مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 6

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى نېكسوننىڭ«يورۇق بىنا ۋەقەسى»دىكى ئىسپات سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18529
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2182 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نېكسوننىڭ ‹ۋاتېرگېيت ۋەقەسى›(يەنى يورۇق بىنا ۋەقەسى)دىكى ئىسپات سۆزى ئاشكارىلاندى


1972-يىلدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا نىكسون سايلام رىقابىتى بەنزىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل جامىس مەكىد باشچىلىقىدىكى بەش كىشى، ئۆز رەقىبى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدىكى رىقابەت تاكتىكىسىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن، شۇ يىلى 17-ئىيون تۇرۇبا يولى ياسىغۇچىلارنىڭ قىياپىتىدە ياسىنىپ، ۋاشىنگىتوندىكى ۋاتېرگېيت سارىيىغا جايلاشقان دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىغا سۇقۇنۇپ كىرگەن. ئۇلار ئىشخانىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ، ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا نەق مەيداندىلا قولغا چۈشكەن. بۇ قېتىملىق سەتچىلىككە بەك چوڭقۇر ئارىلىشىپ كەتكەن نېكسون 1974-يىلى 8-ئايدا مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىستىپا بەرگەن تۇنجى پىرېزىدېنت بولۇپ قالغان.


ئاق سارايدىن ئايرىلىپ 10 ئايدىن كېيىن، يەنى 1975-يىلى 23-ئىيوندىن 24-ئىيونغىچە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى زاسېداتېللار ئۆمىكى كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تۇرالغۇسى ئەتراپىدىكى مەلۇم جايدا ۋاتېرگېيت ۋەقەسى ھەققىدە نېكسوننى سوراق قىلغان. ھىيلىگەر زېرەك نېكسون ئىلگىرى بۇنداق 11 سائەت داۋاملاشقان، 297 بەتلىك مەخپىي گۇۋاھلىق سۆزىنى مەڭگۈ ئاشكارىلانمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ھالبۇكى 2011-يىلى 29-ئىيۇل ئامېرىكىدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لويىس لەنبوس، سىتانلى كۇتىل قاتارلىق تارىخشۇناسلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاخىرى بۇ ئىسپات سۆزى ئارخىپىنى ئېچىشقا بۇيرىغان.


2011-يىلى 10-نويابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپخانىسى بىلەن نېكسون پىرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇ ئىسپات سۆزىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلار كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىشقا باشلىغان. ‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى› نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نىكسون مەكىد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ‹ئەخمىقانىلىق، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق› دەپ تەسۋىرلىگەن. مەلۇم بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىغاندا ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا: ‹ سىلەر دەۋاتقان بۇ ئىسىملار يادىمدا يوق، ئەگەر سىلەر مېنى بۇ ئىشتا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىساڭلار، مەن رازى! › دەپ ۋارقىرىغان.


ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى بەنزىسىدىكىلەرنىڭ رەقىبىنىڭ ئىشخانىسىدا ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغانلىقى توغرىلىق سۆز بولغاندا نىكسون زەھەرخەندىلىك بىلەن: ‹مەن زاسېداتىللار ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىزنى قاتتىق ئەدەپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ناھايىتى ئېنىقكى سىلەر ئىشتىن بۇرۇنلا مېنى خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن› دېگەن.


ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى ھالقىلىق 18 مىنۇتلۇق ئاۋاز يۇيۇلۇپ كەتكەن


ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسىدىن سىرت 1972-يىلدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا نېكسوننىڭ يەنە بىر سەتچىلىكى- ئامېرىكا دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنى ئۆزىنىڭ سايلام رىقابەتچىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جورج مەگىۋىننى تەكشۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىدۇر.


 سوت داۋامىدا، تەپتىش ئەمەلدارى زاسېداتېللار ئۆمىكىدىكىلەرگە نېكسوننىڭ قول ئاستىدىكىلەر تۈزگەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئىئانە توپلىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە نېكسوننىڭ مۇشۇ ئىش توغرىلىق مالىيە مىنىستىرى جورج شۇرس بىلەن ئالاقىلاشقانلىق ئىسپاتىنى تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق ساراينىڭ خاتىرە دەپتىرىدىكى ‹مەگىۋىننىڭ باج ماتېرىيالى› نىڭ مەزمۇنى قوشۇلۇپ، بارلىق ئىسپاتلار نىكسوننىڭ سايلام مەزگىلىدە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رەقىبىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىك گۇمانىنى ئىسپاتلىغان.


ھالبۇكى نېكسون بولسا بۇنداق تەرىپلەشلەرنى تەبىئىيلا رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت دېموكراتلار پارتىيەسىگە ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، بۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، مەگىۋىن ئەپەندىنى تەكشۈرتكۈزگىنىم يادىمدا يوق، مېنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىم پەقەت مەگىۋىنگە ئىئانە قىلغانلارنى تەكشۈرۈشلا خالاس» دېگەن.


  شۇ مەزگىلدە ۋاتېرگېيت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بابو خوتمەننىڭ ياردەمچىسى باتفېرىدمۇ نېكسوننىڭ 1971-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئاقساراي ئىشخانىسىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورناتقۇزغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئالاھىدە كومىتېت نىكسوندىن نېكسوندىن ئالاقىدار ئۈنئالغۇ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا ھەمكارلاشمايلا قالماستىن يەنە 1973-يىلى 20-ئۆكتەبىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئالاھىدە كومىتېتنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى كاۋكىسنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، بۇنىڭلىق بىلەن جىم تۇرغان ھەرە ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ، جامائەت پىكىرى نېكسوننى ئەيىبلەشكە ھەتتا ئۇنى گېتلىر بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.


  تەنقىدلەش سادالىرىغا قارىتا نېكسون جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتكەچ، يېقىنلىرىغا دەپ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى ئۆزىگە پايدىسىز مەزمۇنلارنى يوقاتقۇزغان. نەتىجىدە ئۇ تاپشۇرغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك ئۈزۈپ ئۇلانغان قالايمىقان ھالەتتە بولغان. ئارىدىكى بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1972-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاۋازغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا 18 يېرىم مىنۇتلۇق قىسىمى قۇرۇق ئىدى. كىشىلەر بۇ دەل نىكسوننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ۋاتېرگېيت ۋەقەسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەن ئۈنئالغۇ خاتىرىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان.


نىكسوننىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېيتقان ئىسپات سۆزىدە، ‹كاتىپ لوس ۋۇز ‹ئېھتىياتسىزلىقتىن› ئاۋازنى يۇيىۋېتىپتۇ، بۇنى بىلگەن ۋاقتىمدا بەك ئاچچىقىم كەلدى› دەپ چۈشەندۈرگەن.


 دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، گەرچە ئۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى يۇيىۋېتىلگەن قىسىمدا نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ياردەمچىسى ئالىكساندىر ھېگىلنىڭ ‹مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپرەك مەزمۇننى بىر تەرەپ قىلىۋەتتۇق› دېگەن سۆزى ھېلىھەم نېكسوننىڭ يادىدا.


 تەپتىش ئەمەلدارىغا تەھدىت سېلىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغان.


ئىسپات سۆزىدە نېكسون تەپتىش ئەمەلدارىنى ۋەزىپەڭدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىمەن، دەپ قورقاق سالغان، ھەمدە ئۆزىگە ۋە رىقابەتچىلىرىگە ئوخشاش كۆزدە قارىمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە ‹ئەگەر ماڭا ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپ بېرىشكە توغرا كەلسە، مەن چوقۇم ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ سېنى ۋاشىنگتون تاراتقۇلىرىدا سېسىتىۋېتىمەن ھەمدە جورجى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدىكى ھاكىمىيەت سەركىلىرىگە ئاشكارىلىۋېتىمەن. ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بالىلىرىڭنى ئويلاپ قوي، ئۇلار تارىخ ئارقىلىق سېنى تەنقىدلەيدۇ› دېگەن.


ئۇندىن باشقا، زاسېداتېللار ئۆمىكى يەنە نېكسوننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە بەش نەپەر دىپلوماتىيە ساھەسىدىن بولمىغان ئەمەلدارنى تەيىنلىگەنلىك ئىشىنى سوراق قىلغان. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىئانە توپلىغانلار ئىدى. زاسېداتېللار ئۆمىكىدىكىلەر ئۇنى مەبلەغنى ئىشلىتىشكىمۇ ئارىلىشىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان.


نېكسون بۇنىڭغا قارىتا دېمىقىنى قېقىپ قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىياسىي دەسمايىچى پۇل ئىئانە قىلغۇچى بىلەن بىرلىكتە باش ئەلچىلىك ئورنىنى مۇزاكىرىلەشسە بولىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەلچى بولۇشىغا ۋەدە بېرەلمەيدىكەن. ئۇ ‹مەن ئىلگىرى باشقىلارغا باش ئەلچىلىك ئورنىنى ساتقىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن› دېگەن. ئۇ يەنە ‹ئىلگىرى بىر قىسىم دىپلوماتىيە ساھەسىدە بولمىغان ئەمەلدارلار ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان، مەسىلەن بۇنىڭ ئىچىدە تىرومىن تەيىنلىگەن ليۇكسېمبۇرگتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بور خەسىتانى كۆرسىتىش مۇمكىن. خەستا ھەرگىزمۇ فىگۇرىسى چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ليۇكسېمبۇرگقا ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تۆھپىسى بار› دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغان. 


 يۇقىرىقىلار پەقەت نېكسوننىڭ ئىسپات سۆزىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تارىختىن بويان تۇنجى قېتىم سابىق پىرېزىدېنتنىڭ سۆزىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت مەزمۇنىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئويۇنلارنى خۇپىيانە تىڭشايدىغان تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت.


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 04:36 PM  


قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1641 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە .

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13851
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7310 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخقا ئۇيغۇرچە «يورۇق بىنا ۋەقەسى» دەپ پۈتۈلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  سىزگە مەنمۇ بىلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سايلام دىگەنگە سەل قارىغىلى بولمايدىكەندە !! ئۇزاق تەخىتتە ئولتۇرالماپتۇ  بىچارە باي قۇش

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئاشكارە بولىدىكەن، كونىلارنىڭ ئاينى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولماس دېگەن شۇ ئوخشايدۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش