https://uyghur-archive.com/misranim/thread-77539-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-77803-1-1.html
داۋامى
ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ھەيران قىلىش (3)
شۇنداق قىلىپ سۆزلەشتىن توختاپ ساقىيىپ قالدىم.ئەمما بىرەر ھەپتە كىچىلەردە ئويغىنىپ قالساملا تاڭ ئاتقۇچە ئويغاق چىقاتتىم.مىنىڭ نىمە سەۋەپتىن سۆزلىگىنىم ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.مەن ھەر گىز سىلەر دىگەندەك قانداقتۇر پسىخىك ھالەتتىن ،ياكى روھى ھالەتتىن سۆزلەپ قالمىغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلىدى.ھەتتا كىچىلەردە ئۇيغۇدىن ئويغىنىپ قوپۇپ ئۆيدىكىلەرنى ئويغىتىپ قوپۇڭلار،11 بولۇپ ماڭا سەجدە قىلىڭلار دىگەن چاغلارمۇ بولدى.ئۇلار ئادەمگە ئادەمنىڭ سەجدە قىلىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆزۈڭ بىزگە قارىغاندا ئوبدان بىلىسەنغۇ دىسە مەن قۇرئاندىمۇ ئادەمنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلغان يۈسۈف قىسىسى بارغۇ دىگەن ئىدىم.شۇ كۈنلەردە تىلۋۇزۇرلارنى كۆردۈم.قارىسام تىلۋۇزۇرلارنىڭ بىردەم سىگنالى ئۆزۈلۇپ قالغاندەك،بىردەم پراگراممىلار ئالمىشىپ كىتىۋاتقاندەك كۆردۈم.ماڭ شۇنداق كۆرنىۋاتامدۇ دەپ ئۆزۈمنى خىلى دەڭسەپ باقتىم.مەن ھەقىقەتەن ساق ئىدىم.11-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە)مەن ئۆيدە يىتىپ تىلۋۇزۇر كۆرۋاتقان ئىدىم.خەۋەرلەر بىرۋاتاتتى.قارىسام چىقىۋاتقان كىشىلەر ماڭا بىر خىل قورقۇنۇشتا قالغاندەك،بىرخىل ۋەھىمە كەلگەندەك ھەممىسى بىرخىل ئەنسىزلىك ھالىتىدە كۆرۈندى.مەن ئۆيدىكىلەرگە قاراڭلار ،ئۇلاردىكى بىرخىل ئەنسىزلىكنى كۆرمىدىڭلارمۇ ئوبدان قاراپ بىقىڭلارچۇ دىسەم ئۇلار نەدىكىنى كۈندىكىدەك نورمالغو دەپ جاۋاب بەردى.(ئاللاھ ئىگەم قۇدرىتى ۋە ھىكمىتى بىلەن ماڭا شۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى).ئاندىن ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز ››پىراگراممسىنى بەردى.قارسام ئۇلارمۇ شۇنداق ئەنسىزلىك،جىددىچىلىك ھالەتتە ئىدى.يەنە كىلىپ بۇسان پراگراممىنىڭ ئىسىمى ‹ئەمدى دىمىسەك بولماس› دىگەن بولۇپ ،ئۇنىڭغا بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن ھاشىم ۋە بىر ئايال بىلەن ئادەمنىڭ تۆرىلىشىغۇ دەيمەن ئىشقىلىپ ئاساسلىق ئادەم ھەققىدە مۇلاھىزە قىلدى.(بۇ پراگراممىنى شۇ كۆرگەنچە قايتا كۆرەلمىدىم).ئۆيدىكىلەرگە بۇ سان پراگراممىنىڭ ئىشلىنىشى چوقۇم مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاراپ تۇرۇڭلار جۇمۇ دەپ قويدۇم.(مەن ئۆزۈممۇ 12-ئايدىغۇ دەيمەن،ئۈمىدغەنىگە تىلفۇن قىلىپ ،قۇربان ھىيتتىن كىيىن بىرھەپتە ئارلىقتا تىلۋىزىيە تارقىشتىشتا بىنۇرماللىق كۆرۈلدىمۇ دەپ سورىسام ئۇ ياق دىدى.ئاندىن ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز››ئاشۇ سانىنى توردىن تاپقىلى بولارمۇ دەپ سورىسام ھازىرچە بولمايدىغۇ دەيمەن دەپ جاۋاب بەردى.بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىدى.يىرىم سائەتتىن كىيىن ئۆز تىلفۇن قايتۇرۇپ قانداق بىنۇرماللىق ئەھۋالنى دەيسىز دەپ سورىدى.مەن ئەھۋالنى ئىېتىپ بەردىم .كىين ئۈزۈمنىڭ‹‹ روھى كىسەل›› بولۇپ قالغانلىقىمدىن شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتىم.چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قانچە چۈشەندۈرسەممۇ چۈشەندۈرۈپ بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىم.(شۇ بىرنەچچە كۈنلۈك ‹‹بۈگۈنكى سۆھبەت››پراگراممىسىدىمۇ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە ،يۈز بەرگەن ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ باردى).
يەنە شۇنداق دەم ئېىلۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە (يەنى ساقايغاندىن كىيىن بىرھەپتە ئىچىدە) چۈشكە يىقىن ئاپام تاماق ئىتىۋاتاتتى.مەن توك يوق،نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئىچىم پۇشۇپ يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.شۇنداق ئويغىنىشىم بىلەن تىلۋۇزۇرنىڭ توك مەنبە چىرىغىغا قاراپ قاپتىمەن.قارىغان زامات توك كىلىپ چىراغنىڭ يانغانلىقىنى كۆردۈم.ئۈزۈممۇ شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلاپ كىتىپتىمەنمەن.ھەتتا بىركۈن ئۇخلىغاندەك ھىس قىلىپ ئاپامدىن مەن قانچىلىك ئۇخلىدىم دىسەم ئاپام بىر سائەت ئەتراپىدا دەپ جاۋاب بەردى.مەن قايىل بولماي ياق ،سەن يالغان ئېتىۋاتىسەن،مەن چوقۇم بىركۈن ئۇخلىدىم دىدىم.ئاپام مىنىڭ رايىمغا قاراپ ھە،شۇنداق ئۇخلىدىڭ دەپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈزۈمنىڭ زادى قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلەلمەي چىسلادىمۇ قايمۇقۇپ يۈردۈم.كىيىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن تىلفۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇرۇپ كالىندارىغا كىرىپ قاپتىمەن.قارسىام 17-چىسلا كۆك رەڭدە ،16چىسلا ئاق رەڭلىك كاتەكچىگە ئېىلىنىپ قالغانلقىنى بىلدىم ھەم شۇ ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ بىر سائەتچە ئۇخلىغانلىقىمنى بىلدىم.
ئۇندىن باشقا دەم ئېىلۋاتقان كۈنلەردە بىر كەچقۇرۇن ئاكام ماڭا ھىلىقى گۈل ئويىدىغان ماشىنىنىڭ بىر يىرىنى قالماشتۇرالمايۋاتقانلىقىنى ،سەن كۆرستىپ قويساڭلا بولدى دەپ مىنى ئېلىپ دۇكانغا ئېلىپ ماڭدى.مەن بىرىپ كومپىيۇتىرنى تۇتۇپلا بىر خىل بىنۇرماللقنى سەزدىم.دەرھال مەن تۇتسام بولىغۇدەك،مەن دەپ بىرەي،سەن شۇ بويىچە قىل دەپ ئۇنىڭغا دەپ بەردىم ،ئۇ يەنە قالماشتۇرالمىدى.ئاخىرى مەن ئۈزۈم بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ ماشىنىنى ماڭغۇزۇشقا بويرۇق بىرىدىغان چاغدا بۇلار لاھىيىگەن گۈل نوسخىنىڭ تىك شەكىلدە خاتا لاھىيىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،خاتا بوپ قاپتۇ ،بۇ پىتى ماڭغۇزساڭلا ر بىر پەنەركەڭلار بۇزۇلۇپ كىتىدۇ،دىسەم ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي مەيلى ماڭدۇرۋەرگىن دىدى.مەن مەن ئۇنداق بولسا بوپتۇ دەپ بويرۇقنى بەردىم.ماشىندا ئۇدۇل بىرىپ بىر يىرىدە تاق قىلىپلا چىپپىدە توختاپ قالدى.كىيىن ئوڭشاشقا ئامال بولماي يىنىپ كەلدىم.(كىيىن ئۇ ماشىنىڭ قوزغىتىش سىستىمىنى قايتا قاچىلاپ ئوڭشالدى).ئاندىن يەنە شۇ ئىش بولۇپ ئاكام مىنى سىنىڭ دۇكىنىڭىنىڭ كومپىيۇتىرىدا گۈل لاھىيەلەيتتىم،سەن بىرىپ كۆرستىپ بەرگىن دەپ مىنى ئۈزۈمنىڭ دۇكىنىغا ئىلىپ كەلدى.(مەن خەت بىسىش،نوسخا كۆپەيتىش،باغاق بىسش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان دۇكان ئاچاتتىم).بىرىپلا كومپىيۇتىرنى قوزغاتتىم.قارىسام ئۇ كومپىيۇتىرمۇ بىنۇرماللىشىپ ئىشلەتكىلى بولمىدى.مەن ئاپلا مەن تۇتسام بوپتىكەن،سەن يەنە بىر كومپىيۇتىرنى ئۈزۈڭ قۇزغىتىپ ئۈزۈڭ مەشغۇلات قىل مەن دەپ بىرەي دىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئۇ كومپىيۇتىرنى ئۈزى ئىچىپ مەشغۇلات قىلدى.بىراق ئۇمۇ نورمال ئىشلىمىدى.ئامال بولماي قايتىپ كەلدۇق.بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈمنىڭ شۇ ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.
ئۇندىن باشقا شۇنداق بولۇپ ئون نەچچە كۈندىن كيىنغۇ دەيمەن،تىلفۇنۇمدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈنۇپ تارتالمايدىغان بولدى.كىيىن مەھەللىمىزدىكى ھەممە كىشىنىڭ تىلفۇنى شۇنداق بولۇپ قىلىپ ئالاقىلىشىش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.بۇ ئەھۋال بىر ئايچە داۋاملاشتى.ئۇندىن باشقا يىڭى ساقايغان كۈنلەردە كىچىك ئاپام يىڭىلا دەم تۇرغان بالسىنى ئېلىپ مىنى يوقلاپ كەپتۇ،بالسىنى يەرگە قويۇشىغىلا بالسى ئۆزلۈكىدىن 2-3مىتىرچە مىڭىپ كەتتى.ئۇ توۋۋا بالام مىڭىپ كەتتىغۇ دىدى.شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ بالىسى مىڭىپلا كەتتى.ئاساسلىق مۇشۇ ئىشلار بولدى.قالغان ئۇندىن باشقا ھەيران قالغۇدەك ئىشلارمۇ ناھايتى كۆپ ئىدى،لىكىن مەن بۇ يەردە قىسقاتىۋەتتىم.
مانا بۇلار مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ھەيران قىلىشتۇر.سىز چە بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەسمىدۇ؟يەنە كىلىپ بۇ ئىشلار مەن قۇرئاننى كۆچۈرۈپ يىزىپ تاماملاپ بولغان يىلى ،ھەم قۇربان ھىيت ھارپىسىدەك خاسىيەتلىك كۈنلەردە بولدى.شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ‹‹روھى كىسەل ››لىكتىن ئەمەس بەلكى ئاللاھ تەرەپتىن بولدى دەپ قارايمەن.مۈمكىن بولسا سىلەرنىڭ شۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىنقلاپ بىقىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ھازىر ئىشەنمىسىڭىز بەلكىم ئىنقلانغاندا ئىشىنىپ قالارسىز.ئاللاھقا ئامانەت.