مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9183|ئىنكاس: 143

ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ھەيران قىلىش(2)مۆجىزە    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 203
توردا: 5416 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئالدىنقى قىسمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-77539-1-1.html
        داۋامى :
2011– يىلى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى (يەنى قۇربان ھىيتنىڭ ھارپا كۈنى)  شۇنداق  ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن سەھەردە ئويغانسام ئاپاملار بامدات
نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئولتۇرۇپتىكەن.مەنمۇ بىردەم قاراپ ياتقاندىن كىيىن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ كىرىپ بامدات نامىزىغا تۇردۇم.شۇ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا ئاپامنىڭ ئاخشام كىچە مۇنۇ جۆيلۈپ چىقىپ بىزنىڭمۇ ئۇيقۇمىزنى تۈزۈك ئۇخلاتمىدى دىگەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىردى.بۇ گەپ بىلەن كىچە بولغان ئىشلارنى كۆرگەچكە يەنە نامازدا يىغلاپ كەتتىم.ئاندىن نامازنى تۈگىتىپ ئۇلارغا مەن كىچىدە جۈيلىمىدىم،ئەمما بۈگۈن كىچە مۇشۇنداق ئىشلار بولۇپ كەتتى دىدىم.شۇ ۋاقتتتىن كىيىن ئۆزۈمدە سەل بىنۇرماللىق ئەھۋاللىرىنى ئاز – تولا ھىس قىلغاندەك بولدۇم.(يەنى كۆپ سۆزلەش ،ئىنشائاللاھ،ئاللاھ دىگەن گەپلەرنى كۆپەرەك دىگەن بولىشىم مۈمكىن).شۇنىڭ بىلەن ئاپام مىنى سەن نەچچە كۈندىن بۇيان ئىشقا بەك كىرىشىپ ئىشلەپ كەتكەچكە چارچاپ قالغان ئوخشايسەن دىدى.ئاكاڭ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىنى دوختۇرخانىغا كۆرستىپ باقسۇن دىدى.مەن ياق مەن ھىچقانداق ئەمەس ،بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق دىسەم ئۇلار ئۇنىمىدى .شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بىرىشقا قوشۇلدۇم.شۇنداق قىلىپ ئاكام مىنى يىزىمىزدىكى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.دوختۇرخانىغا بارساق كىسەل كۆرسىتىۋاتقان ئادەم بەك كۆپكەن،ئاكام مىنى كارىدۇردا ئولتۇرۇپ ساقلاپ تۇرۇشنى ئېتتى.مەن ئولتۇرغاچ ئىچىمدە توختىماي ‹‹ئايتەلكۇرسى››ئوقۇپ تۇردۇم.كىيىن نۆۋەت ماڭا كەلدى.دوختۇر نىمە بولدۇڭ؟دەپ سورىدى.مەن ھىچنىمە بولمىدىم،بۇلار مىنى كۆپ سۆزلەپ كىلىۋاتىسەن دەپ ئېلىپ كەلدى دىدىم.يالغان بولسا تەكشۈرۈپ بىقىڭ ،مەندە ھىچقانداق كىسەل يوق دىدىم.دوختۇر مىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ رىتسىپ يازماقچى بولدى.بۇ ۋاقىتتا دوختۇردا بىر خىل قورقۇنۇش باسقاندەك،نىمە دەپ يىزىشنى بىلەلمىگەندەك قوللىرىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىغا سەپ سالدىم.شۇنداق قىلىپ بىرنىمىلەرنى يىزىپ بەردى.بىز يىزىپ بەرگەن رىتسىپ بويىچە دورا ئېلىپ (ئۇ دورا سۈمۈرۈپ ئىچىدىغان مىڭىنى تىنچلاندۇردىغان ۋە ئارام ئالدۇردىغان دورا ئىدى).ئۆيگە كەلدۇق ۋە دورىنى ئىچىپ ئىككى سائەتچە ئوخلىۋالسام ئوڭشىلىپ قالىمەن دەپ ياتتىم.ئۇلار ئاندىن ھىيت تەرييارلىقى بىلەن باشقا ئۆيلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا چىقىپ كەتتى.مەن كۆزۈمنى خىلى يۇمۇپ باقتىم،بىر ئويغاق ،بىر ئۇيقۇ ھالىتىدە تەخمىنەن يىرىم سائەتچە يىتىپ باقتىم.ئاندىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يىنىغا چىقتىم،ئۇلار بىلەن ئاز تولا پاراڭلاشتىم.ئەمما ئۈزۈمنى قانچە كونتىرول قىلىپ تۇرساممۇ،بىشىم ئۈزۈمدە بىرخىل نورمالسىز بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلۋاتاتتىم.شۇنداق قىلىپ ھەممىمز بىرلىكتە چۈشلۈك چاي ئىچىپ ئولتۇردۇق.(بۇ ۋاقىتتا مەن بىر ئەسلى ھالىتىمگە ،بىر باشقا دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك ،ھەتتاكى قىيامەت قايىم بولۇپ كىتىپتۇدە دىگەن ئويلارنىمۇ قىلىشقا ئۆلگۈردۈم.(بۇ ۋاقىت مىنىڭ ئەڭ بىشىم قايغان،شۇ چاغدا بولغان بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى دەپ بىلىنگەن ئىش بولدى.                                                                        

    شۇنداق قىلىپ مىنىڭ سۆزلىشىم بارا-بارا تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى.ئۈزۈمنى شۇنچىلىك كونترول قىلۋاتقان بولساممۇ ئەمما مەن ئۈزۈمنىڭ ئىختىيارلىقىدا ئەمەس ئىدىم.ھەتتا بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ھاياتىمىدىكى ئۆتكۈزگەن ھەربىر ئىشلىرىم كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.بۇ ۋاقتتا ئۈزۈمنى يەنە بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا سۆزلەۋاتتىم.ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئاپامغا بەزىبىر دىگۈسىىز گەپلەرنىمۇ داۋاتقان ھالىتىم ھازىرغىچە ئىنىق ئىسىمدە.(بۇرۇن مەن قىيامەت بولغاندا ھەممە ئادەم يالىڭاچ يىغىلغاندا كىشىلەر بىر – بىرىگە قاراپ قالماسمۇ دەپ ناھايتى ئاددى ئويلايتتىمكەن،بىراق ۋاقتى كەلگەندە ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن بولۇپ كىتىپ ئۇ ئىشلار ئىسىغىمۇ كەلمەيدىكەن.مەن شۇ ئىشتىن بۇ ھىكمەتنى چۈشەندىم.شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن بولغاندا مىنى خوشنا يىزىدىكى بىر موللىغا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىلىپ ماڭدى.بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ تويۇم بولۋاتقاندەك،مىنى نىكاھلاشقا ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ دەپ ئويلىدىم.ھەم يولدا شوپۇردىن ئابدۇلخەبىر (ئادەتتە ئۇنى ئابدۇخەبەر دەپ ئاتايتتۇق).مىنىڭ تويۇم قىزامدىكەن دىدىم.ئۇ ھەئە دەپلا قويدى.شۇنداق قىلپ ئۇ موللىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ مىنى مۇشۇ يەردە نىكاھلايدىكەن دەپ ئۇدۇللا ئۆيگە كىردىم.ئۆيىنىڭ ئىچىدە بىر ئاقساقاللىق شۇ موللا كىشى بار ئىكەن.مەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشتۈم،ۋا ئۆيىنىڭ تۆرىگە سىلپ قويغان كۆرپە بىلەن ياستۇقنى كۆردۈمدە ئۇدۇل شۇ ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇم.(كىيىن ئاڭلىسام ئۇ ئورۇن ئەسلى شۇ موللىنىڭ ئارام ئالدىغان جايى ئىكەن،بىراق مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنى مىنىڭ ئۈچۈن سىلىنغان ئورۇن دەپ قاپتىمەن).شۇنداق قىلىپ ئۇ موللا مىنى ئوقۇشقا باشلىدى ۋە ھەربىر قىتىم سۈفلىگەندە مەن يۇقىرى ئاۋازدا لا ئىلاھە ئىللاللاھو موھەممەدۇن رەسۇلىلاھ دەپ ۋاقىردىم.ۋە تۆۋەندە تۇرغانلاردىن ئاڭلاۋاتامسىلەر دەپ ئىشارەت قىلىپ ئۇلار باش لىڭشىتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ موللا مىنى ئوقۇپ بولۇپ چوڭ ئىش يوق ساقىيىپ قالىدۇ،بۇنىڭدىمۇ ئىغىرلار كەلگەن ،بۇ تىخى يىڭىكەن دەپ  بىزنى ئۇزىتىپ قويدى.شۇنداق قىلىپ ئۆيگە يىنىپ كەلدۇق.      

    كەچ كىردى.مىنىڭ سۆزلىشىم تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.شۇنىڭ بىلەن مىنى يىزىلىق دوختۇرخانىغا يەنە ئىلىپ ماڭدى.بۇ ۋاقىت قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ۋاقىت ئىدى.دوختۇرخانىغا يىتىپ كىلىپ ماشىنىدىن چۈشكەندە ماڭا شۇنداق بىلىندىكى مەن بەكمۇ قالتىس بولۇپ كىتىۋاتاتتىم.شۇ ۋاقىتتا قىيامەت قايىم بولغاندەك،پۈتۈن كىشىلەر بىرخىل قورقۇنۇشتا قىلىۋاتقان،مەن بولسام ئىنتايىن بۈيۈكلۈكتە،ئىنسانلار مىنى كۆرسىلا ماڭا سەجدە قىلۋىتىدىغان كۆرۈنۈشنى ئىنىق كۆردۈم.(بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللاھنىڭ ئادەتتىكى بىر بەندىسى ئىدىم، ھازىر مەن ھاياتىمدا چوڭ بىلىدىغان زوڭتۇڭ،ئەربابلاردىنمۇ ئۈستۈن بولۇپ قىلىۋاتىمەن. بۇ قانداق بولغىنىدۇ دەپ ئۆزۈمگىمۇ ھەيران قىلۋاتاتتىم).ھەم ئۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى خۇدادەكمۇ سەزدىم،چۈنكى ھەقىقەتەن ۋاقىتتا شۇنداق كۆرۈنۇش بولۋاتاتتى.(مىنى يەنە . . . داۋاسى قىلۋاتىدۇ دەپ يۈرمەڭلار،مەن پەقەت بولغان ئىشلارنى دەۋاتىمەن،كىيىن ئاڭلىسام مەن شۇ چاغدا مەن سىلەرنىڭ خۇدارىڭلار،مەن سىلەرنى مۇسۇلمان ،كاپىر دەپ ئايرىمەن دەپتىمەن).ئاندىن مەن كارىدۇر ئىچىدە ناھايتى ئاقسالىق ھالىتىدە  لائىلاھە ئىللاللاھو مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ دەپ ياتاققا كىردىم ۋە شۇنى توختىماي دەلىۋەردىم.بۇ ۋاقىتتا شۇپۇر جىنىم ئاغىنەم بىر دەم جىم تۇرۋالغىن ،تىلۋۇزۇردا قۇربان ھىيتلىق سەنئەت كىچىلىكى بىرۋىتىپتۇ،بىردەم كۆرۋالايلى دىدى.مەن بىرىپ تىلۋۇزۇرنى ئۆچۈرۋىتىپ تىخىمۇ دىيىشكە باشلىدىم.شۇنداق قىلىپ ماڭا تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى سالدىمۇ بىلمىدىم،ئۇخلاپ قاپتىمەن.بۇ ۋاقىتتا چۈش كۆرۈپتىمەن.چۈشۈمدە ئاللاھ مىنى ھاياتىمدا قىلغان گۇناھلىرىم تۆپەيلىدىن مىنى ئازاپلاۋاتقانلىقىنى (ئاللاھ ساقلىسۇن)يەنى ئالدى بىلەن قولۇمغا بىرخىل ئاغرىقنى كىرگۈزۋاتقانلىقىنى ۋە ئاستا ئاستا كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى  سىزىۋتىپتىمەن.شۇ ئاغرىق بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم.(بۇ ۋاقىت يىرىم كىچە بولغان چاغقۇ دەيمەن).ئۇيغىنىپ خىلى قاراپ ياتقاندىن كىيىن ئىسىمگە كىلىپ تەپسىلى كۈزەتسەم  دوختۇرخانىدا يىتىپتىمەن.ئوڭ قولۇمدا ئوكۇل ئسىقلىق بولۇپ بۇ قولۇم ئىنتايىن ئاغرىۋىتىپتۇ.(بۇ ئاغرىق مىنىڭ شۇ ئىشلاردىكى ئەڭ قاتتىق ئاغرىش ھىس قىلغان ۋاقتىمدۇر).يىنىمغا قارىسام ئاكام يىتىپتۇ.ئاكاممۇ مىنىڭ ئويغانغىنىمنى كۆرۈپ يىنىمغا كەلدى.مەن ئۆيگە كىتەيلى دىسەم ئاكام پەقەت ئۇنىمىدى.ئاڭغىچە دوختۇرلار كىردى،ئۇلار يەنە بىر ئاسىدىغان ئوكۇلنىڭ بارلىقىنى دىدى.مەن ياق ئەمدى ئاسقۇزمايمەن ئۇلارنىڭ زورلىشىغا قارىماي ئاسقۇزمىدىم.ئاكام بولسا سەھەرلىكتە كىتەيلى دەپ تۇرۋالدى.مەن ئاخىرى ئاكامنى قايىل قىلالماي ئەمدى مىنى ئەكەتمىسەڭ سىنى ئۇرۋىتىمەن دىدىم.ئاكام مەيلى ئۇرغىن دەپ ئالدىمغا كىلىپ تۇرۋالدى.مەن كەلتۇرۇپ شاپىلاق بىلەن يۈزىگە بىرنى قويدۇم.ئەمدى  ئەكەتمىسەڭ يەنە بىرنى ئۇراي دىسەم ،ئاكام مەيلى ئۇكام سىنىڭ ئۈچۈن تاياق يىسەم رازى دەپ ئەكەتكىلى زادىلا ئۇنىمىدى.مەن ئەمدىكىسى بوش تەگمەيدۇ دەپ بار كۈچۈم بىلەن يۈزىگە كەلتۇرۇپ يەنە بىر شاپىلاق ئۇرۋەتتىم.ئاكام شۇيەردىلا يۈزىنى تۇتقان پىتى كارىۋاتقا يىقىلدى.مەن جىنىم ئاكا سىنى پەقەت ئۇرغۇم يوقتى،بىراق سەن ئۈزۈڭ مەجبۇرلىدىڭ،ئەمدى دەرھال كىتەيلى ،ئاپاممۇ تايىنلىق مەندىن ئەنسىرەت ئۇخلىمىغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئاخىرى ئاكامنى قايىل قىلدىم.شۇنداق قىلپ شۇ كۈنى يىرىم كىچىدە ئۆيگە يىنىپ كەلدۇق.                                                              

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى (قۇربان ھىيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن ۋاقتى)مەن ئۈزۈمنى سەكراتتىكى ھالەتتە كۆرۋاتاتتىم ۋە ئاپامغا ماڭا رازىلىق بەر دەپ ئاپامدىن رازىلىق سورىدىم.ھەتتا پۇتۇمنى رۇسلاپ قوي دەپ ئۈزۈم بىشىمنى قىبلىگە بۇرىدىم.ئاپام بولسا رازى بالام سىنىڭدىن دىسىمۇ مەن سەن چىن كۆڭلۈڭدىن رازىلىق بەرمەيۋاتىسەن ،جىنىم ئاپا مەن ھىچنىمە بولمايمەن،قارا مەن تىخى ئولتۇرالايمەن،ئالدىڭدا مىڭىپ بىرەي ئاپامنىڭ ئالدىدا مىڭىپ بەردىم.(بۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى راستلا سەكراتقا چۈشۈپ قىلۋاتقان ،خولۇم خوشنىلار ،ئۇرۇق تۇغقانلار ھويلىلاردا يىغىلىپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم).كىيىن مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھويلىغا چىقتىم.ھويلىدا ھىچكىم كۆرۈنمەيتتى.مەن ئاستا قىچىپ تالاغا ماڭدىم.(ئۆيدىكىلەر بۇ خىل ھالەتتە مىنى سىرتقا چىقارغۇزمايتتى ئەلۋەتتە).قىچىپ چىقىپ بىر خوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىردىم .ئۇلار ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۋاتقان ئىكەن،مەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن ئەتتىگەندىلا ھىيتلاپ كىردىم دىدىم.                                                                                         
(بۇ چاغدا ھەممە ئادەملەر ھىيت نامىزىغا مەسجىد كە كىتىپتىكەن.ئۇلار كۈلۈمىسىرەپ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى بوپتىغۇ ،ئۆيگە كىرىڭ دەپ قارشى ئالدى.مەن بولدى خوش ،ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلدى دەپ كۆز يىشى قىلدىم.ئۇلارمۇ كۆز يىشى قىلدى.(شۇ چاغدا ئۇلار مىنىڭ بۇنداق بوپ قالغىنىمدىن خەۋەرسىز ئىكەن).شۇۋاقىتتا يەنە بىر قارىم خوشنىمىز (ئۇ ئادەتتە مەسجىدكە بارمايتتى)ئۇچراپ قالدى .ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتۈم،ئاللاھ ھەممىزگە رەھمەت قىلدى دىدىم،ئۇنىڭمۇ كۆزى ياش ئىدى ھەم مىنى يىتىلەپ ئۆيۈمگە ئېلىپ كىردى.(كىيىن بۇ قارىمىدىن ئاڭلىسام ،شۇ كۈنى ئۇ سەھەردە چۈش كۈرۈپ، بىر پۇزۇر كىيىنۋالغان ياش يىگىتىنىڭ سەللىلىك ئاقساقال كىشىلەرگە ۋەز-تەبلىغ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئايالىغا ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئاندىن كوچىغا چىققاندا مىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى).شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۆيگە بىر دوختۇرنى ئېلىپ كىلىپ مىنى كۆرسەتتى.بۈ  جەريانلارنى قىسقارتىۋەتتىم.                      11-ئاينىڭ 8-كۈنى (ھىيتنىڭ 2-كۈنى ) مەن بۇ كۈنى كۆپىنچە ئىمان كەلىمىسىنى ئېتىپ سۆزلەۋەردىم.شۇ كۈنى سائەت چۈشتىن ئاۋال 10-11 بوپ قالغان مەن ئۆيدە ياتقان ھالەتتە ئىدىم.شۇ ۋاقىتتا مەھەللىمىزدىكى مەن بىلەن كۆڭلى يىقىن بىر قارىم بالا مىنى يوقلاپ كەپتۇ.مەن بۇ ۋاقىتتا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ئۆينىڭ ئىچىنى چۆرگىلەپ ئاللاھو ئەكبەر ،ئاللاھو ئەكبەر،لائىلاھە ئىللەللاھو ئاللاھو ئەكبەر،ئاللاھو ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەم دەپ ئايلىنىشقا باشلىدىم .ئەتراپىمدىكىلەر ئاستىراق دىگەنسىرى تىخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا دىيىشكە باشلىدىم.ئاندىن توختاپ قوشگىزەك قىرىندىشىمنى 3ياشتىن ئاشقان قىزى بىلەن ئۆزۈم ئايلانغان يەرگە كۈن چىقشىقا قارىتىپ  ئولتاغۇزدۇم، ئالدىنى جەيناماز بىلەن توسۇپ تۇردۇم ، ئاندىن يولدىشىنى سەجدە قىلدۇردۇم.(بۇ يەردە 3ياشلىق قىزىنى پاكلىقنىڭ سىمۋۇلى دەپ بىلدىم.بۇنى ئادەمگە سەجدە قىلدۇردى دەپ چۈشەنمەڭلار يەنە) . بۇ بىرنەچچە كۈننىڭ ياغى تۈزۈكمۇ تاماق يىمىگەچكە ،ھەم توختىماي سۆزلىگەچكە  ھەقىقەتەن خىلى چارچاپ قالغان ئىدىم.ئەمما سۆزلىمەي دىسەم مىنىڭ مەيلىم ئەمەس،بىراق ئۈزۈمنى يەنىلا بىلىپ تۇرىمەن.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆيگە ساراي ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچتۇق،مىنىڭ قورسىقىم بەك ئىچىپ كەتكەچكە جوزىغا قويۇلغان قۇربانلىق گۆشنى ئاچكۈزلەرچە يىدىم.ئاندىن ھىلىقى قارىم بالا ناھايتنى يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىپتۇ.(مەن بۇنى ئانچە ئەسلىيەلمەيمەن). ئاندىن مىنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا مىڭىپتۇ.مەن بۇ ۋاقىتتا يولدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشلەر،ماشىنلار  ناھايتى ئالدىراش بىر يەرگە يىغىلغىلى ماڭغان ھالەتتە بىلىندى.مەن بولسام مىنى ئەمدى كەئبىگە ئىلىپ ماڭدى دەپ ھىس قىپتىمەن.شۇنداق قىلىپ كىيىن قارىسام غولجا شەھەرلىك روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى دەپ تۇرىدۇ.مەن دەرھال ئۇ خەتنى ئوقۇپ مىنى نىمىشقا بۇ يەرگە ئىلىپ كەلدىڭلار دىدىم ۋە ئۇلار بىلەن ئىچكىرلەپ مىڭىپ دوختۇرخانىغا كىردىم.مىنى بىر خەنزۇ دوختۇر كۆرگەن ئىدى.(ئادەتتە ئۇلار روھقا ئىشەنمىگەچكە مىنى چارچاشتىن بولدى دەپ قارايدىغانلىقى ئىنىق).بۇ مىنىڭ كىسىلىمنى بىلمەيدۇ دەپ تۇردۇم.شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىمنى سوراپ ماڭا 60 يۈەن قىممىتىدە بىر قانچە دورا يىزىپ بەردى ھەم ئۇيەردە ئۇنىمىغىنغا  قارىماي بىر يانپاش ئوكۇل سالدى. شۇنداق قىلىپ كەلگىچە ئۇخلاپ كەپتىمەن.                                                                                       

    ئاللاھنىڭ شىپالىق بىرىشى ئەتىسىدىن باشلاپ ياخشى بوپ قالدىم.ئاندىن ساقايغاندىن كيىن ئاللاھ يەنە ماڭا ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.بو مەندىكى بىر تۇيغۇ بولماي بەلكى ئەمەلىيەتتىكى ئىشلاردا كۆرۈلدى. ئۇندىن كىيىن قانداق مۆجىزىلەر كۆرۈلدى ؟بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز داۋامىنى ساقلاڭ.(يەنە ئەسكەرتىپ قويايكى ،بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇپ مىنى راستلا روھىي كىسەل بوپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ،مىنىڭ ساقلىقىمنى ،ئاللاھنىڭ بۇ قۇدرىتىنىڭ ھەقلىقىنى بەلكىم داۋامىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ھىس قىلىپ قالىسز).                                                                    

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zohran1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 04:10 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
koznak + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5448
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5602
تۆھپە نۇمۇرى: 267
توردا: 1095 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئاخىرىنى يازىڭە ! ئاندىنچۇ ؟

كاللام  توغرا قارار چىقىرىپ مىنى توغرا يولغا باشلايدۇ،يۈرۈكۈم خاتا يولغا  ،لېكىن نىمىشقىدۇ يۈرىكىمنىڭ باشلىغان يولىغا مېڭىپ قالىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78784
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لائىلاھە ئىللاللا    مۇھەممىدىن رەسۇلىللا  ...
  قىرىندىشىم بۇ سوزلىگەنلىرڭېزگە مەن ئىشىنمەن ، ئاللا -تائالا سىزگە شىپاسىنى بەسۇن
  ھەي بۇنداق ئىشلا بەك كوپ بولۋاتىدۇ  ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 615
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2220 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ، كۇللەيمۇ ؟  يىغلايمۇ؟ ياخشىسى سۇكۇت قىلاي،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۈكرى ئاللاھ!

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6676
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار ھاياجېنىڭلارنى قەدىرلەپ تۇرۇپ تۇرۇڭلار قېنى ئاخىردا نىمە دەيدۇ ئاڭلاپ باقمامدۇق ... بولسا تىزراق يېزىڭ ......... بولسا مۇنداق رەسملىك بۇلامدۇ سۈرەتلىك بۇلامدۇ ئىسپات بولسا ھە...بىزمۇ كۆرۈپ كۆزمىز ئېچىلىپ قالسا........قېنى بىر ئاڭلاپ باقىلى..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulpat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 04:49 PM  


پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2063
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 7014 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمجاپادىن  يانا بىرسى پەيدا بوپتۇ   

بوپتۇ ساخلايلى    ئاىىرى قانداق بوپكېتە ئەمدى

سۈكۈت  !


      تازا دەگەندەك ياخشى چارە ئەمەس  ........

ھايات ئادەمگە پە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13512
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5542
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن بۇنداق چۈشلەرنى باشقىلارغا دىسە بومايدۇ دەپ ئاڭلىغان!     شۇنداقتىمۇ  سىز  بىر  چوڭلاردىن  سوراپ باخسىڭىزكەن .ئاندىن ماڭىمۇ ئەسكەرتىپ قويسىڭىزكەن!      
ئىنشا ئاللا !

ھايات مەن قوينۇڭدا ياشاپ ئۆزگىچە ئۆزگە يولدا ماڭىمەن دادىل ماختاش تىللاش ،قارغاش بەرىبىر ئۆز ئەقىدەم ئۇزەمگە ئادىل        --- ئۇچقۇن---

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6676
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-5-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چۈش بولسا دىسەك بۇلىدۇ مىنىڭچە يامان چشنى دىمەسلىك كىرەك دەپ ئاڭلىغان چۈنكى يامان چۈش باشقلارنى ساراسىمگە سەپ ئەنسىرتىپ قويىدۇ....

ئاللا ئىمان ئاتا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29637
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2387
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھغا شۇكىرى...ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچ ئش بولمايدۇ...

ئاللا ھەممىزگە ئىمان ئاتا قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش