يەھۇدىلارنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسى
ئاپتۇر:مۇختار ھوشۇر
يەھۇدىلار دۇنيا بويىچە ئەقىللىق ۋە باي مىللەتلەرنىڭ بىرى ، ئۇلار 14 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولسىمۇ، ھازىرقى زاماندىكى ئىدېئولوگىيە، سەنئەت،ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا ۋە سىياسىي قاتارلىق ساھەلەردە ھۆكۇمران ئورۇندا تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ 2000 يىلچە سەرسان- سەرگەردانلىق، بالايى - ئاپەتلىك تۇرمۇش كەچۇرۇپمۇ دۇنيادىن يوقىلىپ كەتمىگەنلىكى ، بۇ مىللەتنىڭ قەدىمدىن باشلاپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يەھۇدىلار پەرزەنت تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت بولۇپ، «مەكتەپ سېلىش گۈزەل ئەخلاق» دەپ قارىغان . يەھۇدىلارنىڭ«بارلىق بىساتىڭنى سېتىپ بولسىمۇ، قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل؛ ئۆلىمانىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بارلىقىڭدىن ئايرىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ»،«ئەگەر ئاتاڭ بىلەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە تاشلىنىپ،بۇنىڭدىن بىرىنلا كېپىللىككە ئېلىپ چىققىلى بولسا، ئاۋال ئوقۇتقۇچىڭنى كېپىللىككە ئېلىپ چىق» دېگەن ھېكىمەتلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى كۆرۈۋاغىلى بولىدۇ.
بىر يەھۇدى يازغۇچى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى يازغان: رۇسىيە پادىشاھى نىكولاي 1 ھۆيكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى بىر كىچىك بازاردا، يەھۇدىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش ئۈچۈن ، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىنمۇ قورقمىغان. نامرات يەھۇدىلار بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلى تۆلەش ئۈچۈن «ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامدانلىرىنى ياكى بىردىنبىر ياستۇقلىرىنى سېتىۋەتكەن . مۇشۇنداق ئوقۇش قىزغىنلىقى تۈپەيلىدىن، شۇ يەرلىك يەھۇدىيلار ئارسىدا، بىر ساراڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا ساۋاتسىز ئادەم قالمىغان ...»
يەھۇدىي مىللىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى خېلى قەدىمكى دەۋردىن تارتىپلا باشلانغان،«بىبليا» نىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، خەلىققە ۋە بالىلارغا تەربىيە بېرىش توغرسىدىكى پەند-نەسىھەتلەر ئۇچرايدۇ،«مەسەللەر»دە: « بالىلارنى تەربىيلەپ،ئۇلارنى توغرا يولدا ماڭىدىغان قىلىپ چېقىش كېرەك»دېيىلگەن. «يوشۇئا»دا :«قانۇننامەنى ئاغزىدىن چوشۇرمەي، كېچە- كۈندۇز قىرائەت قىل» دېيىلگەن ھەمدە ئاتا - ئانىلاردىن بالىلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇرراق مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىش تەلەپ قىلىنغان .
مىلادىيەدىن ئىلگىرى 1- ئەسەردىلا، يەھۇدىلار ئارىسىدا مەكتەپلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان . بۇلار ئاساسلىقى بالىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقارغان.بۇنىڭ بىلەن، مەجبۇرى مائارىپ سىستېمىسى تەدرىجى شەكىلەنگەن.مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 75- يىلى يەھۇدىلار بىر مائارپ پىلانىنى توزۇپ چىقىپ،كەڭ كۆلەمدىكى باشلانغۇچ مائارىپىنى يولغا قويغان .«ھەر قايسى يەھۇدىي ئۇيۇشمىلىرى ئىجتىمائىي مائارىپقا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بىرىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشى شەرت»دېگەن بەلگىمىلەر يولغا قويۇلغان. مىلادىيە 64- يىلىغا كەلگەندە ،«ھەربىر يەھۇدىي ئۇيۇشمىسى جەزمەن مەكتەپ سېلىشى، ئالتە ياشتىن يوقىرى بالىلارنى چوقۇم مەكتەپكە ئاپىرىپ كېتىش كېرەك»دەپ بەلگىلىمە چىقىرىلغان. ھەربىر ئويۇشما مەبلەغ چىقىرىپ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش توغرسىدا بەلگىلمە چىقىرىپ ،مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى قانۇن جەھەتتە مۇكەممەللەشتۈرگەن. شۇ مەزگىلدىن باشلاپ،يەھۇدىلاردا مۇنتىزىم مەكتەپ مائارىپى باشلانغان ، كېيىنكى چاغلاردا ، يەھۇدىلار بۇ ئەنئەنىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ،ئۇ ھازىرقى زامان مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىسىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.
مىلادىيە 70- يىلى 70 نەپەر يەھۇدى ئۆلىماسىدىن «تۆھپىكارلار پالاتاسى» شەكىللىنىپ ،ئۇنىڭ فۇنكىسىيەسى ئىلگىرىكى «قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتى» دىن «ئالىي بىلىم يۇرتىغا » ئۆزگىرىپ، ئالىي مەئارىپ سىستىمىسى بارلىققا كەلگەن .
يەھۇدىلار تارىخىدا، مەكتەپنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن قورقمايدىغان سانسىزلىغان قەھرىمانلار بارلىققا كەلگەن ، يەھۇدى مىللىتى يەنە «كىتاپ مىللىتى» دەپمۇ ئاتالغان .
ھازىرغىچە، ئامىرىكىدىكى « نوبىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشگەن 100 نەچچە ئادەم ئىچىدە يەھۇدىيلار يىرىمىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ئامىرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ پىروفىسسۇرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى يەھۇدىي ،ئادۋۇكاتلارنىڭ تۆتتىن بىرى يەھۇدىي، ئەدەبىيات -سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ60% يەھۇدىي، مىليونىرلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى يەھۇدىلار ئىكەن . 1984-يىلغىچە يەھۇدىلاردىن 98 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا ئىلمى بويىچە 30 كىشى، خىمىيە بويىچە 15 كىشى، فىزىيولۇگىيە ۋە تىببىي ئىلىم بويىچە 33 كىشى، ئىقتىسادشۇناسلىقتىن 7 كىشى ، ئەدەبىياتتىن 8 كىشى، تىنىچلىق مۇكاپاتىدىن 5 كىشى ئىكەن ، بايقىلىشچە، يەھۇدىلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان.
ماركىس يەھۇدىلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى بولۇپ ،كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن زېھنى ۋە پۇتۇن ئۆمرىنى بېغىشلىغان .مەشھۇر ئەسىرى«كاپىتال»نى يېزىش ئۈچۇن 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان .
ئالىملار ئىچىدە ،«نىسپىيلىك نەزەرىيەسى»نى ئىجاد قىلغۇچى، «ھازىرقى زامان فىزىكا ئاتىسى» ئېنىشتىيىن،« ئاتۇم تىنىچلىق ئاتىسى» سلارد،«ئاتۇم بومبىسى ئاتىسى» ئوپىن ھېيىم ، «ۋودورود بومبىسى ئاتىسى» تېللىر، قابىلىيەتلىك قىزىكا ئالىمى فېيمان، «يۇتقۇچى ھۇچەيرىلەر نەزەرىيىسى » نىڭ ئاساسچىسى مىچىنىكوف، «دۇنيا تىلى ئاتىسى » چايمىنخوف قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي .
يەھۇدي ئىقتىسادشۇناسلارمۇ بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ ؛ داۋىد رىكاردو، سامو ئېلىسىن ، ئارتور بېزىنىس ، خەيىر بوتسىنىر ، سىميۇن قاتارلىق بىر توركۇم مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي .
يەھۇدىي مىللىتىنىڭ مېدىتسىنا ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسىمۇ زور . ئاناتومىيە ۋە پاتالوگىيە ساھەسىدە ئىشىلتىۋاتقان «ھېنرى ھالقىسى »، «ھېىنىر قاپچۇق پەردىسى »، «ھېنىرى ھىرقى»، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدي مېدىسىنا ئالىمى ھېنىرىنىڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ . تېرە كېسەللىكلىرى ساھەسىدىمۇ يەھۇدىلار ئەڭ ماھىر ھېسابلىنىدۇ ، ھەتتا گېرمانىيەدە تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى «يەھۇدى ئىلمى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ پېنسىلىن ئوكۇلىنىڭ كەشىپ قېلىنىشى مېدىتسىنا تارىخىدىكى بىر چوڭ نامايەندە ، بۇنىمۇ يەھۇدى ئالىملىرى بايقىغان . «ئورگانىڭ خىمىيە»نىڭ ئاساسچىسى ۋون بايىر ۋە شېۋىنىد ، پويىن ، لىپمان ، ۋىستارت، كارو ، ھېنرى ، درفىس قاتارلىق داڭلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي، ئۇلانىڭ كۆپ قىسمى«نوبىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن .
نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەدىكى ھەر 5 ئادەمگە بىر پارچە گېزىت توغرا كېلىدىكەن : كەنت بازارلىرىغىچە ئىنتايىن كۆركەم كۈتۇپخانا ۋە قىرائەتخانىلار بولۇپ ، كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان كىتاپ نىسبىتى دۇنيا بويىنچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىكەن ...
ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە روھى بايلىقى مائارىپتىن كىلىدۇ . بىز يەھۇدىلارنىڭ مائارىپىغا يۇكسەك ئەھمىيەت بېرىش، كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ۋە جاپانى يېڭىپ تىرىشىش ئەنئەنىسىدىن ئىلھام ئىلىش كىرەك.
مەن يەنە ئازراق قوشۇپ قۇياي:
يەھۇدىيلار پەرزەنتى كىچىك ۋاقتىدىلا كىتابنىڭ ۋاراقلىرىغا ھەسەل سۈركەپ پەرزەنتىگە تىلىنى تەككۈزۈپ يالىتىدىكەن . بۇنداق قىلىش ئارقلىق ئۇلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا < كىتاب تاتلىق > دېگەن ئۇقۇمنى كاللىسىغا مەھكەم ئورنىتىۋېتىكەن . شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار كىتىبخۇمار ، بىلىم ئېلىشقا ھېرسمەن خەلق بولۇپ يتشىپ چىقىدىكەن . مانا بۇ ئەنئەنە يەھۇديلاردىن كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ چىقىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن .
شۇڭا بىزنىڭمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان يەرلىرى بولسا قوبۇل قىلىپ ، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ ، كەلەۈسىنىڭ ئۈمىدى ، كېلەچەكنىڭ ئىگىسى بولغان پەرزەنلىرىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئوبدان تەربىيلەپ ، جەمئىيەتكە كېرەكلىك ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقساق .
سەمىمى ئەسكەرتىش : ئەسلى يازمىدىكى تېما ئۇزۇنلىقى چەكتىن ئېشىپ كەتكەچكە تېما يوللىغاندا بۇ ئىسىمنى قوللاندىم . ئەسلى تېمىنىڭ ماۋزۇسى تېما مەزمۇنىدىكىدەك . تورداشلارنىڭ مېنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلمەن .
سىز نۆۋەتتە كۆرىۋاتقان يازما دانىشمەن مۇنبىرى دىن كەلگەن ، ئەسلى يازما ئادرېىسى :
http://bbs.danixman.com/read.php?tid-855.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-18 10:57 AM