A غا بىغىشلاپ
ئۇنتۇپ سېنى توساتتىن،
ناتونۇشقا ئايلاندىم بۈگۈن.
كۆزلىرىمدە لىق ياشتۇر جېنىم،
يېشىلمەيدۇ مەڭگۈگە تۈگۈن.
مېنى چۈشەپ قاپسەن،
سىغىنشنىڭ ئىلكىدە يۈرۈپ.
بىر كۈن كەچكىچە
گاراڭ يۈرۈپسەن،
ئازاپلارنىڭ ھەممىسىن يۈدۈپ،
سىغىنىشلىق خىيالغا چۆكۈپ.
سېنى سۆيىمەن دېيەلمىدىم،
كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
قوللىرىڭنى سىقالمىدىم،
ھاياجاندا تىترەپ يۈرۈپ.
بىلمەيسەن،
قانچە كېچە كۈتكەنلىكڭنى
ھاياجاندا ئەنسىرەپ تۇرۇپ،
يۈرىكىڭنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ.
ئەپسۇس،
كۆزۈڭدە ياش،دىلىڭدا ھەسرەت،
يۈرىكىڭدە كەچمىش تامغىسى.
شاھ خىيالغا ئازاپ سۈرەتلىك،
ياشلىرىڭدا چاقنار ھەممىسى.
‹‹ئۇنۇتماق قىيىن،كۆيۈش ئاسان،››
كۈتۈش قىيىن نامەلۇم مېنى،
سۆيۈش قىيىن نامەلۇم سېنى.
مۇھەببەت،
بىر مېنىلا ئۇنتۇپ قالغاندۇر،
يۈرىكىڭگە خائىن ئىدىڭ دەپ.
ئازاپ،
ئالەم ئارا چاۋاك چالغاندۇر،
يىغلىغاندا يۈرەك ئىسەدەپ.
يۈرىكىمدە
ئالامچە ئازاپ
بېسىپ ياتار مۇھەببەتنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 08:52 PM