مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2814|ئىنكاس: 27

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78398
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى

ئىسلام ئاياللارغا ئىچىدىكى جىسمىنى كۆرسىتىدىغان، خۇسۇسەن بەل، مەيدە ۋە ساغرىغا ئوخشاش جەلب قىلش ئورۇنلرىنى ھەجىم ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم قىلىدىغان دەرىجىدە نېپىز، تار كىيىم ـ كېچەكلەرنى كېيىشنى ھارام قىلدى.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
<< جەھەننەم ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلار باردۇركى، ئۇلارنى (ھاياتىمدا) كۆرمەيمەن. بىرىنچىسى: قوللىرىدىكى كالا قۇيرىقىدەك قامچىلار بىلەن كىشلەرنى ناھەق ئۇرىدىغانلار (بۇ مىللەتلەرنىڭ دۈشمىنى ـ زالىم ھۆكۈمرانلارغا ئىشارەت)، ئىككىنچىسى بولسا: شۇنداق ئاياللاردۇركى، كىيىم كەيگەن بىلەن يەنىلا يالىڭاچ، ئەرلەرگە مايىل، زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلىدۇ، باشلىرى خۇددى تۆگىنىڭ سىڭايان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، بۇنداق ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ، پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، ھالبۇكى جەننەتنىڭ پۇرىقى ناھايىتى ئۇزاق يەرلەرگىچە بارىدۇ >>.
ھەدىستە سۈپەتلەنگەن ئاياللارنىڭ ئۈستىدە كىيىم بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنگەن ھېسابتا بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كىيىملىرى نېپىزلىكىدىن ۋە تارلىقىدىن خۇددى دەۋرىمىزدىكى كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كىيىملىرىدەك ئىچىدىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ سىڭايان لوكىسىغا ئوخشاتقان، چۈنكى ئۇلار چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توپلىۋېلىپ، باشلىرىنى تۆگە لوكىسىدەك كۆتۈرىۋالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزىنى خۇددى غەيب ئالەمنىڭ بىلىنمىگەن سىرلىق پەردىسىنى قايرىپ، بىز ياشاۋاتقان دەۋرگە قاراپ تۇرۇپ ئېيتقاندەك ئىدى. ھازىرقى دەۋرىمىز شۇنداق بىر دەۋركى ئاياللارنىڭ چېچىنى گۈزەللەشتۈرۈش، بوياش ۋە شەكىل پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەرلەر ئىشلەيدىغان مەخسۇس ساتىراشخانىلار پەيدا بولماقتا، بۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلماي نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن تەبىئىي چاچلىرىغا قانائەت قىلماي تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇمشاق، تېخىمۇ پارقىراق ۋە تېخىمۇ گۈزەل سۈنئىي چاچلارنى سېتىۋېلىپ، چاچلىرىغا ئۇلىماقتا.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ ھەدىس سىياسىي زۇلۇمنى ئەخلاقىي چىرىكلىشىشكە باغلىغان، ئەمەلىيەتمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، چۈنكى زالىم ھۆكۈمرانلار ۋە مۇستەبىتلەر چوڭ مەسلىلەرنى كۈزىتىش ۋە ئويلىنىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنى شەخسىي مەنپەئەت ۋە شەھۋانىي ئارزۇ ـ ھەۋەسلەر بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ                                      مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HAYATNISA + 10 ئەجرىڭىىزنىڭ مۇكاپات.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79123
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشىكەن    دەل ھازىرقى دەۋىرنى  ئەكىس ئىتىپتۇ

«چاي خالتىسى»

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64742
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2780
تۆھپە نۇمۇرى: 1096
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ تاۋار ۋە پۇلدىن ئىبارەت ئىككى خىل خۇسۇسىيتى بار .
يەر شارىدىكى ئالتۇن 160مىڭ توننا .يەر ئاستىدىكى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68811
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 488
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر....ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىمان ۋە شەرمى-ھايا ئاتا قىلسۇن~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ئۆز ئىتقاتچىلىرىنىڭ كىيم-كىچەك، ھەيئەت، بەدەن تازلىقى  ۋە بارلىق ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ھەر دائىم چاقناپ تۇرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۆزى ئىتقاد قىلغان دىننىڭ ۋە ئۆزى بەرپا قىلغان ئىيماننىڭ گۈزەل ئىكەنلىكگە دەلىل بولىدۇ. ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايىتپ كەلگەن بۇرادەرلىرىگە-سىلەر قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ يىنىغا كىرگىلىۋاتىسىلەر، ئىنسانلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغان شام بولىشىڭلار ئۈچۈن ،يۈك-تاقىلىرىڭلارنى ۋە كىيىم-كىچەكلىرىڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ كىرىڭلار،ئاللا كۆرۈمسىز قىياپەت ۋە رەتسىز كىيىم-كىچەكنى يامان كورىدۇ.-دىدى›ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

ئىسلام ناچار قىياپەت،سەسكىنىشلىك ھالەتنى، كۆرىنىشىگە بىپەرۋالىق قىلىشنى،كىيىم- كىچەكلىرىنى رەتسىز ،يۈك تاقىلىرىنى قالايمىقان قىلىشنى  ئاللانى غەزەپلەندۇرىدىغان يىرگىنىشلىك قىلمىش دەپ قارىدى. پاكىزلىقنىڭ كىسەللكىنى ئالدىنى ئىلىش ۋە ئومۇمى ساغلاملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رولىنىڭ بەكمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار ئالاھىدە تەكتلەۋاتقان تۇرسا، مەينەتلىكنى ئىسلام نىمىشقا يامان كۆرمىسۇن؟


مۇسۇلمان ئايال ،ئاڭ پاكىزە ۋە ئەڭ گۈزەل بولۇڭ

بارلىق مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان ئەھۋال يۇقارقىدەك تۇرسا ئۆز ئۆيىدە ھاياتلىق ھەمرايى بىلەن بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرشىۋاتقان ئايالغا قانداق قارايسىز؟ ئۇ ئەڭ ياخشى ئايال قانداق ئايال؟ دەپ سورىغان سۇئالغا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ‹ئىرى قارىسا ئىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئايال ›( ئەھمەد رىۋايىتى)دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ ،ۋە ئىرىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

   سىز مۇسۇلمان ئايالنىڭ بۇ ھەدىسنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتا مانا بۇ بۈيۈك چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئۆزىنى ،پەرزەنتلىرىنى ،ئۆيلىرىنى پاكىزە تازلاش، رەتلىك تۇتۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىشقاۋەئىرىنى بەخىتلىك قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.ئۇ ئۆزى ۋە ئۆيىنىڭ ئىرى كۆز تاشلايدىغان ئورۇنلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئەتىياز پەسلى بارلىق ھاياتلىققا گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق بىغىشلىغىنىدەك گۈزەل قامەت،ياراشقان كىيىم،خۇشھىدلىق پۇراق،قۇندۇزدەك چاچ تۇيغۇلارنى ھەركەتلەندۈرىدىغان لەۋ ۋە ئىچىدىكى پارقىراپ تۇرغان ياقۇتتەك چىش ئارقىلىق ئىرىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ،يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىدۇ.ۋۇجۇدىغا ئالەمشۇمۇل راھەت بىغىشلايدۇ.

مۇسۇلمان ئايال دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ لاتاپەتلىك،ئەڭ پاكىزە، ئەڭ گۈزەل بولشى كىرەك، چۈنكى ئىسلام ئايالدىن ئىرى ئۈچۈن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ ئىسلام شەرىئىتى رۇخسەت قىلغان دائىرە ۋە نورماللىقنى ساقلىغان ئاساستا ئۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.مۇسۇلمان ئايال ئۆزىنىڭ خاس ھەيئىتىدە ۋە ئۆي تۇتۇشتا بىپەرۋالىقتىن، رەتسىزلىكتىن ،بەدبۇيلۇقتىن ئەڭ يىراق بولىشى لازىم.


گۆھەر گۈزەل كۆرۈنۈشتە نۇر چاچىدۇ

ئۆزى پاكىز،ۋۇجۇدى پاك مۇسۇلمان ئايال ئۆزى ۋە ئۆيىگە نىسبەتەن بىپەرۋا بولمايدۇ.مەيلى ئۆيىدە ۋە مەيلى سىرتتا بولسۇن ئايال قىلمىسا بولمايدىغان ھەرخل ئىش ۋە خىزمەتنىڭ ئىغىر بىسىملىرى ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىغا باھانە بولمايدۇ.ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ھەدىستە كەلىگىىنىدەك ئۆز ئىرى ئۈچۈن ئۆز ھۆسىن-جامالىغا ئەھمىيەت بىرىشنى ،ئۆيىگە ئەھمىيەت بىرىشنى،ئىرىنى رازى قىلىشنى تەرىك ئەتسە،كىچىكتۈرسە بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ.ئۇ شۇنى چۈشۇنىدىكى،گۈزەل شەكىل ۋە گۈزەل كورۈنۈش ئىسىل گۆھەردە كەم بولسا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆز ھۆسىن -جامالىغا ئەھمىيەت بىرىشى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىشتىن، ئىىڭنىڭ يۇقىرلىقىدىن، ھايات مەنالرىنى تىتىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. مەسئۇلىيەتنىڭ ئىغىرلىقنىڭ ،قىيىنچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشنىڭ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقىنى ،ئۆيىسىگە ،ئىرىگە ،پەرزەنتلىرىگەسەل قاراپ قالغانلىقىغا ئاقلىشغا يول قويمايدۇ.

بىز تۆۋەندە سىزنىڭ ھەر دائىم نۇر چىچىپ تۇرىشڭىز، ھەرزا مان يىپيىڭى قىياپەتتە تۇرىشڭىز، سىز ۋە ئائىلە –پەرزەنتلىرىڭزنىڭ پاكىزە مۇھىت،پاكىزە قياپەت، خۇشال كەيپىياتتا لەئلىدەك پارلاپ تۇرىشىڭىزئۈچۈن بۈيۈك ئىسلام شەرىئىتنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى شۇنداقلا بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ تەجىربە –ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى ئارتۇقچە بولمىسا كىرەك دەپ ئويلىدۇق.

1.بەدەننىڭ ۋە كىيم-كىچەكنىڭ تازلىقى.

مۇسۇلمان ئايال ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پاكىزىسى بولۇشى كىرەك، ئۇ جانابى سەرۋەر ئالەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر دائىم بولۇپمۇ جۇمە كۈنى مۇكەممەل رەۋىشتە يۇيۇنۇش ۋە خۇشپۇراقلارنى ئىشلىتىشكە قىزقتۇرغان ‹سىلەر جۇنۇپ بولمىساڭلارمۇ جۈمە كۈنلىرى يۇيۇنۇڭلار ۋە باشلىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، خۇشپۇراقلارنى ئىشلىتىڭلار .(بۇخارى رىۋايىتى )› دىگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۆيىدە ھەر دائىم مۇنچىغا چۇشۇپ تۇرۇشى لازىم.

ئۇ ھەر دائىم كىيم-كىچەكلىرىنڭ،پايپاقلىرىنڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشى ،كىيىملىرىدىن،قولتۇقلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن بەدبۇي پۇراق چىقىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك. ئۆمۈر يولداشىنى ئەڭ پاكىز كىيىم، ئەڭ گۈزەل چىراي ،ئەڭ خۇشخۇي پۇراقتا كۈتىۋىلىشى لازىم. ئىرىنى توپا ئۆرلەپ تۇرغان، تەر پۇراپ تۇرغان ، تاماقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان مىھنەت كىيىملىرى بىلەن قارشى ئىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.

مۇسۇلمان ئايال ئىرىنى سەسكەندۈۈرپ قويماسلىق ئۈچۈن چىش پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم،ئۇ كەم بولغاندا ھەر كۈنى چىشىنى ئىككى قىتىم مىسۋاك ياكى چىش پاكىزلاش پاستىلىرىدا چوتكىلاپ تۇرۇشى ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ مەسىلە كۆرۈلسە داۋالىتىپ چىشىنىڭ ھەر دائىم چاقناپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلشىى كىرەك .چىش پاكىز بولغاندا ئىنسان مەيلى سۆزلىسۇن ياكى تەبەسسۇم قىلسۇن ئاق مەرۋايىتتەك پارقىراپ باشقىلارغا ئازادە تۇيغۇ بىغىشلايدۇ.شۇنداقلا ئىغىزمۇ پاكىز تۇرىدۇ.مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ سەركىسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك رەفىقىسى ئائىشە (ئاللا رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ.‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى كىچە بولسۇن ياكى كۈندۈز بولسۇن ئويغانسىلا تاھارەت ئىلىشتىن بۇرۇن چىشىنى مىسۋاكلايتتى(چوتكىلايتتى).ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى› شۇنىڭدەك باشقا ئەزالارنىڭ تازلىقىغقمۇ ئەھىمىيەت بىرىشى كىرەك،

2.ئۆي تازلىقىغا،رەتلىكلىكىگە،ۋەگۈزەلىلكىگەئەھمىيەت بىرىش.

     رەسۇلۇللا مۇنداق دەيدۇ.‹ ئاللا خۇشبۇي خۇشپۇراقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللا پاكىزە پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللا سىخى سىخىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ھويلا-ئۆيجايلىرىڭلارنى پاكىزە تۇتۇڭلار ،يەھۇديلارغا ئوخشاش (مەينەت) بولماڭلار.تىرمىزى رىۋايىتى.› مۇسۇلمان ئايال ئۆيىنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ،. ئۆينىڭ ھەيئىتىنىڭ چىرايلىق ،قۇرۇلمىسىنىڭ كۆركەم،قاراشقىلا ئازادە تۇيغۇ بىرىشى ئۈچۈن ھەددىدىن ئاشماستىن،بۇزۇپ چاچماستىن،ئىسراپ قىلماستىن ئۆينىڭ رەتلىنىشىگە ،تۈزۈلىشىگە ئالاھىدە باش قاتۇرىشى كىرەك.ئىرىنىڭ كۆزىنىڭ چىچىلىپ تۇرغان نەرسە، مەينەت تام-تورۇسلارغا چۈشۈپ قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان پۇراقلارنىڭ چىقىشىغا يول قويماسلىقى لازىم.يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكلەرگە ئالاھدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.

(1)ئۆينىڭ ۋە ئۆي سايمانلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش بولۇپمۇ مۇنچا بىلەن ئاشخانىنىڭ پاكىزلىقغا رىئايە قىلىش.

(2) ھەركۈنى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ۋە تاماقنىڭ پۇرىقىنى چىقىرۋىتىش.

(3)ئۆيدە ھەرقانداق ھاشارەتنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق.

(4) ھەر بىر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ،شۇنداق بولغاندا ئىزدىگەندە تىپىشقا ئاسان بولىدۇ.

(5) ياتاق ئۆينىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلىشىغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئىرىغا ھەردائىم ياتاق ئۆينىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش.

3. ھۇجىرا ئۆيگە ئەھمىيەت بىرىش.

مۇسۇلمان ئايال  ئۆزى ۋە ئىرىنىڭ بەختى مەخسەت قىلىنغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشتىن قەتئى ۋاز كەچمەسلىكى كىرەك.ئۇ ياتاق ئۆيىنى ئىرىنى كۈتىۋالىدىغان دۇنيا جەننىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشتا پاكىز ۋە رەتلىك قىلىش بىلەنغىنەك توختاپ قالماسلىقى ئۇنىڭغا زىينەتلەش،ئەتىرلەرنى چىچىش، گۈزەللەشتۈرۈش، رومانتىك قىلىشتەك ئاياللىق مەئنالىرىنى بەخىش ئىتشى لازىم.ئەر –ئايال مانا بۇ دۇنيا جەننىتىدە ،بەخىت كۆلچەكلىرىدە پىلتىڭلاپ مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىدىن ۋە ساپلىقىدىن روھى ئوزۇق ئالىدۇ.بۇ مۇھاببەت ئەر–ئايال ئارىسىدا ۋاپا ۋە ئىشەنچنى تەۋەللۇت قىلىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا سىز ئۆزىڭىزنى ،ئۆيىڭىزنى ئىرىڭىزنى كۈتىۋالىدىغان ،ئۇنى خۇشال قىلىدىغان سورۇن قىلىڭ ،ئەگەر ئۇ تۇيۇقسىز كىلىپ سىز تەييارلىقسىز بولسىڭىز ئۈزىرە ئىيتىپ دەرھال ياتاق ئۆيگە ياكى مۇنچىغا كىرىپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ ،ئەتىرىلەرنى ئىشلىتىپ  خۇشال كەيپىياتتائالدىغا چىقىڭ .ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا، يۈرەكلىرىنىڭ تىپىچەكلىشىگە تىرىشىڭ .ئەمما چاكىنىلىقتىن يىراق تۇرۇڭ

ئۆمۈر يولداشىڭىز ئۆيدە بار ۋاقىتلارنىڭ قەدرىگە يىتىڭ ،سىز ھەر دائىم ئەڭ ئىسىل ھالەتتە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇڭ، پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىزنى ھەر دائىم ئەڭ پاكىز،ئەڭ خۇشخۇي،ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە،شەرم-ھايالىق ھالەتتە كۆرۈپ بۇ كىچىك دۆلىتىڭىزنىڭ پاكىزە رەتلىكىلىكگە ئادەتلەنسۇن. ئۆيگە چوڭلار ياكى مىھمانلار كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەيران قالىدىغان جايلىرىڭىزنى يۇشۇرۇپ تۇرۇڭ ، سىز سىرتلارغا چىققاندا  باشقىلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغان، ياكى ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان ھالەتتا چىقىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.

   

( ئەسكەرتىش : بۇ ئايالنىىڭ ئىرى بىلەن ئۆيدىكى ئەھۋالىغا قارىتىلغان  ئەھكاملار بولۇپ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغان ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ ئىرىم رۇخسەت قىلدى ياكى ئىرىم ئۈچۈن ياساندىم دىگەننى باھانە قىلىپ جاھىلىيەتچە ياسىنىپ شەرىئەت يول قويمىغان دائىردە يۈز، قول ۋە پۇتتىن باشقا جايلىرىنى ئۇچۇق قويۇپ قىسقا،نىپىز، بەدەننىڭ ئىنچىكە قىياپىتىنى بىلدۈرگىدەك دەرىجدە تار شۇنداقلا پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالەتتە ئۆيدىن سىرتقا چىقىشى ئىتىپاق بىلەن ھارام،)

پايدىلانغان مەنبە

1،مۇسۇلمان ئايالنىك سالاھىيتى، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى ھاشىمى، سەئۇدى ئەرەبىستان 2004-يىل.

2.ئىسلام تەسەۋۋۇرىدىكى ئايال.دوكتۇر ئابدۇ مۇتەئال ،قاھىرە 1994-يىل

3.مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى.مۇھەممەد غەزالى ئسكەندەرىيە نەشىرياتى 1991-يىل

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HAYATNISA + 10 ئاللاھ ئېگەم ئەجرىڭىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7810
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2835 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ، اللە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ، اميىن !

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 11:24 AM
ئىسلام ئۆز ئىتقاتچىلىرىنىڭ كىيم-كىچەك، ھەيئەت، بەدەن  ...

ئىشقىلىپ قوشما شىتات پىرىزدېنتى دىگەن يەنىلا يامان جۇمۇ! مەيلى قانداق تىمىدىكى يازما بولسۇن، ئەسلى يازمىدىن كۆپرەك نەرسىلەرنى يوللايسىز! ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66385
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت، ھەر بىر مۇسۇلمان ئايال ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك تېمىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1395 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىيما ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jassurman يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 11:56 AM
ئىشقىلىپ قوشما شىتات پىرىزدېنتى دىگەن يەنىلا يامان ج ...

بۇغۇ زاپېرى .... ناۋادا جىڭپەر پېرزىنىت بولغان بولسا ما مۇنبەردە ئىش باكەنتۇق  !  

بىر بالا دادىسى بولمىسا چوڭ بولىدۇ،ئەمما ئانىسى بولمىسا چوڭ بۇلالمايدۇ . بىزنىڭ بىرلا ئانىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن . ئانىمىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلدىڭلارمۇ دەپ سوراۋاتىسىلەر،ئانامغا تىل تەككۈزگەننىڭ تىلىنى كېسپ،قول تەككۈزگەننىڭ قولىنى سۇندۇرۋېتىمەن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش