باھارىمىز ئاز بولدى دادام كېتىپ ،
قەھرىتانمۇ تاز بولدى دادام كېتىپ ،
يەر ئوخشىماي ياز بولدى دادام كېتىپ،
پاختىمىزمۇ ماز بولدى دادام كېتىپ .
تۇغقانلارمۇ يوق بولدى دادام كېتىپ ،
قارار كۆزلەر ئوق بولدى دادام كېتىپ ،
ئۆزگە سۆزى دوق بولدى دادام كېتىپ ،
شوخلۇق ئۆلدى يوق بولدى دادام كېتىپ .
تۇرمۇشمىزمۇ تەس بولدى دادام كېتىپ ،
كۈلكىمىزمۇ قەس بولدى دادام كېتىپ ،
كاللىمىزمۇ مەس بولدى دادام كېتىپ ،
بېشىمىزمۇ پەس بولدى دادام كېتىپ .

(2)
سىرلىرىم بار ساڭا دەيدىغان
-----------------
قەلەمىي
---------------------------
سىرلىرىم بار ساڭا دەيدىغان ،
بايان ئەيلەي ئاڭلىغىن يايرىم ،
تەئەللۇقتى قەلبىم بىر ساڭا ،
بىلسەڭ كېلىپ يايلىغىن يايرىم .
--------------------
سېنى بار دەپ كۈلۈپ يۈرىمەن ،
دېرىكىڭنى قىلالماي دائىم .
مەندىن كېچىپ قايسى شەيتانغا،
قىلىپ يۈرىسەن بىلمىدىم تازىم ؟
---------------------
سىرلىرىم بار ساڭا دەيدىغان ،
چۈشۈپ قالغان مىھىرلىرىم ھەم ،
قىزغىنلىقىم ئۆلگەن بىر زامان،
كىملەرسەپكەن بىلمىدىم تۇز تەم .
-------------------------
(3)
جان دادا قالدىڭغۇ بىمەھەل كېتىپ .
-----------------
قەلەمىي
---------------------------
ھەر تەتىل بارغاندا ئالدىمغا چىقىپ ،
<<كەلدىڭمۇ بالام>>دەپ باغرىڭغا يېقىپ ،
تويمايتىڭ بەستىمگە مىڭ قاراپ بېقىپ ،....................
جان دادا قالدىڭغۇ بىمەھەل كېتىپ .
-------------------------
ئۇراتتىڭ تېلىفۇن <<پۇلۇڭ بارمۇ؟>>دەپ ،
<<بولمىسا سېلۋىتەي ،ھازىر مانا >>دەپ .،
تۇراتتىڭ ئەنسىرەپ دائىم غېمىم يەپ ،...................
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ .
----------------------------------
<<سەن ئوقۇغان سىنىپنى بىر كۆرسەم >>دەيتىڭ .
<<ئوقۇتقان مۇئەللىم قانداقراق ؟>>دەيتىڭ ،
<<ساۋاقداش -دوسىتلىرىڭ ئامانمۇ؟؟>>دەيتىڭ ........
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ .
--------------------------------------
<<بىر ئوقۇتۇپ كېلىۋالسام >>دەپلا يۈرگەنتىڭ ،
،بەختىمچۈن كېچە _كۈندۈز يەڭنى تۈرگەنتىڭ ،
جاپانىڭ قېيقىدا ھارماي ئۈزگەنتىڭ..........
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ ..
-------------------------------
ئىش قىلسام<< ئارام ئال مەن قىلاي >>دەيتىڭ ،
<<سەن ئوقۇ_جاپانى مەن تارتاي >>دەيتىڭ ،
<<كىيىنلىك بەختىڭگە ئۇل سالاي >> دەيتىڭ .......
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ .
-------------------------------
سەن بولغاچ يۈرەتتىم ئەجەپ كېرىلىپ ،
قاقاقلاپ ھەر كۈلۈپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ.
ئاھ ؛ سەن يوق ھەر يەردە قالدىم قىسىلىپ ......
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ .
-------------------------------
ياش ئىدىڭ قېرلىققا توشار-توشماستا،
ئاھ ؛بىزلەر بىر يەلپۈپ قويار -قويماستا،
ئىچكىن دەپ بىر چىنە چايمۇ سۇنماستا...........................
جان دادا بىمەھەل قالدىڭغۇ كېتىپ .
...............................................
(4)
توي قىپتىمەن چۈشۈمدە قاراڭ
----------------
قەلەمىي
----------------
توۋا دەيمەن ئويلىغان چېغىڭ ،
ئاخشام سېنى چۈشەپ قاپتىمەن .
ئەلچىلەرنى كىرگۈزۈپ يەنە ،
بىرگە بېرىپ تويلۇق ئاپتىمەن .
-------------------------
چاھارشەنبە بوپتۇمىش تويۇم ،
بىر ياستۇققا قويغىدەكمىز باش .
دوستلار كۈلۈپ تىلەرمىش بەخىت ،
دۈشمەن كۆزىدىن ئاقارمىش مۇڭ ياش .
------------------------
بويۇڭدىمۇ قاپتىمىش تېخى ،
باش كۈزپەسلى ئايدىڭ كېچىدە.
يەڭگىپسەنمىش ئۆرۈلۈپ يىللار ،
ئاۋغۇسىتنىڭ خەيىرلىك كۈنىدە .
--------------------------
نىم بولدىكىن پەقەت بىلمىدىم ،
تۇرغان يېرىم يوتقان كۆرپىدە .
چۈشۈمدىكى نىگار ئەسلا يوق ،
سائەت سايراپ تۇرار تەكچىدە
------------------------