چېچەكلەرگە قاراپ تويماي قالاتتىم، سەيلە قىلىپ سىنى ئەسكە ئالاتتىم. پۇراپ گاھى چېچەكلەرنى سۈيۈنۈپ، پۇراقلاردىن پۇرىقىڭنى ئىزدەتتىم .
تۈكۈلۈپتۇ باھارنىڭمۇ ئاپپاق چېچىگى، ئەجەپ مىسكىن يوقاتقاچقا تۇيغۇنى. ياپراق ئۈچۈن قۇربانىكەن چېچەكلەر. شۇڭا مەنمۇ تېپىۋالدىم يېڭى ئۇمۇدنى.
باھارنىڭ چېچىگى تۈكۈلدى تامان دىلىمدا سېغىنىش قۇترايدۇ ھەريان. دىلىڭدا مۇھاببەت بولسىلا جېنىم، گۇيا جەننەتتۇر ماڭا بۇ -جاھان .
باھارىمنىڭ چېچىگىسەن ياپرىغى، مىۋە بېرەر قۇربانلىقلار كەلگۇسى . سىنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ باھاردا ھاياتىمنىڭ بەختى تازا كۈلگۈسى .
مەنبە--------------سەبدە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 05:09 PM
|