ئەسىلامۇئەلەيكۇم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىرىبان ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن سۆزلەيمەن ،
جانابى ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئىنسانلاردىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ دىنى يۇلىدا (يەنى ھەق ئىسلامنى بەرپا قىلىش يۇلىدا) ئەرزىيەتكە يۇلاققان چاغلىردا سەۋرى قىلغۇچىلار ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىشتا پەقەت يالغۇز ئاللاھ غىلا تەۋەككۇل قىلىپ ، ئاللاھ غا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنغۇچىلار ، دىمەك ئىشلىرنى مەخلۇقلاردىن يۇشۇرالغىنى بىلەن بىراق ياراتقۇچىستىن يۇشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان .دىمەك قورقۇشتا پەقەت يالعۇز ئاللاھ دىن قورقۇپ ، سۆزلەشتە داۋاملىق راس سۆزلەيدىغان (يەنى سۆزلەشتە ھەقتىن باشقىنى سۆزلىمەيدىغان ) مۇسۇلمانلىق دەۋاسىدىمۇ راسچىللاردىن بولغانلار ئەنە شۇلار تەقۋادار كىشىلەردۇركى ، بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلارنى سۉپەتلەپ مۇنداق دىگەن : يەنى[ئۇلار(يەنى تەقۋادارلار) سەۋرە قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھ غا)ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر]3-سۈرە (17).
دىمەك تەقۋادارلار دىگىنىمىز ئۇلار ئاللاھ نى دوس تۇتقۇچىلار ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇ ئۇلارنى دوس تۇتقۇچىلاردۇركى ، دىمەك رەببىدەك دوستى ئۉچۉن ئۇلار كەڭچىللىكتىمۇ ھەتتا قىسىنچىلىقتىمۇ پۇل -ماللىرنى سەرەپ قىلىپ تۇرغۇچىلاردۇر . دىمەك بىرەسىدىن زۇلۇم يەتكە چاغلىردا ئىنتىقام ئېلىشقا ھۇقۇقلۇق تۇرۇپمۇ ئاللاھ نىڭ يۇلىدا باشقىلارنى كەچۉرەلەيدىعان ، شۇنداقلا يامانلىق قىلغۇچىلارغىمۇ ياحشىلىق قىلىپ ، ئاللاھ غا دوس بولعۇچىلاردۇر . بۇ ھەقتە يەنى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلارنى مۇنداق دەپ سۉپەتلىگەن :
يەنى[تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل-مال)سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۈتىدىغانلار،(يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ]3-سۈرە(134).
يەنى[ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ]3-سۈرە (76).
دىمەك تەقۋادار كىشىلەر شۇنداق سۉپەتلەرگە ئىگە كىشىلەردۇركى ، ئۇلار بىرەر گۇناھ قىلىپ ئۆزلىرگە -ئۆزلىرى زۇلۇم سالعان چاغلىردا ياراتقۇچىسنى يات ئىتىپ ، ئۆزلىرنىڭ كەتكۉزۉپ قويغانلىرىغا تەۋبە قىلىپ ، گۇناھلىرنى تۇنۇپ ، شۇ گۇناھنى قايتا تەكىرالىمايدىغان ، دىمەك شۇ قىلغان گۇناھلىرىنى خالىسا كەچۉرىم قىلغۇدەك ئاللاھ دىن ئۆزگە ھېچ ئەھتىنىڭ يوقلىقىغا ئىمان كەلدۉرگەن كىشىلەردۇر . يەنى قىپ سالغان شۇ گۇناھلىرى ئۉچۉن ئاللاھ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلىپ ، ئۇلارنى دوس تۇتىدىغان كىشىلەردۇر . يەنى[تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھ نى ياد ئېتىدۇ. گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھ دىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ]3-سۈرە(135).
دىمەك جانابى ئاللاھ نىڭ ھوزۇرىدىكى تەقۋادار كىشىلەر شۇنداق كىشىلەردۇركى ، ئۇلار ئىمان ئېتقان ۋە ياحشى ئەمەللەرنى ئالدىراپ قىلىدىغان . شۇنىڭ بىلەن قىيامەت كۉنى ئادالەت تارازىسى ئورنىتىلعان يەنى ھىساپ ئېلنىدىعان شۇ بۉيىك كۉندە رەببىمىز ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىپ ۋە ياحشى ئەمەللەرنى ئالدىراپ ، كۆپ قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارغا جەننەتنى مەنزىلگاھ قىلغۇچىلاردۇر .
مەنبە: ئاللاھ نىڭ ئىلھاملاندۇرشى بىلەن قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ ئۆز تەپەككۇرۇمدىن يېزىلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 02:32 PM