دېھقان ئاتا
مۆرەڭدىكى كەتمىنىڭ ،
ئاچقۇچىدۇر جەننەتنىڭ.
داستان پۇتسەم تۈگمەس،
بايانلىرى سەن مەرتنىڭ.
قاپارسىمۇ ئالقانلىرىڭ،
جاپاغا يوق قالقانلىرىنڭ.
بىزنى پالۋان قىلدى،
سېنىڭ مېھنەت تالقانلىرىڭ.
سەن جاھاننىڭ تۈۋرىكى،دېھقان ئاتا!
سەن مېھىرنىڭ كۆۋرىكى،دېھقان ئاتا!
تۇمۇرىڭدا ئاققىنى گۈلخان،
سېنىڭدىكى ساپ ۋىجدان،
چىن ۋاپانىڭ يۈرىكى.دېھقان ئاتا!
دەردى قالدى سېنىڭدە،
زىمىستاننىڭ،تۇمۇزنىڭ.
باتۇرلۇقنىڭ بابىدا،
ئالدىدا سەن <<ئوغۇز>>نىڭ.
قالمىغچە تېنىڭدە دەرمان،
بېرىپ ئۆزىڭگە پەرمان .
گۈللەتتىڭ ھايات بېغىنى،
تېرىپ دىللارغا ئارمان.
ساڭا بولسۇن مىڭ تەزىم،دېھقان ئاتا!
سېنى سۆيمەك پەرزىم .دېھقان ئاتا!
خارلىسام دان ئېشىڭنى ،
كەتمىنىڭ چاپسا بېشىمنى،
مېنىڭ ھېچ يوقتۇر ئەرزىم.دېھقان ئاتا!!!
تولغىنارمەن
تۈنلەردە چۇشەپ سېنى ئويغىنارمەن،
ئاچسام كۆزۇمنى سەن يوق تولغىنارمەن.
ئايرىلدۇق بىز نىمىشقا ئويلىنارمەن ،
بىلەلمەيمەن ۋەجىنى ھېچ تولغىنارمەن.
گۈل ئىدىڭ كۆيگەن ئىدىم ،
قىسسام چىكەمگە كۈلگەن ئىدىڭ.
بارىمنى ئاتاپ سۆيگەن ئىدىم،
ۋەيران بولدى بەختىمىز تولغىنارمەن.
كەتتىڭ ،ئېلىپ شوخلۇقۇم باھارىم،
يۈرەكتىن ئەقىدەم قارارىم.
قۇتۇلسامتىم ئازابلاردىن كېلپ زاۋالىم،
چىقمىدى جان يا بۇ تەندىن ،تولغىنارمەن.
مەنبە :ئۆزۇم
2011.04.30