مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ozhal

(ئۆزھال) ئۆلۈم گۈللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79047
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:10:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14837
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئۆلۈم گۈللىرى›  مېنىڭمۇ بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ...بۇ گۈللەر پەقەت ياۋرۇپالىقلارغىلا خاس گۈللەر ئەمەس ھايات ۋە ياشاش قەدرىنى ھېس قىلغانلارغا يېقىنلىشىدىغان گۈللەر...
  ئۇزۇن بوپتىكەن ياخشىراق بىرەر پارچە ئەسەر ئوقىمىغىنى...
    بۇلار دەۋىردۇ-ئۆزھال،بىز يەنىلا تۈزۈتۈپ ئوقىلىۋىرمىز...

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:22:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھەممىز ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېىتىغۇچىلارمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 01:49:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم داڭگالسىنى سىغىندىم  . زىندان قەسىدىسىنى يىزىۋاتىمەن . ئالا جوقا سۆزلىگەنلەرنىڭ بىزنى دارغا ئېسىشتىن باشقا ھىچ ئىشقا كۈچى يەتمەيدۇ . ياشىسۇن ئۇيغۇرنى دەپسەندە قىلىدىغان چەكسىز ھوقۇق. تاللىشىمىزنى ھۈرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان قىرىنداشلىرىمىز دارنىڭ يىپىنى ئەشكۇچىلەردۇر  . بىزنىڭ ياشىغانلىغىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئەيىپ ھەم گۇناھ .  بىز قانداق دەۋىردە ياشاۋاتىمىز ھەي قانداق دەۋىردەياشاۋاتىمىز  ؟ بوپتۇ ياشىسۇن . مىنى تىللىغانلارنى مىنى سۈيۈپتۇ دەپ ياشاي چۈنكى بۇ ۋەتەن . ئانا تىل ۋەتەن تىل ھاقارەت ۋەتەن . ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئەمەس مىڭ جىنىم پىدا بولسۇن . قىنى ئەي مەن كۈتكەن ۋەتەنلەر قىنى سىلەر . بەھۇزۇر كىلڭلار . لىكىن يۈزۈڭلار قىزارمىسۇن . چۈنكى سىلەر قەھرىمان بولساڭلار مەن ئەڭ ئەرزىمەس ئادەم قىنى كىلىڭلار قەھرىمانلار كىلىڭلار ...........................................................................................

ئۆزھال --

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 11:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-25 01:49 AM
قىرىندىشىم داڭگالسىنى سىغىندىم  . زىندان قەسىدىسىنى يى ...

   ئەپەندىم، ئازراق ھاياجانلىنىپ قالدىڭىز، قارىسام سىزنىڭ بۇ يازمىلىرىڭىزنى ھەر تەرەپتىن باھالاپ كۆرگەن تورداشتىن بىر مەن يالغۇز بار ئىكەنمەن. لېكىن سىز بۇ يەردە ئاللىقانداق بىر تۈركۈم رەزىللىك ۋەكىللىرى سىزنى تىللاپ كەتكەننىڭ گېپىنى قىلىپ كېتىپسىز. قەيەردىكەن ماڭا بىر كۆرسىتىپ قويۇڭە. سىز تىللىنىشتىن ئارتۇقچە تەمە تارتىپ كەتكەندەك قىلىسىز. خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ خىل ھوزۇر سىزگە نېسىپ بولمايدۇ. مەن پەقەت ئىملاسىغا قارىسام سەل قۇسۇر جىقكەن، شۇنىڭغا بېقىپ يەنە باش تېما بىلەن ماۋزۇ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى راستلا ئەرزىمەس ئادەم بولسىڭىز، مەن قەھرىمان بولاي. سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز قايسىدۇر «关云长» فىلىمىدىكى ساۋساۋنىڭ سەھنە سۆزىنى ئەسلەتتى. كىمنىڭ قەھرىمان كىمنىڭ ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاۋام بەلگىلەيدۇ.

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئۆلۈم -ئەڭ يېتەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51936
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5826
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-8-17
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 01:50:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=right]ئەسسالامۇئەلەيكۇم!ئۆزھال ئەپەندى.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولغاي.ھېسلىرىمنى دوستانىلارچە پىكىر دەپ چۈشەنگەيسىز .(1) يازمىڭىزدىكى <بىۋاپا دۇنيا>،<مۇدھىش ھايات>دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش ئسلامنىڭ روھىغا خىلاپ.چۈنكى زامان،تەقدىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدەئۇ جانسىز نەرسە.ئۇنى تىللاش،قارغاش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارىشى سۆزلىگەنلىك.بۇ ھەقتەئىسلامى مەنبەلەردىن ئىزدەنسىڭىز.(2-)<ئاۋال ئادەم بول ،ئاندىن ئوغرى بول>دېگىنىڭىز مەلۇم نۇقتىدىن تۇغرىدەك تۇيۇلسىمۇ خاتا سەپسەتىدۇر.ئادەم بولۇش ئادەمدىكى كامىللىققا قارىتىلۋاتقان سۆز تۇرسا ھەقىقى ئادىمىلىككە خىلاپ ئوغرى بولۇشنى  تەرغىپ قىلىش خاتادۇر.ئىسلام شەرىئتىدە ئوغرىلارنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قارىتا قولى كېسىلىدۇ.ئەلۋەتتە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ.بەزىلەر بۇ بەك ئېغىر جازاكەنغۇ دېيىشى مۇمكىن .بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى نەچچە يۈز يىلدا ئاران تۆت ئوغرى چىققان ئىكەن.بۇ قۇلىنىڭ كىسىلىشىدىن قورققانلىق بولۇپلا قالماي ئاللاھقا بولغان بولغان ئىتائەتنىڭ  نەقەدەر  ئومۇملاشقانلىدۇر .(3) <دۈم يېتىپ يىغلاش>توغرىسىدىكى يەرلەرنى ئوقۇۋىتىپ ،ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈك ئەپەندىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ {بۇ ئا.جالالىدىننىڭ سۆزى} جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۈم ياتقانلىقىنى كۆرۈپ<<ئى جۇندۇپ !دۈم ياتما.بۇ دوزىخىيلارنىڭ يېتىشىدۇر >>دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى.(4)ساراڭ ئوڭشالغۇچە،ئۇخلاۋاتقان ئادەم ئويغانغۇچە...قەلەم ئۇلاردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىلىدىغانلىقى ئىلاھى ئەمىردۇر.شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ بەزىدە ساراڭغا  ھەۋەس قىلىپ قالىمەن ،ئەممائەقىلدىن ۋاز كېچىپ ساراڭلىقنى ئارزۇ قىلىش ئاللاھ بەرگەن نېمەتكە ناشۈكۈرلۈكتۇر.بۇ جاھالەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارا  ئەرزىيەتلەرگە سەبىر قىلىش،ساراڭلار ئارسىدا ساراڭ ئاتىلىپمۇ ئەقىل يۈكسەلىكىدە ياشاش ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشتۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى(س.ئە.ۋ)مۇشرىكلار ساراڭ دەيتتى،شائىر دەيتتى.ئۇ زات سۈكۈت قىلاتتى ،چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ كۇپايە ئىدى. قېرىندىشىم !قەلبىمىز جاھالەت مەجنۇنلىرى تەرىپىدىن زەخمە يېگەن چاغدائەقىل دۇلدۇللىرى ئۈستىدە بەرقارار ئولتۇرۇشنى ياراتقۇچىمىز نىسىپ قىلغاي.(5)ۋەتەن ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ ھەر ھالدابۇرۇن يازغاندەك ‹‹بىراۋ ماڭا بەرسىمۇ جەننەت،كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن››دەپ بىلمەيلا جۆيلۈپ سالمىغانلىقىڭىزدىن ھەرھالداسۆيۈندۈم.ئەمما ‹‹ۋەتەن سەزگۈسى دىننىڭ....ياكى ھەرقانداق كۈچكە بويسۇنغان ئەمەس دېگىنىڭىزگە قايىل ئەمەسمەن.ۋەتەنمۇ ،سەزگۈمۇ،.....ھەممىسى ئاللا ھنىڭ .دىنمۇ ئاللاھنىڭ.دىنغا بويسۇنمىغانلىق= ئاللاھقا بويسۇنمىغانلىق.بويسۇنماسلىق  ئازاپتۇر.ئىبلىس ئەقلىگە ئىشىنىپ ئۆكتە قوپتى، ئازاپقا نائىل بولدى. ۋەتەننى  جەننەتكە تېگىشمەكچى بولغانلارسىزلا ئەمەس،بىزدە كۆپ،خۇددى سىلىشتۇرىدىغان نەرسە تاپالمىغاندەك.خۇددى جەننەتنى  ئاللاھ ئەمەس ئاتالمىش بىراۋلار ‹ئالە،ئاداش ›دەپ بېرىۋىتىدىغان بۇيۇمدەك...ئۇلارچە جەننەت ئەپسانىلەردىكى بىر نېمىلەردەك مەۋھۇم.شۇڭا چوڭ بىلمەي ياراتمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەسلى ۋەتىنى دەل جەننەتتۇر.ئادەم ئاتىمىز ئەسلى ۋەتىنى جەننەتىن كەلگەندۇر.بۇ دۇنيادىكى ۋەتىنىمىزنى قانچەسۆيسەك، ئەسلى ۋەتىنىمىزجەننەتكە يېتىش ئۈچۈن چەندان -چەندان ئاشىقى بىقارارلىق،ئىلاھقا ئىتائەتمەنلىك بولمىقى زۆرۈردۇر.شەيتانغا ۋەتەن بولمىش جەھەننەم شەيتاننى ئىلاھ بىلگەنلەرگە ئەلۋەتتە جايىزدۇر.چۈنكى ئۇلار  ئاللاھنى تەرك ئەتكەندۇر . قېرىندىشىم!ئۆزھال،مەنمۇ يىگىرمە يىللىق ئەدەبى ھەۋەسكارلىق ھاياتىمدا ئېلان قىلدۇرغان بەزى  ئەسەرلرىمدىن ۋاز كەچتىم.چۈنكى مەنمۇ غەرپ مائارىپى،غەرب ئەدەبىياتىنىڭ دۇلقۇنىدا يۈرگۈزگەن غەربچە تەپپەككۈرۈمنىڭ  ئىلاھى يوليورۇققا زىتلىقىنى بىلىپ تەۋبە قىلدىم.ئاللاھ سىزگە مەڭگۈ ساغلام تەپەككۇر ئاتا قىلغاي.پىكىرلىرىمدىن رەنجىپ قالغان بولسىڭىز كەچۈرگەيسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79540
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ خاراكتىرى تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ ....بۇ راس....تۇغۇلغىنىغا خوش،گۆش يەپ ،ھۇزۇرلىنىپ راھەت كۈلگەندە،........تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىىلىپ ئاتا-ئانىسىنى ...دۇنيانى تىللايدۇ....بىر پارچە نان تېپىپ يىيەلمەي ئاچ قالغاندا.....ھاياتلىق .ئىسسق قان.....ئاللانىڭ بىزگە بېرىپ تۇرغان ئۆتنىسى....ئۇنى جايىدە ئىشلىتەلمەي يەنە كىمنى تىللامىز .....رەھمەت دوستۇم،ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھال) قىزلار قىنى؟ دۇنيا قىنى ؟      

ھايات دىگەن ئاجايىپ نىمە . ئاققان سۇدەك ئۆتىدۇ ھايات دىگەندىن باشقا ئوخشىتىشلاردىن باشقا تەسۋىر يىتىشمەي قالىدۇ . ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتىدۇ بەزىدە ھىس قىلىمىز بەزىدە ھىس قىلالمايمىز . بەزىدە ئۇزۇمنى كىچىكلا بالىدەك ھىس قىلىمەن . لىكىن بۇرۇن مىنى ئۇكا دەپ گەپ قىلدىغانلارنى كوچىلاردا ئۇچراتماق تەس بوپ كەتتى . بالام دەپ گەپ قىلدىغانلارنىڭ كۇپىنى ئاپىرىپ كۇمۇپ قويدۇق . كوچىلاردا ماڭا ئۇچرايدىغىنى ئاكا دەيدىغانلارغا ئالماشتى . ھەي چوڭ بوپتۇق جۇمۇ دەپ تۇرساڭ ھارماڭ دادا دەپ بىر بالا ئالدىمىزغا كىلىدۇ . كىم سىز كىمنىڭ بالىسى دەپ سورىساق ئالدىنقى يىللىرى تويغا ناخشا سازلارنى چىلىپ توينى قىلىپ قويغان بۇرادەرىلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ بالىسى بۇلۇپ چىقىدۇ . ھەي كاساپەت يىللار مانا نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇھەببەتنىڭ ھەسرىتىنى چىكىپ بىز سۇيگەن ۋە دەردىنى تارتىپ يۇرگەن قىزلارنى تاڭ ئاتقىچە ئەسلەشتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ئۇ قىرىپ كەتكەن ۋە ھارغىن ھالەت بىلەن تۆت بالسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئالدىمىزدىن ئۆتۇپ قالىدۇ . چاچلىرىمىز چۇشۇپ ئاقىرىپ كىتىۋاتىسمۇ ھېسيات يەنە ياش . يۇرەك ئون سەككىزدە جالاقلاپ سوققىنى سوققان . ھىچ بولمىسا يۇرەكنىڭ سوقىدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالاي دىگەندە ئالدىمىزدىن بىر چىرايلىق قىز ئۇتۇپ قالسا ئايالىمىزغا خىيانەتلىك ھىسيات ئىچىدە ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىشلىرىمىز بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى يەنە ئون بەش ياشقا ئاپىرىپ قويىدۇ . ھەي كىم مىنى چوڭ ئادەم دەيدۇ دەپ تۇرساق ئوتتۇز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇن ئۇچۇن ئايالىمىز ياشانغانلار كىيدىغان پەلتۇ بازىردا بىزنى چۇرگىلىتپ يۇرۇپ ساراڭ قىلىپ قويىدۇ . ھەي مەن دىگەن تىخى دەپ ئارقىمىزغا قاراپ باقساق قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق راس شۇ ياشقا كىرىپ قالغان . ياشلىقتا چىكىدىغان ھەسرەتلەرنى بالىمىزغا ئۆتكۇزۇپ بەرمەي تۇرۇپ قىرىلىق ، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى بىزگە خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان . پات پات مىجەزىمىز يوق بۇلۇپ يىتىپ قالساق بىزنى يوقلاپ كىرگەن خوشنىلار ئادەت بويىچە ئادەم ياشانغاندا ئۇششاق چۇششەك كىسەلدىن يىراق تۇرغىلى بولمايدۇ سەۋرى قىلىڭ دەپ تەسەللى بىرۋاتقان . ھەي مەن تۇنۇگۇن تىخى قىيغىتىپ يۇرگەن بىر بالا ئىدىمغۇ دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرساق ساۋاغداشلار نەۋرەم دەپ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن نەۋرىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ ئۆيگە كىرۋاتقان . مانا ھايات دىگەن مۇشۇنداق تىز ئۆتىدۇ . لىكىن يالغۇزلۇقنىڭ ھەسرىتى يۇرەكنى ئەزگەندە .ئامالسز دوستلار بىلەن كەچلىك بازارلاردا تىنەپ يۇرگەن ئىشلار . ئۇرۇش جىدەل ۋاقىراش جارقىراشلار ئىچىدە ئۆتكەن ھايات . قايسىدۇر بىر قىزلارنىڭ چىرايلىقلىغى ھەققىدە پاراڭ قىلشىپ گىلىمىزغا قاپلشىپ قالغان شۇلگەيلىرىمىزنى يۇتۇشقا ئۇلگۇرمەيلا قىزلىرىمىز چوڭ بۇلۇپ قىلۋاتقان . بىز سۇيگەن قىزلارنىڭ خۇددى بىز ئەڭ ئەرزىمەس ئادەمدەك تاشلاپ كىتىپ يۇرەكنى قان قىلغانلرىنى شېئىرلارغا قوشۇپ ئەمدى ئۇنىڭ موزىكسىنى ئىشلەپ ناخشا قىلىپ بولغىچە ئۇلارنىڭ چىشى چۇشۇپ ماكاشلاپ قالغان . باللىق چاغدىكى ۋە ياشلىق ھىسياتلىرىمىزىنىڭ تىخى ئەستىن كۇتۇرۇلمىگەن ھەسرەتلىرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئەستىن چىقماي تۇرۇپلا يەنە يىڭى بىر يىلنى كۇتىۋىلىۋاتقان . زىرىكىشلىك ھايات . ئاستىدەكلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ئەركىشنى خوتۇن كىشى . ئايالنى ئەر قىلىۋىتىدىغان ئەزمە ۋاقىت ھەممىزنىڭ ۋۇجۇدىنى مانا مۇشۇنداق كۇرۇنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاپ كونىرىتىپ بىزنى قىرىشقا . ئۇلۇمگە قاراپ ھەيدەپ كىتىۋاتقان ئىشلارنى قۇبۇل قىلماي دىسە تىخى قۇبۇل قىلاي دىسە تىخى . ئىنساننىڭ بىر ئۆمىرى مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن پالاقلاپ ئۆتۇپ كتىدىكەن . لىكىن ئەركىشى ھىس قىلمامدۇ ياكى ئايالمۇ شۇنداقمۇ بىلمدىم ئىش قىلىپ ھايات ناھايىتى تىز ناھايىتى .
بەزىدە سىرىتلاردا يول يۇرۇپ قالسام كوچىلار ساپلا بىز تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كىتىدۇ . قىزلار ئەمدى ئانسىنىڭ ئەمچىگىدىن ئايرىلغان تايدەك جۇشقۇن روھ بىلەن يۇرەككە دەسسەپ دىگەندەك كتىۋاتقان ھالتىنى كۇرگەندە كۆزلەر قايتا باشتىن رۇشەنلىشىپ بىر چىرايلىق قىزلارنى كىملەرگىدۇ ئوخشىتىش ئىچىدە دوختۇرخانىغا ماڭغىنمىز ماڭغان . مانا ئۆمۇر مۇشۇنداق ئۇتۇپ دۇنيا مۇشۇنداق تۇگەپ كىتىدۇ . يەكەندە باي ئۆتكەن بىر ئادەم بۇلىدىغان . ئۇ ماڭا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ بىرەتتى . ئۇ چاغدا مەن كىچك ئىدىم راستىنلا كىچىك ئىدىم . ئۇ ماڭا ئۇكام قىزلارنى يەر يۇتۇپ كتەمدىكىن دەيمەن . شۇنداق چىرايلىق قىزلار شەھەرنىڭ كوچىلىرىغا لىق كىلىپ بىر نەچچە يىل دەۋىر سۇرۋالغاندىن كىين تۇيۇقسزلار يوقاپ كتىدۇ . ئۇلارنى ئەرگە تەگىدىمىكىن دىسەك يەنە بىر ئولتۇرۇشلاردا ئۇچراپ قالىدۇ . ئۆلدىمىكىن دىسەك ھاياتتەك . تىرىكمىكىن دىسەك دىرەك يوق . ھاياتلىقتىن نىشان يوق . مۇشۇ تەڭ ئۆسكەن قىزلارنىڭ كوچىلاردىن يوقاپ كىتىشى ئادەمنىڭ روھىنى چۇشۇرۋىتىدۇ دەپ بىرەتتى . راس مەن يۇرىتتىن ئايرىلىپ نەچچە يىلدىن كىين كەلسەم مەندىن ئون ياش كىچىك باللارمۇ بىردىن بالىنىڭ دادىسى بۇلۇپ بوپتۇ . قىزلار ئەرگە تىگىپ تۇگەپتۇ . ئىشلار پۇتۇنلەي قالايمىقان بۇلۇپ كەتكەندەك كۇرۇنگەن ئىدى . كيىن ئۇرۇمچىگە كىلىپ خىزمەتكە چۇشتۇم . بىر توپ ئاياللارنىڭ قاتارغا كىرىپ قالدىم . ئۇلار شۇنچىلىك ياش ھەم چىرايلىق لىكىن روھسىز چۇشكۇن ئىدى . ئىچەتتى . ئىچىپ مەس بۇلۇپ ئەتىرنى باشتى تۇكۇپلا چىققان تۇرقى بىلەن تولغان كۇكسىنى مەيدەمگە چىڭ يىقىپ تۇرۇپ ھارغىچە يىغلايتتى . ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۇچۇن يىغلىغانلىغىنى بىلمەيۋاتسا مەن ئۇلارنىڭ نىمە ئۇچۇن يىغلغانلىغىنى نەدىن بىلەي ؟ مەن چىرايلىق ئاياللارنىڭ ئۇزاق يىغلشىنى يىغىلغاندىمۇ قىقىلىپ يىغلىشىنى ياخشى كۇرىمەن . چۇنكى ئۇلار يىلغاندا ئەڭ سەممى ھالىتىنى تىپىۋالىدۇ . ئاياللار يىغلىسا ئىچ ئاغىرتىش گۇدەك يىگىتلەرنىڭ تۇنجى سۇيگۇسىدىلا بۇلىدۇ . شۇڭا ئايالىمنىڭ مەندىن نارازى بۇلۇپ يىغلىشىنى مەن توسىمغاچقا ئۇ مەندىن بەك رازى .چۇنكى مەن ئۇنىڭ يىغلاش ھوقۇقىنىمۇ تارىتىۋىلىپ ۋاي نىمە بولدىڭىز دەپ كىرىشۋالسام ئۇنىڭ ئىچى تىخىمۇ پۇشۇپ تىخىمۇ يىغلاپ كىتىشى مۇمكىن . چۇنكى يىغلاش ئازاپتىن بەكرەك كۇنۇش ۋە پىسخكا مەسىلىسى . بىر ئايال ئەڭ قىممەتلىك ئادىمدىن . سۇيگەن ئادىمدىن ئايرىلىپ يەنە ئەرگە تىگىپ ياكى پاھىشە بۇلۇپ كىتپ چىدىسىمۇ لىكىن يىغلىماي ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا ئاياللارنى يىغلىغىلى قويۇش كىرەك چۇنكى ھايات بەك تىز . ئايال ئوقتەك ھاياتتا تىز تىز يىغلاپ ياشتىن ئىبارەت ئادەمنىڭ ئۆمىرىنى قىسقارتىۋىتىدىغان زەھەرنى بەدىندىن چىقىرۋەتمسە ئاخىردا بىز بەختسىز بۇلۇپ قالىمىز . شۇڭا ئاياللارنىڭ ئۆمىرى ئۇزاق بۇلىدۇ . ئاياللار كاللسىنىڭ سۇينى ياش بىلەن چىقىرىۋىتەرمىش شۇڭا خاتىرجەم ياشاش ھەم ئاياللارنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى قۇرۇق تىلەك بىلەن تىلىمەي ئۇلارنى قانغىدەك يىغلىغىلى قويۇشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى جىنىدىن بەك ياخشى كۇرۇشنىڭ ئىپادىسى .
تۇرۇپ ئەسلەپ قالىمەن . ھايات مۇشۇنداق تىز ئۆتىۋاتىدۇ . لىكىن بىز يەنىلا بىخۇتلۇق بىلەن ياشايمىز . ھىچ ئىش قولدىن كەلمەيدىغان ئەزىزلەرنىڭ قولىدىن باشقا جىنىسقا بولغان قىززىقىشمۇ بولسا كىلىدۇ . يامانلرىنىڭ قولىدىن خىيانەت كىلىدۇ . بىز تىرىشتۇق .بار كۇچمىز بىلەن تىرىشتۇق . لىكىن تىرشىپ تاپقىمىز نىمە ؟ ئارمان قاپاقىلرىمىز ھىلھەم قەلەندەرنىڭ خورجۇندىەك بوش تۇرۇپتۇ . لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بوشاپ قالمىدۇق . ئۆمۇردىن ئۇزاق ئۆمىت ھامان بىزنى بەزلەپ كەلدى . لىكىن تىرىشىپ تاپقان دۇنيا . تاپقان نام شۇھرەت تايىنلىق . يەنىلا مائاشنى قاچان بىردىكەن دىگەن سۇئال كاللىمىزدا موھىم ئىشلارنىڭ تەركىۋىدە سۇرۇلۇپ يۇرىيدۇ . ئەرلەر ئەزەلدىن ئايالنىڭ ئالىدىدا بىر بالا . چوڭ ئادەمنىڭ سالاپىتى . بىلمىى تۇرقى كاستىيۇملىرى چوڭ يولدا قالىدۇ . پىنھاندىكى يەتمىش ياشلىق بىر ئەركەك ئون يەتتىگە كىرگەن بىر قىزنىڭ ئالدىدا قۇل ھەم تىخى گۇدەك بىر بالا . لىكىن قىزلار قىنى دىگەن بىر سۇئال بىلەن مەن كۇتكەن باللىق چىغىمىدا خىيال قىلغان مۇھەببەت ۋە مەن تىرىشىپ ياراتماقچى بولغان دۇنيا قىنى؟ دىگەن بىر سۇئال قەلبىمنى ئاچچىق قىلىپ قويىدۇ . بەزىدە تاماكا تاشلايمەن بەزىدە ھاراق . لىكىن ھىچ نەرىسنىڭ بىر بىشىنى . نەتىجىسنى كۇرسەتمەيدىغان ھاياتنىڭ ئەرزىمەس يوللىرى بىزنى قىرىتىشىن باشقا بىزگە ھىچ نەرسە بەرمەيدۇ . ئاخىرى بىز سۇيگەن قىزلارنىڭ ۋاپاسىزلىقلىرى بەدىلىگە يەنە برى ئايال جىنسىنى نىكاھىمىزغا ئىلىپ پىشانەمگە پۇتكىنى مۇشۇ ئىكەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياشايمىز . باللىق بۇلىمىز . باللىرىمىزنىڭ غىمى بىزنى ئاستا ئاستا قىرىتىپ بىر يەرگە ئاپىرىدۇ . ياشلىق ھىسياتىلىرى پات ئىسىمىزگە كەلگەندە جوھىت بوپ كەتسەممۇ بىر ئىچەي دەپ چىلاشقىچە ئىچىپ بارلىق ئازاپتىن قۇتۇلماقچى بۇلمىز . لىكىن ئازاپ ئۆز پىتى باش ئاغىرىنى ئاغىرىغان . شۇنىڭ بىلەن ھاراقنىڭ چىشلىۋالغان سىېسىق چىشنى چاقىمىز دەپ بىر كۇننى ئۆتكۇزىمىز . ئەتىسى بىلىم ئالاي جۇمۇ دەپ كىتاپقا قاراپ باقىمىز . كىتاپ يەنە ئۆز پىتى تۇرغان . بىزدە بىلىم ۋە ئىقتىدار بەك كۇپ بولمسىمۇ ھەر ھالدا بار . لىكىن ئۇنى ئىشلىتىپ پۇلغا ئايلاندۇرغىدەك جاھان ۋە شارائىت يوق .شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۆلپەتلەر بىر يەرگە كىلىپ قالمىز دۇتتار قولغا چىقىدۇ . قىزلارنىڭ پارىڭى ئىغىزغا چىقىدۇ . قەسەملەر . ۋەدىلەر باشلىنىدۇ . يەنە بىر كۇن ئۇتۇپ كىتىدۇ . نەزىرىمىزىدە بىز ياش. بىز سۇيگەن قىزلار بىر كۇنلەردە پۇشايمان قىلىپ ئالدىمىزغا يۇكۇنۇپ يىغلايدىغاندەك ھىسيات ئىچىدە ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىمىز. لىكىن بىزنى قىرىتىپ كىلۋاتقان ھايات بەختىسىز باللىرىمىزنى ئاشىغلىق يولىغا سالىدۇ . ھايات دىگەن نىمە دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپماي تۇرۇپ بىرىسمىزئەيدىز بۇلىمىز بىرسمىز راك . شۇنىڭ بىلەن ئارزۇ ئارمانلرىمىزىنى تاشلاپ قويۇپ كېسەل ئازابىدا تولغانغىنمىز تولغانغان . شۇنىڭ بىلەن بىزگە ھىچ نەرسە بەرمىگەن دۇنيا كۆلكە كەتمەيدىغان چىرايىمىزنى تىخىمۇ سارغايتىپ تىرىك ھالەتتە نەچچە قىتىم قەتلى قىلىدۇ . شۇ چاغدا ھاياتنىڭ ئازاپ ۋە دەرىت كۇلپەتتىن باشقا ھىچ نەرسە ئەمەسلىگىنى ئەسكە ئىلىپ بىلىم ئىلىپ ياخشى ئادەم بۇلۇش مەخسەتلىرىمىز ھەققىدە پات پات ئويلىنىپ قالىمىز . دۆم يىتىپ دۈم قوپوپ ئۆگەنگەنلىرىمىز ئۇچۇن ئازاپ بۇلاقلىرىدىن قانغىدەك بىرىپ قالغىننى ئۇ دۇنياغا ئامانەت قىلىپ قويىدۇ . ئاندىن بىزنىڭ تەڭتۇشىلىرىمىز دۇنيادىن ئۇزاشقا باشلايدۇ . ئارقىدىن بىز جاننىڭ غەلىۋىسى ۋە تەشىۋىشى بىلەن مەڭگۇلۇك سەپەرگە ماڭدىغانغا تەييارلىق قىلمىز . ئاخىرىقى ھاياتتا ئەسلىسەك ھىچ نەرىسنىڭ ئاقمايدىغانلىغىنى ھەم ئاقمىغانلىغىنى ھىس قىلمىز . بىز بىلەن تەڭ تۇغۇلغان لىكىن تەلەيلىك ئادەملەرنىڭ نەچچە يۇز مىڭ سومغا يۇرەك جىگەر ئۆپكە ئالماشتۇرۇپ يەنە مەغرۇر ياشاۋاتقانلغى بىزنىڭ ھەسىتىمىزنى كەلتۇرىدۇ . پۇل تاپالمىغان . زىيالىيلىغىمىز شۇ پىتى ئۆزى بىلەن كىتىدۇ . ئەنە شۇ چاغدا بالزاكنىڭ دۇنيادا ئازاپتەك مۇكەممەل نەرسە يوق دىگەن سۇزى ئسىمىزگە كىلىدۇ . لىكىن قان سوۋىغان . تەن زەئىپلەشكەن . جەڭگىۋارلىق ئۆمىتسزلىك ئىچىدە تۇگەشكەن . ئارمانلار ئۆلگەن . جاسارەت بىزدىن ۋاز كەچكەن ئاشۇ يىللارنىڭ قوينىدا ئەزرائىل جاننى ئىلىپ بولغىچە بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن بۇلىمىز شۇنىڭ بىلەن دۇنيامۇ تۇگەيدۇ قىزلارمۇ ئۆزىمىزمۇ ھەم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى سۆزۇم

ئەي دىلرابا . مەن ۋەسلىڭنى ئىزدەپ ، ساڭا ئىنتىلىپ بىئازار كۇڭلۇم رەخمە يىدى . مەن جاراھەتلىك ئەسلىمىلەر ئىچىدە ياشاپ ھاياتىمنىڭ بۇگۇنىگە نەزەر سىلىشتىن تامام بىزار بولدۇم . مىنىڭ ھاياتىم وەقەت ئاخىرى چىقمايدىغان قارا چۇش ئىچىدە مەۋجۇت بۇمۇ يەتمەمدۇ ؟ ئىچىلماي سۇلغان گۈلنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ۋىسالىغا يەتمىگەن مۇھەببەتنىڭچۇ ؟ جۇدالىق بىلەن ۋىسالنىڭ . ھايات بىلەن ماماتنىڭ . خۇشاللىق بىلەن شادىلىقنىڭ ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارلىقنى يىقىن قىلىشقا بىر غىرىپ يول . بىر تەبەسسۇم . بىر نەپەسلىك كۆڭۇل قارارى كىتەتتى . سەن مەندىن شۇنى ئاياپ ئىرىشكىنىڭ نىمە بولدى ؟  مەن قان قۇسقان كاككۇكتەك يىرىم جان ھالەتتە دۇرا كار قىلمايدىغان بىمار بۇلۇپ ياتقىنىمدا يەنە سىنى ئەسلىدىم بۇمۇ يەتمەمدۇ ؟ بىر قىتئەنىڭ ئەڭ يىقىن يىرىدە بىللە ياشاپ سىنىڭ مۇز مىنىڭ ئوت بۇلۇپ يارىلىشىم نىمە سەۋەپتىن ؟ مىنىڭ ياراتقۇچىدىن سورايدىغان مۇشۇ بىرلا سۇئالىمدىن باشقا سۇئالىم يوق . ئىككىمىز ھاياتنىڭ ساپىننى ئوخشاشلا لىۋىمىزنى چىڭ چىشلىگەنچە بارلىق كۈچىمىز بىلەن سۆرەۋاتىمىز . لىكىن مەنزىل ئۈلۈمنى كۇتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەگەر ھايات بىلەن ئۈلۈم كىسشكەن جايدا ئۇچۇرشۇپ قالساق مەن ئازاپلىق كۇڭۇل بىلەن سەن ئاسىيلىقتىن باشقا ھىچ نەرسە تاپقىلى بولمايدىغان بىر كۇڭۇل بىلەن ئۇچراشمىساق بۇلاتتى . لىكىن بىز ھەممىگە كەچ قالدۇق . قوياش چۇشتى . بۇغداي پىشتى ئورۇلدى . قوغۇن پىشتى ئۇزۇلدى . گۈللەر ئېچىلدى توزىدى . لىكىن مەن مىۋىلىك دەرەخ بۇلۇش ھالىتىدە يىگىلەپ قۇرۇدۇم . سەندىن سوراي سەنچۇ ؟ گۈلۈڭ ئىچىلدىمۇ ؟ بۇغدايلىرىڭ چەشلەندىمۇ ؟ قوغۇنلىرىڭ ئۇزۇلدىمۇ ؟ چىغىر يوللىرىڭ مەنسىز كەڭ بولدىمۇ ؟ ئازاپلىق دەقىقىلەر مەنسىز ساڭا يار بولدىمۇ ؟ بەختلىك بول دىلرابا . مەنسىز مەڭگۇ بەختلىك بول . مەن ياشىماسلىققا ئىلاجسىز قالغان دەقىقىلەردە ساختا بەختكە ئورالغان ھاياتىمدىن مەڭگۇلۇك ناخشىلارنى پۇتۇپ سىنىڭ ھايات ئىتىزىڭنى ياشنىتاي . چۈنكى مەن سەنسىز مەڭگۇلۇك جۇدالىققا بەندە بولغان ئەر . سەن نەسىل قالدۇرۇشنىڭ ئۆمىدى بولغان تۇغۇت ئانىسى . شۇ تاپتا مىنىڭ ھايات يولۇمدا تىخىمۇ ئىگىز داۋان كىرەك . ساڭا بولسا ئەسلىمە ئىچىدە كۇڭلىنى خۇشلايدىغان ناخشا كىرەك . مەن شۇ تاپتا سەن ئۇچۇن ناخشا ئىيتتىم ئاڭلاۋاتامسەن دىلرابا ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79648
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3141
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 08:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئولۇم ئولۇم دېدىڭ- نىدىركى گۈلۈم...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش