yexilkargay يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 12:57 AM 
نايمانلا دىگەن شۇ زاماندىكى ئۇيغۇرلار شۇما
نايمان بولسا موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ ياشىغان قەدىمكى بىر قەبىلىنىڭ نامى.تىلى تۈركىي تىلغا تەۋە،قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن،كۆپ قىسىم ئاھالىسى شامان دىنىغا ،بىر قىسمى بۇددا دىنىغا ئىشەنگەن،لېكىن خرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇري مەزھبىمۇ نايمانلار ئارسىدا خېلى كەڭ تارقالغان.
نايمان خانلىقى1204-يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ قوشۇنى تەرپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن قالغان قىسمى1208-يىلى نايمان خانزادىسى كۈچلۈكنىڭ باشچىلىقدا قارا قىتانلار دائىرسىگە كۆچكەن . كۈچلۈك ئەينى ۋاقىتتىكى قاراقىتان گۆرخانىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ،ياشىنىپ قالغان گۆرخاننىڭ قىزنى ئۆزىگە ياتىلىق قىلىشغا مۇيەسسەر بولغان ،گۆرخان ياشىنىپ قالغاچقا خانلىق ئىشلىرىنى كۈچلۈككە ھاۋالە قىلغان،لېكىن كۈچلۈك 1211-يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ قوللىشىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ گۆرخاننى نەزەربەنت قىلىپ قاراقىتان خانلىقنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.
كۈچلۈك ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە،قاراقىتان خانلىقنىڭ دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ،بۇددا دىنىنى قارا قىتان خانلىق دائىرسىدە مەجبۇرىي كېڭەيتكەچكە،خانلىقتىكى ئاۋام پۇقرانىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغايدۇ،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا قاراقىتان خانلىقى تەسەرۇپىدىكى كۆپ قىسىم قەبىلە-مىللەتلەر ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ بولغانىدى.1218-يىلى جەبەنىڭ باشچىقىلىدكى موڭغۇل قوشۇنى كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىدۇ،كۈچلۈك مەغلۇب بولۇپ بەدەخشان(ئافغانىستاننىڭ شىمالىي)غا قاچىدۇ ھەم يەرلىك خەلق تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ موڭغۇل قوشۇننىڭ ئۆلتۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 04:23 PM