مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2179|ئىنكاس: 32

سىبىر خانلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 10:38:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىبىر خانلىقى


         سىبىر خانلىقى بولسا  16-ئەسىردە ئاسىيا قىتئەسىدىكى سىبىريەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا  قۇرۇلغان تۈركىي-موڭغۇل خانلىق بولۇپ ،1490-يىلى دەسلەپتە كەرەيلەر تەرپىدىن قۇرۇلۇپ،كېيىن خانلىقىنىڭ تەختى  شەيبان(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرسى،باتۇنىڭ ئىنىسى،جۇچىنىڭ بەشىنچى ئوغلى) جەمەتنىڭ ئەۋلادلىرى تەرپىدىن تارتېۋېلىنغان .ئاھالىسى ئاساسلىقى  تاتار،نېنېت،مانسى،قانتى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئورنى تەخمىنەن ئوب دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن توبول دەرياسىنىڭ ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ.سىبىر خانلىقى 1490-يىلدىن1582-يىلغىچەجەمىئىي   92يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئاھالىسى ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن،ئاساسلىق تىلى سىبىريە تاتار تىلى بولغان،ئاستەنىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى تيۇمېن).



            سىبىر خانلىقىنى ئەسىلىدە تايبۇغا ئىسملىك كېرەي قەبىلسىدىن بولغان كىشى قۇرغان بولۇپ كېيىن شەيبان ئەۋلادىدىن بولغان ئىباكخان سىبىر خانلىقىنىڭ تەختى ۋەئاستەنىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى  تيۇمېن،سىبىريىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا)  نى تايبۇغىنىڭ نەۋرىسىنىڭ  قولىدىن تارتىۋالدۇ.16-ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمغا كەلگەندە ئەسىلىدكى سىبىر خانى يادىكار (تايبۇغا ئەۋلادى) 1556-يىلى رۇسسىيە ئېمپىريىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ،يادىكار 1569-يىلى  كۇچۇمخان(شەيبان ئەۋلادى) تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدۇ، كۇچۇمخان دەسلىپىدە رۇسسىيىنىڭ خوجايىنلىقىغا بويسۇنىدۇ،لېكىن كېيىن يەنە قارشى چىقىدۇ.1579-يىلى چارپادىشاھ كازاكلارنىڭ ئاتامىنى ئېرماك تىموفېيېۋىچ (Ermac Timofeyevich )نى 840كازاك ئەسكىرىنى ئېلىپ سىبىر خانلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ،ئۇلار چۇۋاش تېغى ئاسىتىدىكى توبول دەريا بويىدا بارگاھ قۇرىدۇ،1581-يىلى  ئېرماك كازاك ئەسكەرلەرنى  باشلاپ سىبىر خانلىقىغا تېگىش قىلىدۇ ھەم خانلىقنىڭ ئاستەنىسى چىڭگىتۇرانى بېسىۋالىدۇ.كۇچۇمخان ئامالسىز جەنۇبقا چېكىنىپ رۇس قوشۇنى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىدۇ،يەرلىك خەلىقنىڭ رۇسسىيەگە قارشى كۈرىشى 17 يىل داۋام ئېتىدۇ،1598-يىلى كۇچۇمخان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، شۇنداق قىلىپ سىبىر خانلىقى چاررۇسسىيە تەرپىدىن تولۇق يوقىتىلدۇ.



       سىبىر خانلىقى خانلىرى

      تايبۇغا جەمەتى:

      1.ئون

      2.تايبۇغا

      3.خوجا

      4.مار(ئىباك تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)

      5.ئوبدەر(ئىباك تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن)

      6.مۇھەممەد/مامۇق(ئايبەكنى ئۆلتۈرگەن)

      7.ئابالاق(ئوبدەرنىڭ ئوغلى)

      8.ئاگۇش

      9.قاسىم(مۇھەممەدنىڭ ئوغلى)

      10.يادىكار(كۇچۇم تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)

      11.بەكبۇلات(يادىكارنىڭ ئىنىسى)

      12.سەئىد ئەھمەد(ئېرماك ئۆلگەندىن كېيىن سىبىر خانلىقىنى قايتا تارتىۋالغان،لېكىن 1588-يىلى رۇسسىيە تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان)


      شەيبان جەمەتى:

      1.ئىباكخان

      2.مۇرتازاخان

      3.كۇچۇمخان

      4.ئەلى(كۇچۇمخاننىڭ ئوغلى،ئېرماك ئۆلگەندىن سىبىر خانلىقىنى تىرىلدۈرۈشكە تىرىشقان)

      5.ئاشىم(كۇچۇمخاننىڭ بالىسى،1620-يىلى بىر قالماق ئاقسۆڭەك بىلەن توي قىلىپ،شۇنىڭ دائىرسىگە كۆچۈپ كەتكەن).


      مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc)      تەرجىمدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 10:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matimatika + 59 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:18:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرماكنىڭ 840 ئەسكىرىگە تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولغان بولسا بەك ئاجىز خانلىقكەن بۇ.
ئاڭلىمىغان خانلىقكەن، رەھمەت

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:59:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DILKASH يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 12:18 AM
ئىرماكنىڭ 840 ئەسكىرىگە تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولغان بولس ...

ئاڭلىمىغان خانلىق بولغىنى بىلەن ئىشقىلىپ تارىقتىن بىرنى بىلىۋالدۇق رەقمەت بولسا مۇشۇ ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك تۇنۇشتۇرسىڭىز




http://bilimkop.blogbus.com

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:08:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26347
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 1579 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:31:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىبىر خانلىقىنى كىرەي قەبىلىسى قۇرغان،بۇ خانلىقنىڭ ئاساسى ئاھالىسى قازاقنىڭ ئوتتۇرا يۇزىدىكى كىرەيلەر،نايمانلار،ۋاقلار،ئارغىنلار ھەم تاتار ،نوغايلار ئىدى،سىبىر خانلىقى ئوز ئىچىدىن بولىنگەچكە كۇچى ئاجىزلاپ،روسلار تەرەپىدىن مەغلۇپ بولغان،سىبىر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن،ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولغان ئايرىم بىر قىسىم  كىرەي،نايمان،ئارغىن،ۋاقلار قازاق خانلىقىىدىكى ئوز قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ، قازاقنىڭ ئوتتۇرا يۇزىنى تەشكىل قىلغان.
قازاقلاردا ھازىرغىچە  سىبىر خانلىقىنىڭ خانى كوشۇمنىڭ باتۇرلىقىنى مەدھيلەيدىغان <<كوشۇم خان ۋە سۇزگە سۇلۇ>>دىگەن دەستان بار،ھازىرغىچە خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىدا ئوقۇشلۇقلاردا يىزىلغان،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   balhar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 10:53 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 11:11:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 12:59 AM
ئاڭلىمىغان خانلىق بولغىنى بىلەن ئىشقىلىپ تارىقتىن بى ...

بۇ خانلىقنى بىز پەقەت  تۈركىي-موڭغۇل خانلىقى دېيەلەيمىز،ئۇيغۇر خانلىقى دېگىلى بولمايدۇ،سىبىر خانلىقىنى كۆپ كىشلەر بىلىپ كەتمەيدۇ،  ،مەن تورداشلارغا بۇ تۇركىي -موڭغۇل  خانلىقنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن  ۋىكىپىدىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى ئۆز پېتىچە تەرجىمە قىلىپلا قويدۇم،ئەگەر توغرا بولمىغان  يەرلىرى بولسا تورداشلار كۆرسىتىپ بەرگەيسىلەر.تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشقا مەن تىرىشىپ باقاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 12:56 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 01:01:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DILKASH يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 12:18 AM
ئىرماكنىڭ 840 ئەسكىرىگە تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولغان بولس ...

سىبىر خانلىقى گەرچە‹‹ئاجىز›› بولغان بىلەن ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر رايوندا خېلى تەسىرى بار خانلىق ئىدى،ھازىرقى سىبىريە دىگەن نام دەل مۇشۇ سىبىر خانلىقىنىڭ نامىدىن كەلگەن،سىبىر خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاستانىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى تۈمەن) ھازىرقى رۇسسىيىنىڭ سىبىريىدىكى چوڭ شەھەرلىردىن بىرى(نوپۇسى 500مىڭدىن ئاشىدۇ)،تۈمەن ئوبلاسىتىنىڭ مەركىزى،تۈمەن ئوبلاستىنىڭ نوپۇسى 3مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 01:09 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 01:13:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DILKASH يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 12:18 AM
ئىرماكنىڭ 840 ئەسكىرىگە تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بولغان بولس ...

بۇ خانلىقنىڭ يوقىلشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى سىبىر خانلىقىدىكى تايبۇغا جەمەتى(كەرەي) ۋە شەيبان جەمەتى(موڭغۇل) ئوتتۇرسىدىكى  تەخت تالىشىش نىزاسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 01:22 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 01:19:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت.ئاڭلىمىغان خانلىقكەن،بىلىۋالدۇق.مۇشۇنداق ياخىشى تىمىللىرىڭىزنىڭ مەڭگۇ ئۇزۇلمەسلىگىنى ئۇمۇد قىلىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 07:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 01:13 PM
بۇ خانلىقنىڭ يوقىلشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى سى ...

شەيبان ئۆزبىك ئەمەسمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش