يۈرىكىم قۇملۇقتەك كەتكەن تەشناقاپ
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن
يۈرىكىم بىنەمدەك كەتكەن تەشناقاپ،
ئۇسسۇزلۇق باغرىدا توۋلايدۇ لاي-لاي...!
شەپەقنىڭ جىلۋىسى قونغان لىۋىڭدە،
كۆڭلۈمنىڭ يارىسى ئېچىشار ۋاي-ۋاي!...
سەھەرنى بويلىدىم تۈننى قاقشىتىپ،
چوغلارنى چاينىدى تاڭلارمۇ مەندەك.
كەچكۈزگە ياماشقان كۈنلىرىم يىغلار،
ئۈمىدنىڭ كۆكسىدە ھازىدار چېچەك.
قەلبىمدە كىشنىگە چوغدەك ھارارەت،
ۋىسالنىڭ جەبرىسى ئاشىققا نېمە؟
ئۈمىدكە ياندىشىپ جەندەنى كېيىپ،
جۇنۇلۇق دەشتىنى كەزدىم يىگانە.
ھىجراننىڭ ياشلىرى تامغان يوللاردا،
يىغلايدۇ سەۋداغا باغلانغان گۈللەر.
مۇھەببەت دەشتىگە ئاققان ياشلاردا،
ۋاراقلاپ قاينايدۇ قانىغان ئۈنلەر.
ئىچىمدە چايقىلار ئاچچىق بىر سەۋدا،
تىتىلغان ۋۇجۇدۇم ئىشقىڭ سېھرىدىن.
كۆيۈكنىڭ دەردى كۆپ دەردلىك كۆڭلۈمدە،
جۇنۇنلۇق دەشتىدە ياشايمەن قىزغىن.
يۈرىكىم خۇمدانغا ئايلاندى مانا،
لىپمۇ-لىق كۈللەرگە تولغان باغرىم ھەم.
ئوقى چالا تەككەن ئوۋچى ئارماندا،
ئازاپلار ئاراملىق بەرمەيدۇ بىردەم.
ئاسمىنىم قۇايشى بوزلايدۇ دەردلىك،
يۇلتۇزى ساقىيدۇ ھىجرانلار ئارا.
كۈلكىلەر كۆكسىگە سانجىلغان خەنجەر،
ھەسراتتەك قانىغان قەلبىمدە يارا.
يۈرىكىم قۇملۇقتەك كەتكەن تەشناقاپ،
قۇياشنىڭ جىلۋىسى كۈيەر لىۋىڭدە.
كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلغان بۇ دەم ،
ھىجرانلىق باغرىمدا ئازاپلىق زېدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 09:00 AM