مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mimarqi

مۇقام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چارىگاﻫ مۇقامى
   بىرىنچى بۆلۈم؛چوڭ نەغمە قىسمى
               مۇقەددەمە
كۈرۈپ گۈلدەك يۈزۈڭ رەڭگىنى  كۆزدىن يۈز چىمەن بولدى،
ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ﻫالى يامان بولدى.
تۈن-ئاخشام تولغانۇ سۇنبۇل بىكىن زۇلپۇڭدىن ئاﻫ ئۇردۇم ،
ﻫاۋانى غالىيە تۇتتى جاﻫان مۈشكى خوتەن بولدى.
قىلىپ رەئىنا قەددىڭ يادىن سەﻫەردە ئانچە يېغلادىم،
كۆزۈمنىڭ جويبارى ئىچرە سەرۋى نارىۋان بولدى.
مېنىڭدەك گويىيا كۆردى يۈزۈڭنى ئەبرى نەۋرۇزى،
كۆزىنىڭ ياشىدىن يەر يۈزى ۋەرىدى ياسۇمەن بولدى.
سابا زۇلپۇڭنى تاغىتتى مەگەر ﻫالى خەيالىمدا،
يازىلى ئەژدەﻫا بولدى،ئورالدى ئەﻫرەمەن بولدى.
كۆرەدۈرگەچ كۆزۈڭ كۆڭلۈم سېنىڭ زۇلپۇڭغا باغلاندى،
كۆرۈڭ ئول جادۇدىن بۇ ﻫەم يەنە بىر ئۆزگە فەن بولدى.
ئەگەر شىرىن ئۈچۈن پەرﻫاد ئىشقى كۆﻫكەن بولسا،
نى تاڭ سەككاكى ﻫەم جانا يولۇڭدا جانكەن بولدى.
                               (سەككاكى)
                تەئەزە
كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىغە پەرۋا ئەيلەسە،
ﻫەر كۆڭۈل ﻫەمكى سېنىڭ ئىشقىڭنى پەيدا ئەيلەسە.
ﻫەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلىسەم نەۋمىد ئۆلەي،
ﻫەر كۆڭۈل ﻫەمكى سېنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە.
ئۆزگەلەر ﻫۆسنىن تاماشا ئەيلەسەم چىقسۇن كۆزۈم،
ئۆزگە بىر كۆز ﻫەمكى ﻫۆسنۈڭنى تاماشا ئەيلەسە.
غەيرى زىكرىن ئاشكارا قىلسا لال ئولسۇن تىلىم ،
قايسى بىر تىل ﻫەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە.
رەشكىدىن جانىمغا ﻫەر نەرگىس كۆزى بىر شۆئلەدۇر،
باغ ئارا ناگاﻫ خىرام ئول سەرۋ رەئنا ئەيلەسە.
يوق ئاغزىدىن نۆكتە ئەيتۇر مەﻫۋەشىمدەك بولماغاي،
گەر قۇياش ﻫەر زەررەسىدىن بىر مەسىﻬا ئەيلەسە.
ئاقىبەت جانىمغا يەتتى ئەي خۇش ئول مۇغكىم مېنى،
بىر قەترە بىرلە خەرابات ئىچرە رەسۋا ئەيلەسە.
كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغا پەرىخان يوق تەبىب،
كىم ئول ئەنسابىدۇر پەرى ﻫەركىمنى شەيدا ئەيلەسە.
سۈبﻬىدەك ﻫەردەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى،
نىگاﻫ ئەﻫلى سىدىق كۆڭلى مىﻬرىن ئىفشا ئەيلەسە.
دەﻫىر شوخىغە نەۋايى سەيد ئولما نېچەلىم،
كۈن ئۇزارى تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە.
                         (نەۋائى)
           نۇسخا
ياشىرۇن دەردىمنى زاﻫىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت،
ئاسرىغان سىررىمنى يايدى سەيلى مىژگان ئاقىبەت.

ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى ۋەﻫكى قىلدى پاش،
ﻫەر تەرەپ كۆزدىن تەرەششۇﻫ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت.
تىغى ﻫەجرىدىن نىﻬان كۆكسۈن شىكافىن ئاﻫىكىم ،
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت.
ۋايكىم كۆكسۈم شىكافىن ئۇلۇسقە بولدى فەﻫم،
ئىشىق ئوتى باغرىمغا قۇيغان داغى پىنﻬان ئاقىبەت.
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن بىدادىغا خۇرسەند ئىدىم،
ۋەﻫكى بولدۇم ﻫەجرىدىن رەسۋايى دەۋران ئاقىبەت.
گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلپى ئەي پەقىﻬ ،
بولغۇدەكمەن دەﻫىر ئارا مەستى پەرىشان ئاقىبەت.
ئىشقى كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى،
ﻫەجرى تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئۇريان ئاقىبەت.
دەﻫىر بوستانى ئاراسەركەش نىﻬالى كۆرمەدۈك،
سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىلە يەكسان ئاقىبەت.
ئەي نەۋائى دەۋلەتى باقى تىلەرسەن  ۋەسلىدىن،
ئانى كەسىپ ئەتمەك پەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت.
                                (نەۋائى)
              مۇستەﻫزاد
تۈن ئاخشام بولدى-يۇ كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم،
بۇ ئەندۇﻫ ئوتىدىن ﻫەردەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم.
نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم،
كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارىسىن داغى پىنﻬانىم.
غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەيﻬۇندەك،
مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەﻫاننى ئەشكى غەلتانىم.
پەلەك ﻫەم تولدى كەۋكەبدىن ،قۇياش ﻫەم چۈشتى ئەشﻬەبدىن،
كىلىپ چۈشمەس بۇ مەركەبدىن  مېنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم.
جەﻫاننى زۇلمەت ئەتتى چەﻫ  بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم ۋاﻫ،
ماڭا بولساڭ نە خىزرى رەﻫ، نىتىب ئەي ئابى ﻫەيۋانىم.
دىمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش پەلەككە تىيرەلىك يەتمىش،
ئول ئاي ﻫەجرىدە تار ئەتمىش،پەلەكنى دۇدى ئەفغانىم.
نەۋائى كەبى ﻫىجراندىن بۇ ئاخشام ئۆلدۈم ئەفغاناىن،
غەمىم يوق بولسا يۈز جەﻫان يىتىپ گەر كەلسە جانانىم.
                                    (نەۋائى)
             ئابىچەشمە
كېزەرمەن كويىدا يىللار نەزەر ﻫالىمغا سالغاي دەپ،
ئەگەر ئۆلتۈرسە قانىم رەڭگى تۇپراغىدا قالغاي دەپ.
كۆڭۈلگە يۈز تۈمەن نىش ئۇرسا ﻫىجران ئەيلەمەن نالە،
ۋىسالىڭ نۇشىدىن ئول زەخمىلەر بىر كۈن ئوڭالغاي دەپ.
كۆڭۈلگە ناۋەكىڭ تا كىردى بىﻬەد ﻫىفزىن ئەيلەرمەن ،
كى بۇ شىشەئى ئىچرە ئول داغى ناگاﻫ ئوشالغاي دەپ.
نەۋائى بىنەۋالىغ بىرلە دائىم مەي ئىچەر بىر كۈن،
نەۋا نەقشىنى دەۋران مۇترىبى بەزمىدە چالغاي دەپ.
                                       (نەۋائى)
                جۇلا
مۇئاپىق كەلدىلەر بولمىش،مەگەر نەۋرۇز ئىلە بەيرام.
چىمەن سەرۋى يېشىل خىلئەت مېنىڭ سەرۋى راۋانىم ﻫەم.
چىمەن سەرۋى قېلىپ ﻫەيران مېنىڭ سەرۋىم قىلىپ جەۋلان،
ئۇنىڭ شەيداسىدىن بىر دىﻬقان،ئۇنىڭ شەيداسىدىن يۈز ئالەم.
چىمەن سەرۋى قېلىپ بىبەر ،مېنىڭ سەرۋىم بۇلۇپ دىلبەر،
ئانى يەل ئەيلەبان مۇزتەب بۇ يەلدىن سەكرەتىپ ئەدﻫەم.
قۇنۇپ ئول سەرۋى ئۆزرە بۇلبۇل ،چىكىپ گۈل شەۋقىدىن غۇلغۇل،
بۇ سەرۋى ئۆزرە ئاچىلىپ گۈل ئاڭا تەردىن تۇشۇپ شەبنەم.
قىلىپ ئاﻫىم سارى پەرۋا بۇيان مەيىل ئەتمەدىڭ قەتئا،
سابادىن ئەي قەددى رەئنا بۇلۇر ﻫەم سەرۋى گەﻫ گەﻫ غەم.
                                         (نەۋائى)
                    سەنەم
چىقتى ناگاﻫ مەﻫۋەشى رەڭگىنى گۈقنار ئەيلەەەچ،
ﻫەلقە-ﻫەلقە زۇلپىنى بوينىغا زۇننار ئەيلەگەچ.
ئىككى جادۇ كۆزلەرىگە ئەﻫلى ئالەم بەندەدۇر،
ئىسمى ئەئزەم ساچلارى بوينىدا تۇمار ئەيلەگەچ.
پىستە ئاغزى ئىچىدە  چىشلىرى دۇردانەدۇر،
سۆزلەرى قەندىن لەزىز شىرىن گۈپتار ئەيلەگەچ.
ناگەﻫان كۆردۈم چۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ شەۋقىنى،
ئول زامان يادىمدا يوق ئۇيقۇمنى بىدار ئەيلەگەچ.
                                (نەۋبەتى)
        چوڭ سەلىقە
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىۋانە بولدۇم،
ئەقلۇ-ﻫۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم.
تارتىپ جەپالار ئۆلسەم يولۇڭدا،
يانماسمەن ﻫەرگىز مەردانە بولدۇم.
بولدۇم جاﻫاندا رەسۋايى ئالەم،
ياخشى-يامانغا ئەفسانە بولدۇم.
كەۋسەر شارابى يادىمغا كەلمەس،
لەئىلىڭ غەمىدىن مەستانى بولدۇم.
يۇمدۇم كۆزۈمنى سەندىن بىلەكتىن ،
كەچتىم بارىدىن رىندانە بولدۇم.
ئىشقىڭ مەيىگە پۇر بولدى جىسمىم،
ﻫەم ساقى ﻫەم مەي پەيمانە بولدۇم.
بىر قەترە ئەردىم چۆكتۈم دېڭىزغا،
كىردىم سەدەفكە دۇردانە بولدۇم.
تەگدى كۆزۈڭدىن ﻫەردەمدە مىڭ ئوق،
ئەۋۋەل ئىدىم دەشت گۈلخانە بولدۇم.
بىر نەچچە يىلدۇر ياردىن جۇدا مەن،
بىلمەم ئۆزەمنى ئايانە بولدۇم .
                   (گۇمنام)
  كىچىك سەلىقە
يارنىڭ كويىدا دىۋانە بولدۇم ئاقىبەت،
خەلق ئاراسىدىن چىقىپ بىگانە بولدۇم ئاقىبەت.
كەلمەگەي ئالەمگە سەندەك مەﻫۋەشى ئى نازىنىن،
ئىشتىياقىڭ كەيپىدە مەستانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇررەملىق، دىلشادلىق،
مەن غېرىبىڭ غەم بىلە ﻫەيخانە بولدۇم ئاقىبەت.
بىر زامان يوقتۇر ماڭا ئارام ئىلە سەبرۇ قارار،
ئاي يۈزۈڭنىڭ شەمئىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئىككى شەئىلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد ،
چۇغىز يەڭلىغ مەسكەنى ۋەيرانە بولدۇم ئاقىبەت.
ئەي يارانلار يارىنىڭ ۋەسفى مىنى قىلدى خۇمار،
مۇتتەسىل ئاستانەئى مەيخانە بولدۇم ئاقىبەت.
ساقىيا مەي تۇت ماڭا جامى مۇﻫەببەت تولدۇرۇپ،
نەۋبەتىكىم تەشنەلەپ رىندانە بولدۇم ئاقىبەت.
                             (نەۋبەتى)
             تەئىكىت
سوراپ كۈلبەم سارى كەلدى مېنى ئول شوخ ياد ئەيلەپ،
غەمىن كۆڭلۈمنى ﻫىجران غۇسسەسىدىن ۋاﻫكى شاد ئەيلەپ.
بۇلۇپسەن كۆپ چىمەن گۈللارىغا مەغرۇر ،ئەي بولبۇل،
تىگەر بادى خازان ئاخىر نە قىلغۇڭ ئىئتىماد ئەيلەپ.
تۇرارغا ئابىدا بىر كۇنجى غۇربەت ئالەم ئەﻫلىدىن،
چىق ئەمدى تەرك ئىتىپ ﻫىرسۇ ﻫەۋانى خەيرباد ئەيلەپ.
                                          (ئابىدى)
  ئىككىچى بۆلۈم داستان قىسمى
         1- داستان
بۇ بېشىمغا كۈن چۈشتى يارۇ جانانىم،
بۇ دەردكە قالدىم مەن داۋا ئەيلىگىن.
مىنىڭ مۈشكۈل ئىشىمنى قىل ئۈزەڭ ئاسان،
يوقسە مىنى ئەمدى پانا ئەيلەگىن .
مەن بىر غېرىپ شىكەستە بولدۇم بىچارە ،
قەمبەرگاﻫىم ﻫەسرەتتە قالدى نە چارە.
كۈندۈزلەرى غەم بىلەن كېچەلەرىيىگانە،
يولداشىمغا ماﻫىللىق ئاتا ئەيلەگىن.
كۆككە ئۇچاي دىسەم يوقتۇر قاناتىم،
يەرگە كىرەي دىسەم غەمدۇر نىجاتىم.
ئۈلەي دىسەم ئادا بولماس ﻫاياتىم،
ئەمدى ماڭا سەبرى ئاتا ئەيلەگىن.
مەن بىر ئاجىز گۇناﻫكار بەندە ،
قىلما مېنى دەرگاﻫىڭدا شەرمەندە.
تىرۈلدۈرۈپ خالايىقنى مەﻫشەر كۈنىدە،
دۈشمەنلەرنىڭ يۈزىنى قارا ئەيلەگىن.
           2-داستان
چاﻫقا چۈشتۈم كىلىپ ئول شەﻫرى كەنئاندىن،
داغى ﻫىجران ئەزدى ئىبنى يەمىنجان.
مەن كۆرمىگەن جەۋرى-جاپا مىﻬنەت قالمىدى،
زارۇ-ﻫەيران قىلدى مىنى ئىبنى يەمىنجان.
ئاغالارىم كۆينەگىمنى تارتىپ ئالدىلار،
تۆت تەرەپتىن كىلىپ ماڭا خەنجەر ئۇردىلار.
ئاخىر مىنى تۇتۇپ كىلىپ چاﻫقا سالدىلار،
بەندى زىندان قىلدى ئىبنى يەمىنجان.
قىزىلگۈلدەك تىنىم قانغا بۇيالدى،
ئەل كۆزىدىن يىراق تاشلاپ ئۆچىنى ئالدى،
ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلدى-يۇ،لېكىن ئۇيالدى.
ئاﻫ باغرى قان قىلدى مىنى ئىبنى يەمىنجان .
ئاغالارىم دۈشمەنلىكنى رەۋشەن بىلدۈرۈپ،
كۆزلەرىمنى تۇپراق بىلە قويدى تىندۇرۇپ،
ياش گۈلۈمنى جاپاتاغى كەستى سۇندۇرۇپ،
بەرگى خازان قىلدى مىنى ئىبنى يەمىنجان .
ئۇردى،سوقتى چاﻫقا تاشلاپ كەلمەي قاشىمغا،
قىيامەتنىڭ كۈنى چۈشتى ئەزىز باشىمغا .
قابا پەلاك ئوغا سالدى يىگەن ئاشىمغا،
ئەجەپ سەرسان قىلدى مىنى ئىبنى يەمىنجان.
يۈسۈف ئەيتۇر؛ئوتتا يانىپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم،
جۇدالىقتا،سەرسانلىقتا سۇلغان گۈل بولدۇم ،
بۇلار ساتتى مىسىر ئىلىگە شۇنداق قۇل بولدۇم،
ئاللاﻫ سۇلتان قىلدى ،مىنى ئىبنى يەمىنجان.
               (يۈسۈف-زىلەيخا داستانىدىن)
         3-داستان
مەجنۇن بۇلۇپ باياۋانلارنى گەشت ئىتىپ،
ئۆز- ئۈزۈمدىن بۇ سەۋداغا يىتىشتىم .
بىر پەرىنىڭ ﻫەسرىتىدە قان يۇتۇپ،
باغۇ-بوستان خۇش ﻫاۋاغا يىتىشتىم.
پەسلى زىمىستانىم بۇلۇپتۇر يازە،
گۈلشەنى بۇلبۇلۇم يىتىپتۇر تازە.
بارچەسى سۈرتۈپتۇ يۈزىگە غازە،
بىر ئاجايىپ تاماشاغا يىتىشتىم.
ئەقلىمنى لال ئەتتى ئاغزى خىيالى،
شەككەردىن شىرندۇر ئاغزىنىڭ بالى.
بىر پەرىدۇر ﻫۆسنى ﻫۆر مىسالى،
ئاﻫۇ كۆزلۈك دىلرەبەغا يىتىشتىم.
تەخت ئۈستىدە ياتمىش ئەجەپ بىر دىلبەر،
زۇلپىغا بەركىتمىش باﻫاسىز گەۋﻫەر،
شاﻫى خۇرشىد ئوغلى ئاتىم سەنۇبەر،
بىر ئاجايىپ مەﻫلىقاغا يىتىشتىم.
بىرسى مەلەكتۇر، بىرسى رىزۋان،
گوياكى جەننەتتە ﻫۆر ئىلە غۇلمان،
ﻫويلايۇ ئايۋانلار باغ ئىلە بوستان،
تۇرفە باغى مۇستەپاغا يىتىشتىم.
             (سەنۇبەر داستانىدىن)
        4-داستان
نېتەي مەن ﻫېچ ئىلاجىم يوق،گويا پەرۋانەدەك كۆڭلۈم،
بۇ چۆللەردە ياراغىم يوق،بۇلۇپ مەستانىدەك كۆڭلۈم.
ئاشىقلارنىڭ داۋاسى يوق،بۇ چۆللەرنىڭ قاراسى يوق،
بۇ دۇنيانىڭ ۋاپاسى يوق،گويا ۋەيرانىدەك كۆڭلۈم.
ئادەم كۆيگەن ئول ﻫەۋۋاغا،تاﻫىر ئاشىقتۇر زوﻫراغا،
يۈسۈپ بىلەن زىلەيخاغا گوياكى خانىدەك كۆڭلۈم.
ﻫەمراﻫلارىم دەريادا زار،غەرق ئەيلەدى بەﻫرى خۇنخار،
غېرىپلارغا مۇنداق كۈن بار،ئىرۇر پەيمانىدەك كۆڭلۈم.
چۈشۈپ چۆللەرگە شاﻫزادە ﻫەقدىن ئىرۇر بۇ ئىرادە،
يارىم قويما بۇ ئارادا،بۇلۇپ ﻫەيرانەدەك كۆڭلۈم.
گۈلرۇخ يۈرەكنىڭ داۋاسى،كۆڭلۈمدە ئىشقنىڭ ياراسى،
ئاقتى كۆزۈمنىڭ قاراسى،گويا دىۋانەدەك كۆڭلۈم.
         (شاﻫزادە فەرۇخ-مەلىكە گۈلرۇخ داستانىدىن)
ئۈچىنچى بۆلۈم ؛مەشرەپ قىسمى
                مەشرەپ(1)
مەن نالە قىلاي شامۇ- سەﻫەر يار ئىشىگىدە،
جانىمنى بىرەي شوخى سىتەمكار ئىشىگىدە.
سەۋدايى مۇﻫەببەتكە چۈشتۈم سېنى ئىزدەپ،
ئۆلتۈردى غەمىڭ كۆزلەرى جەللاد ئىشىگىدە.
گۈل ياقتىم كوچىدا ياتتىم كېچە-كۈندۈز،
پەرۋانە سۈپەت كۆيدى پەرىزاد ئىشىگىدە.
مەن قەلەندەر شاﻫىمەن ئالەم ماڭا ﻫەيراندۇر،
پايتەختى گۈلخانەم، ئوردام قەلەندەر خانەدۇر.
نە ئۈچۈن تەركى مۇﻫەببەت قىلدى ماﻫىم بىلمەدىم،
بۇ غەزەپكى ئەيلەسە ماﻫىم گۈناﻫىم بىلمەدىم.
                          (مەشرەپنىڭ)
                    ^*^*^**^*^*^
ئاشىق بولدۇم يارىدىن تاپماي دىبان كۆڭلۈم ۋىسال،
ﻫەجرىڭ بۇ يەڭلىغ بۇلۇرنى كىنە خاﻫىم بىلمەدىم .
                  (2)
نەۋ باﻫار ئەييامى بولمىش مەن دىيارۇ يارىسىز،
بۇلبۇل ئولغاندەك خازان پەسلى گۈل رۇخسارىسىز.
تاڭ ئەمەستۇر گەر دىيارۇ يارىسىز ئازۇرمەن،
ۋەﻫكى مەن تۇتماغان ئول سەيرى گۈل رۇخسارىسىز.
مەينى بەردىڭ زۇلف بىلەن بەند قىل مېنى(ئەي) مۇغبەچە،
كىم خۇش ئىرمەس مۇغ ئىلە ئىچمەك قەدەﻫ زۇننارسىز.
                                         (نەۋائى)
                   (3)
ئەييۇﻫەل ئوششاقى بۇيى ۋەسلى جان كەلتۈرمىشەم،
بىر گۈلى رەئنا جەمالىڭدىن نىشان كەلتۈرمىشەم.
ئۆرگۈلۈپ قەشقەرۇ،يەركەند،ئول خوتەن دەشتلەر كىزىپ،
ئاخىرى كېريى،چىرى،ئىلچى ئامان كەلتۈرمىشەم.
ئىلچىنىڭ بازارىدىن بىرمۇنچە ئەلدىن پۇل تىلەپ،
گۆشۇ،ياغۇ،چاي ئىلىپ ئەبجەش قازان كەلتۈرمىشەم.
گاﻫى شىرغۇل،گاﻫى لايسۇ،گاﻫى گۈلاخماندىن ئۆيۈپ،
چىرىلىقتىن قاق تىلەپ ئىششەك چىلان كەلتۈرمىشەم .
                      (4)
گاﻫى قالۇق، گاﻫى مۇغەللە،چۆپچۆلى جاي كەنتىدىن،
كەچقۇرۇن ئاتقا بوغۇز بىلە سامان كەلتۈرمىشەم.
بىناۋالار بىلە گۈلخاندا كۆڭۈلنى خوش قىلىپ،
دەممۇ-دەم ئاﻫ تارتىۋەي،ئاﻫۇ پىغان كەلتۈرمىشەم.
                                    (مەشرەپنىڭ)[/center]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەنجىگاﻫ مۇقامى
     بىرىنچى بۆلۈم:چوڭ نەغمە قىسمى
               مۇقەددىمە
مۇغەننى چەك مەقامى راكنى بەزم ئىچرە مەستانە،
ساچىپ ئەربابى مەئنا لەفزىدىن مەجلىسغە دۇردانە.
سېنى ياد ئەيلەبان مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇ مەﻫزۇندۇر،
كى سەن ﻫەم ياد ئېتىپ تۈز چەببىيادىڭ بولما بىگانە.
چىقىپ قايتا نەپەس چىقماقغە باش بىلمەسەڭ نەدۇر،
تەرەننۇم قىل سىگاﻫ ئاﻫەنگى بىرلە نەغمە رىندانە.
كۆڭۈل چۈن مۇزتەرىبدۇر تۆرت مەزﻫەبدىن نىدۇر مەقسەت،
ئىشىتكىل چارىگاﻫنى پەﻫىم قىلغىل سىررى مەيخانە.
كۆڭۈل مۈلكىنى شاﻫىنشاﻫ ئىشقىڭ چۈن مەقام ئەتتى،
ئاچىپ يۈز پەنجىگاﻫ نەققارەسىن ئۇرغىلكى فەرزانە.
ئىرۇر ئىشىق ئەﻫلى كۆپ مەﻫزۇن باقىپ پەرگارى لەئلىڭغە،
چىكىپ ئوششاق ناخۇن بىرلە قىلغىل راست دىۋانە.
زىلەيخايى جۇنۇن لەشكەر چىكىپ ئەيلەر سەياسەت كۆپ،
بايات ئاﻫەڭگىدىن تاشلارمۇ سەن كۆڭلۈمنى زىندانە.
بۇ بەزم ئەﻫلىگە غەپلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،
كېرەك نىشئاۋىرەك تىغى بىرلە جەۋلانى مەردانە.
تەكەللۇم ئىستەبان شىرىن لەبىڭدىن بىرەۋا بولغاچ،
كۆيەرمىز بىر نەۋا ئۈممىدىدى بىز جەمئى پەرۋانە.
دىسۇن كۆڭلۈم مەقامى ئەجىز ئارا ئۆزﻫالنى ناقىس،
ئەجەم بىرلە ئىراق ئەﻫلى بۇ سىرنى بىلمىسۇن يانە.
                                           (ناقىس)
               تەئەزە
سۈبﻬىدەمدە ئاچتى خەممارى ئىشىك مەيخانەغە،
بۇق-بۇق ئاۋازى سۇراﻫىجان بىرۇر مەستانە.
مەن يىراقتىن بەزمىگە كەلدىمكى ئاخىرراقىدا،
ساقىيا،قوپ مەينى پۇر ئەيلەكى بۇ پەيمانەغە.
مەجنۇن ئولدۇم لەيلىنىڭ ئىشقىدا بۇ ئالەم ئارا،
ئاقىلا قىلما نەسىﻬەت مەن كەبى دىۋانەغە.
چەۋرۇلۇپ شەمئى جەمالى مەئىشۇقىغا جان ئاشىقى،
ئىشقىدا كۆيمەكنىكىم ئۆرگەتتى بۇ پەرۋانەغە.
سىنە زەنگارەنى تەقۋا سەيقەلىدە پاك قىل،
پاكلىق بىرلە قارا ئايىنەدە جانانەغە.
يوقدۇرۇر دۇشنام سەييادى ئەزەلكى جانىمە،
كەلدىلەر مۇرغى ﻫەۋا ئالەمغە بەﻫرى دانەغغە.
تەۋبە قىل زوﻫدى رىيائىغا بۇرۇنراق ﻫافىزا،
بەسكى ئاچماستائىشىكنى بۇ كېچە مەيخانەغە.
                             (ﻫافىز شىرازى)
            نۇسخا (1)
            
ئۆلگۈچە بەندەڭ بولاي ئەي شاﻫى خۇبانىم ساڭا،
تا تىرىكدۇرمەن پىدا ئەيلەي تەنۇ- جانىم ساڭا.
ئەي نىگارا كاشكى كۆرسەم جەمالىڭ ئەكسىنى،
كۆيدۈما پانۇسدەك شەمئى شەبىستانىم ساڭا.
رەﻫم قىلغىل مەن يىتىم بىچارىگە ئەي نازىنىن،
ﻫەسرىتىڭدە زەئىفىراندەك بولدى رۇخسارىم ساڭا.
مۇنچە كۆيدۈرمەك نەدۇركىم ئاشىغى بىچارەنى،
كىممۇ ئېيتقاي ئەرزۇ-ئەﻫۋالىمنى جانانىم ساڭا.
دىلبەرئا سەندىن زامان ئايرىلماغىم دىشۋاردۇر،
تا قىيامەت يېغلىسام يەتكەيمۇ ئەفغانىم ساڭا.
كېچە-كۈندۈز يارىنىڭ كويىدا ئىچتىم بادەئى،
زاﻫىدا مەنىﮌ ئەتمەگىلكىم باغۇ-بوستانىم ساڭا.
يارىنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيەدۇ نەۋبەتى،
رەﻫىم قىل يارەب قۇبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا.
                                 (نەۋبەتى)
                   (2)
گۈل ياقا چاك ئەيلەدى رۇخسارى ئالىڭنى كۆرۈپ،
سەرۋى ئەر-ئەر تىترەدى نازۇك نىﻬالىڭنى كۆرۈپ.
يېڭى ئاي قان يېغلىدى ئەرمەس شەپەق چەرخ ئۆزرەكىم ،
قامەتىن خەم ئەيلەدى مۈشكىن ﻫىلالىڭنى كۆرۈپ،
سەيىر ئىتىپ كۆڭلۈم قۇشى باغلاندى زۇلپۇڭ دامىغا،
دانە يەڭلىغكىم لەبىڭ ئۈستىدە خالىڭنى كۆرۈپ.
خىزىر سۈيى بىرلە ئېيسا ياشۇرۇپ بولدى خىجىل،
لەئلىڭ ئىچرە ناگەﻫان شىرىن زۇلالىڭنى كۆرۈپ،
بىر نەپەس جان تۇرماسۇن تەندە سېنى گەر كۆرمەسەم،
خىزرى ئۆمرىدۇر ماڭا ئۆلسەم جەمالىڭنى كۆرۈپ.
جەننەتۇل  پىردەۋس ئارا سەن بولماساڭ ئەي مەﻫجەبىن،
تاڭ ئەمەسدۇر كەچسەم ئاندىن چۈن ۋىسالىڭنى كۆرۈپ،
مەﻫزۇنا مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى،بول گەدا،
دەير پىيرى مەي بىرۇر،سۇنغان ساپالىڭنى كۆرۈپ.
                                           (مەﻫزۇن)
                 مۇستەﻫزاد
ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى ﻫەيران بولدى گۈل،
بەرگىسىز قالدى نەدىنكىم ،بەس،پەرىشان بولدى گۈل.
بادەدىن گۈل-گۈل كۆرۈپ ئول يۈزنى،ئانىڭ ﻫەجرىدىن،
چاك-چاك بولغان كۆڭۈلدەك تەﻫ-بەتەﻫ قان بولدى گۈل.
گۈلئۇزارىم كىشۋەرى ﻫۆسۈن ئىچرە بولدى پادىشاﻫ،
راست ئانداغكىم چىمەن مۈلكىدە سۇلتان بولدى گۈل.
گۈل چاغى يارى سەپەر ئەيلەپ،نەۋائى جانىغا،
ﻫەر بىرى تازە قانلىغ داغى ﻫىجران بولدى گۈل.
                                          (نەۋائى)     
            ئابىچەشمە
ﻫەۋايى ئىشقىدىن باشىمغا ياققان ژالە ﻫىجراندۇر،
كى بۇ يارانغا ئاﻫىم گەردى بادى چۈنكى قالقاندۇر.
كۈرۈپ ئەۋۋەل نەزەردە مىڭ بەلىيەتكە دۇچار بولدۇم،
دەرىخا بۇ ئوقۇبەتتىن خەلاس ئولماق نە ئىمكاندۇر.
پەلەك ياغدۇردى باشىمغا ﻫەۋايى ئىشقىدىن تاشلار،
مەلامەت ئاسمانىدىن كى چۈشكەن سەڭگى باراندۇر.
ئايا لەيلى ئۆزۈڭنى ئەيلەگىل ئول يار مەقتۇلى،
ساڭا بۇ سەئىپ ﻫالەتتىن ئول ئىشلارئانچە ئاساندۇر.
                                     (نىزارى)
            جۇلا
خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۈرەتى،
بولدى جانان سۈرەتى بۇ جىسىم ئارا جان سۈرەتى.
جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم ،پەرىمۇ،ﻫۆرمۇ،
قالمادى ئەي دوستلاركىم مەندە ئىنسان سۈرەتى.
ئىزدەبان كەزدىم جەﻫاننى تاپمادىم سالىپ سوراغ،
زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ﻫەيران سۈرەتى.
ئوتقا چۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ-پىچ،
ﻫەلقە-ﻫەلقە ئەيلەدى زۇلپى پەرىشان سۈرەتى.
خەنجەرى ﻫىجران ﻫۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك،
بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۈرەتى.
تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە يوقتۇر ئەجەپ،
نەييىرى ئەئزەم بۇلۇپ خۇرشىدى رەخشان سۈرەتى.
ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەپ ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن ؟
ئەسلىنى تاپماق بەسى مۈشكىلكى ئاسان سۈرەتى.
ئەيتىپ-ئەيتىپ يېغلىساڭ مەسئۇد يوقدۇر ﻫەمدەمىڭ،
بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىﻬﻬەت ئىمكان سۈرەتى.
                                     (نىزارى)
             سەنەم
ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇ،
چىراق ئەمەس يارنىڭ ئوتى يۈرەك كۆيەدۇ.
ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدىن سىرىلدىم تۈزگە،
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك ئىگىلدىم سىزگە.
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك كۆرۈنگەن يارىم،
قىزىق تۇنۇر ئاتەشىدەك كۆيۈنگەن يارىم.
                         (خەلق قوشاقلىرى)
        چوڭ سەلىقە
جانا يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم،
شەككەر لەبىڭنى سۆيگەلى كەلدىم.
ئەي خاجەئى ﻫۆسىن بەندەڭ بولايىن ،
قۇلدەك ئىشىكتە تۇرغالى كەلدىم.
ئۇچرادى ناگاﻫ ئەﻫلى مۇﻫەببەت،
قىممەت باﻫانى ئالغالى كەلدىم.
مەشرەپكە تەگسە بىر كاسە دەۋران،
بەش كۈن جاﻫاندا تۇرغالى كەلدىم.
                       (مەشرەپنىڭ)
      كىچىك سەلىڭە(1)
يولدا بىر مەﻫۋەشنى كۆردۈم ئۆگەچە رەپتارى بار،
باشىدا گۈلگۈن جۇلاسى ئۈستىدە زۇننارى بار.
ئەتلى ئام ئەيلەرگە چىقمىش يانىغا باغلاپ قېلىچ،
ئەڭنىگە كەيگەن غەزەپتىن چەكمەنى گۈلنارى بار.
دەمبەدەم ئۆرتەپ ﻫۇجۇدۇم خىرمەنىن كۈل قىلغالى،
ﻫەي-ﻫەي ئول قاتىلنىڭ ئىككى ئاتەشىن رۇخسارى بار.
شوخلۇقىدىن ئوينۇشۇپ جان ئالسا ﻫەردەم كۆزلەرى،
غەم ئەمەستۇر جان بىرۇردە لەئلى شەككەر بارى بار.
بۇسە ئىستەپ كۆزلەرىم سۈرسەم ئاياغىن سۇنمادى،
دىدى ئول بىرەﻫىم كافىر ئىشۋە بىرلە«نېرى بار»
ئۆلسە مەندەك ئاجىزۇ مەﻫزۇن گەدا پەرۋاسى يوق،
بىر قولىدا جامۇ مەي بىر ئىلكىدە سەتارى بار.
                                     (مەﻫزۇن)
               (2)
ئەرزىمنى ئېيتاي بادى سەباغا،
بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغغا.
كۆزلەرى چولپان،سەرۋى خىرامان،
زۇلپى پەرىشان،قاشى قاراغا.   
ئۇچتى كۆزۈمدىن ئول پەرى يەڭلىغ،
تاشلادى كەتتى تۈرلۈك بالاغا.
  
دەردى پىراقىڭ ئەيلەدى بىمار،
قايدا بارايىن ئەمدى دەۋاغا.
ﻫەجرىڭدە تىنماي قىلدىم پىغانلار،
يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ ساماغا.
يول بەرمەدىلەرمەنگە رەقىبلەر،
چىقتىم باش ئالىپ ئول كەربەلاگە.
   
دىلخەستە مەشرەپ قىلماسمۇ پەرياد،
جەللاد كۆزلەرى ئالسا ئاراغا.
                                    (مەشرەپنىڭ)
نەرگىسىڭ جادۇسىدىن ﻫەردەم يۈرەك قاندۇر ماڭا،
سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا.
ئىشقىدىن بىر زىندەگانلىغ ئاڭلادىم دىشۋار ئىمىش،
ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكاندۇر ماڭا.
نالە قىلسام ئەردى رەﻫمى قىلغاي ئەردىڭ،ۋاﻫ قەنى،
كىم پىراقىڭ زەئفىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا.
ئەبىر ئەمەس ﻫەردەم دۇرەفشان ،ئەي ئايازى كويىدا،
ﻫالى زارىمنى كۈرۈپ ئەفلاك گىرياندۇر ماڭا.
                                            (ئايازى)
ئەي زوﻫۇرى ئاپتابىڭدىن تۈشۈپ ئەئيان ئارا،
زەررە يەڭلىغ ﻫەر تەرەپ جان ئەۋرۇلۇر تابدان ئارا.
ئەيلەدىڭ بارى ئەمانەتكە ئەمىن ئادەمنىكىم ،
بۇ جىﻬەتدىندۇر زوﻫۇرى كامىلىڭ ئىنسان ئارا.
گەر تەجەللىئى جەمالىڭدىن چىمەندە بولماسا،
نەدۇر ئەفغان قىلماغى بولبۇلغا ﻫەم بوستان ئارا.
جۈملە ئەشيادۇر نىﻬالى ئىئتىدالىڭغا تانۇق،
كىمكى ئارىفدۇرئاڭا بۇ راستدۇر،يالغان ئارا.
تا سېنىڭ سەۋدايى زۇلپۇڭ تۈشكەلى ﻫەر باشىغا،
يۈز تۈمەن غەۋغا چۈشۈبدۇر جۈملە ئىنسۇ جان ئارا.
  ئول بەلى ﻫۆكمىدە بولدى جانىما يۈز مىڭ بەلا،
دەردۇ غەم مەﻫزۇن كۆڭۈلگە مىﻬرى ئىشقىڭ جان ئارا.
مەزﻫەرى بولغىل قەنائەت كۇنجىدا ۋەيرانە تۇت،
زاﻫىر ئولغاي گەنجلەر شايەد ساڭا ۋەيران ئارا.
                                    (مەزﻫەرى)
ئەي سەبا بەرگىل خەبەر ئول شاﻫسىۋارىم كەلدىمۇ؟
لۇتىف ئىتىپ ﻫالىم سورارغا ﻫەمدىيارىم كەلدىمۇ؟
كەيف قىلدىكىم مېنى ئىشقۇ-مۇﻫەببەت بادەسى،
تۇتىئى شىرىن زەبان كۆزى خۇمارىم كەلدىمۇ؟
                                        (نەۋبەتى)
( كىچىك سەلىقە مەرغۇل چۈشۈرگەسى)
قىلغىل تەرەﻫﻬۇم ئەي يارى جانىم،
لايىق ئەمەسمەن جەۋرى-جاپاغا.
دىلخەستە مەشرەپ قىلماسمۇ پەرياد،
جەللادى كۆزلەر ئالسا ئاراغا.
            پەشرە
بولدى يۈزۈڭدىن ئالەم مۇنەۋۋەر،
قەنى سېنىڭدەك روﻫى مۇنەۋۋەر.

سەۋدى بۇجانىم كۆز بىرلە ئاغزىڭ،
ئانداغكى تۇتتى بادامۇ شەككەر.
زۇلپۇڭ بىلە يۈز،كېچەيۇ-كۈندۈز،
لەئىلىڭ بىلە سۆز قەندى مۇكەررەر.
گەر شانە قىلساڭ زۇلپۇڭ خەيالىن،
مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر.
ئاتساڭ كەبۇتەر تەنىنە ئوقنى،
ئاتقاي مۇئەللەق ئولدەم كەبۇتەر.
نە تۇرفە ﻫافىز كۆيسە ﻫەمىشە،
ئوت ئىرۇر ئاﻫى سىينە چۇ مىژمەر.
                        (ﻫافىز خارەزەمى)
      تەئىكىد
شەﻫسىۋارىم ﻫەرقاچان جەۋلان قىلۇر،
مەﻫۋ ئولۇپ بىلمەن ئۆزۈمنى،ﻫەق بىلۇر.
ئاڭا ﻫەر كۆزكىم چۈشەر كىرپىكلەرى،
خەستە كۆڭلۈمگە تىكەندەك سانچىلۇر.
ئاچىلۇر كۆڭلۈم سەمەندى سەيرىدىن،
غۇنچە يەڭلىغكىم سەبادىن ئاچىلۇر.
ئايرىلۇر گويا قۇياشدىن بىر شىﻬاب.
ئاتى نەئلىدىن ﻫەر ئوتكىم ئايرىلۇر.
تەۋسەنى گەردۇننى  مەركەب قىلماكىم،
يەر بىلە رەقىبنى ئاخىر تەڭ قىلۇر.
تىز ئىتەر تىغىڭ نەۋائى ئىشقىنى،
گەرچە ئوت ئۆچەر ئەگەر سۇ ساچىلۇر.
                            (نەۋائى)
      ئىككىنچى بۆلۈم داستان قىسمى.
1- داستان
قايسى گۈلنىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئىناسﻬى بار،
قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيدەسى بار.
ﻫۆر بىرلە جەننەتۇل مەئىۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.
يۈزى ئۆزرە كاكۇلى زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى،
ئەي سەئىد ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەپ سەۋداسى بار.
                                         (سەئىدى)
2- داستان
ئەي سېنىڭ جادۇ كۆزۇڭ سەر پىتنەئى ئاخىر زەمان،
لەبلەرىڭدۇر خەستە كۆڭلۈمگە ﻫەياتى جاۋىدان.
ئەي قۇياش يۈزلۈك سەنەم ﻫالىم كۈرۈپ رەﻫم ئەيلەكىم،
يەتتى كۆككە ﻫەر نەپەس ﻫەجرىڭدە پەريادۇ پىغان.
گەر خىيالىڭ بولسا مىﻬمان كۆڭلۈم ئۆيىندە دەمى،
ئەيلەگەي يۈز سارى ﻫەردەم كۆزلەرىم گەۋﻫەر فىشان.
دىدىم «ئەي جان،دەردىمە ۋەسلىڭ بىلە بىر چارە قىل»،
كۈلۈپ ئەيتۇر«ئەي ﻫۈسەينى تۇتما مەندىن بۇ گۇمان».
                                          (ﻫۈسەينى)
3- داستا
نازلىق دىلبەر بىر سۆزۈم بار ئېيتايىن،
چەرخى پەلەك كۆر،نە جەپا ئەيلەدى.
بىراۋگە كەيگۈزۈپ تاجۇ-خۇسرەۋىن،
بىراۋنى ئەل ئىچرە گەدا ئەيلەدى.
پەرﻫادۇ-شىرىن بىلە ۋامىقۇ-ئۇزرا،
ئۇلارنىڭ باشىدا مىڭ تۈرلى سەۋدا.
بارچىنى ئۆلتۈرگەن ۋاپاسىز دۇنيا،
ئاخىرى بارچەنى پەنا ئەيلەدى.
لەيلى-مەجنۇندەرلەر ئالەمگە ئۇستاد،
جاﻫاننىڭ غەمىدىن بولمادى ئازاد.
نازلىق دىلبەر ئىشىت بۇ چەرخى ناشاد،
بۇ غېرىپ جانىمغا جاپا ئەيلەدى.
                    (سەنۇبەرداستانىدىن)
4- داستان
ئىزدەدىم كۆڭلۈمنى جانان گۈلشەنىدە جان بىلە،
نەچچە ئاختارسام كىتىپدۇر بۇ كۆڭۈل جانا بىلە.
ئاﻫ،نەيلەي،جان بىلە قالدى بەدەن،كەتتى كۆڭۈل،
كىم قالىپتۇر بۇ جاﻫاندا مەن كەبى ئارمان بىلە.
زۇلفى قۇللابىغا بۇ جانۇ،كۆڭلۈل بولدى ئەسىر،
تەلبە قۇشدەك تەلپۈنۈر ﻫەردەم ناۋا،ئەفغان بىلە.
زار مەجنۇنغا ۋىسالى بولسا مۇمكىن ،نە ئەجەپ،
مەرﻫەبا قىلغا نىگارى لۇتف ئىلە،ئېﻬسان بىلە.
                                         (نىزارى)
5- داستان
جۇنۇن دەشتىدە بىزنى بىر گۇروﻫ ئاۋارىلەر دەرلەر،
مۇغىلان خار-خارىدىن ئاياغى يارىلەر دەرلەر.
بالا ياغسا باشىمىزغا دەم ئالماي دەۋرى گەردۇندىن،
رىزا بەرگەن قەزاغا ئاشىقى بىچارىلەر دەرلەر.
كۈرۈپ مەيخانە ئىشىگىدە غەزەلخانۇ گىرىبان چاك،
مۇغەننىڭ قىزىغا ئاشىق ياقا سەد پەرەلەر دەرلەر.
سەرۇ سامانىمىزنى سورماغىل بىز بىنەۋالارنىڭ،
پەلەك گەردىشلەرىدىن كۈنلەرى دىشۋارىلەر دەرلەر.
ئىرۇر مەشﻬۇرى ئانداغ قەۋمىدىن زەخمەلەرىن كۆرگەچ،
زەمانە تاشلارىدىن نەچە كۆكسى پارەلەر دەرلەر.
                                        (مەشﻬۇرى)
    ئۈچىنچى بۆلۈم؛مەشرەپ قىسمى.
              مەشرەپ(1)
گوياكى كۆڭۈل سەﻫەدى باغى ئەلەمىمدۇر،
ئاشىقمەنۇ دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر.
بەرقىكى پەلەككە چېكەدۇر شۆئلەئى ئاﻫىم،
فەردايى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر.
يول باشلاغۇچى كەئبە تەۋاپىغا نە ﻫاجەت،
ﻫەر خارۇ خەسى دەشتى سەۋادى ﻫەرەمىمدۇر.
زۇننارىنى بوۇنۇمغا سالىپ قىلدى بەرەﻫمەن،
ئەي تەلبە زەلىلى نە ئاجايىپ سەنەمىمدۇر.
                                     (زەلىلى)
                         (2)
ساڭا يۈز شۈكرى يارەب بىزگە ئادىل پادىشا قىلدىڭ،
پەقىر،مىسكىنغە ئول ئابدۇرەشىد خاننى پاناﻫ قىلدىڭ.
نەفىسى كېچە-كۈندۇز شۈكرى قىل تەڭرى تەقەددۇسقە،
كى شاﻫىڭ ﻫەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇناﻫ قىلدىڭ.
                                                 (نەفىسى)
                          (3)
ﻫەق يولىدا جان كىچىپ بىر جۇستى جۇيى قىلمادىم ،
تەۋبە سۈيىدىن تەنىمنى شۇستىشۇيى قىلمادىم.
ۋاﻫ نىچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مېنىڭ،
چۈنكى خۇنابە جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم .
ئۆتتى ئۆمرۈم دۇنيانىڭ مەسلىﻬەتىدىن ،ۋادەرىخ،
ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تار مۇيى قىلمادىم.
ئەي رەشىدى سەن ئۆزۈڭنى بىﻬۇدە ئاشىق دىمە،
ئىشقىنىڭ مەيدانىدا بىر ﻫايى-ﻫۇيى قىلمادىم.
                                    (رەشىدى)
              (4)
يانە ياز بولدىيۇ تاپتى بوستان نەشۋۇ نامە،
ئەي نەسىمى روﻫپەرۋەرخەيرى مەقدەم مەرﻫابا.
ئەمدى خۇشدۇر ماﻫپەيكەرلەر بىلە گۈلگەشتىكىم ،
باغى رىزۋانتەك چەمەن بولدى لەتىفۇ جانفىزا،
ئۇشمۇنىڭتەك پەسلىدە مەن ۋەسلى دىلبەردىن يىراق،
ئەسرۇ زۇلم ئولغاي،ئىلاﻫا تۇتماسۇن تەڭرى رەۋا.
خاﻫى ئۆلتۈر،خاﻫى تىرگۈز ئىختىيار ئىلكىڭدەدۇر،
ئول سېنىڭ نازۇ ئىتابىڭغا مېنىڭ جانىم پىدا.
(گەدايى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزﻫال مۇقامى
بىرىنچى بۆلۈم؛ چوڭ نەغمە قىسمى
             مۇقەددىمە
جۇنۇن ﻫادىسىغا مايىل كۆرەرمەن جانىزارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزىگارىمنى.
پەلەك بىدادىدىن گەرچە مەنى خاكى غۇبار بولدۇم ،
تىلەرمەن تاپماغايلار تۇتىيالىققا غۇبارىمنى.
شەك ئىرمەس پەرتەۋى چۈشكەچ ئۆيى رەختى ﻫەم كۆيمەك،
چۇ گۆرىستان گادايى سەزمىگەي شەمئى مازارىمنى.
دىمەڭ قايسارى ئەزىم ئەتكۈڭ ماڭا يوق ئىختىيار ئاخىر،
قەزا ئىلكىگە بەرمىشمەن ئىنانى ئىختىيارىمنى.
تۈگەندى ئەشك گۈلگۈن ئەمدى قالمىش زەپىران يۈز،
پەلەك زۇلمى بەدەن قىلدى خازان بىرلە باﻫارىمنى.
دىيارىم ئەﻫلى بىرلە يارىدىن باشىمغا يۈز مېﻬنەت،
نىتاڭ باشىم ئالىپ كەتسەم قويۇپ يارۇ-دىيارىمنى.
ﻫەياتىم بادەسىدىن سەرگىرانمەن ئەسرۇ ئەي ساقى،
قەدەﻫقە زەﻫرى قاتىل قۇي،داغى دەئف ئەت خۇمارىمنى.
جاﻫان تەركىنى قىلماي چۈنكى تىنماق مۇمكىن ئېرمەستۇر،
نەۋائى قىل مېنى ئازاد ئۆرتەب يوقۇ-بارىمنى .
                                (نەۋائىنىڭ)
                   تەئەزە
ئەي گەدايىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەﻫلى تەختۇتاج،
كىم گەدايىڭدۇر ئاڭا يوق تەخت ئىلە تاج ئېﻬتىياج.
كۆزلەرىڭ گەر جورۇم ئۈچۈن قىلسا ئىتاپ ئېرمەس ئەجەپ،
بار مۇئەييەنكىم بۇلۇر بىمارىلار نازۇك مىزاج.
گەر سەنۇبەر تۈزمەمىش سەرۋىڭ خىلاپىن كۆڭلىدە،
يەل چىنار ئىلكى بىلە نىچۈن ئۇرار يۈزىگە كاج .
ئەيكى كۆڭلۈمنى بۇزۇپ دەرسەن خەيالىمنى چىقار،
ﻫېچكىم ۋەيرانەدىن گەنج ئىستىمەس ﻫەرگىز خىراج.
سەن جەپا قىلغاچ كۆڭۈل جان بىرلە تەركىم تۇتتىلەر،
بولسا شاﻫ زالىم ئەل ئىچرە زۇلۇمغا ئەرمىش رەۋاج.
ﻫەجرىدىن داد ئىستەدىم دىدىڭ،سەبۇر ئول ۋايكىم،
تازا داغىمغا يەنا ئوت بىرلە ئەيلەرسەن ئىلاج.
چۈن پەنا گەردى ئا ياپار نى سۇد تەختۇ جاﻫىگە،
كۆكنىڭ ئەنجۈمىدىن مۇكەللەل ئەتلەسىن قىلساڭ دۇۋاج.
تا گەدايىڭدۇر نەۋائى تەخت ئىلە تاج ئىستەمەس،
ئەي گەدادىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەﻫلى تەختۇتاج.
(نەۋائى)
ناز بىلە يۈزۈمغە ئول بىر شاﻫى خۇبان ئۇردى كاج،
تابدى نەقشى پەنجەسىدىن ئاي كەبى يۈزۈم رەۋاج.
بەرق قىلماقغا خۇدا ﻫەركىمگە دەۋلەت بەرمەدى،
ۋاﻫكى،شايىستە ئەمەس بىبەخىتلەر بەرقىغە داج.
ئول جاﻫاندا خارلىقىدىن يۈزى زەردەك سارغارۇر،
ئاﻫىدىن باشىدا ئەلەملەر ئىشقىدىن باشىدا تاج.
بەسكى كۈلبەم شۆئلەئى ئاﻫىم بىلە رەۋشەن ئىرۇر،
ئاي چىراغىغا قاچانكىم كەلتۈرۈپمەن ئېﻬتىياج.
ﻫۆنىنىڭ ئاۋازەسى مەشﻬۇرى يەتتى چەرخغە،
ئاپىتاب ﻫەم ماﻫىتاب ئالەم ئارادا بەردى باج.
                             (مەشﻬۇرى)
         نۇسخا
بارمىدۇر ئالەمدە مەندەك بىر غېرىبى ناتەۋان،
ۋەسلى ئۈممىدى بىرلە ﻫەجر ئەندۇﻫىدىن ئازۇردە جان.
ژالە يەڭلىغ ياغدۇرۇپ باشىمغا گەردۇن لالىدەك،
سەنگى بارانى بەلا ئۇريان تەنىمنى قىلدى قان.
سەبر توخمىن كۆڭلۈم ئىچرە ئانچە ئەكتىم،ئۈنمەدى،
نە ئۈچۈنكىم ﻫەر زەمان غەم قۇشلىرىغا بولدى دان.
ﻫەجىر خەيلى زۇلۇم قىلدى بى نىﻬايەت ۋايكىم ،
بىر زەمان بەرمەي ئامان يۈز قەتلەدىدىم؛ ئەل ئامان .
ئىشىق دەشتىدە ئاقارغان ئۇستىخانىم كۆرگەن ئەل،
سەرسەرى ﻫىجران ئارا دەرلەر قۇيۇن بىرلە سامان.

كۆرگەچ ئوق دەيرى پەنادا مەﻫرەم ئولدۇڭ دەپ ماڭا،
زاﻫىد تەئىن ئەيلەمە مەندىن ساڭا يوقتۇر زىيان.
سەلتەنەت دەپ پەقىر ئەلىدىن ئۆزنى پىنﻬان تۇتماكىم،
تەڭ بۇلۇر شاﻫۇ-گەدا تۇپراق ئارا بىركۈن نىﻬان.
ئۆلگۈدەكتۇرمەن خۇمارىم رەنجىدىن ئەي پىرى دەير،
رەﻫىم ئىتىپ ئاغزىمغشا قەترە مەي تامىز چىقمىسا جان.
ناسىﻬا،مەﻫزۇنغا كىم خەۋپۇ رەقادىن دىمە سۈز،
ﻫەجىر دەۋزەختىن ياماندۇر ۋەسلىسىز باغى جىنان.
                                  (مەﻫزۇن)
            ئابىچەشمە
يۈزۈڭدەك قەمەر يوقتۇر،قەددىڭدەك شەجەر يوقتۇر،
شەجەر بولسا ﻫەم ئاندا لەبىڭدەك سەمەر يوقتۇر.
كۆڭۈل سورغالى كەلدىڭ تەبىبا مۇنى بىلكى،
ئول ئەۋۋارەدىن سەندەك ماڭا ﻫەم خەبەر يوقتۇر.
بۇ گۈلشەندە ئەي دىﻬقان نىچە ئازمۇن ئەتتىم ،
ۋەپا خەيلى ئەككەنگە بەجۇز غۇسسە سەمەر يوقتۇر.
نەۋائى پىراقىڭدىن ئانىڭدەك زەئىف بولدى،
كى ئورنىدا ئەل باقسا دىگەيلەر مەگەر يوقتۇر.
                              (نەۋائى)
          جۇلا
ئاق ئالما قىزارغاندەك،قىزىل يۈزلۈگۈم يارىم،
ناۋات بىلەن يۇغارغاندەك،شىرىن سۆزلۈگۈم يارىم .
ئانار گۈلىدەك يارىم،خېنە گۈلىدەك يارىم،
بىرىڭ گۈل،بىرىڭ غۇنچە،تاللاپ ئۈزگىدەك يارىم،
بارىسەن دىگەن يارىم،يانىسەن دىگەن يارىم،
سەن مىنىڭدىن ئايرىلساڭ ئۈلىسەن دىگەن يارىم .
ئاخشىمى قاراڭغۇدا نەدىن كىلىسەن يارىم،
جاﻫاندا ئارزۇلاپ سۆيسەم ئەلەمدە قويىسەن يارىم .
                         (خەلق قوشاقلىرى)
               سەنەم
سەن سەن مىنىسەن خارابە قىلدىڭ مىنىسەنەي،
ئوتلارغا سېلىپ كاۋابە قىلدىڭ مىنىسەنەي.
سەن سەن مىنىسەن سەن ئۆلتۈرەيىن دىمەسەنەي،
ئا بېشىمغا ﻫەر بالانى كەلتۈرەيىن دىمە سەنەي.
دەريادا بېلىق يىلاننى قوغلاپ كىلىدۇ يەي،
ئات ئالدىدا قوي مەرەپ كىلىدۇ يەي.
تۈنلەر كىچىسى توخۇلار پەرياد ئىتىدۇ يەي،
ﻫايۋان جېنىدا ئاللانى شول ياد ئىتىدۇ يەي.
                     (خەلق قوشاقلىرى)
             چوڭ سەلىقە
ئاللا يايىم خىيالىڭىز ئەنجانچە بۆكمۇ؟
كىچىكلىكتە ئويناپ ئىدىق ئەمدى يول يوقمۇ؟
ئاللا يارىم خىيالىڭنى بىلىپ بولمايدۇ،
سەنلەر يۈرگە كوچالاردا يۈرۈپ بولمايدۇ.
ئاللا يارىم خىيالىمنى ﻫەريان باشلايسەن ،
كۆز قىرىڭدا قاراپ قويۇپ ئوتقا تاشلايسەن.
ئاللا يارىم بۇ مەللىدە ئۈزەڭ ئوينايسەن،
كىرپىگىڭنى ئوقيا قىلىپ بەتلەپ قويامسەن.
                    (خەلق قوشاقلىرى)
       كىچىك سەلىقە (1)
دىلرەبا ﻫۆسنىنى كۆرگەن بارمىكىن،
ۋەسلىغە يەتمەستىن ئۆلگەن بارمىكىن.
بىر كۈرۈپ يۈز قەتلە سەجدە قىلماسام،
كۆرمەيىن جانىنى بەرگەن بارمىكىن.
بىۋە مەن قىلما ماڭا جەۋرۇ-سىتەم،
بىۋەپا دەردىدىن ئۆلگەن بارمىكىن .
ﻫەسرەتىمگە تاغۇ-تۈزلەر يىغلاغاي،
مەن كەبى ﻫەيرەتتە يۈرگەن بارمىكىن.
ۋەسلىغە يەتمەسلىكىمنى ئاڭلادىم ،
ﻫەجرىدە چۆللەرنى كەزگەن بارمىكىن.
داد ئىتەر مەشرەپ خوتەن سەﻫراسىدا،
بىر زەمان دادىغا يەتكەن بارمىكىن.
                   (مەشرەپنىڭ)
           (2)
تېپىلماس ﻫۆسۈن مۈلكىدە ساڭا تەڭ بىر قەمەر مەنزەر،
نە مەنزەر،مەنزەرى شاﻫىد،نە شاﻫىد،شاﻫىدى دىلبەر.
بۈگۈن يۈسۈپ جامالىنى قىلىپدۇر ﻫەق ساڭا بەخشىش،
نە بەخشىش،بەخشىش دەۋلەت،نە دەۋلەت،دەۋلەتى مەفخەر.
سۆزۈڭ دۇررى جەۋاﻫىردۇر كۆڭۈللەر گەنجىنە لايىق،
نە لايىق،لايىقى خۇسرەۋ،نە خۇسرەۋ،خۇسرەۋى كىشۋەر.
شەكەردىن تاتلىقتۇر خۇلقۇڭ، كەرەمدىن خاتىرىڭ مەتكەب،
نە مەتلۇب،مەتلۇبى مەئدەن،نە مەئدەن،مەئدەنى جەۋﻫەر.
زىﻬى دەۋلەتلى ئاشىقكىم،سېنىڭ بىرلە قىلۇر ئىشرەت،
نە ئىشرەت،ئىشرەتى جەننەت،نە جەننەت،جەننەتى كەۋسەر.
جەمالىڭ نەقشىنە سەيفى سەرايى باغلادى سۈرەت،
نە سۈرەت،سۈرەتى ﻫۆسنا،نە ﻫۆسنا،ﻫۆسنايى جانپەرۋەر.
                                (سەيفى سەرايى)
                 پەشرۇ
يۈسۈپ بىگىم مەندىن سالام،نامە گۈلئەسەلخان ئايىمغە،
قەلەم قاشلىق بويى زىلۋا خۇيى-خۇيى-خۇلقى مۇلايىمگە.
قىزىل مەخمالدۇر چادىرىڭىز،ئىسىمدىن كەتمەس خاتىرىڭىز،
ئالدىڭىزدا بولسام چاكىرىڭىز،قامچاڭ تەگسۇن ساچ-باغىمگە.
ئەۋۋىلىدە دوست بولۇرسىز،ئاخىردا سۇس بۇلۇرسىز،
مەگەر سۆيسەم مەست بۇلۇرسىز،بۇيۇڭ تەگسە دىماغىمغا.
نىگاﻫ ئەيلەپ بىر باقمىدىڭىز،مىنى كۆزىڭىزگە ئىلمادىڭىز.
چارچاپ كەتسەم بىلمەدىڭىز تاشلار پاتتى ئاياغىمگە.
زوﻫرە كىلۇر يانە-يانە،خاللارى بار دانە-دانە،
خاﻫ ئاشىنا بول خاﻫ بىگانە،بار تاپشۇردۇم خۇدايىمگە.
                       (يۈسۈپ-ئەﻫمەت داستانىدىن)
           تەئىكىد
ئاتىڭ رەيﻬان،ئۈزۈڭ رەيﻬان، ئېتىڭنى كىم كىلىپ قويغان،
ساڭا ئاشىق بۇلۇپ قالسۇن،جېنىدىن بىريولى تويغان.
كېچەسى ئۇيقۇدا ياتسام ئاتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۈڭ،
گېپىڭمۇ يوق،سۆزۈڭمۇ يوق،يۈرەككە ئوت سېلىپ ئۆتتۈڭ.
قىزىل گۈلۈم،قىزىل گۈلۈم،ئەجەپ ۋاقىتتا جازان بولدۇڭ،
مېنى مەيخانىغا تاشلاپ ئۈزۈڭ يولغا راۋان بولدۇڭ.
                      (خەلق قوشاقلىرى)
ئىككىنچى بۆلۈم؛داستان قىسمى
       1- داستان
چىمەنلەرنىڭ ئىچىندە نازۇك چىمەن بار،
راستىن ئېيتقىن جان ئانا گۈلنى كىم تىزدى؟
يەتكىن مىنىڭ ﻫالىمغا ئەيلىگىن ئىزﻫار،
راستىن ئېيىتقىن جان ئانا گۈلنى كىم تىزدى؟
نە چىمەندۇر جان بالام مەندىن سورايسەن،
ﻫەممە گۈلنى ئۈزەم تىزدىم بايان ئەيلەيىن.
كۈندە يۈزمىڭ خىيالدا چىمەن باغلايمەن،
قايسى بىرسىن بۇتام ساڭا بايان ئەيلەيىن.
ﻫېچقاچاندا تىزماس ئىدىڭ بۇنداق چىمەننى،
راستىن ئېيتقىن جان ئانا قىينىما مىنى.
ئۆلمىسەم يەتكۈزەي مۇراتقا سىنى،
راستىن ئېيتقىن جان ئانا گۈلنى كىم تىزدى؟
ﻫەر سابادا ئاچىلۇر قىرمىزى گۈللەر،
گۈل ئىشقىدا جان بىرۇر خۇشال بۇلبۇللار.
بالام ئۆيدە بىر ناتىۋان يىتىم ئوغلۇم بار،
ئۇنىڭ قىسسەسىن بوتام ساڭا بايان ئەيلەيىن.
كۆرسەت ماڭا جان ئانا يىتىم ئوغلۇڭنى،
قۇربان قىلاي مەى ئاڭابارى يوقۇمنى.
سىردىشىمسەن جان ئانا ئىشىت زارىمنى،
ئەقلۇ-ﻫۇشۇمنى ئىلىپ بۇزما كۆڭلۇمنى.
           (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
         2-داستان
غەمدىن قۇتۇلالمىغا مىﻬنەتلىك باشىم ،
كۈندە يۈزمىڭ ﻫىجرانلار بولدى نەيلەيىن.
قارارى يوق شۇم پەلەكنىڭ گەردىشى،
تۈگۈمەس سەۋداغا سالدى نەيلەيىن.
ﻫەرزەمانە باشىمغاچۈشتى سەۋدالار ،
يىتۈشتۈردى جانىمغا يۈز مىڭ بەلالار.
كۆزلەرىمدىن ئاقتىلار قانۇ-دەريالار،
تەركى جاﻫانە ئىتىپ كەلدى نەيلەيىن.
بۇلبۇل بۇلۇپ گۈلۈستانىڭنى كەزمىدىم ،
باغۋەن بۇلۇپ ئالمالارىڭ ئۈزمۈدۈم.
يارىيار دەپ شەكەر لەبىڭ سۆيمەدىم ،
كۆڭلۈمدە ئارمانلار قالدى قالدى نەيلەيىن.
غېرىپ ئەيتۇر قۇل دەيدۇ مىنىڭ ئاتىمنى،
پەلەك راۋا كۆرمەدى كۆڭۈل شادىمنى.
ﻫەق مۇيەسسەر ئەتمەدى شول مۇرادىمنى،
ياخشى كۈنلەر يامانەي بولدى نەيلەيىن.
                   (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
3-داستان
ئىككى پەرى كىلۇر يانە،ئەجەپ سەيلانە-سەيلانە،
ئاشىقلارنىڭ جانىن ئالىپ،كىلۇر سەيلانە-سەيلانە.
ئىككى پەرى ﻫەمدەم بۇلۇپ،بىر-بىرىگە مەﻫرەم بۇلۇپ،
قىيا باقىپ قولىن سالىپ ،كىلۇر سەيلانە-سەيلانە.
بىرى گۈلدۇر بىرى غۇنچە،ﻫېچقايسى يوقتۇر سەنەمچە،
تەماشاغا كىلۇر بارچە ئەجەپ سەيلانە-سەيلانە.
غېرىپ نەيلەر شول يارىنى،ئىزﻫار ئىتىپ ئەﻫۋالىنى،
يار كۆرسەتسە جەمالىنى،ئەجەپ سەيلانە-سەيلانە.
                           (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
          4-داستان
بارساڭ ئەگەر شاﻫى خۇرشىد يانىغا،
ئەزىزىڭ،مىﻬرىبانىڭ كەلدى دىگەيسەن.
كۈيۈپ-يانىپ پىراقىڭنىڭ ئوتىدا،
شول ﻫالى پەرىشانىڭ كەلدى دىگەيسەن.
ئاغالارى يۈسۈفنى چاﻫقا تاشلىدى،
ئوغلى ئۈچۈن يەئقۇب قانلار يىغلادى.
قادىر ئاللاﻫ يۈسۈبكە پاناﻫ ئەيلەدى،
ئامان-ئىسەن كارۋانىڭ كەلدى دىگەيسەن.
سىينەسىغە ئول مىسكىن ئاشىق تاش ئۇرۇپ،
پەرۋانىدەك ئىشىق ئوتىغا باش ئۇرۇپ،
شۇم پەلەكتىن بىﻬىساپ جاپالار كۈرۈپ،
ئول كۆزلەرى گىريانىڭ كەلدى دىگەيسەن.
ﻫەرگىز قۇتۇلالمىدىم بالادىن قېچىپ،
چۆللەر كەزدىم نەچچەيىل جانىمدىن كىچىپ،
ئەمدى كۈلپەت-مىﻬنەتنىڭ شارابىن ئىچىپ،
شول چاكى گىريانىڭ كەلدى دىگەيسەن.
                 (سەنۇبەر داستانىدىن)
           5-داستان
قادىر ئاللا ئۈلەر بولدۇم بۇ غەمدە،
مەن نەيلەيىن تۇرار ماكان بولمىسا.
شۇم پەلەكتىن يەتكەن قايغۇ-ئەلەمدە،
مەن نەيلەيىن بىر مىﻬرىبان بولمىسا.
ۋەﻫكى بولدى كۆڭلۈم جانانغا بەندە،
قىينالادۇر ئەزىز جانىم بۇ تەندە،
بۇ چۆللەردە ئېزىپ بولدۇم شەرمەندە،
ييتەلمەسمەن يارغا ئىمكان بولماسا.
ئىزدەپ يۈرۈپ ﻫەمراﻫ گۈل يۈزلۈك يارىن،
ئاختارىپ كىزەرلەر دۇنيانىڭ بارىن .
ﻫىجران ئالدى ئۇنىڭ سەبرۇ قارارىن ،
مەن نەيلەيىن ئارامۇ جان بولمىسا
             (ﻫۆرۈلقا-ﻫەمراجان داستانىدىن)
ئۈچىنچى بۆلۈم ؛مەشرەپ قىسم
         مەشرەپ(1)
قەنى يارىم ،قەنى يارىم چاﻫارباغ بولدى گۈل ئەنداز،
قەنى يارىم ،قەنى يارىم  سالاي تولىغا پايانداز.
قەنى يارىم ،قەنى يارىم بۇلاقلاردا يۈزىن يۇۋسا،
قەنى يارىم ،قەنى يارىم بۇيەر ئوينارغا كۆپتۇر ساز.
قەنى يارىم،قەنى يارىم چىمەنلەردىن ئېلىپ تاقىسا،
قەنى يارىم،قەنى يارىم قولىغا ئالسىلەر بىر ساز.
قەنى يارىم،قەنى يارىم مېنىڭ بىرلە شەراپ ئىچسە،
قەنى يارىم ،قەنى يارىم كۆڭۈل شاد ئەيلەسەك بىرئاز.
قالىپ يارىم قالىپ ئىشرەت كېتەر بولدۇم چىكىپ ﻫەسرەت،
بۇ ئالەمدە غەمۇ-غۇربەت بىلە فەرﻫاد ئۆزى ﻫەمراز.
                                (فەرﻫاد-شىرىن داستانىدىن)
                 (2)
قەددۇ خەتتىڭ بىلە كۆزۇ،يۈزۈڭ ئەي سەرۋى سىيمىن تەن،
بىرى سەرۋۇ،بىرى رەيﻬان،بىرى نەرگىس بىرى گۈلشەن.
ﻫەدىسۇ لەئلۇ رەپتارۇ جەمالىڭدىن ئىرۇر ﻫەردەم،
تىلىم گويا،سۆزۈم رەنگىن،كۆڭۈل خۇررەم،كۆزۈم رەۋشەن.
مەنى سەدﻫۇ شۇ مىسكىن نەيلەر ئول شوخى بەلا بىرلە،
مەن ئەسرۇ،بىدىلۇ بىخۇد،ئول ئەسرۇ پۇر دىلۇ پۇر پەن.
                                             (بابۇرنىڭ)
                       (3)
يارىنىڭ چار باغىدىن بىر دەستەگۈل كەلتۈرمىشەم،
بادەئى ئىشقى مۇﻫەببەت كاسە مۇل كەلتۈرمىشەم.
ناگەﻫان جامى مۇﻫەببەت بادەسىدىن نۇش ئىتىپ
كۆزلەرىدىن قەترە-قەترە ئەشكى مۇل كەلتۈرمىشەم.
جەزبە ئەيلەپ بادەئى ئىشقى مۇﻫەببەت كەيپىدە،
سەجدەئى شۈكرانەغە باشىمنى قۇل كەلتۈرمىشەم.
خانۇ مانىم يارنىڭ ﻫەققىدە ئىيسار ئەيلەسەم،
ئىلتىماسىم ياردىن قىلغاي قۇبۇل كەلتۈرمىشەم.
                                  (نەۋبەتى)
               (4)
ئەرزىمنى ئېيتاي ئەي يارى دىلخاﻫ،
ئوتۇڭدا كۆيدۈم ۋەللاﻫۇ بىللاﻫ.
سەۋدايى زۇلپۇڭ غەم بىرلە ئىشقىڭ،
شۈكرى خۇداغا بولدىلا ﻫەمراﻫ.
يەتتە پەلەكنى ئۆرتەرتەي ئاﻫىم،
ئىشقىڭدا ئۇرسام ناگاﻫ بىر ئاﻫ .
بۇلۇر ۋەبالىم ئىشقىڭدا ئۆلسەم ،
ﻫالىمنى سورغىل سەن گاﻫى بىگاﻫ.
                       (ۋەفائى)
              (5)
ئول نە قىزدۇر ﻫۆرى رىزۋان ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە قەددۇر سەرۋى لەرزان ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي.
كاكۇلىگە مۇشكى خوتەن ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە لەبدۇر لەئلى يەمەن ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي.
ئول نە يۈزدۇركى قىزىل گۈل ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە ساچدۇركى باغدا سۇنبۇل ﻫەم بەرابەر كەلمەگەي.
ئول نە دەنداندۇر ئاڭا گەۋﻫەر بەرابەر كەلمەگەي،
ئول نە سۈزدۇر،سۆز ئارا شەككەر بەرابەر كەلمەگەي.
                          (فەرﻫاد-شىرىن داستانىدىن)[/center]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجەم مۇقامى
بىرىنچى بۆلۈم ؛چوڭ نەغمە قىسمى
          مۇقەددىمە
جەﻫەندا گەرچە بولغاي كۆپ خەيلي ﻫەشەم پەيدا،
ۋەلى بولغايمۇ سەندەك خۇسرەۋى ساﻫىب كەرەن پەيدا.
سەلامەت بولكى تاپسۇن دەۋلەتىڭدە خەلق ئاسايىش،
كى ساﻫىب دەۋلەتى سەندەك بۇلۇرئالەمدە كەم پەيدا.
ۋەپايۇ مىﻬىر قانۇننى ئانداق تۈزكى دەۋرىڭدە،
نە شاتۇ ئەيش بولسۇن بولماسۇن ئەندۇﻫى غەم پەيدا.
چىكىپ خۇنابەلەر ﻫاسىل قىلىبمەن داغى ئىشقىڭنى،
گەدا قىلغان كەبى خۇنى جىگەر بىرلە دىر ﻫەم پەيدا.
قۇياش يەڭلىغ يۈزۈڭگە  ۋاﻫ نىچۈك مەن تىك باقاي جانان،
يېڭى ئايدەك قاشىڭدىن قامەتىمگە بولدى خەم پەيدا.
قەددىڭۇ،زۇلپۇ ئاغزىڭ ﻫەرپىدىن ﻫەر لەئزە دەم ئۇرسا،
بۇلۇر جانۇ،تەنۇكۆڭلۈمگە ﻫەر ياندىن ئەلەم پەيدا.
يىتىپ كەلسەڭ ئايازى باشىغا سىﻬﻬەت ئولماسۇن ،
تىرىلمەككە ئۈلۈك بولسا مەسىﻬ روﻫى دەم پەيدا.
                                         (ئايازى)
تەئەزە
سىۋىنگىل ئەي كۆڭۈل ئاخىرقى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى،
قۇۋان ئەي جانى مەﻫزۇنكىم  ﻫەياتى جاۋىدان كەلدى.
سەپەردىن ئول پەرى يەتتى ،مەنى مەﻫزۇننى شاد ئەتتى ،
كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى تەن ئىچرە تازە جان قالدى.
خىرەد يېغ بۇ مەساپىڭنى ،تەﻫەممۇل قوي گەزاپىڭنى،
ۋەرەﻫ تەرك ئەيلە لاپىڭنى كى ئاشۇبى جەﻫان كەلدى.
دەمىكىم ئاندىن ئايرىلدىم كۆڭۈلنى ﻫەمراﻫى قىلدىم ،
بۈگۈن كەلدى كۆڭۈل بىلدىمكى،ئول نا مىﻬرىبان كەلدى.
كىلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاﻫ مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاﻫ،
پەرى ئەرمەس ئېسە ئول ۋاﻫ كۆزدىن نىچۈك نىﻬان كەلدى.
پەلەك باقتى پىغانىمغا ئەجەل رەﻫىم ئەتتى جانىمغا،
خەزانلىق بوستانىمغا گۈلى باغى جىنان كەلدى.
مۇغەننى بىر نەۋائى تۈز، نەۋائى نەغمەئى كۆرگۈز،
ئاياقچى تامسا تۇت توققۇز كى دارايى زەمان كەلدى.
                                        (نەۋائى)
سەﻫەر خۇرشىدى شاﻫى تاغ ئۆزرە زەررىن ئەلەم چەكتى،
داغى پەرتەۋ ساچىپ گەردۇن ئارا تۈرلۈك رەقەم چەكتى.
پەنا پەرراشى ئەيلەپ سۈبﻬىنىڭ سىيمىن پەرۇ بالىن،
مۇرەسسەئ تارى مىژگانىنى جارۇبى ﻫەرەم چەكتى.
كى ۋائىز كەئبەدە ﻫەردەم سەمەد  زىكرىن بەيان ئەيلەپ،
بەرەﻫمەن دەيرى تەختى ئۆزرە ئەسرارى سەنەم چەكتى
باش ئالىپ كەئبەدى شەيخى ﻫەرەم دەير ئىستەدى ئول دەم ،
كى ئول بۇت زۇلپى ئەنبەربار ناگاﻫ  پىچۇ خەم چەكتى.
ﻫەقىقەت ئەﻫلى تەئرىپ ئەتمەيىن پەﻫم ئەيلەگەي بىردەك،
مۇغەننى ئەرغەنۇن تارىنى نەچە زىلۇ، بوم چەكتى.
كىشىكىم كويىدا گۈل ياستانىپ قان ئىچمەك ئىستەر ،ۋاﻫ،
پەرىدۇن بەل سۇلەيمان تەختى ئۆزرە جامى جەم چەكتى.
خۇشا ئول رىندكىم ئۆمرى ئەساسىن يوقلىغىن بىلگەچ،
تەرەپ جامىن تەرەننۇم زەۋقى بىرلە دەم-بەدەم چەكتى.
دىيارى نەزم ئارا شاﻫلىغ نەۋائى گەرچە كۆپ سۈردى،
گەدا ئەرشىمۇ ﻫەم سۆز مۈلكىدە يىللار قەدەم چەكتى.
                                         (ئەرشى)
                    نۇسخا
دەرىخا شورۇشەر بولدى جاﻫاندا ﻫەر قايان پەيدا،
چۇ قىلدى چەرخى كەجرەۋ پىتنەئى ئاخىر زەمان كەلدى.
چىراغى ئەمنىيەتنى تىيرە قىلدى سەرسەرى پىتنە،
بۈگۈن دارۇلقەزا ئىچرە نە ئەمنۇ نە ئەمان پەيدا.
ﻫەزەر قىل بولما غاپىل ئەي سۇلەيمانى زەمان ﻫەردەم،
بۇلۇپ ئالدىڭدا گەر خەسىم ئولسا مۇرى ناتەۋان پەيدا.
ئەگەر باردۇر مۇرۇۋۋەت دەﻫر ئەلى راﻫىدا ئەي ئەﻫباپ،
نېدىن بىر ياخشىنىڭ قەستىدە  بولدى يۈز يامان پەيدا.
رىزالىق بىرلە قۇي بىر بىرىگە دۈشمەنلىكنى ئەي نادان،
قىلىپ تەقدىرغە تەدبىر بولمامىش سۇدۇ زىيان پەيدا.
جەپا تاشىن باشىغا ياغدۇرۇپ نابۇت ئىتەر گەردۇن ،
ۋەپا ئەﻫلى جەﻫان بەزمىدە بولسا ناگەﻫان پەيدا.
قەزا جەللادى ﻫەر كۈن يۈز تۈمەن جاننى ﻫەلاك ئەيلەر،
نە ئول زاﻫىر ئانىڭ ئىلكىدە نە تىغۇ، نە قان پەيدا.
جەﻫان باغى گۈلىنى ﻫەق ۋەپاسىز ئەكتى ئەي مەﻫزۇن،
ساڭا ﻫېچ سۇد يوقتۇر قىلما بۇلبۇلدەك پىغان پەيدا.
                                           (مەﻫزۇن)
              مۇستەﻫزاد
ئىستەدىم ئالەمدە سەندەك شاﻫسىۋارى تاپمادىم ،
دەﻫر ئارا بىر مۇشفىقى ﻫەمدەرد يارى تاپمادىم .
بولماغاي ئالەمدە سەندەك مەﻫۋەشى ئەي نازىنىن،
غۇنچەئى خەندان لەبىڭدەك لالەزارى تاپمادىم.
نە ئىلاج ئەيلەي مېنىڭ ۋابەستەدۇر كۆڭلۈم ساڭا،
مىﻬرىتابانلىغ يۈزۈڭدەك گۈلئۇزارى تاپمادىم.
                                    (نەۋبەتى)
                   ئابىچەشمە
بىر نىگارى كۆردۈممەن  كۆيدۇرۇركى شەئىلاسى،
خوپ ئەجەپ ياراشىپتۇر ئىككى زۇلپى رەئناسى.
شەمئىدەك زەبان تارتار چۈنكى نۇر رۇخسارى ،
روﻫى مىسلى پەرۋانە ئۆرتەنۇر سۈرەيياسى.
چۈنكى خەندەلەر قىلساڭ ئاچىلۇر گۈلى رەئىنا،
خەلق ئارا زوﻫۇر ئولمىش ئەندەلىف شەيداسى.
سەييادى بۇ مىسكىنگە ئاقىبەت بۇلۇر تەسكىن ،
كەلدى ئاقىبەت چۈشكە ئول مۇﻫىت دەرياسى.
                      جۇلا
دەرىخا چەرخى جانىمغا ئەجەپ جەۋرۇ جەپا قىلدى.
غۇمۇ ﻫەسرەت بىلە ئول يار جانىمدىن جۇدا قىلدى.
خۇدايا دوستۇ، تۇققاندىن جۇدا بولغان پەرىشانمەن،
كى دۈشمەن دەستىدە ﻫالىم زەبۇنۇ مۇپتەلا قىلدى.
خەيالى ۋەسلىدۇر جانۇ دىلىمدا مۇددەئاسى ﻫەم،
ئەگەر يەتكۈزسە بىزلەرنى پەلەك بىزگە ۋەپا قىلدى.
ئايا بادى سابا ئېيتقىن خەبەر ئول يارى جانىمغا،
ئەسرۇ ناتىۋان گۈلشاﻫ جانىنى پىدا قىلدى.
              (گۈلشاﻫ-ۋەرەقە داستانىدىن)
        سەنەم
كۆردۈم يۈزىنى قالدىم بالاغا،
ئىشقىدا يۈزمىڭ جەبرۇ-جاپاغا.
قينالدى جانىم ،تەڭ بولدى ﻫالىم،
ئاﻫۇ پىغانىم يەتتى ساماغا.
ئەپسۇس نادامەت، بولدى قىيامەت،
ئەجەپمۇكۆيدۈم كۆڭلى قاراغا.  
ئەرزىم ئىشىتمەس ﻫالىمغا يەتمەس،
ﻫەركىم ياماندۇر قويدۇم خۇداغا.
          چوڭ سەلىقە
دەرەج بولسا ئىگىز بولسا ئىگىلمەس بولسا،
ئۇنىڭ كۆپكۆك يۇپۇرمىغى تۈكۈلمەس بولسا.
ياخشى ئادەم يامانلارنى دورىماس بولسا،
بىر ياخشىغا بىر ياماننى بۇيرىماس بولسا.
قارا قۇچقاچنىڭ باللارى سايرىشىپ تۇرسا،
ئىككى ئاشىق بىر بىرگە قارىشىپ تۇرسا.
ﻫەر كىشىنىڭ يارى بولسا قارىشىپ تۇرسا،
گىجىم ياغلىق شول يارىمنىڭ بېشىدا تۇرسا.
                       (خەلق قوشاقلىرى)
        كىچىك سەلىقە
سۇنبۇلىن لەيلى ئاچىپتۇر يەل ئەبىر ئاسا ئەمەس،
داغىنى مەجنۇن قاناتمىش لالەئى ﻫەمرا ئەمەس.
  
گۈلنى ئوخشاتقان ئۈچۈن يادىمغا گويا باغ ئارا،
مۇزتەرىپ كۆڭلۈم قۇشىدۇر بۇلبۇلى شەيدا ئەمەس.
نەرگىس ئالتۇن جامىنىڭ ئالدىدا كافۇرى ﻫەرىر،
پەردەئى جانىمدادۇر،مەﻫزۇن قەدەﻫ پالا ئەمەس.
گۈلنى سەرۋ ئۆزرە خىيال ئەتتىم كۆڭۈل بوستانىدا،
راست ئېيتاي سەرۋى گۈلرۇيۇم كەبى زىبا ئەمەس.
                                  (نەۋائى)
قېشىڭ مىﻬرابى ئ دىلبەر مېنىڭكىم قىبلەگاﻫىمدۇر،
يۈزۈڭ مىﻬرى كۆڭۈلنى روشەن ئەتمەكلىككە ماﻫىمدۇر.
بۇكۆڭۈل مەيلى قىلسا غەيرىنىڭ يادىنى قىلماققا،
غېمىڭ پۇرقەت ئوتىدا ﻫەرنە قىلسا ئۆز گۇناﻫىمدۇر.
لېكىن كۆڭلۈم قۇبۇل ئەتمەس سېنىڭدىن باشقا دىلبەرنى،
ساچىڭنىڭ ﻫالقاسى ئول زۇلمادىن ئارامى گاﻫىمدۇر.
قاراتۇرغان پەلەكتە بۇلۇت ئەمەس ياققىنى يامغۇر،
مېنىڭ ﻫالىمغا يېغلاپ ئول قاراسى دۇدىئاﻫىمدۇر،
(ۋاي ئاللا)گۇناﻫىم غەيرىدىن ئەمەس كۈزۈمدىن ئىختىيارىمدىن،
كى دۈشمەندۇركى قەتلى ئەيلەر ئەمەس بۇ دادىخاﻫىمدۇر.
كېچە-كۈندۈز بۇ مەشرەپنىڭ خىيالى ئاستان بولسا،
ۋىسالىڭ دەۋلەتى تاپماققا ئىتلار سانى راﻫىمدۇر.
                                    (مەشرەپنىڭ)
            پەشرۇ
ئارەزىڭنى باغ ئارا،چۈن كۆردى ﻫەيران بولدى گۈل،
بەرگىسىز قالدى نەدىنكىم بەس پەرىشان بولدى گۈل.
بادەدىن گۈل-گۈل كۆرۈپ ئول يۈزنى ئانىڭ ﻫەجرىدىن،
چاك-چاك بولغان كۆڭۈلدەك تەﻫ-بەتەﻫ قان بولدى گۈل.
گۈلئۇزارىم كىشۋەرى ﻫۆسۈن ئىچرە بولدى پادىشاﻫ،
راست ئانداقكىم چىمەن مۇلكىدە سۇلتان بولدى گۈل.
گۈل چاغى يارى سەپەر ئەيلەپ نەۋائى جانىغا،
ﻫەر بىرى تازە قانلىغ داغى ﻫىجران بولدى گۈل.
                                    (نەۋائى)
                تەئىكىت
ئەيدى باﻫار ئەييامىدۇر  ساقى لەبا-لەب جامى تۇت،
ئەيشۇ تەرەپ دەۋرانىدۇر جامى مەيى گۈلقام تۇت،
جەمشىد فەر شاﻫى جەﻫان چۈن قىلدى ئەزمى گۈلىستان،
جەمئىييەتى ۋاقتى زەمان خۇشتۇر بىغايەت  جامى تۇت.
مەئلۇم ئەمەس دەۋران ئىشى چۈن مۇنقەلىبدۇرگەردىشى،
ﻫەرگىزمۇ بىلۇرمۇدەپ كىشىبۇدەۋىرنى مادام تۇت.
بۇدەمكى باردۇر پۇرسەتىڭ ئەﻫباب ئىلە جەمئىيەتىڭ،
لۇتىف ئىلە ئىشرەتىڭ ئەﻫلىنى شىرىن كام تۇت.
                                    (ئايازى)
     ئىككىنچى بۆلۈم داستان قىسمى  
             1-داستان
يەرۇ-كۆكنى ياراتقان خالىقى جەببار،
ﻫېچ بەندەڭنى مەندەك ﻫەيران ئەيلەمە.
دەشتلار ئارا قىلماغىل مېنى ئىنتىزار،
رەﻫىم ئەيلەگىل كۈزۈمنى گىريان ئەيلەمە.
يارنى ئىستەپ يىراقتىن كەلدىم بۇ يانە،
يولدىن ئازغان بەندەڭ مەن ئىگەم سۇبﻬانە.
بۇ چۆللەردە ئەيلەگىل يولنى ئايانە،
ئۇشبۇ ئۆمرۇم باغىنى خازان ئەيلىمە.
ئاتى مىﻬرىلىقادۇر ئۆزىدۇر پەرى ،
خىىيالىمدىن كەتمىگەي شەﻫدۇ شەككەرى .
قەمەر يۇزلۇك شىرىن سۆز رەنا دىلبەرى ،
دىلدارىڭنىڭ باغرىنى بىريان ئەيلەمە.
كىچە - كۈندۈز يىغلادى ناتەۋان دىلدار،
يوقتۇر ماڭا بۇ يەردە بىر يارى غەمخار.
شەپقەتىڭدىن بىنەۋا بەندەڭ ئۇمىدۋار،
ﻫېچ غېرىپنى مېنىڭدەك ۋەيران ئەيلەمە.
غېرىپلىقتا دەشتلەر كەزدىم پىيادە،
قەپەز ئىچرە قالمىشىمدۇر ئىرادە.
ئەلەملىرىم بولدى ﻫەددىن زىيادە،
مەن غېرىپنى كۆپ سەرگەردان ئەيلەمە.
    (شاﻫزادە دىلدار-مەلىكە مىﻬرىلىقا)
            2-داستان
قارا كۆزلەر بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈز مىڭ جاپا قىلما،
كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مېنىڭدەك مۇپتەلا قىلما.
مېنىڭ بۇ خەستە جانىمغا سېنىڭ دەردىڭ ئىرۇر مەرﻫەم،
قىيامەتكە تىگىن ﻫەرگىز،بۇ دەردىمگە داۋا قىلما.
ئاخىر بىگانە تەب گىريان ئىشىكىڭدىن قۇۋار بولساڭ،
كۈلەر يۈز كۆرگۈزۈپ ئەۋۋەل كىشىنى ئاشىنا قىلما.
باغىر قان ئەيلەدىڭ جەۋرۇ جاپا بىرلەكىم سۇلتانىم،
كۆزۈم ياشى بىرلە ﻫەردەم يۈزۈمدە ماجرا قىلما.
ئەي سەككاكى بۇ شەﻫ قابقىن غەنىمەت تۇت چۇ زۇلپۇڭغا،
ئازاقىن باغلانغان قۇش سەن  ئۇچارغا ﻫېچ ﻫاۋا قىلما.
                                      (سەككاكى)
                3-داستان
پەلەكنىڭ گەردىشى بىرلە ئوشۇل ياردىن جۇدا بولدۇم،
يۈرەكنىڭ ئاتەشى بىرلە ۋەپاداردىن جۇدا بولدۇم.
نېتەي يارنىڭ ئاتى ئۆچتى،باغىمدىن بۇلبۇلۇم كۆچتى،
باشىمغا دەرت-ئەلەم چۈشتى،شۇ دىلداردىن جۇدا بولدۇم .
نىگارىم ئىشقىدا نالان،چىكەرمەن دائىما ئەفغان،
رەقىبلەر قىلدى سەرگەردان،شۇ گۈلناردىن جۇدا بولدۇم.
ئاتى گۈلرۇخ پەرىزادە ،مېنىڭ پەررۇخى شاﻫزادە،
چىكىپ مىﻬنەت بۇ دۇنيادا،شۇ غەمخاردىن جۇدا بولدۇم.
                        (شاﻫزادە دىلدار-مەلىكە مىﻬرىلىقا)
        ئۈچىنچى بۆلۈم مەشرەپ قىسمى
                مەشرەپ (1)
گەر جەپا قىل گەر ۋەپاكىم، دىلىستانىم سەن مېنىڭ،
گەر مېنى ئۆلتۈر،ۋەگەر تىرگۈزكى جانىم سەن مېنىڭ.
گاﻫى رەئنا قەد بىلە بارغىل يېنىمدىن گەر جىلۋەگەر،
جاﻫى كەل قاشىمغا كىم سەرۋى رەۋانىم سەن مېنىڭ.
كۆڭلۈم ئىچرە سەن سەنۇ ئىشقىڭنى دەي ﻫالىم ساڭا،
چۈن بۇ يەڭلىغ مەﻫرەمى رازى نىﻬانىم سەن مېنىڭ.
تەلبەلەردىن گەرچە دەرت قىلدىڭ مېنى لىك ئاڭلاغىل،
كىم پەرى رۇخسارىلەردىن تاللىغانىم سەن مېنىڭ.
                 (2)
(ۋاي)جۇنۇن تاشى ئۇرۇپ ﻫەريان يېڭى داغىمنى ئەپكار ئەت،
ئىچىمدىن لالىدەك ئىشىق ئىچرە تاشىمنى نەمۇدار ئەت.
چۇ مەجنۇن قىلدىڭ ئەمدى، مۇغەننى گۇشە تابىڭنى،
كۆڭۈل سەۋداسى تەسكىنى ئۈچۈن بولنۇمغا زۇننات ئەت.
دىسەڭ كۆڭلۈم قۇشى ئەيلەپ ﻫەۋا چەككەي ناۋايى ئىشىق،
خەدەڭكىڭنىڭ بەرىن ئەيلەپ قانات پەيكاننى مىنقار ئەت.
ئىرۇر مەقسەت يىراق ۋادى ئۇزۇن تۈن تىيرە يول بورتاق،
بۇ يولدا سەل ئىتىپ ئۆزلۈك يۈكىن ئۆزىنى سەبۇكبار ئەت.
                                      (نەۋائى)
                      (3)
پۇرقەتىڭدە ئەي پەرى، تەن كۆيدىيۇ جان يېغلىدى،
دەم بەدەم شۇ قايغۇدىن ئىككى كۆزۈم قان يېغلىدى.
ﻫېچ دەۋا يوق دەردكىم، جانىمدا بار ئانى كۆرۈپ،
تۈننى چاك ئەتتىيۇ، دۇررى دەرمان يېغلىدى.
يېغلىدى ﻫەتتا رەقىبىڭ رەﻫمى كەلگەندىن ماڭا،
بارى ئول قاتتىق كۆڭۈللۈك، چىنمۇ-يالغان يېغلىدى.
بىلدىلەر يۈزدىن كۆرۈپ سەككاكى ﻫالىن سورمايىن،
خاسۇ،ئامۇ،شەﻫرى دىﻬقان دەنا،نادانمۇ يېغلىدى.
                                 (سەككاكى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوشاق مۇقامى
بىرىنچى بۆلۈم ؛چوڭ نەغمە قىسمى
         مۇقەددىمە
نەچە كۆيگەي بۇ يانار ئوتقا زەئىپ جانىم مېنىڭ،
قالمادى سەبرى ئەتكەلى بىر زەررە ئىمكانىم مېنىڭ.
كەس باشىمنى توپ قىلىپ خەيلىڭ ئاداقى ئىچرە سال،
قويما سەرگەردان مىنى ئەي زۇلپى چەۋگانىم مېنىڭ.
چۈن كىشىنىڭ قانىن ئەيتۇرلاركى ياتماس نى ئەجەپ،
لەئىلىڭىزدە نە ئۈچۈن مۇنداق ياتار قانىم مېنىڭ.
مەقدىمىڭغە ساچقالى يۈدىن ئۈگۈل يوق ئالتۇنۇم،
بار ۋەلى كۈز بەھرىدەك كۆپ دۇررى غەلتانىم مېنىڭ.
مەن گەدانى ناتەۋانلىغ بىرلە ئۆلتۈدى كۆزۈڭ،
كىمگە بولغاي ئاخىر ئى سۇلتان بۇتاۋانىم مېنىڭ.
ئايۇ-كۈن يۇلدۇز تىكىن يەرگە ئۆزىن سالماقتىلەر،
چىقسا خەرگاھتىن بىرەر ئول ماھى تابانىم مېنىڭ.
جان بارىنچە قىلماغاي گۇناھلەر پىغان بىدادتىن ،
داد كىم بەرسۇن قىلۇر چۈن جەۋر سۇلتانىم مېنىڭ.
ئەي كۆڭۈل بۇرچىندە خۇرشىدى جاھان مېنىڭ تابىن،
يۈزۇ-كۆزۈڭدىن يىراق يوق خۇرد ئىلە خابىم مېنىڭ .
قىبلەدىن يارەب ئۈلەر ھالەتتە ئەۋرسۇن يۈزۈم،
گەر سېنىڭ قاشىڭدىن ئۆزگە مىھرابىم مېنىڭ.
چۈن سېنىڭ سىيمىندەك سەقاقىڭدىن تەرم ئىلەرۇبولدى خام،
نېچە ئالتۇن ئۆزرە مەۋج ئۇرغاي بۇ سىمابىم مېنىڭ.
رىشتەئى زۇلپۇڭ بەلالەر باشىمە جەمئى ئەيلەدى،
ئول سەبەپتىندۇر پەرىشان جۈملە ئەسبابىم مېنىڭ.
چارىقۇلكى بولدى جانىم خەسرۇ ئەبكارىڭ سېنىڭ،
سەن ئەزەلدىن تا ئەبەت كۆڭلۈم گىرىپتارىم مېنىڭ.
دىلبەرىمنىڭ مەزھىبىدە يوقتۇرۇر رەھمى،ۋەپا،
ئى كۆڭۈل نىگەرگە يەتكەي نامە ئىھزارىم مېنىڭ.
ئەي قۇياش ئاينىڭ يىڭى ئايدەك ئىگىلگەن بۇ بېشىم،
كىم ئالۇرغە ئۆزگە يوقتۇر بىر زەمان تابىم مېنىڭ.
خەستە كۆڭلۈمگە شىپا ئىردى لەبىڭ بىر سورماغى،
بىر ئۇنى سەن سورمادىڭ ئەرنى ئۇننابىم مېنىڭ.
ئارەزىڭ شەۋقىدە مۇنداغ كىم ئاقۇر كۈزۈم سۇۋى،
لۇتپىدەك ئۆزنى غەرق ئەتكەي بۇ سىلابىم مېنىڭ.
                                       (لۇتپى)
               تەئەزە
باغ ئىچرە ساڭا ساچتى گۈل ئاقۇ-يېشىل ياپراق،
شاھ باشىغا ئانداقكى ئەل ئاقۇ-سېرىق يارماق.
نى يارلىغ ئولغايكىم ھەر كېچە تاڭ ئاتقۇنچە،
سەن ئەيش ئىلە ئۇيقۇدا،مەن رەنجى بىلەن ئويغاق.
كۆز مەردۇمى كويۇڭنىڭ گەردىن تىلەبان باردى،
قانىكى ئاقار ئانى قان تارىتتمۇ يا تۇپراق.
كۆرگەچ ئانى ھەيرەتدىن ئىلكىمنىكى تىشلەرمەن،
بارماققا پاتىپ بۇ رىش، تىلنى كىسىبان تىرناق.
جان نەقدىن ئەجەل بىرلە ھەجرىڭ ئىككى بولمىشلەر،
ئانداقكى تاپىپ سودى ئايرىلغان ئىككى ئورتاق.
كويۇڭ كېرەك،ئۇچماق يوق ئۇچماق ئىلە كويۇڭدا،
ئول نەۋئى تاپاۋۇتدۇركىم تامۇق ئىلە ئۇچماق.
ھەم دەھىر بەقەسىزدۇر ،ھەم ئۆمۈر ۋەپاسىزدۇر،
خۇشتۇر نەپەس ئۆزنى ئەھباپ ئىلە خۇش تۇتماق.
يەتمەگلىك ئىرۇر مۈشكۈل مەقسەدكە نىدىن كىم بار،
كۆز خىرەۋۇ،تۈن تىيرە،ئات ئاقساقۇ،يول تايغاق.
دەپسەنكى نەۋائىنى كەلگۈم داغى ئۆلتۈرگۈم،
ئول ئۆلدى بۇ ھەسرەتتىن كەل تەڭرى ئۈچۈن پاتراق.
                                        (نەۋائى)
            نۇسخا
سەرۋى رەۋاندەك چىقسا ئول شەھىر ئىچرە غەۋغا بولغۇسى،
بۇ غەمزە سىندىن ھەر زەمان يۈز پىتنە پەيدا بولغۇسى.
ئول نازىنىن قەد جان بىكىن قايدا بۇلۇر بولسا رەۋان،
كۈلەنگەسى شەمشاد يا سەرۋى دىلئارا بولغۇسى.
يۈزىنىڭ ئۆزرە زۇلپىنى مەششاتەكىم شانە قىلۇر،
بازارى ھۆسنىندە ئانىڭ يۈز تۈرلى غەۋغا بولغۇسى.
جادۇ كۆزى دەۋرىندە خۇد كاپىر بەسى بولدى،ۋەلى،
لەئىلى لەبىن ئەھدىن كۆرۇپ بارچەسى تەرسا بولغۇسى.
بەرناغا تەگسە ھالى ئىشىق ئول پىيرى كامىل كۆرۈنۇر،
ھەم پىيرىغە ئول ھالىدىن يېتىشسە  بەرنا بولغۇسى.
تاپمادى ۋەسلى گەۋھەردىن مەۋجى بەلادە مۇپتەلا،
بۇلۇپ كۆزۈمنىڭ ياشىدىن ھەر قەترە دەريا بولغۇسى.
ھاپىز بۇلۇپتۇر فەرد ئوشۇل دىلدارنىڭ يولىنداكىم ،
جانلارغا ھەزرەتدىن نىدا بىر يولى فەرد بولغۇسى.
                                   (ھاپىز خارەزەمى)
ئىشىق سىررىن ھەجر ئەسرى ناتەۋانلاردىن سوراڭ،
ئەيش ئىلە ئىشرەت تەرىقىن كامرانلاردىن سوراڭ.
بىزگە جۇز مىھرۇ-ۋاپا ئايىنى قىلمايدۇر نەسىپ،
بىۋەپالىغ رەسمىنى نامىھرىبانلاردىن سوراڭ.
بىزنى سەۋران مىھنەتىدىن ئاجىز ئەتمىش ھەم قېرى،
ھۆسۈن ئىلە قۇۋۋەتنى رەئىنا نەۋ جەۋانلاردىن سوراڭ.
بىدىل ئەل دىلجويلۇق يا دىلشىكەنلىك رەسمىنى،
فەھم قىلماسلار بۇ ئىشنى دىلىستانلاردىن سوراڭ.
نىك نام ئەل ئىشق ئارا بەدناملىقلار شىيۋەسىن ،
ياخشى بىلمەسلەر ئانى بىزدەك يامانلاردىن سوراڭ.
پەقىرلىق زەۋقىنى سورماڭ شەۋكەتۇ جاھ ئەھلىدىن ،
ئوول سۇئۇبەت لەززەتىن بىخانۇمانلاردىن سوراڭ.
ئاجىز تۇپراقىدا ئىشىق ئەھلىغە ئۆلگەن ھۈكم بار،
قەتل ھۆكمى ئەيلەمەگلىكنى قەھرىمانلاردىن سوراڭ.
چۈن نەۋائى ئىشىق سەھراسىدا ياتتى ،دوسلار،
ئانى ئول ياندىن يىتىشكەن كارۋانلاردىن سوراڭ.
                                  (نەۋائى)
             مۇستەھزاد
ھېچ كىشىنى قويمىغىل يا رەب غەمى ھىجران بىلە ،
يۈسۈفى كەنئانغا  ئوخشا مىھنەتى زىندان بىلە.
كۆرسەلەر گەر خانۇ شاھلەر بەلكى سۇلتانى زەمان،
قىلغۇدەكتۇر خىزمەتىڭنى ئەي پەرىۋەش جان بىلە.
كۆرمەدىم لەئلۇ-لەبىڭنى يا تىشىڭدەك گەۋھەرى،
قانچە ئاختاردىم جەھاننى بەھر ئىلە  يۈكان  بىلە.
بىرگىنە كۆرمەي يۈزۈڭنى دەھىر ئارادا تويغۇنچە،
كەتكۈدەكمەن ئاقىبەت بۇ ئارزۇ-ئارمان بىلە.
ئول گۈلى جەننەت پىراقىدا  قەلەندەر سۈبھۇ-شام،
ئۆتكۈدەكمەن بۇلبۇل ئوخشە نالەيۇ ئەفشان ىبلە.
                                 (قەلەندەر)
                ئابىچەشمە
سىنى لەيلى ئايا دىلبەر مېنى مەجنۇن گەدا دەرلەر،
گەدالەرنى تەرقى ئىشىق ئىچرە پادىشاھ دەرلەر.
قايۇ ئاشىق تاپىپتۇر بۇ جاھان مۈلكىدە راھەتنى،
ئانىڭ ئۈچۈن بالانى ئىشىق خەيلىگە رەۋا دەرلەر،
بەلاۋۇ مىھنەتى دۇنيا نەسىبى بولدى ئاشىقنى،
ئەزەلدىن مەرد ئاشىقنى بىلالەرغە رىزا دەرلەر.
ھۇۋەيدا دۇنيادىن بى ئىشىق ئۆتكۈزمە ھاياتىڭنى،
نەچە كۈن ئىشىق ھاسىل قىل بۇ ئۆمۈر بىۋەپا دەرلەر.
                                     (ھۇۋەيدا)
             يارىم ساقى
لەئىلىدىن چۈنكى تەكەللۇمدا تامار ئابى ھايات،
ساۋۇغ ئاھىمدىن ئەرۇر باغلانسا مۇز ھەبىبى نەبات.
ئول پەرى كۆزدىن ئۇچار كۆزداغى شەۋقىدىن ئۇچار،
ۋەھكى سەن ئۇچقالى ھەم يوقتۇرۇر ئىگىنىمدە قانات.
(ئايارىم ساقى،ئا يارىم يارەي،جەننەتلەر باقى،
ئايارىم يارەي ،سېنىڭغىنا دەردىڭ يامان.)
زۇلپۇڭ ئاللىدە بىنەفشە سۇدا كۆرگەچ ئەكسىنى،
قويمادى يانە باشىن يۇققارى قىلماقغا  ئۇيات،
بارىبان ھەر نەچە پات كەلسە  كۈرۈنۈپ ماڭا كەچ،
كېلىبان ھەر نەچە كەچ بارسا ،كۈرۈنۈر ماڭا پات.
سىررى ئىشقىڭنى دەي ئالمان يازا ھەم ئالمانكىم،
تىلى ئىكى قەلەمۇ كۆڭلى قارا كەلدى دۇۋات.
(ئا يارىم ساقى،ئا يارىم يارەي ،جەننەتلەر باقى،
ئايارىم يارەي،سېنىڭغىنا دەردىڭ يامان)
مەن تىلەپ ھۆسىن ،ۋەلى شاھ تىلەپ ئەسلۇ نەسىب،
ماڭا لولى بىلە ھىندۇ، ئاڭا قۇڭراتۇ قىيات.
ساقىيا ھۇش كېرەكمەس ماڭا ھىجران دەمىدە،
بادە تۇت دارۇيى بىھۇشنى ۋەلى بادەغە قات.
تىلەدىم يار ھەيات ئەيلەي ئاڭا سەرف دىدىم،
ۋەھكى ئول داغى ۋەپا قىلمادى ئانداغكى ھەيات.
ئەي نەۋائى تىلەسەڭ سېلى پەنادىن مەخلەس،
پەقىر دەشتىدە كەرەك تاغدەك ئارامۇ سەبات.
(ئايارىم ساقى،ئا يارىم يارەي،جەننەتلەر باقى،
ئا يارىم يارەي،سېنىڭغىنا دەردىڭ يامان)
           جۇلا
قىرىق كۈن بولدى ئەي يارىم ۋەسلىڭدىن جۇدادۇرمەن،
ۋەسلىڭدىن جۇدا بولغاچ غەمگە مۇپتەلادۇرمەن.
زوھرانىڭ پىراقىدا دەر-بەدەر گەدادۇرمەن ،
كۈل بولدى مىنىڭ جىسمىم بىريولى ئەدادۇرمەن.
ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرسەم ،باشلارىڭدىن ئۆرگۈلسەم،
ئۆلسەم ئارمانىم يولتۇر،ئاياغىڭدا جان بەرسەم.
بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار،ئاشىق يولىنى باغلار،
بوش قالدى چاھار باغلار تاھىر ئۆلسە كىم يېغلار.
بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار،مەئىشۇق يولىنى باغلار،
بوش قالسا چاھار باغلار،تاھىرغا زوھرا يېغلار.
                     (تاھىر-زوھرا داستانىدىن)
               سەنەم
جانىمدا ئەلف يەڭلىغ ئول سەرۋى مەكان ئەتمىش،
جىم نوقتەسىدەك داغىن جانىمدا نىھان ئەتمىش.
جانىمنى ھەدەف ئەيلەپ ،كىرپىكلەرى سەپ ئەيلەپ،
غەمزە ئوقىن ئاتماققا قاشنى كەمان ئەيلەپ.
مەن بىدىلى ھەيرانغا ھەم كۆزلەرى گىريانغا،
چىرماشماق ئۈچۈن جانغا زۇلپىنى يىلان ئەيلەپ.
ئول دىلبەرى مەھۋەشكە ،غەمزە بىلە دىلكەشكە،
چېھرەم ئۆزرە قان ياشىم ھالىمنى بايان ئەتمىش.
                                 (ۋەفائى)
        چوڭ سەلىقە
كۆرسەت جامالىڭ مەستانەلەرگە،
ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە.
يوق ماڭا تاقەت قىلسام قانائەت،
غەمزە قىلۇرسەن  بىگانەلەرگە.
مەندىن دۇئايى سەندىن ئىجابەت،
جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە.
ئەي زۇلمى قاتتىق،رەھم ئەيلەمەيسەن،
قىلغىل نەزارە بىـچارەلەرگە.
پەردەنى ئاچقىل ئايدەك يۈزۈڭدىن ،
كۆرسەت جەمالىڭ دىۋانەلەرگە.
مەشرەپ غەرىبىڭ،بەندەم دىگەيسەن،
باشىنى قويدى ئاستانەلەرگە.
               (مەشرەپنىڭ)
           كىچىك سەلىقە (1)
سېنى لەيلى رەئنادەك ئاجايىپ دىلرەبا دەرلەر،
مېنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر.
ئەجەبدۇركى ئەي شاھى خۇبان كېچە-كۈندۈز ئىشىگىڭدە،
ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام يەنا سەن «داغى بىنەۋا »دەرلەر.
باقىبان ئەل سارى ،جانا يۈزۈڭدىن بىر نىقاپ ئالساڭ،
رۇخۇڭنى چۈن مەھى ئەنۋەر،تەجەللىئى خۇدا دەرلەر.
  
تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر سالساڭ گۆرۇستانغا،
قوپۇپ گۆردىن بارى مۇردا ھەمە«ۋا ھەسرەتا» سەرلەر.
كۈرۈبان بەئزى ئاشىقلاركى ھەلقە-ھەلقە زۇلپۇڭنى،
ئەزەلدىن بىزگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پا دەرلەر.
يۈرۈپ سوردۇم تەبىبلەردىن  نەدۇر بۇ دەردىمە دەرمان؟
تەبىب ئەيتۇركى ئەي نادان بۇ دەردىڭ بىدەۋا دەرلەر.
                                     (زەلىلى)
                 (2)
ئەي رەفىق سەن ساقلاغىل كۆڭلۈمدە بىر ئەسرارى بار،
ياردىن قىلغىل ھەزەر يانىدا بىر ئەغيارى بار.
دىمەگىل دەپ سەن ئاڭا سىررىڭنى قىلساڭ سەن ئاشكار،
ئول ھەم ئەيتۇر دىمە دەپ ئانىڭمۇ ھەم بىر يارى بار.
كۈندۈزى قىلساڭ سۇخەن، بول ھەرتەرەپتىن با خەبەر،  
كېچەلەردە ئاھىستە بول يانىڭدا بىر بىدارى بار.
خەندە قىلغان بىرلە ھەر كىم سەن ئاڭا بولما پىرىپ،
گۈل ئاچىلغان بىرلە ئانىڭ يانىدا بىر خارى بار
گۈل ئۈچۈن بۇلبۇل ھەمىشە جانىنى ئىسار ئېتەر،
ئاقىبەت بۇلبۇلنىڭ ھەم بىر خاردىن ئازارى بىر.
ئەي زۇممۇرەد  بىر خۇدادىن ئۆزگىنى تۇتما ئۈمىد،  
ھەقدىن ئۆزگە قايدا بارساڭ بىر بۇزۇق دىيۋارى بار.
                                     (زۇممۇرەد)
             پەشرۇ
تىلەرمەن دائىما ئول دىلبىرىم ئىشقىڭدا زار ئولسۇن،
مېنىڭ قەدرىم ئۆتەلسۇن ھۆسنۈم ئىستەپ بىقارار ئولسۇن.
يولىغا ئىنتىزار ئولغاچ كۆزۈمنىڭ گەۋھەرى سىزدى،
قارارسۇن كۆزلەرى ئول ھەم مېنڭدەك ئىنتىزار ئولسۇن.
مېنىڭ ئىشقىمنى باۋەر قىلمادى،قېشىمغا كەلتۈرگىل،
كۈرۈپ ھالىم قولىن چىشلەپ نە چاغلىق شەرمىسار ئولسۇن.
بەلا ھىجرانى ئىچرە ئاتەشى مىھنەتتە قالغاننى،
تاماشا ئەيلەسۇن رەۋشەن جاھان كۆزىگە تار ئولسۇن.
قېشىڭ چىن ئەيلەمەغە تۇر ئەت غەزەپنى ئىلتىپات ئەيلە،
يۈزۈڭ ئەيتىنى كۆرمەككە يېڭى ئاي ئاشكار ئولسۇن.
پەلەك باغرىدە يۇلتۇزدەك غەمىڭ ئەدسىز ئىدى جانا،
مۇنىڭدەك ۋەسلىڭ ئىچرە ئىلتىپاتىڭ بىشۇمار ئولسۇن.
                                           (گۇمنام)
                   تەئىكىت
سەنەمنى دەردىنى دەپتەر قىلىپ خەتكە بىتىپ بولماس،
ئانى ئەسرارنى بىپەھىملەرگە شەرھ ئىتىپ بولماس.
جۇدالىق خەنجەرى بىرلە يۈرەكىم چاك-چاك بولدى،
يۈرەك زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرگە كۆرسۈتۈپ بولماس.
پەلەكنى ئەختەرىن قىلسا بۇلۇر دەرلەر ھىسابىنى،
يۈرەكىم زەخمىنى ھەرگىز ھىسابىنى بىتىپ بولماس.
ھۇۋەيدا ھەر ئىشىكىم بىمۇشەققەت بولمىغاي ھاسىل،
مۇشەققەت تارتماغۇنچە يار ۋەسلىگە يىتىپ بولماس.
                                       (ھۇۋەيدا)
     ئىككىنچى بۆلۈم ؛داستان قىسمى
            1-داستان
كەل غېرىپجان سەيلە ئىتىلى بىزلەر بۇ باغدا،
گۈللەر كۆرسۇن بۇلبۇللارنىڭ تاماشاسىنى.
سېنىڭ ئۈچۈن ئەزىز جانىم بولسۇن سەدەقە،
كۆرگىل سەنەم شەيدانىڭ تاماشاسىنى.
ئول خۇدايىم ياراتتى جەننەتۇل رىزۋان ،
بۇ دۇنيادا نىمەتلەر بەردى مىڭ ئەلۋان .
لەيلى ئۈچۈن نەچچە يىل يۈردى سەرگەردان،
مەجنۇن كۆرسۇن لەيلانىڭ تاماشاسىنى.
ئىشق ئوتى ئاشىقلارنى ئەيلەدى بەرباد،
ئاشىق-مەشۇق ئوت ئىچرە قىلدى مىڭ پەرياد،
بىستۇن تاغلارنى قازدى ئول پەرھاد،
شىرىن كۆرسۇن پەرھادنىڭ تاماشاسىنى.
ئول خۇدايىم ھەركىمگە سالدى بىر سەۋدا ،
مۇھەببەتنىڭ بازارىدا تۈمەنمىڭ غەۋغا،
ئون ئىككى يىل ئاقتىلەر دەريادا ئۇزرا،
ۋامىق كۆرسۇن ئۇزرانىڭ تاماشاسىنى.
غېرىپ-سەنەم قوشۇلدىلار باغدا جەمئ بۇلۇپ،
يۈرەكلەرى پارە-پارە كۆزى نەم بۇلۇپ.
ئىككى ئاشىق بىر-بىرىگە يار ھەمدەم بۇلۇپ،
تاھىر كۆرسۇن زوھرانىڭ تاماشاسىنى.
                   (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
            2-داستان
ئەي كۆڭۈل يارنىڭ ۋاپاسى قالدىمۇ؟
قىلماغان جانغا جاپاسى قالدىمۇ؟
ئاتماغان ئول سىينەمگە پەيۋەستە تاش،
مىژگان ئوقى -قاشى ياسى قالدىمۇ؟.
پارە بولغان كۆكسۈمە پەيكانەدىن،
قىلماغان يارنىڭ داۋاسى قالدىمۇ؟
ئۆرتەنىپ ھەجرىدە كۈل بولماق بىلە،
جانۇ-كۆڭلۈمنىڭ سەپاسى قالدىمۇ؟
جان پىدا قىدىڭ دەر ئىدىڭ،ئەي كۆڭۈل،
بولماغان جان پىداسى قالدىمۇ؟
يار كويىدا قەلەندەر بولغالى ،
مەندىن ئۆزگە بىنەۋاسى قالدىمۇ؟
يار ھەجرىدە نىيازى ئۆرتەنىپ،
تارتمىغان جەبرۇ-جەپاسى قالدىمۇ؟
ئەي كۆڭۈل يارنىڭ ۋەپاسى قالدىمۇ؟
قىلماغان جانغا قاپاسى قالدىمۇ؟
                           (نىيازى)
             3-داستان
ئۈستى قارلىق ئاپپاق تاغلار،ئەھۋالىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
دۈشمەنلەرگە بەندە بۇلۇپ قالغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
نەزەر ئەيلەڭ كۆز ياشىمغا ،ھېچكىم كەلمەيدۇر قاشىمغا،
قامچا يېغىپ بۇ باشىمغا،تۇرغانىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
قىرىق يىگىتىم بارچە قالىپ،ئۈزەمنى مەن غەمگە سالىپ،
ئەھمەد بەگنى بىللە ئالىپ ،كەلگەنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟
يۈسۈپ بەگ دەر: سىنەم داغلاپ، ئەرمانىم كۆپ مۇندا يىغلاپ.
ئات ئالدىدا قۇلۇم باغلاپ،ماڭغانىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
                             (يۈسۈپ-ئەھمەد داستانىدنى)
         4-داستان
پەلەك ئاشۇبىدىن كىم مەن كەبى زارۇ-نىزار ئولغاي،
جاھەن زۇلمى،ئۇلۇس بىدادىدىن بىئئتىبار بولغاي.
زىھى ئەزادەمەن ئىشىق ئارا مەجنۇن ئەمەس ھەمراھ،
نە مەندە خانۇ-مانۇ نە ماڭا يارۇ -دىيار بولغاي.
جاھان ئەھلىدىن ئەتمەك مۇددەئا مىھرۇ-ۋەپا رەسمىن،
دىمەكدۇر مىھرى زەھرىدىن ھەياتىم ئۇستۇۋار بولغاي.
پەنا دەشتى سارى تۈشمىش سەبۇرى ،دوستلار زىنھار،
دىمەڭكىم ئىختىيار ئەتمىش ئاڭا نە ئىختىيار ئولغاي.
                                     (سەبۇرى)
      ئۈچىنچى بۆلۈم؛مەشرەپ قىسمى.
1- مەشرەپ
سەنسىز دەمى ئەي شوخى جەھان،كۆزلەرى جادۇ،
ھەر ئاھىم ئەرۇر چەرخى بەيابانىدا  ئاھۇ.
مەن سەرۋى قەد ئارزۇسىنى ئەيلەپ چېكەدۇرمەن،
قۇمرى نە ئۈچۈن چەككۈسى سەرۋ ئۈستىدە گۇگۇ.
دانالار ئىلە ئۆتكەرۇ ئۆمرۈڭنى خوش ئۆتكەر،
قىلغۇسى دىماغىڭنى مۇئەتتەر گۈلى خۇشبۇ.
يۈزىنى ئاچىپ قىلغۇسى يەلدايىنى كۈندۈز،
سۇنبۇل ساچار ئافاقغا ئاچسا خەمى گىيسۇ.
                        (مەشھۇرى)
               (2)
ئەي نۇرى دىلۇدىيدە ،دىدارىڭا مۇشتاقمەن،
ۋاي يارى پىسەندىدە  دىدارىڭە مۇشتاقمەن.
ئەي ماھى پەرى پەيكەر،ۋاي مۇرى مەلەك مەنزەر،
ئەي لەئلى لەبى شەككەر،دىدارىڭا مۇشتاقمەن.
ئەي دىلبەرى دىلدارىم ،سەن-سەن ئەبەدى جانىم،
ۋاي يارى ۋاپادارىم دىداىڭا مۇشتاقمەن.
                          (نەسىمى)
              (3)
كىمكى ئول گۈلچېھرەنى ئۆزىگە مېھمان ئەيلەدى،
ئۆزىنى ئىسكەندەرۇ،جەمشىدى دەۋران ئەيلەدى.
تا كەمەندى زۇلف ئىلە كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد،
يۈرەگىمنى ئۆرتەدى ،باغرىمنى بىريان ئەيلەدى.
پۇرقەتۇ-ھىجرانغا ئول دىلبەرى سىيمىن بەدەن ،
كۆزلەرىمنى ياشىنى لەيلى بىدەخشان ئەيلەدى.
                                (قەلەندەر)
                (4)
(ۋاي) كەل ئەي دىلبەر بايان ئەيلەي،ساڭا بىر-بىر جۇدالىقنى،
كى شايەد رەھم ئىتىپ سالغاي،ئۈزۈڭگە ئاشىنالىقنى.
تامامۇ خانۇ-مانىمدىن كىچىبانە بىر سېنى دىدىم،
ئۆزەڭدىن ئۆزگە بىلمەيدۇ،ئۆزەڭ سالدىڭ جۇدالىقنى.
ئۈزەڭدىن ئەزگەنى دىسەم ،قەسەم بىللا قۇبۇل ئەتكىل،
ۋەپانى ئۆزگىگە ئەيلەپ ماڭا سالدىڭ جۇدالىقنى.
كەل ئەي مەشرەپ،ئى پاسىقسەن ،گۇناھىڭ ۋەھمىدىن قورۇقما،
ئەگەر ئەپۇ ئەيلەسە سەتتار،كېچەر سانسىز گۇنالىقنى.
                    (5)
ئەرزىمنى ئېيتاي،شاھىم ئىشىتكىل،
مىسكىن گەدامەن ،دادىمغا يەتكىن.
قىلساڭ يىراقراق مۇندا ئۆزۈڭدىن،
ۋەسلىڭ سارىغا ئاندا ياۋۇتكىل.
سەندىن ئايىرغان ،دۇنيارى مەككار،
كۆڭلۈمنى ئاندىن ئەمدى سۇۋۇتكىل.
مىھمانىڭ بولدى بۇ تۈن ھۇۋەيدا،
كۆڭلىنى ئوۋلاپ ياخشى كۈزەتكىل.
                           (ھۇۋەيدا)   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايات مۇقامى
بىرىنچى بۆلۈم چوڭ نەغمە قىسمى
             مۇقەددىمە
قاشىڭ كۆرگەچ نىچۈك ئايلانمايىنكىم قىبلە گاﻫىمدۇر،
ئاياغىڭغا نىچۈك باش ئۇرمايىنكىم سەجدەگاﻫىمدۇر.
لەبىڭ ئىستەپ نەدىن جان بەرمەيىن ئابىﻬايات ئاندىن ،
يۈزۈڭ كۆرگەچ نىچۈك كۆز ئاچمايىن ئول بەدرى ماﻫىمدۇر،
چىقىپ ئۇچقۇنلار ئۇرغان،ئاﻫ بىلەن باشىمغا چىرماشقان،
گەدالىق شاﻫلىقىغە باشىمە زەردىن كۇلاﻫىمدۇر.
يۈزۈڭ ﻫەجرىغە سەبىر ئەتمەي ئوت بىلە ئەنبەر چۈشكەندەك،
ئەمەس خالىڭ ياپۇشقان مەردۇمى چەشمى سىياﻫىمدۇر.
يۈزۈڭنى غەيرىدىن ئاسراپ كۈن ئالدىن ئابىر تۇتقاندەك،
ساچىڭ ئەرمەس يۈزۈڭ ئەتراپى ئۆزرە دۇدى ئادىمدۇر.
رەقىبلەردىن غەمىم يوق بەرسە راﻫەت غەمزەئى چەشمىڭ،
ئانى بەرﻫەم ئۇرارغا كىرپەگىڭ خەيلى سىپاﻫىمدۇر.
يۈتتۈردۈم جانۇ-كۆڭلۈم، بىگۇمان سەندىن گۇمان ئەتتىم،
سۈيۈنگەندەك تاپىپ گەۋﻫەر،شەككەر خەندىڭ گۇۋاﻫىمدۇر.
                                               (گۇمنام)
                  تەئەزە
بەيرام كۈنى مەجنۇن كۆڭۈل ﻫەم شاد ﻫەم  گىريان ئىرۇر،
ﻫالىمغا ئول گىريان ئىرۇر ئاندىن ئول ئاي خەندان ئىرۇر.
مەن خەستە،خەستەك،تاڭ ئەمەس بولسام يولىدا پايىمان،
ئول گۈل سەمەندىن سەكرەتىپ جەۋلان ئۆزرە جەۋلان ئىرۇر.
بىشىغا سانچىپ تىترەگۈچ ،يۈز ناز ئىلە تارتىپ قېلىچ،
بۇ شەكل ئىلە كۆرگەن زەمان جانۇ-كۆڭۈل لەرزان ئىرۇر.
كىم رەشكىدىن قىلسان نە تاڭ ئاﻫىمنى  ئوق،قەددىمنى يا،
بىر يانىغا باغلاپ ساداق ،بىر يانىدا قەربان ئىرۇر.
ئەنجۈم ئەمەستۇر ئول كىچە رەۋشەن كۈرۈنگەن ،كىم پەلەك،
ئول شەﻫسىۋارىمغا قاراپ يۈز كۆز بىلە ﻫەيران ئىرۇر.
دەۋلەتكە مەغرۇر بولماغىل ئەي شاﻫ،گەداغا رەﻫم قىل،
ئاتىڭ ئاياغى ئاستىدا جىسمىم ئۆيى ۋەيران ئىرۇر.
بىلگىل بۇ كۈننى مۇغتەنەم،سەندەك نەچە خەيلى ﻫەشەم،
بىر- بىرلەپ ئۆتتى دەمبەدەم بۇ دەﻫر نە پايان  ئىرۇر.
ئەيكىم خەيال ئەيلەپ شەفەق خۇرشىد تابىدىن دېمە،
گەردۇن يۈزىگە ساچرىغان قۇربانلاردىن قان ئىرۇر.
زەبﻬىمنى ئىسمايىل كەبى قىلغىل قۇبۇل رەﻫمە ئەيلەبان،
جانىن پىدا ئەيلەپ بۈگۈن مەﻫزۇن ساڭا قۇربان ئىرۇر.
                       (مەﻫزۇن)
                  نۇسخا
ئەي « ا» (ئەلف )قەد ئاي يۈزلۈك  مىﻬرىبانىم سەنمۇ-سەن؟
ئۇشبۇ كۆڭلۈمنىڭكى ئارامۇ جانىم سەنمۇ-سەن؟
«ب»(بە) بەلا باشىمغا كەلتۈرگەن پىراقى ﻫەجرىدىن،
پارە قىلغان باغرىمە نازۇك نىﻬانىم سەنمۇ-سەن؟
«ت»(تە) تۇلۇن ئايدەك يۈزۈڭگە بەندەمەن شاﻫى جەﻫان،
تاقىتىم يوق تەلمۈرۈپ ئارزۇم  قانارىم سەنمۇ-سەن.
«سە»  سىبان سارىغائەمرۇ پەرمان تۇتتۇرۇپ،
سەلتەنەت تەختى ئۆزرە شاﻫى جەﻫانىم سەنمۇ-سەن؟
«زال»  زەبۇن ئەيلەپ مېنى ﻫەجىر پىراقى ۋايكىم،
زايىل ئەتكەن ئەقلىمە شىرىن زەبانىم سەنمۇ-سەن؟
«رە»  رىزادۇرمەن باشىمغا نەچچە كەلسە جەبرۇ زۇلۇم،
سورغۇچى ئەرزۇ دىلىمنى  رازىدارىم سەنمۇ-سەن؟
«زە»  زۇلپۇڭ دامىغا چۈشتى كۆڭلۈم چىرمىشىپ،
زۇلپىگە كۆڭلۈمنى قىلغان پايىمالىم سەنمۇ-سەن؟
«سىن»  سائادەتتۇر سېنىڭ يۇلۇڭدا قىلسام جان پىدا،
سەن سىلكىبان سۇدرەت ئىتىپ كۆڭلۇم تىنارىم سەنمۇ-سەن.
«شىن»   شەﻫنى شاﻫى شەﻫلەر بارچىسىنىڭكى شاﻫى سەن،
شاﻫى خۇبان،ماﻫى تابان،شەﻫرىبارىم سەنمۇ-سەن؟
«ساد»   سەرى ئەتمەكتىن ئۆزگە ئىشىق  ئىلىگە چارە يوق،
سەبرىسىز مەن بىقارار سەبرى قارارىم سەنمۇ-سەن؟
«نۇن»    نىيازىمدۇر مېنىڭ جانىمدىن ئۆزگە يوق نىياز،
شەمئى سەن پەرۋانەدۇرمەن جان نىسارىم سەنمۇ-سەن؟
ۋاﻫ  ۋايىكىم قۇتۇلماس ﻫەجىر ئوتىدىن ئۆلمەيىن،
ۋايكىم ئارامۇ جان يا جان ئۇزارىم سەنمۇ-سەن؟
                                       (سالىﻬى)
            ئابىچەشمە
سېنى ئوششاق كۆڭلىن غارەت ئەتكەچ دىلرەبا دەرلەر،
مېنى سەن شوخ دامىغا ئەسرۇ مۇپتالا دەرلەر.
سېنى قەسرى جامالى ﻫۆسىن  ئۆزرە شاﻫى مەﻫرۇيان،
مېنى رەسۋايى ئىشقىنىڭ كوچاسىدا بىر گەدا دەرلەر.
ئەگەر ئۆمرى جىگەر پەرگالەسىدىن مەن غىزا بەرسەم،
قاچان نا مىﻬرىبان ئىتلارىنى ئۆزىگە ئاشىنا دەرلەر .
بۇكۈن  ﻫەر زەررە رۇﻫى ئىشقىڭ ئوتىدا شەﻫىد ئولسا،
قىيامەت كۈنى بىر گۈلچېﻬرەئى گۈلگۈن قەبا دەرلەر.
كۈرۈپ مەشﻬۇرىنى بۇ نەۋئى سەرگەردانۇ سەرگەشتە،
غەم ئابادى جەﻫان ئىچرە غەرىبۇ بىنەۋا دەرلەر.
                                (مەشﻬۇرى)
            جــــــۇلا
ﻫەرقاچان لەئىلىڭ تەبەسسۇم قىلسا،شەكەر ساچىلۇر،
چۈن تەكەللۇمدىن دەم ئۇرسا دۇررى گەۋﻫەر ساچىلۇر.
غالىبا سەن سۇنبۇلۇڭنى تارىدىڭ ئەي جان بۈگۈن،
كىم نەسىمى سۈبﻬىدەمدىن ئەنبەرى تەر ساچىلۇر.
ئاي يۇۈزۈڭنىڭ ﻫەسرەتىدە ﻫەر كېچە تاڭغا تىگىن،
كۆزلەرىمنىڭ ياشىدىن يەر ئۆزرە ئەختەر ساچىلۇر.
غايەتى ئەئلا مەراتىبدىندۇرۇركىم  ﻫەر سەﻫەر،
مەقدىمىڭدە گۈنبەدى ئەفلاكدىن زەر ساچىلۇر.
بۇ گەدا ﻫەسرەت بىلە كۆز مەئدەنىن دەم-بەدەم،
لەئىلىڭ ئۈچۈن ﻫەر قايان ياقۇتى ئەئمەر ساچىلۇر.
                                          (گەدائى)
                سەنەم
يارسىز ئۆمرۈم مېنىڭ،مىڭ ياشىسام بىر كۈنچە يوق،
ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىدا دەۋزەخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق.
(ئىشق ئوتى ياماندادەي چىرايىم سامان دادەي،مەندە تاقەت قىلچە يوق)
  
(ۋاي) ئاقمۇ ئايدىڭ كېچىلەر، ئاپپاقمۇ ئايدىڭ كېچىلەر،
گۈل بىلەن رەيﻬان پۇرايدۇ، يارى يۈرگەن كوچىلار.
(ئايدىڭ كېچىلەر دادەي،قاراڭغۇ كېچىلەر دادەي،خۇشپۇراقلىق كېچىلەر)
(ۋاي)يارى يۈرگەن كوچىنى سۈپۈرەي ساچىم بىلەن،
ئوڭ قۇلۇمغا جام ئىلىپ سۇلار سېپەي ياشىم بىلەن.
(ﻫەسرەت چىكىمەن دادەي،يېغلاپ ئۆتىمەن دادەي،ۋاي سۇ سېپىپ ياشىم بىلەن)
                              (خەلق قوشاقلىرى)
           چوڭ سەلىقە     
سىنايمىكىن ،سىلايمىكىن،بۇيى تالىمنى،
بويى تالىم بىلەمدىكىن مېنىڭ ﻫالىمنى.
بىلسە بىلسۇن ۋاپادارىم مىنىڭ ﻫالىمنى،
بىر ئۆزىگە ئەرز ئىتەرمەن ئاﻫۇ-زارىمنى.
شۇندىن شولغا كەلمىشىم سەن يار ئۈچۈندۇر،
جەبرۇ-جەپا چەكمىشىم دىدار ئۈچۈندۇر.
گۈلىستاندا پەرياد ئۇرۇپ سايرايدۇ بۇلبۇل،
شۇ بۇلبۇلنىڭ سايراماقى گۈلزار ئۈچۈندۇر.
                          (خەلق قوشاقلىرى)
            كىچىك سەلىقە
كېزەرمەن  ۋەسلىڭ ئىزدەپ يىللار ئولمىش تەر بەدەر ﻫەريان،
جۇنۇن سەﻫراسىدىن مەجنۇن مەسەللىك بىخەبەر ﻫەريان.
يۈزۈڭنى ياد ئىتىپ پۇرقەد تۈنىدە ئوتلۇغ ئاﻫىمدىن،
ئەمەس ئەنجۈم پەلەك تاقىدا بەند ئولمىش شەرەر ﻫەريان.
يۈگۈرماقدىن تالىقدىمكى نەچە سىمابتەك سەير ئاب،
نەدىنكىم جىلۋە ئەيلەپ ئات ئۆزرە ئول سىيىمبەر ﻫەريان.
سېرىغ چىﻬرەم بىلە قانلىغ ياشىمغا كۈلمە ئەي زاﻫىد،
نىگارىم باشىدىن ﻫەردەم ساچارمەن لەئلۇ زەر ﻫەريان.
لەبىڭ سەرچەشمەسىدىن غاپىل ئەردى تەشنەلەب كۆڭلۈم ،
نىشان بەلگۈردى خەتتىڭدىنكى فەۋتى نىلۇپەر ﻫەريان.
شەپەق ئىرمەس پەلەك ئۆزرە قۇياشىم پەردەگە كىرگەچ،
چىكەر ئاﻫىم يەلى كۆز يولىدىن خۇنى جىگەر ﻫەريان.
نەكۈن ئول ئەردىكىم قاشىڭدا چىن كۆردۈم ،بۇ نەكۈندۇر،
تەبەسسۇم مەۋجى ئەردى لەبلەرىڭدە سەر بەسەر ﻫەريان.
  
مىژەكىڭ ناۋەكىن كۆز ئاتتى لەئلىڭ كەلتۈرۈپ بىسمىل،
ماڭا مىيلى مەزار ئورنىدا بىتكەن نەيشەكەر ﻫەريان.
يۈرەكنى چاك ئىتىپ سانسىز تىكەن باغرىمغا سانچىلغان،
مىنىڭ ﻫالىمغا باقماي كۆزلەرىڭ قىلغاچ نەزەر ﻫەريان.
جەمالىڭ تالىئىكىم تابمادى ﻫەرگىز خەبەر ئاندىن،
خىيال ئەلچىسىن گەرچە ئىبەردىم كۆپ خەبەر ﻫەريان.
فۇتۇﻫى قۇلغە ئەي شاﻫ گاﻫى -گاﻫى ئىلتىپات ئەتكىل،
ساچىپ تۇتى كەبى كۆڭلۈمگە لەفزىدىن شەكەر ﻫەريان.
                                        (فۇتۇﻫى)
                      تەئىكىت
ئاپتابتەك ئاي يۈزۈڭگە كۆپتۇر ئارمانىم مېنىڭ،
ﻫەر زەمان يادىمغا كىرسەڭ ئۆرتەنۇر جانىم مېنىڭ.
بىر نىگاﻫى قىلدىڭۇكۆڭلۈمدىن ئالدىڭ سەبرى ﻫۇش،
ئەمدى ﻫەجرىڭدە كۆيەرمەن قالمىدى جانىم مېنىڭ.
مەن سېنىڭ يادىڭدا ﻫەردەم يېغلىدىم شامۇ-سەﻫەر،
ئەرشكە يەتتى مەگەر پەريادۇ ئەفغانىم مېنىڭ.
كۆرمەسەم جانىم كۆيەدۇ بارغالى يول تاقەتىم،
يەتكىلى دىدارىڭ ﻫېچ يوقتۇر بۇ ئىمكانىم مېنىڭ.
                                 (رىزائى)
ئىككىنچى بۆلۈم ؛داستان قىسمى
                1-داستان
باﻫار بولدى،گۈل ئاچىلدى،مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلماسمۇ؟
بۇلبۇل قانى كۆپ ساچىلدى، مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلماسمۇ؟
ئەمدى مەندىن دەۋلەت كەتتى،رەقىبلەرگە نۆبەت يەتتى،
خەبەرىم يوق گۈل ئاچىلدى، مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلماسمۇ؟
يارىم يۈرگەن باغلار قالدى ،باغ ئىچىندە زاغلار قالدى،
يۈرەگىمدە داغلار قالدى، يەنە شاراپ ئىچىلمەسمۇ؟
سەنەم دەرلەر ئۆمرۈم سەيقەلى ،كەلدى مۇﻫەببت بۇلبۇلى،
ئاچىلدى باغلارنىڭ گۈلى، مېنىڭ گۈلۈم ئاچىلماسمۇ؟
                            (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
           2-داستان
مۇندىن كېتەر بولدۇڭ سەن،زالىم ئاغالار،
ﻫەرنە كۆرگەنىڭنى بايان دىگەيسەن.
يالغۇز ﻫەمراﻫ قالدى چاﻫنىڭ ئىچىدە ،
ئۆلگەنى يوق ئىسەن-ئامان دىگەيسەن.
نى يامان سەۋداغا قالىپتۇر باشىم ،
يىگەنىم، ئىچكەنىم زەﻫەردۇر ئاشىم.
كۆزۈمنى ئويدىلەر ئۆز قېرىنداشىم،
ئۈلپەتداشى يىلان،چايان دىگەيسەن.
بىزلەر ئۈچۈن ﻫىممەت كەمەر باغلىغان،
پىراقىمدا سەنەلەرىن داغلىغان.
كەلمىدى دەپ يولۇمغا قاراپ زارلىغان،
شاﻫى خىسراۋ ئاتامغا سالام دىگەيسەن.
توققۇز ئاي، توققۇز كۈن قوساق كۆتەرگەن،
پەرۋىش قىلىپ كامالىمغا يەتكۈزگەن،
كېچەلەرى ئۇخلىماي ئاق سۈت ئەمگۈزگەن،
مىﻬرىبانىم ئانامغا سالام دىگەەيسەن.
يۈرەكىمدىن كەتمەس ﻫەرگىز پىراقى،
مۇرادىغا يەتمەيىن ئۆچتى چىراغى.
ئەمدى ﻫەمرالاردىن كەتمەس سوراغى،
گۈلجەمىلە سىڭلىمغا سالام دىگەيسەن.
ئۆتتى يائقۇب ئوغلى دەغدا يۈرەگى،
كۆزۈم ئويۇلغان بىلەن يوقتۇر كېرەگى.
ئاخىردەمدە ﻫەمرا جاننىڭ تىلەگى،
ﻫەقتىن سورار گەۋﻫەرى ئىمان دىگەيسەن.
            (ﻫۆرىلقا-ﻫەمراجان)
          3-داستان
قابا پەلەكنىڭ دەردىدىن يۈرەگىمدە داغلار قالدى،
بۇلبۇل كەتتى گۈلزارىمدىن چىمەنزارلىق باغلار قالدى.
مۇندا قالدى ۋەتەن-جايىم ،خازان بولدى چاﻫار باغىم،
يارىم بىلەن ئۆتكەن چاغىم ،قەدىم گۈزەل جايلار قالدى.
ئاسان قىلغىل مۇشكۈلۈمنى،يېقىن قىلغىل مەنزىلىمنى،
ئۇچۇردۇم مەن بۇلبۇلۇمنى باغىم ئىچرە زاغلار قالدى.
باغۋەن ئانا مىﻬرىبانىم، مەندىن ئۆتتى بۇ دەۋرانىم،
يۈرە گىمدە كۆپ ئارمانىم، خوشمۇ ئىسىل چاغلار قالدى.
                              (شاﻫزادە نىزاىدىن-مەلىكە رەئنا)
       ئۈچۈنچى بۆلۈم؛ مەشرەپ قىسمى
                 مەشرەپ(1)
ناگاﻫ كۆرۈبان مەﻫۋە جامالىڭ بۇلۇپ قالدىم،
ئايدەك يۈزىگە باقتىم،ﻫەيران بۇلۇپ قالدىم.

ئوتتەك تۇتۇشۇپ كۆيدى يۈرەگىم بىلە جانىم،
پەرۋانە بۇلۇپ ئوتقا ئۈزەمنى ئۇرۇپ قالدىم.
كۆردۈمكى ئەجەپ ئىشۋەگەرۇ دىلبەرى تەنناز،
دىۋانە بۇلۇپ ئىشقىدا ئوتتەك يېنىپ قالدىم.
دىلبەر جامالىنى كۆرۈپ  ئىشقى يولىدا،
گۈلگۈن يانىبان ماﻫۋە تاماشا بۇلۇپ قالدىم.
ﻫاجەت ئەمەس ئول كەئبەئى جانانغا بارماق،
مەن گەۋﻫەرى مەقسۇد بۇلايىن دەپ يەنا قالدىم.
مەشرەپ باشىگە سالما ئوشۇل كۈن غەمى دىلدار،
شەيدايى بۇلۇپ جۈملەئى ﻫەۋەسدىن قېلىپ قالدىم.
                               (مەشرەپنىڭ)
               (2)
قۇمۇش ئاتىغا مىنىپ ،چۇ دىسە يۈرەلمەيدۇ،
ئەزەلى يامان ناكەس (ئاللىيەي)پىرىنى تۇنۇمايدۇ.
ئەل قاﻫ-قاﻫلاپ كۈلۈشۈپ ئوتنى ياندۇرالمايدۇ،.
ئەزەلدە كۆيگەن ئاشىقمەن ،ئەمدى كۆيدۈرەلمەيدۇ.
نىدايى كەلدى ئاللاﻫدىن ئاشىقىمنى كۆيدۈرمە،
ئاشىق كۆيگەنى كۆيگەن كۆپ خالايىق بىلمەيدۇ.
تامامۇ ئۇش موللالارى،چىقتىلەر تالالەرگە،
ئۆتەڭ گۇناﻫىدىن مەشرەپ ئۆزگىلەر تۇنۇمايدۇ.
                           (مەشرەپنىڭ)
               (3)
ئول مەيىن لەئلى لەبىڭكىم ئابى ﻫەيۋاندىن لەزىز،
ئابى ﻫەيۋاننى دەيىن ئول قەترەئى جاندىن لەزىز.
چۈن مەكەس قەندۇ،شەككەرنى خۇش كۈرۈر ئالەم ئىلى،
ئەﻫلى ئىسراپىڭ ماڭاكىم شەككەرىستاندىن لەزىز.
كۆڭلۈم ئالغان بىر نىگاﻫى جانغا لەززەت بەردىكىم،
ئۆزگە ئەززى بولماغاي كۆڭلۈم ئالغاندىن لەزىز.
بادە دەردىمگە دەۋادۇر يوق ماڭا ئۆزگە دەۋا،
يوق تەبىب ئىلكىدە مۇنداق ﻫەممە دەرماندىن لەزىز.
                     (4)
غېرىپ دەرلەر بۇئالەمدە، مېنىڭدەك بىنەۋا يېغلار،
بېشى بەختى قارانىڭكى ﻫالىگە بەختى قارا يېغلار.
مېنىڭ ئاﻫۇ پىغانىمگە  ئوشۇل پەيزۇلسەما يېغلار،
قىيامەت ئۆرتۈنۈپ ﻫەرتۈن شاﻫ بىلەن ﻫەم بىر گەدا يېغلار.
  
بۇ دۇنيا غۇربەتىدىن مەن خالى بولمادىم بىر كۈن،
بايابانلاردا ئاﻫ ئۇرسام ﻫۈسەينۇ كەربەلا يېغلار.

ياقامنى چاك ئىتىپ گۆردىن كۆتەرسەم خەستە باشىمنى،
كۆيەرمۇ مەن بىلەن بارچە ﻫەمە ئاشىق بىقەرار يېغلار.
                             (مەشرەپنىڭ)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:00:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋا مۇقامى
  بىرىنچى بۆلۈم ؛چوڭ نەغمە قىسمى
               مۇقەددىمە
بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ﻫەر زەمان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.
نى ئەندۇﻫ مەلالىمغا بەلىيەت دەشتىدەك  غايەت،
نە سەۋداۋۇ جۇنۇنۇمغا مەلامەت بەﻫرىدەك بايان.
تۈنۈم دەيجۇر،ئۈزۈم رەنجۇر،ئىچىم غەمناكۇ،باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ،تېنىم بىﻬال،ئىشىم ئەفغان،سىرىشكىم قان.
زەئىپۇ دەردۇ غەم پىشە نەﻫىپۇ مىﻬنەت ئەندىشە،
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان قەتىلى،خەنجەرى ﻫىجران.
پىغانىمدىن پەلەك غەمكىن سىرىشكىمدىن جەﻫان رەنگىن،
نە دەردىم ئوتىغا تەسكىن ،نە ﻫەجرىم دەردىغە دەرمان.
باشىم غەم تاشىدىن پارە،تەنىم ﻫەجىر ئوقىدىن يارە،
كۆڭۈل بۇ پارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان.
كۈزۈم نەملىق،بۇيۇم خەملىك ئىچىم ئەندۇﻫى ماتەملىك،
نى ﻫەمدەملىق ،نى مەﻫرەملىق،تاپىپ بۇ مىﻬنەتى پىنﻬان.
ﻫەم ئەﻫۋالى تەباﻫىمدىن، ﻫەم ئاﻫى سۈبﻬىگاﻫىمدىن،
ﻫەم ئوتلۇغ دۇدى ئاﻫىمدىن قارارىپ كۈلبەئى ئەﻫران .
نەۋايى بولسا مىﻬنەت كۆپ ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ،
نېچە بولسا  سەئۇبەت كۆپ بۇلۇر ۋەﻫدەت مەيى ئاسان.
                                        (نەۋائىنىڭ)
                 تەئەزە
ئىتلار ﻫوۋلىشۇر گەدانى كۆرسە،
ئاشىق سۈيىنۇر بالانى كۆرسە.
كۆپ نالە قىلۇر سەﻫەردە بۇلبۇل،
گۈلنىڭ يۈزىدىن سابانى كۆرسە.
پەرۋانە ئۇرۇر ئۆزنى چىراققا،
ئوتنىڭ يۈزىدە  شەيدانى كۆرسە.
مەقسەتكە يىتەر نەۋائى شولدەم،
ۋىسال كۈنلىرى رەئنانى كۆرسە.
                         (نەۋائى)
ۋەﻫكى بولدۇم ئىشق ئارابىۋاپاغا مۇپتەلا،
بولمىسۇن ئەﻫلى ۋاپا مۇنداق بالاغا مۇپتەلا.
ئاڭلىغاي مەجنۇنلۇغۇ بىدىلىغىمنى ﻫەر كىشى،
كىم بۇلۇپتۇر بىر پەرىۋەش دىلرەباغا مۇپتەلا.
بولمايىن بىگانە يارۇ ئاشىنادىن چارە يوق،
خاﻫى بول بىگانەغە  خاﻫ ئاشىناغا مۇپتەلا.
ساقىيا مەي تۇت ماڭا دەردنىڭ داۋاسى بادەدۇر،
ﻫەجرىدىنكىم بولسا دەردى بىدەۋاغا مۇپتەلا.
نەۋائى ئول ۋەپا سىزدىن يەنە بولسام جالاس،
قەسەم قىلدىم يەنە بولماي يەناغا مۇپتەلا.
                            (نەۋائى)
                نۇسخا
دىلرەبا ۋەسلىڭنى ئىزدەپ بىنەۋا بولدۇم نىتەي،
بۇ كۆڭۈل ئاخىر پىراقىڭدا گەدا بولدۇم نىتەي.
ئاﻫىكىم ﻫىجران ئوتى ئاخىر مېنى قىلدى كەۋاب،
ﻫەجرۇ پۇرقەتىدە كۆيۈپ ئەمدى ئادا بولدۇم نىتەي.
گۈلدىن ئايرىلغان كەبى بۇلبۇل مەسەللىك ئۈن چېكىپ،
ۋا دەرىغ مەن يار ۋەسلىدىن جۇدا بولدۇم نېتەي.
مەن پەقىر دىلخەستەگە رەﻫم ئەيلە ئەي شاﻫى جەﻫان،
كۆرگەلى ۋەسلىڭنى زارۇ بىقەرار بولدۇم نېتەي.
ﻫەركۈنى مەندىن ۋەپا ،ئاندىن جەپا ئۆزرە جەپا،
مەن پەقىر ئول بىۋەپاغا مۇپتەلا بولدۇم نېتەي.
ئول پەرى رۇخسارىغە بولسۇن ئەگەر يۈز جان پىدا،
جانىمە بىردۇر ئەگەر يۈز جان پىدا بولدۇم نىتەي.
سالىﻬى گۈلچېﻬرەنىڭ كويىدا بولمىش بىنەۋا،
دەردى ﻫىجرانغا گىرىپتارى بەلا بولدۇم نىتەي.
                              (سالىﻬى)
              ئابىچەشمە
تىشىڭ دۇردۇر،لەبىڭ مارجان،خەدىڭ گۈل-گۈل ،خەتىڭ رەيﻬان،
يۈزۈڭ ﻫۆر،ساچىڭ ئەنبەر،سۆزۈڭ مۇل،مېڭىڭ مىنان.
نەپاخور كۈزۈم كۆڭلۈم قىلۇرلاردۇر گەر باردۇر،
يۈزۈڭگەكۆڭۈل ۋالە يۈزىڭە كۆزۈم ﻫەيران.
تەپەككۈر نېچە قىلسام تېپىلماس سىېنىڭ مىسلىڭ،
پەرىدەك سېنى كۆردۈم ئەمەسسەن ۋەگەر ئىنسان.
بالادۇر ماڭا ﻫەجرىڭ،دەۋادۇر ماڭا ۋەسلىڭ،
ئىتابىڭ ماڭا ئاپەت،ﻫەدىسىڭ ماڭا دەرمان.
چۇ بابىر ساڭا قۇلدۇر نەزەر قىل ئاڭا زىنﻬار،
تېپىلماس يەنە بىر قۇل ئانىڭدەك ساڭا ئەي جان.
                                        (بابىر)
                 جــۇلا
نەمانگاندىن كىتەر بولسام، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
غېرىپلىق شىﻬرىدە ئولسام، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
مۇﻫەببەت شەربەتىن ئىچتىم،قازاندەك قاينىبان تاشتىم،
بۇ پانى دۇنيادىن كەچتىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
چۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا،ئالامەت ئىشقىدىن غەۋغا،
ئۆزىگە ئەيلەدى شەيدا ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ كىشى ﻫالىنى بىلمەيدۇ،
بۇ يەردىن باش ئىلىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
                                  (مەشرەپنىڭ)
                  سەنەم
مەن بارايمىكىن ئاندا،يار كېلەرمىكىنبۇندا،
يارغا يار كېرەك بولسا قول سالىپ كىلەر بۇندا.
ئاق لەيلى قىزىل لەيلى،يارنىڭ بارمىكىن مەيلى،
بولسا-بولمىسا مەيلى مەن يارنىڭ قەلەندەرى.
يار دەيمەن يانا دەيمەن ئۆلمىسە كىلەر دەيمەن،
مېنىڭ تارىتقان دەردىمنى كۆڭلىدە بىلەر دەيمەن.
يارىم كىلۇر قول سالىپ توغرا-توغرا يول ئالىپ،
قاياقتىن چىقىپ كەللە يۈرەگىمگە ئوت سالىپ.
                            (خەلق قوشاقلىرى)
           چوڭ سەلىقە
ئۇ مەﻫەللىدىن بۇ مەﻫەللىگە ئويناي دەپ كەلدىم،
ياخشى دەمسىز يامان دەمسىز،سىناي دەپ كەلدىم.
ئۇ مەﻫەللىدىن بۇ مەﻫەللىگە يولى بارمىكىن؟
يار ئاغرىقى بۇلۇپ قالدىم دورا بارمىكىن؟
تال چىۋىقتەك بويلارىڭغا زوقۇم كىلىدۇ،
ئەرتە-ئاخشام باراي دىسەم قورۇققۇم كىلىدۇ.
يۈرەگىمنىڭ يارىسى كۆپ دەرمانىم يوقتۇر،
شول يارىمنى كۈرىۋالسام ئارمانىم يواتۇر.
                     (خەلق قوشاقلىرى)
        كىچىك سەلىقە
بەﻫار بولدىيۇ ئاچىلدى يۈزۈڭدىن پەردە گۈلزارىڭ،
يېتىشتى غۇنچىنىڭ دەۋرى ،زەمانى قالمادى خارىڭ.
گۈلىستان تۇرى قۇدس ئولدى، بەﻫارنىڭ نۇرى نارىندىن،
كەل ئەي مۇسا كۆر ئاسارىن شۈكرىدە نۇر ئىلە نارىڭ.
فەرەﻫدىن غۇنچەنىڭ گۈلگۈن ياناغى كۈلدى ،ئاچىلدى،
كى مەنزۇرى يەنە گۈلدۇر چىمەندە بۇلبۇلى زارىڭ.
چىچەكلەر مۇختەلىپ ئەلۋان نە مەئنادۇر ئانى بىلكىم ،
بۇياقچى بەرمەمىش چۈنكىم بۇ ئەنۋارىڭ،بۇ ئەزﻫارىڭ.
ئەبىرىندىن چىمەن كۆركىم نە دەپ ئىفاقە كەلتۈرمىش،
كىم ئولمىش بۇيى ئەترەدىن مەشامى تازە ئەتتارىڭ.
نە ئەنبەردۇر تۈتەن يارەب شەقايىق مىجمەرىندىنكىم،
كى بوينىدىن ئانىڭ قەدرى ساچىلمىش مۈشكى تاتارىڭ.
كەل ئەي سىيمىن بەدەن ساقى ماڭا سۇن جامى سەﻫبايى،
كى كەلدى رەۋنەقى گۈلگۈن دىمەي گۈل رەڭگى خەممارىڭ.
بۈگۈن گەر ئالىمۇل غەيىبنىڭ ﻫۇجۇدىن كۆرمەك ئىستەرسن،
رەياﻫىن ئۇش بەيان ئەيلەر زوﻫۇرىن چەرخى سەييارىڭ.
بۇ مۇسىقادىن ئەي سامﮌ ساڭا گەر نەرسە كەشپ ئولدى،
مەقامىڭ بەيان ئەيلە ئۇسۇلىن كۆرسەت ئەدۋارىڭ.
  
ئەگەر سەۋسەن كەبى ئەبكەم ئەمەسسەن نۇتقا كەل ،سۆيلە،
بۇ ﻫەرپۇ نۇقتە تەركىبى نە يەردىندۇر بۇ گۈفتارىڭ.
                                   (نەسىمى)
               تەئىكىت
جەﻫان جەنناتى ئەدىن ئولمىش ئانىڭ سەﻫنىندە ﻫۆرىلەر،
بىزەنمىش ﻫۇللەدىن بوستان كۆزى ئاچىلمىش ئەشجارىڭ.
بۈگۈن بازار ئېتەر گۈلشەن سەمەندىن ،لالەيۇ گۈلدىن ،
غەنىمەت كۆركى بەش كۈندۇر تەماشاسى بۇ بازارىڭ.
نەسىمىنىڭ سۆزى گەرچە دەمى ئەيسادۇر،ئەي مۇنكىر،
ساڭا كار ئەيلەمەس كى يوقدۇر ﻫەققە ئىقرارىڭ.
                               (نەسىمى)
ئىككىچى بۆلۈم ؛داستان قىسمى
1- داستان
مەن نەيلەيىن نازۇك قۇلۇم باغلاندى،
ﻫەجىر ئوتىدە يۈرەك باغرىم داغلاندى.
قاراقچىلار ئۆلتۈرگىلى چاغلىدى مېنى،
يار جامالىن كۆرمەي ئۆلەر ئوخشايمەن.
بۇ جانىمگە قەست قىلدى قاراقچى ئەپەت،
مېنىڭ بۇندىن قۇتۇلماغىم يولتۇر سالامەت.
گويا بۈگۈن ماڭا بولدى رۇزى قىيامەت،
يار جامالىن كۆرمەي ئۆلەر ئوخشايمەن.
ياقامنى چاك ئىتىپ ئەيلەسەم پەرياد،
بۇزۇلسۇن يېقىلسۇن بۇ چەرخى ناشاد.
قاراقچىلار قولىدا بولغايمەن بەرباد،
يار جامالىن كۆرمەي ئۈلەر ئوخشايمەن.

غېرىپجاننىڭ پىرىدۇر جۈنەيدىى باغدادى،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا قىلدىم پەريادى.
قاراقچىلار ئىلكىدىن قىلغىل ئازادى.
يار جامالىن كۆرمەي ئۆلەر ئوخشايمەن.
                  (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
2- داستان
بۇلبۇلى بىچارەسەن گۈل ئىشقىدا پەرياد قىل،
ئاشىقى سەرگەشتە بولساڭ ئۇيقۇنى بىدار قىل.
تىنمايىن شامۇ-سەﻫەر يېغلاپ يۈرۈپ پەرياد قىل،
يار ئۈچۈن سالدىم ئىمارەت ئىشقى يولى ئاباد قىل.
ﻫەر كىشى شۇنداق بەلالار بىرگەبولسا بىشۇمار،
قالمىغاي كۆڭلىدە ئارمان زەررە يەڭلىغ ئىختىيار.
تىترەشۇر سىمابتەك بۇ تەندە جانىم بىقارار،
يار ئۇندا زار يېغلار مەن بۇ يەردە ئىنتىزار.
گەر مۇئەللەق شول زەمان شۆﻫرەتىڭدىن بار كېرەم،
دەرگاﻫىڭدا يۈز تۇتۇپ دائىم ۋىسالىڭ ئىزدەرەم.
بال ئورنىدا ماڭا مىڭ ئوغا ئىچۈردى دەردۇ-غەم ،
تەلمۈرۈپ دائىم گەدادەكيارنى ئىستەر شاﻫ سەنەم.
جانىم موللام بىر زەمان گۈل يارنى ئازاد قىل.
                          (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
3- داستان
دۇئا يەتكۈز سابا يارىمغا سەن ئەلبەتتە -ئەلبەتتە،
سەﻫەر سەير ئەيلەسەڭ سۈيى چېمەن ئەلبەتە-ئەلبەتتە.
شەﻫىدى گەر بەرىنى ئىشىقدۇرمەن داغ ئىلكىدىن ،
چۇ لالە ياپراغىدىن قىل كېپەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
پەرىشاندۇر كۆڭۈل تا كاكۇلۇڭ تارىدىن ئايرىلدى،
دەماغ ئاشۇپتە بولغاي بىۋەتەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
زەلىلىگە شاپائەت ئەيلەگەي دەپ كۆپ ئۈمىدىم بار،
كۇلاﻫۇ خىرقەئى ۋەيسى قىرەن ئەلبەتتە-ئەلبەتتە.
                                    (زەلىلى)
4- داستان
ئاغچى ئانا غەمسىز باشىم غەمخانە بولدى نەيلەيىن،
بىر سۆز بىلەن ئاشنىا يارىم بىگانە بولدى نەيلەيىن.
مەن كەلدىم يارنى سوراغلاپ يار قاچتى مەندىن يىراقلاپ،
يۈرەگىمنى ئوتقا داغلاپ پىنﻬانە بولدى نەيلەيىن.
يار ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلدى ئەزەلدە شۇنداق يېزىلدى،
ئەمدى ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى پەيمانە بولدى نەيلەيىن.
سەنەم يېغلار ئۇشبۇ سائەت،كۆڭۈلدە قالمادى تاقەت،
مىﻬنەتتە سالغان ئىمارەت ۋەيرانە بولدى نەيلەيىن.
                       (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
ئۈچىنچى بۆلۈم ؛مەشرەپ قىسمى
              مەشرەپ(1)
ئەي نىگارىم كۆزلەرىڭ  جادۇ ئىكەننى بىلمەدىم،
پىستە ئاغزىڭ مىسلى ئەفسۇن گەر ئىكەننى بىلمەدىم.
قاشلارىڭ يادۇر سېنىڭ(يارەي) ،كۆزلەرىڭ جەللاد ئىرۇر،(يارەي)
لەبلەرىڭ غۇنچە،چىلىرىڭ ئۈنچە ئىكەننى بىلمەدىم.
غۇنچە قەددىڭ گۈل يۈزۈڭ مېنى بەند ئەتكەن كەبى،
ئىشقىنىڭ مەيىن شامالى خۇشبۇي ئىكەننى بىلمەدىم.
ئىشقىڭدا پەرۋانەمەن،مەردۇ مەيدانەمەن(ئايارەي.....)
ئەيلەپ جاراﻫەت ئۆزگىدىن لەبىدىن مەلﻬەم قۇياي.
دەردىگە دەرتمەنىنىڭ دورا ئىكەننى بىلمەدىم.
ئىشقىڭدا كۆيمەگۈنچە يارى ئەفسان بولماس.
شەمئىڭدە كۆيمەگۈنچە يارى پەرمان بولماس.
مەردنى مەرد بېلىنى باغلاپ يارنى مەردان بولماغۇنچە.
كۆرۈپ قاشۇ كىرپىگىڭ غەمگە مۇپتەلا بولدۇم،
كۆز تىرىدە قارىغاچ قەتلى ماسىۋا بولدۇم.
گۇۋاﻫ بولغىل خالايىقلار تۈمۈن كەچتىم بۇ جانىمدىن،
رەﻫمە ئەيلەپ ئايا جانان مېنى ۋەسلىڭگە يەتكۈزگىن.
                          (2)
بۇ دۇنيادا كۆپتۇر جان كىم ياخشىدۇر،كىم يامان،
ئۇلار قانداق بىلەرسەن نەزەر سالساڭ ئەي جانان.
جاندىن كەچمەي ئىش پۈتمەس،جان چىقماي نەپەس ئۆلمەس،
قۇرۇق دەۋا سۆز ئۆتمەس، يالغان گۇۋاﻫ بەرسەممەن.
يالغانچىنىڭ نامى يوق،گەپ سۆزىنىڭ تەمى يوق،
ئاشىقلارغە داۋا يول تەبىبىمدىن سورسام مەن.
تەبىبىم سەن داۋا قىل،ﻫاجەتىمنى رەۋا قىل،
پەزلىڭ بىلەن ئادا قىل يولغا قەدەم قويسام مەن.
                     (3)
قارا قاشىڭ ئىگىلگەن ئىككى تەرەپكە،
ئىككى ئۇچچى بىر بۇلۇپ تەگدى يۇرەككە.
(يارەي....نى  ﻫەي دوست ،تەگدى يۈرەككە)
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باق يۇلدۇزلار گۇۋاﻫ،
شۇڭا مەندەك نۇر چاچماي كۈرىنەر غۇۋا
(يارەي....بى ﻫەي دوست،كۆرىنەر غۇۋا)
سەن بىرنى دەپ،مەن بىرنى دەپ قالدىم بالاغا،
ئەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ(كۆيەدۇ) كۆزى قاراغا.
(يارەي.....نى ﻫەي دوست،كۆزى قاراغا)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:00:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشاۋىرەك مۇقامى
  بىرىنچى بۆلۈم؛چوڭ نەغمە قىسمى.
             مۇقەددىمە
مۇزەﻫﻬەپ ئەيلەگەن پەيكانىلارىڭ جىسمىم ئارا ﻫەريان،
دىمە ياش چەكتىكىم چەكتى زەبانە زۆئلەئى ﻫىجران.
قاچان پەيكان كۆرۈنگەي ﻫەجىر ئوتىنىڭ شۆئلەسى بولسا،
ئانى تارتىپ چىقارماق زەخىم ئىچىدىن بارمىدۇر ئىمكان.
نى تاش ئاتىپ تەنىمنى زەخىم قىلساڭ غەمگە قالۇرمەن،
مۇڭانى باغلاي،ئانى قايدا باغلاي دەپ مەنى ئۇريان.
بەلا دەشتىدە كۆرگەن ۋەشى مەجنۇننى مەنى داغى،
خىرەد ئەﻫلى قاشىدا تەلبە كۆرگەندەك قالۇر ﻫەيران.
سۆڭەكلەرنى تېنىمدىن بىر-بىر ئايرىدى غەمۇ-ﻫىجرىڭ،
مەﻫەلدۇر سەگلىرىڭنى ئەيلەسەم كۈلبەم ئارا مېﻬمان .
نىمەن قالغۇم نىسەن باقى زەمانە كەلگىل ئەي ساقى،
قەدەﻫ دەۋرىنى خۇش تۇتقىل ۋەپاسىزدۇر بەسى دەۋران.
ۋەپاسىزدۇر جاﻫان ئەﻫلى زاماندا نە ۋاپا بولغاي،
زامان ئەﻫلى گەر ئۇلاردىن ۋاپا ئىزدەر ئىرۇر نادان.
خۇشا دەير ئىچرە مەيخانە تولا ئىلكىڭدە پەيمانە،
مەنۇ ئەﻫلى پانا ئاغزىدا«كۇللۇمەن ئەيلەيﻬاپان».
پەنا يولىدا سائىللىقنى ۋەگەر سۇلتانلىقتىن ئارتۇق بىل،
كىم ئۆلمەگلىكتە تەڭدۇرلەت ۋەگەرسائىل،ۋەگەر سۇلتان.
جەﻫان ئىچرە كىشىنىڭ چۈن يوقىنىڭ بارى يەكساندۇر،
نى فەررۇخ كىمسەدۇر كۆرگەن جاﻫان بارى-يوقى يەكسان.
ناۋائى ئۆزنى خۇش تۇتكىم دەﻫىر ئىشى باردۇر،
ئەگەر مۈشكۈل تۇتار مۈشكۈل،ۋەگەر ئاسان تۇتار ئاسان.
                                 (نەۋائى)
                    تــەئــەزە
ئەي نەۋباﻫارى ئارەزىڭ سۈبﻬىگە جان پەرۋەر ﻫەۋا،
ئاندىن گۈلۇ بۇلبۇل تاپىپ يۈز بەرگى بىرلە مىڭ نەۋا.
تۇبىيۇ شاخى سىدرەدۇر كويۇڭ گىياﻫى نىگەكىم ،
ئوششاقى ئەشكۈ ئاﻫىدىن ﻫەردەم تاپۇر سۇۋۇ-ﻫەۋا.
زەﻫرى پىراقىڭدىن قايۇ ئاشىققا بولدى تەلخكام،
نۇشى ۋىسالى يەتمەسە ئەيسا ئاڭا تاپماس دەۋا.
چۈن قازىيۇلﻬاجاتسەن دەئۋايى مىﻬرىڭ قىلغالى،
دەردۇ پىراق ئەندۇﻫىدىن كەلتۈرمىشەم ئىككى گۇۋا.
قىلماي قۇبۇل ئىجادىنىڭ ئىمكانى يوق سۈڭرە يەنە،
مەقبۇلىنى رەد ئەيلەمەك لۇتپۇڭدىن ئولغايمۇ رەۋا.
زاﻫىد كۆڭۈلنىڭ خىلۋەتىن مەتلۇبى غەيرىدىن ئارىد،
سەن سەير قىلساڭ قىل كېرەك كۆڭلۈڭگە بولسا ئىنزىۋا.
دىسەڭ نەۋائى جان ئارا مەﻫبۇبى بولغاي جىلۋەگەر،
ئەۋۋەل كۆڭۈل كۆزگۈسىدىن مەﻫۋە ئەيلە نەقشى ماسىۋا.
                                     (نەۋائى)
             ~ * ~* ~* ~* ~
تىلەرمەن فەقىر دەشتىدىن قەتئى قىلغاسەن ئەرەنلەردەك،
باغىر سۇ قىل يۈرەك پەرگالەسىدىن ئۆزگە زەر ئەتمە.
            ^ * ^ * ^ * ^ *
رەﻫمە ئەيلەسەڭچۇ دىۋانىلەرگە،
ئىشقىڭدا بولغان ئەپسانەلەرگە.
ئەيلەپ جۇدالىق ئەي ﻫەمنىشىنىم،
قىلدىڭ جەپالار ﻫەمخانىلەرگە .
كۆيدۈرمە جانىم رەشك ئوتى بىرلە،
ئېچىپ يۈزۈڭنى بىگانىلەرگە.
سەجدە قىلاي دەپ شىرىن بۇتۇمغا،
باردىم سوراغلاپ بۇتخانىلەرگە .
مەيگۈن لەبىڭدىن بىر بۇسە بەرگىل،
سىنسۇن خۇمارى مەستانىلەرغە.
ﻫەردەم تىلەرمەن ﻫۆسنى كامالىڭ،
ئۇرۇپ باشىمنى ئاستانىلەرگە .
ئەي مەيپۇرۇشۇم بىر كاسە مەي بەر،
كەلدى ﻫۇۋەيدا مەيخانىلەرگە .
                   (ﻫۇۋەيدا)
         `* ~* ` * ~ *` ~*`
پەلەكتىن ياخشىلىق كەلدى دەبان كۆڭلۈڭنى شاد ئەتمە،
يامانلىق ﻫەم يىتەر ﻫالا،ئۇنۇت ئۆتكەننى ياد ئەتمە.
قارا ساچىم ئايلانىمەن ،
زەمان ئەﻫلىگە گەر يۈز قۇياشچە مىﻬىر كۆرگۈزسەڭ
ۋەپا زىنﻬاركىم بىر زەررە چاغلىق ئىئتىماد ئەتمە.
بۇدۇنيا رەنجىدىن ﻫەرقانچە يەتسە سەۋرى لازىمدۇر،
چىقىپ كەتسە جان كەتسۇن،بېرىپ بىر جايغا داد ئەتمە
          *^*^*^*^*^^*^*^*
نەۋائى ئىستەسەڭ ئوقبا مۇرادىن نامۇراد ئولغىن،
ئەگەر دۇنيا مۇرادى يوقتۇرۇر،ئۆزنى مۇراد ئەتمە.
                 نـۇسخـا
جەپا داغى بىلە كۆڭلۈڭنى ئوفگار ئەيلەگەن،
گۈل ياڭاقىڭ شەۋقىدۇر يۈزۈمنى گۈلزار ئەيلەگەن.
جەۋﻫەرى پەرد ئاغزىڭىزدەك خۇردەبىلەر زىﻬنىنە،
سالمادى شىرىن خەيالى يوقنى ئول بار ئەيلەگەن.
بىر نەپەستە ئۆلگەي ئىردىم پۇرقەتىڭنىڭ دەردىدە،
ۋەسىل ئۈممىدىدۇر ماڭا ئۆلمەكنى دىشۋار ئەيلەگەن.
ئەقلۇ،دىنى بولماسۇن دىدى مەنى بىچارە  دە،
ئول قاراقچى كۆزلەرىڭنى مەستۇ ئەييار ئەيلەگەن.
مەن پەلەكنىڭ گەردىشىندىن بولماسمەن ناتەۋان،
يارنىڭ سۆيمەسلىكىدۇر جانىمە كار ئەيلەگەن.
جانۇ دىل باردى ئەدەم سارى سېنىڭ ئاغزىڭ ئۈچۈن،
ئول ئاغىز پىكرىدۇر ئەلگە دۇنيانى تار ئەيلەگەن.
ئۆزگەدىن قىلمام شىكايەتكىم ئەزىزىم كۆزىدە،
ئوتقا چۈشكەن بۇ كۆڭۈلدۇر لۇتفىنى خار ئەيلەگەن.
                                  (لۇتفى)
             ئابىچەشمە
شىپايى ۋەسىل قەدرىن ﻫەجىر ئارا بىمارلەردىن سور؛
زىلالى زەۋق-شەۋقىنى تەشنائى مەيدارلەردىن سور.
كۆزى ياشلارنىڭ ئەﻫۋالىن نە بىلسۇن مەردۇمى غاپىل،
كەۋاكىب سىررىنى شەب تا سەﻫەر بىدارلەردىن سور.
غەمىدىن شەمئىدەك كۆيدۈم،سەبادىن سورما ئەﻫۋالىم،
بۇ ﻫالىمنى شەبى ﻫىجراندا بولغانلاردىن سور.
مۇﻫەببەت لەززەتىدىن بىخەبەردۇر زاﻫىدى غاپىل ،
فۇزۇلى دەردى ئىشقىن دەردى ئىشقىڭ بارلاردىن سور.
                                   (فۇزۇلى)
              جـــۇلا
باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ،مېنىڭ يارىمنى،
ئىگىز داۋان ئاشتى دەيدۇ بويى تالىمنى.
ئىگىز داۋان ئاشماغۇنچە مەنزىل كۈرۈنمەس،
قارا يورغا مىنمەگۈنچە چۆللەر كىزىلمەس.
                   (خەلق قوشاقلىرى)
        ســـەنــــەم
لۇتپ ئىيتەي دەپ ۋەئدە ئول دىلدارى قىلمايدۇ ﻫەنۇز،
غۇنچىدەك قان باغلىغان كۆڭلۈم ئاچىلمايدۇ ﻫەنۇز.
پاش بولدى ئەلگە ئەﻫۋالىم نە تەدبىر ئەيلەيىن،
خەلق بىلدى ﻫالەتىمنى يارى بىلمەيدۇ ﻫەنۇز.
سەبرى قىلغىل ئەي رەشىدى ئاي يۈزىنىڭ دەۋرىدە،
بەندىگە ئازادلىق خەتتى بىتىلمەيدۇ ﻫەنۇز.
                            (رەشىدى)  
         چوڭ سەلىقە
مېنىڭ رازى دىلى زارىم پەراۋاندۇر پىتىپ بولماس،
كى ئىشىق ئەپسانەسىنى دەپتەر ئۆزرە شەرﻫ ئىتىپ بولماس
تىكەنسىز گۈل سەدەپسىزدۇر مۇشەققەتسىز ﻫۈنەر يوقتۇر،
رىيازەت چەكماگۈنچە يار ۋەسلىگە يىتىپ بولماس.
ئۇزاق ئەرمىش ئوشۇل زىبا سەنەمنىڭ قەسرى ئى مەشرەپ
ئەگەر مىڭ يىل جىدەل قىلساڭ بۇ مەنزىلگە يىتىپ بولماس
                                       (مەشرەپ)
              تەئىكىت
بارچىلارغا شادلىق يەتتى،ماڭا كەلدى پىراق،
تەﻫ-بەتەﻫ كۆڭلۈمنى قان قىلدى مىڭ دەردى پىراق
لەئەزە-لەئىزە ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم مۇدام ئەيلەر پىغان،
نالە ئەيلەيكىم جەرەسدەك يەتتى بۇ گەردۇن پىراق.
                                            (غەرىبى)
       كىچىك سەلىقە (1)
نە چارە ئەي كۆڭۈل ﻫەركۈن يىتەر دەردۇ پىراق،
جەپادىن ئۆزگە ﻫېچ ئىش يازمادى كەلكى قەزا بىزگە.
نەسىپ ئەتمىش پەلەك خۇنابەئى ﻫەسرەتنى غەم بىرلە،
كۈرەرمۇ بادەئى ئىشرەتنى ئول ﻫەرگىز رەۋا بىزگە.
تەرﻫى پەيمانەدىن ئاۋارە بولدۇڭ دەرسەن ئەي ناسىﻬ،
پەنا دەيرىدە قىلغان بىنەۋالىقدۇر نەۋا بىزگە.
تەمەننادۇر خەرابات ئەﻫلى ئىچرە خاكىسەر ئولماق،
كېرەكمەس دەﻫىر ئەلىنىڭ بەزمىدە ئىززۇ ئەئلا بىزگە.
سەنى بىزدەك قىلىپ،بىزنى سېنىڭدەك قىلسا ﻫەم تاڭ يوق،
خەتا ئەرمىش مەلامەت قىلسا ئەي زاﻫىد تولا بىزگە.
                                       (مەﻫزۇن)
                       (2)
دىلبەرئا مەن زارىنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل،
يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل.
كۆپ رەقىبلەر تەئىنە ئىتىپ خۇنابە يۇتتۇردى ماڭا،
ئادىل ئولساڭ ئول ئەدۇنى قەلتى جەللات ئەيلەگەىل.
قەتلى ئولسا ئول ئەدۇلەر سەيرى گۈلشەن ئەيلەلى،
تالى مەجنۇن قامەتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلەگىل.
ئىككىمىزنى باغدا كۆرسە شۇم رەقىبلەر رەشك ئېتەر،
ئىلتىپات ئەيلەپ ماڭا دۈشمەننى نا شاد ئەيلەگىل.
بادە بەرگىل سىبغارۇر قويماي بىلالى قەترەئى،
ﻫەم بۇزۇلغان كۆڭۈلنى مەي بىلە ئابات ئەيلەگىل.
                                  (بىلال نازىم)
         ^*^*^*^*^
ئەدەپنىڭ رىشتەسى تۇتقىل،ئەدەپتىن ياخشى راز ئولماس،
ئەدەپسىز ئىككى ئالەمدە بىلىڭكى سەراپ راز ئولماس.
كۆڭۈلنىڭ قۇشلىرى پەرۋاز يىراق ئۇچماقلىق ئاسمانە،
يىراق ئۇچماق بىلەن زاغۇ-زەغەن ئالەنگە باز ئولماس.
بۇلبۇلى شەيدا بىلۇر گۈل قەدرىنى  ئەل نەۋباﻫار،
نە بىلۇر زاغۇ-زەغەن گۈل بىلە بوستان قەدرىنى.
ﻫەر كىشى بىلمەس ﻫۇۋەيدا قەدرى دەردى ئىشقىنى،
ئارى بىلمەس سەگ مەكەسلەر شەكەرىستان قەدرىنى.
                                  (ﻫۇۋەيدا)
دىلبەرئا مەن زارىنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل،
يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل.
                                   (بىلال)
       ئىككىچى بۈلۈم داستان قىسمى
1- داستان
قۇلاق سالىپ ئىشىتكىل مىنىڭ ئەرزىمنى،
كۈندىن-كۈنگە بەتتەرەي بولدۇم دەردىڭدە.
نىلەر چەكتىم پىراقىڭ ﻫىجرىڭدە ،
قانلار يۇتۇپ ئۆلەر بولدۇم دەردىڭدە.
بىر ئوق ئەردىم ﻫەرتەرەپلەرگە ئاتىلدىم،
سەن يار ئۈچۈن ئىشىكلەرگە تەلمۈردۈم.
يارى-ياردەپ يات يەرلەرگە ساتىلدىم ،
يارى-يار دەپ ئۈلەر بولدۇم دەردىڭدە.
غايىبانە باغۋەنگە خىزمەت قىلۇرمەن،
بىلمەدىممەن مەخسەتكە قاچان يىتۇرمەن.
چۆللەر كىزىپ باشىمنى ئالىپ كىتەرمەن ،
ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم دەردىڭدە.
غېرىپ ئەردىم گۈل قويدى مىنىڭ ئاتىمنى،
بۇ ۋەتەندە ﻫېچكىم بىلمەس زاتىمنى.
سەندىن ئۆزگە كىمگە ئېيتاي دەردىمنى،
مەن ساڭا ئەرز ئېيتار بولدۇم دەردىڭدە.
                (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
        2-داستان  
ﻫەسەن ۋەزىر ئۆلدى دەپ ساڭا سۈيۈندۈم،
بارغىن بالام ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى.
بىر نەچچە كۈن بۇيۇڭنى كۈرۈپ قۇئاندىم،
بارغىن بالام ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى.
بىر يار ئۈچۈن ئاﻫ ئۇرۇپ قانلار يۇتارسەن،
باشىڭ ئالىپ يات يەرلەرگە كېتەرسەن.
مېنى تاشلاپ گۈلجامالىڭنى نەيلەرسەن،
بارغىن بالام ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى.
بېﻬىشتنىڭ پىردەۋسى ﻫۆرۈم سەن ئىدىڭ،
بۇ بەختىمنىڭ باﻫارى گۈلۈم سەن ئىدىڭ.
چۆلگە چىقسام شىكارگاﻫىم سەن ئىدىڭ،
بارغىن بالام ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى.
دۈشمەن يۈزى قارا بولسۇن ئارادا ،
مىنى قويدۇڭ تۈگىمەس سانسىز بالاغا.
نەيلەيىن مەن يىتەلمىدىم مەخسەت،مۇراتقا،
بارغىن بالام ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى،
3-داستان
قايغۇ ﻫەسرەت بىلەن ئۆمرۇم ئۆتكەن بارمۇ-بىلگەن بارمۇ؟
بۇ دۇنيادا مىﻬنەت تارتىپ ئۆتكەن بارمۇ-بىلگەن بارمۇ؟
ئۆمرۈم ئۆتتى ﻫەسرەت بىلەن ئىشق يولىدا مىﻬنەت بىلەن ،
يارىم قالدى زۇلمەت بىلەن يارنى كۆرمەي ئۆلگەن بارمۇ؟
جۇدالىقنىڭ دەتدى يامان ﻫىجران ئوتى قىلدى سامان،
ئاشىقلارنى قىلدى ۋەيران مۇرادىغا يەتكەن بارمۇ؟
بۇ دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە ﻫەجىر ئوتىغا ئۆزۈڭ ئۇرما،
بىۋاپانىڭ يولىن يۈرمە ئۆز يارىغا يەتكەن بارمۇ؟
               (شاﻫزادە نىزامىدىن-مەلىكى رەئنا)
         4-داستان
ئەي پەرىزادى زەمانىم خاتىرىمنى شاد قىل،
بۇ بۇزۇخ كۆڭلۈمنى سەن لۇتپۇڭ بىلە ئاباد قىل.
دىلبەرىم مەكتەپتەۋۇ،مەن يول ئارادا مۇنتەزىر،
ئەي مۇئەللىم بۇ زەمان ئول سەرۋىنى ئازاد قىل.
گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ ئەي مەﻫى نا مىﻬرىبان،
شۇم رەقىبنى بەد دىيانەت جانىمغا بىداد قىل.
پادىشاﻫى ﻫۆسۈن بولدۇڭ ئەي ماﻫى شىرىن زەبان،
ئەمدى سەن لۇتپۇ كەرەم بىرلەن مېنى پەرﻫاد قىل.
ئەيلەدىڭ جەۋرۇ-جاپا بىﻬەد قەلەندەر جانىغا،
ئەمدى سەن رەسمى مۇﻫەببەتنى ماڭا ئىرشاد قىل.
                                         (قەلەندەر)
   ئۈچىنچى بۈلۈم مەشرەپ قىسمى
              مەشرەپ (1)
كەلمەدى يار،كەلمەدى نە بولدى يارىم كەلمەدى،
ئاتىنىڭ ئاياغى سۇندى بولدى باﻫانە كەلمەدى.
ئاتىنىڭ ئاياغى سۇنسا ئات ئېلىپ مىنمەسمىدى،
يار كۆڭلى ياردا بولسا بىر كىلىپ كۆرمەسمىدى.
يارىمنى كەپتۇ دىسە يۈگرەپ چىقاي باشىم بىلەن،
يارى يۈرگەن كوچىلارغا سۇ سېپەي ياشىم بىلەن ،
لەبىڭنى لالەدىن دەرلەر چىشىڭنى ئۈنچەدىن دەرلەر،
قۇلۇڭنى گەر سېلىپ كەلسەڭ بۇ كىمنىڭ دىلبەرى دەرلەر.
ئەجەپمۇ كەلمەدىڭ يارىم يولۇڭغا بارغىدەك بولدۇم ،
قۇلۇمغا قوش پىچاق ئالىپ يۈرەكنى يارغىدەك بولدۇن.
                                (خەلق قوشاقلىرى)
                   (2)
يارنىڭ يۈلىگى ياردىن يارى بولمىسا قايدىن،
غۇنچە بويلىرى زىلۋا شىرىن سۆزلەرى ئاندىن.
يارىمنىڭ بويى زىلۋا،زىلۋا بويىدا خال بار،
شىرىن سۆزلەرى تاتلىق،ئايدەك يۈزىدە خال بار.
ئايغا ئوخشىتاي يارىم كۈنگە ئوخشىتاي يارىم ،
بويلۇرۇڭ سېنىڭ زىلۋا،كىمگە ئوخشىتاي يارىم.
                            (خەلق قوشاقلىرى)
                  (3)
قارا-قارا قاشلارىڭگە قاتساڭچۇ مىنى،
قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مىنى.
قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالمىسا ئەگەر ،
كىرپىگىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مىنى.
                      (خەلق قوشاقلىرى)
                (4)
قايسى بىر ئازارىن ۋاي جانىمە ئەغيارىڭ،
قايسى بىر ئاغرىتقانىڭ كۆڭلۈمنى دەي دىلدارىنىڭ .
قايسى بىر بىرەﻫلىغىنى تالىئى گۇمراﻫىنىڭ،
قايسى بىر كەجرەۋلىغىنى چەرخى كەجرەبدارىنىڭ.
قايسى ﻫەسرەت بىرلە ئارمانىن ۋەپاسىز ۋەسلىنىڭ،
قايسى مىﻬنەت بىرلە رەنجىن پۇرقەتى خۇنخارەنىڭ.
بابىر ئول گۈل جەۋىر ئىتەر ئەغيارەدىن نى ياخشىلىق،
گۈلنىڭ ئازارى بۇ بولسا ۋەﻫ نى بولغاي خارىنىڭ،  
                                               (بابىر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:01:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىراق مۇقامى
  بىرىنچى بۆلۈم؛ چوڭ نەغمە قىسمى
              مۇقەددىمە
يار ئۈچۈن ئىستەركى بولغايمەن مۇدام ئاندىن يىراق،
ئول جەﻫەدتىن بارچە ۋەسىل ئىستەر مېنى مەﻫزۇن پىراق.
ياخشىلارغا بەس ياماندۇر ﻫالىكىم يار ئالدىدا،
تەڭدۇرۇر ياخشى-يامان بەلكى يامانراق ياخشىراق.
شاﻫ يانىن فەرزىن كەبى كەجلەر مەقام ئەتمىش نېتاڭ،
تۈز ماڭارلەر ئەرسەدىن گەر تۇتسالار رۇختەك قىراق.
تازا ﻫەريان داغ ئەمەس جىسمىمدا ئول يۈز ئىشقىدىن،
كىم بۇ يۇلتۇزلەرغە بولمىش ئول قۇياشدىن ئىﻬتىراق.
بۇ يىراقلىقتىن يېقىندۇر ئەلگە مەن ۋاﻫ يارنىڭ،
ئىستەبان رايىن بۇلۇپدۇر مەن يېقىنلىقدىن يىراق.
ئاي يۈزلۈككە قالما ﻫەيران كۆر ئۇنىڭكى ئەسلىنى،
ئىچىنى كۆرسە قارادۇر،گەر كۈرۈنۇر زاﻫىرى ئاق.
كۆپ ﻫىجاز ئاﻫەڭى تۈزمە يار ئىلە بول بارچە ۋاق،
ئەي نەۋائى گەر ئەجەم بولسۇى مۇقامىڭ گەر ئىراق.
                                     (نەۋائى)
                  تەئەزە
ئوتمۇ ﻫەم بار،گۈلمۇ ﻫەم بار يارنىڭ رۇخسارىدا،
يامۇ ﻫەم بار،ئوقمۇ ﻫەم بار ئول كۆزى خۇنخارىدا.
مەن ئەرۇرمەن ئىشقىدە ﻫەيران تۈمەن ﻫەسرەت بىلە،
بىئەدەد بىدەرد ئاسىغلىق زۇلپىنىڭ ﻫەريانىدا.
سەرنىۋىشتىمدۇر مېنىڭئوتىدا كۆيمەك سۈبﻬۇ-شام،
گۈللارى ئەل ئىلكىدە جانۇ دىلىمدۇر خارىدا،
زەئفىران يۈز مەندەدۇر ئەلنىڭ دىماغى تازەدۇر،
مۈشكۇ،ئەنبەر سۇنبۇلىدىن بىخەبەر ﻫەر سارىدا.
ئەلگەراﻫەت نازۇ نىئمەتتۇرئەزەل قەسسامىدىن،
كۆيمەكۇ،ئۆلمەك ساڭا كىم بولماغاچ گۈل نارىدا.
كۈلغە پاتتىم،ئوتقا چۈشتۈم بىلمەدىم نە نەۋئى مەن،
غەرق ئولۇپ بولدۇم پەنا ئىككى كۆزۈم خۇنخارىدا.
مۇلمۇ ﻫەم ،ساغەرمۇ ﻫەم بار نەباتۇ لەئلىدە،
تازە گۈلدەك ماﻫى بەدرى مىﻬرى پۇر ئەنۋارىدا.
بۇ مېنىڭ كۆلۈم مۇسەلسەل زۇلفىنىڭ تارىغە بەند،
بەلكى چىرماشتى تەنىمگە ئىشق ئوتى ﻫەرسارىدا.
ئەيشى راﻫەت ئەلگە دەردىن جانغا ئال گۇمنامكىم،
مۇئتەبەردۇر دەردۇ مىﻬنەت ئىشقىنىڭ بازارىدا.
                                 (گۇمنام)
             نۇسخا
نىگارا ئىشتىياقىڭدا زەئىپۇ ناتەۋان بولدۇم،
ﻫەمىشە دەر-بەدەرئالەم ئارا بىخانۇمان بولدۇم.
نېتەي ئاۋارە بولماي بىر سېنىڭدەك غەمگۈزارىم يوق،
كۆيۈپ پۇرقەت ئوتىدا مۇبتەلائى لامەكان بولدۇم.
قادالدى كىرپىكىڭنىڭ نەشتەرى،بۇ خەستە جانىمغا،
غەمۇ مىﻬنەت ئىچىدە دەرد تارتىپ  زەئفىران بولدۇم.
جەمالىڭ ﻫەسرەتىدە ئۆرتەنۇر شامۇ-سەﻫەر جانىم،
بۇلۇپ مەجنۇن كەبى ئالەمدە رۇسۋايى جەﻫان بولدۇم .
خىرامان ناز ئىلەكىم گۈلدەك ئاچىلىپ چىقساڭ،
جەمالىڭ شەۋقىنى ئول دەم كۈرۈپۇ شادىمان بولدۇم.
ساڭا بۇ ئەرزى ﻫالىمنى بايان ئەيلەرگە يوق تاقەت،
تۇتۇپ غەم لەشكەرى قويماس ياقامنى  بىزەبان بولدۇم.
نېتەي بىچارەئى غەمكىن قىلىبدۇر دەرد ئىلە ﻫىجران،
سارىغ رۇخسارە ﻫەجرىڭ ئوتىدىن بەرگى خەزان بولدۇم.
فىراقى خەستەدىل ئاشۇفتە بولدى ئايرىلىپ سەندىن،
پىراقىڭ دەردىگە مەﻫرەم جەپاغا ﻫەمزەبان بولدۇم.
                             (فىراقى)
                  مۇستەﻫزاد
ئەزەلدىن تا ئەبەت كۆڭلۈم  قۇتۇلماس ئىشق بالاسىدىن،
يۈرەگىم رەخنىلەر بولسدى بۇ كۆلۈم ماجىراسىدىن.
خىيالىمدا سېنىڭ ۋەسلىڭ يىتەلمەسمەن مەنۇ ﻫەيران،
مەگەر ۋەسلىڭگە يەتسەم پىرىكامىلنىڭ دۇئاسىدىن.
ئىشت ئەرزىمنى ئەي دىلبەر،يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولدى،
رەقىبلەر شادىمان بولدى نىگارىمنىڭ جاپاسىدىن.
مېنىڭ سەنسىز بۇ دۇنيادا تىرىكلىك قىلماغىم مۈشكۈل،
كەل ئەي كۆڭۈل كېچەيلى بۇ تىرىكلىكنىڭ بەقاسىدىن.
سىنىڭ ئىشقىڭ بىلە يېغلاپ ئەگەر مەﻫشەر كۈنى چىقسام،
كۈيەرمۇ ﻫەممە بۇ مەشرەپنىڭ ناۋاسىدىن.
                                                (مەشرەپنىڭ)
ئەزەلدىن تا ئەبەت كۆڭلۈم  قۇتۇلماس ئىشقى بەلاسىدىن،
يۈرەگىم رەخنىلەر بولدى بۇ كۆڭلۈمنىڭ ماجراسىدىن.
                                     (مەشرەپنىڭ)
                 ئابىچەشمە
سەﻫەردە مېنىڭ ﻫالىمغا مۇرغانى چىمەن يېغلار،
پىغانىمدىن سابا يىرتىپ قىزىلگۈل پىرەﻫەن يېغلار.
جىگەر ئوتى كۆيۈپ دۇدى، بايابان گەردىغە چۈشسە،
ئوشالدى قەددى مۈشكىم دەپ غەززالانى خوتەن يېغلار.
يۈرەكتە ئاتەشىن دەردىن ،ئالىپ بارسام لەﻫەد ئىچرە،
قىيامەت تاڭى ئاتقۇنچە كۈيۈپ گۆرۇ-كېپەن يىغلار.
سېنىڭ دەردىڭ بىلە يېغلاپ پىغانۇ-نالەلار قىلسام،
كىچىپ پەرزەندۇ مالىن،بۇلۇپ ئەل بىۋەتەن يېغلار.
سەﻫەرلەر يۈسۈفىم دەپ ئاﻫ ئۇرسام پىرى كەنئاندەك،
پىغانىمدىن پىغان ئەيلەپ كۈيۈپ بەيتۇل ﻫەزەن يېغلار.
ﻫۇۋەيدا زار يېغلاپ يار دەپ يۈزلەنسە سەﻫراغا،
بۇياپ لالە كۈزۈم قانىغا گۈلگۈن پىرەﻫەن يېغلار.
                               (ﻫۇۋەيدا)
                   جۇلا
ئەي پەرى رۇخسارەلەر بىزگە نىگاﻫ ئەيلەپ ئۆتۈڭ،
بىر نەزەر بىرلە گەدانى پادىشاﻫ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
گەرچە ئۆتكەندە كىزەرسىز كۆپ كىشىنىڭ قانىنە،
بۇ گەدا كۆڭلى ئۈچۈن مۇنچە گۇناﻫ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
خارلىق ﻫەددىن ئاشۇرماڭ،چۈنكى ئىززەت يولدادۇر،
ئاتىڭىز نەئلىندە بىزنى خاكى راﻫ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
ﻫەر قاچان جان بەرسەم ئول قەددۇ ئاغىز يادى بىلە،
ئەي مۇﻫىبلار تۇربەتىم ئۈستىدە ئاﻫ ئەيلەپ ئۆتۈڭ.
                                        (لۇتفى)
                   سەنەم
باردى دەيدۇ،ياندى دەيدۇ مەيلىم ئۈزەمنىڭ،
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۈزەمنىڭ.
ئۇ يان ئۆتۈپ، بۇ يان ئۆتۈپ ئالاي كۆڭلۈڭنى،
قارچۇغىنىڭ بالاسىدەك ئىگەي بولنۇڭنى.
ئاللا يارىم غۇنچە بولساڭ مەن كۆرىۋالاي،
ئايدەك يۈزۈڭنى،چولپان كۆزۈڭنى مەن سۆيىۋالاي.
   
ئاللا يارىم خىيالىڭنى بىلىپ بولمايدۇ،
سەنلايۈرگەن كوچالاردا يۈرۈپ بولمايدۇ.
                    (خەلق قوشاقلىرى)
         چوڭ سەلىقە
بولمايمەنا بولمايمەن،سېنىڭ بىلەن بولمايمەن،
سېنىڭ بىلەن بولغۇنچە يالغۇز يۈرۈپ ئوينايمەن.
بارايلى دىمەپمىدۇق،يانايلى دىمەپمىدۇق،
شەرتىمىز قىزىل ئالما چىشلەشىپ يىمەپمىدۇق.
بولىمەن، گۈل بولىمەن،ئاي يۈزۈڭنى كۆرگەندە،
ساڭا ئاشىق بولىمەن ئاي يۈزۈڭنى سۆيگەندە.
تۈنۈگۈن چۈش ۋاختىدا ئىككى جۇۋان چىقتى سۇغا،
قاپىغى لايغا پېتىپ ئالمالارى ئاقتى سۇغا.
                         (خەلق قوشاقلىرى)
        كىچىك سەلىقە(1)
دەﻫرىنىڭ شەكلىنى كۆركىم،بولدى ﻫالى ئۆزگىچە،
بىلمەن ئايا بارمۇدۇرئانىڭ خىيالى ئۆزگىچە.
تەقۋا ئەيلەپ دەﻫىر ئارا يول تاپمادۇق كەل ئەي رەفىق،
مەست بۇلۇپ مەيخانەلەر يەڭلىغ بارالى ئۆزگىچە.
ئەي مۇسەۋۋەر سەﻫۋە ئەيلەپ قىلما تەسۋىردىن خىيال،
كۆزۇ-قاشى ئۆزگە ئانىڭ خەتتۇ،خالى ئۆزگىچە.
بول ﻫەۋەسلەر غەمىنى ئەيلەپ كىلىڭ ئەﻫبابكىم،
تەلمۈرۈپ ئوترۇسىدا ئانىڭ تۇرالى ئۆزگىچە.
تاب كەلتۈرمەس نەزەر ﻫۆسنىن جەﻫان ئاراسىغا،
ياشۇرۇن كۆپ پەردە كەينىدىن قارالى ئۆگىچە.
سارغارىپ،گاﻫى قىزارىپ مىﻬرۇ مەﻫ بىر ﻫال ئەمەس،
ئەيلەمىش ئانى ئىزارى،ئىنفىئالى ئۆزگىچە.
ئىشىق ئارا قەدىر ئىستەسەڭ بىباك بولكىم ،ئۆزگەدۇر،
ئەﻫلى تەقۋا ئاندا رىندى  لا   ئۇبالى ئۆزگەچە.
قىلسا كۆز غارەت كۆڭۈلنى،يۈز قىلۇرئۆرتەگە جەﻫد،
زۇلف ئاڭا تەقۋىيە  ئەيلەپ جىسمى دالى ئۆزگىچە.
                                   (ئەرشى)
                   (2)
يۈزۈڭنى كۆردۈم ئەي خۇرشىدى تابان،
دىمە خۇرشىدى تابان، نۇرى ئىمان.  
مۇسۇلمانزادە بولساڭ رەﻫىم قىلغىل،
يۇتارمەن پۇرقەتىڭدىن ﻫەر زامان قان.
قىلۇر ﻫەسرەت بىلەن يۈز ئاپىرىنلەر،
ئەگەر كۆرسە يۈزۈڭنى ماﻫى كەنئان.

بىرەر سورساڭ نە بولۇر ئاغرىقىمنى،
سېنىڭدەك يوقتۇرۇر دەردىمگە دەرمان.
قەلەندەر تا تىرىكتۇر بۇ جاﻫاندا،
قىلۇر ۋەسپىڭ سېنىڭ ئەي ماﻫى دەۋران.
                        (قەلەندەر)
         پەشرۇ
باغدا ئېچىلدى بىر تۈپ قىزىلگۈل،
سايرىدى شاختا مەستانە بولبۇل.
باغدا قىزىلگۈل ﻫەر جايدا بولماس،
ﻫەر جايدا بولسا سېنىڭچە بولماس.
كۆردۈم يۈزۈڭنى ﻫەيرانە بولدۇم ،
ئەقلۇ-ﻫۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم.
ﻫەيرانە قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر،
مەستانە قىلغان شىرىن سۆزۈڭدۇر.
              (خەلق قوشاقلىرى)
          (2)
مەرۋايىت ئىسىل نەرسە،ئۈنچە-ماجان ئىچىدە،
يارىم ماڭا گۈل تۇتتى،خەلقى ئالەم ئىچىدە،
(ئەي خۇشتارمەن - ئۇ، خۇشتارمەن،
يارىم ماڭا گۈل تۇتتى خەلقى ئەلەم ئىچىدە)
گۈلنى مەن ئالاي دىسەم،گۈل تىكەننىڭ ئىچىدە،
گۈلگە مەيلىم بار ئىدى، گۈلبەدەننىڭ ئىچىدە.
(ئەي خۇشتارمەن-ئۇ، خۇشتارمەن ،
گۈلگە مەيلىم بار ئىدى گۈلبەدەننىڭ ئىچىدە)
                     (خەلق قوشاقلىرى)
           تەئكىت
ئەي نەسىمى سۈبﻬىدەم مەندىن نىگارىمغا سالام،
ئول ساچى سۇنبۇل،يۈزى گۈل نەۋباﻫارىمغا سالام.
لەبلەرى قەندۇ،گۇلابۇ،سۆزلەرى شەﻫدۇ-شەكەر،
غەمزەسى مەستانە ئول كۆزى خۇمارىمغا سالام.
جان نىسار ئەتسەم كەرەك بادى سەﻫەردەك ئالدىدا،
بەندەدىن ﻫەر گاﻫكى ئېلىتۇر بولسا يارىمغا سالام.
تابۇغۇڭدا نەچە كىم ئەرز ئەيلەدى ﻫالىن گەدا،
دىمەدىڭ بىر كۈنكى مىسكىن خاكىسارىمغا سالام.
                               (گەدائى)
ئىككىنچى بۆلۈم؛ داستان قىسمى
1- داستان
ئۈيۈڭدىن چىقساڭ ئەي خۇرشىدى تابان،
قۇياش بۇلۇر بۇلۇت ئىچىندە پىنﻬان.
لەبىڭ لەئلۇ،چىشىڭدۇر دۇررى گەۋﻫەر،
قەددىڭدەك يوقتۇر سەرۋى خىرامان.
جانىم يەتتى لەبىمغە (ۋاي) سەن كىرىپ ئال،
ئەجەل شەرمەندە بولۇپ قالسا ﻫەيران.
ئۈزەر مەندىن كۆڭۈل دەپ زۇلم قىلمىغىل،
كى سەندىن ئۈزمەكىم كۆڭۈل نە ئىمكان.
نە قىلدىم ساڭا ئەي ﻫۆرى پەرىۋەش ،
يۈرەكىم بىلە باغرىم ئەيلەدىڭ سەن قان.
تىلەرمەن دەۋلەتۇ ئۆمرۈڭنى ﻫەردەم،
مىنى ئۆلتۈرمىگىڭدۇر ساڭا ئارمان.
سەندىن دەمى تاپساكىم تاپسا جۇدالىق،
تاڭ يوقتۇر ئەگەركى بولسا سەرسان.
كۆرسەم سېنى گەر جانىمنى بىرىپ،
دەرمەن ئەجەپ ئالدىم ئانى مەن ئەرزان.
دىدى سېنى كۆردىكىم  ﻫېچ تېپىلماس،
ۋەسپىڭدە جاﻫاندا ﻫەددۇ پايان.
ئۆلگۈدەكدۇر ﻫەجرىڭدە قەلەندەر بىچارە،
سەن دەردۇ غەمىگە ئەيلەگىل دەرمان.
                   (قەلەندەر)
       2-داستان
نىگارىم ئىشقىدا ئۆرتەندى جانىم،
دىلىم كۆيدى تىلىم كەلدى نەۋاغە.
ئۇنى كۆرگۈنچە مەن يوقتۇر مەجالىم ،
نەۋا ئەيلەپ تۆكەي ياشىم خۇداغە.
ئۇنىڭ ئىشقى مېنى قىلدى خارابە،
يۈرەك باغرىم كۆيۈپ بولدى كاۋابە.
ساڭا قۇربان قىلاي بۇ تەندە جانە،
بۇ ئەرزىمنى بېرىپ دىگىل قاشى قاراغە.
سابا يەتكۈز مېنىڭ يۈتكەن كىشىمنى،
خۇداغا يېغلىسام ئوڭلار بېشىمنى.
ساماندەك سارغىيىپ تۆكتۈم يېشىمنى،
سابا يەتكۈز سۆزۈم ئول دىلرەباغە.
جاناندىن ئايرىلىپ مەستانە بولدۇم،
ئۇنىڭ ئىشقىدا مەن دىۋانە بولدۇم.
كۆيۈپ مەن شامىدا پەرۋانە بولدۇم،
غېرىپلىقتا دىدىم ئەرزىم ساباغە.
غېرىپلەرنىڭ يىتىملىكتە خىيالى،
نىچۈك بولغاي فەررۇخنىڭ ئەمدى ﻫالى.
كۆڭۈلنى يۇرۇتار مەﻫبۇب ۋىسالى،
غېرىپلىقتا ئەجەپ قالدىم بالاغە.
  (شاﻫزادە فەررۇخ-مەلىكە گۈلرۇخ داستانىدىن)
3-داستان
ئايۇ-كۈن ئۆز- ئۆزگىچە، ئول ماﻫى دەۋران ئۆزگىچە.
گۈلرۇخۇمدۇر ئۆزگىچە، خۇرشىدى تابان ئۆزگىچە.
ئاﻫ ئۇچرىدى ماڭا يولدا ئول مەﻫۋەشى شىرىن زەبان،
مەن بەرمىدىم ئالدىدا جان بولدى پۇشايمان ئۆزگىچە.
بۇلبۇل ئوخشا تاڭنى كۆردىم،ئول گۈلى رۇخسارىنى،
مەن قىلۇرمەن ﻫەر زەمان پەريادۇ-ئەفغان ئۆزگىچە.
جان نۇقتەئى ئاغزىدادۇر ﻫەربىر چىشى دۇررى خۇشا،
ئىشلىرىدۇر ئاﻫ ئۆزگىچە ئول جەۋى جان ئۆزگىچە.
خاتىرىم باردۇر قەلەندەرئىستەيدۇ دەردىم سۈبى-شام،
دەردۇ غەمىدۇر ۋاﻫ ئۆزگىچە،گەر بولسا دەرمان ئۆزگىچە.
                                      (قەلەندەر)
4-داستان
شاﻫىم بىزنىڭ ئەلۇ-يۇرتنىڭ خۇش ئۆتەدۇر يازۇ-قىشلارى،
خۇشال ئۆتەر ﻫەر بىر چاغى ،ئويناپ كۈلۈشتۇر ئىشلارى.
باغدا پىشار توغاچلارى،مىۋەلىكتۇر ياغاچلارى،
بىزنىڭ ئەلدە يوق ئاچلارى،پاراۋاندۇر يىمىشلارى.
يىگىتلەرنىڭ يۈرۈشلەرى،رۇستەمچە بار ئۇرۇشلارى،
ئىسپاﻫانچە قېلىچلارى،چاقىن كەبى چېپىشلارى.
قېرىلارى ئۆيدە ياتۇر،قىزلارى شوخ قوشاق قاتۇر،
يىگىتلەرى ئوقيا ئاتۇر،مەردانەدۇر چېلىشلارى.
بۇغداي نانى ،قوي گۆشلارى،سۈت گۈرىنجىدۇر ئاشلارى،
تەييار سەككىز بېﻬىتلارى،دۇئا قىلۇر دەرۋىشلارى.
                   (يۈسۈپ-ئەﻫمەد داستانىدىن)
   ئۈچىنچى بۆلۈم؛ مەشرەپ قىسمى
                  مەشرەپ(1)
نى نەۋا ساز ئەيلىگەي بۇلبۇل گۈلىستاندىن جۇدا،
ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەككىرىستاندىن جۇدا.
ئول قۇياش ﻫەجرىندە قورقارمەن پەلەكنى ئۆرتەگەي،
ﻫەر شەرارىكىم بۇلۇر ئول ئوتلۇغ ئەفغاندىن جۇدا.
دىمە ﻫىجرانىمدىن چەكمەيسەن پىغانۇ-نالە،كۆپ،
جىسمى ئەيلەرمۇ پىغان بولغان نەپەس جاندىن جۇدا.
                                 (نەۋائى)
                   (2)
بىر كىچىك دىلبەر كۈرۈپمەن ،قامەتى نازۇككىنە،
غۇنچە لەب پەيۋەستە ئەبرۇ قىپ-قىزىل ئۆڭلۈككىنە.
گەرچە ياشىدۇر كىچىك،شىرىن لەبى ئەسرۇ سۈچۈك،
ﻫەر باقىشتا كۆزىنىڭ ئىماسى بىر تۈرلۈككىنە.
ئىختىيار ئەتتىم ئاياغىن ئۆپكەلى قىلماي قۇبۇل،
سەسكىنىپ قاچتى سەمەندىن سەكرەتىپ جابۇككىنە.
چۈنكى كۆردۈم مۇنچە مەكرۇ شىيۋەلەر ئاندىن دىدىم،
ئەي فۇتۇﻫى ئۈن چىقارماي ئەمدى بولغىل شۈككىنە.
                                 (فۇتۇﻫى)
                  (3)
ئىستەسەڭ ئىشىق ئەﻫلىنى دەردۇ-بالادا ئىستىگىن،
زاﻫىد ئېلىن مەسچىتتەۋۇ تەسبىﻬ  رىيادا ئىستىگىن.
ئىشقى بىر ئوتتۇركى ئۆچمەس تۈنۇ-كۈن يالقۇنلىغان،
ئۇچقۇنى چۈشمەس ساڭا ئەرزۇ-سامادا ئىستىگىن.
چىرمىشىغلىقدۇر ساڭا،سەندىن ئەمەس ﻫەرگىز يىراق،
بەندى غەپلەت كۆزدىن ئال چەشمى رىيادا ئىستىگىن.
پادىشاﻫلىق ئىستىسەڭ يار ئالدىدا بولغىل گەدا،
گۈل ئېسى قەسدىڭ ئىرۇر بادى سابادا ئىستىگىن.
                               (گۇمنام)
                    (4)
ئىشىتتىمكىم يۈزۈڭدۇر ئول ماﻫى تابان ،
چۇ كۆردۈم بار ئىكەن سەن ئىككى چەندان.
لەبىڭدۇر لەئلۇ تىشىڭ دۇررى گەۋﻫەر،
قۇياش كۆرسە يۈزۈڭنى بۇلۇر پىنﻬان.
تەئەججۈپ قىلما ئەي بىلقىس نەسەبلىك،
ئەزەلدىن قىسمەتىڭدۇر داغى ﻫىجران.
                        (قەلەندەر)
ئىرۇر ئىككى لەبىڭ لەئلى بەدەخشان،
ئەمەسدۇر كۆڭۈل ئۈزمەك سەندىن ئاسان.
تاپارسەن سەن ساۋابى ﻫەججىئى ئەكبەر،
ئەگەر قىلساڭ مېنىڭ دەردىمگە دەرمان.
ئەگەر كۆرسەتمىسەڭ ۋەسلىڭ باغىنى ،
مېنى ئۆلتۈرگىسىدۇر داغى ﻫىجران.
بىرەر كۆرسەم ئەگەركىم ئىلتىپاتىڭنى،
قىلۇرمەن ئالدىڭدا جانىمنى قۇربان.
يۈزۈڭ كۆرسەتمىسەڭ ئۈلەر چاغىدا،
قەلەندەر ئىچىدە قالۇر بۇ ئارمان.
               (قەلەندەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:48:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭزغا دەت بەرمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش