مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: كۆكنۇر

مەكتەپتە ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 03:24:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىسىنى دەيسىلەر .ئۇ ئادەمنى دىژورنىلىككە قويغان ئادەم .بۇ يېزىلىق سىياسى قانۇننىڭ ئىشى دەپ جەرىمانىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلدى.ھازىر ئۇ ئوقۇتقۇچى ساقىيىپ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ .بايرامدىن كېيىنلا  ھاسىنى تاشلاپ ئىشقا چۈشتى.ئۇ خىزمەتدىشىم يەنىلا ئىچى ئاچچىق بولۇپ ،بۇنداق جايدا ئىشلەپ ئۆلۈپ كەتسەكمۇ ،بىرەرى نېمە بولغان ،دەپ سوراپمۇ قويمىغۇدەك ،شۇڭا خىزمەتنى تاشلاپ كېتەيمىكىن دەۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:58:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما بۇلۇپتۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يارلىنىشى تولۇق ئىش ئۈستىدە يارلىنىشقا كىرىدۇ.مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىلغىنى خاتا.
ئىش ئۈستىدە يارلىنىپ 30كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەكتەپ خەۋەر بىرىشى كېرەك 30كۈندىن ئېشىپ كەتسە ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىق داۋالاش ھەققىنى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت(ناھىيە،شەھەر)تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ.مەكتەپ مۇدىرى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ،داۋالاش چىقىمىنى مەكتەپ مائالىيىسىدىن چىقىم قىلمايدۇ.
بۇ ئىش بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بىر قېتىم بولغان.

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىش خوتەن ۋىلايىتى ،چىرا ناھىيە چاقار يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە بولغان .

ئىتىپاقلىق كۈچ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36134
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 03:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 11:58 AM
ناھايىتى ياخشى تىما بۇلۇپتۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يارلىنىش ...

ئىش ئۈستىدە يارلىنىپ 30كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەكتەپ خەۋەر بىرىشى كېرەك 30كۈندىن ئېشىپ كەتسە ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.
----------------------------------
ماۋۇ گەپنىڭ ئاساسىي بارمۇ؟


بىر ئوقۇتقۇچى ئىشقا كىتىۋاتقاندا مەكتىپىنىڭ ئالدىدا ماشىنا سوقۇۋىتىدۇ، دوختۇرخانىدا بالىنىستا يېتىپ داۋالىنىدۇ، بىر يىل بولاي دېگەندە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى توردىن چۈشۈرۈپ، تولدۇرۇپ، ناھىيىلىك ئەمگەك كادىرلار ئىدارىسىغا ئېلىپ بارىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ، 5 ئايدىن كېيىن(ھادىسە بولۇپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن) ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىقىغا قارار چىقىرىدۇ. ھازىر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىش ئۈستىدە كىتىۋاتىدۇ، دەرىجىسى بەلكىم 3، 4 ئاي دىن كىيىن بىكىتىلىپ چىقىشى مۇمكىن، دەرىجىسى 3- ياكى 4- بولسا، شەرتسىز پىنسىيىگە چىقىشتىن باشقا 20 ئايلىقتىن يۇقۇرى ھەققىمۇ ئىرىشىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ  قاتناش ۋەقەسىگە 5 ئايدىن كېيىن 2 يىل بولىدۇ. 30 كۈن دېگەن سۆزىڭىز خاتا بولۇپ قالغاندەك. ئادەتتە بىر يىلغىچە مەلۇم قىلمىسا، ئۆزلىگىدىن ۋاز كەچكەن بولىدىكەن.
مەكتىپىڭىز ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلىقىڭىزنى ئەمگەك كادىرلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلمىسا، سىز ئۆزىڭىز مەلۇم قىلىپ يولىنى ماڭسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 04:04 PM  


بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.   تۇرايىم: قۇت تۇرا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش