aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 01:35 AM 
ھا ھا ئىككىلىمىز بىر ئەخمەق . سىز يامان بولسىوىز يەھڭد ...
ئانا ـ تىل يېزىقىنى توغرا ئىشلىتىڭ ! نېمدىگەن تۇلا چۈشنىكسىز گەپلەر بۇ ؟
خۇددى ئۈچ ياشلىق ئۇكامدەك گەپ قىلدىكەنسىز ؟ بىردەم يەھۇدىنى ئېلىڭ !
بىردەم يەھۇدىنى توسۇڭ دەيسىز ! ناۋادا ، پىشانەمگە يەھۇدىي قىزىنى ئېلىش
پۈتۈلگەن بولسا ، بۇنىڭغا ئامال يوق . ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ دىنغا كىرگۈزۈپ خۇتۇن
قىلسام بولىدۇ .
يەھۇدىنى توسۇڭ دېگىنىڭىز ، ئېرىدىن ئازار يەپ قالغان جۇۋاننىڭ قاقشىغىنىغا
ئوخشاش بىر تەرەپلىمىلىك گەپ ئىكەن . نەچچە يۈز مىليۇن ئەرەب شۇنچە
قىلىپ توسۇپ بولالمىغان ئىشنى مەن بىر ئادەم قانداق تۇسالايمەن ؟
گەپنى دېسىلا ھىساب ئەمەس . ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا قىلايلى !
باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان قۇلاق مۇللىلىقىنى ماڭا دەپ ئۆزىڭىزنى تۇلا تەقۋا
كۆرسەتمەڭ ! ئانچە ـ مۇنچە ، << قۇرئان >> ئوقۇپ باققان كىشى بولسىڭىز
دىننى ئاز تۇلا چۈشەنگەن بولسىڭىز : قىممىتى بىر ـ ئىككى يۈەنلىك ھەقتىن
ئاشۇرۇپ ھەق ئېلىپ جازانخورلۇق قىلمايىتتىڭىز . سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئۆچ كۆرگەن
جازانخور يەھۇدىيلاردىن نىمە پەرقىڭىز ؟
قۇپال گەپ سۆزىڭىزدىن نادان ـ جاھىل كىشى ئىكەنلىكىڭىز چېنىپ قاپتۇ .
قۇپال ، يامان سۆزلەر مۇسۇلمانغا ، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك كىشىگە ياراشمايدۇ .
<< خۇدانى سۆيسەڭ ، ھەقەمسايەڭنى سۆي >> دەپ ئېيتىلغان .
مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بۇيىنچە سۆزلەيمەن . مەن يەھۇدىنى سۆيەيلى !
ئۇلاردىن ئۆگىنەيلى ! دەپ ماختىغۇدەك گەپ قىلمىدىم . مەن نېمىشقا ماڭا
دۈشمەنلىك قىلمىغان ، مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىنى ئۆچ كۆرىمەن ؟ دېدىم .
دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا تۇرسا... ؟ !
مەن جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى ئىشلارغا قارىغاندا ، ئۆزۈمگە ، ئەتراپىمدىكى ئىشلارغا
كۆڭۈل بولىمەن .
ئەگەر دۇنيادا بىر مۇ يەھۇدى قالمىسا ، بىزنىڭ ئېتىقاد ، تۇرمۇش ، ئەخلاق
قارىشىمىزدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالامدۇ ؟ ھەر گىز بۇنداق بولمايدۇ .
چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ئىتىقاد ، ئەخلاقى مۇھىت ، باشقىلار تەرپىدىن ئەمەس
ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . بەزىلەرنىڭ قارىشى بۇيىنچە ئېيىتقاندا __
ھاراقكەش ھاراق ئىچىپ ، ھاراق بولمىغان بولسا ئىچمەيتتىم . پاھىشخانىغا
كىرىپ ، پاھىشە بولمىغان بولسا زىنا قىلمايىتتىم دەپ باھانە ئىزلىگىنىگە
ئوخشايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-19 01:27 PM