مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 38

بۇ سۆزلەر قايسى تىلغا تەۋە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 989
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇ م مىللەت سۇيەر تورداشلا كەمىنە لىغىلداپ تۇرىدىغان  سۇيۇقلۇق   ( بىر توردىشىمىزنىڭ قويغان ئىسمى   قىززىقارلىق بولسۇن ئۇچۇن دەپ قويدۇم ئەمدى ) سىماب تىن قەددىىنى تېك تۇتۇپ تۇرۇپ سالام  تەنلىرى سالامەت ئىشلىرى ئۇڭۇشلۇق  تېچ ئامان تۇرشۇپلا   .................. ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك  مۇشۇ تىلىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان ئەبجەش سۆزلەردىن زىرىككەنسىرى   بۇ تىللار ئاۋۇپ كەتتى  ،    بەزى تورداشلار  بۇ توغۇرلۇق ئىزاھاتمۇ بىرىپ ئۆتتى .  بەزى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاراپ  قاللام قايمۇ قىپلا قالدى ئۈزۇم بايقىغان  خاتا ئاتىلىپ قالغان ۋە مەن  ئىككلىنىپ قالغان بەزى ئاتالغۇلار ئۇستىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن
خەنچە              ئۇيغۇرچە         
تۇدۇ                  ياڭيۇ             بەرەڭگە   قايسى تىلغا تەۋە  قايسى تىلدىن كىرگەن          ، مەككە چامغۇرى
خەيدەي           دېڭىز يۇسۇنى     لامنارىيە   قايسى تىلغا تەۋە  قايسى تىلدىن كىرگەن
ساۋكاۋرۇ          قورىغان گۆش      قۇرىما كاۋاپ    ، تۈپتۇز تەرجىمە قىلىنغان
سىفەن داشۆ      دارىل مۇئەللىمىن     پىداگوكىكا ئۇنىرستىتى    ئەنگىلىسچىغۇ    كاللام بىلەن بېشىم بىر
داشۆ                 ئالى بىلىم يۇرتى      ئۇنۋىرستىت        ئوخشاش   
گازىر               ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى      شىمىشكا    روسچەغۇ      
  نۇرغۇن ئىدى  قالدىسى سىلەرگە قالدى   بەك جىق يازمىساممۇ  بەلكىم سىلەمۇ بىلەرسىلە .................................
مانا مۇشۇنداق   ئۇيغۇرچە دەپ پەرەڭلەردىن قۇبۇل قىلغان ئاتالغۇلار نۇرغۇن   
يەنەئاياغ ياماش  ئىش قۇشۇش ئورنى        ( مۇزدوز خانا )چاچ ئىلىش ياساش ئورنى                                    (ساتىراچ خانا) دىگەندەك ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلىنغان  بەزى بىر تەرجىمە قىلغان ۋېۋېسكا لار ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ  ، ئەجىبا بىزنىڭ تىل بايلىقىمىز شۇنچېلىك كەممۇ     بۇنداق كىتىرۋەرسە بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بۇلۇپ كىتەر  .  
ئىشنى ئاۋال ئۇزىدىن ئاندىن ئەتىراپىڭدىكىلەدىن باشلا دەپتىكەن  قىنى ئۇزىنى ھەققىقى ئۇيغۇر  دەپ ئويلايدىغان مىللىتىنى سۇيىدىغان مىلللىتىنىڭ كەلگۇسىنى ئويلايدىغان  مىللەت سۇيەر قىرىنداشلا  بىر ئىغىز بولسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ تىلىنىڭ ساپ بۇلىشىغا كۈچ چېقىرايلى   قىنى  ئەمدى سۇئالىمنى سۇراي
بەرەڭگە    ( ياڭيۇ ) ،  جازا  ، پارتا     كۇرپۇس     ،  سىركاي   ، جاۋۇر    ئۇنۋېرستىت    ، ئىنىستوت    پاكولتىت       پاگون      ۋاگۇن ............
مەخسەت سۇراشلا ئەمەس بەلكى ئۇزىمىز ئۇيغۇرچە دەپ ئاتاپ كەلگەن  بۇ سۆزلەرنىڭ  مەنىسى ۋە ماھىيىتىنى بىلىش   ، گەرچە بۇ گەپلىرىمنىڭ پايدىسى يوق بولسىمۇ يەنى بۇلارنى تىل يېزىق كومىتىدىكىلەر بەلگىلەپ بولغان بولسىمۇ  ، بىراق مىنىڭ سەل ئاتىكاچىلىق قىلغۇم كەلدى  ،   
بۇ پەقەت سۇئال ئەمەس            


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   simab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 05:08 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-30 12:13 PM):
ى

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1906
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19650
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7436 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇدۇ                  ياڭيۇ             بەرەڭگە

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بەرەڭگە، ياڭيۇ دىگىنى خەنزۇلارنىڭ بەرەڭگىنى دەسلەپ كۆرگەن ۋاقىتتا  قويۇلغان ئىسىمى.
مەسىلەن : سەرەڭگىنى ياڭخو، دەيدۇ، پەمىدۇر يەنى شوخلەكنى ياڭسىزى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ،
بۇرۇن پەرەڭلەرنى يەنى چەتئەللىكلەرنى ياڭرىن دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەلدىن كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ئالدىغا ياڭ دىگەن سۆزنى قۇشۇپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.


سىركاي، تىرموس، ناسكا...قاتارلىق سۆزلەرنى كۆپىنچە غۇلجا خەلقى ئىشلىتىدۇ، بۇ سۆزلەر روسچە ئاتالغۇلاردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ باشقا يەرلىرىدە ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ.
سىركاي_سىركايە____پىيالە.
تىرموس___ چايدان.
ناسكا___پايپاق.

ھازىر جەمىئىتىمىزدە ئىشلىتىۋاتقان  يىڭى ئاتالغۇلار كۆپىنچە ئىنگىلىس تىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن.
خۇددى سىز دىگەندەك ئونۋىرسىت،ۋاگون،يەنە باشقىلاردىن تىلۋۇزۇر،پاتىفۇن،تىلىفۇن....ۋە ھاكازالار....

بۇ ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋاقتىدا دىيارىمىزدا تىخى يوق ئىدى، يىڭى كىرگەن ۋاقىتتىلا تۈزەتمەي
ئۆز ئىسمى بويىچە قوللانغانلىقى ئۈچۈن مىنىڭچە ئەمدى ئۆزگەرتىش سەل قىيىن...

كەشپىىياتلار توختاپ قالمايدۇ، ئەمدى بىزنىڭ قىلالايدىغانلىرىمىزدىن يىڭى كەشپىياتلار يارىتىلىپ دىيارىمىزغا كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا شۇ نەرسىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلساق بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 06:45 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلىرىمىزدە ئانا تىلنى قەدىرلەش، ئانا تىلنى ئولۇغلاش تۇيغۇسى بارغانچە سۇسلاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ ئادەمگە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 989
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   simab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 08:28 PM  


ئاللاھ ئۆزىگە ئە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 11179 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىل-يېزىقىمىزنى قوغداش ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دېگۈڭىز كېلىپ تېما يازغاندىكىن ئالدى بىلەن ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!! ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قويۇش كېرەك بولغىنى دۇنيادا ساپ تىل يوق، يات تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. تىلىمىزدا ئۇ سۆز بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى سۆز بولسا قوبۇل قىلىمىز، بولمىسا يېڭىدىن سۆز ياسىسا بولىدۇ. ئەمدى ھەممە نەرسىگە يېڭىدىنن سۆز ياساپ بولغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن ئاددىي بىر مىسال: پەن-تېخنىكىغا ئائىت ئاتالغۇلار ئاساسلىقى ئۇ يېڭى شەيئى نەردە بارلىققا كەلسە ئالدى بىلەن شۇ يەر ئىسىم قويىدۇ، كۆپىنچە تىللارغا شۇ تىلدىكى بويىچە قويىلىدۇ. ئەمدى بىر سۆزنىڭ نەچچە خىل بولۇش مەسىلىسىنى مۇنداق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. 身份证نى بۇرۇن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەيتتۇق. ئۇ چاغدا كىملىك دېگەن سۆز يوق ئىدى، كېيىن بۇ سۆز چىقتى، ھەممە ئادەم بارا-بارا بۇ سۆزنى ئىشلەتتى. بەزى نەرسىلەرگە شۇنداق نەچچە ئىسىم بولۇپ قالىدۇ، تىل تەرەققىياتى جەريانىدا ياخشى ياسالغان سۆزلەر تاللىنىدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ باشقا تىلغا ئوخشاشلا كىرمە سۆزلەر بار، ھەم خېلىلا كۆپ. لېكىن سىز ئومۇملىشىپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتىمەن دېسىڭىز بولمايدۇ، ھەم ئۆزگەرتەلمەيسىز، شۇڭا كونىسىغا چىقىلماي يېڭى پەيدا بولغان شەيئىلەرگە سۆز ئىزدەپ باقايلى. تىلىمىزدا ماس كەلگۈدەك سۆز بولسا شۇنى ئىشلەتسەك بولمىسا تىل ئادىتىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلساق بولىدۇ.

ئانا يۇرت رومانىنىڭ تۇنجى نەشرى لازىملار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار:591769621QQ. باشقا تاپالمايۋاتقان قەدىمكى قىممەتلىك كىتابلار لازىم بولسىمۇ ئىزدەڭلار!!

nima disam bola amdi??

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاستىيوم-بۇرۇلكا  ھە  بۇنى نېمە دەيمىز باللا؟؟؟؟

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

تىل،يېزىق،مىللەت...

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25451
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇدۇ،ياڭيۇ لار ئىككىلىسى خەنزۇچە،خەنزۇلار ياڭيۈ،تۇدوۋ دەپ ئاتىشىدۇ.مېنىڭ بىلىشىمچە بەرەڭگە ساپ ئۇيغۇرچە.
خەيدەي خەنزۇچە.لامنارىيە روسچە.دېڭىز يوسۇنى دېگىنىنى ئۆز كۆرىمەن،لېكىن يوسۇن دىگەن گەپنىڭ بۇ يەردە ساپ ئۇيغۇرتىلىدا قانداق چۈشەنچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.
ساۋكاۋرۇ.قورىما كاۋاپ دېسەك توغرا بولىدۇ.
جازا خەنزۇچە.ئۇيغۇرچىدە ئۆي جاھازىلىرى دەيدىغان گەپ بار.بۇ جايدىكى جاھازا ساپ ئۇيغۇر تىلىمىكىن جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.
كورپۇس روسچە.1-كورپۇس،2-كورپۇس...1-قۇرۇلۇش،2-قۇرۇلۇش دىگەن مەنىدە.ئۇنىۋېرسىتىت روسچە تەلەپپۇز ۋە يېزىلىشتا ئۇنىۋېرسىتېت دېيىلىدۇ،ئېنگىلىزچە يۇنىۋېرسىتي.ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئالىي مەكتەپ.ئىنىستىتۇت،فاكۇلتېتلار روسچە.
يەنە ياۋروپادىكى بىر قانچە تىللاردا ۋاگون دەپ ئاتالغۇ بار.لاتىنچىدىن كىرگەن سۆزغۇ دەيمەن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئۇيغۇر تىلىمىزغا نۇرغۇن ئاتالغۇلار سىڭىپ كىرگەن،مەسىلەن بېنت،ئۇكول،شىپرىس،چەينەك رۇسچىدە چاينىك،ساماۋەر،يەنە نۇرغۇنلىغان ھەرقايسى ساھەدىكى كەسپىي ئاتالغۇلار.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

تىل،يېزىق،مىللەت...

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25451
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turpan0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 09:29 PM
كاستىيوم-بۇرۇلكا  ھە  بۇنى نېمە دەيمىز باللا؟؟؟؟

غەربچە كىيىم دېيىشىدىغان،خەنزۇچىدىن بىۋاستە ئۆرۈپلىچۇ.كاستيۇم-بريۇكى،ئىشتان دېگەنلەر رۇسچە ئاتالغۇلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇرشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 09:42 PM  


تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

تىمتاس لېرىكا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ بۇ گەپلەرنى قىلىدىغانلار پاتنېت ھوقوقىغا ئىلتىماس قىلماپتۇ شۇڭا بۇ سۆزلەر ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتايدىغانلارغا تەۋە

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش