
يۇرتۇم قىزى


ھۆسنۇڭ قۇياش .گۈلگە رەڭداش، ساھىپ جامال يۇرتۇم قىزى
رۇخسارى ئاي،يوق ئاڭا تەڭداش ، لاتاپەتلىك يۇرتۇم قىزى

بۇلاق كەبى ئويناق كۆزۇڭ.قىزىل ئالما مەڭزىڭ-يۇزۇڭ
قەدىرىڭ گۈل بەرگىگە ئوخشاش،نازاكەتلىك يۇرتۇم قىزى

قارا قاشلىق،سۇمبۇل چاچلىق،ئاۋازىڭ خۇش بۇلبۇل سۇپەت
سۆزۇڭ بال -ھەسەلگە ئوخشاش. پاساھەتلىك يۇرتۇم قىزى

سېنى ماختىسام ھاي-ھاي . كۇندەش بىلەر ھەريەر قىزى
بولالمىدى ھەي ساڭا يانداش،جاسارەتلىك يۇرتۇم قىزى

گۈل قۇلۇڭدا كۆكلەم بەرپا ،ھېس قىلمايسەن قىلچە جاپا
ھە ر ئىشقا شۇنچىلىك چىۋەر قولداش . كارامەتلىك يۇرتۇم قىزى ،

سەندە ئىسىل خىسلەت -ۋاپا ، چىن ئاشىغىڭ كۆرمەس جاپا ،
بۇلۇرسەن مەڭگۇ ھەمنەپەس موڭداش . ھارارەتلىك يۇرتۇم قىزى .

ۋېسال ئىزدەپ . سنى ئەسلەپ كۆكنۇر ساڭا سۇندى غەزەل ،
چۇشكىن نەزمىگە يانداش . مىھرى ئاتەشلىك يۇرتۇم قىزى.

مەنبە: شاقۇر ئىجادىيەتلىرى
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ قالايمىقان كۆچۇرمەڭ ھەم ئېشلەتمەڭ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 11:12 AM