ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باھارىمۇ؟ ئاپتورى: سلومو ئاۋىنېرى (تەرجىمىدە:نەپرەت 2009) ئەرەب باھارى باشلانغاندىن بۇيان تاكى بۈگۈنگىچە، ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى ئىش ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى، بىر يۈز بەردى، يەنە بىر ئىش يۈز بەرمىدى. يۈز بەرگىنى بولسا، بۇرۇنقىدەك ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئەمەس بەلكى ئاممىنىڭ ئىسيانلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بۇ ئەرەب ھازىرقى زامان تارىخىدا بىرىنچى قېتىملىقتۇر. ئەمما، يۈز بەرمىگەن ئىش ئوخشاشلا مۇھىم. گەرچە مۇستەبىتلەر ۋە ھەربىي ھۆكۈمەتلەر ئارقا-ئارقىدىن موللاق ئاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب باھارىنىڭ گۈلدۈرمامىسى مەزكۇر رايوندىكى مۇتەئەسسىپ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتلەرنى تەۋرىتەلمىدى. گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ خەلقنى باستۇرۇش، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان مىسىر ۋە تۇنىس ھاكىمىيەتلىرىن دەھشەتلىك بولسىمۇ، ماراكەش، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى (بەھرەيىندىن باشقا) نىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئالتۇن تەختىدە يەنىلا مەزمۇت ئولتۇرماقتا. ئەلۋەتتە، نېفىت دوللىرى مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم قىلىدۇ، ئەمما ماراكەش ۋە ئىئوردانىيەدە بۇ مۇقىملىق ئامىلى يوق. ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتلەر ئەنئەنىۋى ھەيۋىگە ئىگە، بۇ ھەيۋە مەزكۇر رايوندىكى دىندىن خالىي مىللەتچى ھۆكۈمرانلاردا يوق. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماراكەش ۋە ئىئوردانىيە خان جەمەتى، مۇقەددەس شەھەر مەككە ۋە مەدىنىنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇ خىل بىۋاستە ئىسلام رىشتىسىدىن مەلۇم قانۇنلۇققا ئېرىشكەن. ئەرەب باھارىدا ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بولسا بەھرەيندىكى ھۆكۈمران جەمەتتۇر، بۇ جەمەت سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە، بەھرەين شىئە مەزھىپى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان دۆلەت. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىدا بەھرەين ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇردى، مەزھەپ ئىختىلاپى بۇنىڭدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمما، ئەمما قاھىرە تەھرىر مەيدانىنى ۋەكىل قىلغان بۇ ھەرىكەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقىي سىناققا دۇچ كەلدى...مۇستەبىتلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش نەچچە ھەپتىلىك بىر پەردىلىك كومىدىيە بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈملۈك، مۇقىم ۋە دېموكراتىك بۇرۇلۇش پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىش. بۇ بۇرۇلۇش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا-ئاستا باسىدىغان مۇساپە، مۇۋاپىقىيەتلىك بۇرۇلۇش-شەرقىي ياۋروپادىكى كېيىنكى كوممۇنىزمنىڭ ئۆزگىرىشى تىپىك مىسال بولالايدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر قانچە ھەل قىلغۇچ ئالدىنقى شەرتى بار. بىر قىسىم پايدىلىق شەرتلەر بار جايلار، مەسىلەن جانلانغان ھەمدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر ئاممىسى جەمئىيىتىگە ئىگە پولشا، ياكى كۈچلۈك سابىق مۇستەبىت كۆپ خىللىق، پارلامېنتلىق تۈزۈم ۋە سىغدۇرۇشچان ئەنئەنىسى بولغان چېخ جۇمھۇرىيىتىدا بۇ خىل ئۆزگىرىش ئوڭۇشلۇق بولدى. ئەمما ئەمما بۇ خخلدىكى شارائىتلار كەمچىل جايدا، مەسىلەن روسىيە ۋە ئۇكرائىنادا بۇرۇلۇش تېخىمۇ كۆپ مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، CNN ياكى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسەن، ياكى Facebook ۋە Twitter دىكى ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، ئېنگىلىز تىلىنى سۆزلەشنى بىلىدىغان ياشلار يوللىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئەمەلىي بولمىغان ئۈمۈدۋارلىققا تولساق بولمايدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمى تەھرىر مەيدانىدا ئەمەس، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقالمايلا قالماستىن، ھەتتا بىخەتەر ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ يوق. دېموكراتىيە ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىسى ئەمەس. مىسىردىكى «سۈكۈتكە تولغان كۆپ قىسىملار» بىلەن ئۆز ئارا ماس بولغىنى، ھەر خىل ئىسلام كوللىكتىپلىرى ۋەكىل قىلغان رېئاللىقتۇر، بۇ كوللىكتىپلارنىڭ نەزىرىدە، دېموكراتىيە ۋە پۇقرالار ھوقۇقى قاتارلىقلار غەربتىن كەلگەن پۇچەك سۆزلەر. شۇڭا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە ئەل نۇر پارتىيىسى مىسىردا، ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتى پارتىيىسىنىڭ تۇنىستا غايەت زور غەلبىگە ئېرىشىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. مۇبادا پرېزىدېنت بەشار ئاسادنىڭ ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشسە، سۇرىيە ۋەزىيىتىمۇ ئېھتىمال ئوخشاش يۆلىنىشكە قاراپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن-قازافىدىن كېيىنكى لىۋىيە ۋە سالىھدىن كېيىنكى يەمەن كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ خىلدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلاشقان دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇشىدا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق بار.
رېئاللىق بىلەن مىسىرنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، باشقا بىر ئېھتىماللىقنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ: مىسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تەسىر كۈچ-ئارمىيە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەڭ ئاخىرىدا ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئامالىنى تاپالايدۇ. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىك نۇقتىئىنەزەرلىرى ئەركىن ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي سۇپېرماتىم، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، سايلامنىڭ غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار ئىكەن. ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى تۈزۈملەشتۈرۈپ چەكلەش، ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق دېموكراتىيەدىكى ئەركىن تەرەپلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېڭىدا پۈتۈنلەي كەمچىل. مەزكۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزەتكەندە، يەنە بىر تېخىمۇ ئاساسىي ئۆلچەمنى ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەك. ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىنىڭ كۆپ قىسىمىنى جاھانگىر كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەر، مەسىلەن ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە بېكىتىپ چىققان، يا بولمىسا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يىمىرىلگەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن بۆلۈپ چىققان (سايكس-پىكوت كېلىشىمى)، يا بولمىسا تېخىمۇ بالدۇر بولغان، مەسىلەن لىۋىيە ۋە سۇدان. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا قىلچىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ھەم مىللەت ياكى تارىخىي چېگرا بىلەن ئۈستىمۇ-ئۈست چۈشمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مىسىردىن سىرت، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىسى بولۇپ باقمىغان. ئىزچىل يېقىنغا قەدەر، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئورتاق مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، زېمىن چېگىرىسى مەسىلىسىدىن ئىبارەت پاندورا قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئېتىۋەتكەن. ئەمما بۈگۈنكى ۋەزىيەت باشقىچە، بىز جاھانگىرلار مەزكۇر رايونغا مەجبۇرىي تاڭغان چېگرا لىنىيىسىگە گۇماندا بولغان سادالارنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. سادام ھۆسەين ئەرەب ھاكىممۇتلەق دۆلىتىنىڭ غۇلاپ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا كۇردىستان ئاپتونوم رايونى بارلىققا كەلدى. جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولىشىغا ئەگىشىپ، ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۇداننىڭ قالغان قىسىمى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بۆلىنىشكە دۇچ كەلدى، دارفۇر كېلەركى قېتىم بۆلۈنۈپ چىقىدىغان رايون بولۇپ قالىدۇ. لىۋىيەدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت دائىرلىرى بايقىدىكى، ئىتتىپاقلاشقان سىياسىي قۇرۇلما قۇرۇپ چىقىپ، شەرقتىكى سرېنايكا بىلەن غەربتىكى تىرىپولىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان ئىككى رايوننى بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن قىيىن ئىش؛ قازافى ھاكىمىيىتى دەھشەتلىك زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئۇلارنى مەجبۇرىي باغلاپ تۇرغان. بىن غازىدا بەزىلەر ئاپتونومىيەنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا مۇستەقىل بولۇشنى خىيالىدا بولدى. ئوخشاشلا، يەمەننىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ناھايىتى تەس. جەنۇب، شىمالىي قىسىمى ئىككى دۆلەت بولۇپ باققان، تارىخىي سەرگۈزەشتلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، سالىھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەنۇب شىمالنىڭ ئىختىلاپى يەنە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. كېيىنكى ئاساد دەۋرىگە كەلگەن سۇرىيەدە، سۈننىي مەزھىپى، ئالاۋى مەزھىپى، دىرۇز، خىرىستىئان ۋە كۇردلار ئارىدىكى مىللىي ۋە دىننىي يوچۇق ئوخشاشلا سۇرىيەنىڭ بىرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. ئاسادنىڭ ھۆكۈمرانلىقى گەرچە زوراۋان بولسىمۇ، ئەمما ئېھتىمال ئۇلارنىڭ قاتتىق قوللىقىلا بۇ دۆلەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرالىشى مۇمكىن. سۇرىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى شەك-شۈبھىسىزكى قوشنىسى لىۋانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كومۇنىستىك پارتىيە دىكتاتۇرلىقىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە ھەتتا چېخسلوۋاكىيەنىڭ زاۋال تېپىشى يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش دولقۇنىنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئوخشاشلا، ئەگەر ئەرەب دۇنياسىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى، دەلدەڭشىپ ئالغا مېڭىشى دۆلەتلەر چېگرىسىنى قايتىدىن سىزىش دولقۇنىنى قوزغىسا ھېچكىم ئەجەپلەنمەسلىكى كېرەك. بۇ مۇساپە تىنچلىق بىلەن ياكى ئەسەبىيلىك بىلەن بولامدۇ، بىزنىڭ يەنىلا قاراپ تۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەنبە: ئاپتورى سلومو ئاۋىنېرى ئېرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي ئىلىم پراففىسورى، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 12:02 AM
|