مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 8

بەرىكەتلىك نەتىجە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78898
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بەرىكەتلىك نەتىجە



ئاپتورى: شەيخ سەلمان ئەلئەۋداھ

كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلدى



ئەگەر بىر ئىنسان ساپ ۋە سەمىمىي تىلەك بىلەن بىر نەرسىنى تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ئىنسان چوقۇم ئۇ تىلىكىگە يېتىدۇ.

قەتئىيلىك بىلەن چىدامچانلىق كۆرسىتىش مۇۋاپپىقيەت قازانغان ھەربىركىشىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.


ئىمتاھان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ چىرايىدا ئەنسىرەش، جىددىيلىك ۋە بېسىم ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەكراق كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمتاھانلىرىدىن غەلبىلىك ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولىشى لازىم. مەن تۆۋەندە ئىمتاھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىمنى بەرمەكچىمەن:


ئەڭ ئەۋۋال، سىز چوقۇم ئۆگۈنىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەنسىرەشنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشىڭ.


1. پۈتۈن دىققىتىڭىزنى ياشاۋاتقان كۈنىڭىزگە، ھازىرىڭىزغا قارىتىڭ. ئەتىڭىز ۋە كەلگۈسىڭىز ھەققىدىكى غەم-ئەندىشىلىرىڭىزگە ئۆزىڭىزنى بېرىۋەتمەڭ. بىلىڭكى، ئاللاھ تەئالاھ قۇرئاندا مەنەن شۇنداق دەيدۇ: «

ئاسمانداسىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار.

»(سۈرە زارىيات،22-ئايەت)


2. بىلىڭكى ھەددىدىن ئاشقان قايغۇ ۋە غەم-ئەندىشىلەر سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز، تېنىڭىز ۋە روھىڭىزغا بىۋاستە يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇلاردىن ساقلىنىشقا تىرىشىڭ.


3. ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا ئېچىنىپ يۈرمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم) شۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ بېشىغا بىر كېلىشمەسلىك كەلسە ‹كاشكى بۇنداق قىلغان بولسام، كاشكى شۇنداق قىلغانبولسام...› دېمىسۇن، بەلكى ‹پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنى ۋە خالىغىنى بولىدۇ›دېسۇن.»، ھەقىقەتەن، «كاشكى،...» سۆزىدىن باشلانغان ئاھ ئۇرۇش، پۇشايمان قىلىشلار بولسا شەيتاننىڭ سىزنى ئوينىتىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا كۆپ دىققەت قىلىڭ.


4.ئۆزىڭىزنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە بۇيرىغىنىغا كۆندۈرۈڭ.

ئاللاھنىڭ سىز ئۈچۈن تاللىغىنى سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن تاللىغىنىڭىزدىن ياخشىدۇر.

بۇھەقتە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم شۇنداق دەيدۇ:«مۇئمىننىڭ ئىشى نېمە دېگەن ياخشى. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە ئۇ ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ بېشىغا بىر كېلىشمەسلىك كەلسە، ئۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر.»


5. غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى،قورقۇنچلىرىڭىزنى ۋە خاتالىقلىرىڭىزنى ئويلاپ ئۇلارنى ساناپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن نىئمەتلىرىنى ساناڭ. ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا مەنەن شۇنداقدەيدۇ:«

ئەگەر اﷲ نىڭ (سىلەرگەبەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، اﷲسىلەر (نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار) نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،(بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر

.

»(سۈرە نەھل، 18-ئايەت)


ئاللاھ تەئالا يەنە مەنەن شۇنداق دەيدۇ

:« اﷲ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر

.

» (سۈرە ئىبراھىم،34-ئايەت)


6. شەخسىيەتچى بولماڭ، پەقەت ئۆزۈڭىزنىلا ئويلىماڭ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىڭ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشلار قىلىڭ. ھېچ بولمىسا باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ، ۋە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى قىلىشقا تىرىشىڭ. يەنە بىر مۇھىم ئىش بولسا ئوقۇش ھاياتىڭىزدىكى سىزنى جاپالىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۆگۈنۈشكە ئادەتلەندۈرىدىغان پايدىلىق بېسىم بىلەن سىزنى ئۇيقۇدىن، يېمەك-ئىچمەكتىن قويىدىغان، جاپالىق ئۆگەنسىمۇ ئەمما ئۈنۈم قازاندۇرالمايدىغان پايدىسىز بېسىمنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈرۈشتۇر. بۇلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشڭ. ئۆزىڭىزنى پايدىسىز بېسىمنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.


يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. (ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش ۋاقىتلىرىدا ) تەركىبىدە كافېيىن بولغان كافې، چاي ۋە باشقا ئىچىملىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە جىق ئىچىپ كەتمەڭ. روھلاندۇرغۇچى يىمەك ۋە ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇڭ. چۇنكى ئۇ ئىنساننى چىرىتقۇچىدۇر شۇنداقلا دىنىمىزدا ھەم ئۇنداق نەرسىلەر ھارام قىلىنغاندۇر.


تەنھەرىكەتكە سەل قارىماڭ. گەرچە شۇنچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئۆگۈنۈش قىلغان يېرىڭىزدىن ئايرىلىپ بىر ئىككى مىنۇت بولسىمۇ سىرتلارنى ئايلىنىڭ.


ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن غەپلەتتە قالماڭ. ئاللاھنى زىكرى قىلىشنى دائىملىق ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا مەنەن شۇنداق دەيدۇ

بىلىڭلاركى، دىللار اﷲ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ

.

» (سۈرەرەئىد 28-ئايەت)


ئىمتاھانغا شۇنچە ياخشى تەييارلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ ئىشەنچىڭىزنى ئۇنىڭغا ئەمەس بەلكى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭ.ئاللاھ قۇرئاندا مەنەن شۇنداق دەيدۇ

(ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغانمەڭگۈ ھايات اﷲ قا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن اﷲ نى پاك دەپ ئېتىقادقىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر

.

»


ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمتاھان ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ. خۇددى ھاياتىڭىزدىكى بۇ كىچىك ئىمتاھانلاردىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك بولغاندەك، ھاياتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىمتاھاندىن ھەم چوقۇم ئۆتۈشىڭىزكېرەك. كىچىك سىناقلارغا ياخشى تەييارلىق قىلغاندەك بۇ ئەڭ چوڭ ئىمتاھانغا تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىشىڭىز كېرەك.


ئوقۇش يېشىغا يېتىپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى بار ئاتا-ئانىلار بۇ ھەقتە ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىشىكېرەك. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، ئائىلە تاپشۇرۇقلىرى ۋە ئىمتاھانلىرى ھەققىدە ئۇلارغا جىق بېسىم قىلماستىن ئۇلارغا ھەر ئىشتا توغرىنى تونۇتىشى ۋە ئۇلارغا ھەرجەھەتتىن ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.



دەرس تەكرارلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


1.

ئاساسىي ئىدىيە ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا سىزىڭ.


2.

ئۆزىڭىزگە ئارام ۋە دەم ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىڭ.


3.

ئەستە تۇتىشىڭىزغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن دەرسلىك ماتىريالىڭىزدىن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭ ۋە ئاساسىي مەزمۇننى ئۇنىڭ بىلەن باغلاپ ئەستە تۇتىۋېلىشقا تىرىشىڭ.


4.

بەزى ۋاقىتلاردا يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇڭ.


5.

پۇختا ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇنلارنى تاكى تولۇق ئەستە قالغۇچە قايتا-قايتايادقا يېزىپ چىقىڭ.


ئەمدى دىققىتىمىزنى «ئىمتاھان سوئاللىرىغا قانداق جاۋاب بېرىمىز» دېگەن مەسىلىگە ئاغدۇرۇپ باقايلى:


1.

ئىمتاھاندىن ئىلگىرى ئىمتاھاننىڭ قانداق شەكىلدە، قانداق ئۇسۇلدا چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ ئورنىدا قويۇپ سىزچە ئىمتاھانغا چىقىدۇ دەپ قارىغان سوئاللارنى يېزىپ چىقىڭ. ئاندىن دىققىتىڭىزنى مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا، يېشىلىش، ھەل قىلىنىش ئۇسۇللىرىغا قارىتىڭ. يەنە بىرسى، پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماڭ، ئىلگىركى ئىمتاھان سوئاللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ ياكى پروفېسسورىڭىزنىڭ نېمىلەرنى كۆپراق سورايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.


2.

ناشتىلىق قىلىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ. گەرچە ئىمتاھانغا كىرىش ۋاقتىڭىز توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئاۋال چوقۇم ناشتا قىلۋېلىپ ئاندىن مېڭىڭ.


3.

ئىمتاھانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋاقتىغا دىققەت قىلىڭ.ئىلگىرى مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، گەرچە ئۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولسىمۇ ئەمما ئوقۇشىنى داۋام قىلالمىغان ئىدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم  ئىمتاھاننىڭ ۋاقتىنى خاتا تۇتۇۋېلىپ ئىمتاھاننى قاچۇرۇپ قويغان ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇ ئوقۇشىنى داۋام قىلالمىغان. شۇڭا ئىمتاھاننىڭ ئوۇنلاشتۇرۇلۇش ۋاقتىغا بەك دىققەت قىلىڭ.


4.

ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭ، ئۇنى كۆپ زىكرى قىلىڭ. ئىمتاھانىڭىزنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاڭ.


5.

ئىمتاھان مەيدانىغا ئامال بار بالدۇر كېلىڭ. ئىمتاھانغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈپ كام نەرسىلەر بولسا تولۇقلىۋېلىڭ.


6.

ئۆزىڭىزنى راھەت تۇتۇپ ئاۋال سوئال قەغىزىگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىڭ. ئەگەر رۇخسەت بېرىلسە، كومىسسىيە ئوقۇتقۇچىڭىزدىن سوئال ھەققىدە چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا سورىۋېلىڭ.


7.

ئىمتاھاننى ئاۋال ئاسان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باشلاڭ. نوقۇل سوئال قەغىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان يۆنىلىشىگە ئەگەشمەڭ. ئىمتاھاننى ئاسان سوئاللار بىلەن باشلاش ئىمتاھاننى راھەت ۋە غەلبىلىك بېرىشنىڭ بىر ئۇسۇلى.


8.

بىلەلمىگەن سوئاللىرىڭىزنى ھەققىدە جىددىيلىشىپ كەتمەڭ ۋەئۇلارنى ئاخىرىغا تاشلاپ قويۇڭ. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقالىشىڭىز مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدىكى سوئاللارنى ئىشلەپ كېتىۋاتقان، ئىمتاھانىنى تۈگۈتۈپ بالدۇر چىقىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى راھەت تۇتۇپ پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن سوئاللارنى ئىشلەڭ.


9.

جاۋابنى ئامال بار رەتلىك ،ئوچۇق ۋە چۈشىنىشلىك يېزىشقا تىرىشىڭ.


10.

ھەرگىز ساختىپەزلىك قىلماڭ. ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ ئىسلام دىنىدا ھارام ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ.


11.

ئىمتاھان ئىچىدە ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ.نوقۇل بىر سۇئالنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىپ باشقا سۇئاللارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ.


12.

گەرچە سوئاللارنى ئىشلەپ جاۋابلارنى بېرىپ بولغان بولسىڭىزمۇ سەبىر بىلەن بەرگەن جاۋابلىرىڭىزنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ. سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. بەلكى بۇ ۋاقىت ئىچىدە سىز ئۇنتۇپ قالغان بىر قائىدە، فورمۇلا ياكى باشقا بىر مەزمۇننى قايتىدىن ئەسكە ئالالىشىڭىز مۇمكىن. ياكى دىققەتسىزلىكتە خاتا ئىشلەپ قويغان بىر سوئالىڭىزنى بايقاپ ئۇنى ئوڭشىۋالالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئىمتاھاندىن بالدۇر چىقىپ كېتىپ كېيىن خاتا ئىشلەپ قويغان سوئاللىرىڭىز ھەققىدە بىئارام بولىشىڭىزدىن جىق ياخشىدۇر.


13.

بىرەر سوئالنىمۇ بوش قويۇپ قويماڭ. گەرچە جاۋابىنى بىلمىسىڭىزمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشقا تىرىشىڭ. بۇھەرگىزمۇ ساختىپەزلىككە كىرمەيدۇ. چۈنكى سىز ھەرگىزمۇ ۋەزىپە ئورۇنداۋاتقان بىرخادىم ئەمەس، پەقەت ئىمتاھان بېرىۋاتىسىز ۋە تەربىيىلىنىۋاتىسىز.



ئاللاھ ھەر بىرىڭلارغا بەرىكەتلىك نەتىجىلەر ئاتا قىلسۇن!



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
miradil1123 + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخى بايىلا كەڭسايدا كۆرىۋىدىم ماۋۇ تېمىنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79446
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەربىر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىسىدە توتۇشقا تىگشلىك موھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن گاھى ئوقوغوچىلار ئىمتىھان ۋاقتىدا ھەدىدىن زىيادە ھودوقۇپ ئىسىدە بار بىلىملەرنىمۇ   ئۇنتۇپ قىلىپ يازالماي چىقىپ كىتىدۇ-دە ئىمتىھان نۇمۇرى توۋەنلەپ كىتىدۇ       شۇڭا ھەربىر ئوقۇغۇچىلانىڭ  دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1311
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15395
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2055 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى تېمىكەن.رەھمەت.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79416
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتىھان ۋاقتىدا ھەدىدىن زىيادە ھودوقۇش نومۇرنىڭ تۆۋەن چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەخمەت .ھەييييي   شۇ ئىنتىھام   شۇ   نومۇر

كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79047
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تىما ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79451
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yigiaza يوللىغان ۋاقتى  2012-4-30 01:39 AM
ماۋۇ تىما ياخشىكەن

ياخشىكەن

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7810
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2835 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمتىھان ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك ، تولمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ، اللە كۆپ  ئەجىر ئاتا قىلسۇن ، اميىن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش