مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشى:سۈپەتلىك تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتايلى،بۇ يەر <<ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى>>،كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر.8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى پروگراممىدا بىز ئەنخۇينىڭ بىڭبۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم مېۋە ئۇيۇتمىسى زاۋۇتىنىڭ ناچار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق،پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،ئۈچ ئورۇندىكى مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش نوقتىسىنى پىچەتلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن شەھەردىكى مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بازارلىرىغا قارىتا بىر قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش ھەركىتى ئېلىپ باردى.
خوش،ئۇنداقتا بۈگۈنكى مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.مېنىڭچە مەيلى قايسى كەسىپ بولمىسىۇم نۇرغۇن كىشلەر ئۆز-ئۆزىگە پۈتۈن جۇڭگو بويىچە ئەڭ ياخشى دېيىشكە پېتىنالايدۇ،ئەمما بەزى كىشلەر ھەقىقەتەن يەنە مۇشۇنداق دېيىشكە پېتىنالايدۇ.شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىپىڭ ناھىيىسىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر بىر قۇشخانىنىڭ خوجايىنى بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان كالا گۆشلىرىنى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ياخشى دەيدۇ،چۈنكى ئۇ سۈپەت ئۆتكىلىنى ناھايتىمۇ چىڭ تۇتىدۇ،يەنە سويۇش ئالدىدا تىرىك كالىلارغا ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارىدۇ،ئۇنداقتا بىز جۇڭگو بويىچە ئەڭ ياخشى كالا گۆشنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى:
شەندۇڭ ئۆلكىسى لىياۋچىڭ شەھىرىدە ھەر يىلى سويۇلىدىغان كالا سانى بەش-ئالتە تۈمەن باشقا يېتىدىغان بولۇپ،شەھەر رايۇنى ئەتراپىدىكى چىپىڭ ناھىيىسىنىڭ خۇڭگۈەندۇن يېزىسىدىكى بىر قۇشخانىنىڭ سودىسى ناھايىتىمۇ ياخشى.
خوجايىن:مېنىڭ بۇ قۇشخانامدا ناچار مال يوق،مەن سۈپەت ئۆتكىلىنى ناھايتىمۇ چىڭ تۇتىمەن،شۈنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ خېرىدارلىرىم ناھايىتى خاتىرجەم.
خوجايىن:بۇ يەرنىڭ كالا گۆشى ئەڭ ياخشى،پۈتۈن جۇڭگو بويىچە ئەڭ ياخشى.
بۇ خوجايىننىڭ كالا گۆشلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى دېيىشىدىكى سەۋەپ،تىرىك كالا سويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بۇ ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش؟ بۇ كالىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئاشقازىنىنى يۇيۇشتىن ئىبارەت.
خوجايىن:ئاشقازىنىنى يۇيىمىز.
مۇخبىر:كالىنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيامسىلەر؟
خوجايىن:سىز ئاشقازاننى يۇيۇشنى كۆرۈپ بېقىڭ.
مۇخبىر قۇشخانىدا ئىشچىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.8 مېتىر بولغان،توملۇقى باش بارماقنىڭ توملۇقىدا كېلىدىغان سولياۋ تۇرۇببىنى تىرىك كالىنىڭ بۇرنى ئارقىلىق ئاشقازىنىغا كىرگۈزۈپ،ئاندىن تۇرۇببىغا سۇ ماڭغۇزۋاتقانلىقىنى كۆردى.
مۇخبىر:بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟
ئىشچى:كالىنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيۋاتىمىز.
مۇخبىر:نېمە ئۈچۈن كالىنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيىسىلەر؟
ئىشچى:ئاشقازاننىڭ ئىچى مەينەت بولىدۇ،سىز كۆرگەن بۇ مەينەت نەرسىلەر ئاشقازاندىن چىققان.
كالا قوتىنىدا نەچچە ئون باش كالىنىڭ بۇرنىغا سولياۋ تۇرۇببا تىقىلىپ،ئاشقازان يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.ئەمما بۇ ئاشقازان يۇيۇشتىن كېلىپ چىققان سېسىق پۇراققا ئادەم چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى.
مۇخبىر:كالا نېمە ئۈچۈن تىتىرەيدۇ؟
ئىشچى:كالا سوغۇق سۇدا توڭلايدۇ.
مۇخبىر:ئۇ قانداق توڭلايدۇ؟
ئىشچى:ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا سوغۇق سۇ قويسا كالا ئەلۋەتتە مۇزلايدۇ-دە،ئادەم جېنىدا ئازراق سوغۇق سۇ ئىچسە تىتىرەپ كېتىدۇ.
نەچچە سائەتتىن كېيىن بۇ ئاشقازىنى يۇيۇلغان تىرىك كالىنىڭ قورسىقى كۆپۈپ،تۆت پۇتى ئۆرە بولۇپ،قاتتىق قېينىلىشقا باشلىدى.قاسساپلار كالىلارنىڭ قىينىلىشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماستىن داۋاملىق قوللىرىغا 10 نەچچە مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توملۇقى كۆرسەتكۈچ بارماق چوڭلۇقىدىكى پولات تۇرۇببىنى ئېلىپ كالىنىڭ ئاشقازىنىغا تىقىشقا باشلىدى.ئىشچىلار مۇخبىرغا بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ قورسىقىدىكى يەلنى ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇخبىر بۇ جۇڭگو بويىچە ئەڭ ياخشى كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى قۇشخانىنىڭ كالا سويۇش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چىدىيالماي قالدى.بۇ كىشلەرنى ئويغا سالماي قالمايدۇ،ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلارنى خورلايدىغان بۇنداق قىلىمىش چەكلىنىشى شۇنداقلا بۇلارغا مۇناسىپ چارە كۆرۈلۈشى كېرەك-ئەلۋەتتە...
http://www.nur.cn/news/2012/04/66179.shtml