يېزىپ تۇرىمەن
(ساتىرا)
ئەتراپىمنى كېزىپ تۇرىمەن،
سۆزدىن ئۈنچە تىزىپ تۇرىمەن،
«كان»دىن«گۆھەر»قېزىپ تۇرىمەن،
ئانچە-مۇنچە يېزىپ تۇرىمەن.
مەن قەلەمگە شۇقەدەر ماھىر ،
ئىجاد زۆھرە،مەن ئەينى تاھىر،
مىسرالاردا قەلبىمدۇر زاھىر،
ئەمما بەزى ئېزىپ تۇرىمەن.
مۇڭلۇق ئۈندە ھەردەم ئۈنلىسەم،
ماختار،داستان يېزىپ كۈيلىسەم،
خۇيۇم شۇنداق- باشلىقنى كۆرسەم،
كاتتىلارغا يېقىپ تۇرىمەن.
كۆزۈم چۈشسە بىرەر گۈزەلگە،
(كىملەر ئۆچكىن تاتلىق ھەسەلگە)،
كۈيلەپ قەلەم،چاپار غەزەلگە،
بولۇپ «گۈلخان»يېنىپ تۇرىمەن.
بىراۋ مەندىن تالاشسا شۆھرەت،
قەلىمىمنى ئىشلىتىپ پەقەت،
سېسىتىمەن، قىپ ئەلگە ئىبرەت،
دەككىسىنى بېرىپ تۇرىمەن.
كېلەر بايرام ھەرئايدا ئۈزمەي،
تۇرالامدىم ئۇنى كۈيلىمەي،
شۇ بايراملار ئىلھامغا بىلەي،
كالېندارغا بېقىپ تۇرىمەن.
«ئىلھام» قاينار دىلدا ۋاراقلاپ،
«تالانت» دېگەن تۇرار چاراقلاپ،
تۇرماس ئىجاد بىراۋنى ساقلاپ،
بۇنى ھەردەم سىېزىپ تۇرىمەن.
مەخپىيىتىم:بىلسەڭ ئەگەردە،
ھۆللەنمىگەچ پىشانەم تەردە،
ئۆزۈم نەدە، يازغىنىم نەدە؟
پەرۋايىم يوق، تېنىپ تۇرىمەن!
بىردىنبىرى-يۇرتنىڭ ئەركىسى،
ھەۋەسكارلار پەخرى-سەركىسى،
سەنلا بىلسەڭ، ھەممە بىلگۈسى،
شۇنداق خىيال سۈرۈپ تۇرىمەن.
بولسىمۇ گەر كاتتا ئۇنۋانىم،
كەلگۈسىگە يوقتۇر پىلانىم،
ھەتتا بىرەر توپلام-دىۋانىم،
«ئىجاد»تىن قىر ئېشىپ تۇرىمەن!
(بىر ساتىرا بىر ئىللەتنى پاش قىلىدۇ. بۇ مەن ئەمەس. چۈشەنمىسىڭىز قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ)
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 01:25 PM