تام
قەشقەرلىك بىر ئايال توختىماستىن گەپ قىلىدۇ،
مەن چاپىنىمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ باشقا ياقلارغا قارىۋالىمەن.
ئىچىمدىكى لىق تولغان ئىككىمىز ۋە سېغىنىشنىڭ ئاخىرقى چەكلىرى،
چىدىغۇسىز لەھزىلەردە ئۆلۈۋاتىمەن..
ئازاب- ئاپئاق تاملاردەك گۇناھلار ئەمەس،
لېكىن ئۇ بارلىق بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى.
ئازاب- گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك..
ئىشتىھاسىزلىق پەسلىنىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانى.
كىم ئۇ گۈللەرنىڭ كۆكسىنى يىنىك سىلىغان؟
كىم ئۇ ھەسرەت بىلەن تاتلىق جىلمايغان؟
نېمىدېگەن سەتچىلىك، نېمىدېگەن سەتچىلىك!
كەچۈر مېنى مەن بىر ھايۋان!!
قىزغىن
بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن،
ۋەھىمە كوچىلىرىدىن ياڭرىغان ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زار.
ناماز شام پەيتى، يىگىلىگەن نېرۋا تۆشۈكچىلىرى،
ھەممە يەر زۇلمەتلىك قۇرقۇنچ ياغار.
بىر مېتىر غېرىپلىق،
مەيۈسقىنە ئۇزۇتۇلغان دەپنە مۇراسىمى.
شىددەت بىلەن ئۆلۈۋاتقان پاقىلار،
يەر ئاسىتى سۇ يولى.
تۈنۈگۈن ئىچىمدە قالدىم ئېھ، مېنىڭ لەنەتكەرلىكىم،
بارچە نەرسىلەر يالغان ۋە سۆيۈشتىن مەھرۇم.
ياندىم، ياندىم ئاندىن تۇلۇن ئاينى قارغا ئالدىم،
بۇ دۇنيادا پەقەت مەنلا ئاشىق ئاتالدىم!
چىرايلىق
مەن دائىم ئۇنىڭغا ئوغىرلىقچە قارايمەن،
ئۇنى نېمىشقا بۇ قەدەر گۈزەل يارالغان بولغىيتتى دەپ ئويلايمەن.
ئىچىم ھۆل، قۇرۇق ئوتۇندەك گۈر-گۈر،
ساناپ-ساناپ ئېزىپ كېتىمەن.
بىردىن تارتىپ بەشكىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەممىسى قىسقا،
كالتا چاچلىرىڭدا كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى.
تاتلىق ئاۋازىڭدىن ئۆرگىلەي!
بۇلبۇل باغلاردا قان بولسا مەيلى!
مەن كوچىلارغا پاتماي غەرق مەسىت ماڭىمەن،
قېنى مېنىڭ قەشقەرلىك ئاغىينىلىرىم؟
بىر توپ ھەرە چاقار مېنى توختىماي،
ئۆلۈۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 10:57 AM