مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 6

ئەلرازى توپلاملىرىدىن تاللانما شېئىرلار« 1 »« دىلاۋۇر شۆھرەت » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7333
تۆھپە نۇمۇرى: 1776
توردا: 2204 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى ئىجادىيەت توپلاملىرىدىن تاللانما شېئىرلار


                 پىنھان سۆيگۈ                 
  

كۆيگۈنۈم راست يوشۇرۇن ساڭا ،  
ئىزلەپ ئامال تاپالماي چارە .
ساڭا كۆيگەچ بۇ يۈرەك پىنھان ،
ئوتلۇرۇڭدا بولدۇممەن پارە .

سەن خەۋەرسىز لىكىن سۆيگۈمدىن ،
شۇڭا خۇشال يۈردۈڭ ھەر يەردە .  
قىيناپ كەلگەچ مېنى ھىجرانىڭ ،   
يۈردۈم يالغۇز ئەلەمدە غەمدە . .

   قىلالمىغاچ سۆيگۈمنى ئىزھار ،
پىنھانلاردا يىغلىدىم يالغۇز .
گۇناھمىدۇ ساڭا كۆيگۈنۈم ،
تۈنلەر ئارا قالدىمغۇ يالغۇز .

ئۆلۈپ كەتسەم ئۇشبۇ دۇنيادىن ،
پىنھان سۆيگۈم كىتەرمۇ بىللە .  
ھەمرا بولۇپ قەۋرەم ئاستىدا ،
گۈل كەبى بوپ ئۆنەرمۇ بىللە .


چۈشلىرىمگە ئارام بەرگىنە

ئويلىدىڭمۇ بۈگۈن كەچ مېنى ،
چۈنكى كىرىپ قاپسەن چۈشۈمگە .
يەنە ساختا ۋەدىلەر بىلەن ،
سۆيدۈم دەپسەن قاراپ كۆزۈمگە .

رىئاللىقتا ئالدىغانلىرىڭ ،
يەتمىدىمۇ ئىتقىنا قېنى .
يەنە شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇپ ،
چۈشۈمدىمۇ ئالداپسەن مېنى .

ئارام يوقمۇ چۈشلىرىمگىمۇ ،
ئەي بىۋاپا دىگىنە ماڭا .
نەپىرەتلەندىم بىر ئۈمۈر بىلسەڭ ،
بۇ دۇنيادا پەقەت بىر ساڭا .

چۈشلىرىمدە كۆرگۈم يوق سېنى ،
ھارام ماڭا سەن بار چۈشلىرىم .
چۈشلۈرۈمگە ئارام بەرگىنە ،
خوشال ئۆتسۇن سەنسىز تۈنلىرىم.


ئەنسىرەيمەن

بىلەمسەن؟ سىنىڭدىن قانچىلىك ئەنسىرەيدىغىنىمنى ؟بۇ ھەرگىزمۇ ساڭا ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس بەلكى سىنى بارلىقىم بىلەن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈندۇر ....

ئەنسىرەيمەن نىگارىم بىلسەڭ ،
ماڭا مەنسۇپ ئەمەسلىكىڭدىن .
بىر كۈنى مېنى ھىجرانغا تاشلاپ ،
كېتىۋىلىپ كەلمەسلىكىڭدىن .

ئەنسىرەيمەن نىگارىم بىلسەڭ ،
ماڭا بىر كۈن كۆيمەسلىكىڭدىن .
سۆيەي دىسەم ئىتتىرىپ مېنى ،
ھازىرقىدەك سۆيمەسلىكىڭدىن .

ئەنسىرەيمەن نىگارىم بىلسەڭ ،
سەنسىز يالغۇز قىلىشلىرىمدىن .
سېنىڭ بىلەن يۈرگەن باغلارغا ،
ئەمدى تەنھا بىرىشلىرىمدىن .

ئەنسىرەيمەن نىگارىم بىلسەڭ ،
ماڭا پەرۋا قىلماسلىقىڭدىن .
ئۇسساپ كەتسەم سەنسىز قاغچىراپ،
بىرەر تاۋۇز تىلماسلىقىڭدىن .

ئەنسىرەيمەن نىگارىم بىلسەڭ ،
خەققە يار بوپ كېتىشلىرىڭدىن .
ئىھ: خۇدايىم ساقلىغاي سىنى ،
كۈزلۈرۇمدىن يۈتۈشلۇرۇڭدىن .

سىغىنىمەن ئايرىلساممۇ يار سېنى

ئازاپلىق كۈنلەرنى باشلاي مەن ئەمدى ،
بۇرۇنقى ئەسلىمگە قايتاي مەن يەنە .
گۈل قىلغان باغلىرىم توزىدى ئەمدى ،
مۇڭسىراپ قالدىغۇ كاككۇكمۇ ئەنە .

ئايرىلىش سۆزىنى قىلغان مەن ئۆزۈم ،
ئەمدى مەن قايتىدىن سۆيەلمەيمەن ھەم .
كۆيسەممۇ سەن ئۈچۈن  يالقۇنلۇق ئوت بوپ ،
قايتىدىن شام بولۇپ كۆيەلمەيمەن ھەم .  

كۆزۈڭگە ياش ئېلىپ يىغلىما بولدى ،
تەقدىرنى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بىل .
مۇراتقا يەتمەسكەن ئاشىق مەشۇقلار ،
بىزمۇ ھەم شۇلاردەك يەتمىدۇق دەپ بىل .

يۈرەكنى ئازاپتا سوقمىسۇن دىسەڭ ،
قايتىدىن تىرىلدۇر ئۇزۈڭنى ئەمدى .
قەدەمنى ئاۋايلاپ باسقىن بۇندىن كىيىن ،
قايتىدىن نۇرلاندۇر كۆزۈڭنى ئەمدى .

ئەسلەيمەن شۇ گۈزەل شىرىن كۈنلەرنى ،
ساقلايمەن دىلىمغا سىڭىپ كەتكۈچە .
يەنىلا سىغىنىپ ئۆتىمەن سېنى ،
بىر ئۈمۈر ئەجەل كىلىپ ئېلىپ كەتكۈچە .


ۋاپاسىز يار

مۇزىكىسى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى

كۆيگەنىدىڭ بىر چاغلاردا سەن ماڭا شۇنچە ،   
تىزغان ئىدىڭ مىنىڭ ئۈچۈن قىزىل گۈل غۇنچە .
لىكىن بۈگۈن تاشلاپ كەتتىڭ ئەي ۋاپاسىز يار ،   
ھېچ بىلمىدىم يۈرەكلىرىڭ تاشمىدۇ شۇنچە .  

ئايرىلمايمىز دىگەن ۋەدەڭ سۆزلىرىڭ قېنى ،   
مۇھەببەتلىك قىيا باققان كۆزلىرىڭ قېنى .
بىلەلمىدىم ئېيتقىنا يار گۇناھىم نېمە ،   
ئازاپلارغا يالغۇز تاشلاپ كەتكىدەك مېنى .   

مەيلى كەتسەڭ كېتىۋەرگىن كەلمىگىن ئەمدى ،   
تىكەن ئىلىپ گۈل ئۈزدۈم دەپ بەرمىگىن ئەمدى .   
كىرەك ئەمەس ساختا سۆيگۈڭ ساختا ئەقىدەڭ ،
كەل جېنىم دەپ باغرىڭنى كەڭ كەرمىگىن ئەمدى .   


ئەسلى ناخشا ئۆزى بىلەن بىللە يوللىغان بولسام ياخشى بولاتتى ئەپسۇس ........................

  ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى .

2012 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 30 _ كۈنى .... دۈشەنبە ..... غۇلجا .........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 01:56 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5287
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1001 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىنسان پىسخىكىسىنى يوشۇرىدىغان مۇرەككەپ مەخلۇق،
  شۇڭا ئۇنىڭ سۈزىدىن كۆزىنى، كۆزىدىن ئۆزىنى چۈشەنمەك تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېرلىرىڭىز تولىمۇ يەگگىل ،چۈشنىشلىك ،تەسىرلىك چىقىپتۇ .بىر ئاشىقنىڭ قەلبىدىكنى تامامەن تۆككەندەك قىلىسىز ..تىخىمۇ تىرىشىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 09:35 AM  


ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79246
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان يىزىپسىز بولسا ناخشا قىلىپ چىقارسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتى

بۇدۇنيا غەپلەپ ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، بەلكى ئويغۇنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6048
تۆھپە نۇمۇرى: 465
توردا: 1564 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلاپ قوياي ، ياخشىكەن

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئىگىلگەنگە ئىگىلىگىن، بېشىڭ يە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62407
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى شېئرلاركەن، بىرەر ناخشىچى بۇ شېئرلارنى ناخشا قىلىپ ئىيتقان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولار ئىدى-ھە!
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

كۈلمەك ئۈچۈن يارىتىلغان كۆزلەرگە ياش تولمىسۇن، سۆيمەك ئۈچۈن يارىتىلغان قەلبلەرگە دەرت كەلمىسۇن.

ئاتا ئانا بىز ئۆ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36169
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7333
تۆھپە نۇمۇرى: 1776
توردا: 2204 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!!

رەھمەت سىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلارغا !!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش