مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1074|ئىنكاس: 21

(فىلىم)مەھمۇد.كاشغەرى مەخپەرىسىگە سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11770
تۆھپە نۇمۇرى: 1750
توردا: 5738 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنبە:يۇۋكۇ تورى

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلدىيار باش سۈرىتىڭىزگە لايىق ئىشقىپسىز ! رەخمەت سىزگە ، ساقلىۋالاي ....

بىر بالا دادىسى بولمىسا چوڭ بولىدۇ،ئەمما ئانىسى بولمىسا چوڭ بۇلالمايدۇ . بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن . ئانىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتىسىلەر،ئانامغا تىل تەككۈزگەننىڭ تىلىنى كېسپ،قول تەككۈزگەننىڭ قولىنى سۇندۇرۋېتىمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىرغىزستان ھوكۇمىتى يۇسۇپ خاس ھاجىپقا ھەيكەل ئورناتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە قىرغىزستان دولەتلىك كابارئاگىنتلىقى 7-ئاپرىل كۇنى خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە << Bishkek sheherlik bash qurlush idarisining xadimi Zamire Kangeldiyevaning bildurishiche; meshhur Qirghiz maaripchisi Jusup Balasaghinigha heykel ornutulmaqchi . Bu heykel Jusup Balasaghini nami bilen atalghan Qirghizstan dolet uniwersitetining aldigha tiklenmekchi>> دەپ يېزىلغان.

مەزكۇر مەلۇماتقا قارىغاندا ؛ جۇسۈپ بالاساغىنىنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمىنى بىشكەك شەھرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 125 يىللىقى خاتىرسىگە ئۇلگۇرتىلىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ ،يۇسۇپ بالاساغىننىڭ ھەيكىلىنى ئاتاقلىق قىرغىز ھەيكەلتارىچى تۇرغۇنباي سادىقوۋ ياساشنى زىممىسىگە ئالغان. ھازىر ئۇ ھەيكەلنىڭ ئاساسى ھۇلىنى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە <> دەپ ئىزاھات بەرىلگەن.
قىرغىزلار ئوز تىل تەلەپپۇزى بويىچە ئاتاۋاتقان جۇسۇپ بالاساغىن ئۇيغۇر -تۇركى تىلدا يۇسۇف خاس ھاجىپ ياكى يۇسۇف بالاساغۇنى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ قۇتاتقۇ بىلىگئ ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئۆزىنى جۇسۇپ دىمەستىن يۇسۇف دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم.

19-20-ئەسىرلەردىكى رۇس ۋە ياۋروپا تۇركشۇناسلىرى ئاساسەن دىگۇدەك قۇتاتقۇ بىلگنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەر ، يۇسۇف خاس ھاجىپ قوللانغان تىلىنىڭ خاقانىيە شىۋىسى ئاساسىدىكى تۇركىي-ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان . كوپلىگەن ئالىملار يۇسۇفنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىنى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن كەلىپ چىققانلىقىنى ھەم مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدى .

قىرغىزستان مۇستەقىل بولۇشنىڭ ئالدىدا ، بىر قىسىم قىرغىز ئالىملىرى يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەركىۋىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى نوقتى نەزەرنى كوتىرىپ چىققان بولسىمۇ ،لېكىن بۇ سوۋەت ئىتىپاقى ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئەتىراپ قىلىنمىغان. ئەمما قىرغىزستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق قىرغىز تارىخچىلىرى مەزكۇر نوقتى نەزەرنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماخمۇد كاشغەرى، يۇسۇف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئىككى ئالىمنىڭ قىرغىزستاننىڭ ئىسسىق كول ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقى، مەزكۇر رايوننىڭ ئەزەلدىنلا قىرغىزلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ، دىمەك ،ئۇلارنىڭ قىرغىزستانلىق ۋە قىرغىز ئىكەنلىكىنى كورسىتىشىپ، كىتاپلار ۋە ماقالىلار يازغان . ھەتتا بۇ ئىككى ئالىمنىڭ قىرغىزلارغا ئوخشۇتۇلغان سۇرەتلىرى سىزىلغان ھەم ھەيكەللىرى ياسالغان .ئۇلار ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە ۋە مەخسۇس تۇزۇلگەن قىرغىزستان تارىخى دەرسلىك كىتاپلىرىغا قىرغىز خەلقىنىڭ بۇيۇك مەدەنىيەت نامايەندىلىرى تەرىقىسىدە كىرگۇزىلگەن ئىدى.
2002-يىلى 5-ئايدا قىرغىزستان ھوكۇمىتى قىرغىزستان ۋە مەركىزى ئاسىئادىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋەرسىتەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلانغان قىرغىز دولەتلىك مىللى ئۇنىۋەرسىتەتىنى جۇسۇپ بالاساغىنى نامىدىكى قىرغىز دولەتلىك ئۇنىۋەرسىتەتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلىپ، شۇ ئايدىن ئەتىۋارەن بۇ نامنى رەسمى رەۋىشتە قوللۇنۇشنى بەكىتكەن.
مانا ئەمدى جۇسۇپ بالاساغىننىڭ ئىگىز ھەيكىلى مەزكۇر ئۇنىۋەرسىتەتنىڭ ئالدىدا قەد كوتىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

قىرغىزستان ئىلىم ساھەسىدە يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەركىۋى مەسىلىسىدە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت . قىرغىزستانلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، ئاكادەمىك ئەزىز نارەنبايەۋ ئىزچىل ھالدا يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ،ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر جۇملىدىن مەركىزى ئاسىئا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى بايلىقى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇرگەن بولسىمۇ ،بىراق بىر قىسىم قىرغىز تارىخچىلىرى بۇ پىكىرنى كەسكىن رەت قىلىپلا قالماستىن،بەلكى ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ غورورىغا تەگىدىغان ئىلمىيئ ھۇجۇملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئەزىز نارەنبايەۋ ئەپەندى مەزكۇر قۇرلارنىڭ ئاپتورى بىلەن بولغان سوھبەتتە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

1980-يىللاردا ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭىز ئايىتماتوۋ پۇتۇن سوۋەت ئىتىپاقى بويىچە ئوتكۇزىلگەن تۇركولوگويە ئىلمىي مۇئاھاكىمە يىغىنىدا يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مىللى تەركىۋى مەسىلىسىدە توختۇلۇپ، يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قۇتاتقۇ بىلىگنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇپ، يەنە ئوز نوۋىتىدە پۇتۇن تۇركىي خەلقلەرگە ئورتاق مەنىۋى بايلىق ئىكەنلىكىدەك نوقتى نەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، قۇتاتقۇ بىلىگنىڭ 1998-يىلىدىكى ئېڭىلىزچە نەشرىگە يازغان بەغىشلىمىسىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەزكۇر نوقتىنەزىرىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇ، كاللىسى يېڭى قىرغىز مىللى دولەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا يۇسۇف خاس ھاجىپ نامىنى قىرغىز دولەت ئۇنىۋىرسىتەتىغا بېرىش مەسىلىسى تۇنجى قېتىم1994-1995-يىللاردا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن چىڭىز ئايىتماتوۋ كەبى بىر قىسىم قىرغىز زىيالىلىرىنىڭ قوشۇلماسلىقى بىلەن توختۇتۇپ قويۇلغان ئىكەن.لېكىن، بۇنداق خاھىش كۇنسايىن ئاجىزلاشماستىن ،بەلكى كۇچەيگەن.

يۇسۇف خاس ھاجىپ ياكى بۇگۇنكى قىرغىزلارنىڭ ئاتىشىدىكى جۇسۇپ بالاساغىن ۋە ماخمۇد كاشغەرى، ئابۇ ناسى فارابى، ئەخمەد يۇكنەكى، ئەخمەد يەسەۋى، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىق تۇركى خەلقلەرنىڭ ئۇلۇق مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تالىشىش مەركىزى ئاسىئادىكى مودا ئىشلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك.ئوز كىملىكىنى ۋە مىللى روھىنى جۇملىدىن مىللى مۇستەقىل دولەتچىلىك ئىدىئولوگىيىسىنى تىكلەش ئۇچۇن شانلىق ئوتمۇش تارىخى ۋە شانلىق ئوتمۇش مەدەنىيەت نامايەندىسىنىڭ ھامان ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى چۇشەنگەن قازاقلار، قىرغىزلار ۋە ئوزبەكلەر ئۇيغۇرلاردىن يۇقۇرىدا نامى ئاتالغان كىشىلەرنى تالىشىشنى مۇھىم دەپ قارىغان. قازاقىستانغا بارسىڭىز، ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان دولەت ئۇنىۋىرسىتىتىنى ۋە ئەل فارابى نامىدىكى پەلسەپ-ھوقۇق تەتقىقات ئىنىستىتوتىنى ھەم ئەل فارابى كوچىسىنى كورۇسىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەت يەسەۋىگىمۇ تەگىشلىك ئورۇن بەرىلگەن بولۇپ، قازاقلارنىڭ نەزىرىدە يۇسۇف بالاساغۇنى، ماخمۇد كاشغەرى، ئەخمەت يەسەۋى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قازاقلاردۇر.

قىسقىسى، يۇقۇرىدا نامى ئاتالغان بۇيۇك زاتلارنىڭ قازاقىستاندا قازاققا ، قىرغىزستاندا قىرغىزغا ، ئوزبەكىستاندا ئوزبەكلەرگە، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشۇتۇپ تەخمىن قىياس بىلەن سىزىلغان سۇرەتلىرىنى كورۇسىز.

مەركىزى ئاسىيادىكى ئوتمۇش تالىشىش ،تارىخ تالىشىش ھادىسىسى ئاخىرى كىشىلەرگە تارىخنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەم تارىخنىڭ يىلتىز- مەنبەسىنى چۇشىنىپ يېتىپ، كىلىچەكتە ئوزلىرىنىڭ بۇگۇنكى بۇ خىل تالاش-تارتىشلىرىغا كۇلىدىغان ۋە ئەپسۇسلىنىدىغان ۋەزىيەتلەرنى ئېلىپ كىلىشى ئېھتىمالغا يىقىن بولسا كېرەك


ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1311
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15395
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2055 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بىلىم  سەۋىيەممنىڭ چەكلىك  بولغانلىقى  ئۈچۈن باشقىلىرىنى  ئېنىق بىلىپ  كەتمەيمەن،  بىراق  يۇقۇرىدا  ئېيتىلغانلارنىڭ  ئىچىدە  بوۋىمىز بۈيۈك ئالىم  مەھمۇد كاشغەرى  بىلەن  يۈسۈف  خاس ھاجىپلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مۇنازىرە  تەلەپ  قىلمايدىغان   پاكىتلىق  ھەقىقەتتۇر، قىرغىز يولداشلارنىڭ  يۈسۈف  خاس ھاجىپ بالاساغۇندا  توغۇلدى  دېگەندىمۇ ئۇنىڭ  قىرغىز  بولىشى ئەقىلگە  مۇۋاپىق ئەمەس،  چۈنكى  تۇغۇلغان رايۇن مىللەتنى  بېكىتمەيدۇ، خۇددى  ئەر -خوتۇن  قىرغىز  قازاقىستاندا  تاپقان  بالىسى قازاق  بولۇپ  قالمىغانغا ئوخشاش.
    بوۋىمىز  مەھمۇد كاشغارىنىڭ   مىللەت  تەۋەلىكىنى   ئۇنىڭ مەشھۇر كىتاۋى ‹‹تۈركى  تىللار دىۋانى ››   ۋە بىرلاشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېنىق  ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ،   ئۇلارنى  تالىشىۋاتقانلار ياخشىسى دۆلىتىدە سەللە يۆگەيدىغانلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىپراق بىرنىمە دېسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat-uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 07:29 PM  


ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانىيەت جەمئىيتىگە تۆھپىسى زور بولغان ھەر قانداق بىر شەخىس قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتـئىينەزەر پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭ مىللىتىنى تالىشىش، يۇرتىنى تالىشىش، ئۆتمۈشىنى تالىشىش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىڭىدىكى مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق ئىپتىخارىغا « مەلھەم » بولىدۇ، خالاس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيۇك ئالىملىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەش پۇرسىتى ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1311
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15395
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2055 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مۇنبىرىمىزدە ئاغرىق  كېسەل  ئازابىدا ماددى جەھەتتىن   جىددى   ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش فوندى  ياكى  تەشكىلى بار  يوقلىغىنى بىلىدىغانلار  بارمىدۇ؟تەمىنلەپ  بەرگەن  بولساڭلار.....
      تېمىدىن سىرت ئىنكاس  بولۇپ  قالدى،كەچۈۈم  بىلەن  بىرگە  ياردەم  سورايمەن.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77874
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ئالىملارنىڭ نەۋرىسى كۆپەيگىلى تۇرۇپتىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 989
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا قايسى مىللەت بولسا بولمامدۇ ئىشقىلىپ تۇركى  مىللەتتىن   نىمە قىلىمىز شەخسىيەتچېلىك قىلىپ  ، ئۇ ھەم قىرغىزنىڭ ھەم ئۇيغۇرنىڭ ھەم يەنە بىرىنىڭ ئالىمى      تالىشىپ سەخسىيەتچىلىك قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق  بۇ  جەسىدىمۇ قالمىغان ئادەمگە    ،  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش