ئىگىلىۋېلىش پىسخىكىسى
ئىگىلىۋېلىش پىسخىكىسى مەندە ئېغىر،
شۇڭا دائىم بارلىق چىقىش يوللىرىنى ئەسەبىيلەرچە ئىزدەيمەن.
گاز تۇڭى، سوپۇن، سۇلياۋ قاپچۇق دېگەندەك نەرسىلەرگە ئۆچلىكىمدىن،
ئۆچلىكىمدىن-شۇڭا سېنى چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن يەيمەن!
يۈرىگىمدە يالقۇنجىغان چەكسىز نۇرنىڭ قارا سايىسى،
تېرەك بويلاپ ھاڭراپ چىقتىم مەھەللەم ئارا.
جىق گەپلەرنى دېگۈم بار ئىدى.. راسىت..
مەن بىر ھايۋان! كەچۈر، ئېھ، خۇدا!!!!
سۆز ياساش تېخنىكامنىڭ ناچارلىقىدىن مۇشۇ كۈنگە قالغان ئادەممەن،
پەقەت سېنى سۆيۈش ئۈچۈنلا.
ئېچىنىشلىق گۇگۇم پەيتىدىكى بۇ زېرىكىشلىك بۇ مىنۇتلاردا،
شېئىر بۇلۇپ تۈگىشەر دۇنيا!
مەنبە: ئۆزۈم