مەكتەپتە ئىش ئۈستىدە يارىلانغان ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلىپ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك ؟
مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ بىر ئايچە ئىلگىرى مەكتەپتە تەنتەربىيە دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى رۇخسەت سورىغانلىقى سەۋەبتىن ،ئۆزى مەسئۇل بولغان سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىدا دەرس ئۆتكەن .دەرس ۋاقتىدا بالىلار بىلەن توپ ئويناۋېتىپ گارنىڭ ئالدىدىكى سېمونتى چىقىپ ،كاتەك بولۇپ قالغان جايغا ئېھتىياتسىزلىقتىن توپ ئېلىپ سەكرەپ چۈشكەندە بىر پۇتى چۈشۈپ كىچىك بارماقنىڭ سۆڭىكى ئوشۇققا يېقىن جايدىن سۇنۇپ كەتكەن .سۇنۇپ كەتكەن كۈنى كەچتە مەكتەپتە نۆۋەتچى بولغاچقا ،بىر كېچە نۆۋەتچىلىك قىلىپ ئاندىن ئەتىسى دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىنى تاشلاپ بېرىپ ،يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار دا تەكشۈرگەندە ،ھەقىقەتەن سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان .ئاندىن گىپىسلاپ تاڭدۇرۇپ ،3-ئاينىڭ 19-كۈنى مەكتەپكە ئۆزى ئېلىپ چىققاندا ،مەكتەپ تەرەپ بىر ھەپتە رۇخسەت بەرگەن.لېكىن سۇنۇق دېگەن بىر ھەپتىدە ساقىيامدۇ.ئامال يوق ،بىر ھەپتە رۇخسەت بەرگىنىگە خۇش بولۇپ قايتىپ دەم ئالغان ،بىر ھەپتە توشقاندا يەنە ياخشى بولالمىغاچقا تېلىفۇن ئۇرۇپ يەنە بىر ھەپتە رۇخسەت سورىغان .بۇ رۇخسەت ۋاقتى توشۇپ قالغاندا مەكتەپ مۇدىرى تېلفۇن ئۇرۇپ :«تەكشۈرۈش باركەن ،مەكتەپتە ئادەم ئاز ،چىقمىسڭىز بولمايدۇ»دېگەچكە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شەنبە بولسىمۇ مەكتەپتىكىلەر ئىشلىگەچكە ،ئىش ئورنىغا چىققان .18كۈندە سۇنۇپ كەتكەن جاي قانداقمۇ ئەسلىگە كەلسۇن .لېكىن شۇنداق بولسىمۇ مەكتەپ رەھبەرلىكنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتەپتە ئىشقا چۈشكەن ،ئۇ قوش ھاسا تاياققا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىپ خىزمەت قىلغان .دوختۇرنىڭ« 40 كۈن ئورنۇڭدىن تۇرماي دەم ئال!بولمىسا سۇنغان جاي قايتا سۇنۇپ كېتىدۇ » دېگەن گەپنىمۇ قايرىپ قويۇپ خىزمەت قىلغان .مەكتەپ بۇ ئوقۇتقۇچى ئىشلەۋەرسە گەپمۇ قىلماستىن ئوبدان ئىشلەيدىكەنسەن دەپ ئىشلىتىۋەرگەن .نەتىجىدە بۇ ئوقۇتقۇچى تاھازىرغا قەدەر ساقىيالماي،ھاسا تاياقنى تاشلاپ ماڭالمىغان .دوختۇرلار«بۇ جاي ياللۇغلىنىپ قاپتۇ،يېتىپ ئارام ئالساڭ بولاتتى»دېگەن .بۇ جەرياندا مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپتە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ،بۇ ئوقۇتقۇچىغا ئۇقتۇرۇلمىغان ،پەقەت شۇ كۈنى مەسئۇل نۆۋەتچى كەچ سائەت 8دىن ئاشقاندا ئاندىن تېلفۇن ئارقىلىق ئۇقتۇرغان .بۇ ئوقۇتقۇچى چارچاپ قالغاچقا بالدۇرلا يېتىپ ئارام ئالغان بولۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ تەييار بولۇپ بارغۇچە يېزىدىن چارلاشقا چىقىپ مەكتەپتە 9ئادەم نۆۋەتچى تولۇق يوقكەن دەپ 200 يۈەن جەرىمانە قويۇپ ئەتىسى تۆلەشنى بۇيرىغان .مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرىگە شۇنداق دېگەن بولسىمۇ ،ئۇلار پىسەنت قىلمىغان .نەتىجىدە ئەتىسى بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاسا تاياققا تايىنىپ ماڭىدىغان ھالىتىنى كۆرگەن يېزا رەھبەرلىرى ئەھۋالنى نەزەرگە ئالماستىن 200 يۈەن جەرىمانىنى ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،بۇ ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئېيت ،بۇ شۇلارنىڭ ئىشى بىز جەرىمانىنى ئالغىنىمىز ئالغان دەپلا ،جەرىمانىنى ئالغان ،مەكتەپنىڭ شۇجىسىمۇ گەپ قىلىپ ئاقتۇرالمىغان .ئاخىرى بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قورسىقى كۆپۈپ بۇ ئىشلارنى
قانۇن بىلىدىغانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا ،تورغا يوللىدىم .تورداشلارنىڭ ياخشى مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
1) بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يارىلىنىشى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا كىرەمدۇ؟
2)ئەگەردە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشقا كىرسە مەكتەپ قانداق مەسئۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟
3)مەكتەپنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى قىس بولىشىنى باھانە قىلىپ بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى توغرا بولامدۇ؟
4)بۇنداق ئەھۋالدا زادى قانچە كۈن دەم ئېلىش رۇخسىتى بېرىشى كېرەك؟(دوختۇرخانا 3ئايلىق دەم ئېلىش يېزىپ بەرگەن )
5)بۇ ئوقۇتقۇچىنى نۆۋەتچىلىككە(جىبەرلىككە)ئورۇنلاشتۇرىشى ،ئاندىن جەرىمانە قويىشى توغرىمۇ؟
6)بۇ ئوقۇتقۇچى قانداق يوللار ئارقىلىق قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك ؟
7)بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش توغرىسىدىكى قىيىنچىلىقى كۆزدە تۇتۇپ ئىشقا چىقىشى خاتامۇ؟
8)بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قوش ھاسا تاياققا تايىنىپ ئىشلىگىنى كۆرگەن رەھبەرلەر سېنىڭ قانداق قىيىنچىلىقىڭ بار دەپمۇ سوراپ قويماسلىقىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟
تورداشلارنىڭ ياخشى مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .