مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 10

ئەلرازى توپلاملىرىدىن تاللانما شېئىرلار «2 » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7333
تۆھپە نۇمۇرى: 1776
توردا: 2204 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلرازى توپلاملىرىدىن تاللانما شېئىرلار «2 »




سۆيەلمەيمەن

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
مۇزىكىسى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى


چىن يۈرەكتىن كۆيۈپ قالسام بىر قىزغا ،
پاك قەلبمنى ئەقىدەمنى بىرەلەيمەن .
ئوتلىرىدا كۆيۈپ ئۆلسەم رازىمەنكى ،
لىكىن ئۇنى سۆيدۇم دەپلا سۆيەلمەيمەن .

سۆيگۈ بولسا مەڭگۈلۈككە پاكىت ئەمەس ،
سۆيۈپ مەڭگۈ ئايرىلغانلار ئازمۇ ئەمەس .
سۆيگۈ قىممەت لىكىن ئۇنداق ئەرزان ئەمەس،
شۇڭا لىۋىم تەلمۇرسىمۇ سۆيەلمەيمەن .
  
بۈگۈن سۆيسەم ئەتە يەنە سۆيەلەمدىم ،
سۆيدۇم دەپلا مەگگۈ بىللە ئۆتەلەمدىم.
تاشلاپ كەتسە سۆيگەن يارىم بىر كۈنى مېنى ،
ۋىجدانىمغا بۇ قەرزىمنى تۆلەلەمدىم .
  
پاك ياراتقان ئاللاھ ماڭا ۋىجدان بىرىپ ،
شۇڭا يارنى مەن ئالدىراپ سۆيەلمەيمەن .
گەر ئىشەنچىم بولسا بىرگە ئۆتۈشۇمگە ،
مەڭگۈ بىرگە بولمىغىچە سۆيەلمەيمەن .

سۈرگۈن بولغان سۆيگۈ

توۋۋا ، سېنى ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلار دىمەپتىمەن ، پاك مۇھەببىتىمگە كېلىدىغان جاۋاپنىڭ [ئازاپ] ئىكەنلىكىنى پەقەت ۋە پەقەت ھىس قىلماپتىمەن . شۇنداقلا سىنىڭ قولۇڭدا نابوت بولدىغىنىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن .....
  
سۈرگۈن بولغان سۆيگۈ

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
  


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
تاشلىدىڭ  ھىجرانغا  قويۇپ  يىگانە .
ياتسىراپ قالدىغۇ شۇندا يۈرۈگۇم ،
بوپ قالدى ئەمدى بىر يوقسىز دىۋانە .


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
تولدۇرۇپ كۆزۈمنى قارا ياشلارغا .
يىغلىدى يۈرۈكۇم ئۆكسۇپ_ ئۆكۈنۇپ ،
تولغاچقا ئۆچۈلمەس قان ۋە داغلارغا .


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
سۇنغىنىڭ گۈل ئەمەس تىكەنكەن ئەسلى .
قۇياشنى مەن ئۈچۈن كۈلدى دەپتىمەن ،
مەن ئۈچۈن كۈلگىنى قۇيۇنكەن ئەسلى .


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
ئۆچۈردۇڭ سەن ئۈچۈن كۆيگەن ئوتلارنى .
مۇپتىلا قىلدىڭ سەن ئاخىرى يەنە ،
يۈرەككە مەڭگۇلۇك قارا جۇدلارنى .


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
كىيدۇرۇپ بىشىمغا ئازاپ قالپاقنى .
بىلمىدىم ئىتقىنا ئويلىدىڭمۇ يا ،
ئۆزۈڭگە باشقىدىن بىر يار تاپماقنى .


سەن سۈرگۈن ئەيلىدىڭ سۆيگۈمنى مېنىڭ ،
قاراپمۇ قويماستىن  ئاھۇ زارىمغا .
بولدى بەس ئۆچۈپ كەت يۈرەكتىن زىنھار ،
كەلمىگىن قايتىدىن ئەمدى يادىمغا .

شۇنداق ۋاپاسىز ئەمدى ھەرگىز يادىمغا كەلمىگىن ....مەندىن يىراق تۇر ....لىكىن ساڭا دەيدىغىنىم ...مەندىن بۆلەك باشقا يىگىتلەرنىمۇ ماڭا ئوخشاش
نابۇت قىلمىغىن ..بولمىسا ھامان بىر كۈنى ...ئۇلارنىڭ قاغىشا ئۇچىرايسەن... ئۇزەڭگە دىققەت قىل........... ۋاپاسىز......




ۋىسال تەشناسى


دىلبىرىم بىلەمسەن ؟ساڭا شۇنچىلىك تەشنا ئىدىمكى خۇددى سەكىراتتا ياتقان ئىنسان ھاياتلىققا قايتا ئىنتىلگەندەك ،مەنمۇ شۇنچىلىك ۋىسالىڭغا تەشنا جىنىم ...قېنى ۋىسالىڭغا تەشنا بولغان يۈرۈكۈمنىڭ نىداسىغا قۇلاق سالغىن ....................


ۋىسال تەشناسى


قايدىن تاپاي دەردىمگە دەرمان ،
قايدىن ئىزلەي ۋەسلىڭىنى ھەمدە .
ۋىسالىڭدىن بەرمىدىڭ خەۋەر ،
شۇڭا يۈردۇم ھەسرەت ۋە غەمدە .


تەشنا ئىدىم سۆيگۈڭگە سىنىڭ ،
سۇنالمىدىڭ بىر قەدەھ شاراپ .
ئويلىساملا يالغۇزلۇغۇمنى ،
يۈرەكلىرىم بولىدۇ خاراپ .


ئىزلىمەك بوپ ۋەسلىڭنى سىنىڭ ،
ئىزلىمىگەن جايىم قالمىدى ،
تولا يىغلاپ تولا ئاھ ئۇرۇپ ،
بۇ تىنمدە ھالىم قالمىدى .


كۆرسەتكىنە ۋىسالىڭنى بىر ،
قىينىماستىن يۈرەكنى بۇنچە .
ۋىسالىڭغا تەشنا يۈرەك ،
ئىچىلدۇرغىن قەلبىمدىن غۇنچە .


تاپالمىغاچ جامالىڭنى يار ،
تاپماق بولدۇم پۇراپ ھىدىڭنى .
خوشال بولدۇم ئازاپلاندىم ھەم ،
كېچىلەر يەپ سىنىڭ غىمىڭنى .


گاھى شىرىن گاھ ئازاپ ئىكەن ،
كۆيگەن يارنىڭ ۋەسلىنى تاپماق .
تەس تۇيۇلدى شۇ كۈندىن تارتىپ ،
كېچىلىرى راھەت بوپ ياتماق .

      شۇنداق ،  گۈلۈم ،  كۈندە ھەم تۈندە سىنىڭ ۋىسالىڭنى ئىزلەپ چۆل_ جەزىرە ھەتتا تاغ _ داۋان قالمىدى...ۋىسالىڭدىن خەۋەر بەرگەيسەن  .... سىنىڭ ۋىسالىڭنى كۈتۈپ تەنھا يۈرەك ....

يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت سىنى دەپ......


بىلەمسەن؟ بۇ جىسمىم خۇددى سىنى دەپ يارالغاندەكلا ھەممىگە كۈندى ... كونىلار كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دەپتىكەن .. شۇنداق ساڭا كۆيۈپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە بەكىرەك كۆنۈپ قاپتىمەن دىسەممۇ قىلچە خاتالاشمايمەن ... قېنى تۇۋەندىكى يۈرەك زارىمغا قۇلاق سالغىن !!!!

يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت سىنى دەپ......

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى


يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت سىنى دەپ ،
كۆنەلمىدىم ئۆزگىگە بىلسەڭچۇ نىگار .
بۇ يۈرۈكۇم قاغجىردى شەربەتسىز بولۇپ ،
زەمزىمىڭدىن يۈرەككە بەرسەڭچۇ نىگار .


يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت سەن ئۈچۈن ،
قىنىساڭمۇ تانمىدىم سىنىڭدىن زىنھار .
كەتسەڭمۇ سەن مىنى ھىجرانغا تاشلاپ ،
كۈتتۈم سىنى يەنىلا بولۇپ ئىنتىزار .


يارالغاچقا بۇ جىسمىم ئىسمىڭنى ئاتاپ ،
ساقلاپ كەلدىم دىلىمدا پەقەت بىر سىنى .
ئايرىدىمۇ بىزلەرنى تەقدىر مۇشۇنداق ،
سىنىدىمۇ ۋە ياكى سىنى ھەم مىنى .


يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت سەن بىلەن ،
ئۆتۈپ كىتەي دىگەنتىم ئۆمۈرلۈك بولۇپ .
لىكىن مەندىن ئايرىلىپ كەتتىڭ يىراققا ،
شۇ ئازاپقا سەن مىنى يىگانە قويۇپ .


يارالغاچقا بۇ جىسمىم پەقەت ساڭىلا ،
رازى بولدۇم يۇرەكنى يىرىپ بىرىشكە .
تىرىك مۇردا بوپ قالدى بۇ پۈتۈن تېنىم ،
رازى ھەتتا سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بىرىشكە .

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى

2012 _ يىلى 5 _ ئاينىڭ1 _ كۈنى .... سەيشەنبە ... غۇلجا ....







ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيەلمەيمەن

ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
مۇزىكىسى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى


مۇزىكىسىنىمۇ بىر ئاڭلىغان بولساق بوپتىكەن بۇ  ناخشىڭىزنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشڭ يېزپىسز رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35362
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1172
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي
شېئىرىڭىزنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتىم .مۇھەببەت بۈيۈكلىكىدە ،ۋىجدان كۆيۈكلىكىدە
تۇرۇپمۇ مۇلاھىزە قىلىپ باقتىم ،بىراق شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىكى بىراۋنى سۆيگەن ئىكەنسەن سۆيگۈسىگە ئېرشەلمىسەڭمۇ مەڭگۈ قەدىرلە ،بەخىت تىلە ،قاقشاش ،زارلاش
نەپرەتلىنىش ئۇ ھەقىقىي سۆيگۈ ئەمەس بەلكى چىدىماسلىق ،دۈشمەنلىك دىگەن بىر ھەقىقەت..
مەقسەت :مەزمۇن ئىزچىللىقى تېخىمۇ كۈچەيسە ،ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىنسا ،ئۆزى يازغىنىنى ئۆزى چۈشەندۈرگەندەك ئىزاھات بېرىلمىسە
تىلى تېخىمۇ ئۆتكۈر بولسا دىگەن ئۈمىدتىمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 09:44 AM  


ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79583
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-5-1
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆيدۈم پىشتىملار تىخى تۈگىمەپتىدە ما  مۇنبەردە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78651
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ  تىرىشىڭ  غەيرەت  قىلىڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78651
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆيدۈم پىشتىملار تىخى تۈگىمەپتىدە ما  مۇنبەردە..........................
قاراڭ   بۇ دۇنيادا  مۇھەببەت  بولغاندىكىن  ئۇنىڭغا  ئاتالغان  لىرىكىلارمۇ  ئەلۋەتتە  بۇلىدۇ، بۇدۇنيادا  مۇھەببەتسىز  ياشىغلى  بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 287 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى يىزىپسىز !!

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79481
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەت-ئاستا خاراكتېرلىك قىيلىنىپ ئۆلۈش جەريانى.


مۇھەببەت- خەتەرلىك ئويۇن!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش