رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ئەجەل
ئارىسلاندەك ئوغلانلارنى ئەپ كەتتى ئەجەل،
ھۆر پەرىدەك گۈزەللەرنى ئەپ كەتتى ئەجەل.
يىغلاپ قالدۇق ئارقىسىدىن تىخ ياشتى دەپ،
ياش دىمەستىن نەۋ قىراننى ئەپ كەتتى ئەجەل.
ھەقىقەت شۇ ھەر بىر جانغا ھەمراكەن ئەجەل،
بۇ ئەجەلدىن قۇتۇلغان يوق ئەزەلدىن ئەزەل.
ئايرىمايدۇ چوڭ كېچىكنى خالىسا ئەگەر،
ئىلىپ كىتەر چوڭنى قۇيۇپ كېچىكنى ئەۋەل.
ھاياتلىقتا ياشاركەنمىز ئىنسان بىر مەھەل،
ھامان بىركۈن ئىلىپ كىتەر ئىكەن شۇ ئەجەل.
قالار ئىكەن تاپقان دۇنيا سالغان ھەم ساراي،
بارار ئىكەن ھەمرا بولۇپ قىلغان شۇ ئەمەل.
كۆز تەگمىسۇن
ياخشىلىق دەپ يول ماڭغانغا كۆز تەگمىسۇن،
قولى ئوچۇق سىغىلارغا كۆز تەگمىسۇن.
ۋەتەن يۇرتۇم كۈلسىكەن دەپ كېچە كۈندۈز،
ئەل غېمىنى قىلغانلارغا كۆز تەگمىسۇن.
بىر بىرىگە چىن يۈرەكتىن كۆيگەنلەرگە،
ۋىسال تىپىپ مۇرادىغا يەتكەنلەرگە.
ئۆمۈر بويى قان تەرىنى تۈككەن ئەلگە،
باغۋەن كەبى ئۇستازلارغا كۆز تەگمىسۇن.
ياخشىلارنىڭ كۆزلىرىگە ياش تولمىسۇن،
خەيۋەتخۇرلار ئارقىسدىن گەپ تاپمىسۇن.
بۇ زارىمنى ئىگەم ئاللاھ ھەم ئاڭلىسۇن،
ئىجابەت قىل ياخشىلارغا كۆز تەگمىسۇن.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ..........ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى