كەپتەرۋاز غەزىلى
ئېلىپ ئارمان، پىغانىمنى مۇئەللەق-كۆكتە پەرۋاز قىل،
خىيالىمنى قاناتىڭغا پەقەت بىررەتلا ھەمساز قىل.
.
ئەجەپ ئەركى جامالىڭنى دىمەس كىم پەر-قاناتىڭدا؟
تۈمەنمىڭ پەر قېقىپ ئانداغ بىرىپ زوقى ئارام ناز قىل.
.
مەگەر ئالتۇندا ھەل بەرسەم قەپەزىڭ بەس! كىشەن-زەنجىر،
رەشك ئەيلەشكە نە ھەددىم باھارىڭ پەيزىدىن ياز قىل.
.
جاھان سەيناسى بەزمىدە ئۈزۈپچىق گاھى بەيگىدە،
«بۇقۇلداپ» گاھى سەۋرىدە نىھال ھۆسنىڭگە پەرداز قىل.
.
پېقىرنىڭ نەچچە رەت موللاق ئېتىشقا ئاھ! خۇمارى كۆپ،
زىبا بىر جۈپ قاناتىڭنى ئۇرۇپ روھىمغا باز-باز قىل.
.
يارالمىشتىن قاناتلىقلار تەئەللۇق كۆككە ئەلۋەتتە،
ئايا! قۇدرەت قاناتلىقنى قاناتسىزلارغا ئەنداز قىل.
.
ئى «بارخان» قەھرى-پەيماندا خىتاب قىل ئول سىماسىڭغا،
ئۇدۇم-يىلتىزنى «سۇمرۇغ» دەپ ئۆزەڭنى پەخرى سەرۋاز قىل.
.
مەنبە: تارئۇرۇم (بارخان) ئىلھامى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 09:21 PM