مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 792|ئىنكاس: 18

مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59963
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                      مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى
                                                              ( شىرىپ خۇشتار )

                                        شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان
  

     19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن مۇسابايوۋ، ھىلى ۋاگون قاتارلىق كارخانىچىلار دۇنيا بازىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، چەت ئەل كاپىتالىستلىرى بىلەن سودا رىقابىتى قىلغان سودا باھادىرلىرى ئىدى.مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ھاياتىغا نەزەر سالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن-تېخنىكا كىرگۈزۈش، سەنئەت، تەنتەربىيىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
2.مۇسابايوۋلارنىڭ قىسقىچە ئائىلە تارىخى  
     مۇسابايوۋلارنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ئاتۇش ناھىيە ئېكىساق كەنتى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئاتىسى ئاشۇ زىمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دېھقانچىلىق، كارخانىچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلارنىڭ سودىسى ئابدۇرۇسۇل بايدىن باشلاپ دۇنياغا يۈزلەنگەنىدى.ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى:  

     بىرىنچى، مۇھەممەت ئېلى. 1760-يىلى تىجارىتىنى توختۇتۇپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ يەر، سۇ، ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بىر بۆلۈم چارۋىسى بولغان. شۇ يۇرتنىڭ ھاللىق كىشىلىرىدىن ئىدى.  

     ئىككىنچى، ئابدۇلئەزىز. ئۇ ئۆز يۇرتىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، نەق پۇل كۆپەيگەن.  

     ئۈچىنچى،  ئابدۇمىجىت. بۇ كىشىمۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئاتا كەسپىي تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئىناۋەتلىك كىشىلىرىگە، جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.

     تۆتىنچى، تۇردى. بۇ كىشىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن تىجارىتى ئوخشاش دەرىجىدە كىرىمگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە يەر،سۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، چارۋىچىلىق ماللىرى ئالاھىدە كۆپەيگەن. تىجارەت دائىرىسى چوڭ شەھەرلەرگە يۈزلەنگەن. تۇردى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل دىنىي بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە تىجارەت كىرىمى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇ شۇ زاماندا ئاتۇش بويىچە ئاتاقلىق بايلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا قارا پ كىشىلەر ئۇنى تۇردى قۇم (پۇلى قۇمدەك كۆپ دېمەكچى)دەپ ئاتىغان.

  

     بەشىنچى، ئابدۇرۇسۇل.


بۇ كىشى تىجارەتنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە ئېلىپ بارغان. مۇسا بايوۋلار ئائىلىسى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ چەتئەل بىلەن سودا قىلغان كىشى. ئۇ دىنىي مەكتەپتە كۆپ ئوقۇغان ئادەم بولۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغلى مۇسا ھاجىمنى ئوقۇتۇپ، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، ئىگىلىك باشقۇرغۇچى قىلىپ تەربىيلىگەن. كېيىن تىجارەتنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغلى مۇسا ھاجىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن.

  

    ئالتىنچى، مۇساھاجى



بۇ كىشى ئاتىسى ئابدۇرۇسۇل باينىڭ تەلىمىگە ۋە ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىرىنچىدىن: تىجارەتكە ۋارىسلىق قىلدۇ،ئىككىنچىدىن: يەككە ئىگىلىك يارىتىپ، تىجارەتكە كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى قوشىدۇ. ئاتىسىنىڭ پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خوجىسى بولۇڭلار دېگەن ۋەسىيىتىىگە ئاساسەن، قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ،ئەرەب، پارىس، ئوردۇ تىللىرىنى ۋە شۇ تىل-يېزىق ئىلمىنى مۇكەممەل ئىگەللەيدۇ. ھەم جاھان كېزىپ، يېڭى مائارىپ، يېڭى كەشپىياتلارنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپادىن ئۆگىنىپ شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە 1885-يىلى ئىلى كۈرەدە 200ئىشچىسى بار تۇنجى تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى، ئۇنىڭ يېنىغا تۈگمە، يېلىم، كېگىز، سوپۇن، شام، گېلەم، ئارقان، ئات ئېگەر جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئوغلى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايلارنىمۇ يۇقۇرى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئىلىم-بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنى پەن-تېخنىكىنى قوللىغۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى قىلىپ تەربىيلەيدۇ. مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا قازاندىن جەدىد (يېڭىچە)مۇئەللىملەرنى، بۇخارا، باغدادتىن دىنىي ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، مەدرىسلەردىن چەتئەل تىلى،تارىخ، ئاستىرنومىيە، ماتېماتىكا،ئىلمىي تەجۋىد قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.بىرمەزگىل ئىلىم يۇقۇرلىقى بىلەن مۇدەررىس بولىدۇ. ئۆزى نەچچەمىڭ پارچە كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشىر قىلىنغان گېزىتلەرنى توپلاپ خەلققە كىتابخانا ئېچىپ بېرىدۇ. مۇساھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا جامائەت ئىشلىرى بىلەن تىجارەت ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنبايغا قالدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ تىجارىتى 1895-يىلى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان مۇسا ھاجىمنىڭ ئىسمى پەرزەنتلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىنىپ، ياۋروپادا «مۇسابايوۋ» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.
     يەتتىنچى، ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنباي


(بۇ رەسىمنى توردىشىمىز «رىۋايەت» تەمىنلىگەن)

مۇساھاجىمنىڭ ئۈچ خوتۇندىن ئالتە ئوغۇل، ئىككى قىزى بار بولۇپ ئوغۇللىرى :ھۈسەنباي،باھاۋۇدۇنباي،ئىمام مۇھەممەت، ھىسامىدىن، ئوبۇل ھەسەن، ئابدۇللا. مۇسا ھاجىم ئۆزىنىڭ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىغا ئىككى چوڭ ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينى ۋارىس قىلىدۇ.ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي، مۇساھاجىمدىن كېيىن قالغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ئومۇمىي ئشلارغا مەسئۇل بولۇپ قوشۇمچە زاۋۇتنى باشقۇرىدۇ. باھاۋۇدۇنباي ئىشكى-تاشقى سودا ۋە سېتىۋىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمام مۇھەممەت ئىلىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋۇچىلىققا، ھىسامىدىن قەشقەردىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا، قوشۇمچە كەسىپلەرگە، ئوبۇلھەسەن خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىن خام ئەشيا سېتىۋىلىش ئىشلىرىغا، يەنە چەتكە ئېكىسپورت قىلىش، ئىمپورت ماللىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تارقىتىش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش(گۇما، قاراقاش، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەككىز چوڭ مويكا؛ پاختا،يۇڭ پرېسلاش ئورنى، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە 150تىن 400گىچە ئىشچى بار) ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، كېيىن ئوبۇلھەسەنھاجىم نامى بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ





ھۈسەنباي 1926-يىلى، باھاۋۇدۇنباي1928-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
     شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئىككى ئاتىدىن بولغان ئەۋلاد ئىككى يىل بىللە تىجارەت قىلىدۇ. كېيىن شۇ شىركەت تۈزۈمى بويىچە1930-يىلى مىراس بۆلۈشىدۇ، بۇ چاغدا ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سابىت مۇسابايوۋ(1972-يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى)، باھاۋۇدۇنباينىڭ ۋارىسلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋ(1979-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى) ۋەكىل بولۇپ مىراس تەقسىمىنى ئالىدۇ



پۈتۈن مال-مۈلۈك 1مىليارد 562 مىليون 137مىڭ 193 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 23مىليون 161مىڭ 665 سوم مېكسىكا پۇلى (تاشقى پېرېۋوت) بولۇپ، بۇنىڭ %54 ى 843 مىليون 554مىڭ 84 سوم ئىلى تاۋارىنى ئاقچا، 12مىليون 507 مىڭ 299 سوم مېكسىكا پۇلىنى سابىت مۇسابايوۋ ئېلىپ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. قالغان ئومۇمىي مال-مۈلۈكنىڭ %46 ى 718 مىليون 583 مىڭ 99 سوم ئىلى تاۋارنى ئاقچا ۋە 10 مىليون 654 مىڭ سوم مېكسىكا پۇلىنى ئىسمائىل موسابايوۋ ئېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىغا شىركەت تۈزۈمى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ . ھۈسەنباي ھاجىمنىڭ 2- ئايالىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ (1984-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى )، ئابلەھەي مۇسابايوۋ (1970-يىلى تۈركىيىدە ۋاپات بولدى ) ، مىجىت مۇسابايوۋ (1973-يىلى سوۋېت ئالما-ئاتادا ۋاپات بولدى ) لار بىر بولىدۇ . 3- ئايالىدىن بولغان ئابلەھەت مۇسابايوۋ (1987-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولدى ) ،تەلئەت مۇسابايوۋ (ھازىر تۈركىيە تەۋەلىكىدە بولۇپ چەت ئەللەردە تىجارەت قىلىدۇ) ، نېلۇپەر مۇسابايوۋ (1982-يىلى پارىژدا ۋاپات بولدى ) ، دىلناۋاز مۇسابايوۋ (1984-يىلى لوندوندا ۋاپات بولدى ) بۇلار بىر بۆلۈنۈپ چىقىدۇ.

      باھاۋۇدۇنباينىڭ تۆت ئايالىدىن ۋە چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايوۋدىن بولغان پەرزەنتلەر ئانىسىنى ئاساس قىلىپ بۆلىنىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباينىڭ بالىلىرى مەلۇم شەكىلدە بىللە تىجارەت قىلىدۇ (زاۋۇت تىجارىتى بىلەن ) ، باشقا جەھەتلەردە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىل مۇسابايوۋ 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، پۇل چىقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم «ئىنقىلاب» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ . ئازادلىقتىن كېيىن مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تەربىيىلىنىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . 1955-يىلى مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى سودا تىجارىتى بىلەن ھۆكۈمەت خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كىيىن ، ئابدۇلئەزىز مۇسابايوۋ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىكلەر شىركىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . قالغان ۋارىسلىرىمۇ ئۆز لايىقىدا ئېتىبار بېرىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ . ھازىر ئۈرۈمچىدە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەلىدىن بولغان نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن مۇسابايوۋ تىجارىتىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كېڭەيتىپ ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلماقتا .

   3.مۇسابايوۋلار ئائىلىسىنىڭ ئىچكى سودىسى

      مۇسابايوۋلار 1895-يىلى غۇلجا شەھىرىدە « مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» ناملىق باش تىجارەتخانىنى قۇرۇپ ، ئىلگىرى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، ئىلى ، ئالتاي ، چۆچەك ، خوتەن ، يەكەن ، قاراشەھەر ، كۇچا ، قاغىلىق ، گۇما ، مارالۋېشى ، ئاقسۇ ، شىخو ، ماناس قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزغان سودا خادىملىرى ۋە قۇرغان سودا دۇكانلىرى ئاساسىدا بۇ جايلاردا شۆبە شىركەتلەرنى قۇرۇپ ، تىجارەتنى ھەرقايسى ناھىيە – بازارلىرىدىن تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلار ئارىسىغىچە كېڭەيتىدۇ .

     1988- يىلى تېپىلغان مۇسابايوۋلار ئارخپىدىكى بىر پارچە خەتتە يېزىلىشىچە ، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نىيە ، كېرىيە ، زاۋا ، چىرىيە ، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا ھەتتا كۆكيار ، قىرغىز جاڭگىلىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە ئۇلارنىڭ يەرلىك مال سېتىۋالغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ ، مۇسابايوۋلار ئۇلارغا سانائەت ماللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە مۆھلەت بىلەن ئالدىن پۇل ئالماي سېتىپ بېرىشكە بېرىدىكەن ، مال ئالغۇچىلار ساتقان مالنىڭ پۇلىغا چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات تېرىسى قاتارلىق خام ئەشيالارنىڭ سېتىۋېلىپ ، مۇسابايوۋلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ خىزمەت ھەققى ئالىدىكەن . بۇ مۇسابايوۋلارنىڭ سېتىۋېلىش خادىملىرىنى جەلپ قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن ، قاراقاش ، گۇما ، قاغىلىق ، يەكەن ، قەشقەر ( قەشقەردە ئىككى مويكا ۋە ئىككى يۇڭ پرېسلاش ئورنى بار ) ، ئاقسۇ ، قاراشەھەر ، شىخو ، ماناس ، ئىلى ، تېكەس ، بورتالالاردا ئۇلارنىڭ مويكىىسى ، تېرە- ئۈچەي پرىيوم خادىملىرى بار ئىكەن.

     مۇسابايوۋلارنىڭ تاشقى سودا ئۈچۈن سېتىۋالىدىغان ماللىرى پاختا، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر، ئۈچەي، ئات يايلى، ئات قۇيرۇقى؛ ئات، قاما، سوغۇر، ئوغلاق، قوزا، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، سۇ چاشقىنى، ئالا سۆسەر، تۈلكە ، يىلپىز، بۆرە، ئىت، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى، يەرلىك گىلەم، ھەرخىل يىپەك رەخت، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار-دۇردۇن، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى؛ تاتلىق مېغىز، ياڭاق، بادام، گازىر، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ قېقى، بۇغا، بۆكەنلەرنىڭ ھۆل مۈڭگۈزى، زاراڭزا ، ئازغان مونچىقى، ياۋا چىگە، چۈچۈكبۇيا، سۇرۇنجان ، ئابدىمىلىك قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى؛ ماتا، چەكمەن– سەگەز، شاتاۋا، تولما، تاغار، خۇرجۇن، پالاس، كىگىز، شىرداق، جايناماز قاتارلىق يەرلىك ماللار ۋە ئىمپورت قىلىنغان ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئاشقان ، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق تۇرمىشىغا ئېھتىياجلىق، يەرلىك ئىشلەپ چىقارغان ئىشتانباغ ، شۈمەك ، ژىك ، تۈكچە ، پۇزا ، رېپىدىگە ئوخشاش مال بولسىمۇ ، ساتقۇرىنى قۇرۇق قول قايتۇرماي سېتىۋالغان ، سېتىۋالغان بۇ خىل ماللارنىڭ چەت ئەلگە لايىقلىرىنى چىقىرىپ ، قالغانلىرىنى شەھەر ، يېزىلاردا ساتقان . كىشىلەر مۇساھاجىمدىن :« بىر تال ئىشتانباغ ، بىر تال تۇخۇمنىڭ قانچىلىك پايدىسى بار؟» دەپ سورىغاندا ، ئۇ :« بۇ پايدا ئۈچۈن ئەمەس ، ئەلدىن ئەلگە نەپ، ساتقۇچى ھاجەتمەن، ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىپ قويمىساڭ، ئىشلەپچىقىرىشى توختايدۇ، بۇ ئىش داۋام قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچىدۇ. ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈىش ساۋابلىق ئىش ئەمەس...» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە بالىلىرىغا، ھەربىر سودا خادىمىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى، زىيان تارتسا ئۆزىنىڭ ( مۇساھاجىمنىڭ ) ھېسابات دەپتىرىگە يېزىپ قويۇشىنى تاپىلىغان، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئەنە شۇنداق كەڭ بولغان .

     سېتىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولۇپ، ساتىدىغان ماللىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن خوتەننىڭ گىلەم ، ئەتلىسى ، يەكەننىڭ بەقەسەم ، بەشباغلىق ماتاسى ، خاڭدىنىڭ گۈللۈك پالىسى ، خانئېرىقنىڭ ماتاسى ، ئاۋاتنىڭ چەكمىنى ، قەشقەرنىڭ سەگەز ، چوتا ، ھەمزۇل ، شاتاۋا ، شەتلەڭگە ، تېرىكە ، قاتارلىق ماللىرى ، چەت ئەلنىڭ ھەرخىل يۇڭ ، يىپەك ، تېرىكە ، چىبەرقۇت قاتارلىق رەختلىرى ، تۆمۈر، قاڭالتىر ، قەنت ، شېكەر ، كەمپۈت ، كىرسىن ، سەرەڭگە ، يىپ-يىڭنە ، چىنە-قاچا ، باش-ئاياغ كىيىم ، ئەتىر ، يۈزسوپۇن ، يۈزماي ، قاتارلىق بۇيۇملىرى ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق،سايمانلىرى ، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن سانائەت ماللىرىدىن ئىبارەت .

     مۇسابايوۋلار ئۆز تىجارىتىدە پىلانلىق تەمىنلەشنى يولغا قويغان . مەسىلەن: سودا ۋاكالەتچىلىرى ، مال ، پۇل بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن ، جايلارنىڭ ئاھالە نوپۇسى ، مال چارۋىسى ، يېزا ئىگىلىكى ، بازار سودىسى ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ، ئېھتىياجىغا قاراپ پىلانلىق تۈردە مال ، پۇل بەرگەن ، شۇڭلاشقا ئوبوروتقا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن . سېتىۋېلىش-سېتىش بالانىس بولۇپ ئوبوروت راۋانلاشقان.

بازار ئەھۋالى ئايمۇئاي ئىگىلىنىپ تۇرغان . مەسىلەن : 1917-يىلى 25-ئىيۇلدا مۇسابايوۋغا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە:« تېرىلەرنى قېقىپ ، نافتالىن سېلىپ تۇرۇۋاتىمىز . نەرق ئەھۋالى مۇنداق:بازاردا گەزمال يوق ، چىت بىر سوم 50 تىيىن ، تېرىكە 15 سوم ، تۆت كۈرە بۇغداي 50 سوم ، سولۇ بەش سوم 50 تىيىن ،گۈرۈچ 14 سوم ، نافتالىن 120 سوم (بازاردا يوق) ، بىر خىش چاي بەش سوم، تاش چاي يەتتە سوم ، باشقا ماللار مۇشۇ قاتاردا . بازار ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرىمەن . ئىسمەتوۋ» دېيىلگەن . بۇنىڭدىن مۇسابايوۋلارنىڭ يالغۇز تاشقى سودىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئىچكى سودىدىمۇ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .

     ئىچكى ئوبوروت مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق يازما ماتېرىيال بولمىسىمۇ ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى، باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىسمائىل مۇسابايوۋ ، قەييۇم ئەپەندى ۋە زاۋۇتتا ئۇزۇن يىل كاسسىر بولغان ئابدۇللا ئەلا ھاجىملارنىڭ ئېيتقانلىرى ھەمدە بەزى مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەردە يېزىلىشىدىن قارىغاندا ، ئىچكى ئوبوروت ئىككى خىل بولغان. بىرى، چەت ئەل ماللىرى بىلەن يەرلىك ماللارنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى سېتىش ئوبوروتى بولۇپ ، ئوبوروت سوممىسى يىلىغا 3 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن 5 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىغىچە بولغان . يەنە بىرى ، يەرلىك خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئوبوروتى بولۇپ ، سوممىسى مەلۇم يىللاردا بالانىس بولمىسا ، كۆپ يىللاردا 2 مىليون سوم ئاقچىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن، 4 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كەتمىگەن .

4.چەت ئەل سودىسى ،يەرمەنكە ۋە ئىككى قېتىملىق زور پايدا   

  مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنباي 1895-يىلى قۇرۇلغان «مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى » نى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا باش قاتۇرىدۇ . ئاخىر ئۇلار ئاتا ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىچكى-تاشقى سودىنى بىردەك راۋاجلاندۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ . نەتىجىدە، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83 خىلدىن ئارتۇق مالنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدۇ . ئۇلار بىر تەرەپتىن سودا قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سودا-سانائەت ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ . غەرب دۇنياسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ، يېڭى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ . ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سودا بىلەن سانائەتنى جىپسىلاشتۇرۇشقا بەل باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ ، چەت ئەلنىڭ سانائەت ماللىرىنى كىرگۈزىدۇ ، شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى چىقىرىدۇ . ئۇلار 63 خىل تاۋارنى ئىمپورت قىلىپ ، خەلقنى تەمىنلەيدۇ . ئەنە شۇ خىلدىكى كۆپ قېتىملىق سودا ئارقىلىق ئۇلار ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇلىدۇ .

     ئۇلار چەت ئەللەردىكى زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ، 1885-يىلى مۇساھاجىم كۈرەدە قۇرغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قول سانائەت كارخانىسىنىڭ تولىمۇ قالاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە 1895-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كارخانىنى ھازىرقى ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ئورنىدىكى ئىككى قەۋەتلىك ئىشخانا بىناسىدىن شىمال تەرەپكە ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر ، كەڭلىكى 400 مېتىرلىق دائىرىگە كېڭەيتىپ ، سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرىدۇ. لېكىن، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدۇ. ئۇلار رۇسىيىگە زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇسابايوۋلارنىڭ زامانىۋى سانائەت كارخانىسى قۇرۇشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ سېتىپ بەرمەيدۇ . ئەمما ، مۇسابايوۋلار ئەۋلادى شىنجاڭدا سانائەت كارخانىسى قۇرۇش ئىرادىسىدىن زادىلا يانماي ، قۇرۇلىدىغان سانائەت كارخانىسى لاياقەتلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ .

     1903-يىلى ھۈسەنباي تەكلىپكە بىنائەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ ، بۇ يەرمەنكىگە ئالدى يەتتە يىل ، ئەڭ كەينى ئۈچ يىل تەييارلىق كۆرگەن چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يەرلىك ماللىرى ۋە بازار ئىزدەپ كەلگەن چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇخىل سانائەت ماللىرى قويۇلىدۇ . بۇ يەرمەنكىگە تاشكەنتلىك ئۆزبېك سودىگەر ئەرشانباي پۈتۈن تۈركىستاندىن يىغقان بىر قانچە يىللىق پاختىسىنى قويىدۇ . بۇ پاختىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ تىللاغا يېتەتتى . يەرمەنكە باشلانماي تۇرۇپ ئالدىن كەلگەن سودىگەرلەر مال كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ، بىر ئىنگلىز سودىگىرى ھۈسەنبايغا :« سىز ئۆزبېك تىلىنى بىلىدىكەنسىز ، بۇ پاختىنى ماڭا سودا قىلىپ قويسىڭىز» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ . ھۈسەنباي پاختىنىڭ ھەربىر كىلوگرامىغا 80 تىيىندىن باھا قويۇپ ، ئىنگلىز سودىگەرگە سودا قىلىپ قويىدۇ . ئىنگلىز سودىگەر پاختىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى بىلگەندىن كېيىن ، پۇلى يەتمەي بۇ سودىدىن يېنىۋالىدۇ . يەرمەنكە قائىدىسىدە ، يەرمەنكىگە قاتناشقانلار مالغا ئالدىراپ باھا كەسمەسلىك ، ئەگەر باھا كېسىلىپ ئالغۇچى يېنىۋالسا ، بۇ مالنىڭ سېتىۋالماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، باھا كەسكۈچى ئىلىش لازىم ئىكەن . ئۇنداق قىلمىغاندا ، بۇ يەرمەنكىدە سېتىلمىغان مال يەنە نەچچە يىل يەرمەنكە كۈتۈش لازىم بولۇپ ، مال ئىگىسىنىڭ زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدۇ ، دەپ قارىلىدىكەن . ئەنە شۇ سەۋەب بىلەن 100 مىڭ تىللالىق پاختا ھۈسەنباينىڭ ئېلىشىغا قالىدۇ . ئاخىر ئۇنىڭغا ژاخارمارۇژۇۋ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سودىگەر ئۇچۇر بېرىپ :« ياۋروپادا ئاپەت يۈز بېرىپ ، پاختا ئۆسۈپ قالدى . نۇرغۇن زاۋۇتلار خام ئەشيا يوق توختاپ كەتتى . پات ئارىدا بۇ يەرمەنكىگە ياۋروپالىق توقۇمىچىلىق فابرىكا كاپىتالىستلىرى كېلىدۇ . پاختا ياخشى ئىكەن ، ياخشىسى شۇلارنى كۈتكىنىڭ تۈزۈك » دەپ تەكلىپ قىلىدۇ . دەرۋەقە يەرمەنكە باشلانغاندا ياۋروپالىق سودىگەرلەر يېتىپ كېلىدۇ ، ھېلىقى يەھۇدىي ژاخارمارۇژۇۋ سودا قىلىپ باھا كېسىشى بىلەن ھۈسەنباي پاختىنى (قىممىتى 100 مىڭ تىللا ، يەنى بىر دانە تىللا ئون سومدىن جەمئىي 1 مىليون سوملۇق پاختا) بىر بىر سوم 20 تىيىندىن (ئېلىشى 80 تىيىن) يېرىم ھەسسە پايدىسىغا پادىن دېگەن سودىگەرگە سېتىپ ، 50 مىڭ تىللا (500 مىڭ سوم) ساپ پايدا ئالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھۈسەنباي موسكۋا يەرمەنكىسىگە ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ماللىرى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ چاي ، يىپەك رەختلىرى قاتارلىق باشقا ماللارنى سېتىپ كۆپ پايدا ئالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلەيدۇ .

شۇ يىلى ھۈسەنباي سودىسىنى ئەرەب ئەللىرىگە قارىتىپ ، بىر تەرەپتىن سودا قىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەج قىلىدۇ . ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە پايدىسىدىن زاكات ئايرىپ ، زاكات پۇلىغا مەككىدە «تەكخانا» (ھاجىلار چۈشىدىغان ساراي) ياسايدۇ ۋە تاۋاپ مەزگىلىدە ھاجىلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن مەدىنىدە سودا سارى ئېچىپ تىجارەت قىلىدۇ .

     شۇ يىللىرى، نېمىسلار تۈركىيە بىلەن باغدات ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول ياساپ ، پاي چېكى ساتىدۇ . ھۈسەنباي ھاجى 40 مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلى گېرمانىيىلىك كاپىتالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ .

     1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە سودا قىلىشقا ۋە شۇ پۇرسەتتە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ . باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىدە تىجارەت قىلغاچ تېرە زاۋۇتى ، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

     1910-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە بولغان مەزگىل مۇسابايوۋلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم ، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ئۆتۈك، بەتىنكە ۋە باشقا 40 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى شىنجاڭ ئىچىدە بازار تېپىپلا قالماستىن ، خەلقئارا بازاردىمۇ ئورۇن ئالىدۇ ، پۈتۈن ئاسىيا بازارلىرىدا ئەتىۋارلىق مال ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ زامانلاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە «ئىلى تېرە زاۋۇتى» دەك بىر زاۋۇت يوق ئىدى . مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇسابايوۋلارنىڭ تىجارەتخانىسى (شىركىتى) نىڭ ئوبوروت كاپىتالى بىر مىليون سوم تىللا پۇلدىن ئېشىپ ، شىنجاڭدىلا ئەمەس ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق مىليونېر بولۇپ تونۇلىدۇ .

     1921-يىلى ھۈسەنباي ھاجى تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ . بۇ يەرمەنكىگىمۇ شىنجاڭنىڭ سەككىز خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتى ۋە زاۋۇتتا ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم ، بۇلغار ، مەسكاپ-چېگرىن ، چەم ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن ھەرخىل ئاياغ كىيىم ، پەلتو ، پالشوپكا ، كاژانكا ، شەپكە ، شىم ، سومكا ، چامادان ، ئېگەر-جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى ، بەل تاسما (رېمىن) قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ بارىدۇ . بۇلارنى يەرمەنكىدە ساتقاندىن كىيىن ئۇ يەردىن ھەرخىل رەڭ (يۇڭ-تېرە بويايدىغان بوياق) ، ھەرخىل يۇڭ-پاختا رەخت ، يىپەك رەخت ، تۆمۈر ، قاڭالتىر ، قەنت ، شېكەر ھەتتا سەرەڭگە قاتارلىق 40 نەچچە خىل مالنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭ بازارلىرىنى قامدايدۇ.

     مۇسابايوۋلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ۋە ئىچكى-تاشقى سودىدا تاپقان پايدىسى 100 مىڭ سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىلغانىدى.

     ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ھۈسەنباي ھاجىم بىلەن باھاۋۇدۇنبايلار سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دادىل سودا قىلىدۇ . 1923-يىلى باھاۋۇدۇنباي موسكۋاغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن كالىننىن بىلەن كۆرۈشۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسى ئورنىتىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابايوفلار تىجارەتخانىسى ئىلى قورغاس چېگرىسى ، ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 700 توننىدىن ئارتۇق قوي يۇڭى ، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي ، 30 مىڭ باشتىن ئارتۇق ئات ، كالا ، نەچچە يۈزمىڭ تال پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۈچەي ، سۇغۇر ، بورسۇق ، تۈلكە ، سۈلەيسۈن ، تىيىن ، بۆرە تېرىلىرى ، ئەلتېرە ، مارىيى ، نەچچە ئون مىڭ توننا قۇرۇتۇلغان يەل-يېمىش ، ئاشلىق ، مايلىقدان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ . شۇ يىللاردا رۇسىيىدە گراژدانلار ئۇرۇشى پارتلاپ قەھەتچىلىك يۈز بەرگەچكە، بۇ نەرسىلەر بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى .

     ھۈسەنباي 1926-يىلى ، باھاۋۇدۇنباي 1928-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئەمما تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قالماي ، 1949-يىلغىچە ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارلارنى مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋاملىق قامداپ تۇرىدۇ .

     1956-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە شۇ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۈسەنباي ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ ماللىرى بىلەن ئاۋات ئىكەن .

5.مۇسابايوۋلار تېرە زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى      
     1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە تىجارەت قىلىشقا ۋە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ . باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيە سانائىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق ، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ . شۇ مەزگىللەردە گېرمانىيە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى قوشنا دۆلەتلەرگە چىقىرىش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ ، شىنجاڭ ئايرىم قىتئەگە جايلاشقان يىراق رايون بولغاچقا ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باھاۋۇدۇنبايغا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ.

      باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيىنىڭ مايىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان فرانكفورت شەھىرىدىكى «فرانكفورورام ئاسايىن» زاۋۇتى يەنى «FRANCRORAMMEONYSIRY» غا ئالدىن 500 مىڭ سوم تىللا پۇل زاكالەت بېرىپ ، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى زاكاز قىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىستانوك ، كەپشەرلەش ماشىنىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالىدۇ. باھاۋۇدۇنباي يەنە ئىنژېنېر ، رېمونت مۇتەخەسسىسى ، ئېلېكتر مېخانىكى ، تېلېگراف خادىمى ، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش مۇتەخەسسىسى قاتارلىق تېخنىك خادىملارنى شىنجاڭدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ، يۇقىرى مائاش بېرىش ھەققىدە كېپىللىك قىلىش ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زاۋۇت قۇرۇشقا مەسئۇل ئىنژېنېر بىلەن تېلېگراف خادىمى ئىككى يىللىق ، باشقا خادىملار بەش يىللىق مۇددەت بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ . مۇشۇ شەرت قىلىنغان بولۇپ ، ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئىككى تەرەپنىڭ رايىغا قالدۇرۇلىدۇ .

     گېرمانىيە سانائەت شىركىتى توختام بويىچە زاۋۇتنى 1906-يىلى پۈتتۈرۈپ بېرىدۇ . شۇ يىلى گېرمانىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان تېخنىك خادىملارنىڭ مەسئۇللۇقى بىلەن زاۋۇت رۇسىيە ئارقىلىق ئىلىغا توشۇلۇشقا باشلايدۇ . زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى رۇسىيە چېگرىسىغا كىرگەندە ، ھاڭ-تاڭ قالغان چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشكە يول قويمايدۇ. ھۈسەنباي ھاجى بۇ ئەھۋالنى دەرھال شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي مەمۇرىي باش ۋالىسى لەنكۈيگە مەلۇم قىلىدۇ ، لەنكۈي بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ ، 1881-يىلى ئىمزالانغان «جۇڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» دا بەلگىلەنگەن «جۇڭگونىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى رۇسىيە زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە ، رۇسىيىنىڭ چەت ئەللەردىن ئىمپورت قىلغان ماللىرى جۇڭگو زېمىنى ئارقىلىق ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن ماددىغا ئاساسەن ، بۇ ئىشنى ئىلى گېنېرالىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللايدۇ . نەتىجىدە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى زاۋۇتنى 90 كۈن ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيە زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتسە زاۋۇتنى رۇسىيىدە قۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ياركەنت ۋالىيسى ۋەلىباي يولداشوۋ (ئەسلى غۇلجىلىق ئۇيغۇر سودىگەر) ئارقىلىق مۇسابايوۋغا خىزمەت ئىشلەپ ، زاۋۇتنى رۇسىيىدە قۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ . ئەمما ، مۇسابايوفلار رەت قىلىپ ، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكەشكە كىرىشىدۇ .

     زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى گېرمانىيىدىن پويىز بىلەن رۇسىيىنىڭ ئومىسكى شەھىرىگە توشۇپ كېلىنىدۇ . ئومىسكىدىن ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق پاراخوت بىلەن سىمپلاتنىسكى شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ . ئەمدى سىمپولاتنىسكىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا ئېلىپ كېلىش قالىدۇ . بۇ يولنىڭ ئارىلىقى 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ ، قاتناش ئىنتايىن قۇلايسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى خىلمۇخىل توسۇقلارنى قۇرۇپ ، ئۇلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتقانىدى . ئەمما ، مۇسابايوفلار قەتئىي تەۋرەنمەي جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ، 100 كىلومېتىر ئارىلىقنىڭ ئوي-دۆڭ يەرلىرىنى تۈزلەپ ، 286 ئورۇنغا چوڭ-كىچىك كۆۋرۈك سالىدۇ . زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇپ پارچىلايدۇ . ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۆت توننا ، ئەڭ يېنىكى بىر يېرىم توننا كېلەتتى . بۇلارنى توشۇش ئۈچۈن ئېغىر يۈك كۆتۈرىدىغان ھارۋىلار ياسىلىدۇ . 96 ئۆكۈز تەييارلىنىپ ، ھەربىر ھارۋىغا ئالتىدىن 12 گىچە ئۆكۈز قېتىلىدۇ . زاۋۇت غۇلجىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن زاۋۇت قۇرۇلۇشى 1907-يىلى كۈزدە باشلىنىپ ، 1909-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ ، ئوتقا چىداملىق خىش ، سېمونت ، پولات قاتارلىق ماتېرىياللار رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا بىر سەر ئالتۇن 40 سوم تىللا پۇلغا باراۋەت بولۇپ، يۇقىرىقى چىقىم سوممىسىنى ئالتۇنغا ، 300 مىڭ سەر ئالتۇن بولاتتى.

     مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىلىغا 40 مىڭ پارچە چوڭ تېرە (ئات ، كالا تېرىسى) 600 مىڭ پارچە كىچىك تېرە(قوي، ئۆچكە تېرىسى) ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. ئىشچى سانى دەسلەپكى مەزگىلدە 166 نەپەر بولۇپ ، يەنە كۈنلۈك ئىشچى ياللانغان. كېيىن ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشچى قوبۇل قىلىنىپ ، ئىشچى سانى بىر قانچە يۈزگە يەتكەن ، زاۋۇت كۆن-خۇرۇم ، مەسكاپ-چېگرىن ، چەم ، شاۋرۇن قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان . ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە ، شام ، سوپۇن ،تۈگمە ، ياريېلىم ، ھەرخىل ئاياغ كىيىم ، ھەرخىل خۇرۇم چاپان ، تاسما ، شەپكە ، ئېگەر-جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى قاتارلىق 12 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان .

     ھۈسەنباي ھاجى 1909-يىلىدىن باشلاپ زاۋۇتنى ئۆزى باشقۇرۇپ كەلدى . 1926-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سابىت ئەپەندى 1933-يىلىغىچە ، ئۇنىڭدىن كېيىن مىجىت ئەپەندى 1938-يىلىغىچە ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەلئەت ئەپەندى 1950-يىلىغىچە ، 1950-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە مىجىت ئەپەندى ، ئابدۇلئەزىز ، ئىسمائىل ، ئابدۇقەييۇم ئەپەندىلەر باشقۇرۇپ كەلدى . 1955-يىلى زاۋۇت ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگە ئۆزگەردى . مىجىت ، ئابدۇقەييۇم ئەپەندىلەر خۇسۇسىيلار تەرەپنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولدى . ھازىر بۇ زاۋۇت تولۇق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى زاۋۇت بولۇپ ، ئىلى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى دەپ ئاتىلىدۇ .

***

     قۇشۇمچە تەپسىلات: 1909-يىلى زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ھۈسەنباي ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا مېڭىش ئالدىدا ، ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق سودىگەر روزى ھاجىمنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن ھۆكۈمەت بانكىسىدىن 200 مىڭ سەر قەغەز پۇل قەرز ئالىدۇ . بانكا بۇ پۇلنى ئىلى بانكىسىنىڭ ھېساباتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىلى گېنېرالى پۇلنى قايتۇرماسلىق ، زاۋۇتقا شېرىك بولۇش تەلىپىنى قويىدۇ . ھۈسەنباي ماقۇل بولىدۇ . گېنېرال موچۇن دېگەن موڭغۇل ئوفىتسېرنى دىرېكتور قىلىپ ئەۋەتىدۇ ئەمما زاۋۇتنى ياخشى باشقۇرالمىغاچقا زىيان كۆرۈلىدۇ. گېنېرال پۇلنى قايتۇرۇۋېلىپ شېرىكلىكتىن چىقىدۇ .

   

6.مۇسابايوۋلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى

     مۇسابايوۋلار كارخانا باشقۇرۇشتا ، ياۋروپا كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىش كۆرۈپ ، تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلغان ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرغان .

    1.مۇسابايوۋلار 1895-يىلى غۇلجىدا قۇرغان «تىجارەتخانا ھۈسەن مۇسابايوۋ بۇرادەرلىرى شىركىتى» دە تەسىس قىلىنغان ئىشخانىلار : (1) دىرېكتور ئىشخانىسى ، (2) باش بوغالتىر ئىشخانىسى ، (3) مالىيە بۆلۈمى ، (4) تىجارەت بۆلۈمى ، (5) چارۋىچىلىق بۆلۈمى ، (6) تېخنىك-سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمى ، (7) ئومۇمىي ئىشلار بۆلۈمى . بۇ بۆلۈم خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن ، ئىش ھەققى بېكىتىش ، ئىش تۈزۈمى ، ئىشچىلار تۇرمۇشى، ئىش كىيىمى تارقىتىش ، يىلدا بېرىلىدىغان قىشلىق ، يازلىق كىيىم-كېچەك ، يېمەك-ئىچمەك ، قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان ياردەم ، زاۋۇت مېھمانخانىسى ، ئاشخانا ، ئۆلۈم-يېتىم ، توي-تۆكۈن ، داۋالاش ، ساياھەت ، كۆڭۈل ئېچىش ، تەنتەربىيە ، ۋاقىتلىق ئىشچى قوبۇل قىلىش ، كۆزەتچىلىك ، ئىسكىلات باشقۇرۇش ، خەت-چەك تاپشۇرۇۋېلىش، تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى .

     باش تىجارەتخانىنىڭ ئومۇمىي تۈزۈمىدە ھەرقايسى بۆلۈمدىن باش دىرېكتورلارغىچە تالونلۇق ھېسابات يۈرگۈزۈلەتتى . ھەتتا باش دىرېكتور ھۈسەنباي ھاجىم بىر پۇڭ ئالماقچى بولسىمۇ ، تالونلۇق ھېساب ئاچقان . ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئەۋلادىنىڭ بەلگىلەنگەن مائاشتىن سىرت پۇل ئېلىشى مەنئى قىلىنغان . زۆرۈر تېپىلغاندا دىرېكتور ياكى باش بوغالتىرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاۋانىسا (قەرز) ئېلىپ قايتۇرغان.

     يۇقىرىقى بۆلۈملەر ئىچىدە تىجارەت بۆلۈمى دائىرىسى ناھايىتى كەڭ ئالاھىدە بۆلۈم بولۇپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تىجارەتنى كېڭەيتىپ ھەم جانلاندۇرۇپلا قالماستىن ، رۇسىيىنىڭ سېمىپالاتىنسكى ، ياركەنت ، موسكۋا قاتارلىق جايلىرىدا بانكا ھېساب نومۇرى ئاچقان ( بانكا ھېساب نومۇرلىرى : سېمىپالاتىنسكى بانكىسى ھېساب نومۇرى4830؛ ياركەنت كازناچىستۋا بانكىسى 67629؛ موسكۋا بانكىسى 19378؛ رۇسىيە-ئاسىيا بانكىسى 35؛ رۇسىيە-ئاسىيا بانكىسى غۇلجا شۆبىسى 107 قاتارلىقلار) .

     1.جايلاردىكى شۆبە شىركەتلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى . جايلارنى مال بىلەن تەمىنلەش ياكى سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىشتىن ئىلگىرى ، جايلارنىڭ نوپۇسى ، تەبىئىي بايلىقى، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ، بازار ئەھۋالى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىپ تۇرۇلغاچقا ، زاۋۇت مېلى ياكى يەرلىك مال بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كەلگەن . مۇسابايوۋلار ھەرقايسى شۆبە شىركەتلەرنىڭ ھەپتىدە بىر نۆۋەت بازار ئەھۋالى ، بازار نەرخىدىن دوكلات بېرىپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باھا بەلگىلەيدۇ . مەسىلەن : ئۈرۈمچىدە بىر مېتىر چىت بىر يۈەن ، بىر جىڭ يۇڭ بىر يۈەن ، خوتەندە بىر مېتىر چىت 1.5 يۈەن ، بىر جىڭ يۈەن بەش مو بولسا ، ئۇلار خوتەننىڭ چىت ۋە يۇڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ، ئۈرۈمچىدىكى بىر يۈەنلىك چىتكە خوتەنگە بارغۇچە بولغان چىقىم بىر ياكى ئىككى مونى قوشۇپ ، خوتەندىكى چىت باھاسىنى 1.2 يۈەن قىلسا ، يۇڭنى خوتەن باھاسى بويىچە بەش مودىن ئالىدۇ . يۇڭ ئىككى مو چىقىم بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلسە ، ئۈرۈمچى باھاسىدىن يەنىلا ئۈچ مو ئەرزان ئېلىنغان بولىدۇ . بۇنى چەتكە چىقارغاندا ، نەچچە مېتىر چىتقا ئالماشتۇرۇلىدۇ . چىت شىنجاڭغا كەلگەندە بىر قانچە جىڭ يۇڭغا ئالمىشىدۇ . ئۇلارنىڭ قوللانغان بۇ ئۇسۇلى بازارنى مۇقىم قىلىپ ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، ئوبوروتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتلىرىدە ئىجابىي رول ئوينىدى . ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مېلى ئالتە ئايدىن ئارتۇق بېسىلىپ قالمىدى . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا ئىككى قېتىم ئوبوروت قىلىندى .

     مۇسابايوۋلار توپ-پارچە سېتىشنى بىللە ئېلىپ بارغان بولۇپ ، خېرىدارلارنى جەلپ قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن . ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا چوڭ سارايلارنى قۇرۇپ ، سودىگەرلەرگە قۇلايلىق ياراتقان . شۆبە شىركەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە تىجارەت قىلىدىغان ئادەم سارايغا چۈشسە قونالغۇ ھەققى ئالمىغان. قونالغۇغا چۈشكەنلەرنى نان-چاي بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە ، بىر ۋاق ھەقسىز تاماق بەرگەن . نەتىجىدە ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى كۆپەيگەن ۋە جايلارنىڭ بازار ئەھۋالى شۆبە شىركەتلەر ئارقىلىق ئىگىلىنىپ ، ھەپتىمۇ ھەپتە باش شىركەتكە مەلۇم قىلىنىپ تۇرۇلغان ، شۆبە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئىش ھەققى مەسىلىسى : ئۇلار سېتىۋالغان يەرلىك مال ياكى ساتقان تاۋار ماللارغا پىرسەنت ئالغان . پىرسەنت %2 تىن %5 كىچە بولغان .

     2. تېرە زاۋۇتىنىڭ ئىش ھەققى باشقۇرۇلۇشى . ئىشچىلار ئىش ھەققى ئالغان . يەنى ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق بېرىلگەن. ئەمما ئىشچىلار تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلغان . مەسىلەن: 1-دەرىجىلىك ئۇستا بىر دانە خۇرۇم ئۈچۈن بەش يۈەن ئالسا ، 2- دەرىجىلىك ئۇستا تۆت يۈەن ، 3-دەرىجىلىك ئۇستا ئۈچ يۈەن ھەق ئالغان . لېكىن ، مەھسۇلات سۈپىتىگە دەرىجە قويۇلمىغان بولۇپ ، 1-دەرىجە ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان . ئىش ۋاقتىنى كاسىپلار ، قارا ئىشچىلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن . زاۋۇت كاسىپلار ۋە ئىشچىلارغا پەرتۇق ، پەشتاما ، خالات ، رېزىنكە ئۆتۈك ، پەلەي ، كۆزەتكۈچىلەرگە يازلىق ، قىشلىق كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئەمگەك-مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ تۇرغان ، تۇرمۇش جەھەتتىمۇ تېگىشلىك غەمخورلۇقلار كۆرسىتىلگەن . مەسىلەن: ھەقسىز تۈردە ئىشچىلارغا ئۈچ ۋاق تاماق بېرىلگەن . بۇنىڭ ئىچىدە چۈشتە گۆشلۈك تاماق بېرىلگەن . ئىشچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى دوست-يارەنلىرى تاماقتا بىللە بولۇپ قالسا ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مېھمان قىلىنغان .

     مۇسابايوۋلار ھەريىلى بارات ئېيىنىڭ30-كۈنى ئومۇمىي ھېسابات قىلىپ ، يىغىۋېلىنغان ئاشلىق ۋە مال-مۈلۈك ، نەق پۇلدىن زاكات ئايرىپ تۇرغان . ئۇنى ئاساسلىقى مەكتەپ قۇرۇشقا ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن (ئون چارەك ئاشنىڭ بىر چارىكىنى ، مال-مۈلۈك ، پۇل ، چارۋا مالنىڭ 40 تىن بىرىنى زاكات ئايرىپ تۇرغان) .

     مۇسابايوۋلار كارخانا ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن كارخانا باشقۇرۇپ ، خام ئەشيالاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ يولغا قويغان . ئالايلۇق ، ئات ، كالا تېرىسىدىن قىرىۋېلىنغان يۇڭدىن پايدىلىنىپ ، كىگىزچىلىك كارخانىسى قۇرغان . تېرىلەردىن قىرىۋېلىنغان مايدىن بولغان سوپۇن ، شام ياساش كارخانىسى ، كالا مۈڭگۈزىدىن تۈگمە ياساش كارخانىسى ئۇنىڭدىن باشقا ئاياغ كىيىم ، ياريېلىم ئىشلەش كارخانىسى قۇرغان . خوتەندىن ئۇستا تەكلىپ قىلىپ ، غۇلجىدا گىلەم زاۋۇتى قۇرغان . ئومۇمەن ، مۇسابايوۋلارنىڭ كارخانا باشقۇرۇش ۋە قۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ .


7.مۇسابايوۋلارنىڭ قول سانائەت كارخانىلىرى

      مۇسابايوۋلارنىڭ قۇرغان قول سانائەت كارخانىسى ئون بىرگە يەتكەن بولۇپ ، ئۇلار ئىش تۈرى بويىچە تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلغانىدى:

(1) شامچىلىق ، (2) سوپۇنچىلىق ، (3) تۈگمىچىلىك ، (4) يار يېلىم ئىشلەش ، (5) ئېگەرچىلىك ، (6) ھارۋا جابدۇقى ياساش ، (7) جۇۋىچىلىق، (8) كىگىزچىلىك ، (9) گىلەمچىلىك ، (10) پىيماگات (پىيمىچىلىق) ؛(11) موزدۇزلۇق . بۇ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى مۇنداق بولغان ؛ شامچىلىق ، سوپۇنچىلىق كارخانىلىرىدا ئون نەپەردىن 20 نەپەرگىچە ئىشچى ئىشلىگەن. ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شام ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك بولۇپ ، 45 سانتىمېتىرلىق چېركاۋ قىزىل شامى ، 30 سانتىمېتىرلىق پانۇس شامى ، 20 ۋە 25 سانتىمېتىرلىق ئۆي شامى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنغان ھەمدە رۇسىيىلىكلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان . موسكۋا ، سانكىت-پېتربورگ شەھەرلىرىمۇ ئالاھىدە ئۇلارغا شام زاكاز قىلىدىغان بولغان . سوپۇنمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، مۇساھاجىم تاشلاندۇق يۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىپ ، كىگىزچىلىك كەسپىنى يولغا قويغان . چىداملىق ۋە قېلىن بولغان ناماتمان كىگىزى دەل مۇساھاجىمنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ (ناماتمان مەھەللىسى ئىلىدىكى كىگىزچىلىك كاسىپلىرى ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ ، ئۇلارنى مۇساھاجىم جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇرغان ) . ئۇلار تۈرلۈك گۈللۈك كىگىزلەرنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ ، ئىلى ، ئالتە شەھەرنى تولۇق تەمىنلەپلا قالماستىن ، ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ چىقىرىلغان . خىللانغان قوي يۇڭىدا گىلەم توقۇش ، پىيما ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، تېخنىك ئۇستىلارنىڭ ئۈزۈكچىلىكى تۈپەيلى گىلەمچىلىك كەسپى ئانچە چوڭ تەرەققىي قىلالماي قالغان . پىيما سېخىدا بولسا 30 نەپەرگە يېقىن ئىشچى بار بولۇپ ، ئىشلەنگەن پىيمىلار شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا سېتىلغان .

      مۇساھاجىم مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن . مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ئەلا بولمىسا بازارغا سالمىغان . ئۇنىڭ چوڭ كارخانىسىدا ئات ، كالا ، قوي ، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىرى پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ ، يەنى كۆن-خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ . سۈپەتلىك تېرىلەردىن كۆن-خۇرۇم ، چەم ياسالسا ، 2-دەرىجىلىك تېرىلەردىن ئېگەر-جابدۇق ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىغا كېرەكلىك ماتېرىياللار ئىشلىنىدۇ . بۇ مەھسۇلاتلار ياۋروپا بازارلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ . بۇ كەسىپ ئالدىنقى ئەسىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ يەنى 1949-يىل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلغىچە داۋام قىلغان .

     مۇساھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي ئۇنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، تېرە زاۋۇتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ . بولۇپمۇ ئۇلار گېرمانىيىدىن زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازارغا كىرىدۇ . چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇزاق يىلغىچە ھەربىي ئاتنىڭ ئېگەر-جابدۇقلىرى ، قىلىچدان (غىلاپ) ، سومكا ، ھەربىي ھارۋا جابدۇقلىرىنى مۇسابايوۋلاردىن ئالىدۇ . 1912-يىلى ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى باشلىنىش ھارپىسىدا ، ھۈسەنباي قوزغىلاڭچى ئارمىيىنى ئۆتۈك ، ئات ئېگەر-جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

      مۇساھاجىم قۇرغان جۇۋىچىلىق كارخانىسى تەرەققىي قىلىپ ، يەرلىك جۇۋا ، ھەربىي جۇۋا ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ يەرلىك جۇۋىسى تاشلىق ، تاشسىز ۋە ھەرخىل ياقىلىق بولۇپ ، قوي تېرىسىدىن ئىشلىنىپلا قالماستىن ، بۆرە ، يىلپىز ، تۈلكە ، سۈلەيسۈن ، تىيىن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار تېرىسىدىن تىكىلىدۇ . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بۇ كارخانا چاررۇسىيە ئارمىيىسىنى ، ئاندىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى ، شىنجاڭدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ھەربىي جۇۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ . 1944-يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بۇ كارخانا تەرىپىدىن ھەربىي جۇۋا بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ .

      مۇساھاجىم ھايات ۋاقتىدا كالا ، قوي ، ئۆچكە مۈڭگۈزلىرى ۋە سۆڭەكلەرنى يىغىپ تۈگمىچىلىك كارخانىسى ئاچقان . مۈڭگۈزلەردىن قارا تۈگمە ، سۆڭەكلەردىن ئاق تۈگمە ياسالغان ( ئۇيغۇر تۈگمىچىلىكى ئەزەلدىن سۆڭەكنى خام ئەشيا ماتېرىيالى قىلىپ كەلگەن ) . نەتىجىدە تۈگمە ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىلگەن .

      ياريېلىم كارخانىسىمۇ ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىپ ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ كەلگەن . بۇ كەسىپتە ئاساسلىقى خام ، پىششىق تېرىلەردىن چىقىرىۋېتىلگەن تاشلاندۇق نەرسىلەر ، ھەرخىل پۇرۇچلار خام ئەشيا قىلىنغان ، يەنى بۇ نەرسىلەر قاينىتىلىپ ياريېلىم ياسالغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىياغا توننىلاپ ئېكسپورت قىلىنغان .

     مۇسابايوۋلار كارخانىنى ئەنە شۇنداق ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرغان بولۇپ ، بۇ كەسىپلەرنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ داۋام قىلىنىۋاتىدۇ .

8.مۇسابايوۋلار ئاچقان تېخنىكلار مەكتىپى ۋە ئاياللار مەكتىپى

      مۇسابايوۋ ئەينى مەزگىللەردە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بارغاندا ، چەت ئەللەرنىڭ كۆن-خۇرۇم زاۋۇتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ زاۋۇتلاردا يولغا قويغان تېخنىكىلىق باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە تېخنىك ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇساھاجىم تېخنىك ئىشچى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ . يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخنىك يېتىشتۈرۈش مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدۇ . ئەمما ، مۇساھاجىم ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاغرىپ 1895-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولىدۇ . ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئوغۇللىرى ھۈسەنباي، باھاۋۇدۇنبايغا:«مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتۇڭلار ، خىراجەتنى زاكاتتىن چىقىرىڭلار، يەتمىسە ئومۇمىي ئىقتىسادتىن ئاجرىتىڭلار » دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كېتىدۇ .

     1904-يىلى باھاۋۇدۇنباي مۇسابايوۋ گېرمانىيە سانائەت شىركىتىدىن كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى كىرگۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن جىددىي تەييارلىق قىلىپ ، ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئورنىدا ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپىنى قۇرىدۇ . ئىمىر داموللا ، نىزامىدىن قاتارلىق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ . تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن 160 نەپەر كەمبەغەل دېھقان بالىسىنى ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىدۇ . مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە دەرسلىرى تەسىس قىلىنىدۇ . كەسپىي جەھەتتىن گېرمانىيىلىك ئىنژېنېر ماگىن كۆن-خۇرۇم ئىشلەش تېخنىكىسى ، خام تېرە ، پىششىق مەھسۇلاتلارنى پرىيوم قىلىش ھەققىدە دەس ئۆتىدۇ . بىرىنچى قاراردا ئوقۇغان بۇ 160 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتنىڭ تايانچ تېخنىك خادىملىرىغا ئايلىنىدۇ . ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە 300 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچى-دېھقان بالىلىرى بولۇپ ، يۇقىرىقى دەرسلەردىن باشقا يەنە ياغاچچىلىق، تامچىلىق ،موزدۇزلۇق ، ماشىنىچىلىق ، ھارۋا ياساش ، قاتارلىق19 خىل ھۈنەرنى ئۆگىتىدۇ ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن خالىغانلار ئىلىدا قالىدۇ، كۆپىنچىسى يۇرتىغا قايتىدۇ، مۇسابايوۋلار يۇرتقا قايتقانلارغا سايمان ۋە يول خىراجىتى بېرىدۇ . ئۈچىنچى قاراردا 120 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ . ئۇلار يۇقىرىقى پەنلەرنى ئوقۇغاندىن سىرت زاۋۇت كەسپى ، بوغالتىرلىق ، ستاتىستىكا ، كارخانا باشقۇرۇش كەسىپلىرىنىمۇ ئۆگىنىدۇ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن ئاز ساندىكىلىرى زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ . كۆپلىرى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ.بەزىلىرى جايلاردا مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ۋاكالەتچى خادىملىرى بولۇپ قالىدۇ . ئومۇمەن مۇسابايوۋلار قۇرغان ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپ جەمئىي ئۈچ قاراردا 580 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلەيدۇ ، 1909-يىلى زاۋۇت رەسمىي ئىش باشلىغاندا ، ئۇلاردىن 200 نەچچە نەپىرى زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنىدۇ ، شۇ مەزگىللەردە زاۋۇت باش بوغالتىر ، كاسسىر ، ستاتىستىكا خادىمى ، پىلان خادىمى كاتىبات مەسئۇلى قاتارلىق خادىملارنى رۇسىيىدىكى رۇس ، تاتار مىللەتلىرىدىن ، زاۋۇت تېخنىكا خادىملىرىنى گېرمانىيىدىن تەكلىپ قىلغان . بۇ مۇتەخەسسىسلەر زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان . نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلاردىن بوغالتىر ، كاسسىر ، ستاستىستىكىچى ، شۇرنىك ، پرىيومچىك ، سىلىسار ، توكار ، قۇيمىچى ، ئەيلەمچى قاتارلىق ياراملىق خادىملار ۋە تېخنىكلار يېتىشىپ چىققان . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساۋۇت ئىلى ياڭخاڭ ، زۇنۇن تېيىپ (گېنېرال زۇنۇن تىيىپ) ، ئابدۇرۇپ ئاخۇن ، كېيىنكى ۋاقىتتا سانائەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان شاۋۇدۇن ئاخۇنلار بار ئىدى .

     ھۈسەنباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي ئۆز ئوغۇللىرىدىن سابىت ئەپەندى ، ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ، ئىسمائىل ئەپەندى ، ئابلەھەي ئەپەندى ، مىجىت ئەپەندى ، ئابدۇقەييۇم ئەپەندى ئابلەت ئەپەندى ، تەلئەت ئەپەندى ، فۇكرات ئەپەندى قاتارلىقلارنى تۈركىيە ، رۇسىيىلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ . مىجىت ئەپەندى بىلەن ئابدۇقەييۇم ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ بېرلىن ، بونن شەھەرلىرىگە بېرىپ ، ئىنژېنېر ، ماستېر ياللايدۇ . نەتىجىدە ، ئۇلار بىلىم ئالغاندىن كېيىن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورنىنى باسىدۇ . زاۋۇت باشقۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ .

     1912-يىلىغا كەلگەندە ، زاۋۇت ئىشچىلىرى كۆپىيىپ 500 دىن ئاشىدۇ . شۇ چاغدا بىر قىسىم ئاياللار ھۈسەنبايغا ئوقۇش ۋە ئىشچى بولۇش تەلىپىنى قويىدۇ . ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار ئۇلارنىڭ تەلىپىگە دەرھال قوشۇلىدۇ ۋە رۇسىيىنىڭ قازان شەھىرىدىن خەلىچە ئاۋۇستاي قاتارلىق تۆت نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ، غۇلجىدا ئاياللار مەكتىپى ئاچىدۇ . بۇ مەكتەپتە 300 نەپەرگە يېقىن ئايال ئوقۇيدۇ . ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلى ، ھېساب ، تارىخ ،جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇسا ، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىم تىكىش ،كېسىش ، يۇڭ پوپايكا ، شارپا ، ياغلىق ، پەلەي توقۇش ، رەشىلىيە ئىشلەش ، كەشتىچىلىك قاتارلىق قول ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىدۇ ، مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئاياللار ئۇستا ھۈنەرۋەنلەردىن بولۇپ چىقىدۇ . ئوقۇشنى تەلەپ قىلغانلار داۋاملىق كۆپەيگەچكە ، بۇ مەكتەپ «ھۈنەر مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ .

     ئومۇمەن ئېيتقاندا، 1912-يىلى ئېچىلغان بۇ ھۈنەر مەكتەپ ئازادلىقتىن كېيىنمۇ بىر قانچە ئون يىل داۋام قىلغان. بۇ مەكتەپتە نەچچە ئون مىڭ ئايال ئوقۇپ ، مۇنەۋۋەر كارخانا ئىشچىلىرىغا ئايلانغان .
  

9.مۇسابايوۋ ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى زامان مائارىپى


مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تىجارىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگەندىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرىدىكى سانائەت ئىنقىلابى ۋە يېڭى زامان مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بۈيۈك كەشپىياتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ، شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ ، يېڭى تېخنىكا بەرپا قىلىشقا بەل باغلايدۇ . مۇساھاجىم ئوغلى باھاۋۇدۇنباينى چەت ئەللەردىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ .
     1870-يىلى باھاۋۇدۇنباي قازان شەھىرىدىن ئۈچ نەپەر مۇئەللىمنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇلار خانلىق مەدرىسىدە دىنىي دەرستىن سىرت ، تىل ، ھېساب ، ئەدەبىيات ، جۇغراپىيە ۋە ئەرەب ، پارس تىللىرىدىن دەرس بېرىدۇ . شۇ يىلى (1870-يىلى) باھاۋۇدۇنباي ئىلى بەيتۇللا مەسچىت يېنىدىكى مەدرىسىدە تۆت سىنىپلىق مەكتەپ قۇرۇپ ، تىل ، ھېساب ، ئەرەب ، پارس تىلى ۋە تارىخ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىدۇ .
     قەشقەردىكى پەن ئوقۇتۇش مەكتىپى 1880-يىللارغىچە داۋام قىلىدۇ . ئەمما ، مۇتەئەسسىپ دىنىي كۈچلەر توسقۇنلۇق قىلغاچقا ، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار مۇساھاجىمنىڭ ياردىمىدە مەكتەپنى ئۆز يۇرتى ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىگە يۆتكەپ كېتىدۇ ۋە دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق قىلىپ ئاچىدۇ . 1883-يىلىغا كەلگەندە سەككىز سىنىپلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ ئىش باشلايدۇ . 1885-يىلى كارىدورلۇق كۆركەم سېلىنغان سەككىز سىنىپلىق ئوقۇتۇش بىناسى ، 32 ئېغىزلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ، زال ، ئىككى ئېغىز ئاشخانا ،مۇلازىمەت دۇكىنى ، ئۆي ، بەش مولۇق باغ ، ئالتە مو كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى ، تاش مۇنچا (ھاممام) بار مەكتەپ پۈتۈن ئوقۇش باشلايدۇ . بۇ مەكتەپكە «مەكتىپى ھۈسەينىيە» دەپ نام بېرىلىدۇ . 1913-يىلى مەزكۇر مەكتەپ تۈركىيىدىن ئەھمەد كامال قاتارلىق يەتتە نەپەر مۇئەللىمنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ . مەكتەپنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ھەمدە بالىلارنىڭ تاماق ، كىيىم ۋە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلىدىغان ياردەمگىچە بولغان راسخوتلىرىنى مۇسابايوفلار ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ .
     مۇسابايوۋلار 1907-يىلى ئېكساقتا «ھەبب زادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپىنى قۇرىدۇ . بۇ مەكتەپكە خوتەن ، قەشقەر ۋە ئاتۇشنىڭ يەتتە كەنتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ، ھەممە چىقىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . بۇنىڭ بىرىنچى قارارى 1909-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ .
     باھاۋۇدۇنباينىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى تۆھپىلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. ئالايلۇق ، ئۇ قەشقەر يار باغدا 1-خەنزۇ تىلى مەكتىپى ، ئېكساقتا 2-خەنزۇ تىلى مەكتىپى ئاچقان . 1905-يىلى غۇلجىدا «تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى» قۇرۇپ ، ئۈچ قاراردا 580 نەپەر بالا تەربىيىلىگەن . 1905-يىلى ئىلىدا «ھۈنەر كەسىپ مەكتىپى » قۇرۇپ ، 1912-يىلىغا كەلگەندە، بۇ مەكتەپنى كېڭەيتىپ «ئاياللار ھۈنەر مەكتىپى» قىلىپ قۇرۇپ چىققان. يەنە ئىلىدا 1913-يىلى «نۇرانىيە مەكتىپى» ، «سايرامىيە مەكتىپى» ،1916-يىلى «مەكتىپى نۇر»، ئەلا باي قورۇسىدا «ئەلا باي قورۇ مەكتىپى» ، 1924-يىلى «دەرنەك» مەكتىپى ، 1938-يىلى «مۇراد مەكتىپى» قاتارلىق مەكتەپلەرنى قۇرغان ۋە ئاساسىي چىقىملىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان.
ئۇلاردىن باشقا ، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوۋلار 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «مەتبەئە خۇرشىد-مەتبەئە نۇر» ناملىق تاش مەتبەئەنى كىرگۈزۈپ ، شائىر تەجەللى ۋە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئىشلىتىشكە بەرگەن . ئىلى كۈرەدىمۇ تاش مەتبەئە قۇرغان . ئەينى ۋاقىتتا مۇسابايوفلار شىنجاڭدا يېزىلغان بىر بۆلۈم تارىخ ، ئەدەبىيات ۋە دىنىي ئەسەرلەرنى ئۆز خىراجىتى بىلەن تاشكەنتتە باستۇرۇپ تارقاتقانىدى.
      مۇسابايوۋلار بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي م رۇسىيە، تۈركىيە ، گېرمانىيە ۋە لىۋانغا بىر قانچە قارار ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن . دېمەك ، دەسلەپ چەت ئەللەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغان بولسا ، كېيىن چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىپ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلىگەن. ئۇلار تېخنىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . مەسىلەن: توك ئىشچىسى ، تېخنىك ، مانتيور، سىلىسار ، ماستىرلارنى تەربىيىلەشنى يېتىشتۈرگەن ، بوغالتىر ، كۆن-خۇرۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 07:51 PM  


تىمتاس لېرىكا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۇ ئەسلەيدىغان ئېسىل زاتلىرىمىزدە بۇلار

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25107
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10690 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇلار ئۆز ۋاختىدا ئامىركا ،كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەدىن يەر ئەپ قويۇپ ئىگىلىكنى چەتكە كىڭەيىتكەن بولسا بىزمۇ يەۋۇدىلاردەك بىيىپ كىتەتۇق ئەپسۇس..... ئۇلارنىڭ پۇل مىلىنى ياڭزىنشىن ،جىن شۇرىن ، شىڭ دۇبەن،گومىنداڭلار تارانتاراج قىلىپ تۇگەتتى ....ئەڭ ئاخىردىكىسىنى كاپتالىس باي بومشىكلارنى ...ئىجارى كىڭەيىتكەندە كولىكتىپقا پاي قوشۇپ تۇگەتتى ...

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1961
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5928
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 5156 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،  لىكىن ھازىر ئاشۇلار چىلىك
بايلىرىمىز يوق ، بار بولسىمۇ ئۆز نەپسىدىن كىچەلمەي ۋاتىدۇ.

دۇشمىنىمگە ئۆزەم تىتىيمەن ، دوسلىرىمنىە قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ

فورمات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rinatcn يوللىغان ۋاقتى  2012-4-28 08:42 PM
ئاشۇلار ئۆز ۋاختىدا ئامىركا ،كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەد ...

بۇنى ئۇلاردىن ئاغىرنىشقا بولمايدۇ ، يەھۇدىلارنىمۇ ئەينى چاغدا خىرىستىيانلار بۇلاپ تالاپ ھېچنىمىسىنى قويمىغان . ئەجدادلاردىن ئاغىرنىشقا ھەققىمىز يوق ، ئەڭ ياخشىسى ھەممىمىز سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەيلى

ئىزلار نەدە.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1231
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رادىل ئابلا ئەپەندىنى ھازىرقى ئەڭ چوڭ بايمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ئەي،رەببىم،شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى.شۇنداق سۆيەيلىكى بىربىرىمىزنى سۆيگۈمىزدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى سۆيۈلسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موسابايوۋ- ئەسلى ئىسمى مۇساباي، ئۇ 1809 - يىلى ئاتۇش ئىكساقتىكى قەدىمى قورۇقچى(كارۋان چۈشكۇنخانا) دا پاناھلىنىپ، دىھقانچىلىق ۋە كۇلالچىلىق قىلۋاتقان ئەسلى قەشقەر بەشكىرەم خان ئۆيلۈك ئابدۇرۇسۇلباي ئائىىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇسا باي ئائىلە تەربىيىسىدىكى ۋاقىتلاردا ، ئابدۇرۇسۇلباي كۇلالچىلىق قىۋاتقان بۇ قەدىمى قورۇقچىغا كۆمۇلگەن ئالتۇننى تېپىۋېلىپ بىردىنلا بېيىپ كەتكەن . ئابدۇرۇسۇباي شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقتا كۆپ يەر ئاچقان. قۇرۇقچىنى باغ- ھويلا قىلغان ۋە ئائىلىسىنى قالدۇرۇپ ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تىجارەت بىلەن بولغان .بۇ يىللاردا مۇساباي ئاتۇش مەشھەت ، قەشقەر خانلىق مەدىرىسلەردە ئوقۇپ يۇقۇرى دىنى بىلىم ئالغان . كىيىن مۇساباي دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپا ئەللىرىدە بىرگە تىجارەت قىلغان. ئاشۇ يىللاردا ئابدۇرۇسباي ئىلىدا 70 _ 80 مىڭ دەك چارۋا ،3000 مو ئەتراپىدا يەر سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تەڭ شۇغۇللانغان .
1869 _ يىللاردا ئابدۇرۇسباي كېسەل بۇلۇپ ۋاپات بۇلىدۇ. بۇيىللاردا مۇساباي، ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باۋۇدۇنباينى ئېلىغا ئېلىپ چىقىپ ، چەت ئەلدىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇردۇ. مۇساباي 1870 _ يىللىرىدا گىرمانىيەدە ئېچىلغان بىر خەلىقارا يەرمەنكىدەشۆھرەت قازىنىپ، ياۋرۇپالىقلار تەرپىدىن << مۇسابايوۋ>> دەپ ئاتىلدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن خەلقارا سودىگەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، 1871 _ يىلى چاررۇسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغاندا ۋاقىتلاردا، پۇتۇن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىچكى_تاشقى سودىسى مۇسابايوۋ بىلەن ۋىلىباي يولداشوۋ قۇلىدا بولغانىكەن. 1881 _ يىلدىن 1883 _ يىلغىچە ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەتتە سۇغا كۆچۇرۇلگەندە ۋىلباي يولداشوۋ بىلەن مۇسابايۇۋ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمىتى بىلەن چارروسىيە ئوتتۇرسىدىكى ئىلىنى ئۆتكۇزۇپ بىرىش ، ئاھالىنى كۆچۈرۈش ئىشلىرىدا توھپە ياراتقان . ۋىلباي يولداشوۋ كۆچمەنلەرنى ئېلىپ يەر كەنتكە كەتكەن. مۇسابايوۋ ئىلىدا قېلىپ چارروسىيەبىلەن بولغان سودىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىدا كان ئېچىش ، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق مەنپەتلەردىن بەھرىمان بولغان ۋە كۆكسۇ لۇ ، ئاقدالا ، كۆكدالا دېگەن يايلو قىشلاقلارنى تەمىرات قىلغان .
1885 _ يىلى ئىلى كۈرىدە 200 كىشلىك قول- سانائەت كارخانىسى( قول بىلەن كۆن خۇرۇم ئىشلەش ) قۇرغاندىن كىيىن ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . قەشقەر خانلىق مەدىرىسنى چوڭ رېمۇنت قىلغان . باۋۇدۇنباينىڭ قەشقەر ۋە ئىلىدا پەنني مەكتەپ قۇرۇشنى قوللىغان ۋە باللىرىغا : << پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ، ئىلىمنىڭ خو جايىنى بولۇڭلار >> دىگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ ، 1895 _ قەشقەردە ۋاپات بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7437
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل كىشىلەركەن

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتتا   پەقەت   ،  ئۇتۇق  قازانغاندىلا  ياخشى  نام  قالىدۇ .

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-ئەۋلاد خەلىق پۇلى يىقىندا تارقىتىلىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش