ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر
ئادەم نېمىشقا چۈش كۆرىدۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن يات جىنىسلىقلار بىلەن سۈيۈشۈشنى ياخشى كۆرىمىز؟ نېمىشقا ئادەم بىر ئىشتىن ئوڭايسىزلانغاندا يۈزى قىزىرىپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا پەقەت ئادەملەردىلا بالاغەت دەۋرى بولىدۇ؟ قارىماققا ئاددى بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بەلكىم سىزمۇ بىلمەيسىز. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى بىزنى كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، بىراق ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىكى بۇ ئاددى ئىشلارنى ئۇلار ئويلاپمۇ يېتەلمىگەن. ئەنگىلىيەدىكى «يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلىنىڭ بۇقېتىملىق يېڭى سانىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى يشىلمىگەن ئون چوڭ سىرنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنى بايقايسىزكى، ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان بۇ ئون چوڭ سىر بىز رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ تونۇش ئىشلار بولۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ بەدىنى ۋە تۇرمۇشىغا ئورتاق. ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان ئون چوڭ سىر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1.چۈش كۆرۈش: چۈش كۆرۈش داڭلىق پىسخولوگ فرويىتنىڭ تەلىماتى بويىچە يۇشۇرۇن ئېڭىمىزدا ساقلىنىپ قالغان، ئادەتتە ئىپادىلەپ چىقشىقا ئامالسىز بولغان بىر قىسىم تەلپۈنۈشلىرىمىزنىڭ تىپىپ چىقشىى بولۇپ، چۈش كۆرۈش بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستىدىن ئىبارەت. بىراق نېمىشقا بەزىدە ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرىمىز ئەمما ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بولغان تەبىر بېرەلمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ 2.يۈزى قىزىرىش: دارۋىن ئەينى يىللىرى ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىسىيىسنى ئوتتۇرغا قويغاندىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تەدىرىجى ئۆزگىرىش جەريانىدا بىر ئىشتىن خىجىل بولسا يۈزى قىزىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرەلمىگەن. ئادەملەردىكى نۇرغۇن فىزىئولوگىيىلىك ئادەتلەرنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن ئۆز قىممىتى بولسىمۇ بىراق يۈز قىزىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش ئادەملەرنى ھەرخىل سورۇندا تولىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرنى شۇنداق. قىسمەن ئالىملار يۈزى قىزىرىشنى ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، يۈزى قىزارغان ئادەمنىڭ راس ياكى يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ دەپ قارىغان. 3. كۈلۈش: كۈلگەندە بەدىنىمىز يەڭگىللەپ، كەيپىياتىمىز تولىمۇ راھەت بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئالىملار 10 يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىشى ئارقىلىقمۇ كۈلۈشنىڭ ماھىيەتلىك سىرىنى يېشەلمىگەن. 4. سۆيۈشۈش:ئىنسانلار جەمئىيىتىنڭ ھەممە باسقۇچىدا سۆيۈشۈش مەۋجۇت بولغان ئەمەس، شۇڭا بۇنى ئېرسىيەتتىن بولغان دەپ قاراش تازا توغرا بولمايدۇ. بىر نەزەرىيەدە مۇنداق دېيىلگەن، بۇ ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقنى ئەمدۈرۈش ئەسلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.قەدىمكىلەر ئېغىزى ئارقىلىق بالىلارن ئۇزۇقلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى سۈتتىن ئايرىغان، بۇ نەزەرىيە شۆلگەي بىلەن خوشاللىقتىن بەھىرلىنىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەن. بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان، سۆيۈشكەندە ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا بوۋاق چېغىدا ئانا سۈتى ئەمگەندىكى تۇيغۇ ئويغىنىپ، راھەتلىنىش،سۆيگۈنى ھېس قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا چۆمۈش كۈچىيىدۇ. بىراق يەنە بەزىلەر سۆيۈشۈشنى پەقەتلا شۆلگەيدىن ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغان. 5. خۇراپاتلىق ۋە6-سەزگۈ: ئىنسانلار خۇراپاتلىققا ئاساسەن ئىشەنمەيدۇ، بىراق بەزى خۇراپىي گەپ-سۆزۋە ئىش-ھەرىكەتلەر دائىم ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ.ئاياللاردىكى 6-سەزگۈنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يەنە بىرسىر. مايالىقلارنىڭ تارىختا يېزىپ قالدۇرغان كەلگۈسى پەرەزلىرىنىڭ بىرمۇ-بىر ئىسپاتلىنىشى ۋە ئاياللاردىكى 6-سەزگۈنىڭ شۇ قەدەر توغرا چىقىشى بۈگۈنكى كۈندە ھېلىھەم سىر پېتى تۇرماقتا. 6. بالاغەت دەۋرى: ئادەم بىلەن ئادەمسىمان مايمۇن ئوتتۇرىسىدا بىر قەدەر يېقىن مۇناسىۋەت بولسىمۇ، بىراق بالاغەت دەۋرى ئادەمسىمان مايمۇندا بولۇپ باققان ئەمەس، بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان، بالاغەت دەۋرى ئادەمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن قورامىغان يەتكەن ئادەمگە ئايلىنىشىدىكى بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولۇپ،ئۆزىمىزنى قايتا تونۇشتىكى جەريان. 7. ئالترۇئىزم (ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلاش):كېيىنكى پايدا-مەنپەئەتنى ئويلاشماي تۇرۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش تەدىرىجى تەرەققىيات جەريانىدىكى غەلىتە قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار دائىم ئۆزىنى قىلچە ئويلىماي باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇ؟ بۇ بەلكىم ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر ياكى پەقەتلا خوشاللىق تېپىش ئۈچۈندۇر. بىراق ماھىيىتىدىن ئېيىتقاندا، ئەڭ شەخسىيەتسز ئىشنىڭمۇ تېگىدە چوقۇم بىر پايدا-مەنپەئەتنىڭ يىلتىزى بولىدۇ. 8. سەنئەت: بىر ئالىم مۇنداق دەپ قارىغان، رەسساملىق، ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋەھەيكەلتاراشلىق قاتارلىقلار خۇددى توزنىڭ ئۆز قانتىنى يېيىپ ئۆزىنىڭ قانداق يۇشۇرۇن ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىغىنىغا ئوخشايدۇ. بىراق بەزىلەر يەنە مۇنداق دەپ قارىغان، سەنئەت بىزنى جسىىملارغا ئوخشىمىغان نوقتىدىن قاراشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ ھەم ئىلىمنى تارقىتىش ۋە تەجىرىبىدىن ئورتاقلىشىشتىكى قورال. 9. بۇرنىنى كوچىلاش: بۇرنىنى كوچىلاشتىن ئىبارەت بۇ يىرگىنىشلىك ئەمما ساقلانغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتنى تۆتتىن بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر كۈندە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق قىلىدۇ. ئالىم ھېسسىن بۇ ھەقتە خېلى تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ بىراق سەۋەبىنى يېشەلمىگەن. بەزى چۈشەندۈرۈشلەردە مۇنداق دېيىلگەن، بۇرنىنى كوچىلاش ئادەمنىڭ ئىممونىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 10. بەدەن تۈكى: ئىنسانلارنىڭ بەدەن تۈكى ئىنچىكە ۋە يۇمراق بولۇپ بۇ باشقا ھايۋانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا دەل ئەكسىچە. چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلگەن، بۇ بەلكىم بەدەندىكى تەر ۋە پۇراقنى چىقىرىپ تاشلاش، سۈركىلىپ ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 03:37 PM
|