مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9895|ئىنكاس: 129

ئىسلامىيەت ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79855
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3472
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:08:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلامىيەت ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى


يۈسۈپجان ياسىن


ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتنىڭ كەڭ يېيىلىشى بىلەن ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى چەكلەشكە ئۇچرىغانلىقتىن، بىز   ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرى بىلەن ھەيكەلتاشلىق سەنئىتىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىشنى   زۆرۈر دەپ قارايمىز. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر تېمىدۇر. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، مەدەنىي بىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئالاھىدىكىنىڭ بىرى گۈزەل سەنئەتنى سۆيگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا يۈكسەلگەنلىكىدۇر. ئىسلامىيەت ئەسلىدە سەنئەتكە ۋە گۈزەللىككە يۇقىرى ئورۇن بەرگەن بىر دىندۇر. ‹‹قۇرئان››دا سەنئەتنى گۇناھ دەپ قارايدىغان ياكى ئۇنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق بىر ئايەتنىڭ بولماسلىقى، ئالەمنىڭ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىلەرنى قانۇنىيەتلىك ۋە گۈزەل بىر شەكىلدە ياراتقان ئەڭ بۈيۈك سەنئەتكار سۈپىتىدە تەرىپلىنىشى مۇسۇلمانلارنىڭ سەنئەت زوقىغا ئىلھام بەرگەن، ئۇلارغا ئۆزىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن. ‹‹ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەل نەرسىنى سۆيىدۇ›› دېگەن ھەدىسمۇ بۇ خۇسۇستا مۇسۇلمانلارغا يول كۆرسەتكەن. لېكىن، ‹‹ ‹قۇرئان› پەقەت پۈتكۈل جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەت››(1)بولغىنىدەك، پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ‹‹ئاگاھلاندۇرغۇچى››(2) سۈپىتىدە ‹‹پەقەت تەبلىغ قىلىش›› (3) بولغاچقا، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلمىغان، يەنى ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدا تۇرغان بۇتپەرەسلەرنىڭ ئېتىقادىمۇ ئايرىم بىر دىن سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىنغان(4). شۇنىڭدەك، ھەر كىمنىڭ ياكى ھەر قەۋمنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقاتتا بولۇشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دەپ قارالغان.(5) شۇڭا، ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى باشقا دىن مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق بىر ئەسەر، جۈملىدىن بۇددا ھەيكىلىمۇ پەرقلىق ئېتىقادنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغىمۇ كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان، ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن ھەتتا قوغدالغان. بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلار مىسىردىكى پىرامىدالارنى، ھىندىستان ۋە ئافغانىستاندىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسلىرى دەپ قارىغان. ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسىگە تەھدىت پەيدا قىلمىغان ئەھۋالدا بۇتپەرەسلىككە ئائىت ئەسەرلەر قوغدالغان. ‹‹قۇرئان››دا يەريۈزىدىكى ھەر خىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىبرەت ھەم ئىلھام ئېلىش بۇيرۇلغان.

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سۆز تېمىسى بولسا ئىسلامىيەتتە ھەيكەلنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى چەكلەنمىگەنلىكى مەسىلىسىدۇر. ھەقىقەتەن ئىسلامىيەت تارىخىدا شېئىر، ناخشا -مۇزىكا، رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى بىدئەتلىك دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ سەنئەتنىڭ ئىچىدە ھەيكەلتاراشلىق ئەڭ شىددەتلىك تۈردە چەكلەنگەن. دەۋرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان. ھەيكەلنىڭ چەكلىنىشى ئۇنىڭ بۇتپەرەسلىككە سەۋەپ بولىدىغانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەلبەتتە چەكلەش تەرەپدارلىرى بولسا قۇرتۇبى، ئەبۇ داۋۇت، بۇخارى، ئىبن ماجە ۋە تىرمىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەدىس كىتاپلىرىدىن بەزى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ كۆرسەتكەن.

شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، ئىسلامىيەت ئالدى بىلەن كۆپ خۇدالىق ۋە بۇتپەرەسلىك دىنلار ناھايىتى ئەۋج ئالغان رايوندا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇدقا چوقۇنىشنى رەت قىلغان. ئىسلامىيەت ئەقىدىسىدە پۇتقا چوقۇنۇش ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئازغۇچىلارنىڭ تۇتقان يولى بولۇپ، بۇ ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسى بويىچە گۇناھ دەپ سانىلاتتى. مىلادى 630- يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر مەككىگە كەلگەندە بۇ يەردىكى پۇتپەرەسلەر ئۈچۈن تەڭرى ھېساپلانغان 360 بۇتنى چېقىپ تاشلىغان. بۇ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى پۇتپەرەسلىكنىڭ ئورنىنى بىر خۇدالىق ئىسلام دىنىنىڭ ئىگەللىگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئىسلامىيەتنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسى ياكى ئىسلام سەنئىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى ‹‹تەۋھىد››، يەنى مەنىۋىي(مۇجەررەد) بىر مەۋجۇتلۇق بولغان ئاللاھنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدۇر. بۇ چۈشەنچىگە تايانغان ئىسلام سەنئىتى ئاساسەن ئابىستراكىت بىر خاراكتېرگە ئىرىشكەن ۋە مۇشۇ يول بىلەن تەرەققىي قىلغان. مۇسۇلمان سەنئەتكارلار ‹‹مۇخالىفەتۇن لىل ھەۋادىس››(تەڭدىشى يوق مەۋجۇتلۇق) دەپ قارالغان ئاللاھنى ھەرگىزمۇ رەسىم ۋە ھەيكەل ئارقىلىق كونكىرىت بىر شەكىل بىلەن تەسۋىرلىمىگەن ياكى خاراكتېرلەندۈرمىگەن. ئىسلام سەنئىتىنىڭ بۇ ئابىستراكىت خۇسۇسىيىتىنى بىزەك-زىننەت سەنئىتىدىمۇ كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، بىر جامىنى بىزەشتە تەبىئەت ئەينەن تەدبىق قىلىنمىغان. رەڭ، شەكىل ۋە سىزىقلاردا قىسمەن ياكى خېلىلا چوڭ پەرق ئىپادە قىلىنغان. بۇ سەزگۈرلۈك مىنياتۇر ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلگەن. مىنياتۇرلاردا كۆلەم، شەكىل، رەڭ، سايە ھەتتا ماكان رىئاللىقتىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا رىئاللىقنى ئەينى شەكىلدە ئېلىش ياكى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ ئورنىغا شەرھىيلەش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، كىچىنى تەسۋىرلىگەن بىر مىنياتۇردىكى نەرسىلەرنىڭ ھالىتى كۈندۈزدىكىدەك كۆرسىتىلگەن، ھەقىقىي رەڭدىن باشقىچە بىر ھالەتتە كۆكيۈزى(ئاسمان) شاپتۇل چىچىكىدە، ئاتلار كۆك ياكى سۆسۈن رەڭدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ مۇھىتتا ئىسلام دۇنياسىدا بۇتپەرەسلىككە يول ئاچىدۇ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ‹‹تەۋھىد›› چۈشەنچىسىنى زىدىلەيدۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن كەڭ كۈلەمدە كونكىرىت بىر خۇسۇسىيەت ئىپادە قىلىدىغان تەسۋىرىي سەنئەتكە يەنى، رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە قىزغىن نەزەر بىلەن قارالمىغان. شۇنداقتىمۇ دىنىي قۇرۇلۇشلاردا كۆرۈلمىسىمۇ، بەزى سارايلاردا ئىنسان رەسىمى ۋە ھەيكەللىرى ئۇچراپ تۇرغان. مەسىلەن، مىسىردىكى فۇستاتتا تولۇنىيە جامىسىنى سالدۇرغان ئەھمەدنىڭ ئوغلى ھۇمارۋەيخنىڭ سالونلىرى ھۆكۈمدار ئائىلىسىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن بىزەلگەن ۋە تاملىرىغا ئالتۇن ھەل بىرىلگەن ساراي ياساتقانلىقى،  تۇغرۇل بەگنىڭ باغداتتا تاج كىيىش مۇراسىمىنىڭ خاتېرىسى سۈپىتىدە  قابارتما تەسۋىرلىك بىر ئالتۇن مېدالنىڭ ياسىتىلغانلىقى، سەلجۇقلار دەۋرىدىكى قابارتما ھەيكەل سەنئىتىگە ئائىت ئەسەرلەر، كونيادىكى باغچىلارغا مەرمەر ھەيكەل تۇرغۇزغان قىلىچ ئارسلان‖ نىڭ ساراينىڭ دەرۋازا ۋە تاملىرىنى ئادەمنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىزىگەنلىكى، ئالائىددىن كەيقۇبادنىڭ كونيا سېپىلىنى قاپارتما بىلەن بىزىگەنلىكى ۋە  سۇلتان كەيخىسراۋ ‖ قاتارلىق تۈركمەن بەگلىرىنىڭ   ئۈستىگە ئادەمنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ پۇل قۇيدۇرغانلىقى     تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ نە قەدەر ئەركىن تەپەككۇرلۇق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن بىرلىكتە رەسىم ۋە ھەيكەلتاشلىق سەنئىتىنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ ئەقىدىسىگىمۇ زىت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.(6)

دېمەك، ئىسلام دۇنياسىدا ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ياكى ئېتىبارسىز ئورۇندا قېلىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بۇتپەرسلىككە سەۋەپ بولىدۇ دېگەن قاراشنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. ئەمما، ‹‹قۇرئان››دا گۈزەللىكنىڭ ۋە سەنئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان رىزىق شەكلىدە تىلغا ئېلىنىشى ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان تەسۋىرىي سەنئەتنىڭمۇ ئەركىن بىر ساھە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھەيكەلتاراشلىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىسلامىيەت مۇھىتىدا ھەر قانداق بىر ھەيكەلتاراشلىق ئەسىرىنى ياكى ‹‹ھەيكەل›› دېگەن بۇ سۆزنى ئاۋۋال دىنىي ئۇقۇم دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ۋە چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسالغان ‹‹بۇت››[1] بىلەن سەنئەت كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ بولغان ۋە ئىستېتېك گۈزەللىك يارىتىش مەقسىتىدە ياسالغان ‹‹ھەيكەل››[2] دىن ئىبارەت ئىككى ساھە بويىچە چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىسىگە زىت ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغىنىدەك، چوقۇنۇش مەقسىتىدە ياسالغان بۇت ئىسلامىيەتنىڭ بىر خۇدالىق چۈشەنچىسى ۋە تۈپ ئەقىدىسگە زىت بولغاچقا ھەم بۇتقا چوقۇنۇش ‹‹قۇرئان››دا ‹‹شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر››(7) دەپ كۆرسىتىلگەچكە پۇتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇلغان. لېكىن، سەنئەت مەقسىتىدە ياسالغان بىر ھەيكەلگە پۇتپەرەسلىككە سەۋەپ بولىدۇ دېگەن چۈشەنچە بىلەن قاراش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى چەكلەش ئىسلامىيەتنىڭ روھىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ھېساپلىنىدۇ.  

ئىسلام مەدەنىيىتى ۋەھىي ، ئەقىل ۋە تۇيغۇنىڭ ماسلاشقان بىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەرىپىمۇ مۇشۇدۇر. شۇ ۋەجىدىن  ئىسلامىيەت خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىسىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. ئىنساننى مەركەز قىلىشمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ‹‹قۇرئان››نىڭ ئاساسى تېمىسى بولغان ئىنسان ئىسلام مەدەنىيىتىدە مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنسان مۇھىم ۋە ھۆرمەتلىك بىر مەۋجۇتلۇق بولۇپلا قالماي، ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىدە شەكىللەنگەن بىلىم، ئىقتىساد، سەنئەت، ئەدەبىيات، قىسقىسى ھەر ساھەدىكى پائالىيەتلەر ئىنساننىڭ سائادىتى ئۈچۈندۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنساننىڭ ‹‹قۇرئان››نىڭ ئەقىدە -- پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىلىپ ياشاشنى، بۇ ئارقىلىق خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي سائادەتنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسى ئىنسانغا بىرىلگەن. ئىنسان بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بۇ ۋەزىپە بىلەن مەسئۇل قىلىپ يارىتىلغان ۋە ئاجىزلىقىنى ‹‹قۇرئان››، ‹‹سۈننەت›› ۋە ئەقىل نۇرى ئاستىدا يېڭىشقا بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەپلىك، ئىنساننىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ۋە ئەقلىگە تايىنىپ، تەربىيە بىرىش ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىش  ۋەزىيىتى يارىتىشتا ئىلھام بۇلىقىنى تەشكىل قىلىش، ئىنسانلارنىڭ بەختى ۋە سائادىتى ئۈچۈن كۈچ قوشقان بۈيۈك ئىنسانلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاش مەقسىتىدە يارىتىلغان ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنى ئىسلامىيەتكە زىت  بولغان بىر مەشغۇلات دەپ كۆرسىتىش ئەلبەتتە ئىسلامىيەتنىڭ توغرا ۋە مۇكەممەل بىر دىن ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ‹‹قۇرئان››نىڭ ئالەمشۇمۇل ۋە مەڭگۈلۈك بىر كىتاپ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئۇرىنىدىغان بىر قاراشتۇر. ‹‹قۇرئان››نىڭ ھېچقانداق بىر يىرىدە شېئىر، رەسىم، مۇزىكا ۋە ھەيكەلنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى بۇ خىل سەنئەتنىڭ گۇناھلىق بىر مەشغۇلات ئىكەنلىكى ھەققىدە بۇيرۇق يوق. ‹‹قۇرئان››دىن مەلۇمكى، بۇ كىتاپتا چەكلەنمىگەن ھەر قانداق نەرسە ئەركىن ياكى ھالالدۇر.   ئەمما، چەكلىمە ئايرىمدۇر. بىر چەكلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر بۇيرىقى، يەنى ‹‹قۇرئان››دا ئېنىق ئايەت بولۇشى كېرەك. مۇزىكا، ھەيكەل، رەسىم ۋە شېئىرنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر ئايەتنىڭ بولماسلىقى بۇ سەنئەت تارماقلىرى بىلەن ئەركىن ھالدا شۇغۇللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ مەسىلىدە ئەقىلنىڭ ھۆكۈمىگە تايىنىش بەكمۇ زۆرۈردۇر. بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئېلىش يىتەرلىكتۇر. ‹‹قۇرئان››دا پىدىگەن(چەيزە)نىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئايەت يوق. شۇڭا، پىدىگەن يىيىشنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنىمۇ ئايرىم ئىزاھلاشقا ھاجەت يوقتۇر. ئەمما، كۈنىمىزدە بۇ كۆكتاتنى بۇددىستلار، خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار ھەم مۇسۇلمانلار بىردەك ئىستىمال قىلىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئۇنى ھارام دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق. ‹‹قۇرئان›› دا ‹‹ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان زىننەت- گۈزەللىك ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى. ئېيتقىنكى ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاخىرەتتە بولسا پەقەت مۆمىنلەرگە خاستۇر. بىلىدىغان بىر قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرىمىز.››(8)، ‹‹ئەي ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان گۈزەل ۋە پاك نەرسىلەرنى ئۆزەڭلەرگە ھارام قىلماڭلار. ھەددىڭلاردىنمۇ ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقانلار دوست تۇتمايدۇ. ››(9) دېيىلىدۇ. ئەگەر خاتىرە ۋە گۈزەللىك ئەسىرى سۈپىتىدە ياسالغان ھەيكەللەرنى بۇتپەرەسلىككە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ھىندىلارنىڭ كالىغا چوقۇنغانلىقى سەۋەبىدىن پۈتۈن كالىلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئاتەشپەرەسلەر ئوتقا چوقۇنغان، لېكىن پەيغەمبەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق يەردە يېقىلغان ئوتنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئوت ياقماسلىققا بۇيرىغان ئەمەسقۇ. مۇسۇلمان بولغان نۇرغۇن مىللەتلەر دەستلەپكى دەۋرلەردە كۈن ۋە ئايغا چوقۇنغان، ئەجەبا پەيغەمبەر ئۇلارنى كۈن ۋە ئاينىڭ يورىقى چۈشمەيدىغان يېپىق بىر يەردە ياشاشقا بۇيرىغانمۇ؟ بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مەنىۋىي چۈشەنچىلىرىدىمۇ يېڭىلىنىش بولغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ساماۋىي دىنلارنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇرۇن مەبۇد دەپ قارىغان ياكى مۇقەددەس بىلىپ تىۋىنغان نەرسىلىرىنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۇ نەرسىلەرگە يۈكلەنگەن ئىلاھى خۇسۇسىيەتلەرنى تاشلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى مۇھىتىدىكى ماددى ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى ۋە گۈزەللىك زوقىنى قاندۇرىدىغان، ئۈمىت-ئىستەكلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ۋاسىتىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى بىر مەدەنىيەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەلبەتتە بۇتپەرەسلىكتىن قول ئۈزۈپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەردىمۇ ھەيكەلنىڭ مۇشۇنداق مەنىنى ئېلىشى تەبىئي ئىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىدا رەسىم، ھەيكەللەرمۇ بار ئىدى. ھەيكەللەر بەزىدە يانمۇ يان تىزىلغان، تەكشى ئىگىزلىكتە ھوجرىلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئۇسلۇپ تۈرك(ئۇيغۇر) مىمارچىلىقىدا ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان. پەقەت ھەيكەلنىڭ ئورنىغا ھوجرىلارغا لوڭقىغا ئوخشاش كىچىك قىممەتلىك بويۇملار قويۇلغان. ئىسلام مىمارچىلىقىدا ‹‹پەشتاق›› دەپ ئاتالغان، يانمۇ –يان سېلىنغان ياكى ھەرە كۆنىكى شەكلىدە قۇرۇلغان ھوجرىلاردىن تەشكىل تاپقان سەنئەت ئۇسلۇبى بۇددىزم مىمارچىلىقىنىڭ تەسىرى دەپ قارىلىدۇ.(10) ئىسلام سەنئىتىنىڭ بۇددىزمدىن ئالغان نەرسىلىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ‹‹قۇرئان››دا ھەيكەل ياساش چەكلەنمىگەن، بەلكى شۇغۇللانسا بولىدىغان بىر مەشغۇلات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. يەنى ‹‹ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن-ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لىگەنلەرنى، ئورنىدىن مىدىرلاتقىنى بولمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى. ئى داۋۇت ئائىلىسى بۇ نىمەت ئۈچۈن(ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىڭلار. لېكىن قۇللىرىمدىن (قەلبى ۋە تىلى بىلەن) شۈكۈر قىلىدىغانلار ئازدۇر››(11) دېگەن بىر ئايەت بار.  بۇ ئايەتتە ھەيكەل كۈچنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە تۇنۇتۇلغان. ‹‹قۇرئان››دا مەھىيىلىنىپ تۇرۇپ سۆز ئېچىلغان بىر سەنئەتنىڭ چەكلىنىشى ئىسلامىيەتكە يات بولغان بەزى ئويدۇرمىلارنىڭ تەسىرى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن. تارىختا ئىسلامىيەت ۋە پەيغەمبەر نامىغا ئاتاپ تەپرىقىچىلىك ياكى مەزھەپ پەيدا قىلماقچى بولغانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرگە قارا چاپلاش سۈپىتىدە ئويدۇرۇلغان ساختا ھەدىس ئارقىلىق سەنئەتكە بولغان قارشىلىقىغا ئاساس تىكلىمەكچى بولغان ۋە بۇ ئاتالمىش ئاساسلىرىنى جەمئىيەتتە كەڭ يايغاندىن سىرىت ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ھېمايىسىگىمۇ ئىرىشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ھاياتتا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئىسلامىيەتنىڭ ئېتىقاد ساھەسىنى ساغلام ھالەتتە قوغدىغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ تەدبىقلىنىش ساھەسىگە ئويدۇرما ۋە باتىل چۈشەنچىلەرنى كەڭ تارقاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە چەكلەش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. بۇ ھالەت 10- ئەسەردىن باشلاپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ۋە 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تولۇق مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇمىي بىر ھالەتكە ئايلانغان. خۇلاسە ئورنىدا پىكرىمىزنى ‹‹پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى›› بولغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بىر سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: ‹‹دۇنيادا مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلگىرى باسماقچى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت جەزمەن ھەيكەل ياساپ، ھەيكەلتاراش يىتىشتۈرىدۇ. ئابىدىلەرنىڭ ئۇ يەرگە ياكى بۇ يەرگە تارىخىي خاتىرىلەر سۈپىتىدە تىكلىنىشىنىڭ دىنغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەر دىن ھۆكۈملىرىنى دېگەندەك دەرىجىدە تەتقىق قىلمىغانلاردۇر.››(12)

مەنبەلەر:

(1) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : ‹‹ئاددىيلاشتۇرۇلغان ‹قۇرئان كەرىم› مەئالى››(68-سۈرە قەلەم، 52-ئايەت)، تۈركچە، 488-بەت، 2007- يىلى، ئىستانبۇل، پامۇك نەشرىياتى.

(2) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(67-سۈرە مۈلك، 26-ئايەت)

(3) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(42-سۈرە شۇرا، 48-ئايەت)، 415-بەت.

(4) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(سۈرە كافىرۇن،4-،5-،6- ئايەت) 527-بەت.

(5) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(10-سۈرە يۇنۇس، 99-،100 - ئايەتلەر)، 183-بەت.

(6) ئىبراھىم كافەسئوغلۇ : ‹‹تۈرك مىللىي كۈلتۈى››، تۈركچە، 380-، 381-، 398- بەتلەر. 2004- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.  ئىبراھىم سارىچام، سەيفەتتىن ئەرشاھىن : ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى››، تۈركچە، 192-بەت، 2006- يىلى، ئەنقەرە، تۈركىيە دىيانەت ۋەھپى نەشرىياتى.

(7) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(5-سۈرە مائىدە، 90-ئايەت)، 103-بەت.

(8) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(7-سۈرە ئەئراف، 32-ئايەت)، 129- بەت.

(9) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(5-سۈرە مائىدە، 87-ئايەت)، 103-بەت.

(10) ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئۇيغۇر سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 33- توم، 137-بەت، 1984- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.

(11) ئەلمالىلى ھامدى يازىر : يۇقىرىقى ئەسەر(34-سۈرە سەبەئ، 13-ئايەت)، 361-، 362-بەت.

(12) ئىبراھىم ئاگاھ چۇبۇكچۇ: ‹‹كۈلتۈر تارىخىمىزدا دىن››،‹‹بەللەتەن››، تۈركچە، 210-سان، 800-بەت، 1990- يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.




[1] ‹‹بۇت›› سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا پارسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ھازىر بۇ بىر دىنىي ئاتالغۇدۇر. بۇ بۇددا دىنى ۋە بەزى دىن مۇرىتلىرىنىڭ تەڭرى دەپ بىلىپ سەجدە قىلىشى ئۈچۈن لاي، ياغاچ، تاش، گەج ۋە مىتال قاتارلىق نەرسىلەردىن ياسىغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ شەكلى ياكى تەسۋىرىدۇر. –ئا.

[2] ‹‹ھەيكەل›› سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ھازىر بۇ سەنئەت كاتىگورىيەسىگە مەنسۇپ بىر ئاتالغۇ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ باش ياكى گەۋدىسىنىڭ گەج، تاش، لاي، ياغاچ، مىتال ۋە باشقا ماتىرىياللاردىن ياسالغان تەسۋىرى. – ئا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 10:41 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 10:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىمىزدىن چىققان بىر قىسىم دىنى تەلۋىلەرنىڭ جەمىيەتتە ھەتتا  تورلاردا تەپ تارىتماستىن تالىباننىڭ بامىيان ئاسەرە ئەتىقىلىرىنى پارتلاتقانلىقىنى ئاقلىشى، مەخمۇد كاشىغەرى ۋە ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلىنى چاقىمىز، ھەتتا مىڭ ئۆيلەرنىمۇ بۇزۇپ تاشلايمىز دەپ ئالا-جوقا سۆزلەپ يۈرۈشى ئادەمدە بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن بەكلا ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mashrab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 10:48 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:14:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 10:44 AM
ئىچىمىزدىن چىققان بىر قىسىم دىنى تەلۋىلەرنىڭ جەمىيەتت ...

جۇڭگودا ھەممىنى بۇزۇپ قايتىدىن ياساش مودا بولىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممە جۇڭگولۇقنىڭ خۇي-پەيلى ئوخشاش بولىدىغان ئوخشايدۇ.
نەچچە ئالا-جوقىنى كۆرۈپلا مىللەت كەلگۈسىگە چېتىۋالمىسىڭىز، چۈنكى سىز ئۇ ئابىدىلەرنى چاقمايسىز، شۇڭا :«مەنلا بولىدىكەنمەن مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ» دەپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاڭ!

nap--rat48 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:14:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:14:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيكەلتاراشلىق ئىسلامدىكى ئەڭ زىل ،ئىنچىكە مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ سوغوققانلىق  بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى ،دەلىلنى دەلىل بىلەن  رەت قىلىشىنى ياكى قوللىشىنى ئۈمىت قىلىمەن‹شەخسەن پىكرىم›. مىنىڭچە بۇ تىما مۇنبەردە ئەڭ بازارلىق تىما بۇلىدىغان شامال.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:15:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرەيىڭلار ماڭا ‹ ئىسلامدا ئادەم رەسىمى سىزسا بولماسلىق › توغرىسىدا بىرەر ئىسپات تېپىپ بېرەلەمسىلەر ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 04:16 AM  


توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4931
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:24:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat48 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-12 11:14 AM
مەن تالىباننىڭ بۇتلارنى چىقىپ تاشلىغانلىقىنى قەتئى قو ...

نەپىرتىڭىزنى بۇنداق ئىپادىلسىڭىز بولمايدۇ.ئۇنى چىقىش ھىچكىمگە پايدا ئەكەلمەيدۇ.

nap--rat48 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:40:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىمىزدىكى دىنى ئاشقۇنلار ئۆزىنى ئاشكارىلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ ئەينىكا...
تالىبانلار پارتلىىتىۋەتكەن بامىيان بۇددا خارابىسى بىزنىڭ مىڭ ئۆيلىرىمىز بىلەن ھىچ پەرقسىز قىممەتلىك ئاسارە  ئەتىقىلەر بۇلۇپ، ھازىر ئۇنىڭغا ھىچبىر ئافغانىستانلىق ئىبادەت قىلمايتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماي ئەشۇ قىممەتلىك ئاسارە ئەتىقىلەرنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلدى.

nap--rat48 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 11:43:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش