مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 2

تارقىيا (داخىيەنزى) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79535
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تارقىيا (داخىيەنزى) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى

  نۇرمۇھممەت  توختى( مەرگەن )

                                             1-120501100Z5591.jpg


تارىخىي ئەسلىمەمنى تارقىيا ,ۋە يۈنچىخو، ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىنقىلاۋىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققان قومى-قىرىنداشلىرىغا بىغىشلايمەن. 1943-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، بۇ دەل بورتالانىڭ تالقان تۆكتى پەسلىنىڭ باشلىرى ئىدى.كىرىمبەگڭنىڭ (كىرىمبەك خەنزۇچە تىلغا ئۇستا ئادەم بۇلۇپ،بۈرىلا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۇسىڭتاۋنىڭ تەرجىمانى ئىدى ) ئۆيىگە يىراقتىن شەھەر ئاتلاپ بىر ياش مىھمان كەلدى- دە،ئۇنىڭ ئىشىكنى ئاستا چەكتى،ئاڭقىچە كىرىمبەگمۇ ئۈلگۇرۇپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئۇلار يۈزكۆرۈشكەندىن كىيىن،ھەر ئىككىلىسىى خۇددى قەدىناس دوستلاردەك چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرىشىپ كەتتى. مىھمان ئۆي ئىگىسىى تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى مىھمان قىلىپ كۈتىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئەتىسى كىرىمبەك مىھماننى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە باشلاپ بىرىپ  ئۇنىڭغا بۇ مىھماننى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ:
-بۇ مىھمان ئىلگىرى ئۈرىمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشىم ئابدىكىرىم ئابباسۇپ بولىدۇ دىدى.سادىق خۇيجاڭمۇ ئوخشاشلا (خۇيجاڭ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسىى)مىھماننى قەدىرلەپ   بىر ئاخشام ئوبدان مىھمان قىلىپ ئەتىسى سادىق خۇيجاڭ ئابدىكىرىم ئابباسۇپنى بۈرىتالادىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە تۇنۇشتۇردى  ھەم بۇ ئىزىز مىھماننى سادىق خۇيجاڭنىڭ دوس-بۇرەدىرلىرى قىزغىن قارشى ئىلىپ، ئىزىز مىھمان قاتارىدا 3 كۈن  مىھمان قىلىپ كۈتىۋالغاندىن كىيىن ئابدىكىرىم، ئۈي ئىگىلىرىگە رەخمەت تەشەككۈر بىلدىرىپ،ئۈرىمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى كىرىمبەگنىڭ ئۈيىدە يەنە بىر قونۇپ ئەتىسى ئىتىغا مىنىپ ئارشاڭ  ناھىيىسىگە يۈرۈپ كەتتى...
شۇ چاغدا  مەن سادىق خۇيجاڭ ئارقىلىق سوۋىت ئېتىپاقى بىلەن شىڭشىسەي ئوتتۇرىسىىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، ۋە ئۈرۈمچى،ئالتاي، (1943-يىلى ئالتايدىكى قازاق خەلقى ئوسماننىڭ يىتەكچىلىگىدە گومىىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن) غۇلجىدا بولىۋاتقان بەزى ئىشلاردىن ئازتۇلا خەۋەر تاپقان ئىدىم، 1943- يىلى 12- ئايدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۆيىدە ھەم ئۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن،مەمتىمىن باي،بارات پالۋان، قادىرەم، كىرىمبەگ،ئابدىريىم ياغاچچى،  تۇراربەگ، ئابلىزقارى، مەخمۇت سۇپى، روزى مىراپ ، سىڭگە(مۇڭغۇل) قاتارلىق ياشلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن بورىتالادا تۇنجى قېتىم «بورتالا يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى» قۇرىلدى.ھەم بۇ تەشكىلات قۇرىلىپ 10 ئاي ئىچىدە تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولغان ئادەم سانى كۈپىيىپ46غا يەتتىى  ،بۇ چاغدا بۈرىتالا يەرئاستى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن سادىق خۇيجاڭ،بارات پالىۋان ئىككىنچى قىتىم ئەزالىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بورتالانىڭ قاراتۇرۇق دىگەن يىرىدە مەخپى يىغىن ئىچىپ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىش،پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلام نەتىجىسىدە سادىق خۇيجاڭغا قول كۆتۈرگەن ئەزالارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولدى . بىراق سادىق خۇيجاڭ سايلامدىن ئىستىپا بېرىپ مېنىڭ ئورنىمغا بارات چىقسۇن دەپ چىڭ تۇرىۋالدى، ئاخىرى بىز تالاش-تارتىش قىلىپ بورتالايەرئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە،بارات پالىۋاننىى، پەخىرى رەئىسلىككە سادىق خۇيجاڭنى،  ئورۇنباسار رەئىسلىككە  ئابدۇريىم ياغاچچىنى، سايلاپ چىقتۇق. سادىق خۇيجاڭ،شۇ كۈنى نەق مەيداندىلا ئۈزىنىڭ ھەرۋاقىت  شەرىت -شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە تەشكىلاتنىڭ ئارقا سەپ قۇرال- ياراق ئوزۇق- تۈلۈك كىيىم-كىچەك ئىشلىرىغا  مەسئۇل بولىدغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى تەشكىلات رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئالدى بىلەن  غۇلجىدىكى  ئابىدىكىرىم ئابباسۇپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،شەرىت-شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە بىراقلا قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى بىكىتتى.بارات پالىۋان كىرىمبەكنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ئۇن تارتىۋاتقان ئىمىناخۇنىڭ تۈگمىنىنى قۇغداش سالاھىتى بىلەن تۈگىمەنگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ئىلگىرى تۈگىمەننى ساخلاشقا ئىۋەتىلگەن5  ئەسكەرنىڭ بىرسىنى خىزمەت ئىشلەپ ئۈزىگە مايىل قىلغاندىن كىيىن  ئىككىسىى بىرلىشىپ شەھەردىن چەتياقىدىكى تۈگىمەنلەرنى چارىلاپ چىقىپ ئىمىناخۇننىڭ تگىمىنىدە قۇنۇپ قالغان بىر ئىزۋۇت(بىرپەي) دۈشمەننىڭ بىر قول فىلىمۇتى بىلەن11  مىلتىغىنى تۇيدۇرماي ئىلىۋىلىپ،  تۈگىمەندىن غايىپ بۇلىدۇ. بارات پالىۋان ھلىقى ئەسكەر بالا بىلەن تۈگىمەندىن قۇراللىق قىچىپ چىققاندىن كىيىن غۇلجىدىكى‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى››نىڭ ئادەملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن  1944-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى تەشكىلات ئەزالىرىدىن تۇراربىك، توخسىنبىكلەرنى تاغ يولى ئارقىلىق ئىلىغا ماڭدىرىدۇ. بىراق ئالاقىچىلار يىرىم يولغا بارغاندا چارلاپ چىققان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە  تۇتۇلۇپ قىلىپ 1944- يىلى10- ئاينىڭ2-كۈنى تۇراربىك،بىلەن توخسۇنبىكلەرنى  ئارشاڭغا ھەيدەپ ئاپىرىپ جىڭلىق جۇگىچى مەسۇم تاران، تۇيجە(مۇڭغۇل)،جىڭلىق ياقۇپ تۈمۈرچى،ساۋۇت ناۋاي،ئارشاڭلىق ھاشىم سۇلتان، مۇراتېك(قازاق)، ئۆمەرباي، قوسمان (قازاق)، مۇزاقان، تۇرسۇن، قۇربان غالى (قازاق)، بۇرغاسىن (مۇڭغۇل)، قۇربانئەلى (قازاق)  قاتارلىق ھەرمىللەت ياشلىرى بىلەن قۇشۇپ 1944-يىلى 10 –ئاينىڭ 2- كۈنى ئارشاڭ تۈرمىسىگە     ئاپىرىپ قامايدۇ، ئارشاڭلىق ھاشىم سۇلتاننى، شۇ جايدىكى جامائەت بۇ ئادەم ئىلىشىپ قالغان، <ساراڭغا سوت يوق> دەپ سورىۋىلىپ ئۆلىمدىن ئامان قالىدۇ . ئارشاڭدا تۇرىۋاتقان گومىنداڭ قىسىملىرى تۇراربەك بىلەن نوخسىن بەكنى ئاكوپ پوتەي ياساش ئىشلىرىغا سىلىپ1944-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى يەنى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئارشاڭنى تاشلاپ بورتالاغا قاچقان كۈنى ئارشاڭ تۈرمىسىدىكى تۇراربىك،توخسۇنبىكلەرنى ئۈز ئىچىگە ئالغان  13بالىنى ئارشاڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن جۈجاڭى  xxxس بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىردىن چاقىرىپ  سىرىتقا چىقىقاندا مىلتىق بىلەن ھەممىنى ئىتىپ تاشلايدۇ.(شۇ كۈنىxx ئاتقان بىر پاي ئوق،بىر قازاق بالىغا چالا تەككەنلىگى ئۈچۈن  ئۈلىمدىن ئامان قالىدۇ). 1944-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى (بورتالا يەر ،ئاستى  ئىنقىلابىي تەشكىلاتى) نىڭ رەخبەرلىرىدىن بارات پالىۋان،ئابدىرىيىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ،ئابلىز قارى ، نۇراخۇن زەيدىن،لەر مەسلىھەتلىشىپ تەشكىلاتنىڭ مەخپى نامىنى قىسقارتىپ، ‹‹ ب   ئى ت›› ،    غا ئۈزگەرىتتى،بۇ قىتىملىق يىغىلىشتا   سادىق خۇيجاڭ، سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى-بۇلتۇر8 –ئايدا مېنىڭ ئۆيىمگە ۋە باشقا دوسلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە مىھمان بولۇپ كەتكەن ھىلىقى   يىگىت ئىسىڭلاردا بارمۇ؟ ھەممىمىز بىردەك ئىسىمىزدە بار دىدۇق، ئەشۇ يىگىتنىڭ بورتالاغا نېمە سەۋەپتىن كەلگەنلىگىنى سىلەرگە دىمىگەن ئىدىم.ئەمدى سىلەرگە سۈزلەپ بىرەي، ئەسلى ئۇ يىگىت غۇلجىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان « غۇلجا يەر ئاستى ئازاتلىق ئىنقىلابىي تەشكىلاتى›› نى تۇنجى قىتىم قۇرغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بولىدۇ. ئۇ شۇ قىتىم بورتالاغا گومىنداڭغا  قارشى ئىنقىلاپ ئۇرىقىىنى چاچقىلى كەپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام سۈھبەتلىشىپ شۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە مەملىكەت ئىچىدە بۇلىۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بۇلغان ئىدىم. ئەتىسىى ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنىم     مەمتىمىننىڭ (مەمتىمىن، سادىق خۇيجاڭنىڭ بىرتۇققان ئىنىسى بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بۈىتالادىكى يۇرىت-جامائەت ئىچىدە يۈز ئابرويى يۇقۇرى ئادەملەر ئىدى) ئۆيىگە، ۋە بىزگە ئوخشاش ئىنقىلاپقا تەشنا دوسلارنىڭ ئۆيىگىمۇ ئاپارغان ئىدىم.ئۇ ئارشاڭغا ماڭىدىغان چاغدا ماڭا غۇلجىدا قۇرۇلغان «ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ  مەقسەت مۇددىئاسىنى ئىچكى جەھەتتىن تەشۋىق قىلىشىمنى تاپشۇرۇپ  كەتكەن ئىدى، ئەمما شۇپىتى ئۇنىڭدىن خەۋەركەلمىگەن، بۈگۈن بىر خەۋەرچى ئۇنىڭدىن  جىددىي .    مەلۇمات ئىلىپ كەلدى، بۇگەپنى ئاڭلاپ يىغىندىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشىپ ئۇ بالىنى ھەجەپ ئۇخماپتۇق ھە؟ ئەسلى ئۇ ئابدىكىرىمكەن، ئەمەسمۇ ئۇ بىزنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىنقىلاپ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش   ئۈچۈن كەلگەنكەن ئەمەسمۇ  دىيىشىپ كەتتى.خەپشۈك مۆھتىرەم قېرىنداشلار تەشكىلاتىمىز قۇرۇلغاندىن بىرى ئىنقىلاۋبىي پائالىيەتلىرىمىزگە بىردەك ئۇيۇشۇپ،ئىنقىلاپ مەشئىلىنى بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەشنا ئىكەنلىكىڭلارغا بارىكاللا ئىيىتماي تۇرالمايمەن، ئەمما شەرت-شارائىت تۇلۇق پىششىپ يىتىلمەي تۇرۇپ ئالدىراپ ھەركەت قىلىپ قويساق خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك بىر ئىش قىلىپ قويىمىزخالاس. ھازىر مەن غۇلجىدىكى رەخبىرىمىز ،ئابدىكىرىم ئابباسۇپ،ئالاقىچىدىن ئىۋەتكەن خەتىنى،ئوقۇپ بىرەي-مۇختىرەم قىرىنداشلار سىزلەرگە  كۈپتىن-كۈپ سالام .  بۇلتۇرمەن 9-ئايدا غۇلجىدىكى ‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى››نىڭ  خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىنىمدا ئىشپىيۇنلارتەرىپىدىن پاش بولۇپ قىلىپ،ھاياتىم خەۋىپ-خەتەرگە دۇچ كىلىپ  قىلىپ،ۋاقتىنچە پاناھلىنىش،ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقىگە چىقىپ  كەتكەن ئىدىم. ھازىر غۇلجىدىكى ئىنقىلاپقا  قاتنىشىۋاتىمەن پات يىقىندا ئىلى پارتىزانلىرى بورىتالاغا يىتىپ  بارىدۇ، بۇ خوش-خەۋەرنى ئاڭلاپ پارتىزانلار ھۇررا توۋلاشتى خەپشۈك قىرىنداشلار  ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بىزگە- ئىلى پارتىزانلىرى ئارشاڭغا يىتىپ بارمۇغۇچە  سىلەر     پۇرسەت كۆتۈپ ئورنىڭلاردا جىم تۇروڭلار دەپتۇ  ھەم ئالاقىچىغا مۇشۇ سۈزنى جىكىلەپ قايتا-قايتا  تاپىلاپتۇ.بۇ گەپلەرنى ھەممىمىز ئاڭلاپ خوشللىقىمىزنى باسالماي يەنە ھۇررا   ھۇررا  دەپ  توۋلاشتۇق.
1945-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى سادىق خۇيجاڭ،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۈيىگە بارات پالىۋان،ئابدىريىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ، ئابلىز قارىى،بالاجى قاسىم قاتارلىق بارلىق‹‹ ب  ئى  ت›› نىڭ ئەرالىرىنى چاقىرتىپ،ھەممەيلەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن   كۈرىشىكەندىن كىيىن سالماقلىق بلەن سۈز باشلىدى،- ئۈتكەندە مەن سىلەرنىڭ ئوتتورىغا قويغان قوزغىلااڭ كۈتىرىشتىن، ئىبارەت يۈكسەك ئىرادەڭلەرگە قايىل بولغان ئىدىم، مانا بۈگىن پۇرسەت پىششپ يىتىلدى، سىلەرگە مانا بگۈۈن مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزگىلى كەلدىم.- ھازىر سوۋىت ئىتتىپاقى ئارقىلىق قورغاس  چىگىرىسىدىن ياردەمگە كىرىدىغان ئىسھاقبەك مونونوپنىڭ قۇراللىق  ئادەملىرى،غۇلجىغا كىرىپ ھەرەمباغدىكى كومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئىلىپ ئۇلارغا شىددەت بىلەن زەربە بىرىۋاتىپتۇ،ئىلىدىن بۈىتالاغا  كىلىدىغان پارتىزانلامۇ بۈكىن كەش  ئارشاڭغا تىگىش قىلىدىكەن بىزنى بۈگۈنلا   سانتەيگە يىتىپ بىرىپ ئۇيەردىكى ئىلى پارتىزانلىرىگە ماسلىشىپ گومىنداڭنىڭ جىڭدىن غۇلجىغا ئەسكەر يۈتكەۋاتقان ئاپتومۇبىللىرىغا زەربە بىرىشنى تاپشۇرۇپتۇ ھازىر ئۇرۇشقا ئاتلىنىسىلەردەپ 46 پارتىزاننىڭ ھەممىسىگە  بىردىن چەكمەن چاپان تارقىتىپ بىرىپ، جىڭ ۋە بۈرىتلادا‹‹بالا مەرگەن››دەپ داڭقىسى چىققان  ئاتاغلىق مەرگەن نۇراخۇن زەيدىنگە،بىغىشلىغان بىر گىرمانكا مىلتىقنى ساندۇقتىن ئىلىپ- ئەمدى سىاڭا پۇرسەت،كەلدى دەپ 500 تال ئوقى بىلەن ئۇنىڭغا  سۇنۇپ تۇرۇپ  قىرىندىشىم‹‹ ناۋادا ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بۇلۇپ قالسا غانجۇبىغىدا كۈرىشەرمىز››دىدىدە پارتزانلارغا قاراپ- مۇختەرەم قىرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللادىن نۈسىرەت تىلەيمەن قەدىمىڭلار خەيىرلىك بولسۇن  دەپ دۇئاغا  قول كۈتىردى.بىزمۇ بۇ سۈيىملىك رەخبىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۈزىمىز قىيمىغان ھالدا ئاتلىرىمىزغا مىنىپ سانتەي تەرەپكە يۈرىپ كەتتۇق.
1945-يىلى2-ئاينىك19-كۈنى يەنى چاغاننىڭ 15-كۈنى) بارات پالىۋان،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۈيىدە،مۇئاۋىن رەخبەر ئابدىريىم ياغاچچى، مۇشاۋىرلاردىن( مەسلىھەتچلەر) ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىنلەر، بىلەن كىڭىشىپ سادىق خۇيجاڭنىڭ سوۋىت ئىتىپاقىدىن سىتىۋالىدىغان قۇراللارنىڭ(شۇ چاغدا سوۋىت ئىتپاقىگە 80 قوي، ياكى ياراملىق بىر ئات ئۈتكىزسەك 500 تال ئوقى بىلەن بىر گىرمانكا مىلتىق  بىرەتتى )ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سادىق خۇيجاڭغا ئادەم ئىۋەتەيلى دەپ تۇرساق،
تەرجىمان كىرىمبەك خەۋەرچىدىن مۇھىم بىر مەلۇماتىنى كىرگۈزدى ،خەتتە؛دۈشمەننىڭ  مۇنداقبىر پىلانلىغان سۈيقەسىتتى يىزىلغان ئىكەن؛گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى خۇ 2-ئاينىڭ19-كۈنى ناھىيەنىڭ ھاكىمى شۇسۇڭتاۋنىڭ ئىشخانىسىغا تۈۋەندىكى ئىسمى ئاتالغان ئەمەلدارلارنى باشلاپ كىرىپ ،مۇئاۋىن ھاكىم خەنشۇسەن، ساخچى باشلىقى ۋۇياڭ، ناھىيىلىك گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن رىۋەن، ھاشىموپ،ساخچى ئىدارىسىنىڭ شۈنگەنى ياسىنلار بىلەن مەخپى يىغىن ئاچتى؛ يىغىننىڭ مەزمۇنى مۇنداق،ئۇلار ئۈزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئوسال  ئەھۋالغا جۈشىپ قالغانلىقىنى ئىتراپ قىلىشىپ ھۈڭگىرەپ يىغلىشىپ كەتتى،بۇ مەخپى يىغىنغا قاتناشقان گومىنداڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى كەلگۈسى  تەغدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىشىپ، ئالدىنقى فېرونت (سەنتەي، سىتەي، ئۇتەي،ئاچال، ) تەرەپتىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى پارتىزانلىرى تەرىپىدىن يىڭىلىپ جىڭ ناھىيىسىگە چىكىنىپ كەتكەنلىگى،جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى يىقىندا جىڭ پارتىزانلىرى تەرىپىدىن پارتىلىتىۋىتىلگەنلىگى ھەم جىڭ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تىلپون سىم يوللىرىنىڭ ئۈزىلگەنلىگى ۋە جىڭغا بارىدىغان  قاتناش يوللىرىنىڭ ئۈزلىرى ئۈچۈن قولايسىز ئىكەنلىگىنى، بۈكە يامۇلىغا قامىلپ قالغان ج پالكوۋنىكنىمۇ، قورشاۋدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ھىچبىر ئۈمۈت قالمىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشىپ بىر-بىسىگە  زارلىنىپ يىغلاشتى.نىجاتلىق يۇلى ئىزدەپ، تلاش-تارتىش قىلىشىپ ئاخىرىدا ئۈزلىرىنىڭ نىجاتلىق يولى جىڭ ياكى تارقىياغا قىچىپ،بىرىۋىلىشنى ئەڭ ياخشى تەەدبىر دەپ بىلىپ، قىچىشنىڭ يۇشۇرۇن پىلانىنى تۈزىشپ،گۇمانلىق دەپ قارىغان تۈۋەندىكى كىشىلەرنى ، بۈرىتالا    ناھىيىلىك ھۈكىمەت ئەمەلدارى لىدۇسەن ئۈزى شەخشەن سۈيقەست  پىلانلاپ، ئەل     جامائەت ئىچىدە ئالاھىدە يۈز ئابرويى بار تۈۋەندىكى تىزىملىك بويىچە، ھاشىمباي، قوسمانىيە (قازاق) ھىمىتھاجى،ئۇلۇق شاڭيۇ، قاسىمقان (قازاق)، شىڭگە (مۇڭغۇل) شىرموللا، ئوسمانباي، قاتارلىق12ئادەگە 2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت.004 دە سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە يىغىلىڭلار جىڭدا ئىچىلىدىغان يىغىن بار دىگىنى يالغان. ئۇ 12ئادەم  بىلەن سادىق خۇيجاڭنى قەتلى قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ،دەرھال قىچىپ قۇتۇلىڭلار››دەپ ئىنىق يازغان ئىكەن.  1945-يىلى2-ئاينىڭ19 -كۈنى. بۇ مۇھىم ئاخباراتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بۇلغان بارات پالىۋان دەرھال تەدبىر قۇللىنىپ ۋەقەنىڭ ئالدىنىى ئىلىش ئۈچۈن، ئابدىريىم ياغاچچى،   ،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن،ئابلىز قارىلار بىلەن كىڭىشىپ ھەركەتكە كىلىدۇدە؛ بۈرىتالادىكى جامال ئاخۇننىڭ تۈگمىنىدە پارتىزانلارغا جىددى يىغىن ئىچىپ، بۈرىتالادىن، تارقىيا، يۈنچىخو، جىڭ، قاتارلىق جايلارغا  تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللاردىكى  كۈۋرىكلەرنى تامامەن پارتلىتىپ(شۇقىتىملىق كۈۋرىك پارتلىتىش ئۇرىشىغا بايچۇرىننىڭ(تاتار)    پارىتلىتىش دورىسى بىلەن نەمىنلىشى ئارقىسىدا، توختى مەرگەن باشچىلىغىدىكى جىڭ پارتىزانلىرى جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى ئوڭۇشلۇق پارىتلىتىۋەتكەن) تىلىفون سىملىرىنى ئۈزىپ تاشلاپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۈتىدىغان يوللارنى قامال قىلىپ دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بىرىش بۇيرىقىنى چۈشىرىدۇ. شۇ كۈنى تەرجىمان كىرىمبەك يۇشۇرۇن ھالدا يەنى2-ئاينىڭ19-كۈنى ئۈزىگە كىلىدىغان خەۋىپ-خەتەرگە قارىماي، تۈن يىرىمدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە بىرىپ،ئۇنىڭ ئىشىگىنى چىكىپ ئويغىتىپ،‹‹ ئەتە مائاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ جىڭغا يىغىنغا بارىمىز دىگىنى يالغان،ئەتە كومىنداڭچىلار بۈرىتالادىن پۈتۈنلەي قاچىدۇ، چۈشتىن كىيىن سائەت تۈتتە سىزنى ھەم ئۈيىڭىزگە چۈشكەن مىھمانلىرىڭىزنى قوشۇپ قەتلى قىلماخچى بولىۋاتىدۇ دەرھال  قىچىپ قۇتۇلۇڭلار›› دەپ قۇيۇپلا قورادىن تىز چىقىپ كىتىدۇ.سادىق خۇيجاڭنىڭ سارىيىدا ئەتىكى جىڭدا ئىچىلىدىغان يىغىنغا بارىمىز دەپ ھىچ ئىشتىن خەۋىرى يوق بەخۇدەك ئۇخلاۋاتقان ۋەكىللەر ئەتىسى ئەتتىگەندىلا بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ،كىتىدۇ. بارات پالىۋانمۇ،شۇ كىچىسى سادىق خۇيجاڭغا ئاتايىن ئادەم ئىۋەتىپ؛قىرىندىشىم دۈشمەنلەر2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن ساەت00 .4 دە سىزگە ھەم ئۈيىڭىزدىكى بارلىق مىھمانلىرىڭىزغا قەست قىلماخچى بولىۋتپتۇ  ھزىر بىز جامال ئاخۇننىڭ تۈگىمىنىدە سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتىپ تۇرىۋاتىمىز  ئەھۋال خەتەرلىك ئىكەن تىزىراق يىنىپ چىقىڭ،›› ؛دەپ خەت كىرگىزگەن بولسىمۇ قانداقتۇر سادىق خۇيجاڭ،بۇ شۇم خەۋەرگە بىپەرۋالىق قىلىپ، مىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بار سۈيقەستتىن ئاگاخ بۇلۇشنىڭ ئامالىنى (ئويلىشىپ قويدۇم دەپ بىپەرۋالىق قىلپ خەۋەرچىنى نائۈمىت قايتۇرىدۇ. 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5.00 دە بۈرىتلادىكى گومىنداڭنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مۇئاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ  قۇماندانلىقىدا 0 50دەك ئەسكىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىگىدە جىڭغا قاچىدۇ لىكىن دۈشمەنلەر ئويلىمىغان يەردىن جىڭ كۈۋرىگىنى پارتىزانلار ئاللاقاچان پارىتلىتىۋەتكەنلىگىنى كۈرىپ ئارقىغا قىچىپ تارقىياغا بىرىۋالىدۇ.ئەتتىگەندىلا خۇ سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ھۇدىقۇپ قىچىۋاتقانلىقىنى كۈرگەن سادىق خۇيجاڭ تىخىمۇ`  گۇمانلىنىپ ئۈزىگە كىلىدىغان خەۋىپ-خەتەرنى تۇيۇپ يىتىپ دەرھال ئۈيىنىڭ  باغ تەرىپىدىكى ئات ئىغىلىغا يانداش سىلىنغان يەم خەشەك ئۈيىگە كىرىپ تۈمۈر ئارىنى قۇلىغا ئىلىپ   كەش سائەت تۈت يىىرىمغىچە مۈكىنىپ ئولتۇرىدۇ ئاخىرى ئۇ ھىچگەپ يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلااپ ئۈيىگە كىرىپ كەتمەكچى بۇلۇپ بىغىدىن ئاتلاپ ھويلىسىغا كىرگەندە ،رىۋەن دەرۋازىدىن مىلتىق تۇتقان ھالدا ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ھەم ئۇنى ئاتماخىچى بولىدۇ، سادىق خۇيجاڭ، ئۇنىڭدىن چاققان كىلىپ رىۋەننى ئاستىغا بىسىۋىلىپ، ئۇرىۋاتقاندا ،دەل شۇنىڭ ئۈستىگە لىدۇسەن كىرىپ قىلىپ سادىق خۇيجاڭنى  مىلتىق بىلەن ئىتىپ ئۈلتىرىۋىتىدۇ. شۇكۈنى بارات پالىۋاننىڭ 46پارتىرانى داخىيەنزىگە تۇتىشىدىغان بارلىق  يوللاردىكى كۈۋرىكلەرنى پارتلىتىۋىتىپ يولدا يۇشۇرىنىپ يىتىپ داخىيەنزىگە قىچىۋاتقان  دۈشمەنگە ئالدىدىن تۇيىقسىز زەربە بىرىپ ئۈچ مىلتىق بلەن10گىرانەتنى ئولچا ئالدۇق. ھەمدە قاچقان دۈشمەننى  بۈرىتالانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى باراتنىڭ قورىغىغىچە قوغلاپ بىرىپ، ئاتلارنى دەم ئالدۇرۇپ ئولتۇرساق، داخىيەنزى،تەرەپتىن نۇراخۇن سادىق، ئابدىقىيۇم، ھاشىم ياغاچچى، تۇرسۇن ياقۇپ، (تۇرپانلىق ساتىراش بالا ئىدى) ئىسمايىل پەتەك، قۇتلۇق شەمشى(يىتىمچى بالا ئىدى) ، تاجاخۇن ئەمەت،(1) قۇپپاخۇن ، ھىلىم تامچى، مەھەممەت قاراجى، جىڭلىق ئىسمايىل تۈگىمەنچى، قاتارلىق10ئادەم، ئۈزلىگىدىن پىدائىي بولۇپ سىيىمىزگە قۇشۇلدى. ئۇقۇشىمىزچە ئۇلار  1944-يىلى12 –ئايدىكى قاچ-قاچتا گومىنداڭ ئارمىيىس تەرىپىدىن سەيسىگە تۇتىلىپ قىلىپ،تارقىياردىكى كومىنداڭ ئارمىيىسىىە ئوت-سامان، ئوتۇن-ياغاچ تۇشۇش ئىشلىرىغا ساپتۇ،بۈگۈن ئەتتىگەن ئۇلارنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بۇ جايغا ھەيدەپ كىلىپ، پارتىزانلار كىسىۋەتكەن تىلىپۇن سىملىرىنى ئۇلىتىۋاتقاندا، بۈرىتالا پارتىزانلىرىنى  كۈرىپ قىلىپ  تارقىياغا قاچقان ئىكەن، بۇلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىز تەرەپكە قىچىپ كەلگەن ئىكەن. بىز مۇشۇ ‹‹باراتنىڭ قورىقى›› دەپ ئاتىلىدىغان چايدا  15 كۈن تۇرغاندىن كىيىن.بارات پالىۋان، ئابدىريىم ياغاچچى،ئىمىن  پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن،قاتارلىق رەخبەرلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ خەنزۇ تىلىنى ئاز-تۇلا بىلىدىغان تاجاخۇندىن، دۈشمەن تەرەپكە ‹‹ بىزگە تەسلىم  بۇلۇڭلار››دىگەن مەزمۇندا خەت: پۈتۈپ، ئەلچىلىككە  ماڭدۇردى.  لىكىن تاجاخۇن شۇ كىرىپ كەتكەنچە جىم-جىتلا يوقاپ كەتتى.بارات پالىۋان تاجاخۇننىڭ  12كۈنگىچە  ئىزدىرەكسىز  يۇقاپ كەتكەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ دەر غەزەپكە كەلدى- دە: ھۇ   ئاناڭنى لومۇدى گۇيلار  ئەلچىگە ئۈلۈم يوق تۇرسا تاجاخۇننى نىمە قىلدىڭ دەپ ئۈزىگە-ئۈزى كايىپ كەتتى.
1945-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى  ئەتتىگەنلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بولۇپ تۇرساق،  بارات پالىۋان –مۇختەرەم قىرىنداشلار بۈگىن بىز دۈشمەنگە ئۈزىمىزنى بىر تۇنىتىپ قۇيايلى دەپلا  ئىتىڭلارنى تۇقۇپ تەييار بۇلۇڭلار دەپ چەبداسلىق بىلەن ئىككى ماۋزۇرنى بىلىغا قىستۇرغان پىتى ئىتىغا مىندى.پارتىرانلارنىڭ جەڭگىۋار ھالىتىنى كۈرگەن بۈرىتالالىق   70 ياشلىق بوقانكاممۇ- مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە كىرەي دەپ ماڭغان  ئىدى  بارات پالىۋان –بوقاڭكا سىز ياشىنىپ قالغان ئادەم ئۇيەرگە بارماڭ دىگەن بۇلسىمۇ ئەمما بوقانىكام بارىمەن دەپ  چىڭ تۇرىۋالغاشقا تۇسۇپ قالالمىدۇق .شۇ كۈنى بىز دۈشمەننىڭ مۇداپىئەدە تۇرىۋاتقان، 2000 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئارمىيىسىگە جەڭ ئىلان قىلىپ56 پارتىزان باراتقا ئەگىشىپ تارقىياغا  ئاتلىق ھۇجۇم بىلەن كىردۇق.دەسلەپتە گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ھەيۋە كۈرسىتىش مەخسىتىدە ئۇلار كۈرگىدەك يەردىن داخىيەنزىنى ئايلىنىپ ئات چاپتۇردۇق، گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىزكە ئوق چىقارماي جىم تۇرىۋالدى،كەش بولغاندا بىزگە قارىتىپ پىلىمۇت ئاتقان ئىدى بىزگە ئەگىشىپ چىققان بوقاخۇنكەمنىڭ كارنىيىگە ئوق تىگىپ، شۇيەردىلا شىھىت بولدى. شۇ كۈنى بىز كەشلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بۇغاندىن كىيىن بارات پالىۋان،تۇيۇقسىزلا بىزگە بۇيرۇق چۈشىرىپ تارقىيارنى  ساخلاپ ياتقان2000دىن ئارتۇق تولۇق قۇراللانغان كومىنداڭ ئارمىيىسىگە يۇشۇرۇن تىگىش قىلىپ كىرىمىز دەپ   تۇرىشىغا،خەۋەرچى كىلىپ- بارتىكا جىڭلىق توختى مەرگەن، دىگەن بالا سىزبىلەن كۈرىشىمەن مۇھىم گىپىم بار دەيدۇ دىدى.بارات پالىۋان-كىرسۇن دىگەندىن كىيىن،  توختى (مەرگەن)ئىككى ئادىمىنڭ ھدمرالىقىدا بارات پالىۋان،بىلەن كۈرىشپ تىشلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن،ئىككەيلەن قىزغىن سۈھبەتلىشىپ كەتتى،  سۈھبەتلىشىش جەريانىدا نوختى مەرگەن  بارات پالىۋاننىڭ بۈگۈن كىچە دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا يۇشۇرۇن تىگىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن قىيىن.-بارتىكا بۇيەردىكى دۈشمەننى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بۇمايدۇ يەنە كىلپ دۈشمەننىڭ جىڭدىكى كۈرەشچى ئايرىپىلانلىرى كۈندە بىر قىتىم  كىلىپ تارقىيانى چارلاپ تۇرىۋاتىدۇ  شۇڭا بۈگىن دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا تىگىش قىلىش پىلانىڭىزدىن ۋاز كىچىپ، ۋاختىنچە15-20كۈن تەخىر قىلىڭ  ئىپى كەلگەندە ھممىمىز بىرلىشىپ بىراقلا تىگىش قىلايلى، ئۇرۇشنىڭ بىرى جەڭ، تۇققۇزى رەڭ، دىگەن گەپ بار دەپ  مەسلىھەت بەرى. ئەمما بارات پەلىۋان،ئۈزىنىڭ پىلانىدا   چىڭ تۇرىۋىلىپ توختىمەرگەننىڭ مەسلىھەتىگە قۇشۇلمىدى.  توختى مەرگەن،ئەمدىلا 27-28 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بوز يىىگىت بۇلۇپ تۇرىقىدىن تولۇپ-تاشقان`غەيرەت-شىجائىتى`ۋە`ئەقىل-پاراسىتىى بىلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ`قۇل ئاستىدا`قۇراللىرى`سەرخىل ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، قازاق، مەرگەنلەردىن تەركىپ تاپقان 25 نەپەر چىۋەر- چەبدەس ئادەملىرى بۇلۇپ، بۇلار كىچىگىدىنلا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ياشلار  ئىدى.  بۇلۇپمۇ مۇشۇ پارتىزان ئەتىرىتىنى تەشكىللىگەن توختى (مەرگەن)،بىلەن قۇۋان (مەرگەن)، كومىنداڭ ھۈكىمىتى 1944-يلى6- ئايدا جىڭ ناھىيىسىدە تۇنجى قىتىم ئاچقان‹‹زىۋىدۈي›› ئۈزىنى-ئۈزى قوغداش خەلىق ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرىش نامىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي تەلىم - تەربىيە  كۇرسىغا  قاتنىشىپ ھەربىي ئىلىم جەھەتتە ئاز-تۇلا ساۋاتلىق بۇلغان بالىلار  ئىدى. بۇ مەرگەنلەر  كىيىنكى چاغلاردا  تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بۇلغاندىن كىيىنمۇ خەلىق ئىچىدە  ئۇلارنىڭ نامى ھازىرغىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە.  مەسىلەن توختى(مەرگەن)، يۈسىپ(مەرگەن)، ئەمەت(مەرگەن)، نۇۋا(مەرگەن)، گەجۇ(مەرگەن)، مۇڭغۇل، قۇۋان(مەرگەن)،كۈكىرچىنلىك سۇلتانبىك ( مەرگەن)،  8 ئۈيدىكى روزەم (مەرگەن)، قاتارلىقلار توپلاشقان  بۇلۇپ كۈپىنچە ئاچالنى بازا قىلىپ تۇرۇپ جىڭ،تارقىياردىن،  چىققان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە تاغ ئىچىدە يۇشۇرىنىپ تۇرۇپ  تۇيۇقسىز زەربە بىرىپ كەينىگە چىكىندۈرەتتى. توختى(مەرگەن)شۇ كۈنى بارات پالىۋان بىلەن  بىرلىشىپ  كىتىش مەخسىتىدە ئاتايىن باراتنىڭ قورىقىغا بارغان ئىكەن،بىراق بارات پالىۋان، تارقىياغا تىگىش قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن توختى مەرگەن ،تارقىيادىن قايتىپ چىقىشقا مەژبۇر بۇلىدۇ.ئۇ قايتىپ چىقىۋاتقاندا، تاشبۇلاقتا  تۇرىۋاتقان، قىرىقتەك قىزاي پارتىزانلىرىنىڭ ئاتامانى ئىلياس ئاقىلاقچىغا ئۇچىراپ قىلىپ توختى (مەرگەن) دىن-سەن قاياقتىن كىلىۋاتىسەن؟دەپ سورايدۇ توختى مەرگەن- سۈزىنى قىسقارتىپلا بارتىكامنى تارقىياغا كىرىپ ئۇرۇش قىلىشىتىن تۇسۇپ قالالماي  قايتىپ كىلىۋاتىمەن دەيدۇ. ئۇ ئادەم تارقىيارغا قاچان تىگىش قىلىمەن دەيدۇ؟ دەپ سورايدۇ ئىلىياس ئاقىلاقچى توختى(مەرگەن)دىن- ئۇ   ئادەم  بۈگۈنلا تارقىياغا تىگىش قىلىمەن دەيدۇ. بەلكىم ئۇلار بۇ چاققىچە قازاق مەكتەپكە برىپ  بۇلغاندۇر دەپ  نىمانچىلا كاژلىق قىلىدىغاندۇر؟ ئۇ ئادەم دەپ بىر شۇملىقنى سىزىۋالغاندەڭ ئۇھ... تارتىدۇ. ئىلياس ئاقىلاقچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ- ۋاي باي ئاقساقال بارتىكە ئوتلاپتىغوي(ئىزىپتۇ)،ئول كىسىنى ئۆزۈم بارىپ تۇسۇۋالامىن دەپ دەرھال ئىتىغا مىنىپ،قول ئاستىدىكى   قۇراللىق  بەش پارتىزانىنى ئەگەشتۈرۈپ قازاق مەكتەپ تەرەپكە ئىتىنى چاپتۇرۇپ كىرىپ كەتتى. ئىلياس ئاقىلاقچى، قازاق مەكتەپكە يىتىپ كەلگەندە ئەپسۇسكى  مەكتەپ ئىچىدىن  ئاتلارغا قوراۋاتقان  بىر پارتىزان بلا چىقىپ،-باراتكام تارقىياغا پارتىزانلار بىلەن كىرىپ كەتكىلى بىرەر سائەت بۇلۇپ قالدى دىدى.-ھايىت دىگىناي (ئىسىت) كىشىگىپ قاپتىمەنغۇي،سول قاپاغىم تارتىپ چاتۇر،ھاي....جامان بولدى.قايران جىگىتتەردى قۇداي  ساقتاسىن،دەپ قوشۇمىسىنى تۈرىپ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن قەئىي نىيەتكە كىلىپ (شۇ چاغدا  بارات پالىۋان  قازاق مەكتەپتىكى پارتىزانلارنىڭ ئاتلىرىغا قاراش ئۈچۈن ياسىن دۇختۇر،ماخمۇت سۇپى،....قاتارلىق پارتىزانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.) قاتمۇ – قات پوتەيلەر سىلىنغان دۈشمەن ئۇگىسىغا 5 پارتىزانى بىلەن بارات پالۋانغا، يىتىشىۋىلىش ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي ئىرىق ئىچىدە ئۈمىلەپ مىڭىپ دۈشمەننىڭ بارگاھىغا شامالدەك كىرىپ كىتىدۇ.دەل ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى ئىككى بوتەي ئارىلىغىدىن ئۈتىۋاتقاندا  ئىرىقنى تۈزلىۋەتكەن جايغا دۇچ كەپقىلىپ تىز ئۈتىۋاتقاندا،دۈشمەن پىلموتچىكى يىقىندىن كۆرۈپ قىلىپ، ئۆمىلەپ مىڭىۋاتقان پارتىزانلارغا فىلىموت بىلەن ئوق ياغدۇرۇپ ئىلىياس ئاقىلاقچى قاتارلىق 5 پارتىزاننى بىراقلا قىرىپ تاشلايدۇ.  ( ئىلگىرى دۈشمەنلەر پارتىزانلار قۇربان بولغان جايدىكى ئىرىقنىڭ قىرلىرىنى  ئالدىن-ئالا تۈزلىۋەتكەن بۇلغاشقا دۈشمەنلەر پارتىزانلارنى، كۈرىپ قالغان ئىكەن ) شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە يەنى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەن بارات پالىۋاننىڭ قوماندانلىقىدا ئاتلارنى قازاق مەكتەپكە يوشۇرۇپ قۇيۇپ    داخىيەنزى ساخچىخانىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىن يۇشۇرىن، ئۈتىپ (ھازىرقى داخىيەنزى بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى كونا خاممالنىڭ ئورنى)دۈشمەن پوتەيلىرىگە يىقىنلاشتۇق، دۈشمەن خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەكلا جىمجىت ئىدى.پەقەتلا يىراق كەنىتلەردىكى ئىگىسىز قالغان ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. خۇددى دۈشمەننى بىرسى سىھىرلەپ قويغاندەكلا ئىدى. بىرىنچى پوستىنمۇ تىنىچ ئامان ئۈتىپ كەتتۇق.  بىزدە ھىچقانداق قورقۇنۇش يوق ئىدى. بىز ئۆمىلەپ ئازراق ئىلگىرلىگەندىن كېيىن بىر دېھقاننىڭ تاشلاپ كەتكەن قورۇسىغا كىردۇق.قورۇنىڭ ئىچىدە قاتار كەتكەن 12 ئىغىزلىق ئۆي بارئىكەن. بىز مۇشۇ قورۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن ئىلىشماقچى بولدۇق-دە، ئۆي ئىچىگە كىرىپ دۈشمەن تەرەپتىكى تامنى نۇراخۇن ئىككىمىز مىلتىق  ئىشتىگى بىلەن سانجىپ تۈشىك  ئاچتۇق.   ئازراق تۈشۈك ئىچىلغان ئىدى بىر پاي ئوق تۈشۈكنىڭ قىرىغا تىگىپ چاچراپ چىققان توپا كۆزۈمگە كىرىپ كەتتى دە ئوڭ كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم. نۇراخۇن زەيدىن ھەي بالىلار تۈشۈك ئۇتتۇرىدا تۇرماڭلار دەپ تۇرىشىغا تالىۋاخۇن دېگەن جىڭلىق بالا ھىچگەپ يوققۇ دەپ  يىقىن كىلىشى بىلەنلا دۈشمەن تەرەپتىن  ئاتقان بىر پاي  ئوق  ئۇنىڭ پىشانىسىگە تىگىپ جىنىنى ئالدى . دۈشمەنلەر،ئاخشام تارقىيانى ئايلىنىپ ئات چاپتۇرغانلىقىمزدىن  گۇمانلىنىپ  بۈگۈن كىچە بىزگە تىگىش قىلىشى مۈمكىن دەپ تەييارلىنىپ،تۇرغاندا بىز ئۇلارنىڭ بارگاھىغا كىرىپ قاپتۇق،دۈشمەنلەر قورشاۋنى بارغانسىرى كىچىكلىتىپ بىزگە        قارىتىپ ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى . ئاڭقىچە بىز كىرگەن ئۆينىڭ ئەڭ چىتىگە ئوت قۇيىۋەتتى. تەلىيىمىز كاژ كىلىپ، دۈشمەن تەرەپتىن شامالمۇ بىللە كېلىپ ئوت تىخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتتى.بىز بۇ قورۇدىن پاناھلىنىش ئەمەس ئەمدى جاننى ئالقانغا ئىلىپ يا-ئۈلىم-يا-كۈرىم دەپ قورشاۋدىن بۈسىپ چىقىپ كەتمەكتىن باشقا ھىچ ئىلاجىمىز يوق ئىدى،ھممىمىز بۇ جايدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىپ كىتىش ئۈستىدە باش قاتىراتتۇق. دۈشمەنلەر تىخىمۇ غالجىرلىشىپ پىلمون،مىنامىيوتلىرىنى ئىشقا سىلىپ،يەنە  مۆلدۈردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. كەينىدىن مىنامىيۇت ئوقلىرى قورۇ ئىچىگە چۈشۈپ پارتىلايتى .ئەنە ئەشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە بارات پالىۋان ھويلىغا چۈشىپ پارىتلىغان مىنامىيوتنىڭ  پارچىسى تىگىپ ئوڭ قۇلى زەخمىلەندى، يىقىن كىلىپ ئۇنىڭ يارىسىنى تىڭىپ قۇيۇش ئۈچۈن دالدا بولغىدەك جاي تاپالماي قورۇ ئىچىدىكى بىر گەمىنى ئۇچرىتىپ قالدىمدە(دېھقانلار تاشلاپ كەتكەن ئورىكەن) بارات پالىۋاننى گەمىگە چۈشىرىپ، بىلىگىدە تۇرۇپ قالغان مىنا پارچىسىنى تارتىپ چىقىرىۋىتپ ئاۋايلااپ تىڭىپ قويدۇم.ئاڭغىچە ئىمىن پەرەڭ،مۇ كەينىمىزدىن كىرىپ- يائاللا بارات ئويلاشمايلا كىرىپ قاپتۇق بى ئەجەل ئۈلىپ كىتەرمىزمۇ؟دىدى. مەن ئورىدىن چىقىپ يەنە نۇراخۇننىڭ يىنىغا بارسام،ئۇ يەنىلا دۈشمەننى يىقىن كەلتۈرمەي مىلتىغىنىڭ زاتۇرىنى قايرىپ ئىتىۋاتقان ئىكەن نۇراخۇن ناھايىتى داڭلىق مەرگەن بولغاچقا دۈشمەنگە ئاتقان ئوقى ھەرگىز زايا كەتمەيىتى – دە دۈشمەننى دۇمىلاتقاندىن كىيىن ئوق ئاتقان تۈشىككە ئۈزىنىڭ  تۇمىقىنى تۇتۇپ بىرىپ خۇددى بىر ئادەم تۈشىكتىن قاراۋاتقاندەك ھىلە ئىشلىتىپ،.دۈشمەن ئوق ئىتىپ بولغاندىن كىيىن، نۇراخۇن زەيدىن چاققانلىق بىلەن ئوق ئۈزىپ دۈشمەننى يەر چىشلىتەتتى. تاڭ ئىتىشقا ئازقالغاندا،پارتىزانلار كۈيىۋاتقان ئىس-تۈتەك ئىچىدە قالىدۇ ، ئاخىرى 1- ئۆيدىن تۇتاشقان ئوت نۇراخۇن زەيدىن دۈشمەننى قارىغا ئىلىۋاتقان ئۆيگە تۇتىشىدۇ،     نۇراخۇن زەيدىن ئوت تۇتۇشىپ كەتكەن ئۈيدىن يۈگىرىپ چىقىپ، ئورىغا يۇشۇرنىۋالغان بارات پالىۋاننى چاقىرىپ -بىز ئاشكارىلىنىپ قالدۇق، بۇ يەردىن تىزراق چىقىپ كىتىڭلار، مەن سىلەرنى قوغداپ تۇراي،ھويلىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭگىش بار ئىكەن شۇيەردىن چىقىپ كىتىڭلار، ھەرگىز ئۆرە تۇرۇپ ماڭماڭلار ، ئۆمىلەپ مىڭىڭلار دۈشمەن چىكىنگەنلىگىمىزنى ھەرگىز سىزىپ قالمىسۇن،مەن ئۇلارنىڭ پىلىموتچىگىدىن ئىككىنى ئۇجۇقتۇردۇم يەنە بىرسىنى ئۇجۇقتۇرساملا سىلەرنى ئامان-ئىسەن قوغداپ ئەچىچىقىپ كىتىمەن، يىنىڭلاردا ئارتۇق ئوق بۇلسا ماڭا قالدۇرۇپ بۇيەردىن دەرھال چىقىپ  كىتىڭلار، ئەگەر شىھىت بولۇپ كەتسەم غانجۇبىغىدا كۈرىشەرمىز قىرىنداشلىرىم
دەپ ئۈزى يالغۇز دۈشمەنگە قەھىرمانلارچە تاقابىل تۇردى.  بارات پالىۋان گەۋدىسى كەڭ ھەم يارىدار بولغاشقا سۈڭكۈشتىن ئەچىقىپ كىتىش قۇلايسىز بۇلغاشقا  ئۇ ماڭا  قاراپ-روزى مىراپ سەن ھۇششار بالا ئالدىدا سەن چىقىپ ئاتلارغا قارا دىدى.مەن- بۇلىدۇ ئاكا دەپ  ھويلىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈشتىن ئەڭ ئالدىدا  ئۈمىلەپ مىڭىپ  سىرىتقا چىقتىم، كەينىمدىن مەھەممەتمۇتەك، تۇرسۇن ساتىراش، مەھەممەت قاراجى، نۇراخۇن مۇددوز، توختىكەكە، نىياز تۈمۈرچى، قاتارلىق پارتىزانلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئۆمىلەپ ماڭدى. مەن ھويلىغا سۇكىرىدىغان ئىرىق بىلەن ئۈمىلەپ مىڭىپ دۈشمەننىڭ بىرىنچى قاراۋۇلىدىن  تىز ئۈتۈپ كەتتىم ئەمما كەينىمدىن كىلىۋاتقان بالىلارنى دۈشمەنلەر كۈرىپ قىلىپ  بىزگە قارىتىپ فىلىمۇتلىرى بىلەن ئوق ياغدۇردى.  ئەمدى گەپنى،مۇشۇ قىتىملىق ھايات- ماماتلىق چىكىنىش جەريانىدا  بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان،قەھىرمانىمىز  ۋە نىجاتچىمىز،نۇراخۇن زەيدىندىن ئاڭلااڭ.-مەن بارلىق پارتىزانلارنى چىكىندۈرىۋىتىپ، باراتنى قوغداپ ئەپچىقىپ كەتمەكچى بۇلدۇمدە   ئۈنى ھويلىنىڭ تىمىدىن ئارتىلدۈرىپ سىرىتقا چىقىرىۋەتتىم. ھويلىنى ئىس تۈتەك قاپلااپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن دۈشمەنلەر باراتنى كۈرمەي قالدى،مەن پارتىزان بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سۈڭكۈشتىن قورا سىرتىغا چىققاندا.ئۈيلەرنىڭ ياغاچ-تىشى كۈيىپ تۈگەپ ئىس تۈتەككە ئايلانغان ئىدى.مەن تامنىڭ دالدىسىدا دەرھال قارا تاشلىق جۇگامنى تەتۈر كىيىپ ھويلىغا سۇ كىرىدىغان ئىرىق  ئىچىدە بارات ئىككىمىز ئۈمىلەپ مىڭىپ  ئىككىيۈز مىتىر ماڭغاندىن كىيىن ساخچىخانا ئالدىدىكى ئىككى پوتەي ئۇتتۇرىدىن ئۈمىلەپ ئۈتىۋاتقىنىمىزدا دۈشمەن تۇيىپ قىلىپ،ئالدىمىزدا ئۈمىلەپ كىتىۋاتقان بالىلارنى پىلىمۇتقا تۇتتى،ئەنە مۇشۇ جايدا دۈشمەننىڭ؛فىلىمۇت ئوقى بىلەن مەھەممەت تۇردى،(مىلىجىن) قاسىمجان مىھمان، مەھەممەت ،(كەنچەندى )ۋاسىلى(روس) بىزنى قۇرشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇىش ئۈچۈن ئاتايىن كەلگەن قۇش ئەمچەكلىك ئىلىياس ئاقىلاقچى،5 ئادىمى بىلەن بىراقلا قۇربان بولدى.قۇلۇمدا گىرمانكا مىل؛تىغىم بار ئىدى ئوڭدا يىتىپ تۇرۇپ مىلتىغىمنى تىزىمغا قويدىمدە فىلىمۇت ئوقى چىقىۋاتقان پوتەي تۈشىككە قارىتىپ ئاتتىم،شۇئان فىلىمۇتچىك ئۇجۇقتى.يەنە ئۈمىلەپ ئىككى يۈزمىتىر ماڭغاندا دۈشمەن يەنە فىلىمۇت ئاتقىلى تۇردى بۇ چاغدا بىز دۈشمەندىن خىلىلا يىراقلاپ كەتكەندۇق شۇنداق بولسىمۇ مەن مىلتىغىمغا ئوقنى بەتلەپ قۇيۇپ ھەم ئالدىمچىلاپ ھەم كەينىچىلاپ  ئۈمىلەپ  چىكىنىۋەردىم دۈشمەننىڭ پوتەيلىرىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان ئوقلار يىنىمىزغا ۋىژىلداپ چۈشىپ قارلارنى توزىتاتتى،10 بالىنىڭ جەسىتىنى كۈرگەن دۈشمەن مەغرۇللىنىپ كەتتى بولغاي،ئۇلار  يەنە ئۇگىسىدىن چىقىپ سا-سا-دەپ بىز تەرەپكە يۇپۇرۇلۇپ يۈگەردى.دەل شۇ چاغدا سىپىمىزگە يىڭىدىن پىدايى بۇلۇپ قوشۇلغان داخىيەنزىلىك بالىلار ئالدىراپ كىتىپ ئۈرە تۇرۇپلا يۈكۈردى،دۈشمەن فىلىموتلىرىدىن مۈلدۈردەك كىلىۋاتقان ئوقلار بالىلارنى كەينى-كەينىدىن يىقىتتى، مەن مىلتىغىمنى يەنە تىزىمغا قويدۇمدە ئوڭدا يىتىپ تۇرۇپ باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دۈشمەننى چەنلەپ تۇرۇپ ئتىۋەردىم بەش دۈشمەننى يەر چىشلەتكەندىن كىيىن يىنىمدىكى ئوق تۈگىگەن ئىدى ،ئالدىمدا كىتىۋاتقان ئىسمايىل تۈگىمەنچى،ماڭا-مىلتىقىمغا بەشتال ئوق سىلىپ قويدۇم  مىنىڭ بەش ئاتارىمدا ئات دەپ مىلتىقىنى ماڭا سۇندى.مىلتىقنى تىزىمغا قۇيۇپ يەنە ئىككى دۈشمەننى ئىتىپ يىقىتقان ئىدىم دۈشمەنلەر ئارقىسىغا چىكىنىپ ئۇگىسىغا كىرىپ كەتتى.چىكىنىپ كىتىۋىتىپ قۇتلۇق`شەمشى ،تۇرسۇن ساتىراش،ھوشۇر جۇگازچى،قۇنەم قۇتلۇق،مەۋلانجان،ھوشىرەم قاتارلىق18بالا ئاپپاق قار ئۈستىدە قىپ قىزىل قانغا بويۇلۇپ يىتىپتۇ،ئىچىنىشلىق يىرى ئۇلارنىڭ قولىدا توخماق،كالتەكتىن باشقا تۈمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ئىدى.بۇلارنىڭ جەسىتىنى ئىلىپ چىقىپ كىتىشكە ھىچبىر چارىمىزمۇ يوق ئىدى.مەن دۈشمەندىن 400 مىتىر يىراقلاشقاندىن كىيىن دۈشمەنلەر يەنە پارتىزانلارنى تىرىك تۇتىمىز دەپ سا سا دەپ بىز تەرەپكە يۈگۈرىپ كىلىۋاتقان   4 دۈشمەننى ئىتىپ يىقىتقان ئىدىم دۈشمەنلەر يەنە كەينىگە قاراپ چىكىندى.ئەممامەن بۇ قىتىمقى خەتەرلىڭ ئۇرۇشتا جىنىمنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن شۇنچىلا  ئىتىشقان بۇلساممۇ 56 پارتىزاندىن ئاران  20 ئادەم ھايات چىقىپ كىتەلىگەن ئىدى. شۇ قىتىم بۇ خەتەرلىك ئۇرۇش جاڭگاھىدىن ئۇيغۇرقىرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى ساخلاپ قالىمەن دەپ كىلىپ ئۈزى قۇربان بۇلۇپ كەتكەن6قازاق يىگىتى بىلەن جەمى42پارتىزان بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلدى ئەگەر ئۇلار ماڭا ئوخشاش ھايات قالغان بۇلسا بۈگىنكى كۈندە نەۋرە چەۋرىلىك بۇلاتتى.    ئەمدى گەپنى، ئەڭ ئالدىدا ماڭغان روزى مىراپتىن ئاڭلايلى. بىز ئۈمىلەپ مىڭىپ قورشاۋدىن 200 مىتىر يىراقلاشقاندا دۈشمەنلەر بىزنى كۆرۈپ قىلىپ   پىلىموتقا  تۇتتى.ئوق يانپىشىمنى سىجاپ ئۈتىپ كەتكەن بۇلسىمۇ  يەنىلا ئاغرىققا چىداپ  ئالدىغا قاراپ ئۈمىلەپ مىڭىۋەردىم،نۇراخۇن زەيدىن،قەيسەرلىك  بىلە بىزنى تىرىك تۇتىمىز دەپ كەينىمىزدىن يۇپۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان دۈشمەننى چەبداسلىق بىلەن يىقىن كەلتۈرمەي كەينى-كەيىنىدىن ئىتىپ يىقىتاتتى. مەن يەنىلا  ئۆمىلەپ مىڭىۋەردىم. ئاخىرى ئاتلىرىمىزنى باغلاپ قويغان قازاق مەكتەپكە يىتىپ باردىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھويلا ئىچىگە يۈگىرىپ كىردىم  تامنىڭ كەينىدە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر گومىنداڭ ئەسكىرى ماڭا ئوقتەك يۈگىرىپ كىلىپ مىلتىقنىڭ ئىشتىگىنى سا دەپلا  شانجىماخچى بولغاندى مەن چاققانلىق بىلەن ئۆزۈمنى سول تەرەپكە ئەپقاچقان ئىدىم ئۇنىڭ مىلتىقنىڭ ئىشتىگى كۈكسىمنى سەلپەل سىزىپ ئۆتۈپ كەتتى.مەن چاققانلىق بىلەن قولۇمدىكى تۈمۈر ئارىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ تىقتىمدە مىلتىقىنى ئولجا ئىلىپ يەنە تام ياقىلاپ يۈگۈردىم تام ئارقىسىدىن ئاتقان دۈشمەننىڭ بىر گىرانىتى يەرگە پوك قىلىپلا چۈشىشى بىلەنلا يىتىۋالدىم گىرانات  ئىككى مىتىر نىرىدا پارىتلاپ يۇتام ئازراق زەخمىلەندى. دۈشمەنلەر تامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ  ئاتلارنى ساخلاۋاتقان پارتىزانلار بار دەپ گىرانات تاشلىغان ئىكەن تەلىيىم ئوڭ كىلىپ ئۈلىمدىن ئامان قالدىم . ئاڭغىچە دۈشمەنلەرمۇ بىزدىن قورقۇپ قىچىپ كەتتى. ئاتلارمۇ ساق-سالامەت تۇرۇپتۇ،ئاتلارغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن پارتىزانلاردىن ياسىن دوختۇر، ماخمۇت سۇپى، قاتارلىق پارتىزانلار  قاپتۇ‹‹ تارقىيا ئۇرۇشىغا كىرىشتىن ئىلگىرى قۇش ئەمچەكتىن كەلگەن ئورۇسلار پارتىزانلارنىڭ ئىتىغا قاراپ بىرىمىز دىگن بولسىمۇ   بىزگە جاۋ بىلەن سوغۇش قىلىڭدەر  دىگەن سىياقتا  ئۆلكۈن ھۆكىمەتتن  پىركەز جوق›› دىگەن ئورۇسلارنىڭ ھەممىسى قىچىپ كىتىپتۇ.  مەن قازاق مەكتەپكە چىكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئارقامدىن مەھممەت مۇتەك،نۇراخۇن سادىق،مەخمۇت قاراجى، بارات پالۋان، بالاجى قاسىم، قاتارلىق ئوننەچچە پارتىزان قايتىپ چىقتى.پارتىزانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا  پەم-پاراسەتلىك ئەزىمەت   نۇراخۇن زەيدىن كۈڭلى يىرىم بولغان ھالدا- ھەي ئىسىت بۇ ئۇرۇشقا خاتا كىرىپقاپتىمىز دىدى.شۇ كۈنى قازاق مەكتەپتە ھممىمىز چەم بولغاندا 56پارتىراندىن ئاران 20پارتىزان قاپتۇق قالغان 36 پارتىزاننىڭ ھممىسى قۇربان بۇلۇپ كىتىپتۇ.بىز پارتىزانلارنىڭ جەسىدىنى ئالالماي ئۇلار نىڭ مىنىپ كەلگەن ئاتلىرىنى يىتىلەپ مىڭىپ تاش بۇلاققا  بىرىپ ئىلىياس ئاقىلاقچى قاتارلىق 6 پارتىزاننىڭ ئاتلىرىنى  ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا   تاپشۇرۇپ بىرىپ،تارقىيانىڭ غەربىي تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۈتىپ  باراتنىڭ قورىغىغا(باراتنىڭ قورىغى تارقىيا بىلەن بۈرىتالا ئوتتۇرىسىدىكى جاي بۇلۇپ ( يەرلىك كىشىلەر باراتنىڭ قارىغىچى دەپمۇ ئاتايدۇ)قايتىپ كەلدۇق. پارتىزان بالىلار  ئىگىسىز قالغان 36  ئاتقا قاراپ يىغىزارە قىلىشتى.   1945-يىلى3-ئاينىڭ21 –كۈنى  لىسكىن، ئۇتەيدىن  باراتنىڭ قورقىغا پارتىزانلارنى كۈزدىن كۈچىرگىلى كىلىپ،بارات پالىۋاننىڭ ،بىلىگە ئاسقان قوش تاپانچىسىنى كۈرىپ كۈلۈپ كىتىپ ؛-‹‹بارتىقا  بىلىڭىزگە ئىككى تاپانچىنى قاچاندىن بۇيان ئىسىۋالدىڭىز؟ قوش تاپانچىنىڭ ھىكايىسىنى بىلمەمتىڭىز؟ 1943-يىللىرى گومىنداڭ ئوفىتسىرلىرى كوچىغا قوش تاپانچا ئىسىپ چىقىپ كىمنىڭ قىزى چىرايلىق بۇلسا شۇنى تاپانچا بىلەن قۇرقىتىپ مەجبۇرى ئاياق-ئاستى قىلاتتى.  سىز ئاشۇ چاغدىكى گومىنداڭ ئوفىتسىرلىرىگە ئوخشاپ قالمىغانسىز ھە››دەپ چاق-چاق قىلغان ئىدى. شۇ يىلى باش ئەتىياز يەنى 1945-يىلى3-ئاينىڭ  5 -كۈنى بارات پالىۋان،ئابدىرىھىم ياغاچچى،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىنلەر،بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تارقىيالىق ساۋۇت ياغاچچىنىڭ ئۈگەي ئوغلى تاجاخۇننى دۈشمەن تەرەپكە يەنى گومىنداڭ  ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىگى خ گە ئەلچى قىلىپ خەت كىرگۈزگەنلىگى تۇغرىسىدىكى بايانىمنى باشتا سۈزلەپ ئۈتكەن ئىدىم،ئەمدى داۋامىنى   ئاڭلاپ بىقىڭ، شۇكۈنى تاجاخۇن خەتنى كۈتىرىپ دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى خ پالكوۋنىككە ئەكىرىدۇ خەتتە: مۇنداق يىزىلغان ئىدى‹‹ -خ  قوماندان  ھازىر سىلەر قورشاۋدا قالدىڭلار.تۈنىگۈن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ2000 كىشىلىك مۇنتىزىم  ئارمىيىسى ئۇتەيگە يىتىپ كەلدى ئەتە-ئۈگۈن ئىچىدە ئۇلارنىڭ بىروۋنىك قىسىملىرى بىز بىلەن بىر ۋاقىت ئىچىدە سىلەرگە تىگىش قىلماخچى بۇلىۋاتىدۇ بىزنىڭمۇ تولۇق قۇراللانغان 2000 ئەسكىرىمىز بار، بىز بىھۇدە قان تۈكىلىشنى خالىمايمىز مەسىلىنى ئەڭ ياخشىىسى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلايلى، سىلەر قۇل كۈتىرىپ تەسلىم بۇلساڭلارلا ھاياتىڭلارغا ۋە مال-مۈلىكىڭلارغا كىپىللىك قىلىمىز بۇرىنقى ئىشلار ھەرگىزمۇ سۈرىشتە قىلىنمايدۇ . دەرھال جاۋاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.گىنىرال ئىسھاقبەگ.  مىلادىيە 1945-يىلى 3 – ئاينىڭ5–كۈنى. (بىز دۈشمەننى تەسلىم قىلىش ئۈچۈن ئىسھاقبەگنىڭ نامىدىن خەت كىرگۈزگەن ئىدۇق) خ پالكاۋنىك تاجاخۇن ئەكىرگەن خەتكە  ئىشەنمەي تاجاخۇننى-يالغان ئىيىتتىڭ راستىڭنى ئىيىت دەپ قىيىن-قىستاققا ئىلىپ ئېغىز ئاچقۇزالماي ئۇرۇپ- قىيناپ  ئاخىرى قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۈلتىرىۋىتىدۇ....1945-يىلى4-ئاينىڭ  12 –كۈنى كەشتە   مەنسۇر رلۇمىيسوپنىڭ خۇيزۇ،ئۇيغۇر،تاتار،روس،قىرغىز،لاردىن تەركىپ تاپقان 5-ئا تلىق خۇيزۇ دىۋىزىئونى بىلەن پىدايوپنىڭ باتالىئونى ئۇتەيگە يىتىپ كىلىپلا  كەشتە بىر دۈڭنىڭ ئارقىسىدا بىر  ماشىنىنى ئالدىغا ماڭغاندا چىرىغىنى ياندۇرۇپ،   كەينىگە  ماڭغاندا  چىرىغىنى ئۈچىرىپ،تەكرار ئالدى-كەينىگە تاڭ ئاتقىچە ماڭدۇرۇپ  بىر ماشىنىنى 100  ماشىنا كۈرسىتىپ تەدبىر قوللاندى.بىز شۇكۈنى ئاخشام تارقىيا دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە تۇرۇپ يىراقتىن ماشىنا چىرىغىنى كۈزىتىپ تۇردۇق. ئەتىسى تارقىيا تەرەپنى كۈزەتسەك ئاسمان سۈپ-سۈزىك دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىنىڭ مورىلىرىدىن  كۈندىكىدەك قاپقارا چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكلەر كۈرىنمىدى.بىز دۈشمەنلەر نىڭ قىچىپ كەتكەنلىگنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تارقىياغا كىرسەك دۈشمەنلەر ئللىقاچان جىڭ تەرەپكە قىچىپ كەتكەن ئىكەن بىز ئازتۇلا ئولجىغا ئىرىشكەندىن كىيىن،توختى مەرگەننىڭ پارتىزانلىرىمۇ ئارقىمىزدىن يىتىپ كەلدى.بىز دۈشمەن نىڭ تۇرارگاھىنى ئىگەللىگەندىن كىيىن تارقىيانىڭ شىمالى تەرىپىدىكى چىغلىق دىگەن يەردىن  يالغۇز بىز ئادەمنىڭ بىز تەرەپكە  قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرىپ قالدۇق سىنچىلاپ قارىساق كۈك ماتادىن كىيىم كەيگە 50 ياشلار ئەتىراپىدىكى ئادەمكەن.ئۇ ئەپكەشتە سۈۋەت كۈتىرىۋالغان بۇلۇپ ئەتىراپتا ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك ماڭاتتى.  بىز ئۇنى پارات پالىۋاننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدۇق-بارات پالىۋان، -نىمە ئادەمسەن؟ بۇيەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىيسەن ؟ دىدى –مەنبىر ئاشپەز دىدى ئۇ سۈۋىتىنى يەرگە قۇيۇپ،- سۈۋىتىنى ئاختۇرۇڭلار دىدى بارات پالىۋان، سىۋەتنى ئىشارە قىلىپ ئاختۇرۇپ قارىساق پۈتىنلەي0 چىنە-چەينەك ئىكەن –ئۇرۇش بۇلىۋاتسا نىمە قىلىسەن بۇنى؟ -ئاخشام يىرىم كىچىگىچە ئەسكەرلەرگە تاماق ئىتىپ ھىرىپ قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ئۇيغىنىپ قارىسام ئسكەرلەرنىڭ بىرىمۇ يوق تۇرىدۇ، ھەممىسى قىچىپ كىتىپتۇ. يىنىمدا پۇلىم يوق مۇشۇ نەرسىلەرنى يولدا سىتىپ  يۇرتىمغا كىتەي دەپ ماڭغان ئىدىم دىدى .بارات پالىۋان-بىز بىرئاينىڭ ئالدىدا باشلىغىڭلار نىڭ ئالدىغا بىر ئادىمىمىزنى ئەلچىلىككە ئېۋەتكەن ئىدۇق بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟دەپ سورىدى، - بىلىمەن خەۋىرىم بار ئۇ ئادىم بەك قەيسەر ئادەم ئىكەن، ئۇلار ئۇ ئادەمنى بەك قىينىۋەتكەن بۇلسىمۇ سىلەر توغرىلىق ھىچنىمىنى دەپ بەرمىدى ئاخىرى ئۇ ئەبلەخلەر ئۇنىڭ ئىغىزىنى  ئاچۇرالماي قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۈلتىرىۋەتتى دىدى.بارات پالىۋان-بىز  دۈشمەنگە ئىشىنىپ كىتىپ تاچاخۇننىڭ ئۈلىمىگە سەۋەپچى بوپتۇقتە- دەپ بىر ئۇلۇق كىچىك تىندى. ئاشپەزنى ئىشارە قىلىپ مۇنۇ ئادەم راس گەپ قىلدى. قۇيۇپ  بىرىڭلار چىنە- چاينەكلىرىنى سىتىپ چىنىنى باقسۇن دىدى. بىز تارقياغا كىرىپ 2 ساەتتىن كىيىن مەنسۇر لومىيسوف يىتەكچىلىگىدىكى5 –ئاتلىق تۇمگان دىۋىزىئونى يىتىپ كىلىپ ئالدى بىلەن تارقىيا ساخچىخانىسى ئالدىغا بايراق تىكلىدى( ئاڭلىشىمچە بارات پالىۋان بالدۇر بايراق قادىمىغانلىقى ئۈچۈن تارقىيانى   تۇمگانلار ئازات قىلغان دەپ ئەنگە ئىلىنغان ئىكەن)شۇ كۈنى بىز تارقىيا ئۇرىشىدا قۇربان بۇلغان42 پارتىزاننىڭ جەسىدىنى ئىتىزدىن تىپىپ يەرلىكىگە زەمبىل بىلەن ئاپىرىپ  قۇيدۇق. لەنىتى ئەبلەخلەر تاجاخۇن ئەمەت،بىلەن ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ بىشىنى قىلىچ بىلەن چىپىپ تىنىدىن چۇدا قىلىۋەتكەن ئىكەن،  1944- يىلى12 -ئاينىڭ13-كۈنىدىكى قاش-قاشتا دۈشمەن ئايرىپىلانىنىڭ بومباردىمان قىلىشىدىن قۇرقۇپ تەرەپ-تەرەپكە` پىتىراپ قىچىپ كەتكەن پۇخرالار تارقىيادىكى ئۈي-ماكانلىرىغا`قايتىپ كىلىشكە باشلىدى. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بۈرىتالادا`تۇرۇشلۇق`ۋاقىتلىق ھۈكىمەتنىڭ،ھاكىمى ھاشىم ئوسمان تارقىياغا يىتىپ كىلىپ، تارقىيالىق مامۇتخان ئاللاقۇل ھاجىئاۋۇت،نى تارقىيا رايۇنلۇق خەلىق كومىتىتىقا رەئىسلىككە، ئابلىمىت تۇردىنى رايىكوملۇق ساخچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئەۋزىنى كاتىپلىققا  (تاتار) نى  بەلگىلىدى. ھەم شۇ كۈنى رايۇنلۇق ھەربى كومىتىت تەسىس قىلىىنپ، يەرلىك ئاھالىدىن ئەسكەر قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. توختى مەرگەن يىتەكچىلىگىدىكى جىڭ پارتىزانلىرى بىلەن باراتنىڭ پارتىزان ئەتىرىتى، ئۈز-ئارا`قۇشۇلۇپ`كەتتى. تويلا،جىڭ،  تارقىيا، قۇشئەمچەك، قۇمتاغ (ساسەنزە) قاتارلىق جايلاردىكى پۇخرالارنىڭ بالىلىرى  رايۇنلۇق ھەربىي بۈلىمگە بەس-بەستە كىرىپ ئۈزلىرىنى ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى. (شۇچاغ جىڭ ناھىيىسى تىخىى ئازات بۇلمىغانلىقى ئۈچۈن جىڭ، تويلا، قۇمتاغ، ئالاتاۋ ئېغىزى قاتارلىق جايلاردىكى قىچىپ يۈرگەن پۇخرالار تارقىياغا يىغىلغان ئىدى). شۇچاغ تارقىيادا، يىڭىدىن ئەسكەرلىككە قۇبۇل قىلىنغانلاردىن جىڭلىق كۈزدىباي مەخسۇت،(قازاق) تىلىۋالدى مامۇرباي،(قازاق )تاشاخۇن روزى، جۇماخۇن ھۈسەن،  مەھەممەت رۇزى،ئابدىريىم ياقۇپ، قۇۋان تۇردىئاخۇنباي، جىڭلىق يۈسىپ دوساجىم، غۇپۇرجان تۈمۈر، قاتارلىق 20بالا ئۈزلىگىدىن پىدائىي بۇلۇپ سىپىمىزگە قۇشۇلدى.نۇراخۇن زەيدىن پارتىزانلار ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلدى توختى مەرگەن يەنىلا  25 ئادىمىگە ئىزۋوت كاماندىرى بۇلدى . ئۇرۇشتا قۇربان بۇلۇپ كەتكەن پارتىزانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھۈكىمەت خادىملىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئىلىنىپ كىيىن تىگىشلىك نەپىقىگە ئىرىشتى. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بارات پالىۋان پارتىزانلىرىنى رەتلەپ تۇلۇقلىغاندىن كىيىن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە قۇمۇش بۇلاققا يۈرىپ كەتتۇق. قۇمۇش بۇلاققا يىتىپ بارغاندا جىڭلىق ئىسمايىل تۈگمەنچىنىڭ ئېتى بۇشىناپ كېتىپ يىراقتىن ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سەككىزئۆي كەنتىنى كۆرۈپ قېلىپ كىشنىگەن پېتى دۈشمەن ئىشغالىيىتى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بارات پالۋان ئىسمايىل تۈگىمەنچىنىڭ تارىقىيادا قالغان ئۇششاق بالىلىرىنى كۈزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا بىر ئات بېرىپ ئائىلىسىگە قايتۇردى (ئازادلىقتىن كېيىن توختى مەرگەن ئىسمايىل تۈگىمەنچىگە كۈيئوغۇل بولىدۇ).
ئىزاھات: ئەسەردىكى يىزا-كەنىتلەرنىڭ نامى ۋە ئاتالغۇلىرى ئەينى يىللاردكى نامى بۇيىچە  ئېلىندى. يۈنجىخو كەنىتىنى يەرلىك كىشىلەر سامساق باينىڭ قورۇقى دەپمۇ ئاتىشىدۇ.

يۈنجىخودىكى جەڭ
8
1945–يىلى4–ئاينىڭ 16–كۈنى تارقىيا(داخېيەنزى) دىكى گومىنداڭ قۇشۇنلىرىنىڭ بىر كىچىدىلا يۈنچىخوغا قېچىپ كەتكىنىگە تېخى بىر نەچچە كۈنلا بولغان ئىدى،شۇ چاغدا مەن بارات پالۋاننىڭ پارتىزان ئەتىرىتىدە ئىزۋوت كاماندىرى ئىدىم.شۇ كۈنى ئەتتىگەندىلا بارات پالۋان⑴ پارتىزانلارنىڭ ھەممىسىنى داخېيەنزى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا چاقىرتىپ،مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىم يۇقىردىن بۇيرۇق كەلدى،يۇقىرىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بۇيىچە بۈگۈندىن باشلاپ مەڭسۇرنىڭ 5–ئاتلىق دىۋزىيونىغا داخېيەنزىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ،تويلىدىكى قۇمۇش بۇلاققا بېرىپ ئورۇنلىشىمىز،دەرھال ئېتىڭلارنى توقۇپ،مەن بىلەن  ئاتلىنىڭلار!–دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
بىز قۇمۇش بۇلاققاا بارغاندا پارتىزان ئەتىرىتىمىزدە  65 نەپەر پارتىزان بار بۇلۇپ پەقەت  41  نەپەر پارتىزاننىڭ قۇلىدا گىرماڭكا مىلتىق بار ئىدى.ئۇندىن باشقا پارتىرانلارنىڭ قۇلىدا ئوۋ ئوۋلايدىغان قارا مىلتىقلار`بار`بۇلۇپ، ئوق–دورا، ئوزۇق–تۈلۈك، كىيىم–كىچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ھىچقانداق بىر ئارقا سەپ خادىملىرىمىز يۇق ئىدى. ھەتتا پارتىزانلارغا ئوق تېگىپ يارلانسا يارىسىنى تېڭىپ قويىدىغان سېستىرالىرىمىزمۇ يوق ئىدى.بىز 1945–يىلى4–ئاينىڭ16–كۈنى تويلىنىڭ قۇمۇش بۇلاق دىگەن يىرىگە يېتىپ بىرىپ ئورونلاشتۇق ھەم شۇ كېچىسى يۈنچىخودىكى دۈشمەنلەرگە تۇيۇقسىز ئوت ئېچىپ، دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۈزەتتۇق.
گومىنداڭ قوشۇنلىرى يۈنچىخوغا پولات ئىستكام قۇرۇۋالغان بۇلۇپ،زامانىۋى خىل قۇراللىرى بىلەن بىزگە قارىتىپ فېلىمۇت ياغدۇردى.ئەگەر ئۇلار ئادەم سانىمىز، قۇراللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىنى بىلىپ قالسا،بىزنى قورشىۋىلىپلا يۇقىتاتتى(مۆلچەرىمىزچە يۈنچىخو مۇداپىئەسىدە دۈشمەننىڭ تەخمىنەن    1500 دەك ئەسكىرىي كۈچى بۇلۇپ  يۈنچىخو،  كەنىتى بىلەن قۇمۇش بۇلااقنىك ئارىلىغى 8 كىلومىتىر كىلەتتى، گومىنداڭ ئارمىيىسى يۈنچىخۇ كەنىتىنىڭ ئەتىراپىدىكى توغراقلىق ۋە جىگدە قاتارلىق تەبىئىي ئورمانلارنى كىسىپ تاشلاپ  يەنىي كەنىت ئەتىراپىدىكى قىلىن ئۈسكەن قۇمۇشلىققا ئوت قۇيىۋەتكەن ئىدى.
شۇ ئاخشىمى بىز يېرىم كىچىگىچە ئېتىشىپ دۈشمەننىڭ ئاساسى ئوت كۈچىنى بىلىۋالدۇق–دە،ئارقىمىزغا چىكىنىپ،قۇمۇش بۇلاققا قايتىپ كەلدۇق.بىز قۇمۇش بۇلاقتا تۇرغان  34كۈن ئىچىدە دۈشمەن بىلەن 6قېتىم جەڭ قىلىپ دۈشمەن ئىستىكامنى ئالالمىدۇق.دۈشمەن بىلەن كۈچ سىلىشتۇرما جەھەتتە پەرقىمىز زور بولغاچقا،ھەم گومىنداڭنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھەركۈنى دىگۈدەك ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ،فېلىمۇت ياغدۇرۇپ بىزنى باش كۆتۈرگۈزمەيتى. غالجىرلاشقان گومىنىداڭنىڭ ھاۋا ئارمىيسى،مەيلى پارتىزانلىرىمىز بولسۇن،مەيلى يەر يۈزىدە توپلىشپ قىچىۋاتقان قوي كالىلار بۇلسۇن ،مەيلى توقايلىقلاردا قىچىۋاتقان پۇخرالار بولسۇن ئوخشاشلا فېلىمۇتقا تۇتاتتى.شۇ چاغ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، 1945–يىلى5–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق، ئاسماندا بىرمۇ بۇلۇت يوق ئىدى،جىڭ تەرەپتىن يەنە ئۈچ ئايروپىلان كۆتۈرلۈپ كىلىپ،پارتىزانلار ئىشغالىيتىدىكى قۇمۇشلۇقنى بومباردىمان قىلدى.پارتىزان ئەتىرىتىمىزنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ئاتاقلىق مەرگەن نۇرئاخۇن زەيدىن ⑵(يەرلىك كىشلەر نۇرئاخۇننى بالا مەرگەن دەپمۇ ئاتىشاتتى)بىر يوغان جىگدىنىڭ تۈۋىگە بېرىپ گومىداڭنىڭ بىر ئايرۇپىلانىنى ئادەتتىكى بىر مىلتىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن ئىدى.شۇندىن كىيىن گومىداڭنىڭ ھاۋادىن كېلىدىغان ھۇجۇمى پەسلەپ قېلىپ،ئازات رايۇنلىرىمىزغا كىرەلمەيدىغان بولدى.بىز ئەنە شۇنداق تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،يەنى 1945–يىلى5–ئاينىڭ20–كۈنى ئەتتىگەندىلا پارتىزانلارنىڭ چىكىنىش سىگىنالى چىلىندى.ھەممىمىز چىكىنىپ قۇمۇش بۇلاققا يىغىلدۇق.يىنىغا ماۋئوزۇر ئاسقان بارات پالىۋان،  بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن،مۆھتىرەم قېرىنداشلار سىلەرگە بىر خوش خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان بولدۇم،–دىدى ئۇ خۇشال ھالدا.قېرىنداشلىرىم،غۇلجىدىن بۇيرۇق كەلدى،مىللىي ئارمىينىڭ باش شىتابى بىزنىڭ قىينچىلقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ،ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپتۇ،بىز ھازىرلا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ غۇلجا باياندايغا قاراپ ماڭىمىز دىگەن ئىدى ،يېنىدا تۇرغان نۇرئاخۇن زەيدىن، نېمىشقا قايتىدىكەنمىز ئۇيەرگە؟–دىدى.
بارات پالۋان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، -ئۇلار بىزنىڭ ھەربىي تەلىم تەربىيىىگە قاتناشمىغانلىقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ،بىزنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقىتىدىكەن   دىدى. پارتىزانلارنىڭ ھەممىسى ھۇررا!،ھۇررا! .....دەپ توۋلىدى.
يۈنچىخودىن بارات پالۋان يىتەكچىلىكىدىكى پارتىزانلار ئەتىرىتى بوياندايغا يۈرىپ كەتكەندىن كىيىىن،غۇلجىدىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا كاپىتان بايىنتونىڭ قوماندانلىقىدا ئىككى روتا شىبە ئەسكەرلىرى بىلەن كاپىتان ئالىكساندىر ئۈشمەڭكى قۇماندانلىقىدىكى ئىلى زاپاس پىيادىلەر پولىكىنىڭ ئىككى روتىسى ھەم تارقىيانى ساقلاپ تۇرىۋاتقان    مەڭسۈر قۇماندانلىقىدىكى 5–ئاتلىق دىۋىزىئونىنىڭ ئىككى مۇستەقىل ئاتلىق روتىسى(ئىسىكادىرىئونى)يۈنچىخوغا يىتىپ كىلىپ قۇمۇش بۇلاققا ئورۇنلاشتى. بۇ ئىسكادورۇننىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر،تاتار،روس،قىرغىز قاتارلىق ئوفىتسىر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى.شۇ چاغدا،گومىنداڭ ئارمىيسى كونا يۈنچىخوغا يەنە تەبىئىي پوتەي سېلىۋالغان ئىكەن.مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى يۈنچىخونىڭ غەربى تەرىپىدىكى قۇمۇش بۇلاققا جايلاشتى(يۈنچىخو كەنىتى ھازىر جىڭ ناھىيە تولى يېزىسىغا قارايدىغان بۇلۇپ،ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومېتىر كېلىدۇ)بۇ كەنىتتە ئەسلىدە 60ئۆيلۈك  ئۇيغۇر ئاھالىسى بۇلۇپ،1944–يىلى12–ئايدىكى قاچ–قاچتا بورتالا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ،كېيىن گومىنداڭ ئارمىيسى كېلىپ مەكتەپ بىلەن ئاق مەسچىتدىن باشقا پۇقرالارنىڭ ھەممە ئۆيىگە ئوت قۇيۇۋەتكەن ئىدى ).
يۈنچىخو كەنىتى جىڭ ناھىيسى بىلەن  تارقىيارنى، تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كونا ھارۋا يۇلىنىڭ تۈگۈنى بۇلۇپ، شىمالىي تەرىپى توغراقلىق،قۇمۇشلۇق،جەنۇبى تەرىپى قۇملۇق جاي ئىدى.مىللىي ئارمىيە بۇ يەرنى ئىشغال قىلغاندا،بىر مەسچىت،بىر مەكتەپتىن باشقا ھەممە ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزلىۋەتىلگەن ،ھەتتا غالجىرلاشقان دۈشمەنلەر 1945–يىلى7–ئاينىڭ22–كۈنى مىللىي ئارمىيەدىن يىڭىلىپ 8 ئۈيگە  قاچقاندا،يۈنچىخودىكى چوڭ قۇدۇققا زەھەر تاشلاپ،ئەكىتەلمەي قالغان پۇقرالارنىڭ ئورىسىدىكى بۇغداي،قۇناقلارغا ئوت قۇيۇپ بېرىپ قاچىدۇ.يۈنچىخو كەنىتىنىڭ مەركىزىدە ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىغى يەتمەيدىغان بىرتۈپ چوڭ  قارا ياغاچ بۇلۇپ  پاشا،كۇمۇتا،كۆكۈيۈننىڭ ماكانى ئىدى.ياز كۈنلىرى بولغاچقا،ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بۇلۇپ،جەڭچىلەرنى پاشا،كۆكۈيۈنلەر چېقىپ بىئارام قىلاتتى.
گومىنداڭنىڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى يۈنچىخو كەنىتى بىلەن8ئۈي كەنىتىدە ئىدى.بۇ ئىككى كەنىتنىڭ ئارىلىغى 4كىلومېتىرلا كىلەتتى.گومىنداڭنىڭ ئايروپىلانى كۈندە بىر قېتىم كېلىپ،يۈنچىخودىكى مىللىي ئارمىيە تۇرۇۋاتقان جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلاتتى.
1945–يىلى1–ئاينىڭ29–كۈنى غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغان 80دەك گەنسۇلۇق خۇيزۇ ئەسكەرلەر بىز بىلەن يۈنچىخوغا بىللە كەلگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئەبلەخ قاراۋۇللىققا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،8 ئۈي ،تەرەپتىكى دۈشمەن بازىسىغا قېچىپ بېرىپ،قۇمۇش بۇلاقتىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكى،ئورۇنلاشقان جايى،ئادەم سانى قاتارلىق مۇھىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قۇيىدۇ.1945–يىلى9–ئاينىڭ4كۈنى ئالدىنقى قاراۋۇللۇق نۆۋىتى بىزنىڭ ئىزۋوتقا كەلگەن بۇلۇپ،دەل شۇ چاغدا،شىبە مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىسكادىرونى پوستا تۇرۇش نۆۋىتىنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خاتىرجەم دەم ئېلىۋاتاتتى.بۇ شەرىق تەرەپتىن كۈن ئەمدىلا ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن چاغ بۇلۇپ،ئىزۋوتىمىزنىڭ بىرىنجى قاراۋۇللۇق نۆۋىتىگە مۇقاش ئىسمايىل(قىرغىز)قاراۋۇللىققا چىقىدۇ.ئۇ ئىنتايىن سەزگۈر ئىزۋوت كوماندىرى بولۇپ،8 ئۈي تەرەپتىن يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن دۈشمەننى سېزىپ قالىدۇ–دە،دەرھال روتا كوماندىرى شاكىرغا  خەۋەر قىلىدۇ.ئەمما شاكىر بىپەرۋالىق قىلىپ،دەرھال تەدبىر قوللانماي،ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.مۇقاشنىڭ ئىچى تىتىلداپ قاراۋۇللىققا ئالمىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان فېلىمۇتچىك تايەمگە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،شىتاپنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى بىر ئىگىز دۆڭگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.يەنەبىر فېلىمۇتچىك ۋالىم مۇبارەكنىمۇ يەنە بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆزى شىمال تەرەپتىكى كونا ھارۋا يۇلىدىن ئۆتۈپ،دۈشمەنگە قارىتىپ ئوت ئاچىدۇ.ئاڭغىچە، دۈشمەنلەرمۇ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.بۇچاغدا روتا كوماندىرى شاكىر،مۇ چۆچۈپ،ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ دەرھال ئېتىغا مىنگەن بولسىمۇ يىقىنلاپ كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ ئوقىدا يەرگە يىقىلىدۇ.بۇ چاغدا ئىزۋوت كوماندىرى مۇقاش يەنە دەرھال ئادەم سەپلەپ،شىبە جەڭچىلەرگە خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ،ئەپسۇسكى شىبە جەڭچىلەرئاللىبۇرۇن دۈشمەن قورشاۋىدا قالىدۇ.ئاڭغىچە مۇقاش ئىسمائىل چەبدەسلىك بىلەن يىڭى تەدبىر قوللىنىپ،تاشيولنىڭ بىقىنىغا جايلاشقان يەنى،دۈشمەنلەر كىلىۋاتقان تەرەپكە ئۇدۇل سېلىنغان روزى لويىنىڭ دېڭىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ بىر گىرمانكا فېلىموتنى قۇرۋېلىپ،8 ئۈي تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرگە تازا كىلشتۈرۈپ ئوت ئاچىدۇ.بۇ چاغدا باتالىيون كوماندىرى ئالىكساندىر ئۈشمەڭكىمۇ(روس) يىتىپ كېلىپ،مىللىي ئارمىيەگە ئوموميۈزلۈك قۇماندانلىق قىلىدۇ.ئۇ فېلىموتچىك مۇقاشقا ئالدىراپ ئوق يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان باتىرانچىك (فېلىمۇتقا ئوق قاچىلىغۇچى)ھاجىبولس نۇرجانغا، قاراپ- فېلىموتچىك ئورۇننى ياخشى جايدىن تاللاپتۇ دەرھال ئوقلارنى يۆتكەپ كېلىڭلار–دەپ،شېرىپنى چاقىرىپ مۇقاشنىڭ فېلىموتىغا سەن ئوق توشۇپ بەر دىدى.مۇقاش سۈيدۈڭلۈك بالا بۇلۇپ،ناھايتى ماھىر فېلىموتچىك ئىدى.ئۇلار فېلىمۇت بىلەن ئوت ئاچقاندىن كېيىن،دۈشمەنلەر باش كۆتۈرەلمەي،ئالتە كۆۋرۈك تەرەپكە چىكىندى(ئالتە كۆۋرۈك 8 ئۈي، بىلەن تويلا ئارلىقىدىكى كونا يول كۆۋرۈكى).ئەمدى شۇنىمۇ ئالاھىدە ئېغىزغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بۇلىدۇكى،ئالدىنقى قاراۋۇلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوق تېگىپ قۇربان بولدى. ئەڭ مۇھىم ئابرون قولدىن كېتىش ئالدىدا،شىر يۈرەك قىز رىزىۋان مۇھىيدىن كۆكرەك كېرىپ بىرىپ،ياردار فېلىمۇتچىك ياقۇپنىڭ، قۇلىدىكى نېمىس فېلىمۇتىنى يوغان بىر جىگدىنىڭ دالدىسىغا ئاپىرىۋىلىپ،ئەپلىك ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن،دۈشمەنگە قارىتىپ يالغۇز ئوت ئاچىدۇ.بۇ جەسۇر قىز تاكى ياردەمچى قۇشۇنلىرىمىز يىتىپ كەلگۈچە بەرداشلىق بېرىپ،ئىستىراتېگىيلىك جەھەتتە مۇھىم بولغان ئورۇننى ساقلاپ قالىدۇ. (رىزىۋان مۇھىيدىن غۇلجا تاقىچىلق مەھەللىسىدىن بۇلۇپ،ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان قىز ئىدى،)شۇ چاغدىكى ۋاقىتلىق ھۈكىمەت رىزىۋان مۈھىدىنگە، ئۇرۇشتا كۈسەتكەن   تۆھپىسىگە يارىشا بىرىنچى دەرىجىلىك ئالتۇن ئوردۇننى مەيدىسىگە تاقاپ قويغان ئىدى . ئازاتلىقتىن كېيىن سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك خەلق بانكىسغا ئورۇنلاشقان).
ئاڭغىچە، خۇيزۇ مىنامىيوتچىلار ئىزۋوتىنىڭ كوماندىرى پوتپىروۋچىك مۇھەممەر (خۇيزۇ)جەڭچىلەرنى باشلاپ،چوڭ تاشيول بۇيىغا يەنى8 ئۈي بىلەن تارقىياغا قاتنايدىغان كونا يولغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئاڭغىچە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى 2–قېتىم يۇپۇرلۇپ كېلىپ،جەنۇبى ئىگىزلىك داندىغاي قۇملىقىنىڭ(72–ئىگىزلىكنىڭ)بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مىللىي ئارمىينى قورشىۋالىدۇ.ئەنە ئاشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە تەدبىرلىك رازۋىتچى ئىسلام دۈشمەننىڭ يامغۇردەك ئوق ياغدۇرشىغا قارىماي،يۇلغۇنلۇق،قۇمۇشلۇق ئىچىدىن يول تېپىپ مىڭبىرتەسلىكتە،تارقىياغا، سالامەت يېتىپ بېرىپ،دىۋزىئون كوماندىرى مەڭسۇر لومويسۇپقا، خەتەرلىك ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ.
9–ئاينىڭ 4- كۈنى دۈشمەننىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى جىڭ تەرەپتىن يەنە كۆتۈرىلپ كەلدى.مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەم ئايرۇپىلانغا قارىتىپ ئوق ئاتسا،ھەم بارغانسىرى قورشاپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەر بىلەن جان تىكىپ سۇقىشۇپ، ھايات –ماماتلىق ئۇرۇشى بۇلىۋاتاتتى. ئەپسۇسكى،دۈشمەننىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ھوجۇمىدىن خەۋەرسىز قالغان 20دەك شىبە جەڭچىلىرىمىز دۈشمەننىڭ قۇلىغا تىرىك چۈشۈپ كەتتى.تۇلىمۇ ئەپسۇس،بۇ جەڭچىلىرىمىز ئاساسەن 20ياش ئەتىراپىدىكى ياش بالىلار بۇلۇپ،1945–يىلى4–ئاينىڭ8–كۈنى مىللىي ئارمىيە غۇلجىدا قۇرۇلۇپ،پاراتتىن ئۆتكەندە ئارمىيە مارشىغا مۇزىكا چالغان دىخوۋېي ئوركىستىىرىنىىڭ ئاساسلىق مىزگانچىلىرى ئىدى.شۇ چاغ كاپىتان بايىنتۇ دۈشمەننىڭ قۇلىغا تىرىك چۈشۈپ كەتكەن جەڭچىلەرنى قۇتقۇزىۋىلىش ئۈچۈن دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،دۈشمەن ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ.ئارقىدىن،خۇيزۇ مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋزىئونىنىڭ 1–،2–ئىسكادۇرۇملىرىمۇ شىبە جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.شۇ كۈنى بايىىنتۇ يىتەكچىلىكىدىكى شىۋە جەڭچىلەر دۈشمەننى قوغلاپ كىتىۋاتقاندا  جەڭچىلەر بىر ئازگالدا قىلىچ بىلەن چاناپ،پارە –پارە قىلىۋىتىلگەن 20شىبە جەڭچىسىنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ قېلىپ،ناھاتىمۇ ئېچىنىشلىق يىغلاپ،جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ،قاتتىق قايغۇرىدۇ.كاپىتان چەكسىز غەزەپلەنگەن ھالدا،ئۈنلۈك ۋارقىراپ  ،دۈشمەن بىلەن  ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە جەڭ قىلايلى!– دەپ،دۈشمەن ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ،قۇچاقلاشما جەڭنى باشلىۋىتىدۇ.جەڭدە دۈشمەن تەرەپنىڭ ئەسكىرى سانى كۆپ بۇلۇشتەك ئەھۋالنى بايقىغان بايىنتۇ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ،بىز سىلەرگە تەسلىم بولدۇق!–دەپ ئاق بايراق چىقىرىدۇ ۋە ئوق چىقارماڭلار،بىز قۇرال تاشلايمىز دەپ ئۈنلۈك ۋاقىرايدۇ.دۈشمەن تەرەپنىڭ بىر پاكار ئوفىتسىرى 200دەك ئەسكىرى بىلەن يىقىنلاپ كەلگەندە،ئارقا سەپتە قۇراللىرىنى يۇشۇرۇپ تۇرغان شىبە جەڭچىلەر نىمىس ئاپتۇماتى بىلەن ئوق ياغدۇرۇپ بارلىق دۈشمەننى قىرىپ تاشلايدۇ.بۇنى كۆرۈپ تۇرغان دۈشمەن قۇشۇنلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمنى تېزلىتىپ،غالجىرلارچە "شا،شا!"دەپ ئىلگىرلەپ كېلىدۇ.دەل شۇ چاغدا،غۇلجا پىيادە ئەسكەرلەر زاپاس پولىگىنىڭ1 –باتالىونى پىدايۇپنىڭ قۇماندانلىقىدا ھۇررا،ھۇررا !دەپ توۋلاپ ياردەمگە كېلىپ قالىدۇ.ئارقىدىنلا  تاشيولنىڭ تۈۋەن تەرىپىدىن مەڭسۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى 5–ئاتلىق خۇيزۇ دىۋىزىئونىنىڭ 3–،4–ئىسكادورونى ياردەمگە يىتىپ كېلىدۇ.فىدايوپنىڭ باتاليونى ئاساسلىق كۈچىنى گومىنداڭنىڭ يۈنچىخونى قايتۇرۋالغان قىسمىلىرىغا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىپ،بىرىنجى زەمبىرەكچى روتىسىنى دۈشمەننىڭ غەرىبى تەرىپىدىكى پوتەيلىرىنى(زوتلىرىنى⑶) بۇمباردىمان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.ئىككىنجى مىنامىيوتچىلار روتىسىنى يۈنچىخونىڭ شىمال تەرىپىدىن بۇمباردىمان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.مەڭسۇرنىڭ ئىككى ئىسكادورونى تاشيولنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن ماسلشىپ،قورشاۋغا ئېلىۋاتقان دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق،دۈشمەننىڭ سول قانات ۋە ئوڭ قانات قۇشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ، دۈشمەننى8ئۈيگىچە قوغلاپ بارىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ،600دىن ئارتۇق دۈشمەن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ناھايتى ئاز ساندىكى دۈشمەن جىڭ تەرەپكە قېچىپ قۇتۇلىدۇ.شۇ كۈنى كۆپ مىقداردىكى ئوق–دورا،ئېغىر تىپتىكى6 فىلىمۇت ،ۋە  1000دانە مىلتىق، 120مىللىمىتىرلىق 60دىن ئارتۇق مىناميۇت غەنىمەت ئېلىندى.ئۇرۇشتىن كىيىن جەڭ بولغان ئورۇنلار ئېنىقلىنىپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن يۈنچىخودىكى جەڭدە 64ئادەم قۇربان بولغانلىقى،8 ئۈيدىكى قۇچاغلاشما جەڭدە شىبە جەڭچىلەردىن 90ئادەم قۇربان بولغانلىقى ئېنىقلاندى.يۇقىردا بايان قىلىنغان 64نەپەرئىنقىلابىي قۇربان 1945–يىلى 9–ئاينىڭ5-كۈنى يۈنچىخو، بىلەن 8ئۈي، ئارلىقىدىكى سۇلتان باينىڭ دېڭىنىڭ يىنىدىكى ئىگىز قۇملۇققا كوللىكتىپ دەپنە قىلىنىدى. ھازىر بۇيەر تۈزلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ دەپنە قىلىنغان ئورنىغا تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە 5تۈپ توغراق ئۈنۈپ چىقىپ،5مېتىر ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
ئىزاھات:
بارات پالۋان–1950–يىلىدىن1958–يىلىغىچە جىڭ ناھىيىىلىك بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەخبىرى بولغان(جىڭجاڭى بۇلغان).1959–يىلى رەخبەرلىكتىن قالدۇرۇپ جىڭ ناھىيىسىدە يىڭىدىن قۇرۇلغان سەكرەش مەيدانىغا ئادەتتىكى كەدىر قىلىپ چۈشىرىۋەتكەن.1962-يىلى خىزمەتتىن  بۇشىتىلىپ بالا–چاقىلىرىنى ئېلىپ سۈيدۈڭ ناھىيسىدىكى تۇققانلىرىنىڭ يىنىغا پانا ئىزدەپ بارغاندا، 30 –ماي ۋەقەسىگە دۈچ كەپ قىلىپ مىراسخۇر تۇققانلىرى تەرىپىدىن، بارات پالۋانغا تۆھمەت چاپلاپ،بىزنى سوۋىتكە قېچىشقا قۇتۇراتتى دەپ ناھىيلىك ساقچى ئىدارسىغا چېقىپ قولغا ئالدۇرۋىتىدۇ.بىر ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن بارات پالىۋاننى  سۈيدۈڭ ناھىيە ئۆكتەبىر يىزا، پارلاق كەنىت، 3–گۇرپىغا 8يىللىق رىجىم ئاستىغا چۈشۈرىۋىتىدۇ.بارات پالىۋان،رىجىم ئاستىىغا چۈشىپ 5  ئايدىن كىيىىن يەنى1962-يىلى11-ئاينىڭ14 –كۈنى كەنىىت كادىرلىرى بارات پالىۋاننىڭ،ئۈيىنى ئاختۇرۇپ بۇزۇق ئۇڭسۇرنىڭ چاپىنىدىن ئورۇسچە خىتىبار ئوردۇن چىقتى دەپ(ئۈچ ۋىلايەت ھۈكىمىتى بارات پالىۋانغا، بەرگەن باھادۇرلۇق ئوردۇنى)ئۈيىدىكى بارلىق مال-مۈلىكىنى ھەتتا يوتقا-كۈرپە،كىيىم-كىچەكلىرىدىن تارتىپ مۇسادىرە قىلىپ ئەپچىقىپ كىتىدۇ.بارادت پالىۋاننىڭ ئىغىر-ئاياق ئايالى مەرەمساخان،شۇكۈنى قۇرقىپ كەتكەنلىكتىن بۇيىدىن ئاجىراپ ئەتىسى36يىشىدا ئۈلۈپ كىتىىدۇ.    ئۇزۇن يىللىق سىياسىي كۈرەش ۋە نازارەت ئاستىدىكى بارات پالىۋان، كۈنىگە ئوننەچچە سائەتلەپ قىشى-ياز جىسمانى ئىغىر ئەمگەككە13يىل سىلىنغانلىق  تۈپەيلىدىن بارات پالىۋان،1975-يىلى7-ئايدا ئىتىزدا يىقىلغان پىتى ئورنىدىن تۇرالماي ئاغىرىپ يىتىپ قىلىپ،1976–يىلى 5–ئاينىڭ26–كۈنى سابىق ئۈكتەبىر گۇڭشە پارلاق كەنىتىنىڭ3 –گۇرۇپىسىدىكى ئاددىغىنە ئۈزى سىلىۋالغان سوقمىتام ئۈيىىدە مەڭگۈلىك كۈز يۇمۇپ،  68 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.بارات پالىۋان،ئالەمدىن ئۈتىپ 40 كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ خاتا جازالانغانلىقى ئىنىقلىنىپ نام-شەرىپى ئەسلىگە كەلگەنلىگى توغرىسىدا ئۇختۇرۇش چۈشىرىلدى.
نۇراخۇن زەيدىن–ئازتلىقتىن كېيىن بۈرىتالا غالىبىىيەت گۇڭشە غالىبىيەت كەنىتىنىڭ پارتىيە ياچىكا سىكىرتارى بۇلۇپ1956 –يىلى مەملىكەت بۇيىچە ‹‹ئەمگەك نەمۇنچىسى›› دىگەن نام بىلەن، پايتەختىمىز بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەيدىسىگە ئوردۇن تاقاپ كىلىپ، بورتالا ناھىيە غالبىيەت گۇڭشى غالبىيەت كەنتىدە ئۇزۇن يىل سىكىرتار بۇلۇپ،ئىشلەپ 1991–يىلى9–ئايدا 89 يىشىدا ئالەمدىن ئۈتتى.
توختى مەرگەن،1949 –يىلى ھەربى سەپتىن جىڭ ناھىيىسىگە قايتىپ كىلىپ8ئۈي كەنىتىگە كەنىت باشلىقى بۇلغان،سەككىز ئايدىن كىيىن كەنىت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتكىزىپ بىرىپ،1956-يىلىغىچە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ.1957-يىلى جىڭ ناھىيىلىك قىزىل بايراق رىمۇنىت زاۋۇتىغا ئىشچى بۇلۇپ كىرىپ، 1969-يىلى ھىچبىر سەۋەپسىزلا ئىشتىن بۇشىتىۋىتىدۇ.1970-يىلى سابىق ماڭدام بۇلاق يىزا خاڭگۇڭ كەنىتىگە ئورۇنلىشىپ تۈمۈرچىلىق ۋە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ1997-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى يۈرەك كىسىلى بىلەن بۇ يۇرۇق دۇنيادىن مەڭگۈلىك كۈز يۇمۇپ... 81يىشىدا ئالەمدىن ئۈتتى.
زوت–تەبىئيى دۆڭگە ئوخشىتىلغان يۇشۇرۇن پوتەي.
تايەم–18ياش، ئاتۇش بۇيامەتلىك يىتىمچى بالا،يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
ئابدۇللام–18ياش،غۇلجا ئايدۆڭدىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
كامىل بارات–20ياش،غۇلجا جىگدىلىك مەھەللىسىدىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
ئىسراپىل–19ياش،غۇلجا تار مەھەللىسىدىن،يۈنچىخو ئۇرۇشىدا داخېيەنزىگە مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كىتىۋىتىپ دۈشمەن ئوقىدا قۇربان بولغان.
ئىبلا(خۇيزۇ)–21ياش، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا باش شىتاپقا خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا دۈشمەن ئوقىدا قۇربان بولغان.
ئابدۈشكۈر ئابدۇللا–20ياش، قەشقەر پەيزىۋاتتىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
قۇربانجان–19ياش،سۈيدۈڭلۈك، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بۇلغان.
ئۇخامىڭ–شىبە،88ياش، 8ئۈيدىكى قۇچاغلاشما جەڭگە قاتناشقان،تارىخى ۋەقەلىكنىڭ بىردىنبىر شاھىدى بۇلۇپ،ھازىر
ھايات،ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇن 4–تارماق  ھەربىي ئائىلە تاۋاباتلار ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرىدۇ.
1945–يىلى9–ئاينىڭ1-كۈنى گومىداڭنىڭ يۈنچىخودا تۇرۇشلۇق بىر باتالىيون ئەسكىرى مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن يىڭىلىپ، 8 ئۈيگە قاچقان بولسىمۇ،
9–ئاينىڭ4-كۈنى ئوموميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يۈنچىخونى يەنە قايتۇرۇۋالغان ئىدى،  شۇكۈنى يەنە قەھىرمان مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن يىڭىلىپ 8ئۈيگە يەنە قېچىپ كىتىدۇ.
سۇلتان باي–1945–يىلدىن بۇرۇن يۈنچىخو كەنتىدە دەڭ ئاچاتتى.غۇلجىدىن ئۇن ئەكەلگەن ھارۋىكەش تارانچىلار مۇشۇ دەڭگە چۈشۈپ ئۆتەتتى.
1945–يىلى9–ئايدا جىڭ ناھىيسى 8 ئۈيدە قۇربان بولغان 90شىبە جەڭچىنىڭ جەسىدى يەرلىكىدىن ئېچىپ ئېلىنىپ غۇلجىغا ئېلىپ كېتىلدى.
بۇ ۋەقەنى يۈنچىخو ئۇرۇشىغا قاتناشقان رەھمەتلىك دادام توختى مەرگەن،نىڭ ئەينى يىللاردا يىزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ‹‹يۈنچىخو ئۇرۇشى››ناملىق قول يازمىسىدىن پايدىلىنىپ  يازدىم .
ئەسكەرتىش:يەرجاي ناملىرىنى شۇ چاغدىكى ئاتالغۇلار بۇيىچە ئالدىم ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
پىشقەدەم جەڭچى روزى مۇرەب ياسىننىڭ كىرىش سۆزى
  بەزىلەر 1945-يىللاردىكى داخىيەنزى ئۇرۇشىنى يازدى. بۇ ياخشى ئەھۋال، بىراق بەزى ياش يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ بەزى ۋەقەلەرنى خاتا يېزىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى مەلۇم بىر يازغۇچى مەن ئېنىق بىلىدىغان بىر ۋەقەنى ئۆزى خىيالەن توقۇپ چىقىپ، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى پولكوۋنىك لىسكىن داخىيەنزى ئۇرۇشىنى مەدھىيلەپ-«سىلەر تارقىيا سوقىشىدا يۈزگە يېقىن دۈشمەننى يوقىتىپ يەنە دۈشمەندىن قىساس ئالىمىز دەپ ئالغا قاراپ ماڭدىڭلار» ۋاھاكازالار دەپ بىلجىرلاپ يېزىپتۇ، ئەمەلىيەتتە بىز شۇ قىتىمقى ‹‹تارقىيا ئۇرۇشى›› دا   مەغلۇپ بولۇپ چېكىنكەن.تۈۋەندە مەن ئەينى يىللاردا خاتىرەمگە پۈتكەن يەنى 1945-يىلى 3-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى‹‹تارقىيا`ئۇرۇشى››نىڭ پاجىئەلىك مەغلۇپ بۇلۇشىنىڭ سەۋەپلىرىنى  خاتىرەمگە مۇنداق پۇتكەن ئىدىم.  1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشىنىڭ   مەغلۇپ بولىشىنىڭ سەۋەبلىرى: بىرىنچىدىن، شۇ چاغدىكى رەھبەرنىڭ تۆھپە قوغلىشىپ، يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىنى ياكى مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپلا باشباشتاغلىق قىلىپ، كۈچ سېلىشتۇرما جەھەتتە پەرق ئىنتايىن زور بولغان كۈچلۈك دۈشمەنگە قاراملىق قىلىپ، ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتىن بولغان. ئىككىنچىدىن، بورتالا، جىڭ، داخىيەنزى قاتارلىق جايلاردىن تەركىب تاپقان پارتىزان ئەترىتىنىڭ باشلىقى بارات پالۋان ۋە يېڭىدىنلا پىدائىي بولۇپ كىرگەن پارتىزان ياشلارنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق جايدا ئەتراپلىق ھەربىي تەلىم تەربىيىگە قاتناشمىغانلىقى ۋە ئىلگىرى ھېچقانداق بىر خەتەرلىك مۇنتىزىم ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىدىن ھەم ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىنىڭ يوقلىقىدىن بولغان. ئۈچىنچىدىن، زامانىۋى قوراللار بىلەن قاتمۇ-قات مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان 2000دىن ئارتۇق مۇنتىزىملاشقان ئەسكىرىي كۈچى بار ۋە جىڭ تەرەپتىن ھەر كۈنى ياردەمگە كېلىپ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىدىغان ئايرۇپىلان بار كۈچلۈك دۈشمەنگە، بارى يوق 15دانە مىلتىق ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان 8دانە گىرمانكا مىلتىق، ئوقىيوق 7دانە بەردەنكە مىلتىق،يەنە بىر ئوقىيوق قۇل فىلۇموتى،بىلەن 41 دىھخان    بالىلىرىنىڭ قولىغا ئارا، كالتەك، توقماق، تۇتقۇزۇپ  ئۇرۇشقا كىرگىزگەنلىكىدەك (ئاتىلىشتىلا پارتىزان) دەپ. ئەمەلىيەتتە يولدىن  قوشۇلغىلى 15-20 كۈن بولغان قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق دېھقان بالىلىرىنىڭ، جېنىنى دوغا تىكىپ ئۇرۇشقا سۈرەپ كىرىش پۈتۈنلەي ئۇرۇش قىلىش دەستۇرىغا چۈشمەيدىغان، ھەتتا پارتىزانلىق ئۇرۇشقىمۇ توغرا كەلمەيدىغان قالاق ئۇرۇش ئىدى، خالاس. ئەمدى قاتمۇ-قات پوتەيلىرى بار دۈشمەن قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىپ،  ئىلگىرى-ئاخىرى  42پارتىزاننىڭ قۇربان بۇلىشىغا بىھۇدە سەۋەپچى بۇلۇپ ، 5 پارتىزاننى ئېغىر دەرىجىدە يارىدار قىلىش بەدىلىگە دۈشمەننىڭ ئوقى مۆلدۈردەك چۈشۈۋاتقان قورشاۋىدىن 20 پارتىزاننىڭ ھايات چىقىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىنى بىر مۆجىزە دىيىشكە بولىدۇ خالاس. ئەمما تارىخ ئالدىدا ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلدۇق دېيەلمەيمىز دەپ خاتىرلىگەن ئىدىم؛ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى تارقىيا ئۇرۇشى ھەرگىزمۇ غەلىبە قازانغان ئۇرۇش ئەمەس. ھەقىقىي گەپنى قىلسام، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدىن ئۇتەيگە ماشىنىلىق كەلگەن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ كېچىدە بىر ماشىنىنىڭ چىرىقىنى 100 ماشىنا كۆرسىتىپ، بىر پاي ئوق چىقارمايلا تارقىيارنى ئازاد قىلغانلىقىدەك پەم-پاراسىتىنى ھەقىقىي غەلىبە دېيىشكە تامامەن بۇلىدۇ. گومىنداڭ دائىرلىرى شۇ كۈنى كېچىدە سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىك قىسمى ياردەمگە كەپتۇ دەپ چۈشىنىپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈن يېرىمىدا داخىيەنزىدىن 2000دىن ئارتۇق ئارمىيىسى بىلەن جىڭ تەرەپكە قاچقان ئىكەن.
مەزكۇر ئەسلىمىنى روياپقا چىقىرىشتا نۇرمەھممەت توختى(مەرگەن)مەن بىلەن كۈپ قىتىم سۈھبەتلىشىپ ‹‹تار قىيا ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسۇلاتى››نى 2011-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى نەشىرىياتقا سۇنغان بولسىمۇ ئەپسۇسكى ئەسەر يۇقىلىپ كىتىپ بۇ نۈۋەت يەنە 2-قىتىم قايتىدىن يىزىپ چىقتى.
بۇنۆۋەت ئەسلىمىدىكى بايان قىلىنغان پاجىئەلىك‹‹ تارقىيا ئۇرۇشى›› قا باشتىن-ئاخىر قاتناشقان پىشقەدەم جەڭچى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاتاقلىق مەرگەن جامائەت ئەربابى مەرھۇم نۇراخۇن زەيدىن ئاكىنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلارچە باتۇرلىغىنى ئالاھىدە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈپتۇ شۇڭا نۇرمۇھەممەت توختىگە  تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. يەنى ئەينى يىللاردا تارقىيا ئۇرۇشىدا  قۇربان بولغان تاجاخۇن  ئەمەت، ھۇشۇر جۇگازچى،مەھممەت مىلىجىن،تۇرسۇن ساتىراچ،مەھممەت كەنچەندى، قاتارلىق سەبداشلىرىمنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىلكىدە ئەسلەپ،ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمىز  جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ   تۆھپىسىدىن ئالاھىدە  پەخىرلىنىمەن. ئاخىرىدا ئەينى يىللاردىكى بۇلۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكنى مۇۋاپىقىيەتلىك يىزىپ چىقىش ئۈچۈن 20يىل ئىزدەنگەن ،تىرىىشچان ۋە ئىزدىنىشچان يازغۇچى ھەم رەسسام،يولداش نۇرمۇھممەت توختى(مەرگەن) گە يەنە بىر قىتىم ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمەن.   
پىشقەدەم چەڭچى روزى مىراپ ياسىن.

ئاپتور سۆزى
مەزكۇر ئەسلىمىنى دەلىل-ئىسپاتى بىلەن يېزىپ چىقىشىمغا رەھمەتلىك دادام توختى ياسىن (مەرگەن) 1970-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتنى يەنىلا تولۇقلاشقا تىرىشتىم ۋە ئىزچىل 20 يىل ئىزدەندىم. بولۇپمۇ 1990-يىلى 8-ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ تولى ① (داخىيەنزى) رايونىغا بېرىپ ئون نەچچە كۈن ئىزدىنشىش ئارقىلىق، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغان يۇقۇردىكى ۋەقەلەرنى تولۇق بىلىدىغان شاھىتلار بىلەن كۆرۈشىشىكە مۇۋەپپىق بولدۇم.
ئۇلارنىڭ ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قاراجى مۇھەممەت، (ئابدۇرېھىم) ئىسكىلاتچى، ئىمىن سادىق، (توختى كەكە)، (نۇراخۇن) موزدوز، مۇھەممەت مۇتەك، بالاھاجى قاسىم، (مۆمۈن) چاڭجاڭ ياش. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قاراجى مۇھەممەت ئىسىملىك ئادەم ھايات، قالغانلىرى ئالەمدىن ئۆتتى.
تارىخي گۇۋاھچىلارنىڭ ئادرىسى، يىشى شۇ چاغدىكى ۋاقىت بويىچە خاتىرلەنگەن.
ئاپتۇر جىڭ ناھىيلىك 4–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل–سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى.

ئاپتۇرنىڭ تىلىفون ۋە يانفون نومۇرى: 5331954-0909 .15209095427

http://meripet.jx.xinjang.net/a//2012/0501/5.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sosār-ㄒumāk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 03:26 PM  


ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25107
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10690 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بۇ قول يازمىلارنى 80- يىللاردا نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ قىسىقىچە تارىخ ماتىريالى دىگەن ،كىتاپقا بەرسىڭىز شۇ دەۋىرلەردە نەشىر قىلىناتتى ... بۇ توپلام 40 نەتچى قىسىم نەشىر قلىنىپ ھازىر توختىدىغۇ دەيمەن .... 80- يىللاردا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز كۆچۇرمۇشلىرىنى ئەسلىمە قىلىپ نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەرنى ئاشۇ توپلامغا يازغان .... سىزنىڭ جەمەتىڭىزمۇ ئۆز ۋاختىدا چوڭ ئىشلارنى قىلىپ ئۆچمەس خاتىرلەرنى قالدۇرۇپتۇ ئاپىرىن .....

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! تارىخى ماتېرىياللارنى توپلاۋاتاتتىم، ھەجەپ ياخشى بولدى

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش