مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 45

ئەجەل تونى (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18541
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3650
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 07:21:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيرىگۈل ئۆمەر ئەل قىزى(ئۆزۈم)
  -دىت ... -ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلدى ، ئۇ يۈگرىگىنىچە بېرىپ ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتى ، كۆز ئالدىدا كېلىشكەن بىر يىگىت بىردەستە قىزىل گۈل تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇ خوشاللىق بىلەن گۈلگە قولىنى سۇندى...

جىررىڭ... - سائەتنىڭ ئەنسىز بىر سايرىشى بىلەن ھەممە نەرسە غايىپ بولدى ، ئۇ كۆزىنى ئاچتى ، كۆز ئالدىدا بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنگىنى يەتتىنى كۆرسەتكەن سائەت بولدى ... ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى چوڭ ئاچتى ، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرماق بولدى –يۇ،ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتىنى مىدىرلىتالماي قالدى ، چۈنكى ئۇ كېچىچە كىيىم تىكىپ تاڭ ئاتاغا يېقىن كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا بېشىنى قويۇپ تىككەن چاپاننى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى.
ئۇ قىينالغىنىچە ئورنىدىن تۇردى ، بۈگۈن مەيلى نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئورنىدىن تۇرماي بولمايتتى ،قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر سائەت سەككىزدىن بۇرۇن دۇكىنىغا بېرىشى كېرەك ئىدى ...
بۈگۈنئۇ قەۋەتلا خوشال ئىدى ، ئۇ ئالدىرىماي يۈز كۆزىنى يۇيۇپ كەينىدىنلا ئەينەككە قارىدى ، بۇ ئۇنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى يۈزىنى يۇيۇپ تۇنجى نۆۋەت ئەينەككە قارىشى ئىدى ، ئادەتتە ئالدىراش يۈزىنى يۇيۇپ چېچىنىمۇ ماڭغاچ بوغىدىغان ئۇنىڭدەك قىز ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك پۇرسەتنىڭ كەلمىكى ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە . ئۇ ئەينەكتىكى ئۆزىگە بېرىلىپ قارىدى ، يۈزىنى يۇيغىچە ھۆل بولۇپ يۈزىنى يېپىۋالغان چاچلىرىنى قولى بىلەن ئاستاغىنە قايرىۋەتتى ، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر گۈزەل قىز ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتى ، ئۇ چاچلىرىنى ئالدىرماي تارىدى ، قاپقارا قويۇق چاچلىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھۆسىن قوشاتتى ، ئۇ تاغاقنى ئاستاغىنە جايىغا قويدى-دە، ئەينەكتىكى ئۆزىگە يېڭىباشتىن قاراپ چىقتى ، گۈزەل ھۆسنىگە قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى ... ئۇ ئاستاغىنە ياتاق ئۆيىگە كىردى-دە، تام ئىشكاپىنى ئاچتى ، ئاسقۇدا بىر نەچچە قۇر كىيىم بولۇپ پوسۇنى ۋە رەڭگى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى ، ئۇ ياندىكى سۇلياۋ خالتىنى ئاچتى-دە، ئىچىدىن چىرايلىققىنە قاتلانغان بىر كۆينەكنى چىقاردى...
بۇ نۆۋەت  ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئالدى كەينىگە ماڭماقتا ئىدى ، ئۆمرىدە كىيىپ باقمىغان سېرىق رەڭلىك كىيىم ، سېرىق ئاياق ، ئالتۇن ھالقا ...يەنە كېلىپ ئۇبۇنۆۋەت ئۆمرىدە قويىۋېتىپ باقمىغان چېچىنى قويىۋەتكەن ئىدى ،  
ئۇ ئەينەككە يېنىش – يېنىشلاپ قارايتتى، ئوڭ سولغا ئۆرىلەتتى، كىيىمىنىڭ قەيەرىلىرىدۇر قاملاشماي قېلىۋاتقاندەك تارتىپ قوياتتى ...
ئۇ سومكىسىدىن كىچىك ئەينەكنى چىقاردى، تام ئىشكاپىنىڭ ئاستىنقى كۆزىدىن گىرىم قېپىنى ئالدى، قاپ ئىچىدىكى ھەممىسى ئاغزى ئېچىلمىغان يېڭى گىرىم بولۇپ ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا دۇكاندىكى ياردەمچى قىز بىلەن بىرگە سېتىۋالغان ئىدى.ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن گىرىم قىلىشقا باشلىدى ...
ئۇ ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇردى ، شۇ تاپتا ئۇكۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتى...
ئۇ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدىكى خەتنى ئېلىپ چىڭ سىقىمدىدى-دە، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ۋە خەتنى چاپاننىڭ ئوڭ يانچۇقىغا سالدى ...
تېرەكلىك تار كوچا . ئىككى تەرىپىنى تېرەك قاپلىغان بۇ كوچا گەرچە تار بولسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل ئىدى، بولۇپمۇ مۇشۇنىڭدەك كۈز ئايلىرىدا ئۇ تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتەتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى قاپلىغان سارغۇچ يوپۇرماقلار ...بىلىنەر بىلىنمەس چىققان شاماللار ئۇلارنى ئۇياقتىن بۇ ياققا ئۇچۇرۇپ قارىغان كىشىنى خىيال دەرياسىغا غەرق قىلاتتى ... ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك كۈندە تېخىمۇ شۇنداق...
«ئۇ كېلىپ كىيىمنى كىيسە... چوقۇم بەك يارىشىدۇ...ئۇ چوقۇم مەندىن مەمنۇن بولىدۇ...-ئۇ يەنە بىر قېتىم مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسرىدى،-ئاندىن يانچۇقتىكى خەتنى كۆرىدۇ... » ئۇ ئويلىغانسىرى خوشال بولاتتى ...
     ئۇ شېرىن خىياللار بىلەن دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنىمۇ ھېس قىلماي قالغانىدى .
-       خېنىم دۇكان بۇياقتا قالدى ،-چولاق تىلەمچىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى، ئۇ چۆچىگەندەك بولۇپ كەينىگە قارىدى، دەرۋەقە خىيال بىلەن دۇكىنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى . ئۇ ئاستاغىنە تىلەمچىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە كونا ئادىتى بويىچە يانچۇقىدىن پارچە پۇل ئالدى –دە ، ئۇنىڭغا تەڭلىدى ، ئۇ بۇنى ئادەت قىلغانىدى، ھەركۈنى دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن تىلەمچىگە پۇل بېرىپ بولۇپ ئاندىن دۇكاننى ئاچاتتى، ئۇ تىلەمچى بولسا، مەيلى بوران–چاپقۇن، مەيلى تومۇز–ئىسسىق بولسۇن ،ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن نېرى بارمايتتى.
-       خېنىم ، خۇدا سودىڭىزنى روناق تاپقىلى نېسىپ قىلسۇن!  سىزگە بىر گەپ دېگىم بار ئىدى، دېگىلى يول بارمىدۇ؟-بۇ تىلەمچىنىڭ دۇئادىن سىرت قىزغا قىلغان تۇنجى گېپى ئىدى .
-       قېنى دېگىن ، نېمە گەپ ئىدى ، ئەگەر مەن ياردەم قىلالىغىدەكلا ئىش بولسا...
-       ياقەي خېنىم، ھېلىمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئاۋەلى خۇدا ئۇنىڭدىن قالسىلا سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە كۈنۈمنى كۈن قىلىپ كېتىۋاتىمەن، سىزدىن يەنە ياردەم سوراشقا نەدىمۇ يۈزۈم بولسۇن، مەن... - تىلەمچى بىلىنەر بىلىنمەس قىزارغاندەك بولدى ،-بۈگۈن بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز دېمەكچى ئىدىم .
     قىزنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى :
-       رەھمەت ساڭا، خۇدا سېنىمۇ بالدۇرراق مۇشۇ كۈندىن قۇتۇلغىلى نېسىپ ئەتسۇن، رىسقىڭنى كەڭ قىلسۇن، تېنىڭنى سالامەت قىلسۇن- قىز شۇنداق دېدى –دە ئورنىدىن تۇردى .
ئۇ دۇكانغا كىردى،  تۈنۈگۈن خېلى كەچكىچە دۇكاننى رەتلىگەچكە دۇكان باشقىچىلا رەتلىك ۋە پاكىز ئىدى .
-       ۋوي ، ھەدە، بۈگۈن نېمانچە چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز،- شاگرت قىزنىڭ ئاۋازى ئۇنى چۆچىتىۋەتتى، ئۇ ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى،- راسلا بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز، توۋا ، مەن ھېس قىلماپتىكەنمەن، سىز ئەسلى بەكلا چىرايلىقكەنسىز ئەمەسمۇ ؟!
-       رەھمەت،- ئۇ ئاستاغىنە بېشىنى لىڭشىتتى،- بۈگۈن ئەپ كېتىدىغان كىيىملەر تەييار بولدىمۇ؟-ئۇ گەپنى تېزلا بۇرىۋەتتى .
-       ھەئە، بۈگۈن ئەتىگەندە ئىككى چاپان، چۈشتىن كېيىن بىر كۆڭلەك بار، ھەممىنى تەييار قىلىپ بولدۇق، توغرا ھېلىقى ئاكىمىز بۇيرۇتقان چاپاننى سىز تىكىمەن دېۋىدىڭىز...
-       تەييار بولدى،- ئۇچاپاننى ئاستاغىنە ئىلغىغا ئېسىپ قويدى ۋە ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۆزى چاپاندا ئىدى، ئۇ چاپانغا قارىغانسىرى خوشال بولاتتى، يىگىتنىڭ چاپاننى كەيگەندىكى كېلىشكەن ھالىتىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ ئىچ –ئىچىگە پاتماي قېلىۋاتاتتى. توختىماي ئىشىككە قارايتتى، ئۇ كىرىپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ جىددىيلىشەتتى .
     ئۇ سائەتكە قارىدى، سائەت سەككىزدىن ئون بەش مىنۇت ئېشىپ كەتكەنىدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىككە يەنە قارىدى، يول تازلاۋاتقان تازلىقچىلاردىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى ...
سائەت توققۇزمۇ بولدى ، ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، قىز بولسا ئىشىكتىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە نە دۇكاننى بېسىۋالغان خېرىدار نە يولدىن ئۆتكىچە دۇكانغا قاراۋاتقان ئادەملەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ پەقەت يىگىتنىڭ تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولىشىنى كىرىپ كىيىمنى ئاسقۇدىن ئېلىپ كىيىشىنى ئويلايتتى.
سائەت ئون بولدى. ئون بىرمۇ بولدى .ئەتىگەن سائەت سەككىزگە دېيىشىپ قويغان يىگىتىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ تېلفوننى قولىغا ئالدى، يىگىتنىڭ نومۇرىنى باستى – يۇ، ئۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
ئۇ « ئۇ يولدا كېلىۋاتقان بولسا ئالدىرىتىپ قويارمەنمۇ، ياق، تېلىفون قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، چوقۇم كېلىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن يالغان سۆزلەپ باقمىغان ...»دېگەنلەرنى ئويلايتتى.
تۇيۇقسىز سايرىغان تېلىفون ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى، ئۇ ئىتتىكلىك بىلەن تېلفونغا قارىدى ، تونىمايدىغانلا نومۇر ئىدى .  ئازراق ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدى – يۇ ، كىمنىڭ تېلفونى ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماق بولۇپ تېلفوننى ئالدى :
-       ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ سىز كىيىم لايىھىلەيدىغان قىز بولامسىز ؟-تېلفوندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەتراپتىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتى :
-       ھەئە، مەن شۇ ، سىز ؟
-       مەن بۈگۈن ئەتىگەن كىيىم بۇيرۇتقان خېرىدارنىڭ سىڭلىسى بولىمەن،- ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق بىر ئېغىشقاندەك بولدى،-بۈگۈن ئاكامنىڭ تويى تويغا باشقا يەردىن كىيىم بۇيرۇتقانىدۇق ، شۇڭا سىزنى زاكالەت پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ، باشقا خېرىدارغا سېتىۋەتسۇن دېمەكچىدۇق، ئاكام نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ يەردىن كېتىدۇ ، شۇڭا بېرىپ كىيىمنى ئەكىتەلمەيدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمىز ئۈچۈن خىجىلمىز، ئاكام بۈگۈن چوقۇم سىزگە ئېيتىشىمنى تاپىلىۋىدى، كەچۈرۈڭ ...
      گەپ تۈگىمەيلا تېلفون ئۇنىڭ قولىدىن سېرىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇمۇ لەسسىدە بولۇپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى .
ئۇشتۇمتۇت كەلگەن تېلفون ھەممىنى يوق قىلدى، ئۇنىڭ كېچىدىن تارتقان جاپاسى، كۆرگەن شېرىن چۈشى، سۈرگەن شېرىن ئوي خىياللىرى ... ھەممىسى يوق بولدى، ئۇ يىگىتنىڭ بۇ كىيىمنى ئۆز تويى ئۈچۈن بۇيرۇتقىنىنى بىلمەيتتى، يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا بىرەر قىزنى تىلغىمۇ ئېلىپ باقمىغاچقا ئۇ بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ قىزغا ئۆز تويى ئۈچۈن كىيىم تىكتۈرىشىنى ئېيتقان بولسىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇنچە يېرىم بولمىغان بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ بېقىشى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. دۇكاندىكى خېرىدارلار ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى-دە، بىر-ئىككىدىن چىقىپ كېتىشتى.
-       ھەدە ، نىمە بولدىڭىز ؟! بىرەر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟ كىمدىن كەلگەن تېلفونكەن ؟ ...  ھەدە گەپ قىلىڭە ؟-ئۇ يېنىدا پاي– پېتەك بولىۋاتقان شاگرت قىزغا قارىدى :
-       ئاسقۇدىكى ئاۋۇ چاپاننى ئىشىك ئالدىدىكى تىلەمچىگە بېرىۋېتىڭ...-ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى،-ئەمدى كۆزۈم كۆرمىسۇن ...
-       لېكىن ئۇ چاپان تېخى يېڭى تۇرسا ؟!.. ئۇ خېرىدار سىزنى بىرەر نەرسە دېدىمۇ ھەدە ؟-شاگرت قىز ئاسقۇدىن كىيىمنى ئالغاچ توختىماي سۇئال سورايتتى .
-       تىلەمچىگە يېڭى كىيىم بەرسە يامان بولامدىكەن، بەرگىڭىز بولمىسا ئۆزۈم بېرەي ،- ئۇ قىزنىڭ قولىدىن كىيىمنى سىلكىپ ئالدى –دە ، سىرتقا قاراپ ماڭدى ، بۇ ئۇنىڭ دۇكاننى ئېچىپ مۇشۇ چاققىچە تۇنجى قېتىم ئۆز شاگرتىغا قوپاللىق قىلىشى ئىدى.
     ئۇ چاپاننى تىلەمچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى-دە ، كەينىگە بۇرۇلدى .
-       خېنىم بۇ نېمە ؟ بۇنى ماڭا بەردىڭىزما ؟
-       ساڭا بەردىم ،يېڭى چاپان ، سەن كەيگىن ... -ئۇ كەينىگە بۇرۇلمايلا جاۋاپ بەردى ، ئەلۋەتتە ، ئۇنىڭ تىلەمچىگىمۇ يىغلىغان چىرايىنى كۆرسەتكۈسى يوقتى.
-       رەھمەت خېنىم مەن بەك خوش بولدۇم، خۇدا سودىڭىزنى بەك روناق تاپقىلى نېسىپ قىلسۇن، لېكىن مەن بىر چولاق بۇنى كىيىشكە ئامالسىز قالدىم ، مومكىن بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ...
      ئۇ پۇتىنى دۇكان تەرەپكە ئالدى–يۇ، يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ تىلەمچىنىڭ يېنىغا كەلدى .
     ئۇ ئاستاغىنە چاپاننى قولىغا ئالدى ۋە ئاۋايلاپ تىلەمچىگە كەيگۈزۈپ قويدى، ئۇنىڭ كۆزىگە نە خوشاللىقىدىن ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىۋاتقان تىلەمچى، نە ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتىن قاراپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار كۆرۈنمەيتتى ...
ئۇنىڭ دۇكانغا كىرگۈسى يوق ئىدى، دۇكانغا كىرگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭ دەردى يېنىكلەپ قالمايتتى، باشقا كۈنى كۆزگە گۈل كۆرىنىدىغان خېرىدارلار بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇقچە ئىدى. ئۇنىڭ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇسى، دەردىنى يىغا بىلەن چىقىرىپ يېنىكلەپ قالغۇسى بار ئىدى. ئۇ بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى، يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا غەيرى نەزەر بىلەن قارايتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆز مەنزىلىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ...
بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى... ئۇ دۇكانغا قايتمىدى، شاگرت قىزدىن كۈندىلىك ھېساۋاتنى ئۆتكۈزىۋېلىشنىمۇ ئۇنتىدى ... ئۇ پۈتۈن بىر كۈن يىغلىدى ... ئۇنىڭ بۇنداق قانغىچە يىغلاپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغانىدى ...
ئۇ ئۆزىنى قەۋەتلا يېنىك ھېس قىلدى... خۇددى قانداقتۇر بىر ئېغىر نەرسىنى يەلكىسىدىن بىرى ئېلىپ تاشلىغاندەك ...
ئۇ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدى ...
ئۆي ئىچى كۈندىكىدىن رەتسىز ئىدى، ئۇدۇكانغا بالدۇر بېرىشقا ئالدىراپ ئۆينى يىغۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇغانىدى...ئۇ سۇخانىغا كىرىپ ئەينەكتىكى ئۆزىگە قارىدى، چىرايىدا ئەتتىگەنكى خوشاللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، ئەتىگەن شۇنچە گۈزەل كۆرۈنگەن چىرايى قارىغاسىرى سۇلغۇن كۆرىنەتتى، ئۇ قولىغا چاچ بوغقۇچنى ئالدى– دە ، ئاۋالقى پەدىسىدە چېچىنى بوغىۋالدى . ئەتىگەندىن بېرى ياش بىلەن يۇيۇلۇپ بولغان يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يۇيىۋەتتى...ئۇ كىيىمىنى ئالماشتۇرماقچى بولۇپ، ھۇجرىسىغا كىردى، ئۈستەلدە كېچىدىن يېزىپ مەشق قىلغان خەتلىرى ئەلۋەتتە ئۇ يىگىتكە ئەڭ چىرايلىق يازغان بىر ۋاراق خېتىنى بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاراق ئىسراپ قىلغان ئىدى ...
ئۇ پۇرلەنگەن ۋاراقچىلارنى قولىغا ئالدى-دە، توساتتىن بىر ئىش خىيالىدىن كەچكەندەك بولدى ... توغرا... تىلەمچىگە بەرگەن ھېلىقى چاپاننىڭ يانچۇقىدا ئۆزىنىڭ يىگىتكە يازغان خېتى بار ئىدى...ئۇ جىددىيلىك بىلەن سىرتقا قاراپ يۈگۈردى ... مەيلى نېمىلا بولمىسۇن خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بىرىگە يۈرەك سۆزىنى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىشى ئىدى، ئۇنىڭدەك ئىچ مىجەز بىرىگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ سىرىنى باشقا بىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئارتۇق ئازاپ يوق ئىدى... ئۇ بىردەمدىلا دۇكاننىڭ ئالدىغا باردى، ئەپسۇس، تىلەمچى ئاللىقاچان كېتىپ بولغان ئىدى ...دۇكانمۇ تاقىلىپ بولغانىدى ...ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى... قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈن خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى...بىراق ئۇ تىلەمچىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ...توساتتىن بىر ئىش خىيالىدىن كەچتى... ئۇ خەتنى چاپاننىڭ ئوڭ يانچۇقىغا سالغان ئىدى ...تىلەمچىنىڭ ئوڭ قولى بىلىكىدىن يوق ئىدى ...ئۇ ئوڭ قولى يوق تىلەمچىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ خەتنى كۆرۈپ قېلىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق دەپ ئويلايتتى ... ھېچ بولمىغاندا بۈگۈنچە شۇنداق... ئۇ شۇ خىيال بىلەن كەينىگە ياندى ...
ئۇ دۇكانغا كۈندىكىدىن بالدۇر كەلدى ، ئۇنىڭ ئەس يادى تىلەمچىگە بەرگەن چاپاننىڭ يانچۇقىدىكى خەتنى بىر ئامال قىلىپ ئېلىۋېلىش ئىدى. بىراق كۈندە تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان تىلەمچى، تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.
قانداق قىلىش كېرەك ، ئۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەك ...ئەگەر ئۇ بۈگۈن ئۇ چاپاننى كىيىپ كەلمىسىچۇ؟ ئەگەر ئۇ خەتنى ئەسكى قەغەز ئورنىدا تاشلىۋەتكەن بولسىچۇ ؟...
ئۇنىڭ كاللىسىنى خىيال چىرمىۋالدى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، خەتنى ئېلىۋالماي بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بىر پارچە خەتلا ئەمەس، ئۇ ئۇنىڭ يۈرەك سۆزى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. ئۇنى قانداقلا بولمىسۇن ئېلىۋېلىشى كېرەك ئىدى ...
-       قىزىق ئىش، بۈگۈن چولاق تىلەمچى كەلمەپتۇ... ئۇقاتتىق يامغۇردىمۇ، تومۇز ئىسسىقتىمۇ كېلىدىغان، بۈگۈن كەلمىگىنى قىزىق–تە...–دېدى ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى تىلەمچى داۋاملىق ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا قاراپ.
-       ھېلىغىچە كېلەرمىكىن-جاۋاپ بەردى شاگرت قىز...- ھەدە، ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ ... قاراپ تۇرۇپ يېپ يېڭى چاپاننى بىر تىلەمچىگە بېرىۋەتتىڭىز ... ئۇنى شۇنچە جاپادا تىككەن تۇرسىڭىز...ساتقان بولساقمۇ خېلى پۇلغا يارايتتى،كىم بىلىدۇ ، ئۇ چاپاننى ساتقىلى كەتتىمۇ تېخى...
چاپاننى ساتقىلى؟... ئۇنىڭ كاللىسىدا يەنە بىر يېڭى سۇئال پەيدا بولدى.
چاپاننى سېتىۋەتسە ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتسە قانداق قىلىمەن...ئۇ چاغدا ئۇ خەت كىملەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ، نەلەردە تاشلاندۇق بولۇپ يۈرەر...
  ئۇنى يەنە غەم چىرمىۋالدى...
-       سىز ئۇ تىلەمچىنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىنى بىلەمسىز ؟
-       ھە؟- شاگرت قىز ھەيرانلىقتا سورىدى- سىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چاپاننى قايتۇرىۋالماقچىمۇ ھەدە ؟ مەن ئۇ مەنىدە دېمەكچى ئەمەس ھەدە، پەقەتلا سىزنىڭ جاپايىڭىزغا قاراپ سەل رازى بولماي قالدىم، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارغا بەرگەن سەدىقىنى قايتۇرىۋالساق بولمايدۇ –دە...
-       ياق مەن چاپاننى قايتۇرىۋالمايمەن... پەقەت ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغىنىنى بىلگىم كەپ قالدى...- دېدى ئۇ زورلاپ ئۆزىنى بېسىپ .
-       مەن بىلمەيمەن ... مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ قاياقتىن كېلىپ قاياققا قايتقىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەتىگەندە كەلسەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. كەچتە ئىشىكنى تاقاپ ماڭساممۇ ئولتۇرغان پېتى قېپ قالىدۇ. مەن ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغىنىنى زادىلا بىلمەيدىكەنمەن...بەلكى سوراپ باقساق بىلگىلى بولا، تىلەمچىلەر كۆپىنچە كۆۋرۈكنى تېگىدە، يەر ئاستى ئۆيلىرىدە، بىنالارنىڭ زاللىرىدا ئۇخلايدۇ... بەلكى تازلىقچىلار بىلىشى مۇمكىن، مەن گاھىدا ئۇلارنىڭ پاراڭلاشقىنىنى كۆرىمەن...
   ئۇ قارىماققا ئىپادىسىز كۆرۈنسىمۇ كۆڭلىدە ھامان تىلەمچىنى تېپىشنى خەتنى بىر ئامال قىلىپ قايتۇرۋېلىشىنى ئويلايتتى
ئۇ بىردەم بىردەم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قاراپ قوياتتى ، بىراق نە چولاق تىلەمچى نە تىلەمچىنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان تازلىقچىلار كۆرۈنمەيتتى...
-قىزىق ئىش ، بۈگۈن بىرمۇ خېرىدار يوق ...- دېدى شاگرت قىز ئېسىقلىق كىيىملەرنى رەتلىگەچ ...
توساتتىن سىرتتىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا قارىدى، ئىككى تازلىقچى نېمىنىدۇر تالاش تارتىش قىلىشىۋاتاتتى...ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ چىقتى ...
-نېمىنى تالىشىۋاتىسىلەر،بۈگۈن تولىمۇ كېيىن ئىشقا چىقتىڭلارغۇ ؟!
-خېنىم، سىز بىر ساخاۋەتلىك ئىش قىلىپ قويسىڭىز...ئۇلارنىڭ چىرايىدىن سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى .
-گېپىڭلارنى چۈشەنمىدىم ...سىلەرگە قانداق ياردىمىم كېرەك ...
-خېنىم ، بۇ يەردە كۈندە ئولتۇرىدىغان بىر قولى يوق يىگىتنى سىزمۇ تونۇيسىزغۇ دەيمەن ...
-ھەئە...- ئۇ جىددىيلىشىكە باشلىدى ، كۆڭلى نېمىدىندۇر خاتىرجەمسىزلىنىپ تۇراتتى ،- ئۇنىڭغا ...بىرەرئىش بولدىمۇ ؟
-ئەتىگەن بىز كوچا تازلاۋاتاتتۇق ...توساتتىن ماشىنىنىڭ كۈچلۈك تورمۇزلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىساق بىرى قانغا بويىلىپ يېتىپتۇ ، سوقىۋەتكەن ماشىنا بىز بارغىچە كېتىپ قالدى.   ئۇنىڭ چاپىنىدىن تونىدۇق ، تۈنۈگۈن تېخى ئۇنىڭ يېڭى چاپىنىنى بەك يارىشىپتۇ دەپ ماختاشقانتۇق ...ئىتتىك بېرىپ ئۆرىسەك شۇ ئاغىنىمىز شۇكەن ...ئۇ قولىدا بىر نېمىنى چىڭ سىقىمدىۋاپتۇ ... ھەرقانچە قىلىپ قولىنى ئاجرىتالمىدۇق... بۇرنىنى تۇتساق تىنىق باركەن ، بىز ھېچنىمىنى ئويلىمايلا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتىمىز ،دوختۇرلار ئۇنىڭ جىددىي كېسەل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىراپ كارىۋاتقا ئالدى ... ئەپسۇس...
-ئۇ قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمىدى شۇنداقمۇ ؟...ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى ...
-ياق ، دوختۇرلار ئۇنى داۋالىغىلى  بولىدۇ دەيدۇ... بىراق بىز رەسمىيەت ھەققىگىمۇ چىقىش قىلالمىدۇق... ئۇلار ئۇنى زالدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇشتى...- ئۇلار دېگىچە يىغلاپ تاشلىدى، بىزئۇنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تونىساقمۇ ، بىراق ئۇنىڭ نەدە تۇرىدىغىنىنى  قانداق تۇغقىنى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز ...تازلىقچىدا پۇل نېمە قىلسۇن ...شۇ بىچارىنىڭ رەسمىيەت ھەققىگىمۇ چىقىش قىلالماي، ئۇنى شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ ، باشقا بىرەر ئامال قىلايلى دەپ كېلىشىمىز ... قوشنىلاردىن ياردەم سورىدۇق، ئەمما ھېچقانچە-تازلىقچى مەيۈسلەنگەن ھالدا قولىدا سىقىمداقلىق پارچە پۇللارنى كۆرسەتتى...
     ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق بىر تەۋرەنگەندەك بولدى ، ئۇ ئۆزىنى قانداقتۇر بىر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلماقتا ئىدى...
  -باشقىنى كېيىن دېيىشەيلى. مەندە يەتكىدەك پۇل بار ...مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار بولامدۇ ...
   تاكسى ھەش – پەش دېگۈچە دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى.
  ئۇلار  دوختۇرخانا ئىچىگە كىردى ...
-ئۇ بايا مۇشۇ يەردە ئىدىغۇ...تازلىقچى زالىنىڭ بۇلۇڭىنى كۆرسەتتى ...
-دوختۇرلارمۇ ئادەم ...ئۇلار پۇلنى ئالماي تۇرۇپ داۋالاشقا ئەكىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ...
بايا چىرايى سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن تازلىقچىلارنىڭ چىرايىغا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە يۈگۈردى ...
ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
-دوختۇر ئەپەندى ، بايىقى كېسەلنى داۋالاش ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتىڭلارمۇ ؟- ئۇلار ئۇدۇل كېلىۋاتقان ئېگىز بويلۇق دوختۇرنىڭ ئالدىنى توسۇپ سورىدى.
ـ سىلەرگە بالدۇر كېلىڭلار دېمىگەنمىدىم ... ئۇ سىلەر كەتمەي ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىنىقتىن توختىدى ...ھازىر بەلكى جەسەت ئۆيىدە بولىشى مۇمكىن!
-دوختۇر دېگەنمۇ ئادەممۇ ...- تازلىقچى ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى،- تىلەمچى بولسىمۇ تۇغقىنى بولمىسىمۇ، ئۇ بىر جان ئەمەسمۇ... بۇنداقمۇ ۋىجدانسىزلىق بولامدۇ ...
-كەچۈرۈڭ بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز، رەسمىيەت ئۆتىمىسەڭلار بىزمۇ داۋالاش ئېپ بارالمايمىز ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يارىسى يېنىك ئەمەسكەن ...! – دوختۇر يادلىۋالغاندەك بىر نەچچە ئېغىز سۆزنى ئىتتىككىنە دەۋەتتى–دە، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىنى داۋام قىلدى ...
ئۇ بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ نە ئوڭى نە چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى...
سېستىرا ئۇلارنى جەسەت ئۆيىگە باشلاپ كىردى .
ئۇنىڭ پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى ، چۈنكى ئۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ئاتا – ئانىسى بەك كىچىك چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ،ئۇ ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى ...ئۇلار بىر كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى .كارىۋات ئۈستىدىكى لاتا قانغا بويالغان ئىدى . ياندىكى تازلىقچى يىگىت ئاستاغىنە لاتىنى تارتتى . لاتا ئېلىۋېتىلىشى بىلەن تىلەمچىنىڭ قانغا بويالغان  كۈلگەن چىرايى كۆرۈندى .
  ئۇ قورققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى .
  چولاق تىلەمچى نېمىدىندۇر مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك كۆرىنەتتى .
-بىچارىنىڭ بۇ دۇنيادا قىيالمىغان بىرەرى بولسا كېرەك ، كۆزى ئوچۇق كېتىپتۇ...- تازلىقچى يىگىت قولىنى ئاپىرىپ ، ئاستاغىنە جەسەتنىڭ كۆزىنى يېپىپ قويدى .
- ئۇ ئادەتتىمۇ كۈلۈپ تۇرىدىغان يىگىتتى ، كۈلگەن پېتى كېتىپتۇ ،- دېدى يەنە بىرى ،- بىز ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگىچىمۇ ئۇ توختىماي كۈلدى ، توۋا ، بىچارىنىڭ ئۆمرى تىلەمچىلىكتە ئۆتۈپ كەتتى، ئاللا سەكراتىنى ئاسان قىلغان ئوخشايدۇ- ئۇلار كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭمۇ قورقىنىشى  يوقاپ يۈرىكىنى ھەسرەت قاپلىدى، ئۇ تىلەمچىنىڭ چىرايىغا يەنە بىر قېتىم قارىدى، خۇددى تىلەمچى كۆزىنى ئېچىپ نېمىنىدۇ دەيدىغاندەك ... سول قولىنى كۆتۈرۈپ « ئاللا ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن » دەيدىغان دەك .
     ئۇنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ئۇنىڭ سول قولىغا تىكىلدى ، قانغا بويالغان قول ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇلغان بولۇپ نېمىنىدۇر چىڭ سىقىمداپ تۇرغاندەك قىلاتتى ، ئۇ ئىختىيارسىز قولىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئاپاردى، ئۇ قولنىڭ ئىچىدىن پۇرلەنگەن بىر ۋاراقچىنى تەسلىكتە تارتىپ چىقتى، قولىغا ئالدى–دە ، كەينىگە داجىدى. ئۇ دەل ئۇنىڭ ھېلىقى يىگىتكە يازغان كۆڭۈل سۆزى بولۇپ، پۈرلىشىپ قانغا بويالغان بولسىمۇ چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دېگەن خەت ئېنىق كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ پۇت قولى بوشىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ تۈنۈگۈندىن بېرى ئىزدەۋاتقىنى دەل شۇ خەت ئەمەسمىدى، ئەمدىلىكتە بۇخەت تىلەمچىنىڭ قېنى بىلەن بويالدى ، ئۇقانداق قىلىشى كېرەك خەتنى تاشلىۋەتسۇنمۇ ؟ ياكى تىلەمچىگە قايتۇرۇپ بەرسۇنمۇ ؟ ...
   ئۇ ھوشىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى ، ئۆزىنىڭ جەسەت ئۆيىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى ، قانداقلارچە ساقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيتتى.
-سىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىمۇ ؟
ئۇ ئاستاغىنە باش لىڭشىتتى ، ئۇ تىلەمچىنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن بولسىمۇ ، ئاخىرەتلىك رەسمىيەتلىرىنى تۆلىۋېتىش ، ئۇنى  دوختۇرخانا جەسەت ئۆيىدە ئەمەس بەلكى قەۋرىدە ياتقۇزۇشنى ئويلايتتى .
-بۇ ئەپەندىم تۈنۈگۈن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ۋاقتى ئورنىنى تەكشۈرۈپ،  مۇشۇ يارلانغۇچىنىڭ ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈردۇق. قانۇن بويىچە سىلەر تۆلەمنى قۇبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
     ئۇ ئېسىنى يىغقاندەك بولدى . ئالدىدىكى دوختۇر ئەمەس بەلكى ساقچى ئىدى ، ئۇ ئۆرۈلۈپ بىرگە كەلگەن تازلىقچىلاردىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىن سورىماقچى بولدى ، ئەمما ئۇلار يوق تۇراتتى .
بىرەيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قېتىپلا قالدى . بۇ دەل ئۆزى ساقلىغان ھېلىقى يىگىت ئەمەسمۇ ؟ئۇ قانداق بولۇپ... ئۇ مېڭىسىنىڭ يەنە بىر سىلكىۋەتتى، ئۇ ئۆزىنى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن قارىدى، ئالدىدىكى بېشىنى سېلىپ تۇرغان يىگىت دەرۋەقە ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئىدى، ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان ئىدى .
-مېنى كەچۈرۈڭ خېنىم، مەن ئەسلى نەخ ۋاقتىدا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەپ كېلىشىم كېرەك ئىدى. دادامنى يۈزىنى كۆرۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ، كەينىمگە يېنىشقا ئامالسىز قالدىم... مەن بۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنى ئويلىماپتىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ، سىز قانچە پۇل تەلەپ قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر مەن بېرىمەن،  يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى .
-بەلكى بۇمۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ. مەن تۆلەم ئېلىشقا مۇناسىپ ئەمەس ، مەن ئۇنىڭ تۇغقىنى ئەمەس، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىمۇ تونىمايمەن... مەن باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى ئۇنىڭ دوختۇر پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن كەلگەن، ئەپسۇس...كېچىكىپتىمەن ! سىزنىڭ دادىڭىزچۇ؟-ئۇئۇلاپلا سورىدى .
-بايىلا يەرلىكىگە قويدۇق...-يىگىتنىڭ كۆزىگە ياش يۈگۈردى.
     قىزنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ ئېچىشقاندەك بولدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ تۈنۈگۈنلا تويىنى قىلىپ بۈگۈن ئۆلۈم ئۇزاتقان يىگىتكە ھېسداشلىقى قوزغىلىۋاتاتتى. بىراق ئۇ تەسەللى بېرىشكە ئامالسىز ئىدى .
ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى – دە ، ساقچىدىن سورىدى :
- ساقچى ئەپەندى ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىگە ئۆزۈم ئىگە .مەن جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەم بولاتتى .
     ئۇ ھۆججەتكە قول قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلىۋىدى . يىگىت ئۇنىڭ مۆرىسىگە ئاستاغىنە چەكتى :
-بۇ نەرسىڭىز چۈشۈپ قالدى ،- قانغا بويالغان ۋاراقچە ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى . قىزنىڭ يۈرىكى سىلكىنگەندەك بولدى .چۈنكى يىگىتنىڭ تۇتۇپ تۇرغىنى دەل قىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان يۈرەك سۆزى ئىدى . «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دېگەن خەت ۋاراقچىدە ئېنىق كۆرىنىپ تۇرغان  بولسىمۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتا يېزىلغانلىقىنى بىلمەيتتى .
ئۇ تىترەپ تۇرغان قولىنى تەستە سۇنۇپ، يىگىتنىڭ قولىدىن خەتنى ئالدى. ئۇ چاققانلىق بىلەن كەينىگە ئۆرۈلدى .
-مەن يىگىتىڭىزنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇم. سىز نېمىشقا تۆلەم ئالمايسىز ؟ نېمىشقا مېنى قانغىچە تىللىمايسىز ؟
قىزنىڭ قەدىمى توختىدى، بىراق ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈشكە ئامالسىز ئىدى .
- ئەسلىدە ،ئۇ يولدىن ئۆتۈپ بولغانىدى ، بىراق بىر نەرسە ئۇچۇپ كەتكەندەك بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى، مەن ماشىنىنى دەرھال تورمۇزلاشقا ئامالسىز قالدىم، سىگنال بەرگەن بولساممۇ ئۇ ئالدىغا مېڭىۋەردى...ئۇ يىگىتىڭىز بولمىسا ، نىمىشقا ...
  ئۇنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى .پۇت قولى بوشىشىپ لەسسىدە بولۇپ قالدى. شۇتاپتا ئۇ يىگىتنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا ئامالسىز ئىدى  .
.......................................
-ھوشىغا كەلدى ... ئاخىرى ھوشىغا كەلدى ...-ئۇ ئاستاغىنە كۆزىنى ئاچتى . ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقلارچە دوختۇر كارۋىتىدا ياتقىنىنى بىلمەيتتى .
- ھەدە ، ھەرنىم بولسا ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز ، مېنى بەك قورقۇتتىڭىز-شاگىرت قىز  ئۇنىڭ يېنىغا قالدى .
- ماڭا  نېمە ئىش بولدى . تىلەمچى يىگىتچۇ ؟ئۇ قانداق بولدى، مەن ئۇنى دوختۇرخانىدىن ئەپ چىقىپ كېتىشىم كېرەك .
-ھەدە ،جىددىيلەشمەڭ ،ھەممە ئىش جايىدا... -شاگرت قىز ئۇنى تۇتىۋالدى ،-ئۇنى ئالدىنقى ھەپتە يەرلىكىدە قويۇشتى....
ياشقىنە بىر سېستىرا ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ بىر قارىۋېتىپ ، تومۇرىنى تۇتقاندىن كېيىن ،شاگىرت قىزغا قاراپ بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى-دە ، چىقىپ كەتتى. شاگرت قىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى :
-ھەدە دوختۇر سىزنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە ياندى دەيدۇ، ئەتە ئۆگۈن دۇكانغا قايتىدىغان بولدىڭىز ، سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم، بىر ھەپتىدىن بېرى كۆزىڭىزنى ئېچىپمۇ قويمىدىڭىز...مەن بەك قورقتۇم .
-مەن بىر ھەپتە ياتتىممۇ ؟ قالغانلارچۇ ؟ مېنى كىم بۇ يەرگە ئەكەلدى؟
-مەن شۇ كۈنى دۇكاننى تاقاي دېيىشىم بىلەن تېلفون كەلدى . جىددىيلىك بىلەن دوختۇرخانىغا كەلسەم سىزنى ياتاققا ئېلىپ بوپتۇ ، مەن رەسمىيەت ئۆتەي دېسەم ، دوختۇرلار يارلاندۇرغۇچى رەسمىيەتنى ئۆتەپ بولدى دېدى، مەن نېمە ئىشلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرسام كۈندە دۇكاننىڭ ئالدىنى تازلايدىغان تازلىقچى ئۇچراپ ئەھۋالنى دەپ بەردى، بەك ئۆكۈندۈم، شۇ كۈنى مەن بىگۇناھ تىلەمچىنى بىرمۇنچە قاغاپتىمەن، بىچارىگە چاپاننى كىيىش نېسىپ بولمايلا-قىز كۆز يېشى قىلدى،-ئۇ يوق مەن كۈندە بېرىدىغان سەدىقىنى يىغىپ قويدۇم، باشقا تىلەمچىلەرنىڭ يېنىغا بارالمىدىم، شۇ ئادەمگىمۇ كۆنۈپ قاپتىكەن كىشى...-ئۇ يوق دۇكانمۇ چۆلدەرەپ قالدى...
        ئىككەيلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا كۆز يېشى قىلىشتى .
..........................................
يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇ بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى، بىراق بىرلا قائىدە ئۆزگەرنىدى، ئۇ كۈندە ئەتىگەن شەپىسىز كىرىپ ، كەچتە شەپىسىز كېتىدىغان بولدى . كۈندە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بىر قولىنى كۆتۈرىدىغان تىلەمچى مانا شۇنداق غايىپ بولدى .
  شاگىرت قىز بىلەن ئىككىسى بەزى بەزىدە ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورنىغا قاراپ تۇرۇپ گېپىنى قىلىشاتتى، قانداقتۇر يېقىن بىر تۇققىنى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغاندەك كۆز يېشى قىلاتتى .
.......................................
-ھەدە ، بىرى سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېپ ماڭدى ...
ئۇ ئالدىراپ قاراپ ، قولىغا يىڭنە كىرىپ كەتتى ...
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ؟ مەن رەسىمگە چۈشمىسەم خەقتە رەسىمىم نىمە قىلىدۇ ...- ئۇ كۈلۈپ قويۇپ ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى .
-مەن يالغان سۆزلىمىدىم ، سىز شۇ ، ئۇ سىزغان رەسىمكەن يوغان جازىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى، مەن ئۇلاردىن  قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىسام، توت كوچا دوخمۇشىدا يايما قىلىپ سېتىۋاتىدۇ، دېدى. سىز بېرىپ قاراپ بېقىڭ بولامدۇ ؟ مەن يالغان سۆزلىمىدىم ، سىزنىڭ كىيىم تىككەن ھالىتىڭىز ...نەخ ئۆزى...
       ئۇ قولىدىكى ئىشنى شۇ پېتى تاشلاپ ، تۆت كوچا ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى .
يولنىڭ بويىغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىۋالغانىدى .ئۇ قىستىلىپ ئادەملەر توپى ئىچىگە كىردى .تىزىلىپ قويۇلغان ھەرخىل رەسىملىرىدىن قاتتىق ھەيران بولدى . يەنە كېلىپ ئۇنىڭ كىيىم تىكىۋاتقان ھالىتى ، چېچىنى بوغقان ھالىتى ، خىلمۇخىل ھالەتلىرى تۇراتتى .
-بۇ رەسمدىكى  مەنغۇ ؟  بۇ نېمە ئىش...سىز بۇ رەسىملەرنى قاچان سىزغان ... قانداقلارچە مېنىڭ رەسىمىمنى يايما قىلىپ سېتىپ قالدىڭىز ...- ئۇ ھەيرانلىق بىلەن يايمىچىدىن سورىدى .ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراشتى .
-كىم بۇنى سەن دەيدۇ ، بۇنى بىر داڭلىق رەسسام نەچچە يىلدىن بېرى سىزغان ، بۇنىڭ سېتىش ھوقۇقى مەندە... رەسىمدىكى مەن دەيدىغان نېمە ئاساسىڭ بار ...- يايمىچى جىدىيلەشكەندەك بولدى –دە ،سۈرەتلەرنى يىغىشقا باشلىدى ، ياندىكى رەسىم كۆرىۋاتقانلارمۇ ئاستا ئاستا تاراپ كەتتى .
-سىز كەتمەي تۇرۇڭ ، بۇ زادى قانداق گەپ ...بۇ رەسىملەر قانداق بولۇپ سىزدە بوپ قالىدۇ ، بۇنى كىم سىزغان  مەن نېمىشقا بىلمەيمەن ...
      يايمىچى ھېچنىمە دېمەي رەسىملەرنى ۋەلسىپىتىنىڭ كەينىگە باغلىدى .
-توختاڭ سىز بۇ رەسىملەرنى قانچە پۇلغا ساتىسىز؟ مەن ھەممىنى سېتىۋالاي ...
-20مىڭ ...-دېدى ئۇ قارىمايلا.
-ھەممىسىمۇ ؟
- ئۆيدە يەنە بار...
-ئەپەندى مەن ھەممىنى سېتىۋالاي، بىراق ماڭا بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ بولامدۇ؟ مەن بۇنى كىمنىڭ سىزغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ بۇنچە جىق سىزما رەسىمى بارلىقىنى بىلمەيمەن...ئۆتۈنۈپ قالاي ...-ئۇ يايمىچىغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
يايمىچى توختاپ كەينىگە ئۆرۈلدى ،ۋەلسىپىتىنى يانغا توختىتىپ ، يولنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :
- مەن سىزنى تونىمايمەن ، رەسىمدىكىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىگىرى بىر چولاق مېنىڭ ئامبار ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئالغان، يېرىم يىل بولدى ،ئۇ قايتىپ كەلمىدى ، يېرىم يىللىق ئىجارىنى بەرمەي قېچىپ كەتتى، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە كىرىپ باقمىغان، ئۇ يېرىم يىلدىن بېرى پەيدا بولمىغاندىن كېيىن ئۆينى بىكالاپ باشقا بىرىگە ئىجارە بېرەي دەپ ئىچىگە كىرسەم پۈتۈن ئۆيدە رەسىم باركەن، ئۇ دائىم بەك كەچ ياتاتتى، ئۇنىڭ بىر قولى بولمىغاندىكىن رەسىم سىزا دېگەننى ئويلاشماپتىكەن...مەن يۆتكەۋاتسام   بىرەيلەن كېلىپ بىر پارچە سېتىۋالدى، ئۆيۈمنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 100 يۇەن بولغاندىن كېيىن يېرىم يىللىقىنى ئۈندۈرىۋالاي دەپ 600 دېسەم باھا تالاشمايلا سېتىۋالدى، ئۇ نائەھلى پۇلۇمنى بەرمەي قاچقاندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ نەرسىلىرىنى ساتقىلى ئەپ چىقتىم، تېخى بايىلا ئەپ چىقىشىم ...
- چولاق دېدىڭىزما؟ ئوڭ قولى يوق شۇنداقمۇ ؟
-ھەئە...ئۇ ئىككى يىلدىن بېرى مېنىڭ ئامبار ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ...
-ئەپەندى ،ئۇ يېرىم يىل ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى ...
يايمىچى ئەجەپلەنگەندەك بولۇپ ،يۈزىنى تۆۋەن سېلىۋالدى .
-مەن ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئۇنىڭ بىرەر تونۇشىنىمۇ بىلمەيتىم، ماڭا ئۇنىڭ قازا قىلغىنىنى ھېچكىم دېمىدى، ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن .
-مېنى ئۇنىڭ تۇرغان ئۆيىگە ئاپىرىڭ، مەن ئىجارە ھەققىڭىزنى بېرەي ، ماڭا بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ...
ئۇ يايمىچىغا ئەگىشىپ ماڭدى ، يايمىچى يەر ئاستى ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن كىچىك  بىر ئىشىكنى ئاچتى ۋە ئۇنى چاقىردى ، ئۇ كىرگىنىچە ھەيران قالدى ، تامدا ئۇنىڭ ھەرخىل قىياپەتتىكى سىزما رەسىملىرى تۇراتتى ... ئۇلارنىڭ ھەممىسى  ئۇنىڭ دۇكاندىكى قىياپەتلىرى ئىدى .
   ئۇ كۆرگەنسىرى ھەيران قېلىۋاتاتتى... ئۇنىڭ كۆزى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە سۈرەتكە كېلىپ توختىدى .
     سۈرەتتە سىزىلغىنى ئۆزىنىڭ بىر قولى يوق بىرىگە چاپان كەيدۈرىۋاتقان ھالىتى
بولۇپ ، ئوڭ يانچۇقىغا سۇس قىلىپ « سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دەپ يېزىلغانىدى.



مېنىڭ ھېكايەمنى ياقتۇرغىنىڭىز مېنىڭ ئەڭ زور خوشاللىقىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن، ھارماڭ !

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31418
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6459 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق ھىكايە ئوقۇمىغىلى ئۈزۈن بوپتىكەن، نادىرلاشقا تىگىشلىك.
بىراق ھازىر ھەرقانداق دوختۇرخانىدا  ئاۋال ئادەم قۇتقۇزىدۇ. مۇشۇ يېرىگە دىققەت قىلىڭلار، ئاق خالاتلىق قاسساپ پېتى يېزىۋەرمەڭلار.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:33:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋېلىپ ئوقۇي ھە

مېنىڭچە چوقۇم پۇتاق چىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4717
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4287 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تەسىرلىك ھېكايەئىكەن . كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى . ھەقىقەتەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78259
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 08:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست بەك ياخشى يېزىپسىز ، ھەم بەك تەسىرلىككەن. خۇدايىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن...

ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23171
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4667
تۆھپە نۇمۇرى: 217
توردا: 875 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تەسىرلىك چىقىپتۇ.قەلىمىڭىزگە بارىكاللا... ھارمىغايسىز.

مەيلى زوق ئالسۇن كىم بىر تىلدا،
مىنڭ ئۆز تىلىمغا جىنم مىڭ پىدا.
ئەگەر ئەتە يوقالسا شۇ ئانا تىلىم،
بۈگۈنلا بولايمەن جىنىمدىن جۇدا.

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7583 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن  نۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان غۇ بۇ ھىكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتىكەن .  

جەننەتكە ئاشىق

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12234
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8925 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمىدا بۇنداق ھېكايە ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن...نەپسىم بۇغۇلغاندەك بۇلۇپ كەتتى،
تىلەمچىنىڭ نەزىرىدە پىنھاندىكى مۇھەببەت تېگىشلىك بولغان ۋىسالغا يەتكەن ئىدى،گەرچە بىر كۈنلۈك بولسىمۇ....
قىزنىڭ قەلبىدە ۋىسالىسىز مۇھەببەت ئازابى،تىلەمچىنىڭ ھاياتىغا بولغان ئۆكۈنۈش قېلىپ قالدى..
ئېسل يازما..يۈرەكلەرگە تېگدىغان..

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20890
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2795 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:14:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ھىكايىنى ئوقۇۋىتىپ ئۆزەمنى تەسىرلىك بىر كىنو كۆرگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، كۆزلىرىم نەملىشىپلا قالدى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش