مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 439|ئىنكاس: 25

مۇقام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10812
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5517
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1577 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:19:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ھازىر جىددىي ھالدا ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى لازىم ئىدى.ۋورد ھۆججىتىدە بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. بۇ ھۆججەت بار قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشنى سورايمەن.
  ئاندىن راك مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۇپلىتى ،تەئەززەنىڭ ئىككى مىسراسى، چوڭ سەلىقە (پۈتۈن)، پىشرەۋ بىرىنچى ئاھاڭ، بىرىنچى داستان، ئىككىنچى داستاننى ۋە ناۋا مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۇپلىتى ،تەئەززەنىڭ ئىككى مىسراسى، جۇلا،سەنەم، چوڭ سەلىقە، ئىككىنچى داستان، ئەڭ ئاخىرقى مەشرەپ قىسمى ،مۇقام چۈشۈرگىسىنى (ئىككى مۇقامنى ئايرىپ) بىرىدە مۇقام ئېيتىلماي مۇزىكىسىلا چىقىدىغان،بىرىدە مۇقام ئېيتىلىدىغان ھەم مۇزىكىلىق قىلىپ ئىشلەپ بېرەلەيدىغانلار بارمىكىن؟بىز ئىشلەتمەكچى ئىدۇق.ئەمما ئۆزۈم قىلالمايدىكەنمەن.شۇڭا مۇنبەردىكى قېرىنداشلاردىن ياردەم سورىشىم ئىدى.
                                                                       _ مىمارچى

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇلدۇڭ ،ئۇيغۇردەك ياشا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1134
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلاي ، بايا بىر تېما يوللىسام ھىچقانداق قىسقا ئۇچۇرمۇ يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۆچۈرۈلۈپتۇ ، ئۆتكەندىمۇ شۇنداق بولغان ، بۇ زادى نىمە ئىش؟ ياكى شىئېرلار تەستىقلانمامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم مۇنبەرداشلاردىن چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ئىزدىگەن ماتىرىيالىڭىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1134
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 08:54 PM
بەلكىم مۇنبەرداشلاردىن چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ئىزدىگەن م ...

باشقۇرغۇچىلاردىن بىرەرسى جاۋاپ بەرسە بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى يوللىنىپ بولغان تىما ئەمەستۇ ، قاراپ بىقىڭ . ئۇچۇرلىشنىڭ سەۋەبى بۇلىشى مۇمكىن.

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6266
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5393 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:45:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندەMP3شەكىلدىكى بار

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10812
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5517
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1577 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kanat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 09:45 PM
مەندەMP3شەكىلدىكى بار

مەندىمۇ تولۇقى بار،لېكىن ھازىر كېرىكى مۇقامدىن ئارىيە

ئۇيغۇر دەپ تۇغۇلدۇڭ ،ئۇيغۇردەك ياشا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقام



ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ: ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻗﯩﺴﻤﻰ
مۇقەددىمە
سەتارىم  تارىغە جان رىشتەسىدىن تار ئىشىپ سالسام،
ئانىڭكىم نالەسىدىن |:بىناۋانىڭ:| كۆڭلىنى ئالسام .
مۇقام چالىپ مۇقام ئىچرە مۇقامنى دىلغا جار قىلسام،
مۇھەببەت كويىغە سالسا |:ئانىڭ:| ئالدىدا مەن چالسام.
مۇقاملارنىڭ ئاتاسىنى يۈسەينۇ ھەم ئەجەم دەرلەر،
ئۇلاردىن يۇقارى كىم پەردەئى بايادنى مەن چالسام.
مۇھەببەت مەيىدىن نۇش ئەيلىگەچ چالسام پەيا پەيكى،
(بايادى ھەقتەئەلا يادىدا چالسام پەيا پەيكى)
كى كۆڭۈل بىناۋا بولغانىنى بىلسەم  نەۋا چالسام.
(ۋاي) ئارالاپ چالسام ئوششاقنى غەزەلنى راكقا يەتكۈرسەم،
شەبىستانۇ سەھەرلەردە مۇشاۋرەك  پەنجىگاھ   چالسام.
ئىراقۇ،چەببىيات |:ئۆزھالدا:| پەيزىكىم  يىتەر بولسا،
تىلەپ خۇرشىدى ۋەسلى |:سۈبھىدەمدە:|(ۋاي)چارىگاھ چالسام.
يىتىپ ۋەسلىڭگە ھىممەتنىڭ جۇدالىق تاغىدىن ئۆتسەم،
ئىچىپ ۋەسلىڭ شارابىدىن قىلىپ تەڭكەش سىگاھ چالسام.
(ۋاي)كەل ئى مەشرەپ قەدەھ سۇنغىل بولايلى مەستىمۇستەغرەق،
بىر ئىلكىمگە ساتايۇ،بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام.
(مەشرەپنىڭ)
ۋاي |:بىر ئىلكىمگە:| سەتايۇ بىر ئىلكىمگە
جامۇ مەي ئالسا ،دوست يارەي.
تـــەئـــەزە
(ئايارەي) غەيرى نەقشىدىن كۆڭۈل|:جامىدابول:| سا زەڭگى غەم.
|:يوقتۇرئەي:||:ساقى مەيى:|ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا :||
سېنىڭا |:دەردىڭ :| يامان، ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
|:ئەشرۇ قەتمىن:| ئەكسى||: شەم:|سىل كەئ:||سى ئەن،
شەمسۇل|:كەئ:|سى  ئەنۋارۇلھۇدا،
(ئا)يارى|:يارى ئەكسىن:|مەيدە كۆر|:كۆردەپ جام:|ىدىن چىقتى سەدا،
|:ۋاي جامىدىن:| چىقتى سەدا،
(جانىمەي يارەي سېنىڭغىنا دەردىڭ يامان كۆردەپ جامىدىن،
كۆردەپ|:جا:|مىدىن چىقتى سەدا.)
||:(ۋاي)|:ئەي خوش ئول:| مەيكى|:ئاڭا:|زەرپ ئولسا بىر سۇنغان ساپال:||
جام ئولۇر گېتى |:نەما:|:(ئا2-)جەمشىد:|ئانى جەشىد ئانى ئىچكەن گەدا،
ئايارەي ئا جەمشىد ئانى ئا |:جەمشىد:| ئانى ئىچكەن گەدا.
(ۋاي)جامۇ مەي گەر بۇيىلەدۇر |: ئول جام ئۈچۈن:| قىلسا بۇلۇر،
|:(ۋاي2-)جامۇ مەي:|گەربۇيىلەدۇر|:ئول جام ئۈچۈن:|قىلسا بۇلۇر،
يۈز جاھان ھەردەم |:نىسار:|:(ئا2-)ئول مەي:|ئۈچۈن،
ئولمەي ئۈچۈن مىڭ جان پىدا،
ئايارەي ئا ئول مەي ئۈچۈن |:(ئا1-)ئول مەي :| ئۈچۈن مىڭ جان پىدا.
(ۋاي)دەير ئارا ھۇش ئەھلى |:رەسۋا:|بولغانى،رەسۋابولغانى ئەي مۇغبەچە،
|:(ۋاي2-)دەھىرئارا:|ھۇش ئەھلى|:رەسۋا:|بولغانى،
رەسۋابولغانى ئەي مۇغبەچە،
جامۇ مەي تۇتساڭ |:مېنى:|:(ئا2-)دىۋا:|نىدىن،دىۋانىدىن قىل ئىپتىدا.
ئايارەي ئا دىۋانىدىن ئا |:دىۋا:|نىدىن قىل ئىپتىدا.
||:تاكى ئول |:مەيدىن:|كۆڭۈلجامىدابولغاچ ئا جىل،بولغاچ جىلۋەگەر:||
|:چېھرەئى مەقسۇد:| مەھۋە ئايارەي|:ئولغاي ھەم ئول :|دەم مائەدا،
                                   ئا |:ئولغاي ھەم ئول:|دەم مائەدا.
                                 (تەئەزە مەرغۇلى)
مەرغۇل   چۈشۈرگەسى
||:تەشنەلەپ|:ئۆلمە:|ناۋائى|:(ۋاي2-)چۈن ئەزەل :| ساقىسىدىن:||
|:ئەشرەبۇ يا:| ئەييۇھەل|:ئەتشاڭ كىلۇر:|ئەتشاڭ كىلۇر ھەردەم نىدا،
                                   ۋاي |:ئەتشاڭ كىلۇر:| ھەردەم نىدا.
تـــەئـــەزە 2-
ساقىيا مەي تۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەدەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم  يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن  كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
                                            (نەۋائىنىڭ)
ھالۇ ئەھۋال ئۆزگەچە  ئەۋزائى ئەتۋار ئۆزگەچە،
گۈپتى-گۈپتار ئۆزگەچە ئەفئالۇ كىردار ئۆزگەچە.
خادەمى خەيلى ھەشەمنى كارۇ بارى ئۆزگەچە،
تابۇئى مەتبۇئىلارغا رويى دىدار ئۆزگەچە.
پىرۇ مۇخلىس ئۆزگەچە،ئۇستازۇ شاگىرت ئۆزگەچە،
ئەشقانە تالىبۇ ئۆزگەچە،مەھبۇبى دىلدار ئۆزگەچە.
مەسنەدى ئىرشاد تەختۇ سەلتەنەت جار ئۆزگەچە،
ھەم ئىرادەت،ھەم ئىنايەت تاۋىردى ئەزكار ئۆزگەچە.
پىرىشەشھال ئۆزگەچە،ھالى مەلاقەت ئۆزگەچە،
ئىلتىپاتى خەيرىبات سادىقىغە يار ئۆزگەچە.
                                (سادىقىنىڭ)باياز
                نــــۇســـخا
چەككەندە نەققاش قەزا ئول سەرۋى گۈلرۇخ سۈرەتىن،
گويا بىگەنمەي تاشلامىش تەرەھ ئەيلەپ ئاي،كۈن ھەيئەتىن.
تا جىلۋە قىلدى ئول سەنەم لەيلى سۆزى بولدى ئەدەم،
سەۋدام ئوتى چەككەچ ئەلەم پەست ئەتتى مەجنۇن شۆھرەتىن .
رۇخسار ئاچىپ ئول سىيىمبەر تا قامەتىنى ئەيلەپ جىلۋەگەر،  
ئۈزدىيۇ كەتتى سەربەسەر گۈل رەغبەتىن سەرۋى ئۈلپەتىن .
كۆڭلۈم يۈزىن بىچارەسى ،جانىم لەبىڭ خۇنخارەسى،
سور ئەي جاھان ئەييارەسى گاھى ئالارنىڭ ھالەتىن .
تەقۋا ئىۋى ھەمۋار ئىرۇر ،سۈبھىم ئىپى زۇننار ئىرۇر،
ئول كۈلبەئى خەممار ئىرۇر ،تا كۆردۈم ئول چىن ئۈلپەتىن.
جەننەتقە قىلماسمەن نۇزۇل،ئول كۈي ئارا تاپسام ۋۇسۇل،
دەۋزەخنى ئەيلەرمەن قەبۇل ئەمما يوق ئانىڭ فۇرقەتىن .
ئەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ ئارتار جۇنۇنۇم مۇبە-مۇ ،
ناگاھ نەسىمى مۇسكىبۇ يەتكۈرسە زۇلمۇڭ نەكھەتىن.
ئىش سىرىن ئاياكىم بىلۇر بۇ مۈشكىل ئاچىلۇر،
ۋەھكىم بۇ غەم مۇھلىك قىلۇر ھەر لەئزە كۆڭلۈم ھەيرەتىن.
بولغىل نەۋائى روبەرەھ قىلغىل پەنى كۇيى پەنەھ ،
تەرك ئەيلە زوھۇرۇ  خانىقەھ ،قىل دەھىر پىرى خىزمەتىن.
                                                 (نەۋائىنىڭ)
                     نــۇســخا2-
كۆرمەدىم سەندەك جاھاندا مەئۋەشى دىلدارىنى ،
دىلبەرى شىرىن زەبانۇ شوخى گۈل رۇخسارەنى .
ئەي پەرىزادى زەمانىم بىبەھا قەدرىڭ سېنىڭ ،
تاجىسەر قىلسام ياراشۇر  ساڭا ئوخشە يارىنى .
گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ قىل قەلەندەرغە كەرەم.
جەۋرى زۇلمۇڭ بىرلە ئۆلتۈرمەگىل بۇ زارەنى .
ئاشىق ئەرسەڭ ئەي قەلەندەر كېچە-كۈندۈز دەرد ئىلە،
بۇلبۇل ئوخشە قىل ئوشۇل گۈل ۋەسفىغە گۈفتارىنى .
                                         (قەلەندەرنىڭ)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                       مۇستتەھزاد
يوقتۇر بۇجەھان ئىچرە بىر مەن كەبى ئەۋۋارە،
ھەم بىسەرۋۇ سامانمەن ھەم ئاجىزۇ بىچارە .
غەم خەيلى ئاياغىدا جىسمىم چۇ غۇبار ئولدى،
تۇفانى بالا قىلدى تۇفراغ بىلە ھەمۋارە .
باشىمغا بالا تاشى ياغدۇردى سىپھىر ئانچە ،
ھەر بىر ساچىم ئورنىدا يۈزيارە،ئۆزرە يارە .
ئالەم ئارا بىدادى بىر زەررە ئەمەس خالى،
ھەر ئانچە جەپا ئولسە قىل ماڭا ھەر بارە .
كۆڭلۈمغە شىكەست بەردى نا ئەھلىنىڭ ئازارى،
بۇ شىشەئى نازۇكنى سۇندۇردى ئوشۇل خارە .
كۆز سالما ئەرۇسى دۇن رۇخسارىغە ئەي مەھزۇن ،
ھەركۈن نەچە سەندەكنى ئازغۇردى بۇ ماككارە .
                                           (مەھزۇننىڭ)
                       ئابۇ چەشمە
مېنىڭ كۆڭلۈمكى گۈلنىڭ غۇنچەسىدەك تەھ-بەتەھ قاندۇر،
ئەگەر يۈزمىڭ باھار ئولسا ئاچىلماغى نە ئىمكاندۇر.
ئەگەر ئول قاشى ياسىز باغ گەشتىن ئارزۇ قىلسام ،
كۆزۈمگە ئوق دۇرۇر سەرۋى گۈلگۈنگە غۇنچە پەيكاندۇر.
ۋىسالى ئەززەتىن روھ تابماغلىق ئىرۇر دىشۋار،
فىراقى دەشتىدە تىيرە يوقسە جان بەرمەگلىك ئاساندۇر.
باشىدىن ئەۋرۇلدۇ ئەرمانى بىرلە ئۆلدۈم ئەي بابىر،
مېنىڭ نەڭشىمنى بارغىل ئول پەرى كويىدىن ئايلاندۇر.   
                                                  (بابىرنىڭ)
                      جـــۇلا
شوخ ئىككى غەزالىڭنى ناز ئۇيقۇسىدىن ئويغات،
تا ئۇيقۇلارى كەتسۇن گۈلزار ئىچىدە ئوينات .
كۈلبەمغە خۇي ئەفشان كەل زۇلمۇڭ قىلىپ ئاشۇفتە،
ئەنجۈم سىفەھىن سىندۇر ئافاق ئۇلىسىن قوزغات .
                                               (نەۋائىنىڭ)
                  سـەنـەم
ئارەش قۇياشىن ئاچىپ ئەشكى قۇرىغان كۆزنى،
كۆپ ھەجرىدە يېغلاتتىڭ بىر ۋەسلىدە ھەم يېغلات.
بىر ئاھ ئىلە كۈل بولدۇم ئەي چەرخ تىلەپ تاپىپ ،
فەرھاد ئىلە مەجنۇنغا ئاشىقلىق ئىشىن ئۈرگەت.
بەزم ئىچرە نەۋائى كۆپ يېغلار ئېسە ئەي ساقى،
ھۇش ئېلىتكۈچى دارۇنى جامىغە ئانىڭ چايقات.
                                                       (نەۋائىنىڭ)  
                  چوڭ سەلىقە
سېنىڭ جانىڭ مېنىڭ جانىم بىرجان ئەمەسمۇ؟
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم قۇربان ئەمەسمۇ؟
سېنى دىدىم،سېنى دىدىم، كەچتىم بۇ جاندىن،
يۈرەك باغرىم پارە پارە كۆز ياشىم ئاندىن .
ھەرتاللاردا سەرتاللا،شاخ شېخىدا مارجانلا،
بىزنى يامان دىگەنلەر ھەر كوچىدا ۋەيرانلار.
قىزارىپ تەنگە سىغماسمەن مەگەر كۆرسەم جامالىڭنى،
جاھان ئەھلىگە بەرمەسمەن سېنىڭدەك جورىخارىمنى .
يارنىڭ يۈلىگى ياردىن يارى بولمىسا قايدىن ،
غۇنچە بوپلارى زىلۋا  شىرىن سۆزلەرى ئاندىن.
يارىمنىڭ بويى زىلۋا ،زىلۋا بويىدا گۈل بار،
شىرىن سۆزلەرى ئاندىن ئايدەك يۈزىدە خال بار.
                                      (خەلق قوشاقلىرى)
               
                    كىچىك سەلىقە (1)
||:يەنانى:|:چېھ :|رىگە ئوت سالدى ۋەھكى ھەيرانىمەن:||
|:يانانى تەر :| زەنى يەل ئاچتى |:ئاچتىكىم  پەرىشانمەن:||
||:ئۇچۇرغىل ئەي :|قۇيۇن |:ئول ئاي بېشى:|دىن ئايلىناي:||
|:بۇدەمكى كو:| يىدا |:تۇپراق بىلە:|يەكسانمەن،تۇپراق بىلە يەكسانمەن.
||:چۇ بىلمەي :| ئەلگە ۋەپا ئەيلەدىم |:جەپا:| كۆردۈمەي:‎‎||
|:نە پايدا:|ئەمدى ئەگەر|:نەچچەكىم:|پۇشايمانمەن،نەچچەكىم پۇشايمانمەن
|:ئەل ئىچىدىن:| قېچىپ دەشتى سارى:| يۈزلەندىم،
|:ئەل ئىچىدىن:|قېچىبان دەشتىسارى|:يۈز:|لەندىم ئايارەي
|:رەقىبلەر بىلىڭىز:| ۋەھشى بايا |:ۋەھشى باياۋانمەن:|
||: گەر |:ئولمىسام :| ئەي ئول ئايغا |: ئاشىنا:| ھەرگىز:||
|:بېشىمغا ياغ:| ماس ئەردى ||:(1-) چەرخى:| دىن بالا ھەرگىز:||
||:تەرھى ئىشقى ئارا |:بىئېتىدال:| ئېسەم يوق ئەيىپ :||
|:نىدىنكى چۈش:|مىگەي ئەردى بۇ |:(ئا2-)ئىش:| ماڭا ھەرگىز،
بۇ ئىش ماڭا ھەرگىز.
                                          (نەۋائىنىڭ)
                     ( 2)
||:ھەيھاتىكىم بىراۋ غەمىدىن زارىمەن يەنا ۋاي ئايارەي:||
||:ئا|:پەريا:|دىكىم بەلاغا گىرىپتارىمەن يەنا :||
||:ئەي مۇددەئىكى ئارىم ئىدى تەنۇ تۆكمەكىم ۋاي ئايارەي:||
||:ئا|:پارىغ:|دەگۈلكى ھەرنە دىسىڭ بارىمەن نەنا :||
||:ھەركى:| چە |:بىر:|قۇياش غەمىدىن غۇسسە تاشىدىن يارە:||
||:ئا |:باشتىن:| ئاياغ سىپھىردەك ئەفگارىمەن يەنا :||
||:ئاغزىم:|قۇرۇپ ۋاي دېمىم تۇتلۇپ سەكىرسەم نىتاڭ ئايەي:||
||:كىم |:تەلۋە:| جابۇكۈمغە جىلاۋدارىمەن يەنا :||
                                                              (نەۋائىنىڭ)
|ئېيتمىغىل:|:سىررىڭنى سەن:|: ھەركىمگەسىر:| داش ئۆگەدۇر،
|:دەردى يوق:|: بىدەردىگە مۇڭ |:ئېيتما مۇڭداش ئۆزگەدۇر:|ۋاي ئا يارەي.
|:ھەمرىيى:|:قابىل بىلەن:|: يۈرگىل غېرىچ :| چە بولسا يول،
|:يۈرمەگىل:|:نائەھلى بىرلە:| نائەھلى بىرلە|:يولدا يولداش ئۆزگەدۇر:|
ۋاي ئايارەي

قولدا مالىڭ|:بارىدا:| ۋاي|:(ئا2-)يارۇ بۇرا:| دەر كۆپ كىلۇر،
|:ئارى باش:|:ياستۇققا يەت:| يەتكەندە قېرىنداش ئۆزگەدۇر.
ئارى باش|:ياستۇققا يەت:| ياستۇققا يەتكەندە قېرىنداش ئۆزگەدۇر،
ئا قېرىنداش ئۆزگەدۇر ۋاي ئا يارەي.
|:بارچە يېغ:|لار |:ئاھ ئۇرۇپ:|ۋاي|:(ئا2-)دەرتلىك كىشى:|دۇر بەلگۈلىك،
|:دىل كۆيۈپ:|:كۆزدىن تۆكۈل:| تۆكۈلگەن دەرتلىك ياش ئۆزگەدۇر ،
دىل كۆيۈپ|:كۆزدىن تۆكۈل:|كۆزدىن تۆكۈلگەن دەرتلىك ياش ئۆزگەدۇر،
دەرتلىك ياش ئۆزگەدۇر ۋاي ئايارەي.                    (ھۇۋەيدانىڭ)
                                 (مەرغۇل)
                   پــەشــرۇ     
                   1-ئۆزگۈرۈش
||: ئا ئىشقىڭ ئوتىدا ئايارەي كۆيگەلى كەلدىم :||
ئايدەك يۈزۈڭنى|:كۆرگەلى كەلدىم:| ئايارەي كۆرگەلى كەلدىم.
||: ئا سەۋدايى زۇلفۇڭ ئايارەي چۈشتى بېشىمغا :||
سەندىن داۋاسى|:سورغالى كەلدىم:|ئايارەي سورغالى كەلدىم.
||:ئا بەھرىڭگە كىردىم ئا غەۋۋاس بولاي دەپ :||
بىر دۇررى مەقسۇد |:ئالغالى كەلدىم:|ئا يارەي ئالغالى كەلدىم.
|| ئا مەندىن سورىساڭ ئا ئەي گۈلئۇزارىم :||
|:مەھۋە جامالىڭ(ئا2-) بولغالى كەلدىم ئايارەي بولغالى كەلدىم.
||كۆردۈم جاماقىڭ كەتتىم ئۆزەمدىن :||
مەجنۇنى شەيدا بولغالى كەلدىم دوستلايەي،جان دوستلا بولغالى كەلدىم.
||:رەھمەت ئىشىگىڭ ئا مەشرەپكە ئاچقىل:||
ئىشقىڭ كويىدا ئۆلگەلى كەلدىم،دوستلايەي،جان دوستلا ئۆلگەلى كەلدىم.
                    2-ئۆزگۈرۈش
ئەيلەدىڭ يارەب مەنى بىدىلنى جاناندىن جۇدا،
ياخشىراق ئەردى بۇكىم قىلغاي ئىدىڭ جاندىن جۇدا.
يارغە بارغاچ نەزەردىن ئۆزرە قالماي زەررەئى،
نە ۋۇجۇدى زەررەنىڭ خۇرشىدى تاباندىن جۇدا.
قەترە-قەترە بارسا ياش كۆزدىن نە غەمكىم ئۆكسۈمەس،
يۈز تۈمەنمىڭ دۇررى غەلتان بولسا ئۇمماندىن جۇدا .
دەردسىزلەر ئاھىدا تەئسىر ئەگەر يوق تاڭ ئەمەس،
نە ئۈچۈنكىم ئۆتمەگەي ئوق بولسا پەيكاندىن جۇدا.
                  # #  # # # # #
ساقى قەدەھنى قىلغىل مۇھەييار،
ۋەھدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم.
رەھمەت ئىشىگىن مەشرەىپكە ئاچقىل،
ئىشقىڭ كويىدا  ئۆلگەلى كەلدىم.
ئەي ئايازى جاندا ئىرمەس نوقتىلەر كۆيدۈرگەلى،
داغلاردۇركىم بۇ ئۆلۈبدۇر جانىغە ھىجراندىن جۇدا.
                                                     (ئايازى)
                              (مەرغۇل)
                       ^   چۈزۈرگەسى
                 تەئىكىتى
               (1- ئۆزگۈرۈش)
ئەي سەبا يەتكۈر پەيامىمنى مېنىڭ دىلدارىغە،
كەلتۈر ئاندىن بىر مۇھەببەتنامەئى مەن زارىغە.
ۋەھ كەبۇتەر كۈل بۇلۇر مەكتۇبىدىن ئۇچقۇن تۈشۈب،
ئوت ياقىبمەن سىينەئى پۇر سۆزىدىن گۈپتارىغە.
ھەر گۈلدۇر بۇ تەبەق شۆئلە جانىم ئۆرتەر ئۈچۈن،
سەنسىزىن كىرسەم تەمەشايى ئۈچۈن گۈلزارىغە.
تۈشمەسە مەن ناتەۋانغا كۆزلەرى،ئىرمەس ئەجەپ،
باردۇر پەرۋاسى قاچان بىمارنىڭ بىمارىغە.
                                                (مەشھۇرى)
                    2- ئۆزگۈرۈش.
||:خازان قىلدىم گۈلىستانۇ بېغىمدا گۈل ئۇزارىمنى:||
كىلىپ دىلبەر تاماشا قىل|:(ۋاي2-) خازان بولغان باھارىمنى:||
نە كۈندۈز لەززەتتىن تارتتىم نە كۈنلەردە تاپىپ ئارام،
كەچۈردۈم ھەجىر ئوتىدا كۆيدۈرۈپ لەيلۇ نەھارىمنى.
ياقامنى چاك ئىتىپ يېغلاپ بېرىپ كويىدا داد ئەتتىم،
ئوشۇل بىرەھىم ئىشىتمەيدۇ |:(ئا2-) مېنىڭ پەريادۇ زارىمنى:|
||: مەن ئۆلسەم ئى بۇرادەرلەر ئانىڭ يولىغا كۆمگەيسىز:||
كى ھەريانغا ئۆتەر بولسا |:(ئا2-) بېسىپ ئۆتكەي مەزارىمنى:|
||:ھۇۋەيدا ئېيتىدۇ يېغلاپ ئۆلۈم ھەقدۇر،ئۈلۈر بارچە:||‎
كۆڭۈلدە قالمىغاي ئارمان |:(ئا2-) كۆرۈپ ئۆلسەم نىگارىمنى:|
                                                      (ھۇۋەيدا)
                            (مەرغۇل)
               چوڭ نەغمە چۈشۈرگەسى
|:بىر ئىلكىمگە :|سەتايۇ بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام...
        ئىككىنچى بۆلۈم داستان قىسمى
                       1- داستان
||: ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا يېغلىسۇن يار ئالدىدا :||(ئايەي2-)
||: قالمىسۇن كۆڭلىدە ئارمان بەلكى ئىزھات ئالدىدا :||
مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر ،( ئايەي،)
||:چەرخ ئۇرۇپ يېغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا:||
ھەر كىشى بىر قەترە مەي |: نۇش ئەيلەسە ئول بادەدىن :|(ئايەي)
||: ئول قايامەتتە قىلۇر ئەرزىنى جەپپار ئالدىدا :||
تەلبە مەشرەپ ئەيتمىغىل |:ھەركىمگە سىررىڭنى ۋاي ئايان:| ئايەي،
(تەلبە مەشرەپ قىلماغىل زاھىدقا سىرىڭنى ئايان)
|:ئەيتىپ:|:يېغ:| لىغىل سەن ئاشىقى يار ئالدىدا،
(ئەيتىپ ئەيتىپ يېغلاغىل سەن ئاشىقى زار ئالدىدا.
                   يارەي جان ئاشىقى يار ئالدىدا)
                                              (مەشرەپنىڭ)
                            (مەرغۇل)
              2-داستان
مۇندىن كېتەر بولساڭ باغداد شەھرىگە،
غېرىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
ئاللاھ سالدى جۇدالىقنىڭ دەردىگە،
غېىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
مېنى كەتتى دەبان يېغلاپ ئولتۇرما ،
قىزىلگۈلدەك رەڭگى،رويۇڭ سۇلدۇرما.
دوستلار بىلسۇن دۈشمەنلەرگە بىلدۈرمە،
كۆپ يېغلىما سەنەم جان كەتسەم كېلۇرمەن.
سەنەم دەرلەر سېنىڭ بىرلە ئەھدەم بار،
ئۈچ ئايغىچە كەلسەڭ ئاڭا سەبرەم بار.
كېلەلمىسەڭ يول ئۈستىدە قەبرەم بار،
غېرىپ سېنى بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.
غېرىپ ئەيتۇر تەقدىر شۇنداق بولماسا،
ئەجەل يىتىپ شۇم پەيمانىم تولماسا،
جانىم چىقىپ تەنىم چۆلدە قالماسا،
كۆپ يېغلىما سەنەم جان كەتسەم كېلۇرمەن.
                           (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
                     (مەرغۇل)
                   3-داستان
||: يۇرت قەدرىنى شاھلار بىلمەس باشقا يۇرتقا بارماغۇنچە :||
||:ياخشى ئەلنىڭ قەدرىنى بىلمەس، بىر يامانغا چۈشمەگۈنچە:||
||:قول ئۇزاتسام يارغا يەتمەس،يارسىز مېنىڭ ئىشىم پۈتمەس:||
||:ياخشى-ياماننى پەرق ئەتمەس،بىر نامەرتكە چۈشمەگۈنچە:||
(كىشى مەردنىڭ قەدرىنى بىلمەس،بىر نامەردكە چۈشمەگۈنچە)
||:سۇندۇرما مۇئمىن ساداسى، ئوقۇيدۇ بەش ۋاخ نامازى :||
||:شاھلار بىلمەس يۇرت رىزاسى،ھاتەم بۇلۇپ چۈشمەگۈنچە:||
||:ئاشىق بولماي سىنە چاك بولماس|شېھىد بولغان ھالاك بولماس:||
||:قەلبى ئۇنىڭ ھەم پاك بولماس،ئشقى ئوتىدا كۆيمەگۈنچە :||
||:قەلەندەر بولماق ئاسان ئەمەس،ساچى بەلگە چۈشمەگۈنچە:||
||: ئاشىق بولماق ئاسان ئەمەس شىرىن جاندىن كەچمەگۈنچە:||
(خۇدا كىمگە بىر دەرد بېرەر،ئول دەردىگە دەرمان بىرەر،
بەندە خۇدا دەپ يېغلىماس،بىر دەرد ئەلەم كەلمەگۈنچە)
||: شاھى ئابباس مەن بىلمەدىم،ئەھۋال نەدەپ مەن سورمادىم :||
ئىشقى ئوتىنى مەن ھەم بىلمەدىم،ئۆز باشىمغا كەلمەگۈنچە.
ياھۇ يارەي يا مەۋلانەي ئۆز باشىمغا كەلمەگۈنچە.
                                                (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)   
                       (مەرغۇل)
                       4-داستان
ئەي يارانلار دىيارى بەكرى ئېلىدە،ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
سەلام قىلدى ئىككى قولى كۆكسىدە،ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
چەشمەنىڭ لەبىدە كۆردۈم مەن ئۇنى،تىللا تارغاق بىلە تارار ساچىنى،
كىمگە ئېيتاي،كىمگەيېغلاي دەردىنى،قانىم تۆكتى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
ھۆرلەر ئانچە بولماس جەننەت ئىچىدە،كۆرگەن كىشى قالۇرھەسرەت ئىچىدە،
تەزىم قىلدى دىدار پۇرسەت ئىچىدە،ئەقلىم ئالدى قارا كۆزلۈك بىر پەرى.
شاھ ئابباسخان دەر بۇجاننى نەيلەيىن،ئۆلگۈچە شول يارنى كۆرۈپ ئۆلەيىن،
ئاشىقلىقنىڭ يولى ئەمدى بىلەيىن،ھەيران قىلدى جادۇ كۆزلۈك بىر پەرى.
                                         (غېرىپ-سەنەم داستانىدىن)
                   5-داستان
||:زۇلمۇڭ بىلەن قابا پەلەك كۆزدە ياشىم قان ئەيلەدى :||
||:يۈسۈپ كەبى زىلەيخادەك مىسكەنىن زىندان ئەيلەدى :||
||:ھەركىم ئەگەر سۆيسە ئۇنى،سۆيەركۆيۈپ ئاخىر ئۇنى:||
||:ئىسمائىلدەك بىر كۈن مېنى بىر يولى قۇربان ئەيلەدى:||
||:قېنى ئول ھەزرەتى ئادەم، قېنى ئول سەرۋەرى ئالەم :||
||: رەسۇلغا بولغان ئول ماتەم،ئۇلارنى گىريان ئەيلەدى:||
ھەركىم ئاڭا كۆڭۈل باغلار،كېچە-كۈندۈز كۆيۈپ يېغلار،
بۇلبۇل بوستان ئېنى داغلار،گۈللەرنى خازان ئەيلەدى،
ياھۇيارەي يا مەۋلانەي گۈللەرنى خازان ئەيلەدى.
                               (بەھرام-دىلئارام داستانىدىن)
                    (مەرغۇل)
ئۈچىنچى بۆلۈم مەشرەپ قىسمى.
                      مەشرەپ1-
ئەي پەرى يۈزلۈك بېگىم جانلار پىدا بولسۇن ساڭا،
دۇنيادا ھۆسۈن ئاتى بار ئىكىن ھەم بەقا بولسۇن ساڭا.
ھەددى مەخلۇقاتىدىندۇر نارى ئول ھۆسنۇ-جەمال،
ئولكى يوقتۇر رەھىم ئىرۇر بۇ ھەم ئاتا بولسۇن ساڭا.
ئەيمەنىپ ھاسىد تىلىندىن دەست بەرمەس چۈن سەلام،
كۆزئۇچچى بىرلە يىراقتىن مەرھەبا بولسۇن ساڭا.
                                                       (لۇتفى)
                  مەشرەپ2-
|:كەل ئەي دىلبەي:| بايان ئەيلەي ||:ساڭا بىر-بىر:‎‎| جۇدالىقنى:||
‎‎‎||:كى شايەدەي ئاياەي‎|:رەھمەئىتىپ سالغاي ۋايەي:|
(ئا1-)ئۆزىگەيەي ئاشىنالىقنى:||
تەمامۇ خانەمانىمدىن كېچىبان بىر سېنى دەرمەن،
ئۆزەڭدىن ئۆزگە بىلمەيدۇ ئۆزەڭ سالدىڭ جۇدالىقنى،
||:ئۆزەڭدىنەي ئايەي |:ئۆزگە بىلمەيدۇ ۋايەي:|
ئا |:ئۆزەڭ سالدىڭ :| جۇدالىقنى:||
             (مەشرەپنىڭ)
(3)
||:تا كەيدى قىزىل ئۆزىنى زىبا قىلايىن دەپ :||
||؛ ئوت ياقتى جاھان مۈلكىگە|:(ھەي دوستلا1-)غەۋغا قىلايىن دەپ:||
||:زۇلفىنى تاراپ قاش ئۇچۇرۇپ جىلۋىلەر ئەتتى ،
ئاشۇبى بەلا پىتنەنى بەرپا قىلايىن دەپ .:||
||:مەششاتە بىلە جىلۋەدە كۆرسەتتى قەددىنى،
مەندەك نەچە دىۋانەنى شەيدا قىلايىن دەپ.:||
خەنجەر قولىدا مەشرەپنى |: ئۆلتەرگەلى كەلدى:|
||:غەۋغايۇ قىيامەتنى ھۇۋەيدا قىلايىن دەپ:||
                                                (مەشرەپنىڭ)  
مۇقام چۈشۈرگەسى.
|:بىر ئىلكىمگە :|سەتايۇ بىر ئىلكىمگە جامۇ مەي ئالسام.
دوست يارەي.[/center]




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78934
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﭼﻪﺑﺒﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ
(2)
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ:ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻗﯩﺴﻤﻰ
                ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ
ﯞﯨﺴﺎﻟﻰ ﻫﻪﺟﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﻻﻥ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﺰﺍﺭﯨﻤﻨﻰ،
ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﻩﺏ ﻧﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﺗﺴﻪﯓ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﮔﯜﻟﺌﯘﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﻧﻪﭼﻪ ﺑﯩﺮﻩﻫﯩﻢ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﻪﻥ ﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﺋﺎﺧﯩﺮ،
ﺳﺎﯞﯗﺭﻣﯩﺸﻠﻪﺭ ﻫﺎﯞﺍﻏﻪ ﻫﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻏﯘﺑﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻘﯩﻢ ﻛﻪﻣﺎﻥ ﺋﺎﻧﺪﺍﻏﻜﻰ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﺍﻣﯘﻗﯘ،ﻓﻪﺭﻫﺎﺩ،
ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺋﯘﻳﺮﯗﻟﯘﺭ ﺷﻪﻣﺌﻰ ﻣﻪﺯﺍﺭﯨﻤﻐﺎ.
ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺗﻪﻣﻪﺷﺎ ﻧﻪﯞﺑﻪﻫﺎﺭﻯ ﻻﻟﻪﺯﺍﺭﯨﺪﻩﺭ،
ﺑﺎﻏﯩﺮ ﻗﺎﻧﯩﻦ ﺷﻪﭘﻪﻗﮕﯜﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﻛﺎﻫﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺩﯨﮕﯩﻞ ﺑﯘ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯞﻩﭘﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺩﯨﻢ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺑﯘ ﺩﻩﻫﯩﺮ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﺎﻟﻐﯘﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻤﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮔﯜﻝ ﭘﻪﺭﺩﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﻪ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﯘﺭ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ،
ﻳﯜﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻞ ﺑﯩﻘﻪﺭﺍﺭ ﺋﻪﺗﻜﯩﻞ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻰ ﺑﯩﻘﻪﺭﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﻧﻪﭼﻪﻛﯩﻢ ﺧﻪﺳﺘﻪ ﺟﺎﻧﺪﯗﺭﻣﻪﻥ ﻣﻪﻳﻰ ﻟﻪﺋﻠﯩﯖﮕﻪ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺟﺎﻣﯩﻨﻰ ﭘﯘﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﯩﻞ ﺩﻩﻓﯩﮌ ﺋﻪﺕ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺟﻪﻣﺎﻟﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﻪ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺋﯘﻟﯘﭖ ﻣﻪﻫﺰﯗﻥ ﻳﯜﺭﯛﻱ ﺟﺎﻧﺎ،
ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﻗﯩﻞ ﺩﯨﻠﻰ ﺋﯜﻣﻤﯜﺩﯞﺍﺭﯨﯖﻨﻰ.
ﺑﯘﻟﯘﺭﻣﻪﻥ  ﺷﺎﺩ ﻛﯚﻛﺴﯜﻡ ﺩﺍﻏﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻗﺎﻧﺎﺗﻐﺎﻧﺪﯨﻦ،
ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﺪ ﺋﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﻫﯩﻢ ﺋﺎﭼﯩﻠﻐﺎﻥ ﻻﻟﻪﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﻧﻘﺎ ﺋﺎﻟﯘﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﺸﺎﻥ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﺎﭘﻤﺎﺱ،
ﭘﻪﻧﺎ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻧﺎ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻛﯜﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﻣﻪﺭﻏﯩﺰﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﻟﯩﻘﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺗﻪﺟﺮﯨﺪ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺭﺷﻰ،
ﺧﻪﺯﺍﻥ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﻪﺭﺑﺎﺩ ﺋﻪﻳﻠﻪﻱ ﻫﻪﺭﻧﻪﺑﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
                                            (ﺋﻪﺭﺷﻰ)
                    ﺗﻪﻩﺯﻩ
ﺋﺎﺭﻩﺯﯨﻦ ﻳﺎﭘﻘﺎﭺ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﭼﯩﻠﯘﺭ ﻫﻪﺭ ﻟﻪﺋﺰﻩ ﻳﺎﺵ،
ﺋﯘﻳﻠﻪﻛﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻧﯩﻬﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻗﯘﻳﺎﺵ.
ﻗﯘﺕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺩﺍﻣﯘ ﺩﻩﻳﺮﯨﻢ ﮔﯘﺷﻪﺋﻰ ﻣﯩﻬﺮﺍﺏ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﻏﺎﺭﻩﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻧﺎﮔﺎﻫ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻻﻟﯩﻎ ﻛﯚﺯﯗ-ﻗﺎﺵ.
ﺑﯘﺩﻩﻣﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻫﯩﻢ ﺋﯩﻔﺸﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﺸﻘﯩﻨﻰ،
ﺳﯜﺑﻬﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺩ-ﺑﺎﺩ ﺩﻩﻣﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍﻗﻜﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﻣﯩﻬﯩﺮﭘﺎﺵ.
ﺑﯘﺳﻪﺋﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﻣﯘﺭﯗﯞﻩﺕ ﺋﻪﺳﺮﯗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺘﯘﺭ ﻟﻪﺑﯩﯔ،
ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﺎﻏﺰﯨﯔ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﻪﻳﺘﯘﺭ ﻟﻪﺋﯩﻞ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﯞﺋﻰ ﺗﺎﺵ.
ﻧﺎﯞﻩﻛﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﭺ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎﻕ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﯩﻦ ،
ﻛﯩﻢ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﻪﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯩﻠﻪ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﺗﺎﻻﺵ.
ﻗﺎﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺟﺎﻥ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﺋﻪﺗﻤﻪﯕﯩﺰ،
ﮔﻪﺭﺑﯘﺩﯗﺭ ﻣﯩﻬﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯗﺭ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺑﺎﺵ.
ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺟﺎﯞﯨﺪ ﺋﯩﺴﺘﻪﺳﻪﯓ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺋﻮﻟﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺧﯩﺰﺭﯨﺪﯗﺭ،
ﺳﻪﺭﯞﯨﻜﯩﻢ ﺩﻩﺋﻒ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ-ﺋﺎﺯﺍﻟﯩﻎ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﻪﺋﺎﺵ.
ﻣﺎﯕﺎ ﺭﯗﺯﻯ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﻪﻧﺪﯗﻫﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﭼﻪﺭﺧﻰ ﻛﻪﺟﺮﻩﺑﺪﺍﺭ،
ﻛﻰ ﻗﯩﭽﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﻪﻳﻴﯘﻫﻪﻧﻨﺎﺳﻰ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺭﯗﻟﻘﻪﺯﺍﻏﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺷﻮﻟﺪﻩﻡ،
ﺟﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯘﺷﺒﯘﺩﯗﺭ ﻫﻪﺭﻛﯩﻤﻜﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻏﻪﯞﻏﺎﺳﻰ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺩﯨﻠﭙﯩﻜﺎﺭ ﺋﻪﺗﺴﻪ ﻣﻪﻻﻟﻪﺕ ﻧﯚﺑﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﭺ،
ﻗﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯘﻟﻐﯘﻧﯘﭘﺘﯘﺭ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺋﺰﺍﺳﻰ.
                                    (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
                 ﻧﯘﺳﺨﺎ
ﺩﻩﺭﯨﺨﺎﻛﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﻗﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﭼﻪ ﻧﺎ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ،ﺋﻮﻝ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﻪﺳﯘﺩ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯜﻥ ﺧﻪﺭﻣﯘﻫﺮﻩﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ،
ﻧﯧﺘﻪﻱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﺑﯩﺒﻪﻫﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺧﯘﺷﺎ ﺑﻪﺯﻣﻰ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﻪﻛﯜﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻫﺘﺎﺏ ﺋﻪﻳﻨﯩﻢ ﺗﯩﻴﺮﻩ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻣﻪﻫﻠﯩﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﯟﻩﭘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺥ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺷﻮﺥ ﺋﯩﺪﻯ ﻳﺎﺭﻩﺏ،
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﯩﻠﻪ ﺑﻪﺱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
                                        (ﺋﻪﺭﺷﻰ)
                  ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﺰﺍﺩ
ﺋﻰ ﻣﻪﻻﻫﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﯟﻩﺭﯨﯔ ﺧﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻗﯩﭗ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ ﺋﺎﭘﻪﺗﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺭﺳﻪﻥ،ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺭﺳﻪﻥ ﭘﯘﺭﻗﻪﺗﯩﯖﺪﻩ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ
ﻳﯧﻐﻠﯩﺘﯩﭗ ﻫﻪﻡ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﯛﺭﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻻﻳﻰ ﺟﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
ﮔﯜﻝ ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﺋﻪﻧﺪﻩﻟﯩﭗ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﺍﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﯔ،
ﮔﯜﻟﻤﯘﺳﻪﻥ،ﺭﻩﻳﻬﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ،ﻳﺎ ﻫﯚﺭﻣﯘﺳﻪﻥ، ﻏﯘﻟﻤﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
ﮔﯜﻟﺴﯜﭘﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﺘﻪ ﺗﯘﺭﺳﺎﯓ ﻧﻪﺳﺘﻪﺭﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺧﯩﺠﯩﻞ،
ﻛﯚﺭﻣﯜﺩﯛﻡ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﻪﻻﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻟﻪﺑﻰ ﺧﻪﻧﺪﺍﻧﻤﯘﺳﻪﻥ ؟
ﻛﯚﺭﻣﯜﺩﯛﻡ ﺑﯘ ﭘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﻻﻫﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ،
ﻳﺎ ﭘﻪﺭﯨﺴﻪﻥ،ﻳﺎ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪﺳﻪﻥ،ﺑﯩﻠﻤﻪﺩﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
                                 (ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ)
ﻧﺎﺯﺍﻛﻪﺕ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩﺩﯨﯔ ﺳﻪﺭﯞﻯ ﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻧﺪﯗﺭ،
ﻣﺎﻻﻫﻪﺕ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯﯛﯓ ﮔﯜﻝ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﺧﻪﻧﺪﺍﻧﺪﯗﺭ.
ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻘﺎﺭﺍﺭ ﺋﻪﺭﻣﻪﺱ،ﻛﯚﺭﻩﻳﺪﻩﭖ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭ ﺋﻪﺭﻣﻪﺱ،
ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﻪ ﺯﻩﺭﺭﺍﺕ ﺭﻩﻗﺴﺎﻧﺪﯗﺭ.
ﺯﻩﻣﺎﻥ ﭘﯘﺭ ﺷﻮﺭﯨﺸﻰ ﺋﺎﭘﺎﻕ ﭘﯘﺭ ﭘﯩﺘﻨﻪ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻫﺎﺳﯩﺪ،
ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﯩﺒﺪﻩﻙ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻯ ﭘﯩﻨﻬﺎﻧﺪﯗﺭ.
                                  (ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻯ)
ﮔﯜﻝ ﺳﯘﺭﯗﺥ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﻧﻰ،
ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﯔ ﻣﺎﻧﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﻏﯘﻧﭽﻪﺋﻰ ﺭﻩﻳﻬﺎﻧﻤﯘﺳﻪﻥ؟
                              (ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ)
          ﺋﺎﺑﯩﭽﻪﺷﻤﻪ
ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻢ ﻧﻪ ﺋﯩﺪﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ ﺳﺎﯕﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ،
ﺟﻪﭘﺎﯞﯗ-ﻣﯩﻬﻨﻪﺗﯘ،ﺩﻩﺭﺩﯗ-ﻏﻪﻣﯩﯖﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ﺋﻮﻝ ﮔﯜﻝ ﭼﯧﻬﺮﻩﺋﻰ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺟﻪﻣﺎﻟﯩﻨﻰ،
ﺗﺎﻣﺎﻣﯘ ﺳﯘﯕﻪﻛﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯗ-ﺑﻪﻧﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﻪﺳﯩﻬﺎ ﺭﻩﺷﻜﯜ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻗﺎﺳﯩﻦ ﻫﻪﺭﺯﻩﻣﺎﻥ ﻳﯩﺮﺗﺎﺭ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯘﯕﻨﻰ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﻪﻫﻠﯩﻐﻪ ﺗﺎ ﺩﺍﺭﯗ ﺷﯩﭙﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﯩﻦ ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﯨﯟﻩﺷﻨﻰ ،
ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ﺋﻮﻝ ﻳﺎﺭﯨﻐﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
                                 (ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ)  
                   ﺟﯘﻻ
ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،
ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﺘﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﯩﻘﻪﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﻳﯜﺯﯛﯓ،ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﺯﯛﯓ،
ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﻧﺎﯞﺍﺕ،ﻗﻪﻧﮕﻪ ﺷﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﯛﯓ.
ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﻳﻠﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯘﯕﺪﺍ ﻛﯚﻳﮕﻪﻟﻰ،
ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﺎﻱ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻟﻰ.
ﺋﺎﻟﻼ ﺋﺎﺗﯩﻢ ﺳﻪﻣﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ ﺋﯧﯖﯩﺰ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ،
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ .
ﺋﺎﻟﻼ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻪ،
ﺋﯩﺸﻘﻰ ﺋﻮﺗﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ.
                    (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
                ﺳﻪﻧﻪﻡ
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﺋﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯗ،ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ،
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺭﯗ،ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﺧﻪﺳﺘﻪﯞﯗ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﺴﺎﻡ ﻣﯘﺭﺩﻩﯞﺍﺭ،
ﺳﻮﺭﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻣﻰ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺕ،ﺑﺎﻏﻼﺩﻯ ﺯﻩﺭﺩﺍﭘﯘ-ﻗﺎﻥ،
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﻳﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﺪﺍﻣﻪﻥ ﺧﺎﻣﯘﺷﻤﻪﻥ،
ﺑﯘ ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍﺩﻩﻙ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﻗﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
                                    (ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ)   
ﭼﻮﯓ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ،ﺳﺎﻧﯩﺴﺎﻡ ﻳﻪﺗﺘﻰ،
ﺑﯩﯟﻩﭘﺎﻏﺎ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺗﺎﺷﻼﺩﻯ-ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻳﻤﻪﻥ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻳﻮﻻﺗﻤﯩﻐﺎﻳﻤﻪﻥ.
ﻳﻮﻻﺗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻣﯘﯕﻠﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯘﻥ،
ﺋﺎﺭﭘﺎ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﺪﻩﻙ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﯩﭗ ﻗﺎﺳﯘﻥ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯧﺘﻪﺭ ﺋﯩﻜﯩﻦ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ،
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ.
                      (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﻛﯚﺭﮔﻪﻟﻰ ﻫﯚﺳﻨﯜﯕﻨﻰ ﺯﺍﺭﯗ-ﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ،
ﻧﻪ ﺑﻪﻻﻟﯩﻎ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺪﯨﻜﯩﻢ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻫﻪﺭﻧﯧﭽﻪ ﺩﯨﺪﯨﻤﻜﯩﻢ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﻩﻱ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ،
ﯞﻩﻫﻜﻰ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺗﻪﺭﺭﻩﻕ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺩﯨﺪﯨﻢ«ﯞﻩﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ» ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﯔ،
ﺳﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺩﯨﺪﯨﯔ«ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻞ» ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻗﺎﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﭘﻪﻳﻜﺎﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﺳﻪﻥ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ،
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﭘﻪﻳﻜﻪﺭ، ﻧﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻗﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ، ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ  ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﻢ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻝ،
ﻳﯜﺯ ﺑﻪﻻ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻏﯘﺳﺴﻪ ﭼﻪﯕﮕﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺩﯨﻢ ﺋﻮﺷﺸﺎﻕ ﺋﺎﺭﺍ،
ﺗﺎ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﺮﯗ  ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
                              (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
ﭘﻪﺭﺩﻩﻏﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪ ﺭﻩﺧﺸﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ،
ﺋﻪﺯﻣﻰ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﻮﻝ ﺷﻪﻣﺌﻰ ﺷﻪﺑﯩﺴﺘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ.
ﺋﻮﻝ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺋﻪﻫﺒﺎﭖ ﺑﯩﻠﻪ ﺳﯜﺑﻬﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻥ ﺷﻪﻣﺌﯩﯟﺍﺭ،
ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﯩﭗ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺗﯚﻛﻪﺭﻣﻪﻥ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﻏﻪﻟﺘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ.
ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ ﺗﯧﻨﯩﻢ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﻛﻪﺑﻰ،
ﻣﯩﻬﺮﻯ ﺋﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﮕﯜﺯﯛﺭ ﺩﺍﻏﻰ ﭘﯩﻨﻬﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ.
ﭼﻪﻙ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻧﺎﻟﻪ ﻛﯚﺯﻣﻪﻱ ﭘﻪﺭﺳﯘﺩﯗ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﻛﺎﯞﺍﭖ،
ﭼﯜﻥ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ﺧﻪﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯩﻬﻤﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪ.
                                     (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
ﯞﺍﻫ ﻧﻪﺧﻮﺷﺘﯘﺭ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ،
ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﺘﺎﻳﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﯨﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ.
ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻏﻪﻣﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻯ ﺑﺎﺷﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻏﻪ،
ﮔﯜﭘﺘﻪﻟﯩﻎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﻝ ﺷﻪﻛﻜﻪﺭ ﺧﺎﺭﯨﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ.
ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺭ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ﺑﯘ ﻏﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺌﺎﺭﺍﻣﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﭖ،
ﻗﻪﺗﻠﻰ ﺋﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﻪﻧﺪﻛﻰ ﺩﯨﻠﺌﺎﺯﺍﺭﯨﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ.
ﺑﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻏﻪﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ،
ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﺧﻰ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﯨﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ.
      * * * * * * * * * * * *  *
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﺥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺗﻪﻫﻪﻣﻤﯘﻝ ﺋﻪﻱ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻞ ﺧﻪﻣﯘﺵ،
ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺳﯩﺘﻪﻡ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻏﻪﻣﺨﺎﻧﯩﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ.
                               (ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻢ)  
                ﺗﻪﺋﻜﯩﺖ
ﺋﯩﺸﻖ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﻧﻤﻪﻥ ﺩﻩﻣﻰ ﺑﻰ ﻣﯧﻬﻨﻪﺗﯘ ﻏﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻥ،
ﺟﺎﻧﯩﺪﯨﻤﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺟﺎﻧﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻥ.
ﻳﯜﺯ ﯞﻩﭘﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺟﻪﭘﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻧﻪﭘﺌﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﮔﻪﻥ،
ﻣﯩﯔ ﺟﻪﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ،ﯞﻩﭘﺎﺳﻰ ﺯﻩﺭﺭﺋﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻥ.
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺑﯩﻠﻜﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺱ ﻟﻪﺋﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻰ ﻫﻪﻳﺎﺕ،
ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻥ.
                                 (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
   ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ  ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ
            1-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﻨﻰ ﭼﺎﻙ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻧﻼ ﻳﯧﻐﻼﺩﯨﻢ،
ﻛﯩﺴﯩﭗ-ﻛﯩﺴﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﺗﯘﺯﻻﺩﯨﻢ.
ﺋﻪﺭﺯﯗ-ﻫﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺩﯨﻢ،
ﺭﻩﻫﻤﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﮕﺎﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ.
ﻛﯚﭖ ﺟﻪﭘﺎﻻﺭ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺑﺎﻏﯩﯖﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ،
ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻧﺎﺭﯨﻦ ﺗﻪﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.
ﺷﯜﻛﺮﯨﻠﯩﻠﻼﻫ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﻦ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ،
ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ.
ﺑﺎﻻﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﮔﻪ،
ﻫﻪﺭﺯﻩﻣﺎﻧﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺩﯨﻢ ﺗﯜﺭﻟﻰ ﺟﻪﭘﺎﮔﻪ.
ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻝ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﺍ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﮔﻪ،
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﻰ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ.
ﺳﻪﻧﺴﻪﻥ ﺳﻪﻧﯘﺑﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﭘﺎﻟﯩﻖ ﻳﺎﺭﻯ،
ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺟﺎﻧﻰ ﺋﻪﻓﮕﺎﺭﻯ.
ﻣﯘﺧﺘﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺩﻩﭘﺘﺎﺭﻯ،
ﺑﯩﯟﻩﭘﺎ ﺩﯗﻥ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﯞﻩﭘﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ.
               (ﺳﻪﻧﯘﺑﻪﺭ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ)
                  2-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﺋﻪﻱ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ،
ﻗﺎﺭﺍ ﻛﺎﻛﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯗﻟﭙﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﯩﯔ ﻧﯩﻘﺎﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
ﻟﻪﺑﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﭺ ﺗﻪﻥ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ،
ﻗﯘﺷﯩﺪﯗﺭﻛﻰ ﻗﻪﭘﻪﺯﺩﻩ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﭖ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
ﺟﻪﻣﺎﻟﯩﯔ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﻧﯚﻛﺘﻪﺋﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻫ ﺋﯩﺘﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻥ،
ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻣﺮﯛﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﻳﯜﺯﻣﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
ﯞﺍﭘﺎ ﻫﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﺯﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ،
ﻣﻪﺳﯩﻬﺎ ﻟﻪﺑﻠﻪﺭﯨﯔ ﺋﻪﺋﻤﺎﺯﯨﺪﯨﻦ ﮔﻮﻳﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
ﺳﻪﻫﻪﺭ ﺗﯘﺭﻓﻪ ﭼﯩﻤﻪﻧﺪﻩ ﮔﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﺷﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﺘﻰ،
ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﺎﻏﯩﺒﺎﻧﻰ ﺳﯩﻴﻨﻪﺋﻰ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﻛﻪﯞﺍﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺟﯩﻠﯟﻩﮔﻪﺭﺩﯗﺭ ﺩﻩﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ،
ﻣﻪﺟﺎﺯ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﺒﻪﮔﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻍ ﺧﻪﺑﺎﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ.
                                       (ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ)
                 3- ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﻏﯩﯔ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺗﻪﺭﺳﻪﻡ ﺗﺎﺯﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﯨﯖﻨﻰ،
ﺋﯩﮕﻪﻡ ﺳﯧﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﯩﺶ ﺋﻪﮔﺴﻪﻡ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﻟﻠﻪﺭﯨﯖﻨﻰ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻮﺭﺳﺎﯓ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺩﻩﻣﺪﻩ،ﺭﻩﯕﮕﯩﻢ ﺳﺎﺭﯨﻎ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻧﻪﻣﺪﻩ،
ﺋﺎﻱ ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﺗﯘﺗﻤﺎ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﻫﻰ ﻧﺎﻟﻪ ﻗﻮﻟﻼﺭﯨﯖﻨﻰ،
ﻣﻪﯕﺰﯨﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻻﻟﻪﺩﯗﺭ ﺑﺎﻗﯩﺸﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻪﺩﯗﺭ،
ﻟﻪﺑﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪﺩﯗﺭ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﺎﺳﺎﻡ ﺑﺎﻟﻼﺭﯨﯖﻨﻰ.
ﺳﻪﻫﻪﺭ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺳﺎﭼﯩﯔ ﺗﺎﺭﺍ،ﮔﯜﻝ ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﺭﻭﻣﺎﻝ ﺋﻮﺭﺍ،
ﺭﻩﻗﯩﺐ ﻳﯜﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪﻡ ﻳﻮﻟﻼﺭﯨﯖﻨﻰ.
                       (ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﺳﻪﻧﻪﻡ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ)  
               4-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺋﺎﺭﺍﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭﯗﺭﺳﻪﻥ؟
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﯜﻡ ﺋﺎﭼﯩﻠﻤﺎﻳﯩﻦ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭﯗﺭ ﺳﻪﻥ؟
ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻛﯧﭙﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻏﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ،
ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭﯗﺭﺳﻪﻥ؟
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﻛﻪﻳﮕﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﭙﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ،
ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺯﻩﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭﯗﺭﺳﻪﻥ؟
ﮔﯜﻟﺠﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺯﺍﺭﻻﺗﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻦ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺩﺍﻏﻼﺗﯩﭗ،
ﺑﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍﻧﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﻐﻼﺗﯩﭗ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻗﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭﯗﺭﺳﻪﻥ.
                     (ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﺳﻪﻧﻪﻡ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ)
  ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ:ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ
               ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ(1)
ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻢ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﺎ ﺳﯩﺮﺭﯨﻢ ﺩﯨﺪﯨﻢ،ﺑﯩﻠﻤﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﺮﺍﺭﯨﻨﻰ.
ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺳﯩﻦ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﻡ ﻧﺎﻣﻪﺋﻰ،
ﺑﺎﺭﻯ ﺑﯘ ﺗﻪﺯﯞﯨﺮ ﺋﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻱ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ ﻟﻪﺋﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ﻫﻪﻳﺎﺕ،
ﺋﻮﻝ ﻣﻪﺳﯩﻬ ﺋﻮﻟﺪﯗﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﻫﻪﻳﯩﻔﺪﯗﺭﻛﯩﻢ ﺭﯨﺸﺘﻪﺋﻰ ﺗﻪﺳﺒﯩﻬ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺯﻭﻫﯩﺪ،
ﻛﯘﻓﺮ ﺯﯗﻟﭙﻰ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻧﻨﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺗﯚﻛﻤﻪ ﺟﺎﻣﯩﻨﯩﻜﯩﻢ ﺑﻪﻻ ﺳﯩﻠﻰ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﺑﯘﺯﻣﺎﺳﯘﻥ،
ﻣﻪﺳﺖ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ﺯﺍﻫﯩﺪﺍ ﺩﻩﻳﺮﻯ ﻓﻪﻧﺎ ﺧﻪﻣﻤﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺷﻪﯞﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺴﻪﻡ ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﺳﻪﻥ،
ﺗﯘﭘﺮﺍﻏﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﻮﻳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﻨﻰ.
                               (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
                  (2)
ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻮﺷﺸﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﯩﻦ ﻏﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﺗﻜﻪﭺ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﺩﻩﺭﻟﻪﺭ،
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺷﻮﺥ ﺩﺍﻣﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﺮﯗ-ﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﺩﻩﺭﻟﻪﺭ.
ﺳﯧﻨﻰ ﻗﻪﺳﺮﻯ ﺟﻪﻣﺎﻟﻰ ﻫﯚﺳﯩﻦ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺷﺎﻫﻰ ﻣﻪﻫﺮﯗﻳﺎﻥ،
ﻣﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﯟﺍﻳﻰ ﺋﯩﺸﯩﻘﯩﯔ ﻛﻮﭼﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﺩﺍ ﺩﻩﺭﻟﻪﺭ.
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯗﺭ ﺋﻪﺳﻬﺎﺑﻰ ﺭﯨﺰﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﯞﻩﭘﺎﻻﺭﻛﯩﻢ،
ﺑﺎﻻ ﺗﯩﻐﻰ ﺑﺎﺷﯩﺪﺍ ﺳﺎﻳﻪﺋﻰ ﺑﺎﻟﻰ ﻫﯘﻣﺎ ﺩﻩﺭﻟﻪﺭ.
                           (ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻯ)
                   (3)
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺩﻯ ﺯﻩﻣﺎﻧﯩﻢ ﺟﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪ ﻗﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ،
ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﻰ ﻫﯚﺳﻨﯜﯕﺪﺍﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﺳﯘﻧﺒﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﻱ ﮔﯜﻟﻰ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﻯ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﻯ ﺳﺎﻫﯩﭙﺠﻪﻣﺎﻝ،
ﮔﯜﻝ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺳﺘﻪ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻗﯩﻞ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﻏﻪ ﻧﯩﮕﺎﺭﺍ ﻟﯘﺗﻔﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ،
ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻰ ﺑﯘﻟﯘﭘﺪﯗﺭﯗﺭ ﺋﻪﻱ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻗﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ.
                               (ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﻧﯩﯔ)
                (4)
ﺋﻪﺭﺯﯨﻢ ﺋﯩﺸﯩﺘﻜﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﺑﺎﻻﺗﺎﭘﻪﺕ،
ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻫﻬﯘﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ.
ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺑﻪﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﻫﻪﺩﺩﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ،
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ.
ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺭﯨﻐﻪ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﻯ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰ،
ﺩﯨﻠﺨﻪﺳﺘﻪﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺯﻩﺭﺍﭘﻪﺕ.
ﭘﻪﻗﺮﻯ ﺑﯩﻼﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ
ﻳﺎﺭﻏﺎ ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ.
(ﺑﯩﻼﻝ)[/center]

====================================
ﺳﯩﮕﺎﻫ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ
  ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ؛ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ ﻗﯩﺴﻤﻰ
             ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻧﯩﺸﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﻳﻰ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ،
ﭼﯘﻧﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻱ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﭘﻪﻧﺎﻏﺎ  ﺋﻪﻧﺠﯜﻣﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ .
ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﺭﻩﻧﺎﻳﻰ ﮔﯜﻟﮕﯜﻥ ﭘﯘﺷﻤﻪﻥ ﯞﺍﻫ ـ ﯞﺍﻫ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﺩﻯ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﮔﯜﻟﻰ ﺳﻪﺭﯞﻯ ﺳﯜﻣﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ .
ﺑﺎﻻ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﻣﺎﯓ،
ﻛﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﻧﻰ ﮔﯜﻟﯘ،ﻧﻰ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﯘ،ﻧﻰ ﻛﯚﻫﻜﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
ﺳﻪﻫﻪﺭ ﯞﺍﺧﺘﻰ ﺳﺎﺑﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺭﺩﻯ ﺯﯗﻟﭙﯘﯓ ﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﻰ،
ﻣﯘﺋﻪﺗﺘﻪﺭ ﺋﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺩﻯ ﻣﯘﺷﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺋﻪﻳﻠﻪﺑﺪﯗﺭﻛﻰ ﻳﯧﻐﻠﯩﻤﺎﻗﺪﯨﻦ ﻧﻰ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮ،
ﺩﯨﺪﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﭘﺎ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﯞﻩﻳﺴﻰ ﻗﯩﺮﻩﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
ﺯﯨﻠﻪﻳﺨﺎﻳﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺳﻪﻣﯘﻣﻰ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺧﺎﻛﯩﺴﺘﻪﺭ،
ﺑﯘ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺩﯨﻤﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻝ ﻳﯜﺳﯘﻓﻰ ﮔﯜﻝ ﭘﯩﺮﻩﻫﻪﻥ ﻫﻪﺟﻪﺕ .
ﺑﯘ ﻣﯘﺷﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﯕﻼﺭ،
ﺷﻪﻫﯩﺪﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﺑﯘﺕ،ﻧﻪ ﮔﯚﺭﯗ،ﻛﯧﭙﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
ﺭﻩﻓﯩﻘﺎ ﺑﯩﺴﻪﺭﯗﻓﺎﻻﺭﻧﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎﻏﯩﻞ ﺯﯨﻨﻬﺎﺭ،
ﻫﻪﺑﯩﺐ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﺳﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ،ﻧﻪ ﻣﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻏﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ،
ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﻪ ﺳﻪﻫﺮﺍﻳﯘ،ﻧﻪ ﺷﻪﻫﺮﯗ،ﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ.
                                (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
             ﺗﻪﺋﻪﺯﻩ
ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻜﻰ ﻣﯘﺷﺘﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺸﻪﻡ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻟﻪﺑﯩﯔ ﮔﯜﻝ ﻗﻪﻧﺪﯨﻨﻪ،
ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﻟﻪﺑﯩﯔ ﻗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻪﺗﮕﯩﻞ ﺋﺎﻧﻼﺭﯨﯔ ﮔﯜﻝ ﻗﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺷﻪﺭﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺩﯗﺩﺍﻏﯩﯔ ﻗﻪﻧﺪﯨﻨﻰ،
ﺭﻭﻫﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﺭ ﺗﯘﺗﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﻮﻝ ﻟﻪﺋﯩﻠﻰ ﺷﻪﻛﻜﻪﺭ ﺧﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﺷﻪﻫﻼ ﻛﯚﺯﯛﯓ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﻳﺪﯨﻴﯘ ﺋﺎﻧﺖ ﺋﯩﭽﻪﺭﻛﻰ ﺑﯘ،
ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻛﻪﭘﺎﺭﻩﺕ ﺟﺎﻧﯘ ﺩﯨﻞ ﺋﻮﻝ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﮔﯩﯔ ﺳﻪﯞﮔﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﻣﯘﺷﻜﯩﻦ ﺳﺎﭼﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﻰ ﻛﻪﺳﺪﯨﻴﯘ ﭘﻪﻳﯟﻩﻧﺪ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ،
ﺗﻪﻫﺴﯩﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﻪﻧﯩﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻨﻪ .
ﺯﯗﻟﻔﯩﻠﻪ ﻗﺎﺷﻰ ﻗﺎﺭﺍﺩﯗﺭ ﺳﻪﺭﯞﻯ ﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﯨﯔ،
ﻗﺎﺷﻼﺭﯨﮕﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﯘﻻﻡ ﻳﺎ ﺗﯘﺭﺭﻩﺋﻰ ﺩﯨﻞ ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﺋﻪﻱ ﯞﺍﺋﯩﺰ ﺋﻪﺑﺴﻪﻡ ﺋﻮﻝ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﺋﻪﺗﯩﯖﻰ ﭘﻪﺵ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪ،
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺋﻮﻟﺪﯗﻡ ﻛﯩﺮﻣﻪﮔﯜﻡ ،ﻫﻪﺭ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﺋﻪﻱ ﺋﯩﺸﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﻪﻥ،ﭼﯜﻧﯘ،ﭼﯩﺮﺍﻳﯘ ﭼﻪﻧﺪﻧﻰ ﻗﻮﻱ،
ﻧﯧﭽﯜﻙ ﭼﯜﺷﻪﺭﺳﻪﻥ ﺋﺎﺷﯩﻘﯩﯔ ﭼﯜﻧﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﯘ ﭼﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
ﭼﯜﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﻴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﺮﯨﻨﻪ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻧﻪﺳﯩﻤﯩﺪﯗﺭ ﻣﻪﻟﯩﻚ،
ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﺎﻧﯩﯖﺪﯗﺭ ،ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﻨﻪ،ﻫﻪﻡ ﻛﻪﻧﺪﯨﻨﻪ.
                                         (ﻧﻪﺳﯩﻤﻰ)
           ﻧﯘﺳﺨﺎ
ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺟﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
ﺑﯩﻬﯩﺸﺘﯘ ﻫﯚﺭﯗ-ﺭﯨﺰﯞﺍﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻳﻜﻪﻥ ،
ﺑﺎﻫﺎﺭﯗ ﺋﻪﺑﺮﻯ ﻧﯩﻴﺴﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻳﯜﺯﯛﯕﺪﯨﻦ ﺷﺎﻣﻼﺭ ﺯﯗﻟﭙﯘﯕﻨﻰ ﻳﯩﻐﺴﺎﯓ،
ﻓﯘﺭﯗﻏﻰ ﻣﺎﻫﻰ ﺗﺎﺑﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺑﻮﻳﯘﯓ ﺳﻪﺭﯞﯗ،ﻛﯚﺯﯛﯓ ﻧﻪﺭﮔﯩﺲ،ﻳﯜﺯﯛﯓ ﮔﯜﻝ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺷﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮔﻪﺷﺘﻰ ﻟﻪﺑﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻗﯩﻠﯘﺭﺳﻪﻥ،
ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻣﻤﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺭﻩﻗﯩﺐ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﯘﺳﺎﻫﯩﺐ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ،
ﻗﯘﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺘﻜﻪ ﺳﻪﮔﺒﺎﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻐﺎ ﺑﯘﺳﯘﻏﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭ،
ﺳﻪﺭﺍﻳﯘ ﺧﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﯟﺍﻥ ﻫﻪﺟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
                          (ﺋﺎﺗﺎﻳﻰ)
*^*^*^*^*
ﻧﯩﮕﺎﺭﺍ ﺳﻪﻧﺴﯩﺰﯨﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺎ ﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ.
ﭼﯘ ﮔﯜﻟﺪﯨﻦ ﺭﻩﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻐﺎ ﺑﯘﻳﻰ،
ﺑﺎﻫﺎﺭﯗ ﺑﺎﻏﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ.
ﺟﻪﭘﺎﻳﯘ ﺋﯩﺸﯟﻩﻟﻪﺭﻧﻰ ﻓﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﭘﺴﻪﻥ،
ﻣﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﯟﻩ ﭘﯘﺭ ﻓﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ.
ﻛﯩﺸﯩﻜﯩﻢ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭﯗﺭ ﻣﯩﻬﺮﯗ-ﯞﺍﭘﺎﺳﻰ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﺩﯗﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ.
                       (ﻟﯘﺗﻔﻰ)
         ﺋﺎﺑﯩﭽﻪﺷﻤﻪ
ﮔﯜﻝ ﺋﯧﺴﻰ ﺋﯘﻓﯘﻧﻪﺗﺪﯗﺭ ﻳﺎﺭﺳﯩﺰ ﺩﯨﻤﺎﻏﯩﻤﻐﺎ،
ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺧﺎﺭﻯ ﺳﺎﻧﭽﯩﻠﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﻏﯩﻤﻐﺎ.
(ﺋﺎﻳﺎﺭﻩﻱ،ﺷﻪﻳﺪﺍﻳﯩﯖﻤﻪﻥ،ﺷﺎﻫﯩﻤﺴﻪﻥ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﯔ ﺑﯘﻻﻱ
ﻣﯘﻗﺎﻡ ﭼﻪﺷﻤﻪ،ﺳﯩﻴﺎ ﭼﻪﺷﻤﻪ،ﻣﯘﻗﺎﻡ ﭼﻪﺷﻤﻪ)
ﺩﻩﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻫﻪﺟﯩﺮ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻠﯩﻢ،
ﺋﻪﻧﮕﯩﺒﯘﺩﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻯ ﭼﯩﺮﻣﺎﺷﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻏﯩﻤﻐﺎ.
ﺋﻪﻱ ﺗﻪﺑﯩﺐ ﺋﯩﻼﺝ ﺋﻪﺗﻤﻪ،ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﮕﻪ ﺩﻩﯞﺍ ﺋﻪﺗﻤﻪ،
ﺯﻩﻫﻪﺭ ﺗﻪﺋﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﯩﺶ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﯩﯔ ﺩﯨﻤﺎﻏﯩﻤﻐﺎ.
  
ﺧﺎﻧﯘﻣﺎﻧﯩﻢ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﺴﻪ ﯞﺍﻫ ﻧﻪ ﺧﻮﺷﺘﯘﺭ ﺋﻪﻱ ﻣﻪﻫﺰﯗﻥ،
ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺑﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮔﺎﻫ ﺋﻮﺕ ﺗﯜﺷﯜﭖ ﺋﻮﺗﺎﻏﯩﻤﻐﺎ.
                                   (ﻣﻪﻫﺰﯗﻥ)
                ﺟﯜﻻ
ﺗﺎﻟﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺷﺎﺧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﺪﻯ،ﻳﺎﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﻣﺎﯕﺎ،
ﻳﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻨﻰ،ﻳﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ.
ﻳﺎﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﭘﯩﺮﺍﻗﺘﺎ،ﯞﻩﺩﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﯘﻥ،
ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﯘﻥ.
ﺋﻪﺳﺴﻪﻻﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺭ،
ﻗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻴﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩﻙ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﺭ.
ﻛﯚﺭﮔﻪﻟﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻠﯩﻤﯘ؟ﻛﯚﻳﺪﻩﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻠﯩﻤﯘ؟
ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﯚﭼﻜﻪﻡ ﺋﻮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻟﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻠﯩﻤﯘ؟
                                (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
              ﺳﻪﻧﻪﻡ
ﻗﯩﺰﯨﻞ-ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﻟﻤﺎﻻﺭﯨﻢ ﺋﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻫﯧﭻ ﻛﯜﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﻰ،
ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯘﻻﺭﻣﯩﺪﯗﺭ ﻛﯚﻳﻪﻛﻨﯩﯔ ﺩﺍﻏﻰ.
ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯜﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﻩﺧﻰ،
ﻳﺎﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻏﻰ،
ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ،ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ،
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ.
                    (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
        ﭼﻮﯓ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﺋﺎﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ،ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ،
ﻛﯜﻳﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯨﯔ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻤﮕﻪ .
ﺋﺎﺗﻼﺭﯨﻨﻰ ﻫﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﯘﺯ ﺩﺍﯞﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ،
ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻏﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ،
ﺋﯩﮕﯩﺰ-ﺋﯩﮕﯩﺰ ﭼﯩﻨﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺧﮕﻪ ﻗﻮﻧﺴﺎﻡ،
ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻠﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ،
ﺋﺎﺷﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ.
                           (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
            ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﻪﻟﯩﻘﻪ
ﻧﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺗﯩﯖﻨﯩﯔ ﭘﺎﻱ ﺑﯘﺳﯩﻦ ﻣﯘﺩﺩﻩﺋﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ،
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺳﺘﯘﺭ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺋﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺭ ﺳﯚﻳﻤﻪﻙ،ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﺋﺎﻳﺎﻏﯩﯖﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﺎﺟﻪﺗﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺴﺎﯓ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ،
ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺭ ﺑﯘ ﻫﺎﺟﯩﺘﯩﻢ ﺟﺎﻧﺎ-ﺭﺍﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﺗﯩﻠﯘ ﺧﺎﻣﻪﻡ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﯚﺳﻨﯜﯕﻪ ﺋﯩﺸﻘﯩﻢ،
ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﻳﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺱ ﻧﻪﻗﯩﺸﯘ ﺗﯩﻞ ﺩﺍﻏﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﻛﯚﺯﯗ-ﻗﺎﺷﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺭﯗﺯﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﻜﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﻠﺪﻯ،
ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﺯﺍﻫﯩﺪ ﻳﯜﺯﯨﻦ ﺩﺍﻏﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﮋﮔﺎﻧﯘ-ﻗﺎﺷﯩﯔ ﻫﻪﻳﺮﻩﺗﻰ ﺋﯩﺮﺩﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ،
ﻧﻰ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻙ ﺋﺎﻫﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘ، ﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﻗﯩﻼﻱ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﺟﺴﺪﻩﺋﻰ ﺷﯜﻛﯩﺮ ﺋﻮﻟﻜﻰ ﺋﯚﻣﺮﯛﻡ ﺳﻪﺟﺪﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ
ﺗﺎﭘﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻡ ﻗﺎﺷﯩﯔ ﻣﯩﻬﺮﺍ ﺑﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﯨﻦ ﻗﻪﺯﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﺧﻪﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﺗﻪﺋﻨﻰ ﺋﯘﺭﻣﺎ ﺯﺍﻫﯩﺪﻛﻢ،
ﺑﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﺩﯨﻤﻪ ﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺋﯘﭼﺒﯘ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻓﺰﯗﻥ ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻫ ﺷﻪﻳﺨﻰ،
ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺗﻰ ﻓﻪﻧﺎ ﭘﯩﺮﯨﻐﺎ  ﺋﻪﯞﻻ  ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ﻫﯚﺳﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻗﻮﺷﻜﯩﺰﻩﻛﺘﯘﺭﻟﻪﺭ،
ﺋﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ.
                                         (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
    ~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*
ﺟﯘﻧﯘﻥ ﺗﺎﺷﻰ ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﺠﺮﻩ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﻪ ﺋﯘﺭﻣﺎﻕ،
ﺋﯩﺮﯗﺭ ﺗﻪﻗﯟﯨﻴﯘ ﺩﺍﻧﯩﺶ ﺑﯘﺗﻼﺭﯨﻦ ﺗﺎﺵ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺳﯩﻨﺪﯗﺭﻣﺎﻕ.
ﻗﯘﻳﺎﺷﻜﯩﻢ ﺯﻩﺭﺭﻩ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﯩﻤﻐﺎ  ﻫﻪﺟﺮﯨﯖﺪﻩ،
ﻛﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﯜﻝ ﺳﺎﯞﯗﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻞ ﺋﺎﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﺋﯘﺭﻣﺎﻕ.
ﭼﯘ ﭘﯩﺮﻯ ﺩﻩﻳﺮﻯ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺧﯩﺮﻗﻪﺳﯩﻦ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭ ﺩﯨﺪﻯ ﮔﻪﺭ ﺧﯘﺩ،
ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺪﯗﺭ ﺟﺎﻥ ﺭﯨﺸﺘﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﻳﺎﻗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻕ .
ﻟﻪﺑﯩﯔ ﻫﻪﺟﺮﯨﺪﻩ ﺧﺎﻛﻰ ﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﻫﻪﺑﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،
ﻧﯩﭽﯜﻛﻜﻰ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻐﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻣﺎﻕ.
ﺩﯨﻤﻪ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎﻏﺎ ﻧﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﯓ،
ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺭﻛﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻧﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻠﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻕ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻫﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺟﯩﻠﯟﻩ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﺩﻯ ﺟﻪﭘﺎ ﺗﺎﺷﯩﻦ،
ﻧﯩﺘﺎﯓ ﮔﯜﻟﺒﯘﻥ ﺳﺎﺑﺎ ﺳﯩﻠﻜﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﮔﯜﻝ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﻣﺎﻕ.
ﺑﯩﻨﻪﻓﺸﻪ ﺳﺎﻟﺨﯘﺩ ﺋﻪﻟﺪﻩﻛﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﻗﻮﻱ ﮔﻮﻳﺎ،
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺧﻪﺯﺍﻧﻰ ﺋﯚﻣﯩﺮ ﺋﺎﯕﺎ ﺩﻩﺋﻒ ﺋﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎﻕ.
                                          (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)
           ﭘﻪﺷﺮﯗ
ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﺘﯘﻡ،
ﺟﻪﻫﺎﻥ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﯘﯞﯗﺗﺘﯘﻡ.
ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ﺩﯨﻠﯘ-ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻟﺪﻩﻡ،
ﺑﯧﻬﯩﺸﺘﻰ ﺟﺎﯞﯨﺪﺍﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ.
ﻧﻪ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﻱ ﺭﺍﻫﻪﺗﻰ ﺟﺎﻥ،
ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺘﯘﻡ.
ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻠﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﯞﻗﺪﯗﻡ.
ﺗﯧﻨﯩﻢ ﻫﻪﻡ ﺳﻪﻥ،ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺟﺎﻧﯩﻤﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﺳﻪﻥ ،
ﺋﯩﺰﯨﯔ ﻫﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩﻩﺩﯗﺭ ﺧﺎﻧﻪﻣﮕﻪ ﺳﻮﻗﺘﯘﻡ.
ﻏﻪﻣﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ،ﭘﯩﻜﺮﯨﯔ ﺟﺎﻧﯩﻤﮕﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ،
ﻫﻪﻳﺎﺕ ﺋﯩﺴﺘﻪﺏ ﺧﻪﻳﺎﻟﯩﯔ ﺯﻩﻫﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﺗﺘﯘﻡ.
ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻞ ﺧﺎﻫﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﻫﻪﺳﺮﯨﺘﯩﯖﺪﻩ،
ﻛﯩﺰﯨﭗ ﭼﯚﻝ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺭﯛﺗﺘﯜﻡ.
ﺗﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﻳﺎ ﺩﯨﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ؟
ﻗﻪﺳﻪﻣﻴﺎﺩ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﻢ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﺘﯘﻡ.
ﮔﺎﻫﻰ ﯞﻩﺳﻠﯩﯔ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻧﺪﺍ،
ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﺎﯞﯗﺗﺘﯘﻡ.
ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻳﯜﺯﯛﯕﻨﻰ،
ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﮔﯜﻟﺪﻩﻙ ﺗﯘﺯﯗﺗﺘﯘﻡ.
                          (ﮔﯘﻣﻨﺎﻡ)
            ﺗﻪﺋﻜﯩﺖ
ﺩﻭﯞﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻛﯚﻳﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﺱ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯖﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﺗﯧﻐﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ.
ﻗﯧﺸﯩﯔ ﺩﻩﻳﻤﯘ،ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺩﻩﻳﻤﯘ،ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﯔ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﻰ ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯖﺪﺍ ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻢ ﻛﯚﻳﺪﻯ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ.
ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻫﺎﻓﯩﺰﻧﻰ،ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﺱ ﺑﯩﺰﻧﻰ،
ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮﯨﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ  ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻧﻰ.
                     (ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ)
ﺋﯩﻜﻜﯩﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ
             1-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﻧﺎ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺗﯘﺗﻤﺎ ﻫﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ،
ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﺮﯨﻦ ﻫﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺭ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎ ﻧﺎﻣﻪﺭﺩﻛﻪ،
ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻏﺎ-ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺭ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﻳﺎﭘﺮﺍﻕ،
ﺑﯩﺒﻪﻫﺮﻯ ﮔﯩﻴﺎﻫﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ.
ﺑﯩﺌﻪﻗﯩﻞ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﺗﺎﻳﺎﻕ،
ﻛﻮﺭ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺭ.
ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﯓ ﺭﺍﻳﯩﮕﻪ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺳﺎﻟﯘﺭ ﻏﻪﻡ-ﻏﯘﺳﺴﻪﻧﯩﯔ ﭼﺎﻫﯩﮕﻪ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻬﻤﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ،
ﻛﯘﭼﯘﻙ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﻗﺎﯞﺍﭖ ﭘﻪﻳﻠﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺭ.
ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺑﻪﮒ ﺩﻩﺭ،ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺭ.
ﺋﯚﺯ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭ،
ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪ ﻫﻪﺭﻧﻪ ﻫﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺭ.
                   (ﻳﯜﺳﯜﭖ-ﺋﻪﻫﻤﻪﺩ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ)
         2-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﯖﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻏﺪﻯ ﺧﻪﻳﺎﻟﯩﻢ،
ﺋﻪﻱ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﯔ؟
ﭘﻪﺭﯨﻤﯘ ﺳﻪﻥ ،ﺑﻪﺷﻪﺭﻣﯘ ﺳﻪﻥ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ،
ﺋﯩﻴﺘﻘﯩﻞ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﯔ؟
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻮﺭﺳﺎﯓ ﺷﺎﻫ ﺑﻪﺭﻗﯘﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﻪﻥ،
ﺷﻪﻣﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻢ.
ﻫﺎﻟﯩﻢ ﺳﻮﺭﺳﺎﯓ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻤﻪﻥ،
ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻢ.
ﻗﻪﻣﻪﺭ ﺷﺎﻫ ﺩﻩﺭ ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﻪﺭﻣﻪﻥ،
ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﻳﻪﺭﻣﻪﻥ.
ﯞﻩﺳﻠﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺘﻪﺭﻣﻪﻥ،
ﺋﻪﻱ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﯔ؟
ﺷﻪﻣﺴﻰ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﭘﻪﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ،
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﯩﻞ ﻛﻮﻫﯩﻘﺎﭘﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺪﻩﭖ ﻳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ،
ﺷﻪﻣﺴﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﺪﺍﺩﯗﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻢ.
         (ﻗﻪﻣﻪﺭﺷﺎﻫ-ﺷﻪﻣﺴﻰ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ)
         3-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ
ﺋﻪﻱ ﻳﺎﺭﺍﻧﻼﺭ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ،
ﺋﯩﺸﻘﻰ ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﺪﻯ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.
ﻛﯩﻠﯘﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺋﺪﻩ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻛﯩﻠﯘﺭ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ،
ﺋﻪﺭﺗﻪﺩﯨﻦ ﭼﺎﺷﻜﺎﻫﻘﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.

ﻳﺎ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﭘﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺩﻩﺭﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﺪﻯ،
ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.
ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺒﯩﻦ ،ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﻪﺗﻠﻪﺑﯩﻦ،
ﺳﻪﻧﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﻐﻼﺭ ﻏﯧﺮﯨﺒﯩﻦ  ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.
ﮔﯜﻝ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﻛﯩﻠﯘﺭ،ﺑﯩﻠﻠﻪﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯜﻡ ﻛﯩﻠﯘﺭ،
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺳﯜﺭﮔﯜﻡ ﻛﯩﻠﯘﺭ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.
ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﭘﺎﺭﻩ-ﭘﺎﺭﻩ،ﺑﯘ ﺩﻩﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺩﺍﺭﻩ،
ﻳﯧﻐﻼﺭ ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ،ﻧﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﺭﯨﻢ ﻛﻪﻟﻤﻪﺩﻯ.
                   (ﻏﯧﺮﯨﭗ-ﺳﻪﻧﻪﻡ ﺩﺍﺳﺘﺪﻧﯩﺪﯨﻦ)
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ؛ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ
              ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ(1)
ﻳﯜﺯﯗﯕﺪﯨﻦ ﺭﻩﯞﺯﻩﺋﻰ ﺭﯨﺰﯞﺍﻥ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘﺭ،
ﻟﻪﺑﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﻪﺷﻤﻪﺋﻰ ﻫﻪﻳﯟﺍﻥ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘﺭ.
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﯘﺩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯔ،
(ﺋﺎ)ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﻪﺩ ﭼﻪﻧﺪﺍﻥ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘﺭ.
ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺟﯜﺭﺋﻪﻱ ﺗﺎﭘﻤﯩﺶ ﻟﻪﺑﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺗﻰ ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘﺭ.
ﺧﯧﻨﻪ ﺭﻩﯕﮕﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﯖﺪﻩ،
ﻳﺎ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺭﺩﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯘﺭ.
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﻪ  ﭼﯘﺑﺒﻪ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﻴﺶ،
ﻳﯜﺯﯛﯓ ﺋﺎﻱ ،ﻛﯜﺯﯛﯓ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘﺭ.
                    (ﺋﺎﺗﺎﻳﻰ)
               (2)
ﻫﻪﺭ ﭘﻪﺭﺩﻩﺩﯨﻦ ﺳﻪﺩﺍﻳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺭﻯ ﻳﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ،
ﻫﻪﺭ ﺯﻩﺭﺭﯨﺪﻩ  ﻫﻪﯞﺍﻳﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ.
ﻳﺎﻏﺪﻯ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﮕﻪ ﮊﺍﻟﻪ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ﻻﻟﻪ،
ﺗﯘﺗﻘﯩﻞ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﯩﻴﺎﻟﻪ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ.
ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺷﯩﻜﻪﺳﺘﻪ ﺷﯩﺸﯩﻪ،ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﺑﯩﺪﺍﺭﻯ ﭘﯩﺸﻪ،
ﺋﺎﻫﯩﻢ ﺋﻮﺗﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ  ﺷﻪﻣﺌﻰ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ.
                              (ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ)
                     (3)
ﺋﻮﺗﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﯩﻞ ﺳﻪﺭﯞﯨﻨﻰ، ﺋﻮﻝ ﻗﻪﺩﺩﻯ ﻣﻪﯞﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﻳﻪﻟﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﯩﻞ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺋﻮﻝ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﻯ ﮔﯜﻟﮕﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺳﻪﺭ-ﺳﻪﺭﻯ ﺋﺎﻫﯩﻢ ﺋﯧﺴﻪﺭ ﻏﻪﻡ ﺷﺎﻣﻰ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﺗﺎﻏﯩﻐﻪ،
ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﻧﭽﻪ ﺑﯘﺗﺎﻍ ﻫﺎﻣﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺗﻪﻟﺒﻪﻟﯩﻜﺪﯨﻦ ﯞﺍﻫﻜﻰ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺋﻪﻓﺴﯘﻧﺪﯗﺭ ﻣﻪﮔﻪﺭ،  
ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺋﻪﻓﺰﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﮔﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻪﺗﻞ ﺋﯩﺴﺘﻪﺑﺎﻥ ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺋﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ،ﺗﺎﯕﻼ ﺩﻩﭖ،
ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭ ﺑﯘ ﺋﯧﻬﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺗﺎﻧﻤﺎ ﮔﻪﺭ ﺩﻩﺭ ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺋﻮﻟﻐﺎﻳﻤﯘ ﭘﻪﺭﯨﻐﻪ ﺋﻮﻟﻜﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
                                 (ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ)[/center]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش