مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 2

يۇلغۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 608
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇلغۇن

تۇرغۇن پەيزۇللا

(1)

سەن تۇرىسەن تارتىپ مەيلىمنى ،

چەكسىز كەتكەن يۇلغۇن ئورمىنى.

شور تۇپراقتا ئۆسكەن ئەي گىياھ،

قەيسەرلىككە ئۈندەيسەن مېنى.

جدۇنلارغا پەرۋا قىلمايسەن،

قۇم-بوراننى توسۇپ تۇرىسەن.

يۈرىكىمدە چۇڭقۇر يىلتىزىڭ،

سەن يۇرتۇمنىڭ پەخرى ،گۈلىسەن.

زاھىر سەندە يۈكسەك جەسسۇرلۇق ،

يوق گۈلدىمۇ سەندىكى ئۇزلۇق.

يۈرىكىمدە گۈلخان ياندۇرۇپ،

سەن چۆللەردە ئېچىلغان چوغلۇق.

ماكان تۇتۇپ تاقىر، چۆللۈكنى،

مەغرۇر ياشاپ كەلدىڭ ھامىنى.

ئەتىۋاردۇر تاغدا قارغايلار،

تەڭ قىلمايمەن ساڭا ئۇلارنى.

(2)

زىننىتى سەن چۆل –جەزىرىنىڭ،

ۋايسىمايسەن ئۇسسۇزلۇقىمۇ.

ياشاپ كەلدىڭ يىللاپ، ئەسىرلەپ،

قەددىڭ پۈكمەي بوران سوقسىمۇ.

ئۇسسۇزلۇق ھەم قۇم-بوران بىلەن-

چېلىشىپ سەن، ئېلىشىپ ھەر دەم ،

ماكان تۇتۇپ بارخانلاردىمۇ،

ياشاپ كەلدىڭ مەردانە، بەردەم.

يۇلغۇن !

يۇلغۇن!!

چۆلنىڭ گۈلى سەن،

زىننىتى ھەم باياۋاننىڭمۇ.

ياشاپ كەلدىڭ شۇقەدەر جۇشقۇن،

قارا تومۇز،جۇدۇن،قىشتىمۇ...

كۈلپەتلەرگە قىلمىدىڭ پەرۋا،

جۇدۇنلارغا كۆكسۈڭنى بىلەپ.

چۆل-جەزىرە،باياۋاندا بول...

جەسسۇرلۇقنى ياشىدىڭ كۈيلەپ.

(3)

كۈنلىرىڭ ئۆتىدۇ ئاپتاپتا كۆيۈپ،

كۈنلىرىڭ ئۆتىدۇ قاخشىتىپ قىشنى.

كۈنلىرىڭ ئۆتىدۇ جۇدۇننى دىسلاپ،

كۈنلىرىڭ ئۆتىدۇ مۇسشتلاپ بوراننى.

چۆللەرنى گۈللەيدۇ جەسسۇر تۇرۇقىڭ،

بوراننى سۆيىسەن چۆللەر باغرىدا.

بوراننى سۆيىسەن چۆللەر باغرىدا

پۈكۈلۈپ كەتمەيسەن جۇدتا، بوراندا.

بورانلىق قىسمىتىڭ ھېكمەتكە تولغان،

مۇشكۈلگە تىز پۈكمەس باتۇر جەڭچى سەن.

جىسمىڭدا قۇترايدۇ يۈسەك جاسارەت.

چۆلدىكى قاراۋۇل،چۆلدىكى گۈل سەن.

چۆللەرنىڭ باغرىدا كەچۈرمىشىڭ بار،

قۇم-بوران ئۆچرەي دەپ ئۆچۈرەلمىگەن.

قۇملۇقنىڭ كۆكسىدە تۇرىسەن مەغرۇر،

ئۇسسۇزلۇق كۈچرەي دەپ كۈچىرەلمىگەن.

چۆلدىكى قاراۋۇل،چۆلدىكى گۈل سەن،

تىلىمدا،دىلىمدا مەڭگۈلۈك كۈيسەن!...

(4)

چۆللەرنىڭ باغرىغا ياراشقان گۈل سەن،

ھاياتلىق كۈيىنى توۋلاپ جاراڭلىق.

تالاشماي ياشىدىڭ باغلاردىن ئورۇن،

جان قۇشۇم جېنىڭدا سايرار داۋاملىق.

گۈل كەبى كۈلسەن باياۋانلاردا ،

تىنىڭدە ھاياتلىق ئۇقچۇپ ئاقىدۇ.

يېشىللىق  كۈيى سەن قاقاسلىقتىكى،

قۇت قۇشى ئۈستۈڭدە قانات قاقىدۇ.

تومۇز ھەم جۇدۇنغا قىلمايسەن پەرۋا،

قار ياققان چوقىغا سوزۇلغان بېشىڭ.

چىڭدايسەن ھاياتلىق ئۇلۇڭنى ھامان،

يامغۇردەك تۆكۈلۈپ باغرىڭغا يېشىڭ.

غەيرىتىڭ ، جۈرئىتىڭ بۇشاشماس ھەرگىز،

قىش-ئاياز ، جۇد – بوران كۆكسۈڭدە تالقان.

كەچمىشلەر گۈل چەككەن مۇراد تاڭلىرى،

قۇياشقا مەڭزىنى يېقىپ ھارمىغان.

تىنىڭدىن نۇر بالقىپ كۈلىدۇ قۇياش،

سەن مېنىڭ باغرىمدا ئۈنگەن لالىزار.

ئاي نۇرى ئەركىلەپ چېچەكلىرىڭدە،

شىجائەت، جەسسۇرلۇق، باتۇرلۇق ياغار...


سەھرانى سۆيىمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4098
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرتۇمنىڭ يۇلغۇنلىرى تەسۋىرلەنگەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ شۇنداق ھاياجانلاندىم.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسز قۇلىڭزغا دەت كەلمىسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش