خى .
-ئاخشام رەھمەت ھە سىزگە !
-قانداق دەيسىز ؟
-مىنى دەپ كىيىن ئۇخلىدىڭىز .
-ياقەي ، بۇ بىز ئىتىپاق ئەزالىرىنىڭ خەلىق ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچى ، خى خى .
-خى خى بەك قىززىقچىكەنسىز ،-ئۇ يەنە :
- ھەي توختىڭە ؟
-نىم بولدى؟
-مۇنداق دەڭ ، سىز ھەجەپ ئاكتىپ ئىتتىپاق ئەزاسىكەنسىز ھە ، ھەممە قىزلار ئۈچۈن كىچىچە ئۇخلىماي پاراڭلىشىپ بىرىدىغان ئوخشايسىزدە ؟
ئاپلا ، ما ئىشنى قىززىقچىلىق قىلىمەن دەپ خاتا تۇيغۇ بىرىپ قويغان ئوخشايمەن ، لىكىن يەنىلا خۇش بولدۇم ، باشقىلار قانداق ئويلايدىكى ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بۇ گىپى ماڭا مىنى كۈنلىگەندەك تۇيغۇ بەردى .
-ياقەي ، مۇنداقلا دەپ قويغان ، ھامىنى ئويۇن ئويناپ كەچ ياتاتىم شۇڭا ، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ .
-خى خى مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم، - دىدى . ھەنىم بولسا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى ،ئۇ يەنە :
-ھەي مەن تاماققا تۇتۇش قىلاي كىيىن پاراڭلىشايلى .
-سىز تاماق ئىتەلەمسىز ؟
-ئەلۋەتتە ، لەغمەننى بەك ئوخشىتىمەن .
-راسما ؟ مەن لەغمەنگە بەكلا ئامراق !
-خى خى ئەلۋەتتە ، چاچتەك سوزاپ سوغۇق شاللاپ ، ئەتكەن لەغمىنىمنى دادام 2تەخسىنى كۆرمىدىم دەپ يەۋىتەتتى .
-نىمىندا ياخشى .
-نىمە ياخشى دەيسىز ؟
-ھە ، ھىچنىمە ؟
-ھىم ئۇنداق بولسا مەن چۈشۈپ كەتتىم ، كىيىنرەك پاراڭلىشايلى!
-ئاللاغا ئامانەت !
-ئاللاغا ئامانەت !
-ھە راس ، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى سورىسام بولارمۇ؟
-1نى ھارغىچە بىسىڭ ،خى خى ...
.....
ئىشقىلىپ ئۇ تاماق ئىتەلەيدىكەن ، بولۇپمۇ كۈندە يىسەممۇ چىقمايدىىغان لەغمەننى ،تىلفۇن نۇمۇرىغا ئالدىرما ئەلقۇت ، كۈنلەر تىخى ئۇزۇن ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ پۇختا قىل، ئىسىڭدىمۇ ؟<<يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس !>> قەلبىمدە بىر خىل تىخىمۇ ئىللىق سىزىم ، پەقەت تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىللا....
ھۆرمەتلىك تورداشلار ۋاقىتىم قىس بولۇپ قالغاچقا ، ھەم ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇش سۈرئىتىم ئاستا بولغاچقا <<ئەلقۇتنىڭ سەزگۈزەشتىلىرىنى>> مۇشۇ يەرگىچە يوللاپ تۇراي ئاخىرىنى ئامال بار ئىتتىك يوللايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esyankar75 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 12:34 AM