رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
3.توپلام
ناخشا تېكستلىرى
سەنلا كۈلسەڭ يار
مەندىن غەم يىمە قالدىڭ دەپ غېرىب،
سەنلا كۈلسەڭ يار ياشايمەن كۈلۈپ.
سۆيگۈڭدىن مەھرۇم قالساممۇ ئۈزۈم،
سەنلا كۈلسەڭ يار ياشايمەن كۈلۈپ.
تەقدىر ئايرىدى سەندىن كۆرمەيمەن،
بەختلىك بولساڭ رەنجىپ يۈرمەيمەن.
پەقەت سەن ئۈچۈن يىغلاپ كۈلەرمەن،
سەنلا كۈلسەڭ يار ياشايمەن كۈلۈپ.
بىر ئۆمۈر يارسىز ئۆتسەم رازى مەن،
گۈلدەك ئىچىلغان بەختىڭنى كۆرۈپ.
قايغۇرمىغىن ھەم مەن ئۈچۈن پەقەت،
سەنلا كۈلسەڭ يار ياشايمەن كۈلۈپ.
ئۆتۈنمەيمەن
ئايرىلىشتىن ئاچتىڭ سۆز بۈگۈن،
ھەيرانلىقتا قالدىم ئۈزۈممۇ.
چىرمىۋالدى قەلبىمنى تۈگۈن،
ئېيتقىن سىنىڭ يۈرەك سۆزۈڭمۇ؟
راس كەچتىڭمۇ مەندىن بىلمىدىم،
سەۋەبىنى ھچ ئېيتماي قويدۇڭ.
سەندىن ئۆزنى ياخشى كۆرمىدىم،
نېچۈن بۇنداق بىۋاپا بولدۇڭ.
ئۆتۈنمەيمەن ئايرىلمىغىن دەپ،
ماڭا كېرەك ھەققى سۆيگۈ.
چىن كۆڭلۈڭدىن چىققان بولسا گەپ،
ئۇنتۇپ كېتەي سىنى مەن مەڭگۈ.
تۆھمەت قىلدىڭ
تۆھمەت قىلدىڭ سەن يايرىم ماڭا،
سادىق تۇرسا پاك سۆيگۈم ساڭا.
بىر سەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەككە،
ئازار بەردىڭ سۆيگۈڭ دەپ ساختا.
بولدۇڭ دەيسەن سۆيگۈمگە ئاسى،
ئېيتقىن مىنڭ گۇناھىم قايسى.
تۆھمەت قىلدىڭ پاك سۆيگۈمگە سەن،
ئاشىقىڭنىڭ ئاڭلا بۇ زارى.
ئىشەنمىسەڭ زارىمغا كۈلۈپ،
يەنە ماڭا سەن تۆھمەت قىلىپ.
سۆزلىسۇن دەپ ھەقنى بۇ يۈرەك،
ئىككىلەنمەي بېرەرمەن يىرىپ.
كۆيمەكتىمەن ئىشقى ئوتۇڭدا
ئايرىلغانغا بولسىمۇ خېلى،
ئۇنتۇپ كەتكەن بولساڭمۇ مېنى.
ئۇنتالماستىن پەقەت مەن سېنى،
كۆيمەكتىمەن ئىشقى ئوتۇڭدا.
كېچە كۈندۈز سىنىلا ئويلاپ،
سېغىنغاندا ئازاپتىن يىغلاپ.
ھەر سۆزۈمنى ئىسمىڭدىن باشلاپ،
كۆيمەكتىمەن ئىشقى ئوتۇڭدا.
بۇ ھالىمغا بىر نەزەر سالغىن،
يا، بولمىسا جېنىمنى ئالغىن.
نەدە بولساڭ خەۋەردار بولغىن،
كۆيمەكتىمەن ئىشقى ئوتۇڭدا.
ۋاپاسىز
ئالداپ كەپسەن مېنى ئەزەلدىن،
كۆيىدۇ دەپ يۈرسەم يۈرەكتىن.
ئەمدى بىلدىم ۋاپاسىز سېنى،
ئاشىق يۈرەك يىغلار ئەلەمدىن.
يىغلاتقۇزۇپ خوشمۇ سەن ئۈزۈڭ،
قىزارمامدۇ ئىشىڭغا يۈزۈڭ.
مۇھەببىتىم قالدى ھىجراندا،
ئەمەسكەنمەن ئەسلى مەن خىلىڭ.
كۆزۈمدىن يۈت كەت مەندىن يىراق،
ئويلىمىغان دەپ سېنى ئۇنداق.
باغرىڭ قانسۇن سۆيۈپ باشقىنى،
ئالدىمىغىن ۋە لىكىن بۇنداق.
ئويلاپ قوي
يەنە سېنى ئويلاپ قالدىمغۇ،
ئويلىماي دەپ نىيەت قىلساممۇ.
چۆشلىرىڭگە كىرىپ قالمامدىم،
دەتلىرىڭدە ئازاب چەكسەممۇ.
ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ ماڭا،
قوزغالمىدى نەپرىتىم ساڭا.
ۋاپاسىز دەپ يۆرسەممۇ ئۈزۈم،
ئۇنتالمىدىم كۆيگەچكە ساڭا.
مەن كۈتەرمەن تەلمۈرگەن پىتى،
ئەسلەش بىلەن سېنى ھەر كۈنى.
ئۇنتالمىدىم ئۇنتاي دەپمۇ مەن،
ئويلاپ قويغىن سەنمۇ يار مېنى.
كەچۈر مېنى
پېشانەم شور تەقدىر شۇ ئىكەن،
بۇ سۆزلىرىم ھەقىقەت ئىشەن.
دىيەلمەيمەن ئەمدى سېنى يار،
نىكاھىمغا سېلىندى كىشەن.
يايرىم بولدى يات بىر قەلەم قاش،
بەلكىم دەرسەن مېنى باغرى تاش.
رايىم ئەمەس ھەرگىزمۇ مىنڭ،
مەندە يوقكەن باشقىچە تاللاش.
كەچۈر مېنى كەچۈرسۇن سۆيگۈڭ،
ئۇنتۇپ كەتسۇن مەڭگۈگە كۆڭلۈڭ.
قىلالمىدىم سۆيگۈڭگە ۋاپا،
تىلىكىم بىر كۈلسۇن شۇ بەختىڭ.
ۋىجدان بۇيرۇقى
كەتسەڭ ئەمدى قايتىپ كەلمىگىن،
بۇ سۆزۈمنى رەنجىش بىلمىگىن.
ۋاپاسىز دەپ يۈرمەيمەن مەنمۇ،
سەنمۇ مەندىن رەنجىپ يۈرمىگىن.
كۆيۈشكەنتۇق مەيلىمىز بىلەن،
ئايرىلمايمىز بىر ئۆمۈر دېگەن.
مەيلىڭ سىنىڭ بولسا ئايرىلىش،
شۇ كۆڭلۈڭگە سالغۇم يوق كىشەن.
كۆڭۈل دېگەن ئەركىن قۇش ھەر ۋاق،
تۇسالمايدۇ ئۇنى ئۇر تۇقماق.
يار دىگىم يوق كەتسەڭ قايتا رەت،
بۇ ۋىجدانىم بۇيرىدى شۇنداق.
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ
يالغانچىلار راس گەپ قىلمايدۇ،
چىن سۆيگۈنى ئەسلا بىلمەيدۇ.
ۋەدە قەسەم ئۇلارغا شاراب،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
كۆيدۈم دېيىش ئۇلارغا ئاسان،
دىيەلەيدۇ خالىسا قاچان.
لېكىن دېمەس چىن دىلدىن ھامان،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
ئىشەنگەنلەر شۇلار سۆزىگە،
قالار بىركۈن سۆيگۈ دەردىگە.
يەتسۇن سۆزۈم ھەر بىر يۈرەككە،
يالغانچىنىڭ يارى بولمايدۇ.
ياشلىماڭلار ئاشىق كۆزىنى
چىن يۈرەكتىن كۈيىشىپ تۇرۇپ،
ۋىسالىغا يەتمەس بەزىلەر.
پاك سۆيگۈنىڭ گۈلىنى قۇرۇتۇپ،
ئايرىۋىتەر نېچۈن بەندىلەر.
تەڭرى ئەمەس ئىنسان ھەمىمىز،
مەھرۇق قىلىش گۇناھ بەختىدىن.
ئۇدۇم قالغان پاك چىن سۆيگۈمىز،
ئادەم ئاتا ھەۋۋا ئانىدىن.
ھەر كىم تاپسۇن سۆيگەن جۈپتىنى،
زورلاپ تاڭماڭ ئۆزگە كۆڭلىنى.
جۇدالىقنىڭ ئازابى يامان،
ياشلىماڭلار ئاشىق كۆزىنى.
ناخشا تېكىستلەرنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ
چ چ 449743158
رۇستەم قاراسۇ.....ئاتۇش
ئالاتاۋدا يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-29 09:20 PM