رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
مۇختەر بوغراسەنئەت كېچلىكىگەئاتاپ
ئاتۇش خەلقىنڭ سالمى
ئىلىپ كەلدىم سالامنى ئاتۇش خەلقىمدىن،
سىنى بىقىپ ئۆستۈرگەن گۆزەل يۇرتۇڭدىن.
تاشلىق زىمىن كۆلمەكتە ئەنجۈرلۈك باغلار،
بوۋام بوغرا روھىنى كۆرگەچ سىنڭدىن.
قىران دەريا ياقسىدا ئۆتكەن باللىقىڭ،
ئاق بوز تاغنىڭ باغرىدا ئۆتكەن ياشلىقىڭ.
بۆگۈن كۆلدى ئارزۇيۇڭ سەن بىلەن بىرگە،
كۆلدى ئاتۇش خەلقىممۇ ھەمدە دوسلۇرۇڭ.
ئالقىشلارغا لايىق سەن پەخىرلىك ئوغلان،
ئۇلۇغلانى ئەسلىتەر يوللىرىڭ ماڭغان.
سەنئەت بىلەن باشلانغان سىنڭ ھاياتىڭ،
ھەر بىر كۈيۈڭ ئويلانسا ھىكمەتكە تولغان.
سەندە بىر ئوخشايدۇ خۇددى ۋولقانغا،
ۋولقان كەبى چاچرايدۇ ھەممە ئەتراپقا.
ۋولقان ئەمەس ئۇ لېكىن بىلىم شەربىتى،
ئارتۇق كەتمەس ئوخشاتسام نۇرلۇق چىراققا.
ئۆمرۈڭ ئۆتتى ئەل ئۆچۈن خەلقىم دەردى دەپ،
بولالماسمەن ئەجرىڭنى بىر ئۆمۈر سۆزلەپ.
ماختاشلاردىن يىراق مەن خەلقىمگە ئايان،
دىيەلەيمەن ئەل سۆيگەن ئەلنڭ ئوغلى دەپ.
ئەل سۆيگەننى سۆيۈدۇ خەلقىممۇ شۇنداق،
مەدىھلىمەي تۇرايلى سىنى بىز قانداق.
ياشا ئاكا ئەجرىڭگە خەلقىمدىن رەھمەت،
ئەل خەلقىمنڭ دۇئاسى سەن بىلەن ھەر ۋاق.
ساخاۋەتچى چاقچاقچى ھىبىكامغا
غۇلجا دىگەن گۈزەل يۇرىت چاقچاقچىلار ماكانى،
چاقچاقچىلار ئارسىدىن كۈيلەپ يازدىم ھەبىنى.
چاقچاق قىلىپ پۇل تاپقان بەكمۇ كۆپكەن قارىسام،
ھېبىكامدەك ئوغلاننى ئارتۇق كەتمەس ماختىسام.
چاقچاق قىلىپ پۇل تاپتى ھەشەمەتكە چاچمىدى،
ئەلدىن ئىلىپ ھەم ئەلگە سىخىلارچە خەجىلىدى.
يىتىم قالغان باللارغا مەكتەپ سالدى تاپقانغا،
نۇر تايلاردەك يۈز تاپتى شۇڭا بىزنىڭ شېنجاڭدا.
ساراي سالماي ئۆزىگە يەتتى ئەلنىڭ دەردىگە،
ھەشەمەتكە قىزىقماي شۈكۈر قىلدى كەپىگە.
بالام دىدى يىتىمنى ئۆزى بويتاق بولسىمۇ،
چىداپ كەلدى ئارقىدىن دۆشمەنلەرگەپ تاپسىمۇ.
باقالمايدۇ بەزىلەر پەرزەنتىنى ئاچ قۇيۇپ،
لىكىىن باقتى ھېبىكام نەچچە يۈزگە ئاش بىرىپ.
بايۋەتچىدەك يۈرسىمۇ يۈرەر ئىدى ئەسلىدە،
راۋا كۈرمەي ئەل دىدى گەر قالسىمۇ پىيادە.
ئاسان ئەمەس سېنىڭدەك يىتىم يىسىر باقماقمۇ،
چاقچاق قىلىپ پۇل تىپىپ سەندەك مەكتەپ ئاچماقمۇ.
مىڭ كۈيلىسەم ئاجىزدۇر قىلغىنىڭنىڭ ئالدىدا،
ئاجىز كەلدى قەلىمىم ھۈرمىتىم چوڭ ھېبىكا.
خەلىق ئۆچۈن ياشىغان ئوغلانلارنىڭ سەركىسى،
ساڭا خەلقىم ھېبىكا قوشلاپ دۇئا قىلغۇسى.
ئامان بولغىن ھېبىكا رۇناق تاپسۇن ئىشلىرىڭ،
ۋەتەن ئۆچۈن يۇرىت ئۆچۈن سەندەك كۆيسۇن باللىرىڭ.
دىھقان شائىر رۇزى سايت ئاكامغا
سەن قولۇڭغا ئالساڭ قەلەم دىھقان خوش ئىدى،
يازار ئىدىڭ دىھقانلارنىڭ چۈنكى دەردىنى.
سەن قولۇڭغا ئالساڭ قەلەم كۆيگەن خوش ئىدى،
يازار ئىدىڭ ئاشىقلارنىڭ ئىشقى دەردىنى.
ياش تۇرۇپلا كەتتىڭ ھەجەپ پانى دونيادىن،
سىنڭ ئۆچۈن يىغلىغاننڭ كۆپى دىھقاندىن.
قايسى شائىر سەندەك بولۇر دىھقانغا يىقىن،
بارچە دىھقان ھاردۇق ئالار ئىدى شئرىڭدىن.
سەندەك شائىر ئازتى بىزچە ئەلەم كەتكىنڭ،
سىنڭ ئۆچۈن يېشى ئاقار سايرام تەلكىنڭ.
تەكلىماكان تەڭرىتاغدا بىر چولپان ئىدىڭ،
بىز ئۇيغۇرغا ئەلەم بولدى ئاردىن كەتكىنڭ.
نەچچە يىللار ئۆتتى سەندەك شائىر كۆرمىدۇق،
شۇڭا نامىڭ ئەل قەلبىدە ئۇنتۇپ قالمىدۇق.
دىھقان شائىر دىگەن ناممۇ ئەل بەرگەن تارتۇق،
سەن كەتسەڭمۇ تۆھپىكار دەپ ئالقىش ياغدۇردۇق.
ئارىمىزدىن سەندەك شائىر چىقمىقى بەك تەس،
گەر چىقسىمۇ سەندەك شئر يازمىقى بەك تەس.
يازغانلىرىڭ ھەقىقەتتۇر خىيالىڭ ئەمەس،
دىھقان ئەمەس رۇزى سايىت بولماقمۇ بەك تەس.
رۇستەم قاراسۇ ...ئاتۇش
ئالاتاۋدا يىزىلدى