yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 06:18 PM 
مەنمۇ مۇشۇ مەسلىدە بىر قارارغا كىلەلمەي بېشىم قېتىپ تۇ ...
ئىنكاسنى ماڭا قارىتىپ يېزىپسىز چۈشەندىم ، تېمىدىن پۇتاق چىقارمىدىم ،بۇ تېمىنى مەن پەقەت ئېغىز مۇنازىرىسى دەپلا قارايمەن خالاس ،بۇ خىل تېمىلار ھەم تور بەتلەرگە جىق يوللىنىپ كەتكەن ،بەزىلەر ئىسلام دىنىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بۇ ھالەتنى خاتا دەيدۇ ،بەزىلەر رېئاللىقتىكى ئەھۋاللارغا قاراپ تۇرۇپ توغرا دەيدۇ ، بەزىلەر نىكاھ غايىپ باشقا كەلگەننى كۆرىدىغان گەپ دەيدۇ ....
چىن ،پاك مۇھەببەت ئۇ تارىختىن بۇيان كىلاسسكلىرىمىزنىڭ «پەرھاد-شېرىن »،«لەيلى -مەجنۇن »،«تاھىر -زۆھرە»،« غېرىب -سەنەم» قاتارلىق داستان ئەسەرلىرىدە كۈيلىنىپ تا بۈگۈنكى كۈن ئەدەبىياتىغىچە مەڭگۈلۈك بىر تېما بولۇپ قالدى،لېكىن بۈگۈنكى كەلگەندە ھەددىدىن ئارتۇق «ئېچىۋىتىش» قاتارلىقلار تۈپەيلى قسىمەن ئەخلاقسىزلىق،يولدىن چىقىشقا ھەم سەۋەپ بولۇپ قالدى،قىسقىسى ھەر قانداق بىر ھادىسنىڭ ئىجابىي -سەلبىي تەرىپى بولىدۇ ، بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا «ياخشى -يامان »دەپ ئايرىغىلى ھەم بولمايدۇ ، شۇڭا بۇ خىل مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ ...
ئىنكاسىڭىزدىن قارىسام سىز مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن ئىكەنىسز،بىراق تېمىدا ئاپتور ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە توي قىلىش ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ ،تېمىنى چۈشىنىپ ئوقىدىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم،مەن بولسا باشقا پۈتۈلگەننى كۆرۈش كېرەك تەرەپدارلىرى..مانا مۇشۇنداق ئاددىي ..
ئاخىرىدا ئەسكەرتىش تېمىنى ئەھمىيەتسىز ياكى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىمىدىم ، باھا بېرىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇم ھەم يوق ، پەقەت ۋە پەقەت ئاۋۇ مەن ئەۋەتكەن تېمىدىكى ئانا ئەھۋالىغان قارىتا باشقا ھەر قانداق مۇنازىرىنى ئەھمىيەتسز دەپ قارىغان ئىدىم ....چۈشمىگەن يەرگە سۆزلەپ قويغان ئوخشايمەن ،قارىسام ئىزچىل دىندىن سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئاپتورمۇ ھازىر ئادەمنىڭ ياقىسىدىن ئالىدىغاندەك ئىنكاس يوللاپتۇ ،سىزمۇ مېنىڭكىنى خاتا دەپ قاراپىسز ،ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسا ئۆزرە،،،،،،،،
ئاۋۇ تېما نېمە سەۋەپتىندۇر ئۆچۈرۈلۈپتۇ ،ئەسلى مەنبە مانا
http://www.bloghumar.com/?p=826