مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ulus

ئىسلامىيەت ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 03:51 PM
مەنمۇ سىزگە دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمەن،بىر سوئالنى قايت ...

بۇرادەر ئەمەس ، مەن قىز .
مەن سوئالنى قايتا سورىمىدىم ، ئىككى سوئالىمنىڭ پەرقى بار . نەپرەت كۆرسەتكەن ھەدىسنىڭ تەھلىلىنى يىغىپ كەلسەك ‹ ئەگەر سۈرەت، رەسىم، ھەيكەللەر دىنىي تۈس ئالمىسا ، ئەخلاق دائىرىسىدە بولسا قىلسا بولىدۇ ، بولمىسا دوزاخقا كىرىدۇ › دېگەن مەنا چىقىدىكەن . دېمەك رەسىم ھەيكەللەر مەن دېگەندەك دىنىي تۈس ئالمىسا ، ئەخلاق دائىرىسەدە بولسا ، بۇنىڭغا يەنە گۇناھ يېزىلامدۇ دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرماقچى .
مېنىڭچە ئايدىڭلىشىپ بولغاندەكمۇ قىلىدۇ ...
مەن ھەدىسكە سەل قارىمىغانلىقىم ئۈچۈن سوراۋاتىمەن . بولمىسا مېنىڭمۇ چاتىقىم بولمايتى .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:22:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 11:10 PM
بۇرادەر ئەمەس ، مەن قىز .
مەن سوئالنى قايتا سورىمىدىم  ...

مەن تىخى باش سۈرىتىڭىزگە قاراپلا بۇرادەر دەپ ساپتىمەن كەچۈرۈڭ! دىنغا مۇخالىپ بولمىغان بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالاممۇ سىزماڭلار دىمەيتى!ئىسلامنىڭ باشقا دىنلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ!مەسىلەن ناسارالارمۇ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ چىركاۋلارغا چاپلايدۇ دىققەت قىلغان بولسىڭىز كىرەك چەتنىڭ كىنولىرىدىن!شۇڭا دىنىمىز ھىچقانداق دىنغا ئوخشىمايدۇ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 04:22 PM
مەن تىخى باش سۈرىتىڭىزگە قاراپلا بۇرادەر دەپ ساپتىمە ...

ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئۈچۈن . ئىسلام دىنىدا يات دىنىي تۈس ئالغان رەسىم ھەيكەل بولسا ئەلۋەتتە چەكلەيدۇ . ئەگەر دىنىي تۈس ئالمىسىچۇ ؟ بايىنىڭ ياقى سوراۋاتقىنىم شۇ ئىككى خىل خارەكتېرلىك سۈرەت ھەيكەللەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ شۇنى سورىدىم .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 11:33 PM
ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئۈچۈن . ئ ...

ھەر قانداق ھەيكەل جانلىقنىڭ ھەيكىلى،مەنزىرە ئىپادىلەنگەن ھەيكەل سەنئەت دۇنياسدا تىخى بارلىققا كەلگەن ئەمەس،مەسىلەن ۋىناس ھەيكىلى،زىۋىس ھەيكىلى ھەممىسى ئىلگىرى يۇنان بۇتپەرەسلىرى چوقۇنغان نەرسىلەر سەنئەت پەقەت مەنزىرنى ئىپادىلشى كىرەك!بىراق بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئالدى بىلەن تىز سىزما،سىدام سىزمىدا جانلىقنىڭ رەسىملىرىنى سىزىدۇ!شۇڭا بۇ كەسىپنى ئۈگىنىش تازا ياخشى ئەمەس!(ئەلۋەتتە مەن مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى شۇڭا بۇ كەسىپنى باشقىلارغا قارىغاندا بەكىرەك چۈشىنىمەن،شۇڭا بايام سۆزلەپ قالدىم!لىكىن مەن مەنزىرە رەسىملىرىنىلا سىزىمەن)

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ رەسىم سىزىمەن ، ئەمما مېنىڭ كەسپىم رەسىمگە قارىغاندا چىنلىقى يۇقىرىراق ، مەن فىلىم ئىشلەيمەن . شۇڭا بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم .
ھەيكەللەر دىنىي تۈسلا ئەمەس ، ئابستىراكىت ئۇقۇم بېرىدىغان ھەيكەل رەسىملەرمۇ بار ، نۇرغۇن ئۇقۇم چىقىدۇ ، ئويلاپ تېگىگە يېتىپ بولالمايدىغان رەسىم ، ھەيكەل ، فىلىملار بار .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 01:07:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
خەلىققە ھەقنى يەتكۈزەلمەي ئاۋارە بولۋاتسا.نېمىشقا دىننى بۇرمۇلايدىغاندۇ؟
تالىباننى ئۇنى بۇنە دىمەيلى!سىزبىزلەر ئۇلارنى قولىغا سۇقۇيۇپ بېرەلمەيمىز.
ئاللاھقا شېرىك بولىدىغان نەرسىگە قانچىلىك تارىخى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇدۇنيادا ئورۇن يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 02:55:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
مىلادى 630- يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر مەككىگە كەلگەندە بۇ يەردىكى پۇتپەرەسلەر ئۈچۈن تەڭرى ھېساپلانغان 360 بۇتنى چېقىپ تاشلىغان. بۇ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى پۇتپەرەسلىكنىڭ ئورنىنى بىر خۇدالىق ئىسلام دىنىنىڭ ئىگەللىگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
توغرىسى مۇنداق:
مىلادىيە 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررىمەگە ھەج-تاۋاپقا كەلگەندۇر.شۇنداقلا ئۆز قولى بىلەن ئاللاھنىڭ كەبىسىنى بۇتتىن ۋە بۇتپەرەسلىكتىن تازىلىغاندۇر .
.....................................
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن-ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لىگەنلەرنى، ئورنىدىن مىدىرلاتقىنى بولمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى. ئى داۋۇت ئائىلىسى بۇ نىمەت ئۈچۈن(ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىڭلار. لېكىن قۇللىرىمدىن (قەلبى ۋە تىلى بىلەن) شۈكۈر قىلىدىغانلار ئازدۇر››(11) دېگەن بىر ئايەت بار.  بۇ ئايەتتە ھەيكەل كۈچنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە تۇنۇتۇلغان. ‹‹قۇرئان››دا مەھىيىلىنىپ تۇرۇپ سۆز ئېچىلغان بىر سەنئەتنىڭ چەكلىنىشى ئىسلامىيەتكە يات بولغان بەزى ئويدۇرمىلارنىڭ تەسىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن.
توغرىسى مۇنداق:
يۇقارقى ئايەتتە تىلغا ئىلىنغان "ھەيكەل" ئىبارىسىنىڭ ئىپادىلىگىنى ھەرگىزمۇ سىز ئەيتقان ھەيكەل ئەمەس، بەلكى "شەكىل" مەناسىنى بىرىدىغان ئىبارەتتۇر، شەكىل دەپ ھەرقانداق شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنى ئاتايدۇ، ئەمما قۇرئانى كەرىمدە رەت قىلىنغان ھەيكەل  ئىنىقلا مەبۇد ئورنىدا كۆرۈلگەن ھەرقانداق چوقۇنۇش ئوبىكتىدۇر.
...................
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
مىسىردىكى فۇستاتتا تولۇنىيە جامىسىنى سالدۇرغان ئەھمەدنىڭ ئوغلى ھۇمارۋەيخنىڭ سالونلىرى ھۆكۈمدار ئائىلىسىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزەلگەن ۋە تاملىرىغا ئالتۇن ھەل بىرىلگەن ساراي ياساتقانلىقى،  تۇغرۇل بەگنىڭ باغداتتا تاج كىيىش مۇراسىمىنىڭ خاتېرىسى سۈپىتىدە  قابارتما تەسۋىرلىك بىر ئالتۇن مېدالنىڭ ياسىتىلغانلىقى، سەلجۇقلار دەۋرىدىكى قابارتما ھەيكەل سەنئىتىگە ئائىت ئەسەرلەر، كونيادىكى باغچىلارغا مەرمەر ھەيكەل تۇرغۇزغان قىلىچ ئارسلان‖ نىڭ ساراينىڭ دەرۋازا ۋە تاملىرىنى ئادەمنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىزىگەنلىكى، ئالائىددىن كەيقۇبادنىڭ كونيا سېپىلىنى قاپارتما بىلەن بىزىگەنلىكى ۋە  سۇلتان كەيخىسراۋ ‖ قاتارلىق تۈركمەن بەگلىرىنىڭ   ئۈستىگە ئادەمنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ پۇل قۇيدۇرغانلىقى     تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ نە قەدەر ئەركىن تەپەككۇرلۇق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن بىرلىكتە رەسىم ۋە ھەيكەلتاشلىق سەنئىتىنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئەقىدىسىگىمۇ زىت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توغرىسى مۇنداق:
تولۇنىيە،سەلچۇقىيە...قاتارلىق تۈرك خانلىقلىرىنىڭ جانلىقلار سۈرىتىنى ۋە ھەيكەل، نەقىشلەرنى مەقبۇل كۆرۈپ ئىشلەتكەنلىكى...شۇلارنىڭ خاھىشى بولۇپ، ئۇنى ئىسلامنىڭ شەرئىي دەلىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ .شەرئىي دەلىل پەتىۋا بىرىش سالاھىىگە ئىگە ساغلام ئەقىدىلىك كىشىلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
............................
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
خۇلاسە ئورنىدا پىكرىمىزنى ‹‹پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى›› بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بىر سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: ‹‹دۇنيادا مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلگىرى باسماقچى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت جەزمەن ھەيكەل ياساپ، ھەيكەلتاراش يىتىشتۈرىدۇ. ئابىدىلەرنىڭ ئۇ يەرگە ياكى بۇ يەرگە تارىخىي خاتىرىلەر سۈپىتىدە تىكلىنىشىنىڭ دىنغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەر دىن ھۆكۈملىرىنى دېگەندەك دەرىجىدە تەتقىق قىلمىغانلاردۇر.››.

توغرىسى مۇنداق:
مۇستاپا كامال ھىچقاچاندا "پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى" بولۇپ باقمىغان، بۇ سىپى ئۆزىدىن كۆزى كور تار مىللەتچىلەرنىڭ رادىكال قارىشىدۇر!...
سىزچە مۇستاپا كامال دىنىي ھۆكۈمنى بەك تەتقىق قىلغان ئوخشىمامدۇ؟...ئۇنىڭ ئىسلام فىقھىسىگە ئالاقىدار كىتاپلىرى بار ئوخشىمامدۇ؟...ياكى مۇستاپا كامالنى غەرپپەرەس ئالمانىيلەر "ئاتا تۈرك" دەپ ئۇلۇغلىغاندەك...سىزچە مۇسۇلمان تەۋھىدچىلەرمۇ "ئاتا ئىسلام"دەپ ئاتىشى كىرەكمۇ؟...نەئۇزۇبىللاھ!....
...........................
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
لېكىن، سەنئەت مەقسىتىدە ياسالغان بىر ھەيكەلگە پۇتپەرەسلىككە سەۋەپ بولىدۇ دېگەن چۈشەنچە بىلەن قاراش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى چەكلەش ئىسلامىيەتنىڭ روھىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ.  
توغرىسى مۇنداق:
جانلىقنىڭ سۈرىتى تەققاسلانغان ھەرقانداق ھەيكەل ياكى سىزما شەرئىي قاراشتا چەكلىنىدۇ. چۈنكى قىيامەتتە شۇ ئەسەرنى ئىجات قىلغۇچى ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈشكە بۇيرۇلىدۇ .
جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
اﷲ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۇتلارغا چوقۇندى)، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر [190]. ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ قا شېرىك كەلتۈرەمدۇ! [191]. ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ [192]. ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر) [193]. سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن [194]. ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرۈدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن اﷲ قا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن) [195]. 7-سۈرە ئەئراف .
..................
يۈسۈپجان ياسىن مۇنداق يازىدۇ:
شۇ سەۋەپلىك، ئىنساننىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ۋە ئەقلىگە تايىنىپ، تەربىيە بىرىش ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىش  ۋەزىيىتى يارىتىشتا ئىلھام بۇلىقىنى تەشكىل قىلىش، ئىنسانلارنىڭ بەختى ۋە سائادىتى ئۈچۈن كۈچ قوشقان بۈيۈك ئىنسانلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاش مەقسىتىدە يارىتىلغان ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى ئىسلامىيەتكە زىت  بولغان بىر مەشغۇلات دەپ كۆرسىتىش ئەلبەتتە ئىسلامىيەتنىڭ توغرا ۋە مۇكەممەل بىر دىن ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ‹‹قۇرئان››نىڭ ئالەمشۇمۇل ۋە مەڭگۈلۈك بىر كىتاپ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئۇرىنىدىغان بىر قاراشتۇر. ‹‹قۇرئان››نىڭ ھېچقانداق بىر يىرىدە شېئىر، رەسىم، مۇزىكا ۋە ھەيكەلنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى بۇ خىل سەنئەتنىڭ گۇناھلىق بىر مەشغۇلات ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق يوق.
توغرىسى مۇنداق:
يۇقارقى قاراشنىڭ ئەكسىچە قۇرئانى مۇقەددەستە ۋە ھەدىس شەرفتە يۇقارقى قاراشلاردا ھالال سانالغان نەرسىلەر توغرىسىدا  ھاراملىقى ھەققىدە ئىنىق ھۆكۈم بار.
26- سۈرە دە
شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ [224]. ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ [225]. ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ [226]. پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اﷲ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ [227].
دىيىلگەن ئىنىق ئايەت بار..............
.........................
................
يازمىڭىزنىڭ داۋامىنى ئوقۇمىدىم....شۇنىسى ئىنىقكى...كىمىكى قۇرئانى كەرىمدە ياكى سۈننىتى رەسۇلۇللاھتا ئىنىق ھۆكۈم بار ھارام ئىشنى ئۆز رەيى بىلەن ھالال دىسە...ئۇ كاپىر بولىدۇ. ھالال ياكى ھارام قىلىش ئاللاھنىڭ ھوقۇقىدۇر.
ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلىش كۇفىردۇر .
...............
ئۇيغۇرلاردا شىئىرىيەت، مۇزىكا، رەسىم، ھەيكەلتاراشلىق ئىسلامىي ئەقىدىلەر سەۋەبىدىن ياقتۇرۇلمايدۇ.بۇ ھەقتە قايىل قىلارلىق دەلىللەرنى پەقەتلا پەتىۋا بىرەلىگۈدەك سالاھىيەتتىكى ئالىملىرىمىزدىنلا قوبۇل قىلىمىز. ئىنسانىي ئىلىم ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلالىغان بولسا، جانابى ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ساۋاتسىزلاردىن ئەمەس، ئالىملار ئارىسىدىن تاللىغان بولاتتى.ئىسلام ئىلىملىكلەرنى قەدىرلەيدۇ، ئەمما بۇ ئىلىم گالنى تونۇيدىغانلارنىڭ ئىلمى ئەمەس، بەلكى ھەقنى تونۇيدىغانلارنىڭ ئىلمىدۇر.
...........
ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن ھەيكەلتاراشلار، رەسساملار، مۇزىكانتلار،يازغۇچىلار چىقتى، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئومۇمىي يۈزلۈك سۆيۈلمىدى.
يۇقارقى ئىسلامىي تەلەپپۇزدا شىۋىرلىغان شەيتانى قاراشلار بىلەنمۇ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش تەس!...چۈنكى رەسساملىقنى، ھەيكەلتاراشلىقنى، شائىرلىقنىڭ باتىللىرىنى، مۇزىكانتلارنىڭ شەھۋانىيلىرىنى...ئىسلامىيەتىن كىيىنكى كۆپ سانلىق خەلقىمىز ھىچقاچاندا  دۇرۇس كەسپ قاتارىدىن كۆرمىگەن.بۇ ئۇدۇمنى تۆت ئىغىز ئىسلامدا ھەل بىرىلگەن ئالمانىي قاراشلار بىلەنلا ئۆزگەرتىپ، بازار تاپالمايۋاتقان گالارىيەلەرنى ۋاچ-ۋاچ بازارلىق قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ!....يۇقارقى يازمىنىڭ شۇنداقراق مەقسەتتە يىزىلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىمەن. يۇقارقى يازما ئىسلام ئۈچۈن بولغىنىدا ئىدى، ئىسلام  ئالىمىدە ھەممە ئىتىراپ قىلغان ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئەقىدىسىدىكى ئوتتۇرا يول تۇتقان مۇفتىلاردىن دەلىل ئالغان بولاتتى .
.....................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
samsaq + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 03:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 11:15 AM
بىرەيىڭلار ماڭا ‹ ئىسلامدا ئادەم رەسىمى سىزسا بولماسل ...

مۇقەددەس قۇرئانى كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرفتە ھىچقانداق رەسىملەرنىڭ بولمىغانلىقى سىزگە دەلىلگە يەتمەسمۇ؟....
ىسلامنى ھەق دىن دەپ تونۇغانلار بۇ ھەقتە دە-تالاش قىلىشمايدۇ.
ئىسلام ئۈممىتىنى ھەق يولدىن چىقىرىشنى كۆزلىگەنلەرلا تۈتەك ئارقىلىق ھەقنى ياپماقنى ئىستىسە كىرەك؟...
بۇتنى، ھەيكەلنى، شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى. پاك بولمىغان ھەرقانداق نەرسىنى جانابى ئاللاھ ھارام قىلغان.
.................................
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە پات-پات ئىسلام فۇقۇھالىرى ئاللىقاچاندا ئىنىق دەلىللەر بىلەن رەت قىلغان باتىل قاراشلار ھەققىدە ...ئاقلامچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ...بايانلار يوللىناركەن.
سىلەرنىڭ يۇقارقى مەسىلىدە باشقىچە قاراشلىرىڭلار بولسا...مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈم-پەتىۋا بەرگەن كىشىلەرگە بايان قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
..............
بۇ يەردە بۇ ھەقتە سۇئال تاشلايدىغانلار پەقەتلا سۇنى لىيىتىپ بىلىق تۇتىدىغانلار بولۇشى مۈمكىن.
.......................
ۋەللاھۇ ۋەلىيۇل مۆئمىنىينە!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 03:12:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشراپ نىڭ ۋە ئەلتىۋىپنىڭ «ئىچىمىزدىن...» دىگەنلىرى جايىغا چۈشمەپتۇ.
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بامىياننى قوغدىغۇچىلار چىقىدۇ، شۇڭا ئىچىمىزدىن بۇتنى چاقىدىغان تەلۋىلەر چىقتى دەپ يالغان ئەيتماڭلار!....
بۇتنى چاققۇچىلار ئارىسىدا سىلەرمۇ يوق !..................
ئىنساننىڭ لايغا چوقۇنىشىنى مۇقەددەس بىلگەن نادانلارنىڭ مەدەنىيەت ھامىيلىرى بولۇۋىلىشقانلىغى ئەڭ زور كاززاپلىقتۇر!....
بۇتپەرەسلىك خاتا بولغان ئىكەن، ئۇنى رەت قىلىش كىرەك بولىدۇ!...بامىياننى قوغداش ئۈچۈن چۇقان كۆتەرگەنلەر ياپونىيە ۋە ئىسلامنىڭ قارشىسىدىكى كىشىلەردۇر.....
.............
سىلەر ھەققانىيەتنى قوغدىماقچى بولساڭلار...ھىندىستاندىكى كالىنى بوغۇزلاپ يىمەكچى بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلىۋاتقان...بىر كالا ئۈچۈن نەچچە يۈزلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان...بۇددا دىنى ئەقىدىسىدىكى ھىندى پىرلىرىڭلار يىنىغا بىرىپ ۋەز ئەيتىڭلار!...
ياكى بۇددا ساڭراملىرىغا بىرىپ ساكيامۇنىغا سەجدە قىلساڭلارمۇ ھىچكىم سىلەرنى توسمايدۇ!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-13 03:18 AM  


ئۆلۈم -ئەڭ يېتەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51936
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5826
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-8-17
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 05:10:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئە  لەيكۇم!يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپجاننىڭ ،ۋە گۈلەن ، داۋۇت ئۇبۇلقاسىملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈر گە باي ھۆرمەتلىك زىيالىلىرىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق.ئەمما شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش كېرەككى ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ماھىيتىدىن چۈشىنىشى يېتەرسىزكەن .ئۇلار ھەدىسە ئۆزىنىڭ ئەقلىگە ئىشىنىپ باشقىلارنى دىنى ئاشقۇنغا چىقىرىپ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى مىللەتپەرۋەر لىككە بويسۇندۇرماقچى بولىدىكەن ،مەن بۇ يەردە ئۇلارغا قۇرئان تەپسىرلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشنى،ئىسلام تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشنى،ھەدىسلەرئىلمى ھەققىدە ئىزدىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.يۈسۈپجان ياسىن سىز مۇستاپا كامالنى نەقىل كەلتۈرۈپسىز.ئىسلام تارىخنى ۋە بۈگۈنكى غېرىپ ئىسلامنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان ئادەم ،ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى يوليۇرۇقلارنى سىلىشتۇرغان ئادەم ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلىدۇ.سىز <<20-ئەسىردىكى جاھىلىيەت>>،<<ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى>> <<تۈزىتىشكە تېگىشلىك چۈشەنچىلەر>>دىگەن  كىتاپلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.يۇقىردىكى ماقالىڭىزدە قۇرئاندايوق دەپ شئىېر،مۇزىكا ،ھەيكەل،...ھەققىدە ئاتالمىش پەتىۋا پېچىپسىز . پەتىۋانى مۇجتەھىد ئۆلىمالار بېرىدۇ.ئىسلامدا نەقىل 1-ئورۇندا ئەقىل 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. نەقىل دېگەن ئاللاھ ۋە ئەلچىسىنىڭ سۆزى.باشقىلار نىڭ ئەقلى نەقىل ئالدىدا رەت قىلىنىدۇ.قۇرئاندا يوق دەپ كېسىپ ئېيتىپسىز ،خۇددى تەپسىرشۇناستەك.ئايەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا مۇھىمى ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭ شەرھىيلىرىگە مۇراجەت قىلىش كېرەك .چۈنكى ھەدىس قۇرئاننىڭ تەپسىرىدۇر.مەسلەن ناماز نىڭ ئۇقۇلۇش ئۇسۇلى ھەققىدە قۇرئاندا يوق ،ئەمما ھەدىستە كۆرسىتىلگەن .ئاللاھ بىلەن ئەلچىسىنى ئايرىۋىتىپ دىننى چۈشىنىمەن دېيىش خاتادۇر.<<سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى>>284-بەتكە قارالسۇن:1-ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رېۋايەت قىلىپ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭمۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا قالىدىغانلار جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچىلاردۇر .2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رېۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆيىدە جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمى بار بىرەر نەرسىنى كۆرسىلا،ئۇنىڭ رەسىمىنى بۇزۇپ تاشلايتتى. 3-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلكىنى ئاڭلىغان ئىدىم،كىمكى دۇنياداجانلىق نەرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن ،قىيمەت كۈنى ئۇئادەم ئۇنىڭغا جان كىرگۈ زۈشكە زورلىنىدۇ،ۋاھالەنكى ئۇ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزەلمەيدۇ.ھەدىسلەرنىڭ  شەرھىيسىگە قاراڭ:بۇلار جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۆرەت ۋە ھەيكەللىرىنى ياساشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،مەقسەتلىك ھالدا بۇلارنى چوقۇنۇش ئۈچۈن سىزىدۇ ياكى ئۇيۇپ ياسايدۇ،ئۇلار ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغانلىقتىن پىرئەۋىن كىرگەن دەۋزەخكە كېرىدۇ،چوقۇنۇشنى مەقسەت قىلماي ياسىغانلار بولسا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ:ئۆلىمالار جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىملىرنى سىزىشنى قاتتىق ھارام دېگەن ،بۇ گۇناھى كەبىرگە كىرىدۇ.........داۋامىنى شۇ كىتاپتىن تەپسىلى كۆرۈڭ.    2-ئىسلام دىنى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ناخشا -مۇزىكىلارغا ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىدۇ :شئېرىيەتكە قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:<<لەبىيدنىڭ مۇنۇ سۆزى شائىرلارنىڭ سۆزلىرى ئارسىدا ئەڭ راست سۆزدۇر-دۇنيادا بىكاردۇر باشقا بارلىق نەرسە. ئۇ مەييە ئىبنى سەلىت ئۆز شېرلىرىدا ئىمان ئېيتقىلى ئازلا قالغان ئىدى>>-بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن . خەندەك كولاۋاتقاندارەسۇلۇللاھمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ ياخشى شېئرلارنى ئۇقۇغان،مەزمۇنى ساغلام ،سۆز-ئىبارىلىرى جانلىق،تەسىرلەندۇرۇش  كۈچى يۇقىرى،ئىسلامنى كۈيلەيدىغان،باتۇرلۇققا ئۈندەيدىغان شئېرلارنى ئوقۇش دۇرۇس.ئەمما چاكىنا،بىراۋلارنى ئورۇنسىز ماختايدىغان،خۇشامەتچىلىككە ياتىدىغان،چۈشكۈن مۇھەببەتنى  ۋە ئىسلامى ئەقىدىگە زىت ئىشلارنى مەدھىيلەيدىغان شئېرلار ھارام. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:<<بىرىڭلارنىڭ ئىچى شئېر بىلەن تولغاندىن كۆرە يېرىڭ بىلەن تولغىنى ئەلۋەتتە تۈزۈكتۇر. -بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن . <قۇرئان كەرىم > سۈرە شۇئەرادىكى ئايەتلەرگە قاراڭ:  <<شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ(224)ئۇلارنىڭ<سۆز >ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟<225>ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلەرنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ(226).پەقەت ئىمان ئېيتقانۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،اللە نى كۆپ زىكىر قىلغان،زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ،زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (227)  تەرجىمە قۇرئان377-بەت .    ناخشا- مۇزىكا،ئۇسۇل قاتارلىقلار توغرىسىدا اللە مۇنداق دېگەن:<<بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن (كىشلەرنى اللە نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن)بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ>>سۈرە لوقمان 6-ئايەت.اللە يەنە مۇنداق دېگەن<<ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىدىغان ناخشا -مۇزىكىلار بىلەن)قوزغاتقىن>>بەنى ئىسرائىل 64-ئايەت.   پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن<<مېنىڭ ئۈممىتىمدىن زىنانى،يېپەك رە ختلەرنى كىيىشنى،ھاراق ئىچىشنى،چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر چوققۇم مەيدانغا كېلىدۇ>>-ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن.  ناخشا- مۇزىكىلار ھەقىقەتەنمۇ بىھۇدە گەپ.دۇنيادا ھىچقانداق ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسۇل ئويناپ،مۇزىكا چېلىپ  شەھەر ئالغان يوق . ئائىشە ئانىمىزمۇنداق دېگەن<<ئەنسارلاردىن بولغان ئىككى قىز ھېيت كۈنلىرى بۇئاس قوشىقى ئېيتىپ ئويناۋاتتاتتى.ئەبۇ بەكرى كىرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە شەيتاننىڭ نەغمە-ناۋالىرى ياڭراۋاتىدىغۇ دېدى.رەسۇلۇللاھ ئى ئەبۇبەكىر ھەر قانداق قەۋىمنىڭ ھېيتى بولىدۇ.بۈگۈن بىزنىڭ ھېيتىمىز دېدى>>-ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.يۇقىرقى ھەدىسكە ئاساسەن بەزى ئالىملار ھېيت كۈنلىرىدە مەزمۇنى ساغلام بولسا  ناخشا- مۇزىكا بىلەن تەبرىكلىسە بولىدۇ دەپ قارىسا يەنە كۆپلىگەن ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ناخشا- مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتقان جايدىن قۇلىقىنى ئېتىۋلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئەرەپلەرنىڭ بىر مەشرىپنى كۆرۈپ باقاي دەپ بارغاندا اللەنىڭ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويغانلىقىغا ئاساسلىنىپ كىچىك قىزلارنىڭ دۈپ-دۈپ قىلىپ داپ چېلىپ   ھېيتنى تەبرىكلىگنىگە ئېسىلۋىلىپلا  مۇزىكىنى  ھالال دېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. رەسۇلۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:<<ھالال-ھارام ئو تتۇرسىدىكى پەرق داپ بىلەن ئاۋاز>> -بەش ئىمام بىرلىكتە خاتىرلىگەن.بۇنداق دېگەنلىك تويدا ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن داپ بىلەن ئېلان قىلسا مەيلى.ئەر-ئاياللارنىڭ ئارلىشىپ ئولتۇرۇپ ناخشا-مۇزىكا،ئۇسۇللارنى ئوينىشى ئەرلەرنىڭ ،ئاياللارنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىشى، كۆرۈشى  قەتئى ھارام.ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنىڭكىنى كۆرۈشى ھارام.اللە مۇنداق دېگەن:<<مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى (نامەھرەملەرگە )تىكىلىپ قارىمسۇن،مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە  تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن>> سۈرە نۇر 29-30-ئايەتلەر.  اللە يەنە مۇنداق دەيدۇ:<<سىلەر(يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا)نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار(ئۇنداق قىلساڭلار)دىلىدا نىپاق بار ئادەم(سىلەردىن)تەمەدە بوۇلۇپ  قالىدۇ.گۇماندىن خالى ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار.ئىلگىركى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىندەك ياسىنىپ چىقماڭلار>>سۈرە ئەھزاپ32-33-ئايەت.سەھنىدىكى يېرىم-يالىڭاچ،غىلجىڭ،سەتەڭ خۇتۇن-قىزلارنىڭ نازلىنىپ ،تولغىنىپ ئويناۋاتقان ئۇسۇللىرىنى كۆرۈش،ناخشىلىرىنى ئاڭلاش،جۆ ر بولۇپ  ۋاقىراش ھارام.ئۇلارنى لېنتا ئىشلەپ سېتىش-سېتىۋىلىشمۇ ھارام.اللە مۇندا دېگەن:<<(ئىنسان قىيامەت كۈنى ) قۇلاق ،كۆز.دىلنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە سوراق قىلىنىدۇ>>سۈرە ئىسرا 36-ئايەت.اللە يەنە مۇنداق دېگەن:<<ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر )بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ>>سۈرە قەسەس 55-ئايەت .مۆمىن مۇ سۇلمانلار  مۇنداق ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.چۈنكى بىر قەلبتە اللەنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ناخشا-مۇزىكىنىڭ مۇھەببىتى تەڭلا مەۋجۇت بولمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مىللىتمىزد ىكى سەنئەت سەۋدايىلىقى ،ناخشىچىلارنى چولپان دېيىشتىن ھالقىپ باھادىرلىق،باتۇرلۇق مەنىسىدىكى ئوغلان دېگەن نام بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلۈشى ،ئىلىم ئەھلىلىرنىڭ ئۇلارچە قەدىرلەنمەسلىكى،مىللىتىمىزدىكى زەئىپ  ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر .سەنئەتكە بېرىلىپ كەتكەن ئادەم اللە بۇيرىغان ئىبادەتلەرگە مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ. بىرەر چولپاننىڭ بەش ناماز ئوقۇشىلا  كۇپايە قىلمايدۇ .بىز دە ئىبادەتنى تار مەنىدە چۈشىنىش ئېغىر.ھالبۇكى قۇرئان-ھەدىستە بۇيرىلغاننىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر .مەن بەزى  داڭلىق زىيالىلارنى تونۇيمەن .ئۇلار ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.دىننى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولىدۇ.ھالبۇكى ئىسلامنىڭ ئۆزى مەدەنىيەت.ئىسلامنىڭ ئۆزى پەلسەپە.ئىسلامنىڭ ئۆزى قانۇن.ئۇ ھىچقاچان مىللەتچىلىك قىلمايدۇ .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام <<مىللەتچىلەر بىزدىن ئەمەس >>دېگەن .شۇنداقلا ئۆز پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولمىغان مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەتكە قاقمايدۇ.ئاللاھنى سۆيۈش ئاساسىدىكى مىللەت ۋە قەۋمىگە بولغان مۇناسىۋەتنى چەتكە قاقمايدۇ .چۈنكى ئۆزئارا تونۇشۇشىمىز ئۈچۈن ئاللاھ بىزنى كۆپ ئۇرۇق،كۆپ مىللەتتىن قىلغان .بۇنىڭدا ھېكمەت كۆپ ئەلۋەتتە.لېكىن بىزدە زىيالىلار  بىلەن تەقۋالار (.ئەسلى بۇ ئاتالغۇلار قارىمۇ -قارشى ئاتالغۇ ئەمەس.ھازىر شۇنداق چۈشنىلۋاتقاچقا شۇنداق ئاتاپ تۇردۇم) ئۇتتۇرسىدا بىر -بىرىنى كافىر-مۇنافىققاچىقارسا يەنە بىرى دىننى ئاشقۇنغا چىقىرىش تور مۇنبەرلىردە كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۇلاردا ھىسسىياتقا بېرىلىش،بىر تەرەپلىمە باھا بېرىش ئېغىر . بەزى زىيالىلار نىيەت ئەلا دەپ ناماز مۇ ئوقۇماي دىن ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلىپ يۈرسە،بەزى ئاتالمىش   تەقۋالار ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما گۇرۇھۋازلىق..نەپسانىيەتچىلىك قىلىدۇ.ئىلىم-پەننىڭ كېرىكى يوق دەپ قارايدۇ.دېمەك بىزدە زىيالىلارمۇ بىر پۇتلۇق،ئاتالمىش تەقۋالارمۇ بىر پۇتلۇق. شۇ نەرسە ئېنىقكى بىرەر دامۇللا ھاجىنىڭ خاتا ،خۇراپىلىقى ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ خاتالىقى ئەمەس.بىر ئاتاقلىق شائىر  بىر چاغدا بىر سورۇندا <<بۇ يەردە ھاراق ئىچمەيدىغان ھىجىقىزلار مۇ بارمۇ>> دېگەندە ،مەن تاشلىغانلىقىمنى،  ھاراقنىڭ  ئىسلامدا ھاراملىقىنى  دېگەن ئىدىم .ئۇ ماڭا <<ئەرەپلەر  ئەجەپ نەشە چىكىدىكەنغۇ؟ دېدى .مەن <<ئەرەپلەر ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ >>دېدىم. چۈنكى بۇ بىرەر مىللەتنىڭ دىنى ئەمەستە .كىيىن ئۇ ئىنىمغا مىنىڭ باشقىچىلا بىر يولدا ماڭغانلىقىمنى شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ .مەن دېمەكچى ئۆزىمىز ئەتراپلىق چۈشەنمىگەن نەرسە ئۈستىدە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلمىساق ۋە ئۆزئارا ئىلمى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ھەقىقەتنى ئورتاق بايقىساق نىجاتلىققا ئېرىشدىغان يولدىكى سەبداشلارغا ئايلانغان بولار ئىدۇق..................................................................................................................   



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-13 11:34 AM):
:دۇنيادا بىكاردۇر بىر خۇدادىن باشقا بارلىق نەرسە  2.قىيمەت ئەمەس قىيامەت

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
samsaq + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
elxat99 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
esyankar75 + 300 ھەق گەپ!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 610   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش