|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمىز!
« ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ 2-سانىدا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تېببىي خادىملىرىنىڭ پېشۋاسى ، مۆھتەرەم ئۇستاز دوختۇر روزى ھاجى مۇھەممىدى ئاكىمىز بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا تېببىي خادىملارنىڭ ئەخلاق-ساپاسى، خەلق ئالدىدىكى بۇرىچلىرى، ئۇستازنىڭ تېببىي پەن ئۆگىنىۋاتقان ۋە بۇ ساھەگە ئەمدىلا كىرىشكەن بوغۇنلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە مۇڭداشماقچى بولغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنىدۇق. مانا شۇ تاپتا، « ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ 2-سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
(يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى روزى ھاجى مۇھەممىدى)
شارائىتنىڭ چەكلىك، تەجرىبىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى تورداشلار بىزدىن كۈتكەن ئۈنۈم ۋە سۈپەتكە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز ئېنىق. ئەمما، بىز بۇندىن كېيىن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شارائىتىمىزنى پەيدىنپەي ياخشىلاپ، «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» نى تورداشلارنىڭ ھەقىقى سىرداش دوستى بولۇشقا يارايدىغان، مۇنەۋۋەر تور ئىكرانى پروگراممىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز! سىزنىڭ قوللىشىڭىز، رېغبىتىڭىز، تەكلىپ-تەنقىدلىرىڭىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئەلۋەتتە.
ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىمنى ھەرقايسى مۇنبەر، مىكروبلوگلاردا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-قاياشلىرىغا تەۋسىيە قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012.05.1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 08:45 PM
|
|
|
|
|
|