تەقۋالىق ۋە بايلىق
بەزىدە بۇ ئىككى خىل ئادەملەر ھەققىدە ئويلنىپ قالىمەن . ئەمەليەتتە ھەر ئىككىسى ھىچنىمنىڭ قۇتغۇزغۇچى ئەمەس. چۇنكى مەن مۆمىن مۇسۇلمان ئادەم . بۇ ئىشلار پەقەت ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئىكەنلىگگە تامامەن ئىشىنىمەن. ئىسلام ئەقىدىلىرى مۇستەھكەم يىلتىز تارتالمىغان بۇ تۇپراقتا ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن كۇڭزى مىڭزىنىڭ ئەقدىلىرى ۋە ھايات ھەققىدە مۇكەممەل بولمىغان بەزى ئۇچۇرما خياللار بىرلشىپ بىزنى قايمۇقتۇرۋاتقىنى راس . بىز بەزىدە ئۆزىمىزنى كامىل مۇسۇلمان دەيمىز لىكىن بۇنىڭغا ئەرگىشىپ بەزىدە خۇدا بىلەن رۇسۇل بەزىدە دۇتتار بىلەن ئۇسۇل دىگەن كۆز قاراشلار بىزنى نامازدىن يىنىپ گۇناھ قىلىشقا باھانە تىپىپ بىردىغان بىر سۆزگە ئايلنىپ قالىدۇ . بىراۋ بىراۋدىن سەن نامازمۇ ئوقۇيدىكەنسەن. ھاراقمۇ ئىچىدىكەنسەن بۇ نىمە قىلىق دەپ سورىسا ئۇ دەرھاللا بۇ گەپنى دەپ ئىغىزىڭنى ئىتىدۇ . سەن غىڭ قىلالمايسەن.
بەزىدە قىلنىڭ تەۋرىشىمۇ ئاللانىڭ بۇيرۇغىسز بولماس دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ بەرھەق دەپ دۇئاغا قول كۆتۇرۇپ تۇرساڭ ئاخىردىنلا تەقدىرىڭنى ئۆزەڭ ياراتمىساڭ ئاللامۇ ساڭا ياردەم قىلمايدۇ دىسە يەنە بىرى قوپوپ سوۋىت خەلىقنىڭتەمسىلى بولغان ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۇمۇرچىسى دىگەن گەپنى ئالدىڭغا تاشلاپ تاس قالىدۇ قىلغان دۇئالىرىڭنى بىكار قىلىغىلى . مىنىڭچە دىن ھەققىدە مۇنازىرلەردە ھەممىز توغىرا پىكىر قىىلىشنى خالساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىمانى كامىل مۇسۇلمان ئىكەنلىگىمىزنى نامايەن قىلغىمىز كەلسىمۇ لىكىن ماركسىزىم ئىدىيىسى ۋە ئاتىزىم تەربىيسىدە چوڭ بولغان ، قىزىل بايراق ئاستىدىكى داغدام يولدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى يارتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلۋاتقان ئادەملەر توپى يەنە ئادەمنى ئازدۇرۇپ ئاخىرى چىقماس بىر تالاي تارتىشلار ئىچىدە قالىمىز . بىزنىڭ ئەمەليەتتە ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغىمىز يوق . ھەم ھەل قىلالمايمىز . چۇنكى ئىسلام ئەقدىسى ۋە توغىرا يولدا چوڭ بولغان شۇ يولنى مەنبە قىلىپ مەلۇم مەدەنىيەت ئاساسىنى ياراتقان تۇپراقتا ياشاش بىزگە نىسىپ بولمىغان. شۇڭلاشقا بىز ئىسلام ئالىملىرى بىر ئۆمىرىدە يىشىپ بىرىش ئۇچۇن ئىنتىلگەن ۋە بىر جۇملە سۆز ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ يىزىپ چىققان تالاي كىتاپلاردىكى ھەقىقەتنى بىز بىر جۇملە سۆز بىلەن يىشىشكە ئۇرنىمىز . ھەممىز ھەقىقەتنى سۆزلىمەكچى بۇلىمىز لىكىن ھەقىقەتنىڭ قانداقلىغنى تىخى ھىس قىلىپ باقمىغانلغىمىز بىلەن ھىچكىمنىڭ چاتىغى يوق ھەممىز بىشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋىلىپ مىنىڭ توغىرا قانداق قىلاتتىڭ دەپلا مۇنازىرلەشكۇچىنى ساپاسىز مەينەت دەپلا كاردىن چقىرىپ يەنە ھىچ مەسىلنى ھەل قىلمايمىز . بىزنىڭ باغرىمىز بىلىمگە قاندىمۇ ؟ بىزنىمىگە ئىنتىلىپ ياشاۋاتمىز ؟ ئىنسان ئۆمىرىنى نىمىلەرگە بىغىشلاپ ياشىشى كىرەك ؟ دىگەن مەسىللەر ئالدىمىز قۇرىمىغان كىسەكتەك تاشلنىپ تۇرۇپتۇ . مەن يەنە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن. بايلار ھەققىدە ۋە تەقۋالار ھەققىدە ئويلنىپ پۇتۇن خىياللىرىمنى يىغىشتۇرماقچى بۇلىمەن. لىكىن يەنە نۇرغۇن زىددىيەتلىك خىياللارنى مىنى تەگسىز ھاڭغا تاشلايدۇ . يەنە ھورۇنلۇق بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇر بۇلىمەن .
ئويلاپ باقسام پۇل دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ خار قىلدىغان نەرسە ئىكەن . بىز بىر ئۆمۇر شۇ پۇلنىڭ كويىدا قاتىرىغانچە ئويلغاندەك دەپى دۇنياغا ئىرىشپ بولغىچە ئالەمدىن كتىدىكەنمىز . پۇل ئەڭ خار نەرسە بولغانلىغى ئۇچۇن ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىش بىزنى تىخىمۇ خار قىلىۋىتىدىكەن . پۇل ئەڭ خار نەرسە بولغانلىغى ئۇچۇن ۋە ئەڭ ئەرزان نەرسە بولغانلىغى ئۇچۇن ھەممە ئادەمدە بار ئىكەن . چۇنكى دىۋاندىمۇ ئاز بولسىمۇ ئ.ۆزىگە يەتكىدەك پۇل بۇلىدىكەن . تەقۋالىق ئالەمدە كەمدىن كەم ئادەمگە نىسىپ بۇلدىغان نەرسە ئىكەن . شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھەۋەس قىلدىغانلارمۇ ئاز بۇلىدىكەن . بۇ نەرسىلەرنىڭ قايسى موھىم ئىكەنلىگىنى پەرىق ئىتىدىغانلار بەكمۇ ئاز بولغان جەميەتتە ئەي ئوغۇل پۇلنى قوغلاشماي ئىلىمنى قوغلاش دەپ نەسىھەت قىلغىدەك ئەقىل ۋە بىلىم مەندە يوق شۇڭا مەن كاللامغا نىمە كەلسە شۇنى دەيمەن . ھىچ بولمىسا دىگەن گىپىمنى ئۆز مەنىسى بىلەن چۇشىنىدىغان ئادەم تاپقىچە ئۇزۇمگە بولسىمۇ سۆزلەپ تۇرىمەن . پۇل موھىممۇ بىلىممۇ ؟ بۇنى ھەممە ئادەمنىڭ ئويلاپ كىتىشى ناتايىن بولغان بىر نەرسە چۇنكى بەزى ئىنچىكە مەسىللەر ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ قۇرۇق خيالى بۇلۇپ قالغاچقا جەميەت كالامپاي ئادەملەرنىڭ كىرلەشكەن قوللىرى بىلەن تەقۋالارنىڭ پاچىغغا ئىسىلغان قوللىرى ئاستىدا دەپسەندە بۇلۇپ ھەقىقەت ۋە ئىلىم ئەقدە - ئىخلاس قەدىرسىز قالدۇ ۋە جەميەت تەرەققى قىلىش پۇرسىتىنى داۋاملىق ئۆتكۇزۋىتىدۇ ياكى بۇلۇشقا تىگىشلىك تەرەققىيات تولىمۇ كىين بۇلىدۇ .
ماڭا قويۇپ بەرسە مەن سۇكۇتسىز بايلىقتىن تەقۋالىق موھىم دەيمەن چۇنكى جاھاندىكى بايلار بۇلۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى بايلاردىن تەقۋالار ئاز ھەم بايلارنىڭ نەپسى تويۇپ ئالدىغان خوتۇنلاغا باغرى قىنىپ تاپدىغان پۇلىنى تىپىپ يەر زىمىندىنمۇ چۇڭقۇر كۆزى پۇلغا تويۇپ جەميەتكە ۋە ئادەملەرگە رەھىم قىلىپ ئۆلىۋاتقان بىر جاننى قۇتقۇزۇپ بولغىچە تالاي جانلار ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىپ بۇلىدۇ . گادايلار ئۇلارنىڭ نەزىردە يىرگىنشلىك بىر مەخلۇق . ئادەملىك سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىغىز ئىچىش بەكمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك ھىساپلىنىدۇ . لىكىن تەقۋالار . بىلىم ئىگىلىرى كەمبەغەللەرگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇنىڭغا خوتۇن ئىلىپ . ئۆي ئىلىپ بىرەلمىگەن ھالەتتىمۇ بىر بىچارنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ سەسكەنمەيدۇ . ئىچىنىدۇ . ئىچ ئاغىرتىدۇ . تاپالغانلىرىغا . سۆزىنى چۇشەنگۇچىلەرگە تەسەللى بۇلىدىغان شىرىن سۇخەن سۆزلىرىدىن سۆزلەپ بىرىدۇ . ماشىنىدا كىتىۋاتقان بىر باي يولنىڭ گىرىۋىگىدە ياتقان بىر تىلەمچىنى باسۇرۇپ ئۆتۇپ كەتمىگەن ھالەتىتىمۇ ئۇنىڭ بولغان ھەيۋىسىنى بىلدۇرۇپ تىللاپ بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبىگە زەھەردىن بىرنى تىقىپ ئۆتۇپ كىتىدۇ . ئۆزى ئويلىمايدۇكى ئاشۇنداق دىۋانىلەر بىچارىلەر . مۇھتاجلار بولمىسا ئۇنىڭ نىمە ئەتىۋارى ؟ ئۇلاردىن پەرىق قىلدىغان ئازغىنە دۇنيا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مەڭگۇلۇك بولغان بىر تامنى سىلۋەتكەن . لىكىن تەقۋالار ئۇنداق ئادەملەرنى كۆرسە ئىچ ئاغىرتىدۇ . ئىنسانى ھىسياتى بىلەن ئۇنىڭ بۇ كۇنلىرىنىڭ پاتراق بۇرۇلۇش ياساپ ياخشى كۇنلەرگە ئىگە بۇلشىنى تىلەيدۇ . ئۇنىڭدىن كىلىدىغىنى ياخشى تىلەك . ئىچىنىش . لىكىن سەسكىنىش ئىچىدە بەرگەن سەدىقىدىن ئاشۇ ئەۋزەل، چۇنكى ئادەمدىن ئادەمگە قالىدىغىنى مىھىر مۇھەببەت ھەرگىزمۇ دۇنيا ئەمەس . ئەمدى تەقىۋالىق بىلىم بىلەن نىمە ئىش قىلىغلى بۇلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئادەم قىلىغىلى جەميەتكە خىرىس قىلىپ ئادەملەرنى مەنپەئەت ئۇچۇن قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرغان ھارام نىيەتنىڭ شىخىنى پۇتىغىلى بۇلىدۇ .
پۇل بىلەنچۇ ؟ پۇل بىلەن تىخىمۇ كۇپ ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ . ئاتا ئاننى رازى قىلغىلى بۇلىدۇ . ياخشى ياشىغىلى . چىرايلىق خانىم قىزلارنىڭ قۇچىغىدا بەخۇدەك يىتىپ ئەرلىك ھەۋىسىنىڭ پەيزىنى سۇرگىلى بۇلىدۇ . باشقىلارنىڭ بەختىگە ئەمگەك تەرىگە كەلگەن راھەتنى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ ئۇلاردىن پەرىق قىلدىغان ھايات نىممەتلىردىن ھۇزۇر سۇرۇپ ياشىغىلى بۇلىدۇ . ھىچ بولمسا مەڭزى مايلاشقان تەرى سۇغۇق ھالەتنى پەيدا قىلىپ باشقىلارنى كەمستكىلى . ئەمگگىنى دەپسەند قىلغىلى بۇلىدۇ . كۆپ يەرلەرنى سىتىۋىلىپ نام چىقارغىلى . رەزىل ۋۇجۇدىنى ئسىل كيىملەر بىلەن ئوراپ ھۆرمەت تاپقىلى بۇلىدۇ . ئۇلۇپ كەتسە بەرى بىر قۇرۇتقا يەم بۇلىدىغان ۋۇجۇدىغا ھەسسىلەپ گۆشنى يۇكلەپ ھەقىقەت ئۇچۇن . ئەدىلى ئادالەت ئۇچۇن يارالغان ۋۇجۇدىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ سالاپەت تاپقىلى بۇلىدۇ . ھاجىم بۇلۇپ ئەلە مەلىدە نام تاپقىلى بۇلىدۇ . باشقىلارنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق يەنە قارلانماي ئاق پىتى ياشىغىلى بۇلىدۇ . ئىنسانلىق ھىددىن ئايرىلغان سۆلەت بىلەن ھەممنى كەمسىتىپ ئۆزىنى بىر چاغلاپ ياشىغىلى بۇلىدۇ . دەپ كەلسەك گەپ جىق . لىكىن تەقۋالىقتا ئادىملىك بار. ئىنساپ بار ئادالەت بار . ئىنسانى ھىسيات بار. لىكىن بۇ نەرسىلەر تەقۋالىقنى كەمستكۇچى ئادەملەر ئۇچۇن قاتتىق نان . مانا دىسەك پەرىق بىردەمدىلا ئايرىلىپ چىقىدۇ . لىكىن ھىچكىمگە ھىچنىمە مەڭگۇلۇك بولمىغان دۇنيادا پەقەت بىلمىلا ئادەمگە مەڭگۇلۇك نەرسە بۇلۇپ قالىدۇ . بىۋاپا دۇنيا ئادەملەردىن ھەممنى تارتىۋالىدۇ .بىر ئۆمۇر يەپ ئىچىپ سەمرىتكەن بەدەن ئىغىر بوي ئايالدەك ساڭگىلاپ كەتكەن قورساق بىر كىسەل بىلەن بىر كۇندە ئەسلىگە كىلىپ سالپىيدۇ . بىر ئۆمۇر تىرشىپ تاپقان دۇنيا بىر كىچىدە بىر قولدىن بىر قولغا ئۆتۇپ كىتىدۇ . پۇل پاھىشە ئايالغا ئوخشايدۇ . ئۇ ھىچكىمگە مەڭگۇ ۋاپا قىلمايدۇ . قاملاشقان بوي بەسىت ۋە پۇل نەدە بولسا ئۇ شۇ يەردە ياتقاندەك پۇلمۇ كىمنىڭ پىشانىسى تەتۇر بولسا شۇ يەرگە قاراپ راۋان بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ دۇنيادا بايلىق ئۇچۇن تەلپۇنۇپ ئۇنىڭ ئۇچۇن جىننى بىرشكەنلەردىنمۇ ئۆتە بەختسىز ۋە تەلەيسىز ئىنسان يوق . شۇڭا ئىلىم كەمدىن كەم ئادەمگە نىسىپ بولغان چۇنكى ئۇ ۋاپا قىلغۇچى . ئاللا ئامانەتنى ئىلىپ كىتىدۇ لىكىن ئىلىمنى ئۆلگىچە ئادەمگە يار ئىتىدۇ . تەننى ئىلىپ كىتىدۇ . لىكىن ئاخىرقى دەملەردە ئۆزىنىڭ ئادىمىلىگىدىن سۇيۇنۇش ئىچىدە ئۇ دۇنيانىمۇ بۇ دۇنيادەك سۇيۇپ قارشى ئالدىغان ۋە ئۆمرىگە پۇشايمان قىلماي ياشايدىغان ئادەملەر زادى قانچىلىك بۇنى ياراتقان ئاللا ئۆزى بىلىدۇ .
مەن بۇن يەردە باينى پۇلنى كەمسىتكەمچى ئەمەس. ھەر قانداق بىر ئىشقا ئەقىد باغلىغاندا قىلغىلى بومايدىغان ئىش يوق. پۇل بەك موھىم . لىكىن ئادىملىكنى ئۇنتۇماسلىق كىرەك . تەقۋامۇ كەمبەغەل بۇلۇپ قالسا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى خالىمايدىغان خاھىشىغا توغىرا كەلمەيدىغان يوللاردىن مىڭىپ قىلىشى مۇمكىن چۇنكى يوقسۇزلۇق بار يەردە مۇدھىش ھاياتنىڭ زۇلۇم سىتەملىرى بار. ئۆز ئىھتىياجىدىن چىقدىغان شارائىتنى تاشلاپ پۇلنىڭ دىڭىزغا بىشىمچىلاپ كىرىپ كەتكەنچە ئۆلگەندە توختاپ ئۆزىنىڭ كەمبەغەل ئاتا ئانسىدىنمۇ نۇمۇس قىلدىغان باي بۇلۇپ قىلىشتىن ئاللا ساقلسۇن. مۇبادا پۇلمۇ بولغان ئىلىممۇ بولغان بىر ئادەمنىڭ قولدىكى پۇل جەميەتكە سوزۇلغان مھىرىبانلىق قولى بۇلۇپ ئۇ يىتىملارنىڭ بىشنى سىلايدىغان مھىرلىك ئالغانقا ئايلانسا ئۆزىنىڭ ياششىدىن باشقا ھىچكمنىڭ مەۋجۇتلىغى ھەققىدە ئويلنىش بولمايدىغان كاللىسى بار ئادەم تاپقان پۇل پەقەت رەزىلىلىك قەدەملىرىنىڭ پەلەمپىيى بۇلۇپ قىلىۋىرىدۇ . ئەگەر پۇل تاپقانلاردا ئاز تولا تەقۋالىق بىلمى ساپا مھىرىبانلىق بولسا . تەقۋالاردا ئۆزىنى باشقىلار دەپسەندە قىلالمايدىغان ئۆزىنىڭ نىممتىنى ئۆزى يىگەندىن باشقا ئاز تولا پۇلى بولسا جەميتىمىز ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئشىلىرى خلى تەڭشلىپ ئوخشىغان لەغمەنگە سىلىنغان لازا ئاچچىقسۇدەك ئادەمنىڭ كۇڭلنى ئاچقان بۇلاتتى ۋە ئىشتىھاسىنى تىخىمۇ ياخشىلاپ خۇش كەيىپلىك ئىچىدە ھايات ھۇزۇرى ھەممىزگە تەڭ نىسىپ بولغان بۇلاتتى . بۇ رىئاللىق ئەمەس مىنىڭ خىيالىم . ئەگەر رىئاللىق بولسا مەنمۇ يازمايتتىم سىزمۇ ئوقىمايتتڭىز . بۇ ھەقتە دىگىلىمۇ گەپ چىقمايتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 08:08 PM